ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى بىلەن ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى بىلەن ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

IMG-20160424-WA00224-ئاينىڭ 23- چىسلا شەنبە كۈنى سائەت 4:30 دا، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئېنىستىتوتى سۆھبەت زالىدا، ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. بۇ سۆھبەتكە تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە بۇ تىمىلارتوغرىسىدىكى تەتقىقاتىلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش زىيالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن، تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا ئۇيغۇر يېزىقى ئىلىپبەسىىنى تەكرار تەتقىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ: ”بىز ئىشلەتكەن ئېلىپبە كىتاب 1924- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىل تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تاشكەنتتە تۈزۈلدى. لىكىن ئېلىپپەدىكى بەزى قائىدىلەر توغرا ئەمەس. مەسىلەن: بۇغۇم قائىدىسىى تۇلۇق ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭداش سۆزلەرنىڭ ئوقۇلىشىنى پەرقلەندۈرىدىغان بىر قائىدە يوق.“ دېدى ۋە ياش تىل تەتقىقاتچىلارنى مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىلىق ئويلىنىشقا، بولسا بىر چارىسىنى تېپىپ ، ئانا تىلىمىز – ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە چاقىردى.

 قۇربان ۋەلى ئەپەندى  ئارخېئولوگ بولغاچقا،  تىل ۋە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلىرىنى تارىخى پاكىتلارنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق يازغانلىقىنى ، بۇ خىل يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىڭغا خاس بىر ئۇسلۇپ ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇيغۇر تارىخى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: ”چەتئەللىك ئارخېئولوگلار 1864- يىللاردا دىيارىمىزغا كەلگەن ۋە تارىم ۋادىسىدىن تاپقان كۆپ ساندىكى تارىخى ئاسارە – ئەتىقىلەرنى شۇ ۋاقىتتاكى چىگرا مۇداپىئەدىكى ئەمەلدارلارغا پارا سۇپىتىدە ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ، دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن. مەسىلەن  شىۋىتسىيەلىك بېرتمان  1934 -يىلى تارىم ۋادىسىدىن قۇم ئاستىدا قالغان شەھەرنى ۋە مۇميالارنى بايقىغان.  تۇنجى كىرورەن گۈزىلى شۇ چاغدا تېپىلغان ۋە چەتئەلگە ئېلىپ كىتىلگەن.

ھازىر ئۇرۇمچىدە كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان كىرورەن گۈزىلى 80 – يىللاردا بايقالغان بولۇپ، 6400 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە  ئاتۇشتىكى خەلق تەرىپىدىن بايقالغان ”ئاتۇش ئادىمى- تاشقا ئايلانغان ئادەم بېشى“ نىڭ بايقىلىش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن باشقا يەنە تارىم ۋادىسى ۋە ئېلى ۋادىسىنىڭ تارىخى، ئۇ رايونلاردا ياشىغان خەلقنىڭ ئىشلەتكەن تىللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم مەدەنىيىتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختىلىپ ئۆتۈپ، ياشلارنىڭ تىل ۋە تارىخ توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بەردى.

IMG-20160424-WA0024

ئاخىردا، قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن فېيىسبۇك ۋاي باشقا تورلارغا چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ياش تەتقىقاتچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دىدى: ”مەن ياشىنىپ قالدىم، ئەمما قولۇمدىن كىلىشىچە بىلگەنلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، ئەمدى ئۈمىد سىلەر ياشلاردا. ھازىر بىزنىڭ تىل ۋە تارىخىمىز ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە، سىلەر ياشلار بۇنى ھىس قىلىشىڭلار ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۈكەممەللىكى ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچ چىقىرىشىڭلار كىرەك.

دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىنكى چاي ۋە پاستا زىياپىتىدە، ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلار ئۇيغۇر تارىخى چىن ئارخېئولوگىيە ھەققىدە بەس- بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئويغۇر دىيارى ئارخىئولوگىيەسى ۋە تارىخىنى بىر ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر مۇتەخەسىستىن ئاڭلاش يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە زوق بېغىشلىغۇچى يەنە بىر ئامىل بولۇپ قالدى.

تارىخى يېزىق ھۈنەر

bughraxanlar-tezkirisi bughraxanlar-tezkirisi-1

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش