You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

«ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ua-8-afis

ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلىرى ئۇچرىشىشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىچىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئىلمىي پائالىيەتنىڭ  8- قېتىملىقى مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىغا ئايرىلغان بولۇپ، 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 8- ۋە 9- كۈنلىرى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي يىغىنغا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچى – مۇتەخەسىسلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىن «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخى (مىلادىدىن كېيىنكى 50 – يىلىدىن – 932 – يىلغىچە) »، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى (932 – يىلىدىن 1514 – يىلىغىچە)»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى (1514 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە)» ۋە «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر (1949 – يىلىدىن كۈنىمىزگىچە)» بولۇپ تۆت بۆلۈمگە بۈلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر پۈتۈن تارىخى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

tarih-konferansi-on-1-uygurca

tarih-konferansi-arka-1-uygurca

tarih-konferansi-arka-2-uygurcaئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت يوق بولۇشقا مەھكۇم. يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدە بۇران چاپقۇنلۇق تولىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۇردى ۋە ئۆز ۋەتىنىدا خورلاندى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيلەشكەن، «ئۇيغۇر دۆلىتى» ۋە «ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى» دەپ ئۇيغۇر ئىتنىڭ مىللەت نامى بىلەن قۇدرەتلىك ئىمپىراتۇرلۇقلارنى قۇرغان، ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ۋە تۈرك ئىسلام تارىخىدىكى تۈنجى ئىسلام دۆلىتى «قاراخانىلار دۆلىتى» نى قۇرغان بىر كۈچلۈك مىللەت.  بۇ مىللەت ھازىر ئاجىز  ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ دېمەك ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئاجىز ۋە خار ھالدا ياشايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىخ تەكرارلىنىدۇ، تارىختا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ياۋلارنى باش ئەگدۈرگەن ۋە تىز چۆكتۈرگەن ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە يەنە قايتىدىن قەد كۆتۈرىدۇ ۋە ھۆر ياشايدۇ. چۈنكى بۇ مىللەت ئەزەلدىن ھۆر ياشاپ كەلگەن. بىلگە قاغان دىگەندەك: «يۇقارىدا كۆك چۆكمىگىچە، ئاستىدا يەر يارىلمىغىچە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىلىنى ۋە تۆرەسىنى كىم بۇزالايدۇ؟»

«ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ  ئىلمىي دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن، ئىستانبۇل، ئۆزىنىڭ تەبىئي گۈزەللىكى، ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق -يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ…

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ يوقىرى سۈپەتلىك، پىلانلىق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنى ۋە مىللىي ئېڭىنى يۈكسەلتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 2009-يىلى 9-ئايدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىر ئىلمى جەمىئىيەتتۇر. جەمئىيىتىمىز يەتتە يىلدىن بېرى، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يىللاردىن بېرى ھەرخىل  ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ  خىل ئىلمىي پائالىيەتلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى زىيالىلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى خەلقىمىزگە زور  ئۈمىت ۋە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقنىڭ كۈچىيىشىگە، مىللىي رۇھ ۋە مىللىي ئاڭنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئومۇمىي خەلق پەن-مائارىپقا يۈزلىنىشتەك بىر ئىلمىي كەيپىياتنىڭ بىخ سۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر ئېزىز ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىغىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top