ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىتىبارنىڭ تاتلىقى ۋە ئاچچىقى

ئىتىبارنىڭ تاتلىقى ۋە ئاچچىقى

AP_16149419127545-1024x683

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھىسداشلىققا ئېرىشىدىغانلىقى ئەمەلىيەت. بۇنداق ھىسداشلىق سىياسەت ۋە قانۇندا بىرەر ماددا سۈپىتىدە ئەكىس ئەتمىگەن بىلەن سىياسىيۇنلار ۋە ئىجراچىلارنىڭ كەيپىياتىغا، ھىسىياتىغا بېقىپ  رەسمىيەتلەرنىڭ ئاسانلاشتۇرىلىشى، جازالارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى، چەكلەرنىڭ ئاددىلاشتۇرىلىشى، تەكشۈرۈشلەرنىڭ بوشاشتۇرىلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنى بەزى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە كۆندۈرۈلگەن ئىبارە بويىچە ئىتىبار دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىتىبارلارنىڭ دائىرىسىنى ھازىرچە ئېنىقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھىچ يەردىن بۇ مەزمۇندا بىر قارار چىققان يوق، ھىچ بىر يەردە ھەم بىر يېزىقچە ئىسپاتىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ ئىتىبارلارنىڭ قانداق ۋاقىتتا كارغا كېلىپ قانداق چاغلاردا ئەسقاتمايدىغانلقىغىمۇ بىر نېمە دېمەك تەرس. چۈنكى ھەممىسى ئىجراچىلارنىڭ ئىددىيىسىگە، مىللىتىگە، كەيپىياتىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلاردىن ئىشلەش ئىجازىتىسىز ۋە رەسمىيەتسىز ئىجارەكەشلىك، مىھمانخاناچىلىق، دوختۇرلۇق، تېۋىپلىك، دورىگەرلىك، شوپۇرلۇق، تېخنىكلىك، ئىشلەپچىقىرىش،  شىركەتچىلىك، قارىخاناچىلىق قىلىۋاتقانلار بار، ئۇلار پىشانىسىگە پۈتۈلگەن ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە تايىنىپ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرمەكتە. ئەمما دىققەتكە تىگىشلىكى، تۈركىيەدىكى ھەر يەردە مىللىتى تۈرك بولمىغان بىلەن ئىسمى تۈركچە، تۈركچە سۆزلەيدىغان، ئەمما تۈركلەرنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بار. تۈركىيەدە ھۆكۈمەت نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت قۇرغان پارتىيەلەرمۇ ئالمىشىدۇ. شۇڭا پەرقلىق كىشىلەر، ھەمدە ئۆزگىرىشچان سىياسەت ۋە سىياسەتچىلەر سەۋەپلىك ئۆزگىرىدىغان ئىتىبارلارنى ئۆزگەرمەس ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ تايانچى قىلىش خەتەرلىك. ئۆز ئېلىدە رىزىق داستىخېنىدىن نىسىۋە تەگمىگەن، مېھىر دەريالىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن، بۈگۈنى ساق ئۇخلاپ ئەتىسى تىنچ قوپۇشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن، تۈركىيەدە ھىسداشلىق، يارىدەم ۋە ئىتىبارلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ، توغرىسى، ئىشىنىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلەرگە ھازىرچە  بۇنى چۈشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس.

ئىتىبار دېسىمۇ بولىدىغان كەڭرىچىلىك سايىسىدە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا تېزلا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىھمانخانا، ئاشخانا، ئىجارەچىلىك، ياغلىقچىلىق، توشۇماچىلىق، تېلىفونچىلىق، ئۆي-مۈلۈكچىلىك، قۇرۇلۇشچىلىق، ساياھەتچىلىك، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈرۈشىدىغان تىجارەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەسىلەن، توشۇمىچىلىقنى ئالساق، تۈركىيەدىن ۋەتەنگە، ۋەتەندىن تۈركىيەگە مال سالىدىغان، سوۋغا سالام ئەۋەتىدىغان، دورا دەرمەك يوللايدىغان كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. ئىجارەچىلەر ئادەتتە ۋەتەندىن چىققان ساياھەتچىلەرگە ماشىنا، ئۆي ئىجارە بېرىش، بىلەت ئېلىشىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى تىجارىتى ئاساسەن ئىستانبۇلغا مەركەزلەشكەن. مەن ئىستانبۇلنىڭ بەزى بۆلەكلىرىدە  پات- پات كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلاردىن سۆيۈنىمەن. ھەتتا ئىستانبۇلنىڭ قاتنىشى ئەڭ قولاي يەرلىرىدىن ھىساپلىنىدىغان زەيتىنبۇرنۇدا ئۇيغۇر تائاملار كوچىسى شەكىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇندىن باشقا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر تىل كۇرسى ۋە ئالتە يەردە قۇرئان كۇرسى بار بولۇپ ئوقۇتۇشنى داۋام قىلماقتا. يېقىندا «تۈركىيەدە قانداق ياشايمىز» دېگەن ماۋۇزدا بىر يۈرۈش يازما يېزىش مۇناسىۋىتى بىلەن سوراشتۇرىۋېدىم، بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇلارنىڭ بىرى تىجارەتتە قانۇنىي رەسمىيەت بىجىرمەسلىك ئىكەن. مەسىلەن، ئىستانبۇلدا ئاشئاشخانائئئاڭلىشىمچە شوپۇرلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پراۋا يوقمىش. قۇرئان كۇرۇسلىرى ۋە تىل كۇرسىنىڭمۇ ئىجازىتى يوق ئىكەن. ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ كۆز ئالدىدا دائىم يىغلامسىرىغا ھالدا نامايەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يۇقارقىدەك شارائىتلاردىمۇ كەڭچىللىك بولۇۋاتىدۇ. ئەمما قانۇنسىز تىجارەت ئۇيغۇردىن باشقىلارنى، يەرلىكلەرنى يىغلامسىراتسىچۇ، داۋاغا، زىيانغا سەۋەپ بولۇپ بىرى سوتقا چۈشسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئىتىبار بولماس بەلكىم.

ئىتىبار ئۇيغۇرلارغا كەڭرىچىلىك ئەمەس قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. مارت ئايلىرىدا بىر ئوقۇرمەن ئىنىمىزدىن تېلفون كەلدى. دېيىشىچە تۆرت كۈن ساقچىخانىدا يېتىپتۇ. (بۇ پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق). سەۋەبى ئىقامەت ۋاقتى (ياشاش ئىجازىتى) توشۇپ قايتا ئالمىغانلىقى ئىكەن. تۇتۇشتىن  بۇرۇن ساقچى چىن پاسپورتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا 200 لىرا پۇل تەلەپ قىلپتۇ. ئەلۋەتتە، قېرىنداشلىرىمىز ئىتىبارغا تىلەنمەي رەسمىيەتكە ئىشەنگەن بولسا، رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بىجىرىپ يۈرگەن بولسا، ساقچىدىن قورقىدىغان خۇيىنى چىگرا ئاتلىتىپ يۈرمىگەن بولسا بىز كۆرۈنسەكلا پۇل دەرمىدى؟ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بۇ ئىنىمىز ئادالەتكە ئىشىنىپ رەت قىلغانىكەن، بېشىغا يۇقارقى ھادىسىلەر كەپتۇ. بۇ ئىشلاردىن بىر يەرلىك گېزىتتە ئىشلەيدىغان مۇخبىر تونۇشۇمنى خەۋەردار قىلدىم. ئۇمۇ غەزەپلەندى، ئەمما ئىشنىڭ بېشىدا قانۇنسىزلىق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ شورلۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ تەسەللى بېرىپ بولدى قىلدى. ئارىدا قەشقەردە مەندە ئېنگىلىزچە ئوقۇغان بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. فىندىقزادەدىكى ئەرەبىستاننىڭ بىر قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋېتىپتۇ. مەكتەپكە كىرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئىقامىتى بولمىغىنىدىن ئىكەن. ئىقامەت «ئۇيغۇر بولغاندىكىن بىزنى سۈرۈشتۈرمەيدىغۇ» دەپ ئېلىنماپتۇ. ئەگەر بىر كۈنلەردە مۇشۇ قىزمۇ بىرەر تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشكە ئۇچراپ قالسا قانداق قىلار؟ ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلىدىغان تۈرك ساقچىغا ئۇچرىسىغۇ چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سېلىپ قويار، ئەكسىچە بولۇپ يۇقۇرقى ئىنىمىزنىڭ كۈنىگە قالسىچۇ؟ ئەنسىرەيمەن، بىز كۆنۈككەن ئىتىبارغا ئېرىشەلمەي قالغىنىمىزدا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر سەۋەبلىك خورلىنىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن.

ئىتىبار، ھىسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش دېگەنلەر بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە سايىۋەندەك، چۆلدە چاڭقىغاندا بۇلاقتەك ياقىدۇ ئىنسانغا. بۇ خۇددى بارلىق دەردىنى ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا، دوستلىرىغا تۆكۈۋالسا ئىچى بوشاپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ. ئىتىبار بەزىدە قەدىرلىنىشتەك، ھۆرمەتتەك ۋە كۆيۈنىشتەكمۇ تۇيۇلىدۇ باغرى قانلارغا. مەن 2005-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇنجى تۈركىيەگە كەلگىنىمدە لىيۇجاۋ ئىسىملىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىللە ئىقامەت ئالغىلى بارغان ئىدىم. ئىلتىماسىمىز ۋە تۆلىگەن پۇلىمىز ئوخشاش ئەمما مۇئامىلە ۋە نەتىجە پەرقلەندى. ساقچى ماڭا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ، بىر يىللىق ئىقامەت بېرىپ يېرىم سائەت مۇڭداشتى، ئۇنىڭغا سۇسلا قاراپ ئالتە ئايلىقلا ئىقامەت بېرىپ، يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلمىدى. گەرچە ئادالەتىسزلىككە بوغۇزۇمغىچە تويۇپ كەتكەن بولساممۇ، بۇ تاسادىپى يېڭىۋېلىشتىن تولۇق ھوزرۇلىنالمىدىم. چۈنكى مەن ئادىللىق، باراۋەرلىك ئىستەيتتىم. ئۇيغۇرنىڭ ئەقىدىسى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغىمۇ ئادىل بولۇشقا چاقىراتتى. تۈركىيەدىكى ھىسداشلىقنىڭ قەلبلىرىمىزدىكى ئادالەت، ھەققانىيەت، باراۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى زىدىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

مەن ئۇيغۇرنى ئىتىبارنىڭ ئالدىمىغا چۈشكەن، زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، مەست قىلىشىغا دۇچ كەلگەن مىللەت دەپ ئېچىنىمەن، شۇڭا ئىتىبار، ھىسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىشلارغا نەپرىتىم بار. كىشىلەرنىڭ چىگرا ھالقىشى ئۇلارنىڭ كۆندۈرۈلگەن خۇيدىن، ئادەتلەندۈرۈلگەن ئاسارەتتىن، ئۆگىتىلگەن ئاجىزلىقتىن ھالقىيالىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەنچە ئىتىبارغا خۇشتارلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش چەتئەلدىكى ئۇتۇقلۇق ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمى. كۆندۈرۈلگەن ئىتبارغا خۇشتارلىق ئىنساننى بىخۇد قىلىدۇ. نەتىجىدە بىز بىجىرىشكە تىگىشلىك رەسمىيەتلەرگە سەل قاراپ قالىمىزدە، بىلىشكە تىگىشلىك بەلگىلىمىلەرنى ئۆگەنمەيمىز. ئاددىيراق بولغاندا ھېلىقى سىتۇدېنت ئۇكىمىزدەك كۈنگە قالىمىز، ئېغىرراق بولغاندا تۇرمۇشتا، تىجارەتتە تەييارلىقسىز، بىغەم قېلىپ، تۇيۇقسىز تازىلاشتا ۋەيران بولىمىز. بۇنداق بىخۇدلۇق ئومۇملاشسا قانۇنغا رۇئايە قىلماسلىق، قائىدىلەرگە بىپەرۋالىق قىلىش، ئىشلاردا پۇختا بولماسلىقلار كۆپىيىپ كېلەچەك يولىمىز كاتاڭ بولىدۇ. ئادەتلەندۈرۈلگەن ئىتىبارغا تايىنىۋېلىش ئىنساننى پۇسەتپەرەس قىلىدۇ. نەتىجىدە بىز ھەر قانداق ئىشنىڭ پىرىنسىپى، ماھىيىتى، قانۇنىيىتى ھەققىدە كەسكىن، ئىلمىي، مۇستەقىل ئويلىنىشقا سەل قاراپ، دائىم شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە ئورگانلاردىن مەدەت، تەلەي، يۆلەك كۈتىدىغان بولۇپ قالىمىز. ئۆگىتىلگەن ئىتىبارخۇمارلىق ئىنساننىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ. چۈنكى ئىتىبارغا ئېرىشكۈچى، ياكى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دائىم بوينى پۈكۈك بولىدۇ، تىلى قىسقا بولىدۇ، بېشى تۆۋەن بولىدۇ. مەن تۈركىيەدە بولسىمۇ ئىتىبارنى رەت قىلىپ، قەددىمىزنى كېرىپ، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرسەككەن دەيمەن.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش