ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئەرگىشىش ۋە ئەرگەشتۈرۈش مەسىلىسى

ئەرگىشىش ۋە ئەرگەشتۈرۈش مەسىلىسى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بىر دوستۇم بىلەن سائەت تۆرتتە كۆرۈشمەكچى بولغان ئىدىم. ئارتۇق يېرىم سائەت ساقلىغان بولساممۇ كېلىپ بولالمىدى. ئاخىرى بولالماي پۈتۈشكەن يەردىن ئايرىلدىم. ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە كېلىپ بولغانلىقىنى دەپ تېلىفون قىپتۇ. بىراز رەنجىگىنىم ئۈچۈنمۇ قايتقىم كەلمىدى. دېيىشىچە ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىمكەن، باشقا بىر كىشىنىڭ ۋاقىتقا ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەپلىك كېچىكىپتۇ. دېمەك كېچىكىش ئېغىر ئېلىنمايدىغان جەمئىيەتتە سەن كېچىكىشنى خالىمىساڭمۇ كېچىكتۈرىلىدىكەنسەن. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدەك بىر قىسىم ئەللەردە ئومۇملاشقان ۋاقىتقا رۇئايە قىلماسلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. تۈركىيەدە بىر قانچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتىم، كۆپىنچىسى ۋاقتىدا باشلانمىدى. ئەمما ھەر قېتىم ۋاقتىدا كېلىپ ساقلاپ ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئەردوغاننىڭ داۋۇستىكى جاسارىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالقىشلاتقان بىر ئىش، ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا ئەمەل قىلمىغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك. تۈركىيەدە ئەردوغاندەك رەھبەرلەرنىڭ يىغىلىشلاردا، تېلۋىزور پروگراممالىرىدا ۋاقىتقا رۇئايە قىلماسلىقى تەئەججۈپۈك ھادىسە ئەمەس. ئۇنىڭ يىغىندا زۇلۇمدىن شىكايەت قىلغان تەرىپىگە قايىل بولغان چېغىمىزدا، كېلىشىلگەن ۋاقىتقا رۇئايە قىلماسلىقنىڭ تۈركىيەدە كۆنۈلگەن خۇي ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. شۇڭا دوستۇمنىڭ ۋاقىتقا رۇئايە قىلالماسلىقى ئۆزى شۇنداق كۆنگەنلىكتىن ئەمەس، جەمئىيەتتىكى كەيپىياتقا ئەگەشتۈرۈلگەنلىكتىن بولغان، مېنىڭ كۆڭۈلسزىلىكىممۇ ئۇنىڭ كۆڭۈلسزىلىكىنىڭ ئەگەشمىسى. دوستۇمنىڭ بۇ ئەگەشمىسى يەرلىكلەرگە ئەگىشىشنىڭ نەتىجىسى خالاس. بەزىدە كىمنىڭ كىمگە ئەگەشكەنلىكىمۇ ئېنىق بولمايدىكەن.

ئىككىنجى رەت تۈركىيەگە كەلگىنىمدە يەرلىكلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە ئەگىشىپ كېتىدىغانلىقىغىمۇ شاھىد بولدۇم. 2005 -يىلى تۈركىيەگە تۇنجى كەلگىنىمدە يولۇچىلار ئىستانبۇلدا ئاپتوبۇس، ترامۋاي ۋە مېترولاردا تېلىفوندا سۆزلەشمەيتتى. كىشىلەردىن يول سوراش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش بولۇپ بەزىلەر ھەتتا ئاتايىن باشلاپ ئاپىرىپ قوياتتى. يوللاردا بىر بىرىگە مۇئامىلەدە سىلىق ئىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ قايتا كەلگىنىمدە بۇ ھالنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندىم. كىشىلەر ئاپتوبۇسلاردا خالىغانچە پاراڭ سالىدىغان، يوللاردا سوقۇپ سوقۇلۇپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كېتىۋېرىدىغان، يول سورىسا بىپەرۋالا بىر يەرلەرنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ. سەۋەبىنى سوراشتۇرۇپ باقسام، تۇيۇقسىز كۆپەيگەن كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن ئىكەن. تۈركىيەگە يىللار بويىچە ئىران، ئىراق، پەلەستىن، ئافغانىستان ۋە ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن  كۆچۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ئىراق ۋە سۈرىيەدىن نەچچە مىليۇنلاپ كۆچمەننىڭ بىراقلا يامرىشى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئېغىرلىتىپلا قالماي كۆنۈككەن ئىجتىمائى تەرتىپ ۋە قائىدەلىرنىمۇ زىدىلىگەندەك قىلاتتى. مۇنداقچە ئېيتساق، ئادەتتە مېترولاردا بىر قانچە كىشىنىڭ قائىدەسىزلىكى كىشىلەرنىڭ بىزارلىق نەزىرى سەۋەپلىك تۈزىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق قائىدىسىز كىشىلەر تۇيۇقسىز كۆپىيىپ مەلۇم ساننى ئىگىلىگەندە تەنبىھلىك نەزەرلەرمۇ كۈچتىن قالىدىكەن. يول سوراش مەسىلسىمۇ شۇ. كۈندە بىر كىشى يول سورىسا كۆرسىتىپ قويغان كىشى، تۇيۇقسىزلار بىر كۈندە بىراقلا بىر قانچە كىشىنىڭ يول سورىشىغا دۇچ كەلگەندە ئۇ قەدەر سەۋىرچان بولالىشى ناتايىن. كىشىلەرنىڭ كوچىلاردا سىلىق سىپايە بولالماسلىقىمۇ يوللارغا بىراقلا سىغدالغان قوپاللىقلارنىڭ سىلىق سىپايىلىقنى ئۇپرىتىشىدىن بولغان. نەتىجىدە ئاپتۇبۇستا سۈكۈتنى ساقلاش، مۇساپىرلارغا يارىدەم قىلىش، باشقىلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولۇشقا ئوخشاش تۈركلەردىكى ئاممىۋىي ئەخلاققا، كۆچمەنلەرنىڭ باش بولۇپ يىمىرىشى بىلەن دەز كەتكەن بولۇشى ئىھتىمال. قارىغاندا ئەخلاق، قائىدە ۋە تەرتىپتە ئەگىشىش ۋە ئەگەشتۈرۈشنىڭ يەرلىك بولۇش بولماسلىق بىلەن، چوقۇم بىر ئەگەشتۈرگۈچىنىڭ بولغان بولمىغانلىقى بىلەن بەك مۇناسىۋىتى بولمىسا كېرەك.

92-يىلى بېيجىڭغا يېڭى بارغىنىمدا ئەرلەر كوچىلاردا بەلنىڭ يۇقۇرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرەتتىكەندۇق. كېيىنرەك شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئىچ كىيىم بىلەن بازارغا چىقىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇم. دەسلەپ ئىچكىرىلىكلەرنىڭ يەل قويۇۋېتىشىدىن،  بۇرنىنى شوراپ كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرىشىدىن كۆڭلۈم ئېلىشقان بولسا بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆنۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئارىدىن يىگىرمە يىللار ئۆتۈپ بايقىسام بۇ قىلىقلار بېيجىڭدا سەل پەل ئازلاپتۇيۇ ئۈرۈمچى كوچىلىرى ۋە قەشقەر دوقمۇشلىرىدا پەيدا بولۇشقا، كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. ئەگەر بۇ قىلىقلارغا مەنسۇپلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيسە يەرلىكتىن ئەگىشىدىغانلارمۇ يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنى سىرىتقى مەدەنىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئەگەشتۈرىشى دېيىش مۇمكىن. نەتىجىدە ئەگىشىشكە مايىللارمۇ، قارشىلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. ھالبۇكى بۇنداق ئەگىشىش ۋە ئەگشتۈرۈش تۈركىيەدىكىدەك نورمال داۋام قىلماسمىكىن. قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك مەدەنىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەر يات قىلىقلارنى نورماللىق دەپ ئەمەس، بىھۆرمەتلىك، كۆزىگە ئىلماسلىق، چىرىتىش دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ قاراش تەبىئى ھالدا يەرلىك مەدەنىيەتكە بولغان مۇداپىئە ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. يەرلىك مەدەنىيەتنى قوغۇداش ئېڭى زاماننىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ بەزىدە كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە يىمەك ئىچمەكلەردە ئۆزلۈكنى گەۋدىلەندۈرۈش شەكلىدە ئىلمان ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ بەزىدە شىددەتلىك ئىنكاس شەكلىدە قايناق ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئىككىلىسى دەرھال سەزگۈرلۈكنىڭ تەقىپ قىلىشىغا، نازارىتىگە ۋە تىنىتىشىغا دۇچار بولىدۇ.

شەخس سۈپىتىدە بىر يەرگە بارغان ئادەم شۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا، سۈيىگە، كوچىسىغا ئەمەس، يەرلىكلەردىكى كۆرۈنمەس قائىدە، دېيىلمەس تەرتىپ، يېزىلماس بۇيرۇق، چېلىنماس ئاھاڭلارغا قەدەر ئەگىشىدۇ. توپ بولۇپ ھاكىم سۈپەت كەلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ خۇيلىرىنى ئالغاچ كېلىپ يەرلىكلەرنىمۇ ئەگەشتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەگىشىش ۋە ئەگەشتۈرۈش ئىستانبۇلدىكىدەك دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ھىچ بىر ھاكىملىق نىيىتىسىز، ئىختىيارى توپلاشقان كىشىلەر ئارىسىدا بولسا، دەسلەپكى بىر قانچە يىلدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىلدىن كېيىن يېڭى تەرتىپ، قائىدە ۋە ئەخلاق ئوتتۇرىغا چىقىپ ھايات ئىزىغا چۈشىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولماي قەلبلەرگە ئاللىقانداقتۇر بىر غەرەزلەر يوشۇرۇنغان ياكى شۇنداق پەرەز قىلىنغان بولسا ئاددىيلا بىر ئەگىشىش ۋە ئەگەشتۈرۈش مەسىلىسى كەسكىن توقۇنۇش، تۈگىمەس نىزا ۋە نەتىجىسىز خۇسۇمەتلەرگە مەنبە بولۇشى مۇمكىن.

 

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش