You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 20-ئەسىر مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ دەۋر شارائىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

20-ئەسىر مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ دەۋر شارائىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

مۇقەددىمە

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمىي خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تارىخىنى ياراتقان باي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئىگە مىللەت . مەشھۇر تۈركولوگ ۋ.ۋ. رادلوف بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرى «ئۇيغۇرلار قەدىمىي تۈركىي خەلق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يىراق غەربتىكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە مەشھۇر ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىنتايىن كۆپ سانلىق تۈركىي خەلقتۇر»[1] دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
قەدىمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دۆلەتچىلىك ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلۇشى ۋە شەكىللىنىشى مەزكۇر رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەم راۋاجلىنىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى[2] .
مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتچىسى ئا.ن. بېرنىشتامنىڭ يەكۈنىچە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبى موڭغۇلىيە يايلاق رايونى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي سىبىرىيە، تەڭرىتاغ رايونى، يەتتىسۇ، پەرغانە ۋادىسى قاتارلىق كەڭ جۇغراپىيىلىك بوشلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر[3].
ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش تەرەققىيات تارىخىنى تەڭرى تاغ رايونىنى مەركەز قىلغان قەدىمكى تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ تۇپراقلاردا ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ياشىغان بولۇپ، قەدىمكى تارىم -تۇرپان ۋادىلىرىدىكى ئولتۇراق ھاياتتىكى شانلىق شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان خەلقلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ قەدىمىي شەھەر ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان تارىم-تۇرپان ۋادىلىرىنىڭ قەدىمىي ئاھالىسىنىڭ بىۋاسىتە ئانتروپولوگىيىلىك ۋە مەدەنىيەت مىراسخورلىرى بۈگۈنكى شۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تارىم – جۇڭغارىيە ۋادىلىرىدىكى ئولتۇراق ۋە كۆچمەن ھاياتتىكى قەدىمكى قەبىلىلەر مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرىلا قەدىمى دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى ياراتقان بولسا، مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئىچىدە بولدى. ھون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت تۇرۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھېسابلىنىدىغان قانقىللار 5- 6-ئەسىرگە كەلگەندە تارىم-تۇرپان ۋادىسىدا قانقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ، رايوننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەڭرى تاغ رايونىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ خەلققە ئايلانغان ئىدى. 6-8-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر دىيارى كۆك تۈركلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولدى. 8-ئەسىردىن 9-ئەسىرغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭغارىيە، تارىم ۋادىلىرى ، چۇي ۋە پەرغانە ۋادىلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى مەركەز قىلغان ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ يادرولۇقىدىكى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاساسلىق رول ئوينىغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق خەرىتىسى ئىچىدە بولدى.
مەلۇمكى، 9-ئەسىردە ئورخون ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۇرپان ئويمانلىقىغا، قاراشەھەر ۋە كۇچارغا كۆچۈپ بارغان شەرقىي ئۇيغۇرلار قەدىمىي دەۋىرلەردىن تارتىپ تەڭرى تاغ بويلىرىدا ياشاۋاتقان ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولغان غەربىي ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشكەن ھەم 9-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يېڭى مەملىكەت – تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنى قۇردى. تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[4]. ئەنە شۇ دەۋردە شەرقىي ۋە غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىشىپ، رايوندىكى ئەڭ كۆپ ئېتنىك تەركىبكە ۋە ھەربىي كۈچكە ئايلىنىش نەتىجىسىدە شەرقتە چوغاي تاغلىرى بويلىرىدىن تارتىپ، غەربتە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتىسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇغراپىيىلىك بوشلۇقتا قاراخانىيلار سۇلالىسى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇق، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت قۇرۇپ، ھەر خىل سىياسىي، ئېتنىك ، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى ئۈستىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن سىياسىي سەھنىدىن چۈشتى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تارىم ۋادىسىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئىسلاملىشىشى، بۇ رايوندا ئورتاق تۈرك مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكى ئاساسىدىكى دۆلەت چۈشەنچىلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋرلەردە كۇچار رايونىنى پاسىل قىلغان تۈركىي-ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ۋە تۈرك سىياسىي كىملىكى بىلەن پەرقلەندۈردى. تۇرپان ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئېتنىك نامىنى سىياسىي كىملىك بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان بۇددىزم ۋە مانىخېيزىم ھەتتا نېستورىئانىزم ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئورتاق تۈرك ئېتنىك كىملىكىگە قارشى تۇرمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېتنىك نامىنى ئۆز دۆلەت نامى بىلەن تەڭ ساقلاپ، ئۇنى ھەم ئېتنىك، ھەم سىياسىي كىملىك سۈپىتىدە داۋاملاشتۇردى. بىراق، قاراخانىيلار سۇلالىسىغا مەنسۇپ ئۇيغۇر-تۈركىي قەبىلىلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورتاق تۈرك مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكى ھەم مۇسۇلمان دىنىي كىملىكى ئاستىغا ئۇيۇشتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر ئېتنىك نامى ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان كۇچارنىڭ شەرقىدىكى كەڭ جايلارغا تارقالغان ئۇيغۇر-تۈركىي قەبىلىلىرىگە ۋەكىللىك قىلدى. 14-ئەسىردە تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىنىڭ تولۇق تارىخ سەھنىسىدىن چۈشىشى ۋە 15-ئەسىردە بۇ جاينىڭ ئىسلاملىشىشى ، تەخمىنەن 16-ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇمۇلغىچە بولغان رايونلاردىكى ئىسلاملىشىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى بۇ رايونلاردىمۇ قەدەممۇ-قەدەم ئىستىمالدىن قېلىپ، خۇددى تارىم ۋە پەرغانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكىگە ئوخشاش «مۇسۇلمان» كىملىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇيغۇر ئېتنىك نامى بولسا، بارا-بارا شەرققە سۈرۈلۈپ، تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرەپلىرى ۋە گەنسۇ رايونىدىكى بۇددىزم ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ساقلىنىپ قالدى[5].
ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر نامى تارىم ۋە تۇرپان ۋادىلىرى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا پۈتۈنلەي ئىستېمالدىن قالدى دېگەنلىك ئەمەس، مەزكۇر ئېتنىك نام يەنىلا خەلق ئىچىدە داۋاملىق ساقلىنىپ كېلىندى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن 13-ئەسىردىكى چىڭگىزخان يۈرۈشلىرى دەۋرىگە ئائىت خەنزۇچە مەنبەلەردە پەرغانە، يەتتىسۇ ھەتتا سەمەرقەنت رايونىدىكى ئاھالىلارنى «ئۇيغۇر» ئېتنىك نامى بىلەن ئاتاش داۋاملاشتى.

15-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئېتنىك نامى مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتا ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمۇ تارىخقا پۈتۈلدى .
چىڭگىز ئىستىلاسى تارىم -ئىلى -پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنىڭ يەنە بىر يۇغۇرۇلۇش دەۋرىنى ياراتقان بولۇپ، تارىم ۋادىسى بىر مەزگىل شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خەرىتىسى ئىچىدە بولغان بولسا، بۇ رايونغا كىرگەن ئاز نوپۇستىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ تۈركلىشىش- ئۇچۇرۇلۇشۇش قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئېشىپ، يەرلىك تۈركىي تىللىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تەركىبىگە سىڭدى. 16-17-ئەسىرلەردە ياركەندنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيلەر خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان تارىم ۋادىسى بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلارنىڭ ئورتاق ئېتنىك كىملىك ئاستىدا يۇغۇرۇلۇش، راۋاجلىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ دەۋر دەل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھۇل سېلىنغان مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، ئەنە شۇ دەۋردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى زامان تۈركىي مىللەتلىرى ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىپ، بۈگۈنكىدەك ئايرىم ئەدەبىي تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش يولىغا كىرگەن ئىدى.
مەلۇمكى، 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە تارىم ۋە ئىلى ۋادىسى مانجۇر-چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش بىلەن بۇ تۇپراقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەنە بىر پارچىسى، يەنى غەربىي تۈركىستان بىلەن بولغان كۆپ ئەسىرلىك ئېتنو-سىياسىي باغلىنىشى ئۈزۈپ تاشلاندى. بۇ مەزگىللەرگە كەلگەندە مەزكۇر رايوندا ياشىغۇچى تۈركىي-ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۆزلىرىنى « ئۇيغۇر » ئېتنىك نامى بىلەن ئاتاش ئومۇمىي يۈزلۈك ئىستېمالدىن قېلىپ، «تارانچى» ۋە قەشقەرلىق، تۇرپانلىق، ياكى ئالتىشەھەرلىك» دېگەندەك جۇغراپىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرغا ئىگە كىملىك بىلەن ئاتاش ئومۇملاشقان ئىدى. بۇ ، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرقى زامان مىللەت چۈشەنچىسىنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر ئەھۋال قوشنا ئوتتۇرا ئاسياغىمۇ ئورتاق ئىدى. ئەمما، دەسلەپكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئەشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئىلى- تارىم-تۇرپان-قۇمۇل رايونلىرىغا تارقىلىپ، ئۆزلىرىنى ياشىغان يۇرتلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرگەن ئاھالىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان تارماقلىرى ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىغان ئىدى.

19- ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، يەنى كېيىنكى تۈركىي تىللىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىلىك ۋە تىل-دىئالېكت ئالاھىدىلىك بويىچە ئىككى ئاساسىي گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانە گۇرۇپپىسى، يەنە بىرى يەتتىسۇ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
پەرغانە گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنى «قەشقەرلىقلەر» دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىغان بولسا، باشقا يەرلىك خەلقلەرمۇ ئۇلارنى «قەشقەرلىقلەر» دەپ ئاتىدى. يەتتىسۇ ۋادىسىدىكىلەر بولسا « تارانچىلار» دەپ ئاتالدى. ھەتتا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ 1897-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ گۇرۇپپىسىنى «قەشقەرلىق» دېگەن نام بىلەن، ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى «تارانچى» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئېتنىك تەركىپ تەرىقىسىدە پەرقلەندۈرگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926 ‏-يلىدىكى نوپۇس تەكشۇرىشىدە «ئۇيغۇر»، «تارانچى» ، «قەشقەرلىق» كىملىكى تەڭ قوللىنىلدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئالدى بىلەن يەتتەسۇلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف ۋە باشقىلار قەشقەرلىق ۋە تارانچى ئايرىم ئېتنىك كىملىكى كۆز قارىشىغا قارشى چىقىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنى ئورتاق ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى ئاستىغا توپلاش، مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئېتنىك كىملىكىنى كۆرسىتىدىغان ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ قارىتىلغان ئىدى.
بۇ ماقالىدە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېتنىك نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر ئېتنىك نامى ئاستىدا جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ۋە ئۇيغۇر نامىنى دۆلەتچىلىك ھەم ئېتنو-سىياسىي كىملىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارقىلىشى

چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ شەھەر ھەم دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن « قەشقەرلىقلەر» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى تارقالغان جايلار ئاساسلىقى پەرغانە ۋادىسىدىكى شەھەرلەر ۋە يېزىلار بولۇپ، ئەنجان ، ئوش ، مەرغىلان شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق مەركەزلەشكەن جايلار ھېسابلىناتتى. بۇلاردىن باشقا يەنە قوقەنت، نامەنگان ، سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ كۆپ ساندا قەشقەرلىق ئۇيغۇرلار تارقالغان بولۇپ، تاشكەنت ئاساسلىق مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى.
«قەشقەرلىقلەر» ئۇقۇمى كەڭ ۋە تار دائىرىگە مەنسۇپ بولۇپ، تار دائىرىدىن ئالغاندا، بۇ نام 19-ئەسىردە پەقەت قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسدىن كۆچۈپ چىققانلارنى كۆرسەتسە، كەڭ دائىرە بويىچە پۈتۈن قەشقەرىيە، يەنى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلگەنلەرنى كۆرسىتەتتى. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ( غەربىي تۈركىستاندىكى) يەرلىك خەلقلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نەزەرىدە كەڭ دائىرىدىكى قەشقەرلىق ئۇقۇمى ۋەكىل بولۇپ، ئۇلار قەشقەرلىقلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بىلەن ھېسابلاشمايتتى خالاس.
قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان ئاھالىلار پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۆزلىرى كېلىپ ماكانلاشقان جايلارغا ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ھەتتا مەھەللىلىرىنىڭ ناملىرى قويغان بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ياشىغان يېزا- قىشلاقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ناملىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەدەممۇ-قەدەم ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. 1991-يىلى، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلگەن. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خېلى كۆپ جاي ئىسىملىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەر-جاي ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا بىر قېتىم خاتىرىلەنگەن ئىدى. بىز ئەنە شۇ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئاساسىدا بىر قىسىم جايلارنىڭ نامىنى بىلىمىز. مەسىلەن، قازاقىستان ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت ساداۋاقوسوفنىڭ 1960-1970-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە تايانغاندا، ئوش ، ئەنجان ۋە مەرغىلان ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپلىگەن ئەسلى قەشقەرىيىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جاي ئىسىملىرى ۋە مەھەللە ئىسىملىرى ئۇچرىغان بولۇپ، پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى موسكۋا رايونى ، يەنى ھازىرقى شەھرىخان ناھىيىسىدىلا ئارتۇش، دولان، جاڭجال، قەشقەرمەلە، قەشقەرقىشلاق قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق جاي ئىسمى تىزىمغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ ئىزباسقان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يېزىسىدا قەشقەرمەلە دېگەن جاي بار بولۇپ، 1960-يىللىرىدا بۇ يېزىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرى 110-120 يىللار ئىلگىرى قەشقەردىن كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردە قەشقەر مەھەللىسى پەيدا قىلغان. بۇ كىشىلەر 60-يىللارغا كەلگەندە تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن [6]. 1959-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى تارقاق ياشىغان بولۇپ، سوۋېت ئېتنوگرافلىرى شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى 79 كولخوزغا ھەمدە پەرغانە ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بېكىتكەن[7].
ئۆزبېكىستان ئالىمى ئا. مەمەتوف بولسا، ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ ئەنجان شەھەر شىۋىسى ھەققىدىكى دىسسېرتاتىسىيىسىدە، « ئەنجان شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلار ھازىرمۇ ئەنجان شەھىرىدىكى مائارىپ، ئەسكىلىك، تاختاكۆپرۈك ، كالىنىن ۋە باشقا مەھەللىلەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىملاتقان» دېگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان[8].
ئوش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلى قەشقەرلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارقالغان جايلىرى ئاساسلىقى ئوش شەھىرى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى قاراسۇ ناھىيىسى ھەم ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى قەشقەرقىشلاق ناملىق يېزىسى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتنوگرافى س. م . ئابرومزون ئۆزىنىڭ 1955-يىللىرى بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە جەنۇبىي قىرغىزلار تەركىبىدە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى[9]. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا ئۈچ-قورغان رايونى، قارول بۇيغا، ئاۋۇزتام-پىلال، تېگىرمەچ، قاراغاندي، كېرېگېتاش، ئۆلېگىش، قاراقىشتاق، پۇم دېگەن جايلاردا ۋە بۇرۇن شىپى( شىببە) يېزىسى ھەمدە لەڭگەر دېگەن جايغا تارقالغان. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىغان قېرىلاردىن كېنجىباي ئايتېمىروف ۋە رايىمبەردى ئورمونوف بۇ گۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ بۇخارادىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ قورغاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بولسا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىمى ياشايدىغان قوش-تېگىرمەن دېگەن جايدىن كەلگەن. مەزكۇر ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىر قىسىمى چارۋىچىلىق ، يەنە بىر قىسىمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قارائوئول دېگەن جايدا « ئۇيغۇر ئارىق» دەپ ئاتالغان قانال بار. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ بۇيگا ۋە تۆلەس قەبىلىسى بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ شۇنىڭدەك يەنە قىرغىزلارنىڭ تېيىت قەبىلىسىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ[10].
ئۇيغۇرلار يەنە تۈركمەنىستاندىكى مۇرغاب دەرياسى ۋادىسىدىكى بايرام-ئالى ۋە مارى قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، بايرام-ئالى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئىدى. 1890-يىلى، يەتتەسۇغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن 272 ئائىلە، يەنى 1306 جان چار پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالداپ ئېلىپ كېلىشى بىلەن بۇ رايونغا ماكانلىشىپ قالغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، 2500 ئادەمگە يەتكەن. مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلار بايرام-ئالى ۋە مارى رايونلىرىدا ئاقتام، مەمەيۈزى، دادامتۇ، توققۇزتارا، شەمەلە، سۇلتانيابا ۋە قەشقەر مەھەللە قاتارلىق ئاھالىلار رايونلىرىنى پەيدا قىلغان[11].
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق جايلاشقان مەركىزى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغىنىدەك پەرغانە ۋادىسىنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىغان ئوش شەھىرى، قاراسۇ، ئۆزگېند ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان قاراقول شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، ئىسسىق كۆل بويىدىكى توقماق قاتارلىق جايلار شۇنىڭدەك يەنە پىشكەك شەھىرى ئىدى. بولۇپمۇ، بەدەلئارت ئېغىزىغا يېقىن جايلاشقان قاراقول شەھىرى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق سودا-ئىقتىسادىي ئالاقە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا قاراقول شەھىرىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان ئىدى. قاراقول شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى رۇسلار، تاتارلار، ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلار ئىدى. مەلۇم ساندا تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراقول، توقماق ۋە پىشكەك قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ » « قەشقەرلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.

يەتتىسۇ گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تارقىلىشى

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ زىچ توپلىشىپ ۋە مەركەزلىشىپ ياشىغان تارماقلىرى يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرى، يەنى باشقىلارنىڭ ئاتىشى بويىچە « تارانچىلار» بولۇپ، ئۇلار ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن تارتىپ تاكى قورغاس چېگرىسىغىچە بولغان كەڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىغا تارقىلىپ ياشاپ، يەتتەسۇنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك خەلقىگە ئايلانغان ئىدى. مەزكۇر تارماق ئۆزلىرىنىڭ ئىلى تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاقلىرىنىڭ ناملىرىنى ئۆزلىرىىنىڭ يېڭىدىن ماكانلاشقان جايلىرىغا قويغان ئىدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەتتىسۇ گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئەسلىدە يەتتىسۇنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تارانچى ئۇيغۇرلىرى خېلى بۇرۇنلا ياشىغان بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان ئىدى. 1871-يىلى، ئىلى سۇلتانلىقى چار رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئىلى ۋادىسى 10 يىل چار پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولدى. 1881-يىلى، چار رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى «پېتېربۇرگ» شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، مەزكۇر ئىككى ئىمپېرىيە ئىلى ۋادىسىنى بۆلۈپ، چېگرىلىرىنى ئايرىپ بېكىتتى.
ئىلى، مەن چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چىڭلىقلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە رۇسىيە چېگرىسى ئىچىگە كۆچۈش دولقۇنى قوزغالدى. 1882-يىلىدىن 1884-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى تەۋەسىدىن چار رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى يەتتەسۇغا كۆچۈپ ماكانلاشقان 9572 ئائىلە، يەنى 45373 نەپەر تارانچى )ئۇيغۇر ( يەتتسۇنىڭ ئاساسلىق دېھقان ئاھالىسىگە ئايلىنىپ، يەركەتتىن تارتىپ ۋېرنىي شەھىرى ( ئالمۇتا)غىچە بولغان كەڭ زېمىنغا تارقىلىپ[12]، 90 دىن ئارتۇق ھەر خىل يېزا-قىشلاقلارنى بەرپا قىلغان. ئۇيغۇرلار يەتتىسۇدا يېزا-قىشلاقلارنى بەرپا قىلىپلا قالماستىن[13]، بەلكى يەنە يەتتەسۇدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى -يەركەت، يەنى ياركەند شەھىرىنى بەرپا قىلدى[14].
چار رۇسىيە ئەمەلدارى پ.پ. رۇمىيانسېۋنىڭ 1909-1910-يىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا يېزىپ چىقىپ، 1914-يىلى نەشىر قىلغان « تارانچى» ناملىق كىتابىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدە بەرپا قىلغان بارلىق يېزا-قىشلاقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار چېگرىغا يېقىن رايونلاردا چوڭ چىغان، كىچىك چىغان، ئاقكەنت، چۇلۇقاي، پەنجىم، نادەك، قورغاس، سوقۇر خوتۇن ( كېيىن سادىرغا ئۆزگەرتىلگەن)، خونخاي، ئالتۇنۆي قاتارلىق يېزىلارنى شەكىللەندۈردى. بۇ يېزىلار يەركەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەۋە بولدى. يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار كەتمەن تېغى ئېتىكىدىكى ئاۋات، دولات، سەككىزون، چوڭ ئاقسۇ ، كىچىك ئاقسۇ قىشلاقلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاقسۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەۋە بولدى. كېيىن يەنە قاراتۇرۇق ۋە چارىن قىشلاقلىرى بەرپا بولدى. ئۈچىنچى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولسا چىلەك دەرياسى ۋادىسىنى ئاساس قىلىپ، مالىباي، بايسېيىت، ماساق، قاينۇق، ئونيايلاق، قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى.
تۆتىنچى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولسا، ئاسى، يىگىرمە-ئۆي، ئون-ئۆي،غوجىكۆل، قورام، لاۋار، قارايوتا، قىزىلجىلغا، قاراتۇرۇق، كىيىكباي قىشلاقلىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇ جايلار قورام مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا قارىدى. بەشىنچى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولسا، ۋېرنىي، يەنى ئالمۇتا ئەتراپىغا كېلىپ، جاناشاھار، تاشتىقارا، بايانداي، جارلىقاپ، ماناپ، بالتاباي، قاراسۇ قىشلاقلىرىنى بەرپا قىلدى. ئالتىنچى گۇرۇپپا ۋېرنىي شەھىرىگە كېلىپ ماكانلىشىپ، سۇلتان قورغان مەھەللىسىنى قۇردى[15].
يەتتسۇنىڭ مەزكۇر يېزا-قىشلاقلىرى بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۆزئارا زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. كۆچمەن ئاھالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئەسلى ئىلى تەۋەسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى يەرلىك تارانچىلار يەنى دېھقان ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يەر ئېچىش ۋە تېرىقچىلىق ھەم باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەتتە سۇنىڭ قىياپىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتتى ھەمدە ئاھالىلارنى ئاشلىق، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. غۇلجا شەھىرى ۋە باشقا شەھەرلەرگە ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى بولسا ۋېرنىي يەنى ئالمۇتا، يەركەت ، پىشپەك، قوراقول قاتارلىق شەھەرلەرگە ماكانلاشتى. بولۇپمۇ ۋېرني شەھىرى غۇلجىنىڭ شەھەر رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلارنىڭ ئىككىنچى ماكانىغا ئايلانغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگە كەلگەندە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بۇرۇنقىدىن خېلى كۆپەيدى ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادلىرى مۇشۇ جايلاردا دۇنياغا كەلدى.
يەتتىسۇدىكى مەزكۇر تارانچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن پەرقلىق بولۇپ، يەتتىسۇنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى ئارىسىدا قازاق ۋە قىرغىزلار كۆچمەن ھاياتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوت-سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر رايونلاردا مۇقىم قىشلاقلارنى بەرپا قىلمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بەرپا قىلغان يېزا-قىشلاقلاردا پەقەت ئۆزلىرىلا ياشىغان بولۇپ، غۇلجىدىن كۆچۈپ چىققان قىسمەن تۇڭگان ئاھالىلىرى بىلەن ئارىلاشقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىنلا تەشكىل تېپىش، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇش تەقدىرىگە دۇچ كەلمىدى. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل شىۋىسى، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىراق، پەرغانە ۋادىسىغا كەلگەن قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرى بولسا نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن يەرلىك ئۆزبېك ئاھالىلىرىنىڭ ئارىسىغا چۆكۈش ۋە ئۇلار بىلەن ئارىلىشىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. شۇڭا پەرغانە ۋادىسىدا پەقەتلا ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان چوڭراق رايون شەكىللىنەلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلى ،تىلى ۋە باشقىلار قەشقەر كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىكلەردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. بىراق، يەتتەسۇدىكى تارانچى ئۇيغۇرلىرى بولسا يەرلىك قازاقلاردىن تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن تارتىپ، تىل ۋە باشقا تەرەپلەرگىچە كۆپ پەرقلىق تەرەپلەرنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھالمۇ تارانچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندى.
ئومۇمەن، پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتىسۇدىكى قەشقەرلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تارانچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى نوپۇسى مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، چوقان ۋەلىخانوف 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىق بارلىقىنى قەيت قىلغان بولسا، ئابدۇللا روزىباقىيېف 1920-يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا 500-700 مىڭغىچە ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان[16]. ئەلۋەتتە، چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن كۆرۈنەرلىك بولغان. لېكىن، پەرغانە ۋادىسى باشتىن ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق يادروسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەمما 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش قەدىمىنى تېز بېسىپ، ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك ئۆزبېكلەرگە ئېرىپ كەتتى. ئوقۇرمەنلەرنى پەرغانە ۋە يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەرەققىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە كەمىنەنىڭ «پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن -خەلق ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇپ چىقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن .

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي كىملىك تىكلەش ھەرىكىتى

مەيلى، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ ۋە پەرغانە گۇرۇپپىسى ئارىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن ئېتنىك نام ئاستىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئىدىيە شەكىللەنمىگەن ئىدى. بۇ ھال پەقەت مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىغىلا خاس ئەھۋال بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدىمۇ بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئىدېئولوگىيە شەكىللەنمىگەن ئىدى.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يېقىنقى زامان ۋە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگە مەنسۇپ مەنبەلەر بىزگە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر ئېتنىك نامىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئېتنىك نام سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىق ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ ئۆز مىللىي نامىنى ئۇيغۇر ئېتنونىمى ئاستىدا ئاتاپ يازغان يازما مەنبەلەرنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلمىگەنلىكى خەلق ئىچىدە بۇ نامنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ۋە ياكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئېتنىك ناملىرىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ياكى ئۇيغۇرلار 1921-يىلىدىن ئىلگىرى ئايرىم مىللەت ،1921-يىلى ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغاندىن كېيىنلا يېڭىدىن ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ھەقىقەتەن ، ئېتىراپ قىلىش زۆرۈركى، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئونىنچى يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىققا تەۋە تارىم ۋە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىكلىرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنىڭ ھېچ قايسىسىدا مەزكۇر ۋادىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىبارىسى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنمىغان. ھەتتا ، كلاسسىك دەۋر بىلەن ھازىرقى مەنانى تۇتاشتۇرغۇچى تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئېتنىك نامى سۈپىتىدە ئەسىرىنىڭ بىرەر جايىدىمۇ ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا ئېتنىك كىملىككە قارىغاندا يەرلىكلىك كىملىك مۇھىم بولۇپ، قەشقەرلىق، ئاقسۇلۇق، خوتەنلىك ۋە باشقا يۇرت كىملىكى ھەم يۇرت خاراكتېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. ئەمما، موللا مۇسا سايرامى تارىم ۋادىسىدىكى مەزكۇر قەشقەرلىق، ئاقسۇلۇق، تۇرپانلىق، كۇچارلىق ۋە باشقىلارنى «مانجۇر»، «تۇڭگان»، «سولۇن»، « خىتاي» ۋە «قالماق» ئېتنىك كىملىكلىرىدىن ئايرىغان بولۇپ،ھەتتا كىلاسسكى شائىر موللا شاكىرمۇ شۇنداق خىلدا ئېتنىك پەرقلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى[17].
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر نامى ئاتالغان ئېتنىك توپلۇقلار تارىم ۋادىسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ئەمەس ھەم نوپۇسىمۇ بەك ئاز . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىك ئاھالىلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق خاراكتېرگە ئىگە ئايرىم مىللەتلەردۇر. ئەمما، موللا مۇسا سايرامىدىن پەرقلىق يول تۇتقان ئۇنىڭ دەۋىردېشى ، يەتتىسۇلۇق نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف بولسا ئۆزىنىڭ 1914-يىلىدىن تارتىپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئەسەرلىرىدە تارىم ۋادىسى ۋە ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان تارانچى ۋە ئالتىشەھەرلىك ۋە ياكى قەشقەرلىق دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى ئېتنىك مەنبەسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي نامى ئاستىدا بىر ئېتنىك گەۋدىگە ئايلىنىشى زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسىنى ئىشلەتتى.
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئىلى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان بۇ خەلقنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئائىت چۈشەنچىگە كېلىشىنى پەقەت قانداقتۇر ئۇنىڭ تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇپ، ئىدىيىۋى نۇقتىدىن چىقىش قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى تارىم ۋە ئىلى ھەم يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئاھالىلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، دەۋرىمىزگە نامەلۇم بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ھەم تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراش مۇمكىن. ئەگەردە، ئۇيغۇر ئاۋام خەلقى ئارىسىدا قىسمەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال بولمىغان بولسا، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ مەزكۇر ئىدىيىگە كېلىشى ھەم ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئەلۋەتتە، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ رۇسىيىدە ئۇيغۇر-تۈرك تارىخى تەتقىقاتى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. رۇسىيە ئالىملىرىدىن ئا. كازىمبېك، ۋ.ۋ.رادلوۋ, ۋ.پ.ۋاسىلىيۋ , د.م. پۆزدنېيېۋ، يا.بىچۇرىن، ئې.گرۇم-گىرژىمايلو، چ. ۋەلىخانوف، برېتىشنېيدىر، ۋ.ۋ.گرىگورىيېۋ، س.ئې.مالوۋ , كاتانوۋ ، ۋ. ۋ. بارتولد ھەم باشقىلار تۈرك-ئۇيغۇر تارىخى ، تىلى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە ئىزدىنىپ، ئارقىمۇ-ئارقىدىن كۆپلىگەن كىتابلار ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. بۇ ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى تارىم ۋە ئىلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ نۇقتىنى تارىخىي مەنبەلەر ئاساسىدا، يەنە بەزىلىرى تىلشۇناسلىق ۋە ئانتروپولوگىيىلىك تەرەپلەردىن چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك پەرقىنى ئايرىپ ، ئۇلارنى ئايرىم ئېتنىك ناملار ئاستىدا تەرەققىيات يولىغا باشلىشى ئەسلىدە سىياسىي ئېھتىياجدىن چىقىش قىلىنغان بولسا، بۇنىڭدا يەنە مەلۇم ئىلمىي ئاساسلارلارمۇ بار ئىدى. گەرچە، ۋ. بارتولد قاتارلىق بىر قىسىم تۈركشۇناسلار ۋە تارىخچىلار بۇنداق قىلىشقا قارشى چىققان بولسىمۇ[18]، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئەربابلار ئېتنىك كىملىكلەرنى ئايرىغاندا، تىل ، تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئامىلنىمۇ ئاساس قىلغان ئىدى. مەسىلەن، گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ، قۇمۇلغىچە ۋە باشقا رايونلارغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەتقىق قىلغان ھەمدە قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرغان سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋ تارانچىلار بىلەن قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ بىر ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان ھەمدە 1921-يىلى، 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشكەنت قۇرۇلتىيىدا بۇ نامنى ئورتاق ئېتنىك نام سۈپىتىدە بېكىتىشنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ تەشەببۇس قىلغۇچى ئىدى[19].
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ، ئابدۇللا رۆزىباقىيېف قاتارلىق يەتتەسۇنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئېتنىك نامى سۈپىتىدە« تارانچى» ۋە « قەشقەرلىق »ۋە ياكى« ئالتىشەھەرلىك » نامىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنى تىكلەش يولىنى تۇتقۇچىلار بولدى. كلاسسىك ئۇيغۇر مۇسۇلمان مەدرىس مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تاتار -رۇس-ياۋروپا مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسىملەشتۈرگەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف باشلاپ بەرگەن مەزكۇر ئىدىيە ئاستىدا شۇ دەۋرنىڭ تاتار- رۇس- ياۋروپا مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چار پادىشاھ تۈزۈمى يىمىرىلگەندىن كېيىن يۈزبەرگەن داۋالغۇشلارغا قاتنىشىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي چىقىش يولىنى ئىزدىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانارخىست ۋە سوتسىيال دېموكراتىك ئىدىيىدىكى رۇس دېموكراتلىرىنىڭ ئىدىيىلىرى قوللاپ،« تارانچى كومىتېتى» نامى ئاستىدىكى ئاممىۋى-سىياسىي تەشكىلات ئارقىلىق تارانچى مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار ئۆز مەۋقەلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، بولشېۋىكلارنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى قازاقلارنىڭ« ئالاش» پارتىيىسى، ئۆزبېكلەرنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى« شورائىي ئىسلامىيە» پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. ئۇلار ئاخىرغىچە بولشېۋىزمغا قارشى تۇردى ھەمدە بۇ ئىدىيە يولىدا بولشېۋىكلارغا قارشى ئاقلار ھەرىكىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يەنە بىر قاتلىمى بولسا پۈتۈن رۇسىيىدە كوممۇنىسلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىمكانىيىتى بارلىقىنى مۆلچەرلەپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوللاش ۋە ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىننىڭ« مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى » شۇئارى ئاستىدا ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكىنى تەمىن ئېتىش يولىنى تۇتتى. نەتىجىدە، بۇ خىل ئىدىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ تەربىيىسى يوق بولغان يوقسۇل دېھقانلار ئارىسىدىن تۇنجى ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى يېتىشىپ چىقتى. بۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇپپىلىرىغا ئۇيۇشقاندىن تاشقىرى ،يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى پروگرامما قىلغان گۇرۇپپىلارغىمۇ ئۇيۇشتى.

ئۇيغۇر ئېتنىك نامى ئاستىدىكى تۇنجى جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى

مەلۇمكى، 1918-يىلى، مارت ئېيىدا ئالمۇتىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى ئالمۇتىدىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. كوممۇنىستلارمىڭ ئالمۇتىدا قۇرغان يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىگە يەتتەسۇدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا روزىباقىيېف كىردى. 1919-يىلىغا كەلگەندە تاشكەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى كوممۇنستلار پارتىيىسى تەركىبىدە مۇسۇلمانلار بيۇروسى قۇرۇلۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيىلىك كومىتېتلارنى تەسىس قىلىشقا كىرىشىلدى. يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە ۋىلايەتلىك مۇسۇلمان بيۇروسى قۇرۇلۇپ، قازاقلاردىن ئوراز جاندوسوف بىيورو رەئىسى ، ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا روزىباقىيېف مۇئاۋىن رەئىس بولدى. مۇسۇلمان بىيورىسىنىڭ رولى بارلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كومپارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى پەيدا قىلىش ھەم كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى قارمىقىدىكى مۇسۇلمان بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قازاقلاردىن تۇرار رىسقۇلوف تەيىنلەنگەن ئىدى. مۇسۇلمان بىيورىسىنىڭ رولىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر ئورگان ئىككىنچى پارتىيە كومىتېتىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. چۈنكى، رۇس كوممۇنستلىرىغا ئىشەنمىگەن مۇسۇلمان خەلقلىرى مۇسۇلمان بيۇروسىنىڭ مۇسۇلمانلاردىن بولغان كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇميۈزلۈك داۋاملىشىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قوراللىق ۋە سىياسىي قارشىلىق كۈرەشلىرى ھەمدە ئاقلار بىلەن سوۋېتلەر ئارىسىدىكى شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كوممۇنىستىك ئىدىيىنى كۈچەيتىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلارنى كۆپەيتىش، بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يەرلىك مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرىنى يۇقىرى رەھبەرلىك خىزمەتلىرىگە قويۇپ، شۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئەنە شۇ ئىستراتېگىيە بويىچە يەتتسۇدىكى ئۇيغۇرلار، يەنى تارانچىلار ئارىسىدا كوممۇنىستىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرى ۋە ئىجارىچىلىرى سۈپىتىدە سوۋېت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي خىزمەتلىرىگە جەلپ قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ پروگراممىدىن پايدىلانغان ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىشكە ئاتلاندى.
يەنە شۇ نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈركى، بۇ ۋاقىتلاردا يەنە پەرغانە ۋە يەتتەسۇدىكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى تارمىقى ھېسابلىنىدىغان قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار ئارىسىدا تېخى بىرلىككە كەلگەن ئورتاق مىللىي چۈشەنچە يوق بولۇپ، بۇنداق ئورتاق مىللىي چۈشەنچىلەر ھەر ئىككىلا گۇرۇپپىنىڭ ئاز ساندىكى زىيالىيلار ۋە ئاڭلىق قاتلمىغىلا مەنسۇپ ئىدى.
يەرلىك باشقا خەلقلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپىنى ئايرىم-ئايرىم ئېتنىك گۇرۇپپىلار شەكلىدە كۆرگەن بولسا، مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپا ئاممىسى ئىچىدىمۇ ئۆزلىرىنى بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلەندۈرۈش، ئورتاقلىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق خاھىشلىرى مەۋجۇت ئىدى. بۇ خىل تارانچى-قەشقەرلىق ئايرىملىق چۈشەنچىسى تاكى 1930-يىللارغىچە داۋاملاشقان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا شېڭ شىسەي مەزكۇر ئىختىلاپتىن پايدىلىنىپ، 1934-يىلى، تارانچىلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ، ئايرىم مىللەت قىلىپ قانۇنلاشتۇرغان ئىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئاڭلىق، يىراقنى كۆرەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قەشقەرلىق ۋە تارانچى مەنپكۇرىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مىللىي روھ ۋە مىللىي كىملىك تىكلەشنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن ئىدى. شۇ مەقسەتلەرنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە 1919-يىلى، 2-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئاممىۋى -سىياسىي تەشكىلات « ئۇيغۇر جەمئىيىتى» دۇنياغا كەلدى[19]. « ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ تۇنجى قۇرۇلمىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف، سوپى زەرۋات، ھاجىئەكبەر مۇھەممەدى ، ئىسمائىل تاھىروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، ئىمىناخۇن ئابابەكرى، يۈسۈپ ئەخمەدىي شۇنىڭدەك ئاياللاردىن سائادەت رۆزىباقىيېۋا بىلەن ئايشە مۇھەممەدىيېۋا قاتارلىق 9 ئادەمدىن تەركىپ تاپتى[20]. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئەزالىرى ھەم ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف 1924-يىلى، جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن يازغان ماقالىسىدە بىر قەدەر ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، « ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن . «ئۇيغۇر جەمئىيىتى»گە يېڭىدىن سالاھىدىن قاسىموف، تېيىپ سابىرى، ئوسمان تاھىرى، ئىسلام ھاشىموف، مۇسەللىم روزى، توختاخۇن ھاشىمى، ھەزىم تاھىرىي ۋە ئابدۇللاجان ھەسەنى ( ئۆزبېك) قاتارلىقلار كىرىپ، ئەزا سانى 17 نەپەرگە يەتكەن. جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى بىلەن 1919-يىلىنىڭ ئاپرىل-ماي ئايلىرىغا كەلگەندە ئەزا سانى 200 گە يەتكەن[21]. ئالمۇتىدا« ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ مەركىزى ئورگىنى تەسىس قىلىنىپ، باشقا ناھىيە ۋە قىشلاقلاردا ئۇنىڭ تارماقلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلغان. ئەڭ دەسلەپكى شۆبە جەمئىيەت مالىۋاي يېزىسىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ياقۇپ دۇغان ئىدى . بۇ شۆبە جەمئىيەت 1919-يىلى، 26-مارتتا قۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قاراسۇ، قورام يېزىلىرى ۋە ياركەنت ( يەركەت) شەھىرىدە ۋە يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى باشقا ئۇيغۇر يېزىلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن شۆبە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى قۇرۇلغان[22].
« ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ كۆزلىگەن نىشان -مەقسىتى ھەققىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف 1924-يىلى يازغان ماقالىسىدە بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ . جەمئىيەتنىڭ نىشان-مەقسىتى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان:
بىرىنچى: ئومۇمىي ئاھالىنى ۋە ئۆز ئەزالىرىنى يېڭى تۇرمۇش-سوتسىيالىزم بىلەن تونۇشتۇرۇش .
ئىككىنچى: ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا زەرەر بولغان ئادەتلەرنى، نادانلىقنى تۈگىتىش.
ئۈچىنچى: ئايال-قىزلارنىڭ ئىنسانىي، ئىجتىمائىي، ۋە ئائىلە ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ھەم باشقىلار .
« ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن جەمئىيەت قارمىقىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەرىپەت تارقىتىش بۆلۈمى، دراما ۋە مۇزىكا بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈم تەسىس قىلىنىپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ۋەزىپە بەلگىلەپ، ئاكتىپ ئىشقا كىرىشكەن.
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس نىزامنامىسى ۋە ئەزالىققا قوبۇل قىلىش شەرتلىرى بار بولۇپ، ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدىغان كىشىنىڭ سوتسىيالىزم ئىدىيىسىگە ئەقىدە قىلغان ۋە خۇراپاتچىلىقتىن قۇتۇلغان بولۇشى شەرت قىلىنغان.
سابىق سوۋېت ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە مەزكۇر ئۇيغۇر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچىلار ۋە تەشەببۇسكارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى ئىكەنلىكىنى يېزىشىدۇ. ھەقىقەتەن، مەزكۇر جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان دەسلەپكى 17 ئەزانىڭ خېلى كۆپى يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى ھەمدە زىيالىيلىرى ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى 1920-1930-يىللاردا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ، ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيىلىك پارتىيە ھەم مەمۇرىي ئورگانلىرىدا يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بەزىلىرى، مەسىلەن،1930-يىللارغا كەلگەندە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئايلانغان ئىدى. لېكىن، تارىخىي مەنبەلەردە مەزكۇر تۇنجى « ئۇيغۇر جەمئىيىتى»گە ئۇيغۇرلۇق ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەرغىباتچىسى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇللا روزىباقىيېف بىلەن كۆپ ئۇچراشقان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىن خەۋەرسىز قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇنىڭ كوممۇنىست مەپكۇرىسىغا مەنسۇپ بولماسلىقى بۇ تەشكىلاتتىن نېرى قېلىشىدىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف شۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى ئاكتىپ زىيالىيلىرى ئارىسىدا كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئاشكارا قارشى چىقمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەزا بولمىغان شەخس ئىدى. نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف نېمە ئۈچۈن تۇنجى «ئۇيغۇر جەمئىيىتى»گە ئەزا بولمىدى؟ بۇنى ھەر نۇقتىدىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن، بىراق بۇ يەنىلا توغرا جاۋاب بېرىشنى كۈتىدۇ.
ياش ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشى 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار ئىدى. مەسىلەن، جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف 22 ياش، سوپى زارۋات 29 ياش، ئىسمائىل تاھىروف 19 ياش، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي 20 ياش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىدىيە جەھەتتىن تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، كۆپ مەسىلىلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قالاق قالغانلىقى ھەم كونا چار رۇسىيە تۈزۈمىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە باغلاپ چۈشىنەتتى. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئارقىدا قېلىشنىڭ بىر مەنبەسىنى خۇراپاتلىق دەپ ھېسابلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى رولى ۋە ئورنىغا يۈزەكى كۆز قاراشتا ئىدى. ئۇلار بولشېۋىكلارنىڭ تۈرلۈك چاقىرىقلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىغا قاراپ، ئۇلارنى ئىلغار ھەم زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان، چار رۇسىيىنىڭ كونا مىللىي كەمسىتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، كەمبەغەل ۋە قالاق قالغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىك بولۇشى ھەم سىياسىي جەھەتتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ ئىشىنەتتى. بۇ جەھەتتە سوۋېت رۇسىيىسى، جۈملىدىن لېنىننىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئاستىدا ئېزىلگەن خەلقلەرنى، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان خەلقلىرىنى ئازادلىققا چىقىرىش ۋە ئۇلارنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىشىگە ئائىت كۆپلىگەن نۇتۇق ۋە سىياسىي پروگراممىلىرى ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا پەقەت ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى پۈتۈن سابىق چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان ھەر خىل مىللەتلەر ھەتتا رۇسلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشەنگەن ئىدى. كوممۇنىستلارنىڭ بۇ بىر قاتار سىياسىي تەدبىرلىرى ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق كەمبەغەللەر تەبىقىسى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرى غالىپ چىقالىدى. لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە چاقىرىقلىرى ھەم ۋەدىلىرىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆپ ساندىكى زىيالىيلىرى، ئوتتۇرا -تۆۋەن قاتلام پۇقرالىرى ھەتتا زىيالىيلىرىمۇ ئىشىنىپ، بىر مەھەل كۆزلىرى قاماشقان ئىدى.
1918-1921-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىش جەريانىدا، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ياكى يوقىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئاقلار بىلەن قىزىللار ئارىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئىچكى ئۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بولشېۋىكلارغا قارشى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشى، يەنى ئاتالمىش «باسمىچىلار» ھەرىكىتى، ئىدىل-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاڭلىق زىيالىيلار قاتلىمى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ئورتاق تۈرك فېدېراتسىيىسى قۇرۇش خاھىشى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ھەتتا ئورتاق تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەشەببۇسلىرى تاتار-باشقۇرت، قازاق، ئۆزبېك كوممۇنىست رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، قازاق خەلقىدىن كېلىپ چىققان تۇرار رىسقۇلوف بۇ پىكىرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ بارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ يىغىنىدا ئاشكارا تەشەببۇس قىلغان ئىدى[23]. سوۋېت رۇسىيىسى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، تاتار مىرسەيىد سۇلتانغالىيېف ۋە باشقا ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي شەخسلەر ئەنە شۇ خىل ئىدىيىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا زەربە بېرىش ئوبېكتىغا ئايلاندى.
لېنىن قاتارلىق سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى تۈركچىلىك ئىدىيىسىگە، بولۇپمۇ رۇسىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىدىيە ھەم ھەرىكەتلەرگە تۈپتىن قارشى بولۇشىغا قارىماي، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا ھەتتا تۈركچىلىك پىكىرلىرى ، ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش چاقىرىقلىرىغىمۇ كۆز يۇمۇپ، چار رۇسىيىنىڭ مىللەتچىلىك ۋە كەمسىتىش سىياسىتىدىن بىزار بولغان تۈركىي خەلقلىرى ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قوللىغان رەۋىشتە مەيدانغا چىقىپ، پۈتۈن دىققەتنى ئىچكى رۇسىيە رايونلىرىدىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى ئاقلار ئارمىيىسىنى يوقىتىشقا قاراتتى. ئۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن بولسا، زور ساندىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئاتلانغان قوراللىق كۈچلەرنى « باسمىچىلار» دەپ قارىلاپ ،ئۇلارنى يوقىتىشقا كىرىشىپ، 1922-يىلىغا كەلگەندە ۋەزىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. 1921-1923-يىللىرى ئارىسىدا ئورتاق تۈرك دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىگە مەنسۇپ بولغان تۇرار رىسقۇلوف، سۇلتانغالىيېف ۋە باشقىلارنى بىر-بىرلەپ يۇقىرى رەھبەرلىك ھوقۇقلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن جازالىدى. قىسقىسى، ئۇيغۇر كوممۇنىست رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئەنە شۇنداق سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى خالاس.

«ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ تۈپ نىشانى ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكىنى تىكلەش

ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېتنىك نامىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇرغان جەمىيىتىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن ياشلارنى ئۇيغۇر ئېتنىك نامى ئاستىغا توپلىشى ۋە بۇنى بارا-بارا كېڭەيتىپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملاشقان تارانچى ۋە قەشقەرلىق ئىبارىسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدە بۇ نامنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر ئېتنىك نامى ئاستىدا مىللىي دۆلەت قۇرۇش نىشانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ 1919-يىلىدىكى تەسىس يىغىنىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق يورۇتقان ئىدى:
« بىز مانجۇر ھاكىمدارلىرىدىن مىراس بولۇپ قالغان نادانلىق ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن تەرەپبازلىق ئادىتىدىن قۇتۇلۇپ، بىر ئىتتىپاققا بىرلىشىشىمىز كېرەك. قەدىمىي < ئۇيغۇر> ناملىق مىللىتىمىز بەلگىلىك شاراتىلاردا يەنە مانجۇر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ئەزگۈسىگە مۇپتىلا بولۇش نەتىجىسىدە سىنىپىي زىددىيەتچىلىك كېسىلىدىن پەيدا بولغان < قاشقارلىق>، < تارانچى> دېگەن سۈنئىي ناملار بىلەن ئىككى بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. بىزگە ئەمدى بۇ كېسەلدىن قۇتۇلۇش ۋاقتى يەتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساس بىلەن ئىسپاتلانغان نامى < ئۇيغۇر>. ئەمدى شۇ <ئۇيغۇر> نامىمىزنى ئۆز ئەكسىگە كەلتۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتنى تەرەققى ئەتكۈزەيلى»[24].
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتا يولغا قويغان ئاساسلىق پروگراممىلىرى ئالدى بىلەن يەتتىسۇدىكى تارانچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى مائارىپىنى پەيدا قىلىپ، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىش ئارقىلىق قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش بولدى. جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، قالاقلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، كۈچلۈك بىر سىياسىي ۋە ئاممىۋى جەمئىيەت قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتى ھەمدە ھەرىكەت قىلىشى بىلەن 1920-يىلىدىلا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا 18 ئۇيغۇر مەكتىپى ئېچىلدى. بىلىمى يېتەرلىك ياشلارنى بولسا، تاشكەنتكە ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتتى[25]. جەمئىيەتنىڭ مۇزىكا ۋە دراما بۆلۈمى بولسا سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كونسېرتلارنى قويدى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە دراممىلارنى ئويناپ كۆرسەتتى. ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ « مەنسەپپەرەس» دراممىسى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى يېزىپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئويناپ چىققان دراما ئىدى. جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر نەپەر ئەزاسى ئىسمائىل تاھىروف ئۆزبېك تىلىدىن ئىككى درامىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ چىققاندىن كېيىن سەھنىلەشتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىرىنچى دراما گۇرۇپپىسى مەيدانغا كەلدى[26].
ئالمۇتىدا قۇرۇلۇپ يەتتىسۇنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا شۆبىلىرى بولغان « ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى، 1921-يىلى، 3-ئىيۇن كۈنى تاشكەنتتە چاقىرىلغان « ئالتىشەھەر-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرى تەشكىلاتلىرى»نىڭ پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بويىچە« ئالتىشەھەر-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى»غا قوشۇلۇپ، ئايرىم جەمئىيەت بولۇشتىن قالدى[27]. دېمەك، 1919-يىلى، دەسلەپتە 9 ئادەمدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» 1921-يىلى، 6-ئايغا كەلگەندە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقلىرىغا ئاساس بولغان ھەمدە ئۇيغۇر قۇرۇلتايدا بۇ نامنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئەسلىگە كېلىپ، تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قوللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە مەۋجۇتكى، ئالمۇتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا چاغدا يەتتىسۇ ۋە پەرغانە قاتارلىق جايلاردا ئوخشاشلا« قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچى-دېھقانلىرى جەمئىيىتى» دېگەن ئاممىۋى جەمىيەتمۇ مەيدانغا كېلىپ تېز تەرەققى قىلىشقا ئېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان « قەشقەر-جۇڭغارىيە ئىشچى -دېھقانلار تەشكىلاتى»غا قوشۇلۇپ كەتمەي ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، پەقەت 1921-يىلى، 6-ئايدا ئۇيغۇر نامى ئورتاق قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەردى؟ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر جەمئىيەت قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچى-دېھقانلار تەشكىلاتىغا باشتىلا ئەزا بولماي ئۇنىڭ بىلەن تەڭداش مەۋجۇت بولدى؟
بۇ ھەقتە يازما مەنبەلەر يوق ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئىزدىنىشكە تېگىشلىكتۇر. قىسقىسى، 1919-يىلى، 2-فېۋرالدا ئالمۇتىدا دەسلەپتە يەتتە ئەر ،ئىككى ئايال بولۇپ جەمئىي 9 ئۇيغۇر ياشتىن قۇرۇلغان « ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئەڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۆپ مىليونلۇق ، بىر پۈتۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشلامچىلىق ۋە ئاساسچىلىق رولى ئوينىدى دەپ قاراش خاتا ھۆكۈم بولمىسا كېرەك.
«ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ يادرولۇق ئەزالىرى كوممۇنىزم مەپكۇرىسىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردا مىللىي ئىدىيە يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تىكلىمەكچى ۋە لېنىنىزمنىڭ « مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى » شۇئارى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلارنىڭ غايىسى ئازاد ۋە سوتسىيالىستىك« ئۇيغۇرىستان» قۇرۇش بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستاندا ۋە خەن مىلىتارسىتلىرى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ( شىنجاڭدا) ياشاۋاتقان «تارانچى» ۋە «ئالتىشەھەرلىك»لەرنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى ئورتاق مىللىي ئىدىيە، ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئورتاق سىياسىي كىملىك بايرىقى ئاستىغا تەشكىللەش ئىدى.
بۇ، دەل لېنىننىڭ شەرق ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمپېرىيالىستلارغا قارشى دۇنيا ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت شوئارىغا ماس كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن تۈركىستان ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈركىستان كومىسسىيىسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزگەن ئىدى. ئەنە شۇ پروگراممىلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 1921-يىلى، 6-ئايدا تاشكەنت قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتى.
بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە «ئۇيغۇرىستان» ئاتالغۇسى كۆپلەپ تەرغىپ قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر شائىرلىرى، تارىخچىلىرى، سىياسىيونلىرى بۇ ئاتالغۇ ۋە مەزكۇر تېمىغا كۆپ مۇراجىئەت قىلدى. بولۇپمۇ، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى، شېئىرلىرى ۋە سىياسىي ماقالىلىرىدا «ئۇيغۇرىستان» ئاتالغۇسى ۋە ئىدىيىسى كەڭ قوللىنىلدى. مەسىلەن، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىنىڭ 1921-يىلى يېزىلغان «ئېچىلماس كۆڭلۈم» ۋە «ياش يۈرىكىم» ناملىق شېئىرلىرى[28] ھەم نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «نۇزۇگۇم» پوۋېستىدا «ئۇيغۇر مىللىي كىملىك روھى ۋە «ئۇيغۇرىستان» ئىدىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۆزىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا بېغىشلاپ يېزىپ، «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىدا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدىمۇ، قەشقەرىيە- جۇڭغارىيە خەلقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئازادلىق كۈرىشىگە چاقىرىپ، ئەمدىكى ئازادلىق نۆۋىتىنىڭ قەشقەرىيىگە كەلگەنلىكى كۆرسەتكەن ئىدى.
گەرچە، سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى كېيىن بۇ پىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئايرىم مىللىي كىملىكىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇلارغا ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلارنى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، ئوخشاشلا ئايرىم ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى ئىدىيىسىنى راۋاجلاندۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە كۆپلەپ ئوقۇشى، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىشى ھەتتا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ 1923-يىلىغا كەلگەندە «ئۇيغۇر بىلىگ ھەيئىتى» نامىدا ئىلمىي ، ئاقارتىش جەمئىيىتى تەسىس قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرىسى بىلەن 1924-يىلى« بىرىنچى چامدام» نامىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئالماناخنى نەشىر قىلدۇردى. بۇ توپلامغا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تارىخچىلىرى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم خەلق ئىجادىيەتلىرى كىرگۈزۈلدى.

خۇلاسە ئورنىدا

ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 1924-يىلىدىن كېيىن يەتتسۇ رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنى داۋا قىلغۇچىلارغا ئايلانغان ئىدى. 1919-يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر جەمئىيىتى » 1921-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى»نىڭ تەسىس قىلىنىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى تاشكەنت قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ رەسمىي بېكىتلىشىدە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى. گەرچە ئۇلار، 1922-1924-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا خۇددى ئۆزبېكىستان كەبى سوتسىيالىستىك ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ئىدىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش غايىسىدىن يانمىدى.
ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەنە شۇ دەۋردىكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىز بولۇشى پەقەت بىرلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىسمىتى بولماستىن ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسمىتى ئىدى. چۈنكى، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۆزىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارەزىم سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئالاش ئوردا ۋە باشقا مىللىي ھاكىمىيەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۆز پىلانىغا ئۇيغۇن ئايرىم سوتسىالىستىك مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇردى. ياش بۇخارالىقلار، ياش خىۋەلىكلەر، ئالاش ئوردا قاتارلىق مىللىي ۋە تۈركچىلىك ئىدىيىلىرىگە ئىگە تەشكىلاتلار ۋە پارتىيىلەرنى تازىلاپ، كەڭ كۆلەملىك پانتۈركىزمغا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى. سوۋېت ھۆكۈمىتى غەرب ۋە ياپونىيە كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى شىمالىي مىلىتارستلار ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈش يولىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئارزۇلىرى ۋە ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىلىرىنى قىلچە نەزەرگە ئالمىدى.
خۇلاسىلىغىنىمىزدا 1919-يىلى، 2-ئايدا قۇرۇلغان 9 كىشىلىك «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي تەشكىلاتچىلىقى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى. ئەنە شۇ 9 ئادەمنىڭ ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تىكلەش ۋە ئۇيغۇر مىللىي روھىنى راۋاجلاندۇرۇش غايىسى ئاخىرقى ھېسابتا تولۇق ئەمەلگە ئاشتى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] . Radlov.V.  K Voprosu Ob Ujgurakh ( Uyghurlar mesilisige dair)- Sankitpétérburg. 1883-yili, 19-20-betler. ( Rusche)

[2] . Abduréhim Tursun.  Filosofskie Mysli Uygorov Rannego Srednevekovie (    Deslepki Ottura esir Uyghurlirining pelsepiwi pikirliri ). Bishkek, Ilim Neshiriyati, 2002-yili, 5-bet .( Rusche)

[3] . A.N. Bérnshtam. Uyghurlarning Qedimki  we ottura Esir Tarixining qissiliri, 195q-yili,Almuta.   << Qazaq Eli >> Neshiriyati. 267-268–bet ( Uyghurche )

[4] . Narinbayév A.I .  Qedimki we Ottura Esir Uyghurlirining  Ijtimaiy Tepekkür Tarixidin.  Bishkek. 1994-yili, 65-66-betler, ( Rusche)

[5] . Uyghurlarning Qedimki we Ottura Esir étnik tarixi mesililiri heqqide Rus alimliridin V. Radlov,     D. Tixonov,  L. Gumilév, A. Bérnshtam, A. Malyavkin we bashqilarning, Türk alimliridin Zeki Welidi Toghan, Bahayidin Ogel we Ozken Izgi,  hazriqi zaman Gherb alimliridin   Makkéras, Miliward,  Xenzu alimliridin  Wang Riwéi. Féng Jiashéng, Chén Suluo,  Liu Zhixiao, Lin Gen, Gu Bao, Wéi Liangtao we bashqilarning  bir qisim eserlirige hem Yapon alimliridin Abé Takéo we bashqilarning emgeklirige  qaralsun. Elwette, Uyghur tarixchiliridin  M. Bughra, T. Almas .D. Isiyév. I. Mutiiy we bashqilarning eserlirige qaralsun.

[6] .  G.Gözhaxmet  Sadvakasov.      K  Voprosu  Ujgursko-Uzbekiskoj  Yazykovoj  Interferensii ( Uyghur-özbék til arilishishi mesilisi heqqide)  .    Izbrannyie    Trudy  Gözhxmeta  Sadvakosova (  Ghojaxmet Sadwaqasof Eserliridin Tallanmilar).    S.  180.    .Almaty.  Alem.  2000.

[7] . Vannikov    Ya.R.    Soveremennie  Rasselenie  Narodov    I  etnograficheskix    Grup  V  Ferganskoj  Doline (  Perghane Wadisidiki Xelqler we Etnografiyilik  Guruppilarning  Hazirqi Zamandiki Tarqilishi .    Sredne  Aziatskij  Etnograficheskij    Sbornik.    2-Tom.  Moskva.  1959.  S.468

[8] . Ghojaxmet Sadwaqasof Eserliridin Tallanmilar.  Shu kitab. 180-bet

[9] .  S.M.Abramzon.  Kirgizy  I  ikh    Etnogeneticheskie  I  istoriko-Kulturnie  Svyazi ( Qirghizilar we Ularning  Tarixiy-Medeniyet Baghlinishliri ) .  Izdatelstvo  “  Nauka”.  Léningradskoe  Otdelenie. Léningrad.  1971.  S.42

[10].  S. M. Abramzon.  shu  eser.43-bet

[11] . K stoletiyu Pereselnia Ujgurov Iz Semirechya v Turmenistan. 1890-1990gg. ( Uyghurlarning  Yettisudin Türkmenistan’gha Köchüp Kelgenlikining 100 Yilliqi. 1890-1990-yillar) . http://hamrajan.narod.ru/Bayram-Ali.html.

[12] . Baranowa Yu. G.  K Voprosu o Pereselenii Musulmanskogo Naseleniya iz iliyskogo Kraya w Semireche w 1881 -1883 gg.(    musulman ahalisining  1881-1883-yilliri  ili Wilayitidin Yettisugha köchüshi  Mesilisi Heqqide  ).Trudy  séktora wostokowédéniya, t. I – Alma –Ata, – 1959.- s.49-50

[13] . Baranowa Yu. G.  shu eser 49-50-betler

[14] . Ruziyev.Meshur.  Vorzozhdennyj Ujgurskiy Narod ( Qayta Tughulgan Uyghur Xelqi). Alma-Ata. Qazaqistan neshiriyati. 1976. s.74-75

[15] .   P.P.  Rumiyansév.    Uezdy  Zhetisu ( Yettisu Nahiyiliri. Taranchi).    2000.  Almaty,   Zhalp  Baspasi .  S.223-261.

[16] . Uyghurs-A Disappeared Diaspora in Fergana  Valley.  Uluslararsi Türkiyat Arastimalari Sempyozumu Bildirleri. Anakara. 2013. 451-458-betler.   Maqalining Uyghurche toluq  nusxisi <<Misranim>> qatarliq tor betlerde élan qilindi. Mezkur maqalide barliq sanliq melumatlar tepsiliy körsitilgen.

[17] . Bu mesilide Molla Musa Sayramining << tarixiy Hemidi>> we << tarixiy Emniye>> Namliq eserlirige we Molla Shakirning << Zepername>> namliq esirige qaralsun.

[18] . M.Olimov. V.V.Bartold  o Natsionalnom Razmezhevanii v Srednei Azii ( V.V.Bartold Ottura Asiyadiki Milletlerge Arish Mesilisi Heqqide). www.ca-c.org. Kawkaziye we Ottura Asiya ilmiy zhurnili.

[19] . Institute of Muslim Minority Affairs (1991). Journal of the Institute of Muslim Minority Affairs, Volumes 12-13. King Abdulaziz University. p. 108.

[20] Sawut Mollawutov. << 70  yil  muqeddem  >>.  Uyghur  Edebiyat  Dwanliri.  2002.Almuta.  187-bet.

[21] Sawut Mollawutov.  <<  70  yil  muqeddem  >>.  Shu eser.  187-bet.

[22] Sawut Mollawutov. Shu eser.   2002.Almuta.  187-188-betler.

[23] Ahat Andican. Turkestan Struggle Abroad. From Jadidism to Independence.  Sota Publications.2007. p.46-49.

[24] Abduméjit  Rözibaqiyéf.  Tengriqul  qutluq.  Perwaz  mejmuesi.  1994.  Almuta.11-bet

[25] Sawut  Mollawutof.  Shu  eser.  188-bet.

[26] Sawut  Mollawutof.  Shu  eser.  188-bet.

[27] Abdulla  Rözibaqiyéf.  Besh  yilliq  hésab.<<  birinchi  chamdam>>,  1924-yili,  Moskwa.  120-138-betler

[28] Uyghur Sowét Edebiyatining Tarixi. Qazaqistan  “Nauka “ Neshiriyati. Almaty.  1986. 10-bet

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top