ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلار ھىسىياتچان مىللەتمۇ؟

ئۇيغۇرلار ھىسىياتچان مىللەتمۇ؟

دولان ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىگە تەربىيەلىنىشكە بېرىپ كەلگەن بىرى بىلەن سورۇندا بولۇپ قالدىم. قىلغان ئەمىلىنىڭ تايىنى يوق ئۆزىنى ئەمەلدار سانايدىغان ئۇ زاتنىڭ مەست كىرىپ كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇشلىرىغا ئاران چىداپ ئولتۇرسام، مېنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇيدىغىنىمنى ئاڭلاپلا «بېيجىڭدا سەن ئوقۇۋاتقان مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىنى ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى دەيدۇ، ھە!» دەپ كالچارىدى. مەن بېيجىڭلىقلارنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئاغزىدا دېمىسىمۇ تاكسىغا، ياتاققا ئالماسلىقلىرىدىن، كوچىلاردا ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ نېرى قېچىشلىرىدىن شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى دائىم ھىس قىلىپ تۇراتتىم. ئەمدى كېلىپ مۇنۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلۇپ قالغان مەخلۇقنىڭمۇ ئاغزىدىن شۇ گەپنىڭ چىقىشى نېرۋامنى ئۆرلەتتى. كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ «شۇنداق دەيدۇ، سەندەك قەشقەردىن ئوۋلانغانلارنى بېيجىڭغا تاللىغانلار، بەلكىم بىزنىمۇ ساڭا ئوخشتىپ قالغان ئوخشايدۇ» دېدىم، دە ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سورۇندىن چىقىپ كەتتىم. ئۇنىڭ خەق چەنتو دېسە ئۆزىنى چەنتۇ دەيدىغان، ئىككى مېتىر كەلگىدەك بوينىڭ يېرىمىغا كەلمەيدىغان ئەقلى مېنى خېلىغىچە بىئارام قىلغانىدى.

ئۈرۈمچىدىكى چاغلىرىمدا ئىش بىجىرگىلى ئۇ يەر بۇ يەرگە بارسام ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ خەنسۇچە «گۈلى، گۈلى» دەپ چاقىرىلغانلىقىنى ئاڭلايتتىم. ئاتايىن قېشىغا بېرىپ «سىزنىڭ ئىسمىڭىز گۈلىمۇ، نېمىنىڭ گۈلىسىز؟ ئۇيغۇرچە گۈلى دېگەن بىر نەرسىنىڭ گۈلى دېگەن گەپ» دەپ چاخچاق ئارىلاش سوراپ قوياتتىم. بەزىلىرى پەرۋا قىلشىمايتتى، بەزىلىرى «مۇشۇ خەقنىڭ ئاغزى كەلمەي شۇنداق دەيدۇ، شۇڭا مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم، تېخى بەزىدە ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىممۇ شۇنداق چاقىرىدۇ» دەپ قويۇشىدۇ بىپەرۋالا. ماڭا دىققەت قىلىپ گەپلىرىمنى ئازراق ئويلىنىپ قالغانلارغا «خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئەركىنجان تۇراخۇن دېيىشكە ئاغزى كېلەمدۇ، ئابلەت ئابدۇرەشىد دېيىشكە ئاغزى كېلەمدۇ؟ ئەجەپ شۇنچە ئۇزۇن ئىسىملارغا ئاغزى كېلىپ سىزنىڭكىگە كەلمەيدىكىنە؟ دېمىسە دېگۈزۈڭ، ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ئىسمىدىن باشلىنىدۇ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ تولۇق ۋە توغرا ئاتىمىغان ئادەمنىڭ نەزىرىدە سىز يوق، ئەگەر ئىسمىڭىزغا ئاغزى كەلمىسە، ئىنسانلىقىڭىز ئېسىگە مەڭگۈ كەلمەيدۇ!» دەپ قوياتتىم.

قاچاندىن باشلاندى ئېسىمدە يوق ئۇيغۇرلارنى ھىسسىياتچان مىللەت، شىئېرىي مىللەت دەيدىغانلار ئاۋۇپ قالدى. زادى شۇنداق دېيىشنىڭ نېمە ئاساسى بارلىقىنى بىلەي دەپ ئېنگىلىزچە مەنبەلەرگە قاراپ باقتىم. تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا قوللىنىلغان ”شائىرلار دۆلىتى، شائىرلار مىللىتى» دېگەن ئوخشتىش ئىبارىلىرىدىن باشقا بىرەر ئىلمىي ماقالىدىن «شىئېرىي مىللەت» دېگەن ئاتالغۇنى تاپالمىدىم. خەنسۇچە مەنبەلەرنى ئارىلاپ قارىسام باركەن. خەنسۇ زىيالىلار ئۆز مەدەنىيىتىنى شىئېرىي مەدەنىيەت دەپ ئاتىشىپتۇ. خەنسۇ ئەدەبىياتى شىئېرلارغا باي، خەنسۇ تىلى شىئېرىي ئىمكانلارغا قادىر تىل دېيىلىپتۇ. يەنىمۇ تەپسىلى قارىسام ئۇيغۇرلارنى شىئېرىي مىللەت دېگەنلەر خەنسۇ زىيالىلىرى ئىكەن. خەنسۇ زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى شىئېرىي مىللەت دېگەن ئىبارىسى جۈملىدە «ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ئەقلىي ئەمەس، ئاسانلا ئۇيغۇن بولمىغان يەكۈن چىقىرىدۇ، ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ…» دېگەن سۆزلەر بىللە كەپتۇ. گەپنىڭ ئورامىنى ھىس قىلغان ئادەم كەمسىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئۆزىنى ئىللەتلىك ساناپ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى ھەق دەپ بىلىدىغان ئادەمگە بۇ ئەقلى خۇلاسىدەك تۇتىيا بىلىنىپ كېتىدۇ. توردىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە ۋاڭ مىڭنىڭ «ئۇيغۇرلار شىئېرىي مىللەت!» دېگەن ھۆكۈمى ئەڭ بۇرۇن تىزىلىپتۇ. ئازراقلا تەپەككۇرلۇق كىشىلەر گەپنىڭ قەيەردىن قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. سېنى بىرسى ھىسسىياتچان مىللەت دەۋاتقاندا ئۆزىنىڭ ئەقلىي مىللەتلىكىنى ساڭا ئىتىراپ قىلغۇزىۋاتقان بولىدۇ.

مىللەتلەرنى ھىسسىيات مىللىتى، ئەقىل مىللىتى دەپ ئايرىش ئىلمىي ئەمەس. ھەم ئىلىمدە ئۇنداق ئايرىلغانمۇ ئەمەس. دۇنيادا ھىسسىيات ئىپادىلەشكە مايىل ۋە ماھىر پىسخىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنسان بار، لېكىن بىر مىللەت بويىچە ھەممە كىشى پۈتۈنلەي ھىسىياتچان بولمايدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسەم ھىسسىياتچان كىشىلەر كۆپ مىللەت ھىسسىياتچان مىللەت بولمامدۇ دېيىلىش مۇمكىن، لوگىكا جەھەتتىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىلغاننىڭ ھەممىسى ئىلمىي بولمايدۇ. ئىلمىي بولۇش ئۈچۈن تەجرىبە، تەتقىقات ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. مىللەتلەرنى يەرلىك مىللەت ۋە سىياسى مىللەت دەپ ئايرىش مەۋجۇد. بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگەن چېغىمىزدا يەرلىك مىللەت دېگەن بولىمىز. ئەگەر جوڭخۇا مىللىتىمەن دېيىسە سىياسى مىللەت تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولىدۇ. مەن مەرھۇم ئۇستاز ئا. مۇھەممەدئىمىننىڭ  مىللەتنى ئۈچكە ئايرىپ ئۇيغۇرنى ئەڭ تۆۋەنگە تىزغىنىنى ئىلمىي ئەمەس دەپ بىر يازما يازغان.

 دېمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا بىر مەزگىل مودا بولغان «ئۇيغۇرلار شىئېرىي مىللەت» دېيىلگىنى ھىسسيات مىللىتى دېگەن مەنىدە كەلگەن. بىر مىللەتنى ھىسسىي مىللەت دېيىلگىنى ئىلمىي ئەمەس. ئۇيغۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ شىئېرى مىللەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنى بەلكى خەق چەنتۇ دېسە ئۆزىنى چەنتۇ، خەق گۈلى دېسە ئۆزىنى گۈلى دېگەندەكلا بىر گەپ. شىئېرىي مىللەت دەپ مىللەت بولمايدۇ. ئەگەر ھىسسىي تەپەككۇرغا مايىل كىشىلەر ئارىمىزدا كۆپرەك بولسا، شۇنداق دەيلىمىكىن دەپ قارايدىغان بولساق شىئېرىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر كىتاب بازىرىدا كۆپىنچە بازىرى كاسات. ھازىر ئۇيغۇر كىتاب بازىرىدا ھىسسىيات ئاساس قىلىنغان شىئېرى ئەسەرلەر ئەمەس، ئەقلى تەپەككۇر ئاساس قىلىنىدىغان تەربىيە، تارىخ، دىن ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە دائىر كىتابلارنىڭ بازىرى ياخشى. يازمامدا كەلتۈرگەن مىساللار ۋە بايانلارنى قايتىلاپ خۇلاسىلىمىسەممۇ ئۇيغۇرنىڭ كىتاب ئىستىمالىدىكى تاللاشلىرىدىنلا ئۇيغۇرلار ئىچىدە قايسى خىل تەپەككۇرغا مايىللىقنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش