ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ سەھرالىقلارنىڭ پەرقى

ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ سەھرالىقلارنىڭ پەرقى

Bazarﮔﯜﻟﺒﺎﻫﺎﺭ ﻣﯘﺳﺎ

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ، ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﯞﺍ ﻣﯩﯟﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﺎﯓ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﯧﺰﺍ – ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .

(1) ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ . ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻠﻠﻪﺭ ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻙ ، ﻧﺎﺯﯗ – ﻧﯧﻤﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻏﺎ ﻫﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﻱ – ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ، ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﺴﺘﺎﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ – ﻗﻮﭘﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻫﺮﺍﻟﯩﻘﻼﺭﭼﯘ ؟ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺥ ، ﺋﻮﺕ – ﭼﯚﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﺋﯧﺘﯩﺰ – ﺋﯧﺮﯨﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺥ ﯞﻩ ﺑﺎﻏﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﻜﺎﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻱ ، ﺋﺎﺕ ، ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﻱ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﯘ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﻱ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﻮﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ – ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﻮﻟﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ﺧﺎﺭﯗ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ، ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ .

(2) ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻘﻼﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ، ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ – ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﺑﯩﺨﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﻪﺳﺮﻩﻙ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﯩﺸﭽﻰ – ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯜﻧﯩﻤﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻢ ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻳﻮﻕ ، ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﭙﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ، ﺧﺎﺭﯗ – ﺯﺍﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺷﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻫﺎﻟﻪﺕ ﺋﯚﺯ – ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ .
ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻮﯕﺎﻱ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻫﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻪﻝ – ﻳﯩﻤﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻻﻝ ﻣﯧﻬﻨﯩﺘﻰ ، ﻗﺎﻥ – ﺗﻪﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ، ﻗﻮﻧﺎﻕ ، ﭘﺎﺧﺘﺎ … ﻗﻮﻱ ، ﺋﺎﺕ ، ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﺎﺩﺩﺍ ، ﻛﯚﯕﻠﻰ – ﻛﯚﻛﺴﻰ ﻛﻪﯓ ، ﻳﺎﯞﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺗﺴﯩﻤﯘ ، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

(3) ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﻮﯨﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﻩ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻎ – ﻣﯩﻎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ ، ﺟﺎﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﺎﺗﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻫﯧﻴﻠﯩﮕﻪﺭ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﯦﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯧﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻏﺮﻯ – ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﯕﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻛﻪﯕﺮﻩﻙ ، ﻳﻪﻧﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪﻩ ﻗﯩﻎ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻴﺪﯗ .ﻳﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﺯ ﯞﻩ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ – ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .

(4) ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ .
ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﯘﺳﺴﯩﺴﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ .
ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯗ . ﺩﻩﯞﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ – ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻛﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ – ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻤﻪﻙ – ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﯖﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﯘﺳﺴﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ .
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ !
ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪ (ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ) ، ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ (ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﻰ) ، ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﺵ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ (ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ) ….. ﺋﻪﺩﻩﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻗﻮﺭﭼﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﻜﻪﻥ ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﺎﻝ ﺋﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯜﺯﻩﻝ ، ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻪﯕﻠﯩﻚ ، ﻛﻪﯓ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﯘﺳﺴﯩﺴﯩﻴﻪﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ . ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ ﺳﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯚﻱ ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺧﯘﺳﺴﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ، ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ …

ﻣﻪﻧﺒﻪ: «ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ» ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2004 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5 – ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1163

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش