ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن

كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن

depression-20195_1280

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

كۈلپەتتە ئۆزۈمنىڭ بىر كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن ئىكەنلىكىمنى بىلگەنتىم. غەرپتە ئوقۇغانلىقىم، شىركەت قۇرغانلىقىم ۋە ئىجتىمائى ھەرىكەتكە ئۆتكىنىم توقۇپ تەييار قىلىنغان بىر ھىكايىنىڭ، تىكىپ ھازىرلانغان بىر قالپاقنىڭ پىرسۇناجى بولۇشۇمغا يېتەتتى. مىسىردىكى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە يېزىپ ئۇزاق ئۆتمەي غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەرىگە تايانغان، پىلانلىق، تەشكىللىك رەۋىشتىكى ئەكسىل ئىنقىلابى ھەرىكەتنىڭ قوزغىغۇچىسى دېگەن بۇ كونا ھىكايىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى  جوڭگۇ ئىستىخباراتى مەخسۇس ئەۋەتكەن…دېگەن چۆچەكنىڭ پىرسۇناجىغا ئايلاندىم. بۇ ھىكايىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋارىيانتىمۇ مەن كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئورتىغا چىقىپتۇ. يۇقارقىدەك مەن ياشىغان، ساياھەت قىلغان ۋە تۇرۇۋاتقان ئەللەردە ئوخشاش ھىكايىنىڭ توقۇلۇپ تۇرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۈچ ئەلدە تەشۋىقات خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك، ئىزچىل قىلىۋاتقان دۈشمەنلىك خەۋىپى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئاجىزلىتىشقا، بۆلۈشكە ۋە بويسۇندۇرۇشتا ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى خۇتبە ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەقىللەرگە سىڭدۈگەن. شۇڭا بۇ ئەللەردىكى ھاكىمىيەت، جامائەت ۋە بەزى كىشىلەر مىڭىسىدىكى تەييار ھىكايىگە توختىماي پىرسۇناج ئىزدىشەتتى.

يۇقارقى ئەللەرگە ئوخشاش تۈركىيەدىمۇ غەرپ كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن. غەرپ دىندارلار ئۈچۈن دىن دۈشمىنى، كومۇنىستلار ئۈچۈن جاھانگىرلىك، مىللىيەتچىلەر ئۈچۈن مۇستەملىكىچى، سوتسىيالىستلار ئۈچۈن كاپىتالىزىمنىڭ بوۋىسىدۇر. تۈركىيەدە بەكرەك دىندار كىشىلەر غەرپنى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىلار گورۇھى سۈپىتىدە چۈشىنىپ تەھدىت ھىس قىلسا، كومۇنىستلار ئەزگۈچى ئىمپىرىيالىست ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ خەۋپسىرەيتتى، مىللەتچىلەر بولسا ئۇلارنىڭ تارىختا تۈركىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن گۇمانسىرايتتى. شۇڭا تۈركىيەدە بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا ئاۋامدىن رەھبەرلەرگىچە ساقچىلارنىڭ رازۋېتكىسىنى، تەپتىشلەرنىڭ تەھقىقلىشىنى ۋە سوتنىڭ كېسىمىنى كۈتمەيلا بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئۆزى دۈشمەن دەپ بىلىدىغان غەرپ بىلەن ئالاقىدار بىرەرىنى ھېلىقى تاييار ھىكايىگە سېلىپلا جاھانغا جاكارلاش، ئاۋامنى غەرپ رىژىسورلۇق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈش بىر تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان نەپرەتلىك ھەربي ئۆزگىرىشتىمۇ بۇ ئادەتكە ئەمەل قىلىندى.

تۈركىيەدىكى بەزى جامائەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە (ئادالەت ۋە قالقىنما پارتىيەسى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى) دىن ئىستىگەنلىرىگە ئېرىشەلمىگەن ھامان ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىغا خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى دەسستىۋالغان دېموكراتچىلار دەپ تەبلىغ قىلىشقا باشلايدىكەن. ھەتتا بىر جامائەت «قۇرئان» دا «جۇمھۇرىيەت» دېگەن سۆز يوق، شۇڭا دىندا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنى يوق دېيىشىپتۇ. ئۆلىما دوستلىرىمدىن ئۆگىنىشىمچە قۇرئاندا «مۇستەملىكە» دېگەن سۆزمۇ يوقكەن. ئەگەر بىر سۆزنىڭ بولماسلىقى شۇ ھادىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە ئىدى، «قۇرئان» دا مۇستەملىكە دېگەن سۆز بولمىغاندىكىن مۇستەملىكىچىلىك مەۋجۇد بولمىسا بولاتتى. شۇنىڭغا قاراپ «قۇرئان» ئىنسانلارنى مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرمىغان، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىن توسقان دېيەلەمدۇق؟ جامائەتلەرنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر دۈشمەن ئىزدەش. دىنىغا ئىشتىياق باغلىغان بىر مۇسۇلمانغا جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى دۈشمەن كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى «قۇرئان» نى ۋاستە قىلىش.

دۈشمەن ئىزدەش، دۆڭگەش، مۇبالىغەلەشتۈرۈش مۇستەبىتلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە ئەللەردە ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە ئىكەن. ئەرەبىستاندا بۇلتۇر يۈز بەرگەن دەسسىلىش پاجىئەسىنىمۇ «بۇ ئىرانلىق شىئەلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك قىلغان دۈشمەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دەيدىغانلارنى كۆردۈم ۋە شۇنداق سۆزلەنمىلەرنى ئاڭلىدىم. مەككىدىكى ساقچىلارنىڭ قوپاللىقى ھەققىدە گەپ بولغان بىر سورۇندا بىر دوستۇم «ئۇنداق ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىئە» دېگەنتى ئويلىنىپ قالدىم. مەدىنە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئىنىمىزمۇ ماڭا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ شىئەلەردىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە سائەت تەبلىغ قىلغان ئىدى. ئوتتۇرا شەرقتە زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان ئەرەبىستانغا رىقابەتچى دۆلەت ئىران بولغاچقا مۇستەبىتلەر خەلقىنىڭ دىنى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى دىنىي ئۆچمەنلىككە بۇرىۋەتكەن ئىدى. تۈركىيەدە بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ھەربى ئۆزگىرىشكە ئامېرىكىنىڭ قۇماندانلىق قىلغانلىقى پەرەز قىلىندى، مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك بىر ئەرەب ئاپتۇر ماقالە يېزىپ بۇ پەرەزگە جان كىرگۈزدى. ئۇيغۇرچىغىمۇ دەرھال تەرجىمە قىلىنىپ ماقالىگە قانات چىقىرىلدى.

خۇددى جوڭگۇدا غەرپنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىلگەندەك تۈركىيەدىمۇ ئوخشاش ئەندىشە مەۋجۇد. ھەر ئىككىلا يەردە ئامېرىكىغا باغلاپ دۈشمەنگە چىقىرىش مودىغا ئايلانغان. ئەكسىچە ئامېرىكىدا مەيلى تۈركىيە ۋە ياكى جوڭگۇغا قارىتىلىغان دۈشمەنلىك كەيپىياتى يوق. تۈركىيەدىكى دۈشمەنلىك كەيپىياتى دىنغا باغلىنىپ كەتكەچكە بەكرەك ئالقىشلىق. مائارىپ ئومۇملاشمىغان، دېموكراتىيە تولۇق يەرلەشمىگەن، بىر ئەلدە كىشىلەرنىڭ كاللىسى خوجىلار، پارتىيەلەر ۋە ھەرخىل كۈچلەر توقۇغان ھىكايە، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىنىپ جەمئىيەتتە دىندارلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت سۆيگۈسىگە ئوخشاش قەدرىيەتلەر پۈچەكلىشىپ ۋاستىگە ئايلىنىپ كېتىدىكەن. تۈركىيەدىكى بىر جامائەتنىڭ كىتابىدا «قۇرئان» دىكى كەۋسەر سۈرىسى ئەبجەد ھىسابى بويىچە يېشىلىپ مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنىگە، ھەتتا پەرزەنتسىز كۆز يۇمغانلىقىغا ئىشارە قىلىنغانلىقى بۇنداق دۈشمەنلىكنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك تەرىپى. بىر مۇسۇلمان دۆلەتتە «قۇرئان» نى ۋاستە قىلىپ پەيدا قىلىنغان دۈشمەن كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن ئەلۋەتتە.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 133

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش