You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » يىقىلماس قىيسىق مۇنار – پىسا قىيسىق مۇنارى

يىقىلماس قىيسىق مۇنار – پىسا قىيسىق مۇنارى

1590-يىلى پىسا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىتالىيە فىزىكا ئالىمى گالىلىي پىسا قىيسىق مۇنارى ئۈستىدىن ئېغىرلىقى ئوخشىمايدىغان ئىككى شار جىسىمنى ئوخشاش ئېگىزلىكتىن تەڭلا تاشلىدى، نەتىجىدە ئىككى شار يەرگە تەڭلا چۈشتى. بۇ تەجرىبە ئارقىلىق گالىلىي داڭلىق گىرك ئالىمى ئارستوتىلنىڭ ئېغىر جىسىم يەرگە بالدۇر چۈشىدۇ، جىسىمنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، دىگەن كۆزقارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
بۇ داڭلىق تەجرىبە بىر ۋاقىتتا يەنە پىسا قىيسىق مۇنارىنى دۇنياغا تونۇتتى. پىسا مۇنارىنىڭ تارىختىن بۇيان داڭلىق نامىنى ساقلاپ كېلىشىدە ئاساسلىقى يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزگىچە يىقىلماس قىيسىق قۇرۇلمىسى.
200يىلغا سوزۇلغان قۇرۇلۇش
پىسا قىيسىق مۇنارى ئىتالىينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پىسا شەھىرى چىركاۋ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى رىم قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئۇسلۇپتىكى قوڭغۇراق مۇنارى. ئۇنىڭ ياسىلىشى پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى لاھىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىرى 200يىل ۋاقىت كەتكەن، لېكىن ئۇنىڭ لاھىيلىگۈچىسىنىڭ كىملىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

pisa2_3251975a-large

پىسا چوڭ چىركاۋىنىڭ قوڭغۇراق مۇنارى بولغان بۇ مۇنار 1173-يىلى8-ئاينىڭ9-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىغان،ئەسلىدىكى لاھىيە تىك لاھىيلەنگەن بولۇپ، سەككىز قەۋەت،54.8مېتىر قىلىپ لاھىيلەنگەن. ئۆزگىچە ئاق رەڭلىق پارقىراق ماتىرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىدى، كېيىنچە قىيسىيىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ياۋرۇپادىكى داڭلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىناتتى. 1185-يىلى مۇنار تۆتىنچى قەۋىتى پۈتكەن چاغدا قۇرۇلۇشچىلار مۇنارنىڭ شەرقىي جەنۇپقا قىيسىيىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش توختاپ قالغان.1198-يىلى مۇنار ئىچىگە قوڭغۇراق ئېسىلغان، بۇنىڭ بىلەن مۇنار قىيسىيىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش قىلىش مەقسىدىگە يەتكەن.
1231-يىلى قۇرۇلۇش داۋاملاشقان، قۇرۇلۇشچىلار ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ يانتۇلىقىنى تۈزەتمەكچى بولغان، ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىنى قارشى يۆلىنىشتە قىيسايتىپ مونار ئېغىلىق مەركىزىدىن ئېغىشىنى تۈزەتمەكچى بولغان.1278-يىلى يەتتىنچى قەۋىتى پۈتكەندە بولسا مۇنار تۈز بولماستىن ئەگرى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش يەنە بىر قېتىم توختاپ قالغان.
1360-يىلى قۇرۇلۇش توختىتىلىپ بىر ئەسىر بولاي دىگەندە مۇنار ئاخىرقى قېتىملىق تۈزىتىلىشكە باشلىغان.1372-يىلى مۇنارنىڭ ئاخىرقى قەۋىتى پۈتكەن.54مېتىر سەككىز قەۋەتلىك مۇناردا جەمئىي يەتتە قوڭغۇراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما مۇنارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆرۇلۈپ كېتىش خەۋىپى بولغاچقا بىرەر قېتىممۇ قوڭغۇراق چېلىنىپ باقمىغان.
مۇنارنىڭ قىيسىيىپ كېتىش سەۋەبى
ئىلگىرى كىشىلەر پىسا قىيسىق مۇنارىنى ئىتالىيە قۇرۇلۇش لاھىيلىگۈچىلىرى ئەسلى قىيسىق لاھىيلىگەن، بۇنىڭ بىلەن كىيىنكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تالانتىغا ھەيران قالدۇرماقچى بولغان، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەس ئىدى. پىسا مۇنارىنىڭ ئاستىدىكى تۇپراق قاتلىمىنى تەكشۇرۇش نەتىجسى بۇنىڭ جاۋابىنى بېرەلەيدۇ. بۇ مۇنارنىڭ ئاستىدىكى يەر قاتلىمى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەرخىل يۇمشاق دانچىسىمان چۆكمە ۋە يۇمشاق يېپىشقاق تۇپراقنىڭ ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت. يەنە كېلىپ بۇ تۈزۈلۈشنىڭ بىر مېتىر ئاستىدىلا يەر ئاستى سۇ قاتلىمى بار، مانابۇ دەل مۇنارنىڭ قىيسىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ.
ئەڭ يېڭى قىدىرىپ تەكشۇرۇشتىن قارىغاندا پىسا قىيسىق مۇنارى ئىپتىدائىي دېڭىز ساھىلىغا سېلىنغان، ئەمما قۇرۇلۇش باشلانغان چاغدا بۇ دېڭىز ساھىللىرى ئاللىبۇرۇن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ دىققىتىنى تاتمىغان.
قىيسىيىپ يىقىلماس قۇرۇلۇش مۆجىزىسى
ئىتالىيە ھۆكۆمىتى 1990-يىلى ساياھەتچىلەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇنارنىڭ تېخىمۇ قىيسىيىپ كېتىشى ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشىىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنارنىڭ ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشىنى چەكلىدى، بىرۋاقىتتا مۇستەھكەملەش قۇرلىشىمۇ باشلاندى. 12يىل 25مىليون دوللارلىق رىمۇنت قىلىش ئارقىلىق مۇنار مۇلۇم دەرىجىدە تىكلەنگەن، مۇتەخەسىسلەر، پەقەت تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بومايدىغان تەبىئىي ئاپەت بولمىسىلا پىسا قىيسىق مۇنارى يەنە 300يىلغىچە يىقىلىپ چۈشمەيدۇ، دەپ قارىماقتا.

pisa
2001-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى پىسا قىيسىق مۇنارى ساياھەتچىلەرگە قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. ئەڭ كۆپ بولغاندا پىسا قىيسىق مۇنارى كۈنىگە100مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىكەن، پۈتكۈل پىسا شەھىرىنىڭ ئاھالىسىمۇ 100مىڭغا يەتمەيدىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە پىسا قىيسىق مۇنارى پىسا شەھىرىنىڭ سىمۇۋۇلىغا ئايلاندى. 1987-يىلى پىسا قىيسىق مۇنارى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

«سىرلىق دۇنيا» دىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top