You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياپونىيەدە ئوقۇش

ياپونىيەدە ئوقۇش

ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەپ 3 چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ تور بېتىمدە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ كېرەك بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
1. ئالى مەكتەپ (大学学部) (DAIGAKU GAKUBU)
ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەندىكى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
(1) ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرسى[大学学部(DAIGAKU GAKUBU)]
تولۇق كۇرسنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 4 يىل(دوختۇرلۇق كەسپى 6 يىل) بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر يىلدا ئىككى ئوقۇش مەۋسۈمى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بىرىنچى مەۋسۇم 4- ئايدىن 9- ئايغىچە بولىدۇ. ئىككىنچى مەۋسۇم 10- ئايدىن 3- ئايغىچە بولىدۇ. بىر يىلدا 3 قېتىم تەتىل بولىدۇ. تەتىل ۋاقتى مەكتەپلەرگە قاراپ بىر ئاز ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە يازلىق تەتىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولىدۇ. قىشلىق تەتىل 12- ئاينىڭ 20- كۇنلىرىدىن 1- ئاينىڭ 10- كۈنلىرىگىچە بولىدۇ. باھارلىق تەتىل 2- ئاينىڭ 20- كۈنلىرىدىن 4-ئاينىڭ 10- كۈنلىرىگىچە بولىدۇ.
(2) ئالى بىلىم يۇرتى [大学院 (دائىگاكۇ ئىن)]
ئالىي بىلىم يۇرتىدا ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق كەسپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ماگىستېرلىقنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 2 يىل، دوكتورلۇقنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۇرسانت، تەتقىقاتچى خادىم نامىدىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.
2. قىسقا مۇددەتلىك ئالى مەكتەپ [短期大学(TANKI DAIGAKU)]
قىسقا مۇددەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 2 يىل بولۇدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ تەخمىنەن 60%تى قىزلارنى ئاساس قىلغان.
3. ياپون تىلى مەكتىبى [日本語学校(NIHONGO GAKKOO)]
ياپون تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 6 ئايدىن 2 يىلغىچە بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىمۇ بار.

ئوقۇشقا كىرىش سالاھىتى
ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسى، قىسقا مۇددەتلىك ئالىي مەكتەپ ۋە ياپون تىلى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن 12 يىللىق ئوقۇش تارىخى بولۇشى كېرەك(12 يىلدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولسىمۇ بولىدۇ).
ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن 16 يىللىق ئوقۇش تارىخى بولۇش كېرەك (ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك).

تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوي خىراجىتى
توكيودا بىر ئايلىق خىراجەت تەخمىنەن 10 – 15 تۈمەن ئەنغىچە بولىدۇ. (توكيو ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئايلىق ئىجارە ھەققى قىممەت بولۇپ، تەخمىنەن 5 – 8 تۈمەن ئەنغىچە بولىدۇ).
توكيو شەھەر سىرتىدىكى ئورۇنلاردا، تۇرمۇش خىراجىتى تەخمىنەن 7 – 10 تۈمەن ئەنغىقە بولىدۇ.(بۇنىڭ ئىچىدە ئۆيلەرنىڭ ئايلىق ئىجارە ھەققى 2 – 5 تۈمەن ئەنغىقە بولىدۇ).

ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلىش ئۇكۇن كەرەك بولىدىغان رەسمىيەتلەر
ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە رەسمىيەتلەر بېجىرىلىدۇ.
1- قەدەمدە: ئوقۇشقا كىرىش رۇخسەتنامىسى 入学許可書 ھازىرلىنىدۇ.
2- قەدەمدە: تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسى 在留資格認定証明書 ھازىرلىنىدۇ.
3- قەدەمدە: پاسپورت ھازىرلىنىدۇ
4- قەدەمدە: ياپونىيەنىڭ زھوڭگۇئو دا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ھازىرلىنىدۇ.
يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە رەسمىيەتلەر بەجىرىلىپ، ۋىزا ئالغاندىن كەيىن ئاندىن ياپونىيەگە ئوتۇشكە بولىدۇ.

ئوقۇشقا كىرىش رۇھسەتنامىسى قانداق ھازىرلىنىدۇ؟
ئەگەر ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىغا ياكى ئالىي بىلىم يۇرتىغا كۇرسانت بولۇپ ئوقۇشقا كىرمەكقى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھازىرلاش كېرەك.
1) ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسنامىسى(كىرمەكچى بولغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلتىماسنامىسى بولۇشى كېرەك)
2) ئەڭ ئاخىرىدا پۈتتۈرگەن مەكتەپنىڭ نەتىجە ئىسپاتى(ئەسلى نۇسخىسى)
3) ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى(ئەسلى نۇسخىسى).
4) تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ياكى پروفېسورىنىڭ كۆرسىتىش( تۇئىجىئەن) خېتى (تونۇشتۇرغۇچىنىڭ ئۇنۋانى ياكى ۋەزىپىسى ئىزاھلىنىدۇ ھەم ئىمزا قويۇلىدۇ).
5) ئۆگەنمەكچى بولغان كەسپىڭىز( ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن نېمىنى ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىگىڭىزنى يازىسىز)
6) ئوقۇش تارىخى ۋە خىزمەت تارىخى
7) رەسىم
يۇقىرىقى ئىسپاتلار تولۇق بولسا ، ئادەتتە ئوقۇشقا كىرىش رۇخسەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.ياپونىيەنىڭ ئوقۇشقا كىرىش رۇخسەتنامىسىنىگ مۇقىم شەكلى يوق. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزلىرى تۈزىدۇ. ئوقۇشقا كىرىش رۇخسەتنامىسىنىڭ بەلگىلىك ئىناۋەتلىك مۇددىتى بار بولۇپ، مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

تۇرۇش سالاھىتىنى بەكىتىش ئىسپاتنامىسى قانداق ھازىرلىنىدۇ؟
ھازىر شىنجاڭدىن ياپونىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا كېلىۋاتقانلار ئاساسىي جەھەتتىن، ياپون تىلى مەكتىپىگە ياكى ئالىي بىلىم يۇرتىغا كۇسانت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىنىڭ ئەگەر ياپونىيەدە تۇغقىنى بولسا،شۇ تۇغقىنى تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ، دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. لېكىن ئوقۇشقا كىرمەكچى بولغان مەكتەپتىكى بىرەر ئوقۇتقۇچى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
1) تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئېئەكىتىش ئىلتىماسنامىسى(دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئېلىنىدۇ)
2) رەسىم ئىككى پارچە
3) ئوقۇشقا كىرىش رۇخسەتنامىسىنىڭ كۆپەيتمىسى(كوپىيسى) ئەسلى نۇسخىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
4) ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە ئائىت ماتېرىيال.(يېقىندىن بېرى بۇ ماتېرىيالنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولدى)
5) تۇغقانلىق مۇناسىۋەت ئىسپاتنامىسىنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن نۇسخىسى.
دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن ”تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسىنى“ نى چىقىرىپ بېرىدۇ، ئاندىن ئىلتىماس قىلغۇچى بۇ ”تۇرۇش سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسپاتنامىسىنى“ نى ئېلىپ پاسپورت بېجىرسە بولىدۇ.

مەنبە: http://www.meripet.com/Japan/JapanNotes.htm

ياپۇنيەدە ئۇقۇشنى خالايدىغانلارغا پايدىلىق بىرقانچە توربېتىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
http://www.jasso.go.jp/
ياپۇنيە خەلقارا ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى
تۈركىيەدىكى ياپۇن تىلى ئوقۇتۇش ئۇرۇنلىرى
http://www.jad.org.tr/dil_egitimi.htm
ياپۇنيەدە ئۇقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەرتۈرلۈك مەسلىھەت ۋە مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئۇچۇرلارنىڭ يىغىندىسى بۇيەردە.
http://www.studyjapan.go.jp/jp/index.html
ياپۇنيەدە ئۇقۇيدىغانلارغا قارىتا ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغىلى بۇلىدىغان بىرقانچە ئۇرۇن.
http://www.tr.emb-japan.go.jp/T_04/02_01.htm
http://www.jasso.go.jp/index_e.html
http://www.studyjapan.go.jp/en/toj/toj0302e.html

* ياپۇنيەدىكى ئالى مەكتەپلەر تىزىملىكى
http://www.biwa.ne.jp/~okumura/academe/academe.html
* ياپۇنيەدىكى ئالى مەكتەپلەرنى تۈرلەر بۇيۇنچە ئىزدەش تىزىملىكى
http://www.gakkou.net/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top