You Are Here: Home » ئومۇمى » ياشاش سەنئىتى

ياشاش سەنئىتى

HAPPINESSخۇشاللىق ئىزدەش پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن[1]. بۇ ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت. چۈنكى، بىز ھەرقانداق بىر ئىشىمىزدا بىزگە كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى مۇھىم دەپ قارايمىز. نەتىجە قازىنىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ، يېڭى كىيىم كىيىش، دوستىمىز بىلەن ئۇچرىشىش، بالىلىق بولۇش… ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلار بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بولغاچقا، بىز ياشاشتىن سوۋۇپ قالمايمىز. زېدىلەنگەن يۈرىكىمىز ۋە ئېغىر قەدەملىرىمىز بىلەن كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلايمىز ۋە خۇشال ۋە بەختلىك ياشاشقا تىرىشىمىز.

ھاياتىمىزدا قانداق نەرسىلەر بىزنى خوش قىلىدۇ؟ بىز قانداق ھالەتنى بەخت دەپ ئاتايمىز؟ گەرچە ھەممە كىشىنى خۇشاللىق ئۈچۈن تىرىشسىمۇ، ئەمما ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بېرەلمەيدۇ[2]. بەخت نېمە، دەپ سورالسا نۇرغۇن كىشىنىڭ گاڭگىراپ قالىدىغانلىقى ئېنىق . بۇ بەخت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنىڭ ئورتاق ئۇقۇمىنىڭ يوقلىقى، خۇشاللىقنىڭ شەخسىنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. ماڭا نىسبەتەن بەخت ۋە خۇشاللىق ئىجتىمائىي چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىنسان ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى ۋە شەخسىنىڭ ئالىيجانابلىق دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر خۇشاللىققا قانداق ئېرىشىمىز؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر پۇل، مال-دۇنيا ئاشسا، بەخت ۋە خۇشاللىقمۇ شۇنىڭغا ماس قەدەمدە ئارتىدۇ، دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. غەرب جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن بىلەن خۇشاللىق ئارىسىدا ماس قەدەملىك مۇناسىۋەت يوق ئىدى[3]. بۇ دېگەنلىك، كىرىم سەۋىيەسى يۇقىرى جەمئىيەتلەردىكى كىشىلەر بىلەن تۆۋەن سەۋىيەدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ خۇشاللىق تۇيغۇسىدا چوڭ پەرق يوق ئىدى.

باۋمەنگە نىسبەتەن ، بىز پۈتكۈل ھاياتلىق جەريانىمىزدا خۇشال ۋە بەختلىك ياشاش ھەققىدە بىلىم توپلايمىز ۋە بۇ بىلىمنى ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلايمىز. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ھاياتىمىزنىڭ سەنئەتچىسىگە ئايلىنىمىز.باۋمەنگە نىسبەتەن ، ياشاش سەنئەتچى ئىنسانلارغا بېرىلگەن سەنئەت ئەسىرىدۇر[4]. بۇ مەنىدە ئىنسان ھاياتى ئەسلىدە بوش بىر ساھەدۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھايات پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسىرىگە شەكىل بىرىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى سەنئەتچىسى بولىدۇ . قانداق ياشاش ئاخىرىدا سەنئەت ئەسىرىنىڭ قانداق پۈتۈپ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ. ياشاشنىڭ سەنئەت ئەسىرى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىنساندا ئىرادە ۋە تاللاش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك[5]. ئەمما، بۈگۈنكى زامان ئىنسانلىرى ئۆزىدە ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بولغاچقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسال تەلەي(زامانىۋى جەمئىيەت)[6] شۇنداق ئىمكانلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن سەنئەتچىدۇر[7]. بۇ دېگەنلىك، زامانىۋى دۇنيا ئاقما ھالەتتىكى سويۇق جىسىمغا ئوخشىغان بولغاچقا، ھەرقانداق ئىنسان بۇ ئېلاستىكىلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالالايدۇ. ئىنسان بۇ سۇيۇق دۇنيادا قانداق كىشى بولىمەن دېسە بۇلالايدۇ. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، مىللىتىنى، جىنسىنى ۋە دۆلىتىنى ئالماشتۇرالايدۇ. ئۆزىنى ھەر كۈنى يېڭىلىيالايدۇ. يېڭى قاسراق تاشلاپ يېڭى ئادەمگە ئايلىنالايدۇ. دېمەككى، زامانىۋى دۇنيا ئىنسانغا نۇرغۇنلىغان تاللاش ئەركىنلىكى سۇنغان بولىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ئىنسان خالىغىنىنى قىلىپ ئۆز ھاياتىنىڭ سەنئەتچىسىگە ئايلىنالايدۇ.

بىراق، زامانىۋى جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان چېگرالارنى بۇزۇپ تاشلىشى ئۇنچە ئاسان بولمايدۇ. ئىنسان ھاياتىدا پۈتۈنلەي ئەركىن بولالمىغاچقا، جەمئىيەتتىن كەلگەن بېسىم بىلەن ئىچكى يارىتىش ئارىسىدا ھەر دائىم زىددىيەت شەكىللىنىدۇ[8]. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىنساننىڭ جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىنى چۆرۈپ تاشلىشى ۋە ئۆزىنى يېڭىدىن يارىتىشىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئىنسان دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتە ياشىسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىمكان، تاللاش ۋە پۇرسەتلەر كۆپ بولغان، ئىنسان ئۆزىنى يارىتالىغان بولىدۇ ، ئەلۋەتتە.

بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىستېمال قىلىش خۇشاللىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ.[9] بۈگۈنكى كۈندە بىز سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن خۇشاللىقىمىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلىۋالىمىز. قانچىكى كۆپ بىر نەرسە سېتىۋالالىساق، شۇنچە خوش بولغاندەك ھېس قىلىمىز. سېتىۋالغان نەرسىلىرىمىز قانچىكى كۆپ بولغانسېرى ئۆزىمىزنى شۇنچە بەختلىك ھېس قىلىمىز. بۇ خىل ھالەت ئاياللار ئارىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. بۈگۈنكى كۈندە ئىنساننى خۇشاللىققا باشلايدىغان يوللار-ماگىزىنلار، رېستورانلار، ئۇۋىلاش سالونلىرى ۋە پۇل خەجلىگىلى بولىدىغان ھەرقانداق يەردىن ئىبارەت[10]. پۇل خەجلىگىلى بولىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا خۇشاللىق بىرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى بىز پۇل خەجلەپ ئىستېمال قىلىش ئاساسىي تۇرمۇش ئۇسۇلى بولغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز.

ئىستېمال جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ خۇشال بولۇشى ئۈچۈن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي سالاھىيىتى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايتتى. ئىنسان ئىجتىمائىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ماركىلىق بويۇملارنى ئىشلىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ مەنىدە ماركىلىق بويۇملار ئىنساننىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ[11]. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستېمال جەمئىيىتىدە ئىنساننىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتى ئۇ ئىستېمال قىلغان بويۇملار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ماس كېلىدىغان ماركىلارنى تاللايدۇ ۋە بۇ ماركىلارنىڭ بىر ئەزاسى بولىدۇ . مەسىلەن، مەلۇم ماركىدىكى تېلېفوننى ئىزچىل ئىشلىتىش، مەلۇم ماركىلىق كىيىمنىلا كىيىش. جەمئىيەتتە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان ماركىدىكى ۋە تىپتىكى ماشىنىلارنى مىنىش… دېگەندەك. بۇ مەنىدە ماركىلىق بويۇملار بىزگە ئۆزگىچىلىك ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمال دەۋرىدە ماركىلىق بويۇملار ئارقىلىق ئىجتىمائىي كىملىك سېتىۋالغان بولىمىز.

ئىستېمال جەمئىيىتىدە بۇيۇملارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، شەخسىنىڭ ھەممە نەرسىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ مەنىدە ئىستېمال دۇنياسىدا ماركىلىق بويۇم سېتىۋېلىشتىن كېلىدىغان خۇشاللىقنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. چۈنكى، زامانىۋى دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلغان بويۇملار ۋە ماركىلار ھەددى ھېسابسىز كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ياخشى كۆرگەن ماركىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ يېڭىلىنىشى تىز بولۇپ كەتتى. مەسىلەن، ئايفۇن ئاساسەن يىلدا بىر يېڭى نۇسخا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايفۇن مەستانىلىرى دائىم كونىسىنى تاشلاپ يېڭىسىغا يۈگۈرەيدۇ. قىسقىسى، بۈگۈنكى ئىستېمال دۇنياسىدا ئىنساننىڭ بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان خۇشاللىققىمۇ تۈگىمەيدىغان ۋە ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغان خۇشاللىققا ئايلانغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستېمال دۇنياسىدا بىر نەرسە سېتىۋېلىشتىن كېلىدىغان خۇشاللىقنىڭ تۈگەپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن چېغىمىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشكەن بولىمىز[12]. بولمىسا، خۇشاللىقىمىز ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئىستېمال دۇنياسىدا خۇشال بولۇشنىڭ ئۈمىدىنى يوقاتمىغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىدە خۇشال بۇلالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممە ماركىلارنى تاللاپ بولالمايمىز ۋە ھەممە بويۇمنى ئىستېمال قىلىپ بولالمايمىز. پەقەت كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ خۇشال بولىمىز، دېگەن ئۈمىد بولسىلا، بۇيۇملارنى تاللاپ بولالماسلىقتىن كەلگەن ئۈمىدسىزلىكىمىز يوقايدۇ.

باۋمەن(Zygmunt Bauman)گە نىسبەتەن ، ئىستېمال دۇنياسىدا ئەخلاقىي قاراشلىرىمىزمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئىستېمال دۇنياسىدا باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇمىز ئۆزلۈك(شەخسچىلىك) تۇيغۇمىزغا ئالماشقان ئىدى. بۇ دېگەنلىك، ئىستېمال دۇنياسىدا شەخس پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بۇلاتتى، ئۆزىنىلا ئويلايتتى. باشقىلار بىلەن كارى بولمايتتى. بۇ سەۋەبتىن ئىستېمال جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى.

ئىستېمال دۇنياسىدىكى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتمۇ بازارلاشقان ئىدى. باشقا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈچۈن خۇشاللىق ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئويغىتاتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن ياردەمپەرۋەر شەخسىنىڭ خۇشاللىقى ئاشقان بۇلاتتى[13]. بىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياردىمىمىز ئەسلىدە باشقىلارنىڭ بىزگە ”رەھمەت“دېيىشى ياكى بىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكۈمىز ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. ياردەم سۆيىدىغان كىشىلەر دائىم ياخشى باھا ۋە ياخشى مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلاتتى، ئاقكۆڭۈل بۇلاتتى. ئەگەر قىلغان ياخشىلىقىغا باشقىلار ياخشى جاۋاب قايتۇرمىسا ۋە تۇزكورلۇق قىلسا، ئو ھالدا ياردەم قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا پۇشايمان قىلاتتى. ياردەم سۆيىدىغان كىشىلەر باشقىلاردىن ھېچنېمە كۈتمىگەن تەقدىردىمۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ھاجىتىدىن چىقىش ۋە ئاقكۆڭۈل بولۇش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي مەيدانىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسى ئىدى. بىز باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن خوش بولاتتۇق. دېمەككى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى خوش قىلىشنىڭ، روھىي جەھەتتىن تەسەللىگە ئېرىشىشىنىڭ بىر يولىغا ئايلانغان ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشىمىز ھەرگىز ئىنكاسسىز قالمايتتى. باشقىلار قىلغان ياخشىلىقىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىغان تەقدىردىمۇ روھىي جەھەتتىن خوش بولاتتۇق. جاۋاب قايتۇرغان تەقدىردە بەلگىلىك نېسىۋىگە ئىگە بولاتتۇق. دېمەككى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش خاراكتېر جەھەتتىن ئېلىم-سېتىمغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز ياخشىلىققا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق روھىي ياكى ماددىي جەھەتتىن مەلۇم نېسىۋىگە ئىرىشەتتۇق.

باۋمەن خۇشاللىقنىڭ مېتافىزىكىلىق ھالەت ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن يارىتىلىدىغان شەكىل ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇن مۇنازىرە قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە خۇشاللىق ئۈچۈن پەلسەپىچىلەر بىلەن جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قايسىسى سۆزلىشى ھەققىدىمۇ توختالغان ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ، خۇشاللىق پەلسەپىچىلەر ئېيتقاندەك نەرسە ئەمەس ئىدى. خۇشاللىق ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلار سۆزلەشكە ھەقلىق ئىدى.

قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ياشاش يولى خۇشاللىققا ئېرىشىش يولىدىن ئىبارەت ئىدى. بىز خالايلى، خالىمايلى ھەممىمىز بىر سەنئەتچى ئىدۇق. سەنئەتچى بولۇش شەكىلسىز نەرسىگە شەكىل بېرىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى. سەنئەتچى بولۇش يەنە ئېھتىماللىقلارنى كونترول قىلىش دېگەنلىك ئىدى. سەنئەتچى بولۇش قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدىغان نەرسىگە تەرتىپ ئاتا قىلىش دېگەنلىك ئىدى[14]. بىز بۈگۈنكى بىر قەدەر ئەركىن دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ ھايات ئەسىرىنى يازىدىغان يازغۇچى ۋە ئۆزىمىزنىڭ دىرامىسىنى ئوينايدىغان ئارتىسقا ئايلانغان ئىدۇق. ھاياتىمىزنى قانداق سەنئەت ئەسىرى قىلىپ چىقىش ۋە قانداق سەنئەتچى بولۇش بىزنىڭ خۇشاللىق ئىزدەش يولىمىزدىكى بىر ئۇرۇنۇش ئىدى. چۈنكى سەنئەتچى بولۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا خۇشال ياشاش ۋە خۇشاللىق ئىزدەش ئىدى. باۋمەننىڭ ”ياشاش سەنئىتى“(The Art of Life) ناملىق كىتابى ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم مۇشۇلاردىن ئىبارەت.

————————————————-

[1] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.9

[2] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.44

[3] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.10

[4] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.79

[5] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.83

[6] زامانىۋى جەمئىيەت ئىنسانغا نۇرغۇن تاللاش ئەركىنلىكى بىرىدۇ. بۇ خىل تاللاش ئەركىنلىكىنى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت بىرەلمەيدۇ. زامانىۋى جەمئىيەتتە چىگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلىش، بىلىم ئېلىش، باشقا جىنىس ۋە مىللەتكە ئايلىنىش قاتارلىق نۇرغۇن چەكلىمىلىك ئىشلاردىكى چەكلىمە ئاجىزلاشقان بۇلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئىنساننىڭ تاللاشلىرى كۆپەيگەن بۇلىدۇ. زامانىۋى جەمئىيەتتە ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىكىدەك ھەرخىل چىگرالار (جىنىس، مىللەت، دىن، دۆلەت چىگراسى) ئارىسىدا قاتتىلىق بولمايدۇ. بۇ مەنىدە زامانىۋى جەمئىيەت ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇققا ئوخشايدۇ.

[7] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.88

[8] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.84

[9] بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا ئىستىمال قىلىش ھاياتنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

[10] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.38

[11] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.25

[12] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.28

[13] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.140

[14] Zygmunt Bauman, Yaşam sanatı, Versus yayınları, 2008, s.185

مەنبە: مۇتەللىپ ئىقبال جەمىئىيەتشۇناسلىق بىلوگى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top