ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پەن - مائارىپ » گېرمان بالىلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك – ئۆزىگە تايىنىش

گېرمان بالىلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك – ئۆزىگە تايىنىش

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

12006670_904676826293033_803709415321639251_o

ئەليۈكسەل

مەن يېقىندا گېرمانلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتىكى بەزى ئۇسۇللىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.  مەزكۇر يازمىدا مەن ئاشۇ ئۇسۇللارنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.  مېنىڭچە بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بەزىلىرىنى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ ياخشى بىلىدۇ، ھەمدە ئۆز ئەمەلىيىتىدە قوللىنىدۇ.  ئەمما، ئوخشىمايدىغان يەرى ئۇ ئۇسۇلنىڭ پۈتۈن گېرمانىيىدە ئومۇملاشقانلىقى، ئۇنى بارلىق گېرمانلار بىر مىللەت سۈپىتىدە باراۋەر قوللىنىدىغانلىقى بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى گېرمانلارنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

   ئۈچ ياشقا كىرگىچە تەپكۈسى (پېدالى) يوق ۋېلىسىپىتنى ئۆگىتىش

گېرماندا ئايىغى چىققان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن تەپكۈسى يوق ۋە يۆلەنچۈك چاقلىرى يوق ۋېلىسىپىتى بار بولۇپ، بالىلار 3-4 ياشقا كىرگىچە ئاشۇنداق ۋېلىسىپىتنى مىنىشنى ئۆگىنىپ بولىدۇ.  يەنى، يەرگە تېپىپ مىنىدىغان ۋېلىسىپىتنى ئۆگىنىپ بولىدۇ. گېرمانلارنىڭ قارىشىچە بالىلار دەسلىپىدە ئاشۇنداق ۋېلىسىپىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ئۆگەنسە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نورمال ۋېلىسىپىتنى مىنىشنى ئۆزلىكىدىن بىلىپ كېتىدۇ.  گېرمانىيىدە نورمال ۋېلىسىپىتنى ئۆزى مۇستەقىل مېنىپ يۈرگەن 3-4 ياشلىق بالىلارنى ھەر يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

كىچىك بالىلارغا ئۆزىگە تايىنىشنى ئۆگىنىش

بېرلىندا ياشايدىغان لۇيىسا (Luisa) خانىمنىڭ بىر 2 ياشلىق ئوغلى بار بولۇپ، بىر كۈنى يەسىلدىكى ئاتا-ئانىلار كۆرۈشۈشىگە بارغاندا، مۇئەللىم ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «بالىڭىز ئۆزىنى قوغداشنى تېخىمۇ ياخشىراق ئۆگەنمىسە بولمايدۇ.  ھازىر باشقا بالىلار كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقلارنى ئېلىۋالسا، بالىڭىز قاراپ تۇرىدۇ.»  لۇيىسا خانىم «بۇ دېگەن ھەمبەھىرلىنىش ئەمەسمۇ؟»، دېسە، ئوقۇتقۇچى «ئوغلىڭىز ياكى ئويۇنچۇقنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك، ياكى باشقا بالىلار بىلەن ئېلىشىشى كېرەك.  بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەممە جەڭلەرنى بالىڭىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلمەيمىز.»  گېرمانلار ئەنە شۇنداق بالىلىرىنى ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.  لۇيىسا خانىمنىڭ ئۆيىگە بالىسى بار دوستلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى مېھمان بالىنىڭ ئويۇنچىقىنى ئېلىپ ئوينىسا، ئۇ مېھمان بالىنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئويۇنچىقىڭنى قايتۇرىۋال.  سەن ئويۇنچۇقىڭنى باشقىلارنىڭ ئوينىشىنى خالىمايتىڭغۇ؟ ماڭ، ئويۇنچۇقىڭنى قايتۇرۇۋال!» دەيدۇ.  مېھمان خانىم بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىزمۇ خاپا بولغان ھالدا دېمەيدۇ.  ھەرگىزمۇ لۇيىسا خانىم بىلەن تېپىشىپ تۇرۇپ دېمەيدۇ.  ھەرگىزمۇ پەسكەشلىك قىلىپ دېمەيدۇ.  يۇقىرىقىدەك قىلىش گېرمانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنى ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.

   باشلانغۇچتىلا مەكتەپكە ئۆزى بېرىپ-كېلىش

گېرمانلارنىڭ بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپتىلا مەكتەپكە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىتتا ئۆزى بېرىپ كېلىدۇ.  بازارغا ئۆزى يالغۇز بېرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە تاماق سېتىۋېلىپ ئەكىلىدۇ.  بالا 8-9 ياشلارغا كىرگەندە، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى چوڭ جەھەتتىن يېتەكلەپ، كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بالىسى ئۆزى قارار قىلىپ، ئۆزى قىلىشقا قويۇپ بېرىدۇ.  گېرمانلار بالىلاردىكى مۇستەقىللىقنى ئالقىشلايدۇ ۋە مەدھىيلەيدۇ.  بالىلىرىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشىنى توسمايدۇ.  بالىسىنى ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن بالىسىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا يول قويىدۇ، ۋە بالىسىغا ئىشىنىدۇ.

b02_self_reliance.jpg.thumb

2-رەسىم: بالىلاردا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم كىشىلىك سۈپەتلەر.

مەنبە : باغداش تورى

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 127

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش