ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ”بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت“ ناملىق كىتابتىن خاتىرىلەر

”بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت“ ناملىق كىتابتىن خاتىرىلەر

كىتابھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

روھىمغا تىنچلىق بەرگەن جاي دەل مېنىڭ يۇرتۇم.
– نۈرئەلى

ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان كىتابلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلاردىن بىرى بولغان، ئۇيغۇر يېگىتى نۈرئەلى ئابلىز قەلەمگە ئالغان ”بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت“ ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتابتا نۈرئەلى ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ، ھېچ بىر ئارقا تىرەككە تايانماي پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئىزچىل تىرىشىشى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ۋە شۇنىڭدەك ئۆز – ئۆزىنى بايقاشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن ئەڭ تۆۋەن ئورۇندىن ئەڭ مۇۋەپىقىيەت قازانغان بىر ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىققان ھايات خاتىرىسىنى ناھايىتى پاكىتلىق، ئىلمىي ۋە يۇمۇرلۇق قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىزچىل تىرىشچانلىقنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ كىتابنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىنى ئاق كۆڭۇللۇك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن ۋە ئۆزەم بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەن دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق بىلىپ، تۆۋەندىكى خاتىرىلەرنى بىلىم خۇمار قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم.

خاتىرىلەر:

1. كېشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى تالانت ساھىبىلىرىنىڭ قالتىسلىقى ئۇلار بىلەن بىللە تۇغۇلغان ئەمەس، بەلكى ئىزچىل داۋاملاشقان تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئون مىڭ سائەتلىك تاۋلىنىش ھەرقانداق بىر ئاددى ئادەمنى ئاددىلىقتىن ھالقىتىدۇ.

2. كېچە-كۈندۇز يېنىپ تۇرغان سانسىز چىراقلار ئىچىدە مەن ئۈچۈن يېقىلغان بىرمۇ چىراق يوق ئىدى. مەن ئۈچۈن يېقىلغان ئۇ چىراق پەقەت ئۆز يۇرتۇمدا، كۆز يەتكۇسىز يېراق بىر جايدا قالغان ئىدى.

3. ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى شۇكى، ئادەم تەجىربە – ساۋاقلار جەريانىدا ئۆزىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىلىدۇ.

4. ئادەم ئەركىنلىك ئىچىدە تۇغۇلىدۇ، ئەمما ھەرۋاقىت كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.

5. ياش چاغلىرىمدا، ئۆزەمنى شامال دەپ يۇرۇپتىمەن، بەدەنلىرىمنى زەھمەت جاراھەتلىرى قاپلىغاندىن كېيىن ئەسلى ئوت-چۆپ ئىكەنلىگىمنى بىلدىم.

6. ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۆلگىچە، يوپۇرماقنىڭ ئۆمرى غازاڭ بولغىچە.

7. روھىمغا تىنچلىق بىرەلىگەن جاي دەل مېنىڭ يۇرتۇم.

8. بىر ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇردىكى تۇرمۇش، مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، ئاقىۋەتتە ئاساسەن دېگۇدەك شۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بەزىلەر مەن ھېچنەرسىنى ئويلىمايمەن دېيىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

9. ئەگەر قۇياشنىڭ نۈرى ياپراقلارغا چۇشۇپ تۇرمىسا، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىگى قالمايدۇ.

10. بىر ئادەمنىڭ بېسىم ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئاشكارلايدۇ.

11. ئۇنىڭغا بىر تال شام بىرىشقا ماقۇل بولسىڭىزلا، سىزگە چەكسىز نۈر ئاتا قىلىشقا ماقۇل دەيدۇ.

12. نۇرغۇن ئادەم ۋاختى ۋە پۇلىنى ماددى نەرسىلەرگە سەرىپ قىلىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ بەختىنى، خوشاللىقىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئۇستىگە قۇرۇپ چىقىدۇ.

13.ئەڭ ياخشى ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت ئۆزىگە پۇختا بولۇش.

14. ھېچكىم ئورنۇمنى ئالمىسۇن دېسىڭىز، ھېچكىم ئورنىڭىزنى تولدۇرالمايدىغان بىر كىشى بولۇڭ.

15. بىر ئۆمۇر ئۈگىنىش ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىڭىز بىلەن تەغدىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

16. ئۇتۇق قازىنالمىسىڭىز مەيلى، ئەمما توختاپ قالماڭ.

17. زۇلمەت ئىچىدىن بۆسۇپ چىققان ئادەملەر ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقى غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

18. ئاچچىق ئاستىغا يوشۇرۇلغان پىسخىكا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قايغۇ – ھەسرەت
ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن بولغان ئىكەن.

19. قەت’ئىيلىك خوشاللىنارلىق نەتىجىدە ئېلىپ كېلىدۇ.

20. ”قىزىل راۋاقتىكى چۈش“ ناملىق روماندا “ ھەرقانداق ئىشتا بىلىم بار“ دەيدىغان بىر گەپ بار.

21. ھاياتنىڭ مەنىسى پەقەتلا غەلبە قىلىشتا دىيىلسە، ئادەم ئېرىشىدىغان خوشاللىق ئانچە كۆپ بولمايدۇ. چۈنكى مۇۋەپپىقىيەت ئوت-يالقۇنغا ئوخشايدۇ. ئاسمىنىڭىز خۇددى چاقماق چاققاندەك ۋاللىدە يورۇيدۇ. ئەمما تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا قاراڭغۇ تۇرىدۇ. ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىسا مەيلى، ئەمما توختاپ قالسا بولمايدۇ.داۋاملىق ئىلگىرلىشى كېرەك. مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىنمۇ مۇھىم نەرسە ھامان بار.

22. ھەر قىتىملىق مەغلۇبىيەت كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ بىر قەدەم ئالغا باسقانغا تەڭ.

23. بىلىمىڭىز بولمىسا قارىسىغا گەپ قىلماڭ.

24. ھاياتلىق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن تاللاشلاردىن تەركىپ تاپقان، سىزنىڭ تاللىشىڭىز دەل سىزنىڭ ھاياتىڭىزدۇر.

25. ئۆمۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۇرەكنىڭ قانچە قېتىم سوقۇشىغا باغلىق بولسا، ئۆمۇرنىڭ قىلىنلىقى ئادەمنى جىددىلەشتۇرىدىغان، تەسىرلەندۇرىدىغان، ھاياجاندىن يۈرەكنى دۇپۇلدەپ سوقتۇرۋىتىدىغان ۋاقىتلارغا باغلىق بولىدۇ.

26. ئەھمىيەتسىز كۆرۇنگەن، مەخسەت-مۇددۇئاسى ئانچە ئېنىق بولمىغان ھەرقانداق بىر ئىش، ناۋادا سىز پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ قىلغانلا بولسىڭىز، ھامان بىر كۈنى ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

27. ھايات بۇ بىر زور تېما، ئەمما ئۇنى نىسبەتەن كونكېرت بولغان بىر نەرسە ئۇستىگە جىپسىلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

28. ئۆزىنى تىزگىنلەش كۈچى دەل مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىدىن كېلىدۇ.

29. ھەقىقى ئىقتىدارلىق ئادەملەر بولسا مۇھىم ئەمما تەخىرسىز بولمىغان، قارىماققا ھازىرلا قىلمىسىمۇ بولىدىغاندەك ئەمما ئۇزاقنى ئويلىغاندا تەسىرى زور بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ. كەلگۇسىدىكى ئورنىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگۇلەيدىغان دەل شۇداق ئىشلاردۇر.

30. سىزنىڭ قىممىتىڭىز خىزمىتىڭىزگە تەڭ ئەمەس، كەينىگە سۆرۇشنى يېڭىپ، تېرىشسىڭىزلا بولىدۇ.

31.ئادەم پەقەت باشقىلار ئارقىلىقلا ئۆزىنى بايقايدۇ، ئۆزىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىغى بارلىغىنى بىلىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقلار دەل بىزنىڭ بايلىقىمىز.

32. ئادەم چوڭ بولغاندا رەقىبى بولماسلىقى كېرەك

33. مەن ئويلايمەن باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ساقلاپ قويۇڭ، كۆڭلىڭىز كىملەردىندۇر ئازار يېگەن چاغدا، ئەسلىمىلەر قاتلىرىنى ئاچسىڭىز، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى يوقۇتۇپ قويمايسىز. قەلبىڭىزدىكى ھارارەتنى ئۆچۇرۇپ قويمايسىز. مانا بۇ سوغۇق رەھىمسىز دۇنيادا بىر پارچە ھارارەت بولۇپ ياشاشنىڭ يولى.

34. بىز يىگانە بىر پىلانەتتا ياشايمىز. بېشىمىزغا مەيلى قانداقلا قىسمەتلەر كەلمىسۇن، بىز دۇنيادا مەڭگۇ يالغۇز ئەمەس. مۇھەببەت، غايە، دوسلۇق بىزگە ھەمرا. بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل قانداق دۇنيا بولسا بولاتتى؟

35. مۇۋەپپىقىيەت مەغلۇبىيەتتىن باشلىنىدۇ.

36. مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان ئادەم كېشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

37. قىيىنچىلىق ئالدىدا تىك تۇرالىسىڭىزلا ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

38. جىلۋىلىك تاڭ ئالدىدا، بىز ھامىنى تىمتاس قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىسكەنجىسىدە تېڭىرقايمىز. بەختىمىزگە يارىشا ھېلىمۇ تەسەۋۇرىمىز بار ئىكەن، مانا بۇ تەسەۋۋۇرىمىز گۈزەل كەلگۇسىمىزنىڭ پارلاق نۈرىنى بىزگە يەتكۇزۇپ بىرەلەيدۇ.

39. ھايات يولى ئېگىز پەس، ئەگىر توقاي بولىدۇ. مەغلۇبىيەت قەيسەر ئادەملەرنى يېقىتالمايدۇ.

40. رېياللىق كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ.

41. بۇ دۇنيادا پەقەت بىر خىللا مۇۋەپپىقىيەت بار، ئۇنىڭ ئىسمى بوشاشماي تىرىشىش.
پەقەت بىر ھىللا مەغلۇبىيەت بار، ئۇنىڭ ئىسمى يېرىم يولدا بەل قويۋىتىش.

42. ئۇسۇلنى ئوقۇتقۇچىڭىز دەپ بېرەلەيدۇ، ئەمما قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھىنى، چىدامچانلىقنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بېرەلمەيدۇ.

43. ھەقىقى چىدامچانلىق –ئۇمىد بولمىغان ئەخۋالدىمۇ ۋاز كەچمەسلىك، بوشاشماسلىق، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشتۇر.
ھەقىقى ئۇمۇدۋارلىق بولسا مەيلى بېشىمىزغا قانداق كۈنلەر كەلگەن بولسۇن ۋە ياكى قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۇرۋاتقان بولۇڭ، بۇ دۇنياغا يەنىلا كۇلۇپ قاراشتۇر.

44. مۇشەقەتلىك پەيتتە بىر قەدەم ئالدىغا مېڭىڭ.

45. ئازاپ ئىچىدە گۈزەل نەرسىلەرنى تەسەۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزەمگە مەدەت بەرگېلى بولىدىغانلىقنى، بۇ ئارقىلىق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان بىر روھنىمۇ يېتىلدۇرگىلى بولىدىغانلىقنىمۇ بايقىدىم.

46. قۇياش نۈرىنى چېچىشتىن بۇرۇن دوزاقنىڭ زۇلمىتىگە پاتىسەن. مۇشەقەت ئىچىدە تىركىشىۋاتقىنىڭدا، تەسەۋۇر ساڭا گۈزەل كېلەچەكنىڭ پارلاق نۈرىنى چاچىدۇ. شۇ نۈر يەلكىمىزگە چۆشۇپ تۇرسىلا، ئادەتتىكى كىشىلەر چەكمىگەن جايلارنى چېكىمىز، چىدىغۇسىز بولسىمۇ چىدايمىز.

47. بەدىنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بەرگىنىڭىز ھاياتىڭىزغا مەسئۇل بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقىنىڭىزدۇر.

48. تۇرمۇشىڭىزدا ھەر قىتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پەقەت كۇلۇپلا قويۇڭ، ئۇ قابچىلىك ئىشتى؟

49. يۇرۇكىڭنىڭ ساداسىنى ئاڭلىشىڭ كېرەك، سەن قانچە كېچىكسەڭ، ئۇ شۇنچە خىرەلىشىدۇ.

50. گاڭگىراپ قالغان چىغىڭىزدا، دۇنيا بىلەن پاراڭلىشىشتىن باشقا ئۆزىڭىز بىلەنمۇ ئومدانراق پاراڭلىشىپ بىقىڭ.

51. ئادەم ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن، ئۆز-ئۆزىنى داۋالاشنى بىلىشى، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئىسسىتىشنى ئۈگۈنىۋىلىشى كېرەك.

52. يولۇققان مەسىللەرنى دەرھال ھەل قىلالمىغان بەزى چاغلاردا، ئۆزەمنى ئىككىگە پارچىلاپ، ئىچىمدىكى ئىككى ”مەن“ نى بىۋاستە پاراڭلاشتۇرىمەن.
ئەلى، سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئاناڭ بىلەن سىڭلىڭ بار، يەنە نۇرغۇن سېنى قوللايدىغان كېشىلەر بار. نېمىشقا بىر سىناپ باقمايسەن؟

53. ئەڭ يامان ئاقىۋەت يۇز بەرگەن تەقدىردىمۇ دۇنيا سېنى مازاق قىلغان تەقدىردىمۇ، ساڭا ئېتىۋارسىز قارىيالمايدۇ، توغرىمۇ؟

54. مۇشۇنداق دىيالوگلارمۇ ماڭا تۇمان ئىچىدە ئىلگىرلەش يولىنى كۆرسىتىپ بەرەلەيدۇ.

55. دۆڭگە قاراپ ماڭغاندا، ھەربىر قەدەمنى شۇنچىلىك تەستە ئالىمىز، ئەمما ئالغا ماڭماقتىن باشقا تاللىشىڭىز يوق.

56. سەمىمىلىك بىلەن ئېيتقاندا، نەزىرى ئۇستۇن ئادەم بولۇش سۇپىتىم بىلەن، مەن چىن كۆڭلۇمدىن قايىل بولىدىغان ئادەملەر ئانچە كۆپ ئەمەس. قارىماققا تولىمۇ ئاددى كۆرۇنىدىغان، ئەمما مىنىڭ ئۆسمۇرلۇك ئەسلىمىلىرىمدە ئۇنتۇلماس خاتىرلەرنى قالدۇرغان بىر مۇئەللىم بار.

57. ئادەم ھاياتلا بولۇدىكەن ئالغا ئىنتىلىشى، ھەرقانداق شارائىتتىمۇ غايىسىدىن ۋازكەچمەسلىگى كېرەك.

58. چوڭ بولۇپ ”ھايات تۇرۇپ ئۆلۇكتەك ياشاۋاتقان“ نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردۇم. ئۇلار ماڭا ”ئۆلۇكتەك مېڭىپ يۇرۇش“ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ياشاش ئۇسۇلىنىڭمۇ بارلىغىنى ھېس قىلدۇردى. كىشىلەر دائىم دەيدىغان “ تەغدىرگە تەن بەرمەك“ ياكى “ قانائەتجان بولماق“ بەلكى شۇدۇر.

59. تەلىيىمگە ئەتراپىمدا “ قىرانلىق دەۋرىمنىڭ ۋاقىتسىز كېتىپ قىلىشى“ غا تەن بەرمەيدىغان، توختىماي تىرىشىپ يۇرۇپ، يۇكسەكلىكنىڭ بىر پەللىسىنى يارىتىدىغان ئادەملەر بار ئىكەن.

60. بىزدىمۇ قالتىس ئادەملەر توختىماي تىرىشىۋاتقان يەردە، قالتىسلارنڭ چېكى بولمىغان يەردە؛ بىز نىمىشقا توختاپ قالغۇدەكمىز؟

61.ھايات ئېقىنغا قارشى كېتىۋاتقان قولۋاققا ئوخشايدۇ. قولۋاق ئىلگىرلەشتىن توختاپلا قالسا،سۇ ئۇنى كەينىگە ئېقىتىپ كېتىدۇ.

62. ئالغا ئىلگىرلەپ تۇرمىسىڭىز، كەينىگە ئېقىپ كېتىسىز. مەيلى قانچە كېچە-كۈندۇز تىرىشقان بولۇڭ، ناۋادا توختاپلا قالسىڭىز، ئەسلى ئورنىڭىزغا قايتىپ قالىسىز. ھەتتا مەڭگۇ قايتا باش كۆتۇرەلمەسلىگىڭىز مۇمكىن.

63. ئادەمگە ئەڭ قىيىن توختايدىغىنى ئۆز ئەمەلىيىتىنى قوبۇل قىلىش، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە قارىتا تۆگە قۇشنىڭ پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ، ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەسكە سالىدۇ.

64. ئەڭ زور غەرەت ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئارقىدا قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ قوغلاپ يېتىشكە جۈرئەت قىلىشتىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.

65. تىرىشقان ئادەم مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئەمما بەزى چاغلاردا بىر ئاز توختىۋىلىشنىمۇ بىلىش كېرەك.

66. قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرگەن چىغىمدا، قەلبىمدە ئىللىق بىر سېزىم ئويغاندى. ئادەم مانا مۇشۇنداق گۈزەل دەقىقىلەر ئۈچۈن ياشايدۇ.

67. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار پانى ئالەمنىڭ خوشاللىقىدىنمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مۇھەببىتىڭىزگە نائىل بولغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ بەختىيار چاغلىرىمىزغا جۆر بولغانلىقى.

68. مەن ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن ئادەملەر ماڭا تېخىمۇ قالتىس ئادەمگە ئايلىنىشنى ئۈگەتتى.

69. ئەر كېشىگە ئايلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۇك بولىدۇ. مەنمۇ قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئۈگەندىم.

70. مەن سېنىڭ كۆز قارىشىڭغا قوشۇلماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما سېنىڭ ئۆز پىكرىڭنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقىڭنى قوغدايمەن.

25.08.2016، گېرمانىيە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش