ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » «ئاق پاراخوت» ناملىق روماندىن تەسىراتلىرىم

«ئاق پاراخوت» ناملىق روماندىن تەسىراتلىرىم

kimeھەبىبۇللا ئابلىمىت (گېرمانىيە)

يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوف (1928.12.12 – 2008.6.10) قىرغىز خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى، داڭلىق ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە مەشھۇر سىياسەتچىسى ئىدى. چىڭگىز ئايتماتوف يالغۇز قىرغىز خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتۈن تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتچىسىدۇر.

مەن بۇ مۆھتەرەم يازغۇچىنىڭ «ئاق پاراخوت» ناملىق رومانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ بىر ئىلاھى كۈچكە تولغان پاك يۈرەككە ئىگە يازغۇچى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم.

بۇ رومان بولسا قىرغىزىستاننىڭ بىر تاغلىق جىلغىسىدا بەش – ئالتە ئىنسان ياشاشقا مەجبۇر بولغان، بوۋىسىدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولمىغان، ھاياتى بەختسىز ئۆتىدىغان پەقەت خىيال دۇنياسىدىلا بەختلىك بولۇشقا تىرىشقان بىر ئۆسمۈرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىدىيەسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەسەر.

روماندىكى پېرسوناژلار:

1. مۆمىن بوۋاي: ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، ئىنسانلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان، تۇرمۇشتا تىرىشچان 60-70-ياشلاردىكى بىر بوۋاي. ئۇ شۇ يەردىكى ئورۇزقۇلنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان، جىلغىدىكى ئۈچ ئۆينىڭ بىرىدە 2-قېتىم ئۆيلىنىپ ئالغان ئايالى بىلەن ۋە نەۋرىسى بىلەن بىرگە ياشايدۇ.

2. روماننىڭ باش قەھرىمانى بالا: 6-7-ياشلاردىكى بويى ئۆز يېشىغا قارىغاندا ئانچە ئۆسمىگەن، سالپاڭ قۇلاقلىق، ئۆزى سەت بىر ئۆسمۈر بولۇپ، ھېچبىر دوستى بولمىغان، خىيال پەرەس ۋە بەختسىز بىر ئۆسمۈر. بالىنىڭ ساپلىقى، پاك يۈرەكلىكى، ئىچكى دۇنياسىدىكى ھېسلىرىنى كەلگۈسىنىڭ سۇمبۇلى قىلىدۇ. بالا تەبىئەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.

3. ئورۇزقۇل: سېمىز، قاقباش، ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىنسانلار ۋە تەبىئەتتىن نەپرەتلىنىدىغان، تەرسا بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ جىلغىدىكى ئورمان قوغداش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولغىنى بىلەن ئورمانلارغا ئەڭ زىيان بېرىدىغان بىرى.

4. بەكەي: مۆمىن بوۋاينىڭ قىزى، ئورۇزقۇلنىڭ ئايالى، ئۆزى تۇغماس بولۇپ، بۇ تەقدىرنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بۇ بىچارە چارىسىز ئايالنىڭ چوڭ گۇناھى بولۇپ قالغان، بۇ سەۋەبتىن يولدىشىدىن داۋاملىق تاياق يەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنتايىن خوش چىراي، سەۋرچان ئايالدۇر.

5. سەيىد ئەخمەت: ئېگىز بويلۇق، قوپال، ئىنتايىن ھۇرۇن كىشىدۇر. ئورۇزقۇلنىڭ يېنىدا ئىشلەيدۇ. ئايالى ۋە ئىككى قىزى بار.

روماندىكى ئۆتمۈشنىڭ سۇمبۇلى بولغان مۆمىن بوۋاي بىلەن كەلگۈسىنىڭ سۇمبولى قولغا بالا ئوتتۇرىسىدىكى دىراماتىك بىر مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىنساننىڭ تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇب ئارقىلىق ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.

ئەسەردىكى باش قەھرىمان بالا بولسا بۇ كىچىككىنە جىلغىدا ئۆز ھاياتىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ، ھېچبىر دوستى يوق مەكتەپكىمۇ تېخى كىرمىگەن ئىدى. ئەڭ چوڭ خوش بولىدىغان ئىشى بوۋىسى دەريا قىرىغىقىغا ياساپ بەرگەن كۆلچەكتە ئۈزۈش. »تۆگە، بۆرە، ئېگەر ۋە تانكا« دەپ ئىسىملارنى قويىۋالغان قۇرام تاشلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە بوۋىسىدىن مەسەل ئاڭلاش. شۇنىڭدەك ھەر ئاخشام بوۋىسىنىڭ دۇربۇنىنى قولىغا ئېلىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئىسسىق كۆلنى كۆزىتىدۇ ۋە ئىسسىق كۆلدە بەش -ئالتە مىنۇتلا كۆرۈنۈپ يوقاپ كېتىدىغان ئاق پاراخوتقا قارايدۇ.

بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى، بالا تۇغۇلۇپلا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان. مۆمىن بوۋاينىڭ قىزى بولسا بۇ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىنى بوۋايغا تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە كېرىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە قايتا توي قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر ئائىلە قۇرغان.

بالا ئاشۇ ئىسسىق كۆلدىكى ئاق پاراخوتنىڭ كاپىتانىنى ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىگە ۋە بىر كۈنى ئۆزىنىڭ بېلىققا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاق پاراخوتنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بېرىپ، دادىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

بالا كېيىن مەكتەپكە كېرىدۇ. بوۋاي يولنىڭ ئۇزاقلىقىغا قارىماي ئات بىلەن داۋاملىق بالىنى سەھەردە ئاپىرىپ، كەچتە ئەكېلىدۇ. بىر كۈنى ئورۇزقۇل بوۋاينى ئىشتىن بۇرۇن چۈشىشگە يول قويمايدۇ – دە، بالىنى ئەكېلىشكە كېچىكىپ قالىدۇ ۋە بالا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بوۋاينى ساقلايدۇ، ئاخىرى مۇئەللىم بالىنى ئىلىپ مېڭىشىغا بوۋاي كېلىدۇ، بالا بوۋايغا ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلمايدۇ، ئەمما بوۋاي بالىنىڭ كۆڭلىنى ئىلىش ئۈچۈن »مۆڭگۈزلۇك مارال ئانا« ناملىق مەسەلنى ئېيتىپ بېرىپ كۆڭلىنى ئالىدۇ. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە ھەممىمىز مۇشۇ مارال ئانىنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن ئىكەنمىز.

بالا بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. مەسەلگە ئاساسلانغاندا بۇ جىلغىدىن مارال ئانا كەتكەن ئەمما كېيىن قايتا كۆرۈلگەن. بىر كۈنى ئۇ مارال ئانىنى سەيىد ئەخمەت ئورماندا كۆرۈپ قىلىپ، ئاتماقچى بولۇپ قارغا ئالىدۇ ئەمما ئۆزى ھاراق ئىچىۋالغان بولغاچقا، نىشانغا ئالالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېنىدىكى مۆمىن بوۋاينى مارال ئانىنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ لېكىن بوۋاي قەتئىي رەت قىلىدۇ. سەيىد ئەخمەت بوۋايغا تەھدىت قىلىپ، ئورۇزقۇلغا چاقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوۋاي مارال ئانىنى ئاتىدۇ.

بۇ كېچە ئورۇزقۇلنىڭ ئۆيدە مارال ئانانىڭ گۆشى بىلەن چوڭ زىياپەت بولىدۇ. بوۋاي قاتتىق ئازابلىنىدۇ ۋە ئاخىرى ئوچاق بېشىدا ھوشىدىن كېتىدۇ. ئۇ كېچە بالا قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولۇپ ئەمما تالادىكى پۈتۈن ئىشلارنى تۇيۇپ تۇرىدۇ ۋە تالاغا چىقىدۇ بوۋاينىڭ ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ بوۋا! بوۋا! دەپ ۋارقىرايدۇ ۋە قازاندا قايناۋاتقان مارال ئانىنىڭ گۆشىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلىنىپ،بۇ ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە دەريا تەرەپكە يۈگۈرەيدۇ دە، دەرياغا ئۆزىنى ئېتىپ دەرياغا چۆكۈپ كېتىدۇ، ھەرگىز كۆرۈلمەيدۇ.

يازغۇچى بۇ روماننى مانا شۇنداق تراگىدىيەلىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئاچچىق ۋە قىپ-يالاڭاچ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

ھايات دېگەن مانا مۇشۇ! دۇنياغا كەلمىسەڭ ھېچنەرسىنى تۇيمايسەن ۋە كۆرمەيسەن، ئەمما كەلدىڭمۇ دەرتلەردىن قۇتۇلالمايسەن.

ئەسەردە بالا بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ھېچ بەخت يۈزى كۆرمەيدۇ، چۈنكى بۇ بالا ئەسلىدە ئۆز يىلتىزىدىن يۇلۇۋېتىلگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن ياش نەسىللەرنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرسىدۇر.

يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆسمۈرلۈك بولسا كەلگۈسىدىكى ئىنسان خاراكتېرىنىڭ تۇخۇمىدۇر. ئۆسمۈرلۈك بولسا يەنە ئانا تىلنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان ۋە ئەتراپتىكى ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە، بولۇپمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلىدىغان بىر مەزگىلدۇر.

بۇ روماندىكى نۇرغۇن ئەپسانى ھېكايىلەر ۋە مەسەللەرنى مۆمىن بوۋاي بالىغا سۆزلەپ بىرىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇلاردىن ئىككىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

پادىشاھ بىلەن ئەسىر:

بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بىلەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇشتا يەڭگەن پادىشاھ بولسا يېڭىلگىنىنى ئەسىرگە ئاپتۇ.
يەڭگۈچى پادىشاھ بولسا ئەسىر پادىشاھقا مۇنداق دەپتۇ: „ ئەگەر خالىساڭ مىنىڭ قۇلۇم بولۇپ، يېنىمدا ياشا. بۇنداق بولغاندا ئۆز ئۆمرۈڭنىڭ يېتىشىچە ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايسەن. ئەگەر بۇ تەكلىپىمنى قوبۇل كۆرمىسەڭ، ئەڭ مۇھىم ئارزۇيۇڭنى ماڭا ئېيت. مەن بۇ ئارزۇيۇڭنى قاندۇرغاندىن كىيىن، كاللاڭنى ئالىمەن، ھاياتىڭ دەرھال ئاخىرلىشىدۇ.“

ئەسىرگە چۈشكەن پادىشاھ مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: “ قۇل بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشاشنى زىنھار خالىمايمەن. مېنى خالىغىنىڭ بويىچە ئۆلتۈر. مىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇيۇم شۇكى ئانا ۋەتىنىمدىن بىر پادىچىنى بۇ يەرگە كەلتۈرگەن.“

يەڭگۈچى پادىشاھ: „ پادىچىنى نېمە قىلىسەن؟ “

ئەسىر پادىشاھ: “ ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا يۇرتۇمنىڭ خەلق ناخشىلىرىدىن بىرنى پادىچىدىن ئاڭلىغۇم بار” دەپتۇ.

دېمەككى بۇ مىكرو ھېكايىدىن شۇنى چۈشەندۇقكى، بۇرۇنقى ئىنسانلار قۇل بولۇپ ياشاشتىن، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ بىر غەزىلى ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلىپ، ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلگەن.

ئاچ بۆرە توغرىسىدىكى مەسەل:

بىر كۈنى بىر ناھايىتى ئېچىقاپ كەتكەن بىر بۆرە يەيدىغان بىر ئولجا ئىزدەپ كېتىۋاتسا ئالدىغا بىر تۇلۇم چاچقان ئۇچراپ قاپتۇ. بۆرە، تولۇم چاچقانغا ھومۇيۇپ تۇرۇپ: »كۆزۈمگە تولا كۆرۈنمە، قورساقنىڭ ئاچلىقىدا بىر يالماپ يۇتۇۋەتسەم تويىسەن تازا« دەپتۇ.

چاچقان مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: »ماڭا ھەرگىز تەككۈچى بولما، ئاچكۆزلۇكىڭ بېشىڭغا چىقىدۇ. ئەگەر ماڭا ئاچكۆزلۈك قىلساڭ سىنى ئىشتەك قىلىۋېتىمەن.

بۆرە ، ھاھ، ھاھ، ھاھ قىلىپ، كۈلۈب كېتىپ: “ بۆرىنىڭ بولسا ئىت بولۇپ قالغىنى ئەلمىساقتىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. بۇ سىنىڭ ئەدەپسىزلىكىڭ ئۈچۈن سىنى يەيمەن!« دەپلا، تۇلۇم چاچقاننى بىر يالماپ يۇتۇۋېتىپتۇ. ئەمما ئاچكۆز بۆرە راستىنلا شۇندىن باشلاپ ھەقىقىي بۆرىدەك ياشاشتىن مەھرۇم قاپتۇ.

نە ۋاقىت بۆرە ، بىر قويغا ياكى باشقا بىر ئولجىغا ھۇجۇم قىلاي دېسە. قورسىقىدىكى تۇلۇم چاچقان ۋارقىراپ، جار سىلكىپ: »ئەي پادىچىلار! ئۇخلاپ قالماڭلار، مەن ئاچ كۆز بۆرە كەلدىم. مەن بولسام قارا بۆرە! قويۇڭلارنى ئېلىپ قاچماقچىمەن!!« دەپ ۋارقىرايدىكەن.

بۇنداق چاغدا ئاچ كۆز بۆرە نېمە قىلارىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى چىشلەپ، ئۆزىنى ئۇياق-بۇياققا ئېتىپ، يەردە يۇمىلايدىكەن. تۇلۇم چاچقان ھېچ تۇرماستىن ۋارقىرايدىكەن. »پادىچىلار كېلىڭلار، يوغان كالتەكلىرىڭلار بىلەن مېنى ئۇرۇڭلار، مەن ئاچ كۆز بۆرىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇڭلار!«. پادىچىلار بولسا كالتەكلىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ، بۆرىنى سۇرۇپ-توقاي قىلىۋېتىدىكەن. بۆرە بولسا ئارقىسىغا قارىماي بەدەر قاچىدىكەن. بۆرىنىڭ قورسىقىدىن يەنە داۋاملىق شۇ ۋارقىراش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پادىچىلارمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، تۇرۇپ قالىدىكەن.

ئاچ كۆز بۆرە بولسا ساراڭلاردەك ھەم قاچىدىكەن ھەم ۋارقىرايدىكەن: »مېنى تۇتۇڭلار، ئەدىپىمنى بىرىڭلار، جاجامنى بىرىڭلار! ئاچ كۆزلىگىمگە تويغۇزۇڭلار!«. پادىچىلار بەزىدە كۈلۈپ تېلىقىپ، يەرلەردە يېتىپ قالىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا بۆرە قېچىپ قۇتۇلىدىكەن. ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدىكەن. بۆرە نەگە بارسا شۇ يەردە ئاچ كۆزلۈك بىلەن يۈتۈۋەتكەن قورسىقىدىكى تۇلۇم چاچقان شۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىكەن. بۇ سەۋەب بىلەن بۆرە يەيدىغان ئولجا بولالماي، ئاچلىقتىن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدىكەن. ئاخىرى بۇ ئاچلىققا چىدىمىغان بۆرە چىشلىرىنى چاكىلدىتىپ: »نېمە بۇ بېشىمغا كەلگەنلەر! نېمە دەرد بۇ تۈگىمەيدىغان! بۇنىڭدىن جاق تويدۇم!« دەپ زارلىنىدىكەن. ئەمما تۇلۇم چاچقان ھېچ تۇرماي: »پالانچىنىڭ قويلىرى بەك سېمىز، ئىگىلىرى پاڭ، قويلىرىغا ھۇجۇم قىل!، ياكى پالانچىغا بار، ئۇ ھازىر قاتتىق ئۇيقۇدا« دەپ بېشىنى ئىلىشتۇرۋىتىدىكەن. ئاچ بۆرە ھۇجۇم قىلاي دېيىشىگە يەنە ئوخشاشلا ۋارقىرايدىكەن.

ئاخىرى بۇ ئىشلارغا چىدىمىغان ئاچ بۆرە: »بۇنداق بۆرە بولۇپ ياشىغاندىن بىرەرسىنىڭ „ئىتى بولۇپ، ئىتتەك ياشاي« دەپ ئىت بولۇپ ياشايدىكەن.

ئىنسانلار ئەسلىدە ئىنساندەك دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ئىنساندەك غۇرۇرلۇق ياشايدۇ. لېكىن بەزىلەر ئاچ كۆزلۈك قىلىپ، ئۆز غۇرۇرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، باشقىلارغا باغلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇلارنىڭ ئىتى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەن چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ “ئاق پاراخوت” ناملىق رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يەنە بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىمكى، ئىنساننىڭ بېشىغا بەخت بىلەن يەنە داۋاملىق ئىنساننىڭ رۇھې دۇنياسىنى، ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىدىغان بەختسىزلىكلەر بىرگە كېلىدۇ. بەزى ئىنسانلارغا بۇ دۇنيادا بەخت يوقتەكلا بىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەممە خۇشاللىقىنى، بەختىنى كاللىسىنىڭ ئىچىدىكى رۇھى دۇنياسىدىنلا تېپىپ ياشايدۇ…

بۇ روماندىن قىسقىچە خاتىرىلەر:

1. مېنى بېلىق بولالمايدۇ دەمسەن؟ كۆرۈسەن بىر كۈنى قانداق بولىدىغانلىقىمنى. بىر كۈنى بېلىق بولۇپ، ئاق پاراخوتنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ بارىمەن.

2. ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن قاراش، بىر ئىنسانغا سىرتىدىن قارىغانغا ئوخشاش. ئىچىدە نېمىلەر بارلىقىنى ھېچ بىلەلمەيسەن.

3. ئىنساننىڭ بەختلىك بولۇشى ۋە بۇ بەختنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشى بەزىدە نېمە دېگەن ئاسان ھە! ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ھايات مۇنداق ئەمەس. بەختكە يانداش، پېشىنى ھېچ قويۇۋەتمەي، ئىنسان روھىنى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بالا-قازالار، بەختسىزلىكلەرمۇ بار.

4. ئىنسان يالغۇز بولغاندا نېمىلەرنى ئويلىمايدۇ دەيسىز. ئەمەلىيەتكە ئاشمايدىغان خېياللار، ئۇچۇپ كەتكەن يىللار، بىرىنجى مۇھەببەت… ئۇزاق-ئۇزاقلاردا قالغان ۋاقىتلارنى، ئىگە بولالمىغانلارنى ۋە ئېرىشەلمەيدىغان بىر ئىستەكنى ئەسكە ئالماق، چۈشەنمەك ھەجەپمۇ ياخشى بىر نەرسە ھە! نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ؟ بۇلارنى ئىنسانلار بىلەلمەيدۇ. ئەمما ئىنسانلار بۇلارنى چۈشىنىشنى، ئۇ كۈنلەرنى قايتىدىن ياشىغاندەك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

5. شاخلارغا ئېسىلىپ، ھېرىپ كەتكەن يوپۇرماقلار يەرلەرگە چۈشۈۋاتاتتى.

6. تاغلارغا يەنە كۈز كەلدى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يازدىن كېيىن، ھەر تەرەپ كۈزنىڭ جىمجىتلىقىغا چۆكتى. يايلاققا چىققانلارنىڭ چىقارغان چاڭ-توزاڭلىرى تىندى. ياققان ئوتلىرى ئۆچتى. ھايۋانلار قىشلاققا كەتتى. ئۇلار بىلەن بىرگە ئىنسانلارمۇ كەتتى. تاغلار بوش ئادەمسىز قالدى.

7. ئېشەككە، ئېشەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسەن.

8. ئانا ئاچچىقلايدۇ، ئانا ئازار بېرىدۇ، ئەمما ئانا كۈلۈمسىرەيدۇ بالىسىغا…

9. بىر ئادەمنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلماق ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈپ، چوڭ قىلىش ئۈچۈن بەكمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈش بەكمۇ ئاسان، بىردەمدىلا ئۆلتۈرەلەيسەن.

10. سۇ بويلاپ ئۈزۈپ كەتتىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە رىۋايەتلىرىڭنىمۇ ئېلىپ كەتتىڭ. ئۈزۈپ كەتتىڭ….
ھېچ بىر ۋاقىت بېلىق بولالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىڭمۇ؟
»ئاق پاراخوت« نى كۆرەلمەيدىغانلىقىڭنى ۋە ئۇنىڭغا »سالام ئاق پاراخوت، مەن كەلدىم، مانا مەن!« دىيەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلەمتىڭ؟
جىلغىنى بويلاپ ئۈزۈپ كەتتىڭ ئەي ئوغلۇم!
ئەمدى مەن پەقەت مۇشۇ نالەنى دېيەلەيمەن؛
بالىلىق قەلبىڭ بىلەن بالىلىق روھۇڭ بولسا چىقىشالمايدىغان ھەرقانداق نەرسىنى رەت قىلدى. ماڭا تەسەللى بېرىدىغان پەقەت مانا مۇشۇلار.
بىر چاقماق چاققىچىلىكلا ياشىدىڭ سەن، بىر قېتىم چاقنىدىڭ ۋە ئۆچتۈڭ. چاقماقنى چاقتۇرغان كۆكتۇر. كۆك ئەبەدىدۇر. مانا ماڭا تەسەللى بولىدىغىنى.

باشقا يەنە بىر تەسەللىمۇ بار:
ئىنساندىكى بالىلىق ۋىجدان، تۇخۇمداندىكى ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۇرۇق بولمىسا تۇخۇم بىق چىقارمايدۇ، تەرەققىي قىلمايدۇ.
يەر يۈزىدە بىز نېمىلەرنى ئۈمىد قىلساق قىلايلى، ئىنسانلار تۇغۇلىدىغان، ئۆلىدىغان ۋە ياشايدىغانلار بولسا ھەقىقەت بىلەن توغرۇلۇق دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ساڭا ئۆزۈڭنى سۆزى دەپ خوشلاشماقچىمەن: «مەرھابا ئاق پاراخوت، مەن كەلدىم!»

08.09.2016، گېرمانىيە

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش