ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش يوللىرى

ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش يوللىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ishenchدوكتور پەرغەلىي ھارۇن

ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەنلىك، ئىنسان ئۆزىنىڭ گەپ -سۆزى، ئىش ھەرىكەتلىرى، قانائەتلىرى، ھاياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىن شارائىتلاردا ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە ئىشىنىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۆزىگە ئىشىنىش ھاياتنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە غەلىبىگە ئېرىشىش، جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەردىن خالىي ساغلام كىشىلىك يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

ئۆزىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى:

1- ئۆزىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلىبىياتلىرى بىلەن بىردەك قوبۇل قىلىدۇ. سەلبى تەرەپلىرىدىن ئۆرتىنىپ بىئارام بولمايدۇ. ئالاھىدىلىكلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ كېرىلىپ كەتمەيدۇ.

2- ئۆزىدىكى قابىلىيەت، تالانت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. كەلگۈسى نىشان – مەقسەتلىرى بىلەن قابىلىيىتى، تالانت ۋە ئىمكانىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىيالايدۇ. ھىممەتسىز ئېزىلەڭگۈ بولمايدۇ. ھەددىدىن زىيادە ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئاخىرىغا چىقىرالمايدىغان ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ.

3- باشقىلارنىڭ تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەنقىد قىلىنسا بىئارام بولماستىن مۇمكىنقەدەر پايدىلىنىشقا ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

4- ھەر ئىشنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدۇ، ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىدۇ، ئۆز ئىشىدا ياكى كەسپىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ھەرقانداق ئىشنى مۇكەممەل ۋە تۇلۇق ئادا قىلىدۇ.

5- تەمكىن، ئېغىر بېسىق، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. تىز ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن چۈشىنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

6-ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولغان ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى شىجائەتلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. غەلىبە قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن رەببىگە شۈكرى ئېيتىدۇ، قەتئىي مەغرۇرلانمايدۇ. ئەگەر مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا مەيۈسلەنمەستىن غەلىبە ئۈچۈن يېڭىدىن كۈرەشنى باشلايدۇ. ئىنساندىكى ئۆزىگە ئىشىنىش ئالاھىدىلىكى تۇغۇلما بولماستىن، بەلكى ئىنسان ئۆمرىنىڭ ھەرخىل باسقۇچلىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمىلى تەجرىبىلىرى ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ئىنساندىكى ئۆزىگە ئىشىنىش ئالاھىدىلىكىنىڭ يېتىلىشىدە بالىلىق باسقۇچىنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بولسىمۇ يەنىلا ئۈسۈپ يېتىلگەن ساغلام مۇھىت بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىگە تايىنىش ئېڭىنى سىڭدۈرىدۇ. ئەمما ساغلام مۇھىتتا ئۈسۈپ يېتىلمىگەن بالىلاردا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئىشىنىش ئېڭى ناھايىتى ئاجىز ياكى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. بۇنداق بالىلار باشقىلارغىمۇ ئىشەنمەيدىغان، باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ قەلبىدە كىچىكلىكىدىن باشلاپلا ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىدىكى تالانتلارنى كەشىپ قىلىش ۋە قەدىرلەش ئېڭى يېتىلسە، چوڭ بولغاندا ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما بالىلىق دەۋرى تەنقىد، قاتتىق قوللۇق ياكى سوغۇق مۇئامىلە ئاستىدا ئۆتسە، ئۇنىڭدىكى ئۆزىنى قەدىرلەش ئېڭى تۆۋەن، باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى زىل، ئىشنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆپ ئويلايدىغان، ئۆزىگە ۋە تالانتىغا ئىشىنىش ئېڭى تۆۋەن ھالدا چوڭ بولىدۇ. لېكىن مۇنداق دېگەنلىك كىشى ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىگە تەسلىم بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئۆزىدىكى ھەممە ئىشنىڭ قېيىن ۋە مۇمكىن بولمايدىغان تەرىپىنى ئويلاش چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ مەسىلىلەرگە ئىجابىي تەرەپتىن قاراش، ئۆزىدىكى قابىلىيەت ۋە تالانتلارنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشىنىش ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

ئۆزىدىكى قابىلىيەتلەرنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى:

1- ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش: چۈنكى مۇئمىن ياردەم ۋە كۈچ قۇۋۋەتنى ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىدۇ ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تايىنىدۇ، پەقەت ئاللاھتىنلا قورقىدۇ، ئاللاھدىن باشقىسىدىن بىر نەرسە ئۈمىد قىلمايدۇ. ئاللاھغا ھەقىقىي ئىشەنگەن ھەقىقىي مۇئمىننىڭ دائىمىي شوئارى تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ روھىغا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئاللاھ ماڭا .كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.[1]

شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ). [2]

چۈنكى، ئۇ ھەر قانداق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن ئىشلىرىدا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ.

مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن .[3]

2- ئۆزىنىڭ پروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش:

ئۆزىنى بىلىش دېمەك، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قېلىشنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى بېسىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىنىڭ سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرەپلىرىنى بىلىشى ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كېرەك.

جۈملىدىن كىشى ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك ياكى قورقۇنچلۇق دەپ قارالغان ئىشلارغىمۇ دادىل قەدەم بېسىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ئارزۇ – ئۈمىتلىرىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى، ھەممە ئىشتا باشقىلارغا ئەگىشىش ياكى ئېرىپ يوق بولۇشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى ھەممە ئىشتا باشقىلارغا ئەگىشىش ئۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىغا دالالەت قىلىدۇ. ھەق بولسۇن ياكى باتىل بولسۇن ھەممە ئىشتا باشقىلارغا ئەگىشىش ياكى قۇيرۇقلۇق رولىنى ئېلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى ئادەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنى ئېيىپلاپ مۇنداق دەيدۇ: ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىيگە، قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟.[4]

3- ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش ۋە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش:

ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە مەن ئېھتىرام قىلىشقا، ياخشى كۆرۈشكە ۋە تەقدىرلەشكە لايىق كىشى دەپ باھا بەرسە ياكى شۇنداق قارىسا بۇ غەلىبە قىلىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھالدا بولىدۇ. ئەمما ئۆزىگە بولغان باھاسى بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا بۇنداق كىشى مەغلۇپ بولىدۇ. ئىش ھەرىكەتلىرىمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىش قابىلىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ ھەرقانداق بىر ئىشقا قول تىقىشتىن ئىككىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئۆزىدە ئاكتىپچانلىق روھى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى ۋە ئۆزىدە پەيدا بولغان ئىلگىرىلەش ۋە يۈكسىلىشلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا ئۆزىنى چۈشكۈلۈك ۋە پاسسىپلىق ئەۋرەزلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشى لازىم.

4- ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى بايقاش:

بىزنىڭ ھەر بىرىمىزدە سىرىنى پەقەت ياراتقۇچى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يوشۇرۇن كۈچ ۋە ناھايىتى چوڭ قابىلىيەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىلىمى تەتقىقات يەر شارىدىكى ئەقىللىك ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىدىن پەقەت 40% نىلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىنسانلار ئۆزىدە بار قابىلىيەتنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىشكە قادىر بولسا كائىناتتا ۋە ئەتراپىمىزدا ئىنساننى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىنساندىكى يوشۇرۇن كۈچ ئىنسان دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىنساننىڭ زور مىقداردىكى ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى سەلبىي ياكى ئىجابىي شەكىلدە ئىشلىتىش شۇ كىشىنىڭ ئىمكانىيىتىدىكى بىر ئىش.

ئادەملەردىكى يۇشۇرۇن كۈچنىڭ ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ۋە ھالىنى تېخىمۇ ياخشىلاشتا ئالاھىدە ئەمھمىيەتكە ئىگە. يۇشۇرۇن كۈچىدىن ئاكتىپ ئىنىرگىيە قۇبۇللىغان ئادەملەرلا ئۆزىدە پەزىلەت ۋە ئېسىل ئەخلاق روھىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇنداق روھ يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈزىمىزنى يۇشۇرۇن كۈچىمىزگە قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ئىجابىي تەسىرلەردىن زەررەتلىشىمىز ۋە ھەر بىر قەدەملىرىمىزدە يۈكسەك، ئالىيجاناپ پەزىلەتلەرگە يېقىنلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

5- ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرگە دادىل يۈزلىنىش:

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئاجىز ھېس قىلىش، مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇلارنىڭ غەلىبىسىگە يول ئاچقان. بۇ خىلدىكى كىشىلەر مەغلۇبىيەتنى غەلىبىنىڭ تۈنجى قەدىمى ياكى بىشارىتى دەپ بىلىدۇ. ئۇلار يېقىلغان يېرىدىن دەس تۇرۇشنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان كىشى ھېچ ئىش قىلمايدىغان كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەلىبىنڭ ماتۇرىغان ئايلاندۇرۇپ، كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ھاياتلىقنىڭ ئوخشىمىغان ئوڭغۇل- دوڭغۇللىرى ئۈچۈن ياخشى ئىددىيىۋى تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى ئۆزىگە ئىشىنىش مۇستەھكەم ئىرادە، سەۋر، چىدامچانلىق دېگەندەك ھەقىقى مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىگە بىۋاستا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزگە ئەڭ مۇھىم ھاياتتا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىماسلىق ياكى مەغلۇب بولماسلىق ئەمەس، بەلكى شۇ زىيان ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىش ۋە ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ غەلىبىگە ئىنتىلىشتۇر.

6- چىدامچانلىق ۋە ئالىي ھىممەت:

ئۆزىگە ئىشىنىش بىلەن ئالىي ھىممەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار. بۇ ھەقتە مۇتەنەببىينىڭ مۇنداق گۈزەل مىسرالىرى بار:

قانچىكى زور بولسا چىدام ۋە تاقەت،

شۇنىڭغا يارىشا بولاركەن ھىممەت.

(شۇ مىسال) كېلەركەن پەزىلەتلەرمۇ،

قانچىكى بولسا (ھەم ئۇنىڭدا) خىسلەت.

ئەرزىمەس، ئانچىكى كىچىك نەرسىلەر،

كىچىكلەر كۆزىگە كۆرۈنەر ھەيۋەت.

چوڭلارنىڭ كۆزىگە چوڭ-چوڭ نەرسىمۇ،

ئانچە چوڭ كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ پەقەت.

شۇڭا بىز غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۆزمىزگە تەلەپنى يۇقىرى قۇيۇشىمىز، ئۈزىمىزنى مەزكۇر مىسرالاردا تىلغا ئېلىنغان چوڭلار دەپ قىياس قىلىپ، ئۇششاق، پەسپەلەڭ ئىشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز تولىمۇ مۇھىم. شۇنداقلا مەيلى ئىلىمى تەتقىقات ياكى ئۈگىنىش قاتارلىق ئىشلاردا زادى بىر ساھەنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىشقا، كەسىپلىشىش ۋە مۇتەخەسسىسلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇ چاغدىلا ئۇ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ ۋە ئۈزىنى ئىچكى ئىنىرگىيەلىرىنى ھەقىقى قىممەتكە ئايلاندۇرغان ھىساپلىنىدۇ.

شۇنىڭدەك يەنە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

ھەق يولغا باشلىغان ئالىملارغا خوپ،

تاج كەبى يارىشا پەخرى-ئىپتىخار.

ئىنساننىڭ قىممىتى ياخشىلىق بىلەن،

جاھىللار ئالىمدىن بىزاردۇر، بىزار.

ئىلىم ئال، نىجات تاپ، ياشىغىن مەڭگۈ،

بارچە خەق ئۆلسىمۇ، ئالىملا ياشار.

7- پىلاننى ياخشى قېلىش:

ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەمچى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى كەلگۈسى نىشان ۋە غايىلەرنى بىلىش ۋە ئۇنى شەخسى، ئىجتىمائىي ۋە خىزمەتتىكى مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش. مۇناسىپ ۋاقىت ۋە مۇناسىپ يول بىلەن نىشان ۋە مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئىجرا قىلىش. بۇ ئىش ۋاقىتقا قارىتا ھېكمەتلىك بولۇشنى، ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىشنى، ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ زايە قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، ئالىملار ۋە تالانت ئىگىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىش ۋە پىلان بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشنىڭ، نەتىجە ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ۋاقىتتىن پىلانلىق ۋە رەتلىك ھالدا پايدىلىنىش كىشىنى ئۈزىمۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئادەمنى غايە ۋە مەقسەتلىرىگە يەتكۈزۈپ ئۆزىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

[1] سۈرە تەۋبە 129- ئايەت.

[2] سۈرە ھۇد 56-ئايەت.

[3] سۈرە ھۇد 88- ئايەت.

[4] سۈرە بەقەرە 170- ئايەت.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش