ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قىز بالا ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟

قىز بالا ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

kiz-ve-kitapخەندان

كىچىكىمدىن «قىز بالا ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟ » دېگەن سۆزنى تولا ئاڭلايتتىم. ئاتا-ئانامدىن ئەمەس، ھېكايىلەردىكى، ئەتراپىمدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېغىزىدىن، بەزى قىزلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن. ئۇ چاغلاردا بۇ سوئالنى نادانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، بەك ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەپتىكەنمەن. كېيىنچە ئۇنىڭغا يانداشقان: «قىز بالا ئوقۇپ ئەرشى-ئەلاغا چىقامتى؟ » دېگەنلەرنىمۇ ئاڭلىدىميۇ، يەنە ئوقۇشۇم بىلەنلا بولدۇم. ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن چېغىمدا، بەزى چوڭلارنىڭ ماڭا دارىتىپ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. لېكىن، مەن ئوقۇپ نەگە بارىمەن؟ دېگەننى كۆپ ئويلاشمىدىم.

يېقىندا، قىزلارنىڭ خىزمەت تېپىشقا زورلىنىشى ھەققىدە بەزى ماقالىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان پىكىرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خىل ئىدىيەنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇتماسلىقتىن ئوقۇتۇپ ئىشقا سېلىش يەنى «بارىدىغان يېرىنى بېكىتىش»كە ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدىم. سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندەك، نەگە بارىدىغىنىمىزنى ئېنىق ئېيتىش لازىملىقىنى ھېس قىلدىم.

مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، مېنىڭ شۇنداق قاراشتىكى ئاتا-ئانىلاردىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: «ئوغۇل بالا ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟ ئوغۇل بالا ئوقۇپ ئەرشى-ئەلاغا چىقامدۇ؟ » بۇنداق دېيىش ئارقىلىق مەن ئوغۇللارنى ئوقۇتماسلىقنى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەس، بەلكى قىزلارنىڭ ئوقۇشى ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيۋاتقان كىشىلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوقۇشنىڭ مەنزىلىنى سوراپ باقماقچىمەن.

دەرۋەقە، ھەقىقىي ئوقۇش نىيىتىدىكى ھېچكىم ئۈچۈن ئوقۇشتىن مەقسەت بىرەر يەرگە بېرىش، بىرەر يەرگە چىقىش ئەمەس. قىز بالىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق. شەخسەن ئۆزۈم بىرەر مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىلىم ۋە ساپا ئۈچۈن، مەيلى قانداقلا ئۇسۇلدا بولسۇن، ئالغىنىمنى يەتكۈزۈش، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئوقۇدۇم. بۈگۈنكى سۆھبەتتە مەن بۇ تېمىنى بىر نەچچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ ئۆتمەكچى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئوقۇتماسلىقتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالساق گېپىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

ئۆزى ئوقۇيالمىغان بەزى ئاتا-ئانىلار ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمىغانلىقتىن ھازىرقى بۇزۇلۇۋاتقان جەمئىيەتتە قىزلىرىدىن ئەنسىرەپ بالدۇرراق تۇرمۇشلۇق قىلىش يولى بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇشنى خالاپ قالىدۇ. ياخشىراق ئويلىنىدىغان بولساق، بۇ خىل مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر. پەرزەنت- ئاتا-ئانىغا بېرىلگەن ئامانەت، مەيلى قىز، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ئوخشاش. نەرسە ئامانەت قويۇلسا يىتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاۋايلايمىز، ئادەم بالىسى ئامانەت بولغاندىچۇ؟ ياۋايى ھايۋانلار ئۆز بالىلىرىغا ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگىتىپ، كېيىن مۇستەقىل ياشىغاندا ئاچ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادەم بالىسىغا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقراقنى قىلىشىمىز، ياخشى تەربىيەلەپ كېيىن مەيلى ھاياتى قانداق جايدا، قانداق شارائىتتا بولسۇن ئۆزى پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك. ھېچقانچە تەلىم-تەربىيە كۆرمىگەن بىر قىزنى چوڭ قىلىپ ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن ئەھۋالدىكى بىر يىگىتكە قوشۇپ قويۇش بىلەن بىز ھەرگىز ئامانىتىمىزنى جايىغا يەتكۈزگەن، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلغان ھېسابلانمايمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، قىزلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، كۆڭلى بىلەن ھېسابلاشماي، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ تولۇق چىقالمايدىغان تەربىيەسىز يىگىتلەرگە ئۇزىتىۋاتقىنىمىزدا، نەچچە يىلدىن كېيىن بالىلىرىنى يېتىلەپ كېلىۋاتقان، ياكى تۇرمۇشنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا كۆز ياشلىرى قۇرۇمايۋاتقان قىزلىرىمىزغا قاراپ ھەممىنى تەقدىر-پىشانىسىگە قويۇۋاتقىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە سوراقنىڭ چوڭى ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. پەرزەنتنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكى قۇتۇلۇش ئۈچۈن چارىسىنى ئىزدەشتە ئەمەس.

يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار جەمئىيەتتىن ئەنسىرەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىزلارنى ئەۋەتمىگەننىڭ سىرتىدا ئائىلىدە ئۆگىنىش قىلىشىغىمۇ شارائىت يارىتىپ بەرمەي، يەنە بالدۇرراق قىز بالىدىن ئىبارەت بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا باشلايدۇ. ھەربىر دەۋردە، ئادەم ئۆزىنىڭ ئارىلاشقان توپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ياشايدۇ. ئەگەر قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاق تۇيغۇسىنى كىچىكىدىن يېتىلدۈرسەك، باشقىلار كۆرسە ئەيمەنگۈدەك قىز چوڭ قىلالىساق، جەمئىيەتتىن ئاغرىنىش ھاجەتسىز. كىچىكىدىن قورقۇتۇپ سىڭدۈرۈلگەن ھايا چۈشەنچىسى، ئاق-قارىنى توغرا چۈشەندۈرمەستىن پەقەت قاپىقىدىن قورقۇتۇپ قىلىنىغان تەربىيە ئالىي مەكتەپكە بارغان بەزى قىزلاردا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆز قىزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قىزلىرىنى بۇ يولدىن توسۇۋاتىدۇ.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس، دەيمىز. بولىدۇ، ئەگەر قارىشىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز ئەۋەتمەڭ. ئەمما، ئائىلىدە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ، مەيلى تىل ئۆگەنسۇن، مەيلى كەسپ ئۆگەنسۇن، مەيلى كىتاپ ئوقۇسۇن، ئۆگىنىش پۇرسىتى بېرىڭ. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلماي، بىراقلا تۇرمۇش يولىغا سېلىپ قويسىڭىز سىزنىڭ ئوقۇتماسلىقتىكى سەۋەبىڭىز ھەقىقىي ئەمەس.

ئوقۇغان قىزلار ھەقىقەتەنمۇ ئاتا-ئانىلارغا بىۋاسىتە پايدا ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئوقۇتۇپ، ئالىي مەكتەپكىمۇ مەبلەغ سالغاندىن كېيىن خىزمەت قىلسىمۇ، ئۆي ئايالى بولسىمۇ ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن ھېچقانچە مەنپەئەت بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇنتۇمايلىكى، بالا چوڭ قىلىشتىن مەقسەت ياندۇرۇۋېلىش ئەمەس. قىزلىرىنىڭ بەختىنى كۆرۈش ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى دەپ چۈشىنىمەن، شۇنداقكەن گەرچە ئوقۇشنى بەخت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ كېسىپ دېيەلمىسەممۇ، ئوقۇماسلىق تۈرلۈك بەختسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبچىسى، دېيەلەيمەن.

قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى، قىزى بار ئاتا-ئانىلار، سىلەر بىلسەڭلار، مىللەتكە ئانا تەربىيەلەۋاتسىلەر. بەلكىم مىللەتتىن ئىبارەت ئىنتايىن مەۋھۇم بولغان چوڭ ئۇقۇم كۆپىنچىمىزگە ئاسان تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. كىچىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قىزىڭىزنىڭ تەربىيەسى نەۋرىلىرىڭىزنىڭ تەربىيەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئوقۇغان قىزلار يېپيېڭى ئۇسۇللار بىلەن بالىلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېچىپ ئۇلارغا ئاجايىپ بالىلىق دەۋرى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنى بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقىنىدا، سىزنىڭ قىزىڭىز پەقەت ئۆي ئىشلىرىدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلەلمەي، بالىلىرى ئۆزى چوڭ بولۇپ قېلىۋاتقىنىدا، كېيىنچە ئانىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بالىلاردىن بولۇپ يېتىلگىنىدە پەرقىنى بىلەلەيسىز، ئەمما، ئۇ چاغدا بەكلا كېچىككەن بولىسىز.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوقۇغان قىزلار لايىق تاللاشتىمۇ ئۆز دائىرىسىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇلار كىتاپ ئوقۇيدىغان ئانا بولۇپ يېتىلسە، ئائىلىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئىلمىي ھەل قىلىشنى بىلىدىغان بولىدۇ. ئوقۇشنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزغان قىزلارنىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتقان ئارمان تۇرمۇش ئوتلىرىدا تېخىمۇ كۆيۈپ، ئۆز ئارزۇسىغا ماسلاشمىغان ھاياتتىن زارلىنىدىغان، قاقشايدىغان، بەختسىزلىكى ئۈچۈن چۈشكۈنلىشىدىغان بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئاز ئەمەس.

شۇڭا، ئاتا-ئانىلارغا دېمەكچى بولغىنىم، قىزلىرىڭلارنى قولۇڭلارغا سېلىۋالغان ئۈزۈكتىن، ئىلكىڭلاردىكى مال-مۈلۈكتىن قىممەتلىك دەپ بىلىڭلار. ئۈزۈكۈڭلارنى داۋاملىق پاكىزلاپ تۇرغاندەك، قىزلىرىڭلارنى ئىلىم بىلەن زىننەتلەپ تۇرۇڭلار. ئۈزۈكۈڭلارنى ھەرقانداق ئادەمگە قولۇڭلاردىن چىقىرىپلا بېرىۋەتمىگەندەك، قىزىڭلارنىمۇ خالىغان ئادەمگە ئەمەس، ئەرزىيدىغان ئادەمگە بەختى بىلەن ئۇزىتىڭلار. قىزلارنىڭ ئوقۇشى ھەققىدە كۆپ سۆزلىدۇق، كۆپ ئاڭلىدۇق، مۇھىملىقىنىمۇ بىلدۇق. ئەمىسە زادى قانداق ئوقۇيدۇ؟ نېمە ئوقۇيدۇ؟

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس، دېگەن قائىدىنى ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇماي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر بارلىقىنى بىلىمىز. مەن بۇ يەردە توختالغان «ئوقۇش» دېگەن ئىبارىمۇ پەقەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا قارىتىلمىدى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەن، شارائىتى يار بەرگەن قىزلارنىڭ ئامال بار ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، قىزلار مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان مىنۇتىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى كىچىكلىتىلگەن جەمئىيەت دېسەك، ئۇ يەردىمۇ ئادەمنىڭ ياخشىسىلا توپلانغان بولماي ھەر تۈرلۈك ياخشى بىلەن يامان، ھەسەل بىلەن زەھەر ئارىلاشقان بولىدۇ. ئارىلاشقان دوستلىرىڭىزغا دىققەت قىلىڭ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز نىشانىڭىزدىن چەتنەپ كەتمىسۇن. ئوقۇۋاتقان قىزلارمۇ ھەركۈنكى مەشغۇلاتىنى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، كىيىم ۋە ئولتۇرۇش غېمى بىلەن تۈگەتسە كېيىنكىلەرنىڭ يولىنى توسۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ. سىزنىڭ ياخشى ئوقۇمىغىنىڭىز، ھەتتا ئىلىم ئېلىشقا بېرىپ ئەخلاقىڭىزنى سۇندۇرۇپ كېلىشىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى باشقا ئىستىقباللىق سىڭىللىرىڭىزغا ئىبرەت قىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇش ھەققىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق بىرىگە ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن چىرايلىق جاۋاب قايتۇرۇڭكى، ھەرگىز ئاتا-ئانىڭىزنى ئوقۇتقانغا تويغۇزۇۋەتمەڭ.

ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان قىزلارغا كەلسەك بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى نۇرنىڭ ئۆچكەنلىكىدىن، ئەتىسىنىڭ قاراڭغۇ بولۇپ قالغىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن خېلى ياخشى ئوقۇغانلارمۇ بەزىدە ئۆتەلمەي قالىدۇ. قايتا ئوقۇشنى خالىمىغان قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. ئۆگىنىشنىڭ تۈرى كۆپ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىلىم قولىمىزنى سۇنساقلا ئالىدىغان يەردە بولۇپ كەتكەن شارائىتتا، مەيلى ئەمەلىيەتتىكى بولسۇن مەيلى توردىكى دەرسخانىلار بولسۇن بۇ ھەقتىكى ئېھتىياجلارنى قامداپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۆگىنىشتە نىشان بولۇشى كېرەك. بىر دەم ئۇ تىلنى، بىر دەم بۇ كەسپنى ئۆگىنىپ ھېچقايسىسىنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ھەم ۋاقىت ھەم ئىقتىساد ئىسراپ قىلغاندىن ئۆگەنمىگەن ياخشى.

ھەر ئادەمدە ھەرخىل قىزىقىش بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا كىرەلمىگەن قىزلارنىڭ بۇنى ئۆزىگە بېرىلگەن قىزىقىشىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى، دەپ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىغا ئاساسەن مەلۇم بىر تۈردە سىستېمىلىق تەربىيەلىنىشنى تاللىساق تامامەن بولىدۇ. تىل ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئەڭ قىزىقىدىغان بىر تىلنى تاللاپ باشتىن تارتىپ بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىپ ئاخىرىغا چىققۇچە ئۆگىنىڭ، شۇ تىلدىكى ئەدەبىي، ئىلمىي كىتاپلارنى ئوقۇڭ، تەرجىمە قىلىڭ. شۇ تىلنىڭ ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىڭ. بۇنداق بولغاندا سەۋىيەڭىزنىڭ ئۆسۈشىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسال بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالغىنىڭىزنى ھېس قىلىسىز. بىرەر كەسپ ئۆگەنمەكچى بولسىڭىزمۇ تەس كەلگەندە ۋاز كەچمەي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىڭ. ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆي باقىدۇ، دەپ ئوغۇللارغىلا ئەمەس، قىزلارغىمۇ ئۆز جېنىنى جان ئەتكۈدەك ئىلىم ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ھايات ئەگرى-توقاي بولىدۇ، ئادەم يەنىلا ئۆزىگە تايىنىپ تىك تۇرالايدۇ. مەيلى سىرتتا خىزمەت قىلسۇن، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ئۆگەنگەن توغرا ئىلىم يەردە قالمايدۇ.

بۇ يەردە تۇرمۇش قۇرغان ئاياللارغىمۇ ئامال بار ئۆگەنگىنىنى تاشلىۋەتمەسلىك تەكلىپىنى بېرىمەن. ئۆگىنىپ تۇرغان، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ تۇرغان ئايال كىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمايدۇ، ھەرقانداق شارائىتتا ئاسان چۈشكۈنلەشمەيدۇ. نوقۇل ئىقتىساد ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىزنى قەدىر-قىممىتىنى ئىلىم بىلەن ئۆلچەش ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى تاشلىۋەتمەڭ. ئەڭ ئاخىرىدا مەيلى قانداقلا بولسۇن ئوقۇپ، ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن قىزلارنىڭ تاللىشى ھەققىدە ئازراق كۆز قارىشىمنى بايان قىلغۇم كەلدى:

ھايات ھەممىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتى، ھەممىمىزنىڭ ئۆز قارارىمىزنى چىقىرىش ھەققىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك قىزلارنىڭمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئائىلىدە ئىجتىھادچان ئايال ۋە تىرىشچان ئانا بولۇشنى تاللاش ياكى خەلققە پايدىلىق خىزمەت قىلىشنى تاللاش ھەققىنى ئاتا-ئانىلار بېكىتىپ بەرمىسىكەن، دېمەكچىمەن. زامانىمىزدا ئاياللارنىڭ جاپاكەشلىكىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ، چۈنكى خىزمەت، ئۆي ئىشى، بالا ھەممىسى ئۇلارنىڭ زىممىسىدە. ئەگەر قىزىڭىز ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز تاللىشى بىلەن كەلگۈسى پەرزەنتلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىمەكچى بولسا ئۇنىڭغا يول قويۇڭ. سىز قىزىڭىزنى ئوقۇتۇش بىلەن ياتلارغا ئەمەس، ئۆز قىزىڭىزنىڭ ئىلىم باغچىسىدەك بىر ئائىلە قۇرۇشىغا، نەۋرىلىرىڭىزگە مەبلەغ سالدىڭىز. توغرا، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ خارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغىنى يوق. شۇنداقتىمۇ ئىشىنىڭكى ئوقۇغان قىزىڭىز خارلىنىپ قالمايدۇ، ئىلمىنى توختىماي ئىشلىتىپلا تۇرسا زۆرۈر چاغلاردا يەنىلا باش كۆتۈرەلەيدۇ.

ھازىرقى يەنە بىر مەسىلە يىگىتلەرنىڭ خىزمىتى يوق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكى، ئائىلىلەرنىڭ ئۇلارنى كېلىن قىلماسلىقى. بۇ ھەقتىمۇ شۇنداق دېيىشنى توغرا تاپتىم: بۇنداق يىگىتلەرگە، بۇنداق ئائىلىگە بېرىدىغان قىزىڭىز بولمىسۇن. بۇنداق يىگىت قىزىڭىزنى ئاسراش ئۈچۈن ئەمەس، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالىدۇ. بۇنداق ئائىلە رىسىقنىڭ بەرىكىتىنى بىلمەيدۇ، كېلىننىڭ ئىلمى ۋە ئەدەب-ئەخلاقىنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلىدە قىزىڭىز خارلىنىپ قالىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا قىزلار ئوقۇپ مىللەتكە ئانا بولغىلى بارىدۇ، كىتابلار بىلەن تولغان ئائىلە گۈلشىنى قۇرغىلى بارىدۇ، خىزمەت قىلغان يېرىدە ئوقۇغىنىنى دەل جايىغا يەتكۈزگىلى بارىدۇ. «قىز بالا دېگەن تالانىڭ ئادىمى» دېگەن سۆز بىلەن قىزىڭىزنى كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدە زار قىلماڭ، قىز بالا تالانىڭ ئادىمى ئەمەس، ۋاقتى كەلسە ئائىلىڭىزنىڭ غورۇرى، شەرىپى، يەنە كېلەچەكنىڭ بۆشۈكىنى ئىلمى بىلەن تەۋرەتكۈچى.
2016 -يىلى 17- سىنتەبىر

مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

بۇ يازما 463 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1080

ئىنكاسلار (1)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى © 2017

ئۈستىگە قايتىش