• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

54c3435ae1ea5

ئابدۇرېىم زۇنۇن

ئىملا قائىدىسى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»دىكى ناھايىتى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئۆگەنمىگەندە ئىككىلەمچى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى بولغان يېزىقنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگىلى، ئۇنىڭ رولىدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ئىملا قائىدىسى 90– يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئەڭ كەم بولغاندا 36 سائەت ئۆتۈلىدىغان مەخسۇس دەرس ۋە دەرسلىك ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا دەرسلەر ئىگىلەپ كەتكەچكە، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇڭا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەرسىنىڭ يېزىققا مۇناسىۋەتلىك بابلىرىدا قىسقارتىپ سۆزلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن بۇ مەزمۇننى تېخىمۇ ئىخچاملاپ، تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن «نان تېگىدىغان» قىسىملىرىنى يوللاپ قويدۇم. كەڭ تورداش دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سورايدىغان زۆرۈر مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋېلىشىكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن تېلېفون نومۇرۇمنى قالدۇردۇم: 2512377

1. ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

ئىملا قائىدىسى ـ توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە  ئۇلارنىڭ يېزىق تىلىدا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسى ئىملا قائىدىسى دېيىلىدۇ.
ئىملا قائىدىسى ـ مەلۇم بىر يېزىقنى قوللانغۇچى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مۇكەممەللەشكەن يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇ مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ئىشلىرىدا يېزىق تىلنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، شۇنداقلا ئەدەبىي تىلنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئومۇملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم ۋاسىتىدۇر.
ئىملا قائىدىسى ـ مەلۇم بىر تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزىلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. شۇ تىلنى قوللانغۇچى ئىجتىمائىي كوللېكتىپ دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان ۋە مۇكەممەل بولغان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش تەس. چۈنكى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھامان تىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈرلۈك تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتلار تۈپەيلىدىن تىلدا مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە بولغان دىيالېكت ۋە شېۋىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى پەقەت ئىملا قائىدىسى ئارقىلىقلا ئازايتقىلى ۋە بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كىشىلەر شۇ بېكىتىلگەن نورما ئۆلچىمى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئوي – پىكىرلىرىنى، تۈرلۈك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى خاتىرىلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىلىم – پەننى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ئۈستىدىكى سىستېمىلىق تەتقىقات 1940- يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئازادلىقتىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىندى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بولسا 20- يىللاردىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان. 1925- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى باكۇ شەھىرىدە بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. 1930- يىلى 5- ئايدا، ئالماتا شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئاتالغۇلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 1946- يىلى ئايشەم شەميېۋا تۈزگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىندى. 1960- يىلى غوجەخمەت سەدىۋاققاسوف تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى» 5- ئاينىڭ 18- كۈنى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 40- يىللاردىن بۇيان تىل – يېزىق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن جەمئىي يەتتە قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. بىرىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئىبراھىم مۇتىئى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1948- يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ۋە 1949- يىل 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىككى ساندا ئېلان قىلىندى.
ئىككىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر تىل – يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تەرىپىدىن 1953- يىلى تۈزۈلۈپ، 1954 – يىلى ئېلان قىلىندى.
ئۈچىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1965- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
تۆتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن 1973- يىلى تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
بەشىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1983- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1984- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە «ئۆ، ئۈ» سوزۇق تاۋۇشلىرى (فونېما) ئىجاد قىلىنىپ، قوشۇلۇپ سوزۇق تاۋۇشلار سەككىزگە كۆپەيتىلگەن. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلۇم دىيالېكت ياكى شېۋىنىڭ تىل ئادىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىيالېكت، يېتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قائىدىلەر ئۆزگەرتىلگەن.
ئالتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىملادا ساقلىنىۋاتقان زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىلىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى 1985 – يىلى ئېلان قىلىنغان.
يەتتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ 1995- يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ 6 – قېتىملىق ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تولۇقلاش ئاساسىدا تۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ ئىملا قائىدىسى بۇرۇن تۈزۈلگەن بارلىق ئىملا قائىدىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تۈزىتىش، تولۇقلاش، تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان.
سەككىزىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ 2008– يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، 2009– يىلى 12- ئايدا نەشردىن چىقىپ ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى 7- قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى كۆپ ھەم زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى بەرگەن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ھەر قانداق ئىملا قائىدىسىدىن ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئىككى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرى، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتقان، تارىخىي ماتېرىياللاردىن كەڭ پايدىلانغان ۋە سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپرەك كېرىشىنى كۆزلىگەن. يەنە بىرى، يېزىق تىلىنى جانلىق تىلغا بويسۇندۇرۇشقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىپ، شۇ ئاساستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ۋە خېلى دەرىجىدە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى كۆز ئالدىمىزدا ئومۇمىييۈزلۈك قوللىنىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
دېمەك، تىلنى يېزىق ئارقىلىق توغرا خاتىرىلەشكە، يېزىقنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئالاقە قوراللىق ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر تۇتاش تۈزۈپ چىقىلغان بەلگىلىك ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرگە (ئىملا قائىدىسىگە) ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. تۈپ سۆزلەرنىڭ فونېما سىستېمىسىنى يېزىقتا توغرا ئىپادىلەش قائىدىلىرى، يەنى ھەرپ شەكىللىرى ۋە يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ.
2. سۆز ۋە ئۇنىڭ مورفولوگىيەلىك تەركىبى بولغان تۈپ سۆز، ياسالما سۆز ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل مورفېمىلىرى، يەنى سۆز ياسىغۇچى مورفېما ۋە سۆز تۈرلىگۈچى مورفېمىلارنىڭ سۆزلەرگە ئۇلىنىش ـ يېزىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ.
3. قوشما سۆزلەر، بىرىككەن سۆزلەر، جۈپ سۆزلەر ۋە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
4. سانلارنىڭ ئىملاسىنى ۋە يېزىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
5. بوغۇم ۋە بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
6. ياردەمچى سۆزلەر (باغلىغۇچىلار، تىركەلمىلەر، ئۇلانمىلار)نىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
7. ياردەمچى پېئىللارنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىلىش  قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
8. چەت تىللاردىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر (خەنزۇ تىلى، ئەرەب، پارس تىلى، رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپادىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر)نىڭ ئىملاسى ۋە يېزىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
9. تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى قوللىنىش ـ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
10. مەتبۇئاتچىلىقتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە-قانۇنىيەتلەر ئۆگىتىدۇ.
بىر مىللەت تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ ئىلمىي ھەم مۇكەممەل بولۇش- بولماسلىقى ھەمدە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى قوللىنىۋاتقان ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، شۇ مىللەت پەن – مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر خىل يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى شۇ خىل يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئېنىق بېكىتىلگەن مۇئەييەن پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلىدۇ.
2. ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپلىرى
ھەر قانداق بىر ئېلىپبەلىك يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى مۇئەييەن پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزىلىدۇ. ئېلىپبەلىك يېزىقلاردا ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، فونېتىكىلىق پىرىنسىپ، مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ، تارىخىي پىرىنسىپ ۋە ئايرىش پىرىنسىپى قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ بىر-ئىككىسى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىمۇ يۇقىرىقى پىرىنسىپلار بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىپ، قالغان پىرىنسىپلارغىمۇ بەلگىلىك ئېتىبار بەرگەن ئاساستا تۈزۈپ چىقىلغان. تۆۋەندە بۇ پىرىنسىپلار ئۈستىدە كونكرېت توختىلىپ ئۆتىمىز:
1. فونېتىكىلىق پىرىنسىپ
فونېتىكىلىق پىرىنسىپ دېگىنىمىزـ سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچىلىرى جانلىق تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتا ئېلىپبەدىكى ھەرپلەر يار بەرگەن دائىرىدە تەلەپپۇز قىلغىنى بىلەن ئوخشاش يېزىش دېمەكتۇر. يەنى سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ يېزىقتا تەلەپپۇز قىلىنغىنىغا ئوخشاش  ئىپادىلىنىشى فونېتىكىلىق پىرىنسىپ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىجات ـ ئىجادى، ئىقتىسات ـ ئىقتىسادى، كىتاپ ـ كىتاۋى، ئىنقىلاپ ـ ئىقىلاۋى، دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا يېزىقتىمۇ شۇنداق يېزىلىشى؛ باغ، تاغ، ئەگ، چىگ، ياتاق، پىچاق، چېلەك، تىلەك دېگەندەك سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا باغ ـ باققا، تاغ ـ تاققا، تەگ ـ تەگكەن، چىگ ـ چىككەن، ياتاق ـ ياتىقى، پىچاق ـ پىچىقى ، تىلەك ـ تىلىگى، چېلەك ـ چېلىگى تۈرلىنىشى؛ يىپ، يىڭنە، يىلان، يۈرەك، يۇلغۇن قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ژىپ، ژىڭنە، ژىلان، ژۈرەك، ژۇلغۇن يېزىلىشى؛ شامالۋاغ، بەلۋاغ، قاقۋاش، مارالۋېشى قىلىپ يېزىلىشى فونېتىكىلىق پىرىنسىپقا كىرىدۇ.
2. مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ
مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ دېگىنىمىز ـ سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلماي، ئۇنىڭ مورفولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، سۆزنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەستىن يېزىش پىرىنسىپى دېمەكتۇر، يەنى سۆزدىكى مەنىلىك بۆلەكلەرنىڭ ئېيتىلىشى ۋە ئاڭلىنىشىنى ئاساس قىلماي، بەلكى سۆزنىڭ مورفولوگىيەلىك تۈزىلىشى، سۆز يىلتىزى، تومۇرى ۋە قوشۇمچىلارنىڭ مۇقىم شەكلىنى ئاساس قىلىپ، جانلىق تىلدا قانداق ئېيتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىملادا بىر خىل يېزىش پىرىنسىپىدۇر. مەسىلەن:
ئازاب ـ ئازابى، ئىنقىلاب ـ ئىنقىلابى، تەنقىد ـ تەنقىدى، ئىجاد ـ ئىجادى، تاغ ـ تاغقا، ئەگ ـ ئەگكەن، بەگ ـ بەگكە، پەرزەنت ـ پەرزەنتى، تەركىب ـ تەركىبى، جەسەت ـ جەسىتى، تەرتىپ ـ تەرتىپى، ئارخىپ ـ ئارخىپى، تاغ ـ تاغقا، باغ ـ باغقا، چېلەك ـ چېلىكى، تىلەك ـ تىلىكى، يىپ ـ يىپى، يۇلغۇن ـ يۇلغۇنى، يۈرەك ـ يۈرىكى، پىچاق ـ پىچىقى، ياتاق ـ ياتىقى،  يۈرەكئالدى (يۈرىكالدى ئەمەس)، ئالدىنئالا (ئالدىنالا ئەمەس)،  ئاقئۆستەڭ (ئاقۆستەڭ ئەمەس)، ئاچا ئېرىق (ئاچېرىق ئەمەس) ۋەھاكازالار.
3. تارىخىي پىرىنسىپ
تارىخىي پىرىنسىپ دېگىنىمىز ـ تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى مەلۇم بىر شەكىلدە قېلىپلىشىپ قىلىشى ۋە شۇنداق يېزىلىشىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. بۇ پىرىنسىپ بويىچە بەزى سۆزلەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى، ئەسلىي قۇرۇلمىسى ساقلانماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ئورنا (<ئورۇن + ا)،  باغاق (<بار+ غاق)، بۆك (<بۆرك)  پايپاق (<پاي +قاپ) يامغۇر (ياغ + مۇر)، ئەسۋاب (<ئەسباب)، قوشنا (<قۇنشى)، چاچ (<ساچ)  قىلىپ يېزىش تارىخى پىرىنسىپقا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.
4. ئايرىش پىرىنسىپى
ئايرىش پىرىنسىپى دېگىنىمىز ـ تىلنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسى كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى بىر سۆز كېيىن بىرنەچچە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە سۆز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تىل ئەمەلىيىتىدە مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان مۇنداق سۆزلەرنى يېزىقتا ئايرىپ، پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ناھايىتى مۇھىم بولىدۇ. دېمەك، مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ يېزىقتىكى شەكلىنى ئايرىپ، پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ـ ئايرىش پىرىنسىپى دېيىلىدۇ. مەسىلەن:
1. ئەتىۋار  ـ ئەتىۋار بالا، ئەتىۋارلىماق
ئېتىبار  ـ  ئېتىبار بەرمەك، ئېتىبارغا ئالماق
2. پەردە  ـ  سەھنە پەردىسى
پەدە    ـ  دۇتارنىڭ پەدىسى
3. خاتىر  ـ  خاتىرجەم، يۈز خاتىر
خاتىرە  ـ خاتىرە دەپتەر، خاتىرىسى ياخشى
4. زېھىن  ـ  زېھنىي ئەمگەك، زېھنى ئۆتكۈر
زەن  ـ  زەن سالماق، زەن قويماق
5. غۇبار ـ  غۇبارسىز
غۇۋا ـ  غۇۋا كۆرۈنمەك
6. قارار  ـ قارار قىلماق، قارار چىقارماق
قەرەل ـ   قەرەللىك ئامانەت، ئۆز قەرەلىدە كەلمەك
7. ئۇسۇل  ـ  چارە – ئۇسۇل
ئۇسسۇل ـ  ئۇسسۇللۇق ناخشا
8. ئىشارەت ـ ئىما – ئىشارەت
شەرەت  ـ شەرەت قىلماق
9. خازان  ـ خازان پەسلى
غازاڭ  ـ  قۇرۇغان يوپۇرماق
10. ئوچۇق ـ  ھاۋا ئوچۇق، ئوچۇق كۆڭۈل
ئېچىق ـ  ئېرىقنىڭ ئېچىقى…
قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ھەر بىر جۈپى ئېتىمولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا گەرچە بىر سۆز بولسىمۇ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن ئىككى سۆزلۈك تۈس ئېلىپلا قالماي، مەنە جەھەتتىنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن. مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان بۇنداق سۆزلەرنى ئىملادا پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ئايرىش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.
دېمەك، ئالتىنچى، يەتتىنچى، سەككىزىنچى قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، سۆزلەرنىڭ تۇراقلىق شەكلى ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرى مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىخىي پىرىنسىپ بىلەن فونېتىكىلىق پىرىنسىپقا ۋە ئايرىش پىرىنسىپىغىمۇ مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلگەن.

مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى

بۇ يازما 276 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 124

ئىنكاسلار (1)

  • ئابدۇلقۇددۇس

    بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ئالاقىدا خېلە مۇكەممەل پىكىر-چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. چۈنكى بىزنىڭ تىلشۇناسلىرىمىز دا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشۈنۈش جەھەتتە چېكىنىش ھالىتى مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئەسلىدە، ئىملا قائىدىسى فونېتىكىلىق پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان ھالدا ئومۇملاشتۇرۇلغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى. چۈنكى، بۇ پىرىنسىپتا ئۇيغۇر تىلى سۆزلەملىرىنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-تاۋۇش ئورگانلىرىنىڭ فزىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ نورمالنى ھەرىكىتىگە ناھايىتىمۇ ئۇيغۇن بولۇش بىلەن سۆزلەرنىڭ راۋان، ئاسان ۋە ھۇزۇرلۇق بولىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ، يازغاننى تۇلۇق ئوقۇش ، تەلەپپۇز قانداق بولسا شۇنداق يېزىشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك مەۋجۇتكى، يازغاننى ئەينەننى ئوقۇمايدىغان باشقا تىللاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئىملا قائىدىسىنى بېكىتىشتە فونېتىكىلىق پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بىرىشنىڭ زۆرۈرلىگى سەۋەپلىك ئىسپانىيە خان جەمەتى ئېنىستىتۇسىمۇ ئالاھىدە قارار چىقىرىپ فونېتىكىشۇناسلارنى ئاكتىپ دەرىجىدە قوللىغان. بۇ پىرىنسىپ جۈملىدىن تۈرك تىلىدىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىرىنسىپتىن چەتنەپ كېتىش ___ تىل-تاۋۇش ئورگانلىرىنىڭ نورمالنى ھەرىكىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش، سۆزلەملەرنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى بۇزۇش دېمەكتۇر!!!

ئۈستىگە قايتىش