ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرى

ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرى

lightning-bolt-road-vehicle-dark-clouds-natural-free-wallpapers_lightning-bolt-road-vehicle-dark-clouds-natural-1

ئەليۈكسەل

بىز ھەممىمىز قوچقار مۈڭگۈزىنى كۆرۈپ باققان. ئۇ تولغانما ۋە يۆگەلمە شەكىلنى ئالغان بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتنى ئەنە شۇنداق قوچقار مۈڭگۈزىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ: كىشىلىك ھايات تۈپتۈز بولمايدۇ. ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. كىشىلىك ھاياتتا تولغانمىلاردىن، ئويمانلاردىن، ئەگمىلەردىن ۋە ئېگىز-پەسلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

1014a_horn-jpg-thumb

 كىشىلىك ھاياتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ مېڭىشتا ئىشلارنى ياخشى پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئالدىن پىلانلانمىغان ۋە ئۆزى ئىستىمىگەن ئەھۋاللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە قانداق ماسلىشىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىز يېڭى ئەھۋاللاردىن بەك قورقۇپ كېتىدىكەنمىز، ياكى يېڭى ئەھۋاللارغا ئىچىمىزنى بەك پۇشۇرۇپ كېتىدىكەنمىز، بىز ئورۇنسىز ئازاب ۋە ھەسرەتنىڭ ئىچىگە پېتىپ قالىمىز. ئەگەر بىز بەزى تۇيۇق يوللارغا، ھەتتا بالايى-ئاپەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىكەنمىز، بىز ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئۆز ھاياتىمىزنى بېيىتالايمىز.

بىز كىشىلىك ھاياتىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتلەرنى، خۇشاللىق بىلەن قايغۇلارنى، ۋە شەرەپ بىلەن نومۇسلارنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرىمىز. ئاشۇنداق ئىشلار بىر-بىرسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مۈڭگۈزنىڭ سىرتقى شەكلى بىلەن ئىچكى ماددىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر خىل خاسلىققا ئىگە بولغان روھىي دۇنياسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى ۋە ھاياتىمىزدىكى باشقا ئېنىقسىزلىقلارنى تونۇپ يېتىش بىزگە بىر خىل راھەت ۋە ھېكمەت ئاتا قىلىدۇ.

سكوت فىتگېرالد (F. Scott Fitzgerald) مۇنداق دېگەن: «بىز ھاياتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سۈپەتلىرىنى ساپ بەخت ياكى ساپ خۇشاللىقتىن تاپمايمىز، بەلكى بىزگە جاپالىق كۈرەشلەر ئېلىپ كەلگەن چوڭقۇر رازىمەنلىكتىن تاپىمىز.» دانىيەلىك پەيلاسوپ سورېن كېركېگارد (Soren Kierkegaard) بۇ ئۇقۇمنى يەنە بىر خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان: «بىز ھاياتنى ئۆتمۈشكە يۈزلىنىپ چۈشىنىشىمىز، ھەمدە كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ياشىشىمىز كېرەك.» دېمەك، بىز ئۆتمۈشكە غەرق بولۇپ كەتمەي، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش ھەققىدە ئۆز-ئۆزىمىزنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

(يۇقىرىدىكى مەزمۇن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەخلاق مۇتەخەسسىسى ۋە نۇتۇقچى  مايكۇل جوسېفسوننىڭ بىر قىسقا يازمىسىغا ئاساسەن تەييارلاندى)

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 133

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش