ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » راۋاب پېشۋاسى تاشۋاي

راۋاب پېشۋاسى تاشۋاي

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تاشئاخۇن(تاشۋاي) (1851-1937)ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر شەھىرىدە ئاتاقلىق ئاتا مىراس تۆت باي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى باقىئاخۇن (تورغاي)، ئۇشۇنچە پۇلدار بولسىمۇ، لېكىن ئاددىي-ساددا يۈرىدىغان، چوڭ سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تاشئاخۇن ئىسىملىك بىر بالىسى بار ئىدى .

تاشئاخۇن ئائىلە تەربىيەسىدىن كېيىن، قەشقەردىكى مەدرىسىدە دىنى بىلىم ئالىدۇ ۋە ساۋاقداشلىرى ئىچىدىن  كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئىگىسى بولۇپ يېتىلىدۇ، ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا شوخ ۋە ئەركە ئۆسكەچكە، مەردپالۋان(نوچى)بولۇپ يېتىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇ چاغلاردا راۋاب چالالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان بولۇش مەردلىك ۋە نوچىلىقنىڭ بىر شەرتى بولغاچقا، ئۇ قەشقەر قارقۇ(قارقى)دەرۋازىسىدا ناۋايلىق قىلىدىغان تاھىر ئۇستامغا ھەق تۆلەپ، راۋابچىلىق ۋە ناۋايچىلىقنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مەخسۇمچە بايۋەچچىلىك ھايات يولىنى ئۆزگەرتىپ، راۋابنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ، مەدرىسلەرگىمۇ راۋابنى كۆتۈرۈپ بارىدۇ. بۇنداق قىلمىشنى ياقتۇرمىغان مەدرىسە موللىسى تاشئاخۇننى مەسخىرە قىلىپ:

     -ئىلىمى تالىپ بولساڭچۇ، ئابدال راۋابى بولغۇچە، نان سېتىپ تەۋەڭدە بازاردا ۋەيران بولغۇچە،- دەيدۇ.

     تاشئاخۇن ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا:

     -ئىشلەپ يېمەي ئەلدىن كۈتۈش كۇللۇم ھارام، قوي دۇئانى، ئىشلەسەنمۇ، ماڭا ۋەزدان بولغۇچە،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

     شۇنىڭدىن كېيىن، خەلپەت ۋە مۇددەرىسلەر تاشئاخۇنغا باشقىچە قارايدۇ. تاشئاخۇننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ بۇقىلىقىنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن نائىلاجلىقتىن بۇ يالغۇز ئوغلىنىڭ رايىغا قارايدۇ.

     مەدرىسىدىن قالغان تاشئاخۇن قەشقەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىدا تۆت ناۋايخانا ۋە پاناھسىزلارغا ئاتاپ بىر ساماۋارخانا ئاچىدۇ. ئۆزى ھەرقايسى چوڭ سورۇنلارغا بېرىپ راۋاب ئاڭلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەي راۋاب چېلىشتا داڭ چىقىرىدۇ. ئۇ ھەركۈنى سەھەر ئەزاندىن ئىلگىرى راۋاب چېلىپ، شەھەر كوچىسىنى ئايلىنىپ مەشىق قىلغاندىن باشقا، ئىجاد قىلىشقا كېرىشىدۇ.

     تاشئاخۇن كامالەتكە يېتىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى راۋابچىلاردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ئەنجاندا مەتەك ئاقساقال دېگەن قەشقەر ئاۋاتلىق داڭلىق راۋابچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئەنجانغا چېقىپ شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان چاغلىرىدا، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، چىڭ خاندانلىقى ھاكىميىتى قايتىدىن تىكلىنىدۇ. زوزۇڭتاڭ قەشقەردە بىر مەزگىل بۇلاڭ-تالاڭچىلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. شۇ قېتىملىق تۇتقۇندا باشقىلار قاتارىدا تاشئاخۇننىڭ دادىسىمۇ قاماققا ئېلىنىدۇ.

     تاشئاخۇن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل ناۋايلىق قىلىش بىلەن دادىسىنى باقىدۇ. ئۇچاغلاردا گۇناھكارلارنى ھەر جۈمە كۈنى يامۇل ئالدىغا ئېلىپ چېقىپ مەجبۇرى تىلەمچىلىك قىلغۇزىدىغان ئادەت بار ئىدى. تاشئاخۇن گۇندىپايلارنىڭ قەبىھلىكلىرى، گۇناھكارلارنىڭ نالە زارلىرىغا ئاساسەن، ‹‹گۇندىپاي›، ‹‹نالەش››، ‹‹پىغان››، ‹‹ئاق قۇشقاچمۇ دان يەيدۇ›› قاتارلىق پەدە(نەغمە) يەرنى ئىجاد قىلىدۇ. بۇ نەغمىلەردە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاھ زارلىرى ئىپادىلەنگەنىدى. كېيىن تۈرمىگە ئوت كېتىپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتارىدا تاشئاخۇننىڭ دادىسىمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا تاشئاخۇن تۆت ئۆزگىرىشلىك ‹‹ئاتەش››، ‹‹ئوت››، دېگەن نەغمە(پەدە) ئىجاد قىلىدۇ. بۇنەغمىدىن تەسىرلەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھالدا : ‹‹بۇ ھەقىقەتەن ‹ھال› پەدە ئىكەن(مۇڭلۇق دېمەكچى)، تاشئاخۇننىڭ ئىلىمگە بەرمىگەن دىلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىشقىۋاز قولىنى ئىلىپ قالسا بولىدىكەن›› دېيىشكەنىدى.

     تاشئاخۇن ھاياتىدا ئالتە شەھەر(جەنۇبى شىنجاڭ)، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق مۇقامچى بولغاندىن تاشقىرى، ‹‹گۇندىپاي››، ‹‹نالەش››، ‹‹پىغان››، (‹‹نالەش››،‹‹پىغان››نەغمىلىرى 40-يىللاردا سەھنىلەردە ئورۇنلانغانىدى)، ‹‹ئاق قۇشقاچمۇ دان يەيدۇ››،‹‹ئاتەش››، ‹‹توي››، ‹‹ھازا››، ‹‹تورغاي››، ‹‹تۇمۇچۇق››، ‹‹قارلىغاچ››، قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ سايرىشىغا تەقلىد قىلىدىغان نەغمىلەرنى، ‹‹ئوردام››،‹‹سۇلتان››، ‹‹ئىشانمۇسىز موللامۇيا؟››قاتارلىق ساتىرىك ناخشىلارنى ھەمدە زامانىمىزغىچە شۆھرەت قازانغان ‹‹تاشۋاي››قاتارلىق ئاجايىىپ جۇشقۇن ۋە مۇڭلۇق نەغمىلەرنبى يەنە كۆپلىگەن خەلق ناخشىلىرىنى كۆپ خىل ئۆزگىرىشلىك قىلىپ، رەتلەپ قېلىپلاشتۇرۇپ چىققان.

     تاشئاخۇن راۋاب بىلەن ھەرقانداق بىر پەدىنى ئورۇنلاشتىن بۇرۇن، ئۇنى مۇقامنىڭ چوڭ نەغمىسى بىلەن باشلاپ، مۇقام روھىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە تەتبىقلاش جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.

     ئۇنىڭ بەزى قەڭگىۋار تېكىستلاردىمۇ ئىجاد قىلغانلىقى مەلۇم، تاشئاخۇننىڭ بايلىقنى تەرك ئېتىپ، شەھەر كوچىلىرىنى ئارىلاپ راۋاب چېلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن شۇ زاماننىڭ بىرقىسىم مۇتەسسىپ قازى-كالانلىرى ۋە بايلىرىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغاچقا، ئۇنى مەسخىرە قىلىشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن دىلى رەنجىگەن تاشئاخۇن مەككە-مەدىنىنى تاۋاپ قىلىش قارارىغا كەلگەن. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇنىڭ دوست بۇرادەرلىرى، راۋاب ئاشىقلىرى، جەم بولۇشۇپ، ئۇنى قەشقەر شەھىرىدىن يېڭىسارغىچە ئۇزىتىپ بارغان.

     تاشئاخۇن قەشقەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ‹.كىلەرمەنمۇ››، ‹‹ئەلۋىدا››، ‹‹تۇققۇزبۇلاق›› مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ ئەل بىلەن خوشلاشقان. كەڭ خەلق تاشئاخۇننىڭ نامىنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ‹‹توققۇز بۇلاق›› مۇزىكىسىنى ‹‹تاشۋاي›› دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

     تاشئاخۇن ھەج قىلغاندىن كېيىن، شۇيەردە قېلىپ ھەرەمدە ناۋايلىق قىلغان تۇنجى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

     1937-يىلى قەشقەرلىك ئۆمەرباي ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندە، تاشئاخۇننىڭ يۇرتداشلارغا بولغان سېغىنىشى ۋە خەيرىخالىقىنى سۆزلەش بىلەن، ئۇنىڭ 86 يېشىدا ھەرەمدە ۋاپات بولغانلىقىنى قەشقەر خەلقىگە يەتكۈزگەن.

     تاشۋاي پۈتۈن ھاياتىنى راۋاب چېلىش، مۇقام ئوقۇش ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

   ئەسلى مەنبە شېرىپ خۇشتار , ‹‹شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر›› ناملىق كىتاب.

باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 127

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش