ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » دېھقان بولماق تەس – روزى سايىت

دېھقان بولماق تەس – روزى سايىت

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ، ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ،

ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ،

ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ،

ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،

ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ .

ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ «ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ» ﺩﯨﻦ.

ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ، ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ، ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ،

ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ.

ﺩﻩﺭ؛ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ،

ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ ﺭﺍﻳﯩﻢ.

ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻗﯘﭼﺎﻕ،

ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﺋﻮﺗﯘﻥ.

ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ، ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﭖ، ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ،

ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ، ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ، ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ .

ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ «ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!»

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كەل -ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ،

ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.

ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ،

ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.

ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﭘﺎﻥ،

ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ.

ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ، ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ،

ﭼﺎﻙ -ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ.

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ«ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!» ﻻﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞﯦﺸﻰ،

ﮬﻪ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﯩﻐﯩﻢ ﺗﻪﺭﯞﯨﺸﻰ.

ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯦﺸﻰ،

ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ، ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﺸﻰ .

ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼ ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ،

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ «ﺋﻮﺗﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ» .

ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ-ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ،

ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﺵ.

ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ،

ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ.

ﻳﻮﻕ «ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ» ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺋﯩﺸﻰ،

ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش، ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻰ.

ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ، ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،

شىيەنجاڭمۇ، شىياڭجاڭمۇ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.

ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،

ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ، ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.

ﺷﯘ «ﺧﺎﺱ » ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯘ ﺗﻪﺭگەن ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﺎﺵ،

ﺋﯘ ﭼﻪﺷﻠﻪﭖ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﺍﻥ -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺵ.

ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯚﺵ -ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ،

ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺵ.

ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻣﻪﺭﺩ ﮬﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺵ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

«ﻣﻪﻥ، ﺳﻪﻥ، ﺋﯘ» -ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ،

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ.

ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ كۆرمەس ﺑﻪﺧﯩﺖ ﯞﻩﺳﻠﻰ،

ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ.

«ﻳﻪﺳﻠﻰ» ﮔﻪ ﺳﻮﺯﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﺎﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،

ﺳﺎﻏﻘﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ ﺳﯜﺗﻰ ﭼﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.

ﺋﯚﺯﯨﻼ«ﺋﺎﻕ » ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،

ﻣﯘﯕﻼﻧﺴﺎ ﺗﯘﻳﯩﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ -ﻳﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.

ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﯞﺍﮪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،

ﮬﻴﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻣﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.

ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﯜﭖ «ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ» -ﻗﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،

«ﻗﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﺘﻰ » ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.

ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ «ﺗﯚﺭ» ﻧﻰ ﮔﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ،

ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﻰ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﮕﻰ .

ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﺎﺭ-ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﻟﻠﯩﻜﻰ،

ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﺎﺭ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﭘﻪﻟﻠﯩﻜﻰ.

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

«ﺗﻪﻛﯩﺖ» ﺗﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ،

ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭ «ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ -ﺋﯘﻟﻰ» .

ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﯓ، ﺗﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ،

ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯗ ﻏﻮﻟﻰ.

ﺋﻮﻥ ﻓﯘﯕﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻳﺪﯗ ﻗﻮﻟﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎ ﮔﯜﻟﻪ،

ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ: ﻳﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ، ﺑﻮﻟﻪ؟…

ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ :ﺩﻩﭖ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﻪ!…

ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ:ﺳﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﯓ …ﺩﻩﺭ «ﻳﻮﻗﺎﻝ ﺋﯚﻟﻪ!» ،

ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻣﯚﻟﻪ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯘ ﺩﯨﺴﻪ:ﻗﯩﻎ- ﺗﯧﺰﻩﻙ ﮬﯩﺪﻯ ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﻩ…

ﻣﺎﯞﯗ ﺩﻩﺭ:ﻳﻮﻝ ﻗﯩﺴﺘﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﻩ…

ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺳﺴﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ،

ﮬﺎﺭﯞﯗﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﺱ ﻛﻮﭼﺎ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ.

ﺋﺎﮪ، ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺴﺎ «ﻳﯚﻟﻪﺵ ﭘﯘﻟﻰ» ﻧﻰ،

ﺑﺎﻧﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭ:«ﺋﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ» .

ﻳﯘﻳﺎﻣﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﻰ، ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻳﺴﺎﻕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ؟

ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﻻ -ﻏﻮﻟﯩﻨﻰ!

ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻨﻰ!

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﻩ،

ﻛﯚﺯﻯ ﻳﺎﺵ، ﺩﯨﻠﻰ ﺧﯘﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻩ.

ئەپتى ﺟﯘﻝ، ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﭺ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ، ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ،

ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﺎﺭﻩ.

ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺟﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺗﯚﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ- ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ،

ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ -ﺗﯩﻠﯩﻜﻰ.

ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ،

«ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ -ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﻳﯩﻤﯩﻜﻰ؟» .

ﺑﺎﺭﻯ -ﺑﺎﺭ، ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ «ﺋﯘ-ﺑﯘ » ﺩﯦﻤﯩﻜﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ،

«ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﺴﻪﺯ ﻣﯘﻧﻪﻛﻜﻪ» .

ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﯘﻧﻪﻛﻜﻪ،

ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭ -ﻳﯚﻟﻪﻛﻜﻪ.

(ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ)،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻟﻠﻪﺭ« ﺋﺎﺷﺘﻰ» ﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻧﻨﻰ،

ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﺍﻧﻨﻰ.

ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ، ﻛﯚﺭ ﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ،

پوچىلىق -«نوچىلىق» ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯗ ﺟﺎﻧﻨﻰ.

ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﻨﻰ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﭼﺎﺭ،

ﺋﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﭼﺎﺭ.

ﻳﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ، ﻳﯩﻤﯩﺴﻪﻙ ﺋﺎﭼﺎﺭ،

ﺑﯩﺰ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ؟!…

ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ «ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ!» ﺩﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﺭ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ،

ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ .

ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻙ، ﺳﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ،

ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ -«ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻙ» ﺗﯩﻦ.

ﮔﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ، ﭼﺎﭘﺎﻥ، ﻛﻪش،

ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﻢ ﻛﻪﺵ.

ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ -ﮔﺎﺩﺍﻱ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ،

ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ، ﻳﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺵ.

ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﻛﯩﻢ ﺟﻪﻣﺸﯩﺖ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﯟﻩﺵ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

«ﺋﻮﻏﯘﺗﻤﯘ ﭘﯘﻝ!» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،

«ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻤﯘ ﭘﯘﻝ! » ﺩﻩﻳﺪﯗ جېن ﭼﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.

«ﭘﯘﻝ» ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﺎﻏﺎﺭﻣﯘ، ﺗﻮﻗﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،

«ﭘﯘﻝ» ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.

ﭘﯘﻝ ﻗﯧﻨﻰ؟ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻏﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﻡ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟

ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟

ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﯘﺳﻘﯘ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻤﯘ؟

ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ، ﺩﻭﻗﻤﯘ؟

ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ-«ﯞﺍﻱ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﻮﻕ» ﻣﯘ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ «ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ!»

ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻳﯘﭘﯘﺭغاچ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﮒ، ﺧﺎﻗﺎﻥ.

ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ«ﺋﯜﭺ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ» ،

ﺑﻪﺱ !ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﺎﻥ.

ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺳﯧﻠﯩﻘﺘﻪﺵ ﻳﯜﺯ -ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﻮﻗﺎﻥ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ!

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﻳﺎﺭﺍ!

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﺍ!

ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ:ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍ؟

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ، ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ،

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ .

ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﯩﺴﯘﻥ، ﺋﯚﺳﺴﯘﻥ -ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،

ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ، ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ.

«ﺋﯘﮪ…» ﺩﯦﺴﯘﻥ، ﮬﯧﻴﯩﺖ -ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﮔﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟

ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﭖ، ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺗﯩﻎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟

ﺗﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟

ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟

ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ!

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

 

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ،

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ،

ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ -ﻧﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .

ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪﻥ،

ﺗﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ!!!

مەنبە: ئۇيغۇرلار تورى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش