ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » فارابىنىڭ بەش بىردەكلىك قانۇنىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە

فارابىنىڭ بەش بىردەكلىك قانۇنىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

پەلسەپە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭدا مۇرەككەپ سىستېما قانۇنىيەت مەۋجۇت. سىستېمىسىز، قانۇنىيەتسىز قاراشلارنىڭ تەتبىقلاش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. تەتبىقلىغىلى بولمىسا، جاھاندا بىر سۆزگە بىر پەلسەپە كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنى پەيلاسوپ دېگەندە بولىدۇ. بىراق، دۇنيا تارىخىدا نەزەرىيەلىرى مىڭ يىل، ھەتتا يۈز يىل ھايات تۇرالىغان گىگانت پەيلاسوپلار بىرنەچچە تاللا. فارابى، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىكى بىر گىگانت پەيلاسوپ بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسى، جۈملىدىن ئىسلام مەدەنىيەت يۈكسىلىشىدىكى ئۆلمەس يارقىن نۇقتا.

بىز ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، مەيلى فارابىنىڭ بەش بىرلىك قانۇنىيىتى بولسۇن، قۇتادغۇبىلىكدىكى تۆت قۇد، ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيە ئاساسلىرىدىكى مىجەز تەلىماتى، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىلىرىگىچە، تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ بايانلىرىنى ئۇچرىتىمىز.قەدىمكىلەر ئالەمنى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت ماددىدىن تەشكىل تاپقان دەپ قارىغان. ھازىرقى ئىنسانلار 106 خىل ئېلېمېنتنى بايقاپ، ئاتوم نومۇرىنى يازدى. گەپنى مۇنداق دېمەك ئاسان، بىراق، پەلسەپەنى چىن كۆڭلىدىن سۆيگۈچىلەرگە ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا غا ئايرىپ قويغانغىلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەككەپ قانۇنىيەت سىستېما مەۋجۇت. مەسىلەن: زىدىيىتى بار، سۇ ئوتنى ئۆچۈرىدۇ، تاغنى يەنى تۇپراقنى شاماللار ھاۋا سورىيدۇ. شامالنى تام توسىدۇ. مۇناسىۋىتى بار، ئوت ھاۋاغا تايىنىپ كۆيىدۇ. تۇپراق سۇ بىلەن ئارىلاشسا لاي بولىدۇ. بۇنى قۇرۇتۇپ پۇشۇرساق خىش بولۇپ چىقىدۇ. ئادەممۇ شۇنداق ياسالغان. بۇنى ماكاندىن باشقا ساھەلەرگىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ئالايلۇق، ئىنسان مىجەزى سەۋدا سەپرا بەلغەم خۇن تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ. ئىنسان مەنىۋىيىتى، تەپەككۇر قەلب كۆڭۈل روھتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلار ئوتتۇرىسىدىمۇ تۇپراق ئوت سۇ ھاۋاغا ئوخشاش، بىردەكلىك زىددىيەت مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلۇق بولىدۇ. دېمەك پەلسەپەنى بىلىشتە، تۆت تادۇنى بىلىش، ئىنسان مىجەزىنى بىلىش ناھايىتى زۆرۈر. بولۇپمۇ، فارابىنىڭ بەش بىردەكلىك «ۋەھدەت» قانۇنىيىتى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشتە، تادۇچە تەپەككۇر ئاچقۇچتۇر.

مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» بايانىدا، فارابىنىڭ بەش بىردەكلىك قانۇنىيىتى مۇنداق تىلغا ئېلىنغان.

فارابىنىڭ پانتىئىزىملىق «بىردەكلىك (ۋەھدەت) نەزەرىيەسى»، مۇنداق بەش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تەبىئەت بىلەن تەڭرى بىردەكلىككە ئىگە؛ ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زېمىن (تەھتى ساما) جىسىملىرى بىردەكلىككە ئىگە؛ ئالەم بىلەن ئادەم بىردەكلىككە ئىگە؛ شەيئىلەر بىلەن بىلىش جەريانلىرى، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە؛ تەبىئەت گارمونىيەسى بىلەن جەمئىيەت گارمۇنىيەسى بىردەكلىككە ئىگە.

ئىشنى ئاساندىن باشلاي،

     1. مۇھاكىمە: ئاسمان بىلەن زېمىن بىردەكلىككە ئىگە
كۆپۈنچىمىز ئويلىشىمىز مۇمكىن، ئاسمان ھاۋايى مۇئەللەق تۇرسا، ماددىلارنى جانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىن بىلەن قانداقمۇ بىردەكلىككە؟ گەپنى دەل دېسەك، ئوخشاشلىققا ئىگە بولسۇن؟ قانداقمۇ ئاسماننى زېمىنغا، زېمىننى ئاسمانغا ئوخشاتقىلى بولسۇن؟

ئەمەلىيەتتە پەلسەپە، ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسى بىلەن ئاسمان زېمىننى بىر بىرىگە ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن.

تەپسىلىيرەك دېسەك، بىر يىل ئون ئىككى ئاي، بۇ دېگەنلىك ئاي زېمىننى ئون ئىككى قېتىم چۆگىلىگەندە، قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. بىر ئاي ئوتتۇز كۈن، ياكى تۆت ھەپتە، بىر ھەپتە يەتتە كۈن، بىر كۈن بەش ۋاخ، ئەتىگەن، چۈش، چۈشتىن كىيىن، كەچ، كېچە. ئەمەلىيەتتە يىل ئاي كۈنلەرنىڭ ھېسابلىنىشى پۈتۈنلەي ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ياكى قەدىمكىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن يىل ئاي كۈن ھېسابلىغان. بۇلاردىكى سانلارنى سۈزسەك، ئون ئىككى، تۆت، يەتتە، بەش قاتارلىقلار.

مىنىڭ بىلىشىمچە قەدىمدە ئاسمان يەتتە قات دېيىلىپ، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزنى، يەنى، ساتۇرىننى بۇلۇتقا، يۇپىتېرنى يامغۇرغا، مارسنى بورانغا، قۇياشنى ئاپتاپقا، ۋىنىرانى قارغا، مىركۇرىينى يانار تاغقا، ئاينى يەر تەۋرەشكە دېڭىز تاشقىنىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. بۇنى قۇتادغۇبىلىكتە «سەكەنتىر ئوڭاي كۇرد قۇياش سەۋىت ئارزۇ يالچىق» دەپ يەتتە يۇلتۇزغا نىسبەت بەرگەن. بۇيەردىكى يەتتىدىن ئىبارەت ساننى زېمىنغا تەتبىقلىساق، زېمىن يەتتە قىتئەدىن تۈزۈلىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئۇكرائىنىيە، ئانتىراكتىدا. زېمىندىكى يەتتە قىتئە ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزغا قىياس. ئاسىيادا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ يۇپتىر. شىمالىي ئامېرىكىدا قارا قۇيۇن بوران مارس، ئافرىقا ئاپتاپنىڭ كۆزى قۇياش، ياۋروپا قار دۆۋىسى ۋىنىرا، ئانتىراكتىدا بۇلۇت ساتۇرىن، جەنۇبىي ئامېرىكا يانار تاغ مىركۇرىي، ئوكرائىنىيە يەر تەۋرەش ئاي.

ئۇنىڭدىن باشقا، زېمىندا تۆت ئوكيان بار. تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيان. بىر ئاي تۆت ھەپتە. ئۇنىڭدىن باشقا، بەش بەلباغ-ئىسسىق بەلباغ، مۆتىدىل بەلباغ، سوغۇق بەلباغ «جەنۇب شىمالى» بەش، بىر كۈندىكى بەش ۋاقنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىرخىل ئون ئىككى ئاي بولغاندەك ئاسماندا ئون ئىككى بۇرۇج بار. قۇزا، ئۇي، قوشماق، قىسقۇچ پاقا، ئارسلان، سۇمبۇلە، تارازا، چايان، يا، تىكە، سوغا، بېلىق قاتارلىقلاردۇر. بۇلار ئايدا بىرى گەۋدىلىنىدۇ. ئەمدى گولىبوستىكى شىمال جەنۇب مېرىدىيان سىزىقلىرى جەمئىي ئون ئىككى، ياكى قوغۇن تىلغاندەك يەرشارىنى شىمال جەنۇب يۆلىنىشىدە تىلساق، يەرشارى ئون ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ھەربىر قىسمى بىر بۇرۇجغا تەۋە. بۇرۇجلارنىڭمۇ ئۆزگە چۇشلۇق مىجەز قىلىق خۇيلىرى بولىدۇ. بۇنىڭغا يەتتە يۇلتۇزنى كىرىشتۈرسەك، ئاندىن زېمىنغا تەتبىقلىساق، ھاۋارايىدىن مەلۇمات بولىدۇ. قەدىمدە يۇلتۇزلارغا قاراپ، يەنى ئاسمانغا قاراپ،زېمىندا تەكتى ماكاندا يول تېپىپ مېڭىش توغرىسىدىكى بايانلار، ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق چۈشىنىشلىك دېگەندە، ئوخشاشلىق بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

ئاي يەرشارىنى 28 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئاسماندا يەنە يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز توپى بار. خەنزۇلار شەرق ئەجدىھا، شىمال تاشپاقا، غەرب شىر، جەنۇب پەخىنىش دەپ تۆتكە ئايرىپ، ھەربىرىنى يەتتىدىن جەمئىي يىگىرمە سەككىزگە ئايرىيدۇ. قەدىمكى سىرلىق لىياۋدىكى جاڭ خىنىڭ يەر تەۋرەشنى ئالدىدىن سىزىش ئەسۋابى، دەل يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز بۆلىكىدىكى ئاينىڭ ئورنىغا ئاساسەن ياساپ چىقىلغان. شۇنىڭغا ئاساسەن قەيەردە يەر تەۋرەيدىغانلىقىنى ئالدىدىن قىياس قىلغان. تارىخى مەزمۇنلاردىمۇ سىياسەت چىقىرىش، ھەربىي ئىشلار، ھەتتا تېرىقچىلىقلارغىچە يۇلتۇزغا قاراپ ئىش تۇتۇش تەتبىقلاش ئەھۋاللىرى يېقىنقى زامانغىچە كەڭرى ئۇچرايدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئاسماندىكى ئون ئىككى تۇپراقنى، بەش ئىسسىق سوغۇق ئوتنى، تۆت يەنى تۆت ئوكيان سۇنى، يەتتە يۇلتۇز، بۇلۇت يامغۇر بوران ئاپتاپ قار يانار تاغ  يەر تەۋرەش يەتتە خىل ھاۋارايىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك ئاسمان زېمىننىڭ بىردەكلىكى يۈزەكى نوختىدىن مۇشۇنچىلىك.

     2. مۇھاكىمە: ئادەم بىلەن ئالەم بىردەكلىككە ئىگە
ئادەم بەدىنى ئاجايىپ بىر نەپىس ئىلغار تېخنىكا، ئىنسان تۇپراقتىن تۆرىلىپ، ئابىيمەنىي، لەختە قان، پارچە گۆش، سۆڭەك، سۆڭەككە گۆش قونۇپ، ئاخىردا تىرە ئۈنۈپ يەتتە باسقۇچ تاماملانغاندا ئادەم سىياقىغا كىرىدۇ. ئاندىن ئۆپكىسىدە ھاۋا دىن نەپەس ئالىدۇ. سۇلارنىڭ سەرخىلى سۈتلەر بىلەن سۇغىرىلىدۇ. ئىسسىق مېھىرلىك بۆشۈكلەردە تەۋرىتىلىدۇ. زېمىندىن چىققان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلەردە ئوزۇقلىنىدۇ. يېمەكلىك چاينالغاندىن باشلاپ، ئاشقازان ئۈچەيلەردە ھەزىم بولىدۇ. ھەزىمدىن چىققان قۇۋۋەت جىگەردە قان بولىدۇ. بۇ قان يۈرەكنىڭ بېسىمى بىلەن تامام بەدەننى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. قاننىڭ چىرىندىلىرىنى بۆرەك ئايرىيدۇ. كۆز ئوت نۇر چاقنايدۇ، بۇرۇن تۇپراق قاقچى بار، ئېغىز سۇ شالۇك، قۇلاق ھاۋادا تىترەپ گەپ ئاڭلايدۇ. مېڭە مۇشۇلارنى تادۇغا سالىدۇ. ئىنساننىڭ تەپەككۇر تىل قابىلىيىتى ئىنساندىن ئۆزگە قابىلىيەت.

يەر مەركەز تەلىماتى بۇيىچە، يەنى مەقسەت مۇددىئانى مەركەز قىلغاندا ئاسماندا يەتتە يۇلتۇز بار، بۇلارنىڭ تەسىرى قار يامغۇر بولۇپ زېمىندا ئەكس ئېتىدۇ. فارابى يۈرەكلىك ھالدا ئادەم بىلەن ئالەم ئوتتۇرىسىغا ۋەھدەت تەڭلىك بەلگىسىنى قويغان. ئۇنداقتا ئالەمدىكى يەتتە يۇلتۇز ئادەمنىڭ قايسى يېرىدە؟

ئادەمدە يەتتە ئىچكى ئەزا بار. ئۆپكە، بۆرەك، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان، ئۆت، ئۈچەي قاتارلىقلار. ئۆپكە بۇلۇت ساتۇرىننى كۆرسىتىدۇ. بۆرەك يامغۇر يۇپىتېر، يۈرەك بوران مارس، جىگەر ئاپتاپ قۇياش، ئاشقازان قار ۋىنىرا، ئۆت يانارتاغ مىركۇرىي، ئۈچەي يەر تەۋرەش ئاي. تال يەرشارىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئادەم بەدىنىدە يەل قان يۈرەك ئارقىلىق يۈرۈشىدۇ. بەدەندىكى ھارارەت جىگەردىن پەيدا بولىدۇ. سوغۇقلۇق ئاشقازان ئارقىلىق تارقىلىدۇ. قەۋزىيەت تىترەش ئۈچەيدە بولىدۇ. ئۆپكىسى ئاجىز ئادەملەر ئاسان ياللۇغلىنىدۇ. دېمەك ئادەم بەدىنىدىكى قىزىش تەرلەش قان بېسىم سۇغۇش تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر يۇقىرىقى يەتتە يۇلتۇزغا تەڭكەش يەتتە ئىچكى ئەزادىن بولىدۇ. بۇ ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇز خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن بىردەكلىكى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە يەتتە ئەزايى ساق دەيمىز يەتتە تاشقى ئەزا بار. كۆز قۇلاق بۇرۇن ئېغىز قول پۇت گەۋدە. بۆرەك كېسەللەنسە پۇت ئاغرىيدۇ، يۈرەكتە قول، جىگەردە كۆز ساغىرىيدۇ دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەتتە تۇزگىچى ئەزا بار، تىرە مۇسكۇل سۆڭەك پەي قان تومۇر يىلىك. بۆرەك مۇناسىۋەتلىك قەنت سىيىش كېسىلىدە تومۇرنىڭ دىۋارى ئەگرى بۈگرى كىچىكلەپ كېتىدۇ. يەنە ئادەمدە مېڭىگە ئائىت يەتتە سېزىم بولىدۇ، كۆرۈش ئاڭلاش پۇراش تىتىش سىزىش تۇيغۇ چۈش قاتارلىق مېڭىگە ئائىت ئەسەپ يەتتە، مەن تۇيۇپ قالغان دەيمىز. جەمى ھەممىنى قوشساق يىگىرمە سەككىز، بۇ ئاسماندىكى يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز بۆلىكىگە قىياس.

ئون ئىككى بۇرج بۇيىچە قارىغاندا، خەنزۇلار بۇرۇجلارنى، ئادەم بەدىنىگە مۇنداق تەتبىقلايدۇ. قۇزا-باش قىسمى، ئۆكۇز-بويۇن، قوشماق-قول تاغاق، قىسقۇچ پاقا-كۆكرەك، ئارسلان-يۈرەك، سۇمبۇلە-قورساق،  تارازا-ھەزىم سىستېمىسى، چايان-جىنسىي ئەزا، يا-سۆڭگەچ، ئوغلاق-چاچ تىرە، سوغا-پاقالچاق، بېلىق-پۇت قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئۇچى ئوت ئۇچى سۇ، ئۇچى يەل، ئۇچى تۇپراق. ناۋادا ئاسماندىكى بۇرۇجلار بىلەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا يەشكىلى بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن ئون ئىككى ئورۇننىڭ مۇناسىۋىتى ئايدىڭ بولىدۇ. باش يەنى قوزا بۇرجى مىجازى ئوت، ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمايدۇ. بىراق يەل كېلىشەلەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ باش قىسمىغا سۇ نىڭ ئاز كۆپلۈكى تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، يەل بىلەن ئاسان قاملىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بويۇن  يەنى ئۇي بۇ تۇپراق، تۇپراق بىلەن شامال كىلىشەلمەيدۇ،شۇڭا بويۇن گال كېسەللىكلىرى كۆپىنچە شامالدىن بولىدۇ. بۇنىڭغا سۇ يارىشىدۇ.

تۆتكە كەلسەك، ئادەم بەدىنىدە تۆت بوشلۇق بار، بىرى كۆكرەك بوشلۇقى بۇنىڭ يەل خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، يەنە بىرى قورساق بوشلۇقى سۇ خۇسۇسىيەتتە، دوۋسۇن بوشلۇقى ئوت خۇسۇسىيەتتە، مېڭە بوشلۇقى تۇپراق خۇسۇسىيەتتە، مۇشۇ ئورۇنلارغا ئاسان سۇ يىغىلىۋالىدۇ. زېمىندىكى سۇمۇ بىرى ئاسمان سۈيى، يەنە بىرى بۇلاق سۈيى، يەنە بىرى مۇز سۈيى، يەنە قايناق سۇ دەپ تۆتكە ئايرىلىدۇ. ئاسمان سۈيى يەل، بۇلاق سۈيى تۇپراق، مۇز سۈيى سۇ، قايناق سۇ ئوت بولىدۇ. قۇدۇق سۈيى بۆرەككە تاش پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيى يەل سۇنى ئىچسەك، تۇپراقنى شامال سورىيدۇ، شىپا قىلىدۇ.

بەشكە كەلسەك، بەش بارماق، بەش پۇت بارمىقى، بەش رەئىس ئەزا، بەش ئەزا، كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەمچەك قاتارلىق بەش ئەزا ھەممىسى جەمئىي بەش.

دېمەك ئادەم بىلەن ئالەمنىڭ بىردەكلىك قانۇنىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، تادۇچى بۇرادەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاتا بوۋىسى پەيلاسوپ پەرزەنتلەرنىڭ ئىچىشىنى قىزىشىنى ساقلاپ تۇرماقتا.

     3. مۇھاكىمە: تەبىئەت گارمونىيەسى بىلەن جەمئىيەت گارمونىيەسى بىردەكلىككە ئىگە
بىز ياشاۋاتقان تەبىئەت يەنى پەلسەپىدىكى ماكان، تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۈزۈلىدۇ. تۇپراقنى ئون ئىككى، ئوتنى بەش، سۇنى تۆت، ھاۋانى يەتتە دېدۇق. ئەمدى قۇتادغۇبىلىكدىكى ئايتولدى ئاي تۇپراق ئالىمنى كۆرسىتىدۇ. كۈنتۇغدى كۈن ئوت ھۆكۈمدار ھاكىمنى كۆرسىتىدۇ. ئوگدۇلمىش سۇ باي دېگەنلىك، ئودغۇرمىش ھاۋا پۇقرا قىسقىسى دېھقاننى ئىما قىلىدۇ. دېمەك جەمئىيەتمۇ ئالىم ھاكىم باي دېھقاندىن تۈزۈلىدۇ. بۇنى ماتېرىيالىزىمدا ھۆكۈمران سىنىپ، كاپىتالىسىتلار، ئىشچىلار سىنىپى دەپ ئايرىيدۇ. بىر دۆلەت دېسەك، ئالدى بىلەن ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوڭچىل سولچىل كۈچلىرى بولىدۇ. بىرلىرى تەرەققىياتنى بىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىكنى ياقىلايدۇ. بۇنىڭ ئالتە كەرە ئىككى ئون ئىككى دېگەن سان بىلەن مىجەز جەھەتتە باغلىنىشى بار. ھاكىم بولسا، قانۇن، سىياسەت، ئارمىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئەدلىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىن تۈزۈلىدۇ. باي بولسا مەكتەپ، بانكا، ئاكسىيە، شىركەتلەر قاتارلىق تۆت ئورۇنغا يىغىلغان بولىدۇ. پۇقرالار، مەرگەز ،ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلىلەر يەتتە قەۋەت بولىدۇ. مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ، بىر ئادەم شەخس بولىدۇ. ئىككى ئادەم بىر ئائىلە، بىرنەچچە ئائىلە بىر جەمەت بولىدۇ، بىرقانچە جەمەت بىر قەبىلە بولىدۇ، بىرقانچە قەبىلە بىر مىللەت، بىرقانچە مىللەت بىر ئىممەت، بىرقانچە ئىممەت ئىنسانىيەت يەتتە قەۋەتتىن تۈزۈلىدۇ.

تەبىئەتتە تۆت پەسىل بولىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىمۇ تۆت پەسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن تۇپراق ماكانغا تايىنىدۇ، كۆپلەپ يەر ئاستى بايلىقلىرى ،تەبىئىي شارائىتقا تايىنىدۇ. ئاندىن تەدرىجىي پۇرسەتكە قاراپ ئىش تۇتىدىغان زامان مەزگىلىگە ئۆتىدۇ. ئاندىن تەدرىجىي ئىنسان قابىلىيەتكە تايىنىدىغان دەۋرگە ئۆتىدۇ. ئاخىردا مەدەنىيەت مودا غا تايىنىدۇ. مەدەنىيەت ساتىدۇ. دۆلىتىمىز ھازىر تەدرىجىي ماكانغا تايىنىشتىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەنمەكتە.

تەبىئەتنىڭ خۇي پەيلى بولغىنىدەك، جەمئىيەتنىڭمۇ خۇي پەيلى بولىدۇ. بىر يەر ئىسسىق ئوت، بىر يەر قۇملۇق تۇپراق، بىر يەر سۇلۇق، بىر يەر ھاۋالىق بولغاندەك، ياۋروپا ئەللىرى ئىجادىيەت پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا كۆپرەك تايىنىدۇ، جەمئىيىتىدىمۇ ئىجادىيەت ئىجادىي كۈچ قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئامېرىكا ئەللىرى قۇرال قانۇنغا پىلان تەدبىرگە تايىنىدۇ. ئەرەب ئەللىرى پەزىلەتكە مەبلەغكە، شەرق ئەللىرى ئاش ئېھتىياجنى ئاساس قىلىدۇ. ياكى مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۇپراق خۇسۇسىيەتتە ئالتۇن، ئوت خۇسۇسىيەتتە دوللار، سۇ خۇسۇسىيەتتە نېفىت، ھاۋا خۇسۇسىيەتتە يەتتە باشاق بۇغداي ئاش بەلگىلەيدۇ. دوللار ئۆسسە نېفىت چۈشىدۇ، ئالتۇن ئۆسسە ئاش چۈشىدۇ. بۇلار ئوتتۇرىسىدىمۇ تەبىئەتتىكىگە ئوخشاش تادۇچە مۇناسىۋەت بار.

خۇلاسىلىگەندە: قۇتادغۇبىلىگ جەمئىيەت گارمۇنىيەسىدىكى نادىر ئەسەر.تەبىئەتتىكى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋاغا قاراپ. جەمئىيەتنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ چىققان. بىز تەبىئەتتىكى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇنى جەمئىيەتكە باغلىساق، جەمئىيەتتە نەزەرىيە بولىدۇ. قانۇن بولىدۇ، ئىقتىساد بولىدۇ، مەدەنىيەت بولىدۇ.

     4. مۇھاكىمە: شەيئىلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە
يۇقىرىقى گەپ بەك ئۇزۇن گەپكەن، بۇنى قىسقارتساق ماددا بىلەن ئاڭنىڭ بىردەكلىكى دېگەنلىك بولىدۇ. ماددا بىلەن ئاڭمۇ بىردەكلىككە ئىگە.فارابى فىزىكا ئىلىمىنى جىسىم ۋە ماددا، ھەرىكەت ۋە مېخانىكا، كۈچ ۋە ئېغىرلىق، نۇر ۋە ھارارەت، ئاۋاز ۋە دولقۇن، زەرەت ۋە مەيدان، دەپ جەمئىي ئون ئىككى قىسىمدا بايان ئەتكەن. ھازىرقى فىزىكا كىتابىنى فارابى يازغانلا بولسا. بۇنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇ بىلىكدە ئايتولدىنى ئورنى، شەكلى، قىلىقى، خۇيى، پەزلى، ئەيىبى، كېسىلى، داۋاسى، كېلىشى، كەتمىكى، تەبىرى، تەقدىرى ئون ئىككى بىلىش قانۇنىيەتلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئورنى ماددا بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. شەكلى جىسمى بىلەن، قىلىقى ھەرىكەت بىلەن، مېخانىكىسى خۇي بىلەن، كۈچ پەزلى، ئېغىرلىقى ئەيىبى، نۇر كېسىلى، ھارارەت داۋاسى، ئاۋاز كېلىشى، دولقۇن كەتمىكى، زەرەت تەبىرى، مەيدان تەقدىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك شەيئىلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلەر ئوخشاش.

ئاخىرىدا گەپنى يىغسام، كۆڭلۈڭدە ئالتۇن بىلگەننى، ئېغىزدىن چىقتى چالما تاش سانا دەپتىكەن. ئوغۇللار تەپەككۇرىنى قىلىپلاش كېرەك، خۇددى قىشنى قىلىپقا سالغاندەك. تەپەككۇرنى يالىڭاچ ئۇسۇلغا سېلىش، گۇڭگىغا ئوخشاش، ھېچنېمىگە ئوخشاش، يەنە بىر نىمىلەرگە ئوخشاش بۇنىڭدىن قىش پۈتمەيدۇ. يۇقارقىلاردا ماكان زامان ئىنسان قاتارلىقلارنى خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيىتقاندەك، ئايتولدىنىڭ ئورنى دېگەن يىرىگىچە سالدىم. ئەقلىم يارقىلسا، تۈزىلىشى «ئۇزۇن قىسقا سان سىپىرى» قىلىقى خۇيى پەزلى ئەيىبى… تەبىر تەغدىرگىچە ئون ئىككىنى تاتلىيالىسام، ھەممىسى بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل. چۈنكى مەن پەلسەپەنىڭ ئاشناسى.

مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى كىتابىدىن ئۈزۈندە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 127

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش