ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق ماگېستىر ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 16 – يانۋاردا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق ماگېستىر ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 16 – يانۋاردا باشلىنىدۇ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئورگان www.turkiyeburslari.gov.tr تور بىتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتۇلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 16 – يانۋار باشلىنىپ، 17 — فېۋرال تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 24:00 كىچە داۋاملىشىدىكەن. ئېلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بولسا يۇقارىقى بەلگىلەپ بەرگەن بىر ئاي ئىچىدە ئىلتىماسىنى تاپشۇرىشى كىرەك.

ياش چەكلىمىسى:
ماگىستېرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسى 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولىشى

دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسى 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولىشى

بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۆلچەر قىلىنماقتا:

ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتى

بىر يىل تۈركچە تىل تەربىيىلەش كۇرسىدا ھەقسىز ئوقۇش

ھەقسىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى

تۈركىيەگە تۇنجى قېتىمقى كېلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى قايتىش ئايرۇپىلان بېلەتلىرى

سالامەتلىك سوغۇرتىسى

ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تاماق ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈنلا دۆلەتتىن بەرگەن ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى خەجلەيدۇ، باشقا ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، داۋالىنىش راسخۇتى دېگەندەك چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيە دۆلىتى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا بو ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانسى خاتىرجەم ھالدا باللىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتسە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەردىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باشقا شەرتلىرى 2016-يىلىدىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى زىيارەت قىلىڭ:

www.turkiyeburslari.gov.tr

ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى

بۇ يازما 289 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش