• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تومۇرىڭىزدىن مىجەزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ

تومۇرىڭىزدىن مىجەزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

مىجىت ھېمىت

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە، تومۇر تۇتۇش كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىدىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋەر بىرەلەيدۇ. تومۇرنىڭ ھەرىكىتى ئاساسلىقى قىزىل قان تومۇر ( شىريان) نىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەرىكەت يۈرەكنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىدىن شەكىللىنىدۇ. شىريان تومۇردىكى ئىككى ھەرىكەت، بىر جىملىقتىن ئىبارەت تومۇر ھەرىكىتى ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللاردىن خەۋەر بېرىدۇ. يەنى شىريان تومۇر ھەرىكىتى تېزلەشسە، سۈكۈت ۋاقتى قىسقىرايدۇ. تومۇر ھەرىكىتى ئاستىلىسا، سۈكۈت ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. ھەرىكەت ۋە سۈكۈتنىڭ نورمال قېتىمى مىنۇتىغا 72 قېتىم بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئەمەلىيىتىدە، سەپرا مىزاج كىشىلەرنىڭ نورمال تومۇرى ئىنچىكە، تېز سوقۇش بىلەن بىرگە، مىنۇتىغا 72 دىن 88گىچە، قان مىزاج كىشىلەرنىڭ نورمال تومۇرى توم، تېز سوقۇش بىلەن بىرگە، مىنۇتىغا 72-88 گىچە، بەلغەم مىزاج كىشىلەرنىڭ نورمال تومۇرى توم، ئاستا سوقۇش بىلەن بىرگە، مىنۇتىغا 56-72 گىچە، سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ نورمال تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا سوقۇش بىلەن بىرگە، مىنۇتىغا 56-72 گىچە سوقسا نورمال دەپ قارىلىدۇ. ساپرا خىلىتىدىكى قۇرۇقلۇق كەيپىيات تومۇرنىڭ ئىنچىكە سوقۇشىنى، ئىسىقلىق كەيپىيات تومۇرنىڭ تېز سوقۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. سەپرا مىزاج كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ ئىنچىكە سوقۇشى تومۇرنىڭ چىڭ بولۇشىنى، تومۇرنىڭ تېز سوقۇشى مۇقەررەر ھالدا تومۇرنىڭ سۈكۈت ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان خىلىتىدىكى ھۆللۈك كەيپىيات تومۇرنىڭ توم سوقۇشىنى، ئىسسىقلىق كەيپىيات تومۇرنىڭ تېز بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. قان مىزاج كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ توم سوقۇشى، تومۇرنىڭ بوش بولۇشىنى، تېز سوقۇشى تومۇرنىڭ سۈكۈت ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلغەم خىلىتىدىكى ھۆللۈك كەيپىيات تومۇرنىڭ توم سوقۇشىنى، سوغۇلۇق كەيپىيات تومۇرنىڭ ئاستا بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. بەلغەم مىزاج كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ توم سوقۇشى تومۇرنىڭ بوش بولۇشىنى، ئاستا سوقۇشى تومۇرنىڭ سۈكۈت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەۋدا خىلىتىدىكى قۇرۇقلۇق كەيپىيات تومۇرنىڭ ئىنچىكە سوقۇشىنى سوغۇقلۇق كەيپىيات تومۇرنىڭ ئاستا بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەردىكى تومۇرنىڭ ئىنچىكە سوقۇشى تومۇرنىڭ چىڭ بولۇشىنى، ئاستا سوقۇشى، تومۇرنىڭ سۈكۈت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ( تۆت خىل تومۇردىكى ئالدىنقى ئىككى ھەرىكەت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ).
ئۈچەي، ئاشقازان، بەزلەر، ئۆتتىن ئىبارەت قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى قۇرۇقلۇق چاچ، تېرە، تىرناق، چىش، سۆڭەك، پەي، تالدىن ئىبارەت قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى قۇرۇقلۇققا باغلىنىپ تۇرىدۇ. تۆت خىل قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى ئىسسىقلىق تۆت خىل ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى، يەنى جىگەر، بۆرەك، قىزىل يىلىك، مۇسكۇللاردىكى ئىسسىقلىققا باغلىنىپ تۇرىدۇ. تۆت خىل ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى ھۆللۈك، تۆت ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى، يەنى سۈيدۈك چىقىرىش يولى، دوۋسۇن، سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى، بۆرەك، ئۆپكىدىكى ھۆللۈككە باغلىنىپ تۇرىدۇ.
تۆت خىل ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى سوغۇقلۇق تۆت خىل قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى، يەنى تال، پەي، سۆڭەك، تېرە، چاچ، تىرناق، چىشتىكى سوغۇقلۇققا باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تۆت خىل قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى قۇرۇقلۇق، تۆت خىل قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى قۇرۇقلۇققا باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تەبىئەت پەلسەپەسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارغا ئاساسەن تومۇردىكى ئىنچىكە ۋە تېزلىك قۇرۇق ئىسسىقلىقتىن، توم ۋە تېزلىك ھۆل ئىسسىقلىقتىن، توم ۋە ئاستىلىق ھۆل سوغۇقلۇقتىن، ئىنچىكە ۋە ئاستىلىق قۇرۇق سوغۇقلۇقتىن بېشارەت بېرىدۇ. تومۇرنىڭ ئىنچىكە ۋە تېزلىكى ئاشسا يەنى قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات كۈچەيسە، ئەزالاردىكى بەلغەم خىلىتى كېمىيىپ كەتكەن بولىدۇ.
تومۇرنىڭ توم ۋە تېزلىكى ئاشسا يەنى ھۆل ئىسسىق كەيپىيات كۈچەيسە، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى سەۋدا خىلىتى كېمىيىپ كەتكەن بولىدۇ.
تومۇرنىڭ توم ۋە ئاستىلىقى ئاشسا يەنى ھۆل سوغۇق كەيپىيات كۈچەيسە، ئەزالاردىكى سەپرا خىلىتى كېمىيىپ كەتكەن بولىدۇ. تومۇرنىڭ ئىنچىكە ۋە ئاستىلىقى ئاشسا يەنى قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات كۈچەيسە، ئەزالاردىكى قان خىلىتى كېمىيىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەدەندە يوقارقىدەك خىلىتلار نورمالسىزلىقى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا غالىب بولغان خىلىتقا قارىتا خىلىتلارنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىپ نورماللاشتۇرۇش، خىلىتلار مىقدارى تۆۋەنلىگەن بولسا، يۇقىرى كۆتۈرۈپ نورماللاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە خىلىتلارتەڭپۇڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەر قانداق ئەزادا كېسەللىك پەيدا بولۇپ، يەرلىك ئورۇن قىزىرىپ، كۆيۈشۈپ ئاغرىسا، بىمارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چىڭ مىنۇتىغا 72-88گىچە سوقسا، سۈكۈت ۋاقتى قىسقا بولسا، ئۇ سەپرادىن پەيدا بولغان كېسەللىك، داۋاسى: بىرىنچى دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق، قانداق نۇسخا بولسا بولىۋېرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى شەربەت بولسا ياخشى. كېسەللەنگەن ئورۇن چىڭقىلىپ ئاغرىسا، تومۇرى توم، تېز، بوش سوقسا، سۈكۈت ۋاقتى قىسقا بولسا، ئۇ قاندىن پەيدا بولغان كېسەللىك، كېسەللەنگەن ئورۇن مۇزلاپ، تېلىپ، ئىششىپ ئاغرىسا، بىمارنىڭ تومۇرى توم، ئاستا، بوش سوقسا، سۈكۈت ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ئۇ بەلغەمدىن پەيدا بولغان كېسەللىك؛ كېسەللەنگەن ئورۇن مۇزلاپ، سانجىلىپ ئاغرىسا، بىمارنىڭ تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، چىڭ سوقسا، سۈكۈت ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، ئۇ سەۋدادىن پەيدا بولغان كېسەللىك دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. كلىنىكا ئەمەلىيىتىدە تومۇردىكى بۇ خىل بەلگىلەر بىلەن بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدا ئىپادىلەنگەن بەلگە-ئالامەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلا بولسا كۆپ ساندىكى كېسەللىكلەرگە بىر قەدەر توغرا دىئاگنوز قويغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.

مەنبە:  باغداش مۇنبىرى

بۇ يازما 193 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 124
ئۈستىگە قايتىش