ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى. ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ، بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دېمەك، نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.
‹‹ كېلىن ›› سۆزىمۇ مۇشۇ ئائىلە جەمەتى ئىچىدىكى بىر مۇھىم سۆز بولۇپ، ئۇ گەرچە ‹‹ ئانا ››دېگەن سۆزدەك ئۇلۇغ، ‹‹ ئايال ›› دېگەن سۆزدەك ۋەزىنلىك بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئايال، ئانا دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئالەم، ھايات بىلەن باغلانغان جان تومۇرلىرى بار. ‹‹ كېلىن ›› دېگەن بۇ سۆز بىلەن كۆز ئالدىمىزغا ھەرگىز ئۆزىدە ئىشەنچ، تاكامۇللۇق يىتىلدۈرگەن بىر ئايال ئەمەس، تۇرمۇش بوسۇغىسىغا پۇتىنى ئەمدىلا ئېلىپ ھودۇقۇش، تەمتىرەش ئىچىدە ئەتراپتىكى ناتونۇش مۇھىتقا ئايانچلىق قاراپ تۇرغان بىر قىز كېلىدۇ. كېلىن بولۇش ئانىلىق، ئاياللىق دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقتۇر. كېلىن ھودۇقۇش، تەمتىرەش ئىچىدە ئەشۇ ئىشىكنى ئېچىپ، يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئادەملەرگە قارىغىنىدا، ئەڭ ئاۋال ‹‹ مەن ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن ›› دېگەننى ئەمەس، ‹‹ ئۇلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلار ››دېگەننى ئويلايدۇ. چۈنكى قىزلارنىڭ نازۇك تەبىئىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،باشقىلارنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى بەك مۇھىم.
كىچىكىدىن ئائىلىدە مۇشۇ ھەقتىكى يېتەرلىك ساۋات ۋە تەربىيىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن قىزلار يېڭى مۇھىتتىكى بۇ قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كېتەلەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئائىلىدە قىز بالىنىڭ خرۇستال لوقىدەك ئاياپ، ئاسراپ كېلىنگەنلىكى،ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى ئاخىرى شۇنداق بىر جايغا كېتىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەلرەك، تېخىمۇ چېچەنرەك قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلىقى،ئۇلارنىڭ مەلۇم ئىش–ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ، مەلۇم ئادەت، مىجەز–خۇلقلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغقۇدەك قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىزنىڭ مومىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز ئەشۇ تەمتىرەپ، ھودۇقۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ مىللەتنىڭ كېلەچىكى،ئەۋلادلارنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زىممىسىگە كېيىن نۇرغۇن مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ،ئۇلارنىڭ شۇ مەسئۇلىيەت –مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك جۈرئەت، ئەقىل، ئىرادە، ساپاغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بىزگە كۆپلىگەن ئۈگۈتلەرنى، ئۆرپ–ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
ئالايلى، ئادەتتە بىر قىز ياتلىق بولۇپ ئېرىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان تۇنجى كۈنى شۇ مەھەللىدىكى ياشقا، ھۆرمەتكە چوڭراق بىرى ئۇنىڭغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: ‹‹ كېلىن ئاغىچا، بۈگۈندىن باشلاپ سىز بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولدىڭىز. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلىدىكىلەرنى ئۆز ئاتا–ئانا، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىڭىزدەك كۆرۈڭ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ. سەھەر تۇرۇپ قېيناتا–قېينانىڭىزغا سالام بېرىڭ. ئايىغىڭىز چاققان، ئاغزىڭىز ئېغىر بولسۇن. بۇ ئۆينىڭ گېپىنى ئۇ ئۆيگە توشۇماڭ، ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماڭ. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ۋە ھويلا–ئارامنى تازىلاپ پاكىز تۇتۇڭ. ئېرىڭىزنى چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن ھۆرمەتلەڭ، تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل بولۇڭ. بار–يوققا قانائەت قىلىپ، ئېرىڭىز بىلەن جاپا–مۇشەققەت، ھۇزۇر–ھالاۋەتتە بىرگە بولۇڭ… ››
ئۇيغۇرلاردا كېلىننىڭ چېچەنلىكىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا تارقالغان ھېكايەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ھېكايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق:
بۇرۇن بىر ئوتۇنچى بولغانىكەن. ئۇ ھەركۈنى جاڭگالدىن ئوتۇن تېرىپ شۇ ئوتۇنلىرىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، پۇلىغا كىچىك بىر خالتا كەلگۈدەك ئۇن سېتىۋالىدىكەن. ئايالى ئوتۇنچى ئەپكەلگەن ئۇننى خالتىنىڭ بۇرجىكىدىن تۇتۇپ قازانغا تۆكۈپ ئۇماچ ئېتىپ بېرىدىكەن. يىللار، ئايلار ئۆتىۋېرىپتۇ، ئوتۇنچى يەنىلا ئوتۇنچىلىق قىلىۋېرىپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ ئۆيلىنىپتۇ. كېلىن ناھايىتى چېچەن قىز ئىكەن. ئۇ قىز قېيناتىسى ئەكەلگەن ئۇندىن ھەر كۈنى بىر سىقىمدىن ئەپقېلىپ قالغان ئۇندا ئۆيدىكىلەرگە يوبدان ئېتىپ بېرىدىغان بوپتۇ. نەچچە ئون كۈندە يىغىلغان ئۇنلار ئوتۇنچى ھەر كۈنى ئەكىلىدىغان كىچىك بىر خالتا ئۇندەك بوپتۇ. كېلىن شۇ كۈنى ئوتۇنچى ئەكەلگەن بىر خالتا ئۇننى ئىشلەتمەي، يىغىلغان ئۇندا تاماق ئېتىپ، ئۇ بىر خالتا ئۇننى ئەتىسى ئېرىغا ساتقۇزۇپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ئىككى دانە چۈجە سېتىۋاپتۇ. ئايلار ئۆتۈپ چۈجىلەر چوڭ بولۇپ تۇخۇم تۇغۇشقا باشلاپتۇ. كېلىن تۇخۇملارنى يىغىپ سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا يەنە چۈجە سېتىۋاپتۇ. توخۇلار شۇ تەرىزدە كۆپىيىپ ھويلىنى بىر ئاپتۇ. كېلىن توخۇدىن بىر نەچچىنى ئەپقېلىپ قالغىنىنى ئېرىغا ساتقۇزۇپ پۇلىغا ئوغلاقلىق سېغىن ئۆچكە سېتىۋاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۆچكىلەرمۇ كۆپىيىپ ئون نەچچە تۇياق بولغاندا كېلىن ئۆچكىلەردىن بىر قانچىنى ساتقۇزۇپ، ئۇنىڭ پۇلىغا بىر پارچە يەر سېتىۋاپتۇ. ئوتۇنچى بوۋاي شۇندىن باشلاپ ئوتۇنچىلىق قىلماي، سۈت–قايماقتا ئېتىلگەن چاينى ئىچىپ ئارام ئالىدىغان، ئوغلى بىلەن كېلىنى ئۆزلىرى سېتىۋالغان بىر پارچە يەرگە ئىشلەپ بوۋاي–موماينى باقىدىغان بوپتۇ.

قاراڭ، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەت ئىپادىلەنگەن ھېكايەت–ھە! ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بىز ھازىر دەۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بۇرۇنلا دەپ بولغانىكەن. پەقەت ھەربىر دەۋردە، ھەربىر ئادەمنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئوخشاشمايدىكەن.
ئاتا–بوۋىلىرىمىز كېلىننىڭ بارغان يېرىدە يىلتىزى كۆچۈرۈلگەن بىر تۈپ گۈل ئەمەس، بەلكى مېۋىلىك دەرەخ بولۇشى زۆرۈرلىكىنى، ئۇنىڭ ھەم مېۋە، ھەم سايە بېرەلىشىنىڭ، بارغان جايىدا ياشناپ ئەتراپىنى ئاۋات قىلالىشىنىڭ ئۇنىڭ مىجەز–خۇلقى، خاراكتېرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتكەن بولغاچقا، ئۇلارغا ئەشۇ كېلىنلىك دۇنياسىغا قەدەم قويۇشنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق نەسھەت–ئۈگۈتلەرنى ئېيتىپ قويۇشنى لايىق تاپقانىكەن.

بۇ ئۈگۈتلەرنىڭ ھازىر مەكتەپ، ئىدارە–ئورگانلاردا تامغا چاپلاپ قويۇلىدىغان قائىدە–تۈزۈملەرگە ئوخشىشىپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلارنىڭ مەلۇم تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا تەربىيىلىنىپ ئاندىن توي خېتى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى يازمىلارنى ماتېرىياللاردىن كۆرگەنىدىم. بىزنىڭ مومىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز شۇنداق كۇرسلارنى ئاچالمىغان بولسىمۇ، تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان نەسىھەت–ئۈگۈتلەرنى ياشلارغا دەپ قويۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ قاراپ، ئۇنى نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ. مومامدىن بۇ خىل ئۆرپ–ئادەتلەرنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقىنى سورىسام، ئاددىي قىلىپلا: ‹‹ ۋاي تاڭ بالام، مەن ئەقلىمنى تاپسام باركەن، مېنىڭ ئاناممۇ بۇرۇندىن بارتى دېگەن ›› دېگىنى ئېسىمدە.

ئاياللارغا جۈملىدىن كېلىنگە قويۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپلەرنىڭ بىرى پاكىزلىق، سەرەمجانلىق. باشقا يۇرت كىشىلىرى غۇلجىنىڭ ئاياللىرىنى بەك پاكىز دەپ تەرىپلىشىدۇ. مەن ئۆزۈممۇ غۇلجىلىق بولغاچقا ‹‹ غۇلجىنىڭ ئاياللىرى پاكىزلىقتىن چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ئوتۇننىمۇ يۇيۇپ قالايدىكەن ›› دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەم بۇ سۆزدىن كۈلگەن. بۇ گەرچە ھەزىل گەپ بولسىمۇ، غۇلجا ئاياللىرىنىڭ سەھەر تۇرۇپ ھويلىغا ياتقۇزۇلغان خىشلاردىن تارتىپ يۇيۇپ چىقىدىغانلىقىدەك پاكىز تەبىئىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەقىقەتلەردۇر. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ غۇلجا ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل تەبىئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقتىم ھەمدە بۇنىڭمۇ مومىلار، ئانىلار تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

غۇلجا ئاياللىرىنىڭ ئەتراپىنى خۇددى ئاتموسفېرادەك قويۇق تەلىم– تەربىيە مۇھىتى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىلىپ–بىلمەي بىرلىرىدىن تەلىم ئالسا، ئۆزى سەزمەي تۇرۇپ بىرلىرىگە ئىش–ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلىم بېرىپ قالىدۇ. پاكىزلىق تەربىيىسىنىمۇ ئۇلارغا ئەتراپىدىكى مومىلار، ئانىلار، ھەدىلەر بەرگەن. غۇلجىدا كېلىنگە قىلىنىدىغان ئۈگۈت–نەسىھەتلەرنىڭ مەيلى قايسى ۋارىيانتلىرىدا بولسۇن ‹‹ ئەتىگەن تۇرۇپ ھويلا–ئارامنى سۈپۈرسۇن ! ›› دېگەندەك گەپ–سۆزلەر بار. غۇلجا ئاياللىرى سۇ قىس چاغلاردىمۇ يىراق يەرلەردىن ئەپكەشلەپ سۇ ئەپكېلىپ، ھويلا–ئارامغا سېپىپ ئاندىن سۈپۈرىدىغان، ھەربىر قېتىم تاماق ئەتكەندە ئوچاق بېشىنى بىر قېتىم سېغىز لايدا سىلىق قىلىپ سۇۋاپ چىقىدىغان پاكىز، شەرەنداز ئاياللارنىڭ قولىدىن نان يەپ چوڭ بولغان، ئاشۇنداق مومىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ، قېينانىلارنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. شۇڭا ئاشۇنداق پاكىزلىقنى ئادەتكە، كۆنۈكمىگە ئايلاندۇرغان.

بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتقان كېلىنلەرگە قىلىنىدىغان نەسىھەتلەردىكى سەھەر تۇرۇپ قېيناتا–قېينانىسىغا سالام بېرىش، گەپ توشۇماسلىق، كېچىسى ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماسلىق دېگەنلەر مەلۇم قانۇن–قائىدىلەردە يېزىلغان بولمىسىمۇ، بۇنى قانۇننى بىلمەيدىغان ئاياللارمۇ بىلىدۇ ھەم ئاڭلىق ئىجرا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بۇ خىل ئاڭلىق ھالدا ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلاردا خۇددى بۇ ئىشلار شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بىر تۇيغۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇنى ئادەتكە، كۆنۈكمىگە، ئاندىن شۇ شەخىسنىڭ خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئادەملەرنى مەلۇم ساپا، ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان، ئاندىن بۇ ئادەت بىر خىل مىللىي مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن.

ئادەتتە مەلۇم بىر ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەتنى ئاۋامغا تەشۋىق قىلىشتا، ئاساسەن بىرەر ئۈلگە ياكى تىپنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئائىلىنى باشقۇرۇش، ئىناق، بەخىتلىك، خاتىرجەم ئائىلە بەرپا قىلىش، ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە تالاي تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شۇ تەجرىبىلىرى ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن مومىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز بولغان. بۇخىل ئۆرپ–ئادەتلەر ھەرگىز زېرىكىپ قالغان ئاياللار تەرىپىدىن ئەرمەك ئۈچۈن تېپىلغان ئەمەس. بۇ خىل ئۆرپ–ئادەتلەرنىڭ بىز تېخى چۈشىنىپ يەتمىگەن، ئېتىبارسىز قاراپ قالغان تەرەپلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

مومىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز ناھايىتى دانىشمەن كىشىلەر ئىكەندۇق. ئۇلار ئائىلىنىڭ كېيىنكى مۇرەككەپ مۇساپىلىرىنى، ئۇچرايدىغان قىسمەتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ قىزلىرىنىڭ يەكلىنىپ قالماسلىقى، دىل ئازارى تارتىپ قالماسلىقى، ئاخىرىدا شۇنداق دىققەت قىلماسلىقلار، سەل قاراشلار تۈپەيلى ئائىلە بۇزۇلۇپ، پەرزەنتلەر يېتىم بولماسلىقى ئۈچۈن، ئەشۇ قىزلارغا كېيىنكى ھاياتىدا ‹‹ ئارامخۇدا ياشايمەن، بەخت، خۇشاللىق، ئىناقلىققا تولغان بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىمەن ›› دېسە، ئاۋۋال مېھنەت قىلىپ، تەقدىم قىلىپ، بېغىشلاپ، ئاندىن شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. بۇ نەسىھەتنى ئاڭلىغۇچىنىڭ قانداق قىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زېرىكمەي، تېرىكمەي داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار بۇ نەسىھەتلەرنىڭ ئەشۇ تەنتەك، تەجرىبىسىز قىزلارنى ھامان بىر كۈنى قايىل قىلىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى چۈشىنىپ يېتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن.

‹‹ بەتخۇي، تىلى زەھەر بىر قىز گۈل–چېچەكلەر پۈركەنگەن جايغا بارسىمۇ ئۇ جاينى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. خۇلقى ئېسىل،ئەقىللىق قىزلار چۆل–جەزىرىگە بارسىمۇ ئۇ جايغا مېھىر–مۇھەببەت، ساداقەت، ۋاپادارلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇ جاينى گۈل قىلىپ، بەخت باغچىسىغا ئايلاندۇرالايدۇ! ›› بۇنداق ئىبارىلەرنى مەن ئانىلارنىڭ ئاغزىدىن تالاي ئاڭلىغان. مانا مۇشۇنداق كۆز قاراشقا ئىگە مومىلار، ئانىلار قىزلىرىنى ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھال ئەمەس، ئەڭ ياخشىلىرىدىن، ئەڭ ئەلالىرىدىن بولۇشقا ئۈندەپ، ھەرخىل ھېكمەت، ئۈگۈت–نەسىھەتلەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن. گەرچە زامان، ماكان چەكلىمىلىكى تۈپەيلى بۇ نەسىھەت، ھېكايەتلەردە بەزى نوقسانلار بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئاشۇ ئۇلۇغ ئىش–پائالىيەتلەرنى ئەجداتتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، نام–نىشانى بىزگە مەلۇم بولمىغان تالاي ئانىلارغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، ئاپتۇرى ئېنىق ئەمەس.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش