ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مىرسۇلتان ئوسمان ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»

مىرسۇلتان ئوسمان ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

مۇقەددىمە
ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى شۇ كىشىنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئىشىنىڭ ئەھمىيىتى بىلەن ئۆلچەنسە ئۆمۈر ھەقىقىي رەۋىشتە مەنە تاپىدۇ ھەم شۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا ئىلمىي، توغرا، ئادىل باھا بەرگىلى بولىدۇ. بەزىلەر شۇنچە ياشقا كىرسىمۇ، ئۆز ھاياتىنى كۆرگەن- ئاڭلىغىنى كۆپ دېيىش بىلەنلا خۇلاسىلىيەلەيدۇ، يەنە بەزىلەر شۇنچە ياشىسىمۇ ئۆزىنىڭ نېمە كۆرگەن، نېمىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا «بوۋاق» پېتىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇلارغا قارىغاندا قىسقىراق ياشىسىمۇ ئەلگە بەرگەن پايدا- نەپ نۇقتىسىدىن ئۇزۇنغىچە كىشىلەرنىڭ تىلى ۋە دىلىدا يادلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي ئۆمۈر ھېسابلىنىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالىملارنىڭ ھاياتى ھەقىقىي مەنىدىكى ھايات دېسە ئەڭ مۇۋاپىق.
مىرسۇلتان ئوسمان ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان پېشقەدەم ئالىمىمىز بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ 80 ياشقا تولغان قۇتلۇق تويى. مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسىنى قانچە تەرىپلىسىمۇ ئەرزىيدۇ.
مىرسۇلتان ئوسمان 1929– يىلى 7– ئاينىڭ 31– كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرى ئاقكەنت يېزىسىدا خوتەن قاراقاشلىق ئازنىباقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1932– يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان ۋە 1943– يىلى ئىلى گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجىدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» پارتلىغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئورگىنىدا كاتىپ ۋە ئورگان ژۇرنىلىدا كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951– يىلى بېيجىڭغا بېرىپ سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. مىرسۇلتان ئوسمان  بىر يىلدىن ئارتۇق بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن (1952– يىلى لى جىڭۋېي، چېن زوڭجېن، جىن شياڭيى، لۇ بىڭروڭ، گاۋ شىجيې… قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن، ئۇلار ھازىر ئېلىمىزدىكى خەنزۇلار ئىچىدىن چىققان ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ قالدى). ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىن باشلاپ ئانا تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. 1957– يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1965– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1965– يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر يېزىقى ئىسلاھاتى كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى)غا يۆتكەلگەن ۋە 1979– يىلىغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1979- يىلى 11- ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندا، مەزكۇر ئىنستىتۇتقا تەقسىم قىلىنغان ۋە 1989– يىلىغىچە بۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1989– يىلىدىن 1997– يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. ھازىر شۇ ئورگاندا يەنە تەكلىپ بىلەن تەتقىقات خىزمەتلىرىگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
مانا بۇ مىرسۇلتان ئاكىنىڭ ئارخىپتىكى تەرجىمىھالى. ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى تەرجىمىھالىنى يېزىش ئۈچۈن بىرنەچچە نۇقتىدىن ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئىلمى ئۈچۈن تۆككەن تەرىلا ماكان نۇقتىسىدىن تىلشۇناسلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، زامان نۇقتىسىدىن ھازىرقى زاماندىن قەدىمكى زامانغىچە تۇتىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى مىرسۇلتان  ئوتتۇرا ماكتەپنى پۈتتۈرۈپلا (ئارىدا سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا بىر يىللا تەربىيىلىنىپ) خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەن، كېيىنچە قايتا بىلىم تولۇقلاش پۇرسىتى بولمىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى تەتقىقاتى؛ دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتى؛ قەدىمكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى؛ لۇغەتچىلىك تەتقىقاتى قاتارلىق تىلشۇناسلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دىيارىمىزدىكى تىلشۇناسلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى دۇنياغا داڭلىق تۈركولوگلارنىمۇ قايىل قىلدى.
بۇ ماقالەمدە مەن مىرسۇلتان ئوسمان  بىلەن بىرنەچچە يىل بىللە ئىشلەش ۋە بۇ ئۇستازدىن ئۆگىنىش داۋامىدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھېس قىلغانلىرىم ئاساسىدا مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى، 11- ئەسىردە قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناسى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
1. «دىۋان»نىڭ قولغا ئېلىنىشى
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 20- ئەسىرنىڭ 10- يىللىرىدا تۈركىيىدە تېپىلغاندىن كېيىن، 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى «دىۋان»نى تونۇشتۇرۇش خەلقئارادىكى مۇھىم ئىلمىي ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى كەينى- كەينىدىن فاكسىمىل ھالىتىدە ۋە تەرجىمە ھالىتىدە نەشر قىلىپ، ئۇنى دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىگە تونۇشتۇردى. مەملىكىتىمىز ئۇ چاغلاردا تېخى يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىدە بولغاچقا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ھېچكىمنىڭ خيالىدا يوق ئىدى. گەرچە شىنجاڭدا 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن كېيىن قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق)، ئىسمائىل داموللام قاتارلىقلار ئۇنى قولغا ئالغان ۋە بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، ئىمكانىيەت ۋە شارائىت ئۇنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا يول قويمىغان. 50- يىللارنىڭ دەسلىپىدە مۇھەممەت پەيزى، ئەھمەد زىيائىي – ئۇكىلار ئۇنى قايتا تەرجىمە قىلغان، 60- يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر سايرانى، مۇھەممەت سالىھ قاتارلىقلار ئۇنى قايتا تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى «سول»چىل لۇشيەن تۈپەيلىدىن بۇ ئەمگەك يەنىلا يورۇقلۇققا چىقالمىغان، ھەتتا پۈتكەن قىسىملار «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 10 يىللىق مالىمانچىلىق ۋە مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ ساھە قايتىدىن قولغا ئېلىنغان.
19788- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جۇڭگو پەنلەر دېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى قارمىقىدىكى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ش ئۇ ئا ر يېزىق ئىسلاھاتى كومىتېتىدىكى ئۇيغۇر سايرانى ۋە ئابدۇسالام ئابباس قاتارلىق ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن ھەمدە 1978- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى مەملىكەتلىك پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا ئىلتىماس قىلىپ، قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسى تەركىبىدىكى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى (بۇ ئىنستىتۇت ئەينى ۋاقىتتىكى ش ئۇ ئا ر يېزىق ئىسلاھاتى كومىتېتى، ھازىرقى ش ئۇ ئا ر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قارمىقىدىكى تەتقىقات بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلماقچى بولغان)غا «دىۋان»نى نەشرگە تەييارلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. شۇ ۋاقىتتىكى ش ئۇ ئا ر يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابباس «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. گۇرۇپپا تەركىبىدىكىلەر ئەينى ۋاقىتتا تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى ۋە قېرىنداش ئىنستىتۇتتىكى خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قىسمەن خادىملار (ئاساسلىقى ئەرەبچە بىلىدىغانلار) جەمئىيەتتىن كاماندىروپكا خىراجىتى بىلەن تەكلىپ قىلىنغان.
گۇرۇپپا مەسئۇللىرى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ ئىشقا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىبراھىم مۇتىئىينى كورلىدا گېزىتخانىدا ئىشلەۋاتقان يېرىدىن چاقىرتىپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا مۇنداق ھېكايە قىلاتتى:
ـــ ياغاچچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا بىرەيلەن كېلىپ ماڭا: بۇ ئىشىڭنى قوي، ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسى قۇرۇلماقچى، بىز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نى نەشرگە تەييارلىماقچى، شۇنىڭغا قاتنىشىسەن، دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ھاياجاندىن قولۇمدىكى رەندىنىڭ قولۇمدىن چۈشۈپ پۇتۇمنى قانىتىۋەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار كېلىپ، دىماغلىرىم ئېچىشىپ كەتتى.
مىرسۇلتان ئوسمان  خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، 1978- يىلى «دىۋان»نى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ھەم قەلبى ھاياجانغا تولىدۇ.
گۇرۇپپىدىكى خادىملار تۈركىيىدە 1941- يىلى بېسىم ئاتالاي تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىچىك 32 فورماتلىق رەڭسىز فاكسىمىل نۇسخىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە، بېسىم ئاتالاي تەرجىمە قىلغان تۈركچە نۇسخىدىن ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىسىنىڭ 1- تومىدىن ھەمدە 1961- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلگەن «قەدىمكى تۈركىي تىللار لۇغىتى» (ДТС)دىن پايدىلانغان. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاشتا 1– تومنى ئاساسلىقى ئابدۇلھەمىد يۈسۇفى، 2– ۋە 3– توملارنى ئابدۇرېشىت قارىم سابىت ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. كېيىنچە ئوسمان مۇھەممەدنىياز قارىم ئەرەبچىگە ياردەملەشكەن. ئەرەبچە بىلىدىغانلار ئېغىزچە تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، باشقا خادىملار تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كارتىلاشتۇرۇپ چىققان.
گۇرۇپپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مىرسۇلتان ئوسمان  ئىبراھىم مۇتىئىي، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، خىزمەتتە قېتىرقىنىپ ئىشلەيدۇ، «دىۋان»دىكى ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى دىئالېكت- شېۋىلىرى بىلەن ھەم قېرىنداش تۈركىي تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نامۇۋاپىق ترانسىكرىپسىيىلەرنى بىرمۇ بىر تۈزىتىپ چىقىدۇ.
مىرسۇلتان ئوسمان  2- تومىغا كەلگەندە ئىبراھىم مۇتىئىي ئاكىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى بىلەن تەھرىرلىكنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە ئەسەرنىڭ گرامماتىكا قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن. گۇرۇپپىدا ئادەم كۆپ، تەرجىمە قىلىنىدىغان بۆلەكلەر تەقسىم قىلىنغان بولغاچقا، ھەر خىل تەرجىمە ئۇسلۇبلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھەررىر ئۈچۈن ھەقىقەتەن جاپالىق خىزمەت ئىدى. مىرسۇلتان ئوسمان  شۇ ۋاقىتتا باشقا ئىككى مۇھەررىرگە قارىغاندا ياش ھەم ئۆزىنى ئىلمىي ئىشقا ئۇرۇپ تۇرىدىغان مىجەزى بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈردى. بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۇنىڭ ئىلىمگە خۇمار مىجەزى ۋە خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ئۇنىڭغا يۈكلىگەنىدى.
دەسلەپكى قىزغىنلىق ۋە گۇرۇپپىدىكى خادىملارنىڭ بىجانىدىللىق بىلەن ئەمگەك قىلىشى بىلەن بىرىنچى توم نەشرىياتقا تاپشۇرۇلدى. مىرسۇلتان  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسەرنىڭ دەسلەپكى تىزىلغىنىدىن تاكى ئاخىرقى سېنكىغا ئېلىنغان (ئەينى ۋاقىتتا باسما ئىشلىرى قوغۇشۇن ھەرپ بىلەن تىزىش، ئاندىن ئۇنىڭ كوررېكتورلۇقى تۈگىگەندىن كېيىن سېنكىغا ئېلىش ئىشلىرى نابور بۆلۈمىدە بولاتتى) نۇسخىسىغىچە قانچە رەت كۆرۈپ، كوررېكتورلۇقىنى قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ.
بىرىنچى توم يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، گۇرۇپپىدىكى خادىملار 2- تومنى ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. بۇ جەريانمۇ تەرجىمان ۋە خادىملارنىڭ قايتا تەقسىملىنىشى بىلەن يەنە شۇنداق قول تۇتىدۇ. مىرسۇلتان  بۇ جەرياندا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەتكە كىرىشىدۇ. خىزمەت جەريانىدا بىرىنچى تومدا كەتكەن بەزى سەۋەنلىكلەر بايقىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ 2- تومى 1983- يىلى، 3- تومى 1984- يىلى نەشر قىلىندى. ئۈچ توم ئايرىم- ئايرىم نەشردىن چىقتى، تەرجىمە قىلىنغان يىل دەۋرى، تەرجىمە قىلغان خادىملار ئوخشاش بولمىغاچقا، تەرجىمە ئۇسلۇبىدا، سۆزلەرنىڭ ترانسكرىپسىيىسىدە، ئىزاھلاردا قىسمەن پەرقلەر، سەۋەنلىكلەر كۆرۈلۈشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. 1985- يىلى مىرسۇلتان  مەرھۇم خەلىم سالىخ ۋە ئوسمان مۇھەممەتنىيازلار بىلەن بىللە تۇنجى نەشرى 1- تومىدا كەتكەن خاتالىق، سەۋەنلىكلەرنى بىر قۇر رەتلەپ چىقتى. ئۇ «دىۋان»نى ھەر قېتىم ۋاراقلىغاندا سىزىپ، ئۇنى توغرىلاپ كارتىلاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويمىدى. بۇ ئىش تاكى 2008- يىلى ئىككىنچى نەشرى چىققىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى.
2. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى، يۇرتى، مەقبەرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش
مەھمۇد كاشغەرىي كىتابىدا ئۆزىنى «…تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن» دەپ تەسۋىرلەپ، قەشقەردىكى ئىككى يۇرت ـــ «ئوپال» بىلەن «ئازىغ»نى «بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلاپ، ئۆزىگە «كاشغەرىي» دەپ تەخەللۇس قويىدۇ ھەمدە ئۆزىنى «مەھمۇد بىننى ھۈسەين بىننى مۇھەممەد كاشغەرىي» دەپ تونۇشتۇرغاندىن باشقا، ئۆزى ۋە يۇرتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. 1- تومنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ بەزى مۈجمەل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلغۇدەك پاكىت ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ. بۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالىمنى تالىشىش ئىشتىياقىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى. «ئىگىسىز ئېشەكنى بۆرە يەيدۇ» دېگەن گەپ بار، كىمنىڭ ئاۋازى چىڭ چىقسا شۇنىڭ گېپى ئۆتىدىغان بۇ جاھاندا ئىلمىي پاكىت ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مەسىلە ئىدى. ئالىم ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەم «دىۋان»دا دۇچ كەلگەن بەزى ئاتالغۇ- سۆزلەملەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ۋە ئىزاھاتىنى ئېنىقلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 1982-يىلى 12-ئايدىن 1983-يىلى 3-ئايغىچە قەشقەردە «دىۋان» نىڭ 3-تومىنى ئۇيغۇرچە نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىدە بولىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ قەشقەردە ئىشلىنىشى ئەرەب تىلى تەرجىمانى مەرھۇم ئابدۇرېشىت قارىم سابىتنىڭ ئائىلىسى قەشقەردە بولغانلىقى ۋە قەشقەردە ئىشلەشنىڭ ئۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.
بۇ ھەقتە مىرسۇلتان  مۇنداق دەيدۇ:
ـــ شۇ چاغدىكى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دېمىيە ئاجراتقان 600 يۈەن كاماندىروپكا پۇلىنى ئېلىپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ خىزمەتنى باشلىۋالغاندىن كېيىن 12- ئاينىڭ 18- (شەنبە)، 19- (يەكشەنبە) كۈنلىرى قەشقەر كوناشەھەرنىڭ ئوپال يېزىسىنى نۇقتا قىلىپ مەخسۇس تەكشۈردۇق. شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مامۇتوۋ قۇربان ۋە مۇئاۋىن ۋالىي ئەيسا شاكىرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ، ھەمدەم بولۇشى ئارقىسىدا قەشقەردىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتۇق.
ئوپالنى نۇقتا قىلىپ تەكشۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
بىرىنچى، بىز «دىۋان»نىڭ Ⅰ- تومىنى نەشرگە تەييارلاش جەريانىدا گەرچە ئالىمنىڭ تەخەللۇسىدىن ئۇنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ كۆرۈش مەقسىتىدە، مەھمود كاشغەرىينىڭ قەشقەر ئەتراپىدىكى بىر قانچە يېزىلارنى «قەشقەر يېنىدىكى بىر يېزا، قەشقەردىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلغىنىغا، «ئوپال» ۋە «ئازىغ» سۆزىنى «بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلىغىنىغا ئاساسەن بىز ئالىمنىڭ «ئوپال» نى «بىزنىڭ يۇرت» دېگەنلىكى سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكىمىز.
ئىككىنچى، ئوپالدا «ھەزرىتى موللام» دەپ ئاتىلىدىغان مەشھۇر بىر مازارنىڭ بولغانلىقى ۋە جەنۇبتىكى ۋىلايەت- شەھەرلەردىن ھەر يىلى كىشىلەر كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ سەۋەبسىز ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگەنلىكىمىز.
ئۈچىنچى، قەشقەرگە مېڭىش ئالدىدا بىر قىسىم يولداشلارنىڭ ئوپالنى ۋە ئوپالدىكى بۇ مەشھۇر مازارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىش توغرىسىدىكى ئىجابىي پىكىرلىرى ئىدى.
بۇ چاغدا بىز تېخى «ئازىغ» توغرىلىق ئانچە ئېنىق چۈشەنچىدە بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن «دىۋان» Ⅰ- تومىدا قەشقەرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئازىغ» بىلەن بۇ تەرىپىدىكى «ئازاق» ئوتتۇرىسىدا مۈجمەل بىر ئىزاھ بەرگەن بولدۇق. ئەمەلىيەتتە «ئازىغ» ئوپالنىڭ غەربىي شىمالىدا، «ھەزرىتى موللام» مازىرنىڭ تەخمىنەن 300- 400 مېتىر جەنۇبىدىكى بىر يېزا ئىكەن. (مىرسۇلتان ئوسمان: «ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمود كاشغەرىي مازارىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكنىڭ ئېنىقلىنىش جەريانى» (قوليازما)
ئىبراھىم مۇتىئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  ئالدى بىلەن «ھەزرىتى موللام» مازىرنىڭ شەيخلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇلار ئوسمان قارىم، مۇھەممەدرەھىم شەيخ، باۋۇدۇن قارىيلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلاردىن ئوسمان قارىم شۇ يىللاردا مازارنىڭ شەيخلىقىنى قىلىۋاتقانىكەن. ئۇلار شەيخلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇنداق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدۇ:
شەيخلەر بىر مەزگىللىك بولماي، ئاتىدىن بالىغا، بالىدىن بالىغا مىراس قېلىۋاتقان شەيخلىق تۈزۈمىدە ئىكەن. بۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قائىدە بويىچە خان جەمەتىدىن بولغان شەخسلەرنىڭ قەبرىگاھىغا خان تەرىپىدىن مەخسۇس خادىملار بەلگىلىنىدىغانلىقىدىن قارىغاندا ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق. 1941- يىلى (مىنگونىڭ 36-يىلى) 10- ئاينىڭ 12- كۈنى ئوپال شەرئىي مەھكىمىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانۇنسىزلىق بىلەن تارتىۋېلىنغان شەيخلىقىنى ئوسمان قارىمنىڭ ئاتىسى قۇددۇس قارى ھاجىمغا قايتۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغانلىقى بۇنىڭ پاكىتىدۇر. (بۇ ھۆكۈمنامە بەك تىتىلىپ كەتكەن، شۇ يىللاردا ئوسمان قارىمنىڭ قولىدا ئىدى.)
ئىككىنچى بىر پاكىت، بۇ شەيخلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز پۇشتىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، يەتتە ئاتىسىغا قەدەر خاتىرىسىدە ساقلىغان، ھەممە ئەجدادىنىڭ ئاخىرىدا «شەيخ» سۆزى قوشۇپ ئېيتىلىدىكەن.
باۋۇدۇن قارىي ئۆيىدىكى سۆھبەتتە ئالىم ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ:
ـــ بۇ زاتنىڭ تولۇق ئىسمى ھەزرىتى مەۋلانا شەمسىددىن مەھمۇدىيە ئىبن ھۈسەينىيە، بۇنى بىزگە تۇردى ھاجىم دېگەن دادىمىز دەپ بەرگەن (بوۋىسى) . ھەزرىتى مەۋلانا دېگىنى ئالىملىقىغا قارىتىلغان، شەمسىددىن دېگىنى «دىننىڭ قۇياشى» دېگىنى بولۇپ، ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان سۆز. بۇ زات ئەسلىدە ئازۇق كەنتىدىن بولۇپ، ئالىم كىشىكەن، ئەرەب، پارس، تۈركىي قاتارلىق 8-9 تىلنى بىلىدىكەن؛ ئىران، ئىراق تەرەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە مۇددەرس بولغانىكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «دېھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تېرىيدۇ، ئادەمنىڭ ياخشىسى ئۆز يۇرتىدا قېرىيدۇ» دېگەن خەلق ماقالى بويىچە، 89 يېشىدا بۇ يەرگە (ئۆز يۇرتىغا) كېلىپ سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلىپ 97 يېشىدا ۋاپات بولغان، تۆت ئەتراپقا ئىلىمنى مۇشۇ زات تارقاتقانىكەن. شۇڭا ئۇلۇغلاپ «ھەزرىتى مەۋلانا» دېيىلدىكەن. ئاۋۇ مازارنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بۇ زات مۇددەرسلىك قىلغان مەھمۇدىيە مەدرىسەسىنىڭ ئىزناسى ھازىرمۇ بار.
بۇ بايانلاردىكى «مەھمۇدىيە» سۆزى بىلەن ئىككى ئالىمنىڭ كۆڭلى يورۇغاندەك بولۇپ قالىدۇ. مەدرىسەلەرنىڭ نامى بەزى ھاللاردا مۇددەرسلىك قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ مەدرىسەگىمۇ ئالىمنىڭ ئىسمى قويۇلغانلىقى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن كەچتى. مەسىلە روشەنلەشتى. «مەھمۇدىيە» مەدرىسەسىنىڭ ئالىم مەھمود كاشغەرىي نامىغا قويۇلغانلىقى، ئۇزاق دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى ۋە شەيخلىقنىڭ بالىدىن- بالىغا نۆۋەتلىشىشى بىلەن مەدرىسەنىڭ ئىسمى بىلەن ئالىمنىڭ ئىسمى ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدا ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقى روشەن بولدى.
شەيخلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە ئىبراھىم مۇتىئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  ئوپال تەۋەسىدىكى ئاتاقلىق مازارلار، جۈملىدىن ئالىمنىڭ ئانىسى بۈبى رابىيەنىڭ مازىرى، بۈبى رابىيەنىڭ ئاتىسى خوجا سەيپىددىن بۈزۈركۋارنىڭ مازىرى… قاتارلىق مازارلارنى ئارىلاپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىرەر خاتىرە تاش قويۇلغانلىقى كۆرۈلمىدى. لېكىن ئوپالنىڭ موشۇ دەۋر قاراخانىيلار ئەۋلادلىرىدىن بىر قىسىم دۇنيادىن ئۆتكەنلىرى دەپن قىلىنغان جاي ئىكەنلىكى مۆلچەرلەندى.
ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىن دائىم تالىپلار مازار تاۋابىغا كېلىپ تۇرغان ۋە ئۆز ئىلمىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن بۇ قەبرىدىكى شەخسنى «ئىلمگە ھۆددىكار پىرىم» دەپ، ئۇنىڭدىن مەدەت تەلەپ قىلىپ تۇرغان.
مازار شەيخلىرى ئۆزلىرىگە ۋەخپە قىلىپ بېرىلگەن يەر (بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر «موللام بېغى» دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ھوسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تالىپلارنىڭ يېتىپ- قوپۇش، ئاش- تاماق، كىر- قات… قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىققان. بەزى يەر ۋەخپە قىلىش تەۋلىيەلىرىدە بۇ نۇقتا ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىنغان.
شەيخلەرنىڭ ئېيتىشلىرىچە خېلى يىللار بۇرۇن مازار تەزكىرىسىنىڭ بىر قىسمى پارچىلىنىپ يېڭىسارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا مازارنىڭ تەزكىرىسى يوق ئىدى. ئىبراھىم مۇتئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  تەزكىرىنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن تاكى قارغىلىققىچە بېرىپ ئىزدەپ كۆردى، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. ئالىمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھۋاللار مازار تاۋابىغا ئاتىلىرى بىلەن بالا چاغلىرىدا بىللە بارغانلارنىڭ مازار تەزكىرىسى ئوقۇلغاندا يادىدا قالغانلىرىدىن ئىگىلەندى، لېكىن بۇنىڭدىمۇ ئۇزاق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەزكىرىگە قوشۇلۇپ قالغان ئەپسانىۋى يېپىنچىلار بار ئىدى. بۇلار نەزەردىن ساقىت قىلىندى. ئۇندىن باشقا شائىر تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى ۋە ئابدۇرەھىم نىزارىيلارنىڭ 1838- يىلى ۋە 1843- يىللىرى مازارغا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىدىن قارىغاندا ئالىمنىڭ قەبرىسى تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خەلقنىڭ يادىدىن چىقىپ كەتمىگەن
يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئىگىلەنگەندىن كېيىن، گەرچە يازما پاكىتلار تېخى قولغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، «ھەزرىتى موللام» مازىرىنىڭ ئالىم مەھمود كاشغەرىينىڭ مازارى بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئىبراھىم مۇتئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىگە بىرىنچى قېتىملىق دوكلاتنى يازىدۇ ۋە بۇ دوكلاتنىڭ بىر نۇسخىسىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىگە ئەۋەتىدۇ. ئاپتونوم رايوندىن خەۋەر كەلگۈچە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن مامۇتوف قۇربان ۋە ئەيسا شاكىر قاتارلىق يولداشلار دەرھال قەشقەر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي مۆتىۋەرلەرنى يىغىپ، 1983- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى يىغىن چاقىرىپ بۇ دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق يەنىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈشنى مۇۋاپىق تاپىدۇ ھەم شۇ كۈندىن ئېتىبارەن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە بۇ مازارنى ۋىلايەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىدۇ ۋە ئۇنى ئاپتونۇم رايون بويىچە، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدا ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىگە دوكلات سۇنىدۇ. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ قەشقەرگە مەخسۇس ئارخىئولوگىيە ئەترىتى ئەۋەتىدۇ. قەشقەردىكى يىغىندا دوكلاتنى قوللايدىغان ئىجابىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ، لېكىن مەرھۇم ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم يىغىنغا كەلمەيدۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىرسىدىن «مەن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك پاكىت تېپىپ قويدۇم، ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىم بىلەن مىرسۇلتان ئەپەندىم ئۆيگە كەلسۇن» دەپ ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىيلەن «يىغىنغا كەلمىگەن ئادەم قانداق پاكىت تېپىپ قويماقچىدى» دەپ ئېرەنشىمەيدۇ. يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قازى ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ خىزمەتچىسىنى يەنە ئەۋەتىدۇ. ئىبراھىم مۇتئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  مەسلىھەتلىشىپ «بوپتۇ، بارايلى» دېگەن يەرگە كېلىدۇ ۋە ئەرەبچە تەرجىمان ئابدۇرېشىت قارىم سابىتنىڭ قازى ئاخۇنۇم بىلەن ئارازلىشىپ قالغانلىقىغا قارىماي، بۇ كىشىنى ماقۇل قىلىپ ئۈچەيلەن بىللە بارىدۇ.
قازى ئاخۇنۇم ئابدۇرېشىت قارىم سابىتنىڭ بىللە كەلگەنلىكىگە كۆپ خۇرسەن بولىدۇ ۋە مول مېھماندارچىلىقتىن كېيىن «مەسنەۋى شېرىپ»نى ئېلىپ چىقىپ، قارىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، تەۋلىيە يېزىلغان بەتنى كۆرسىتىپ: «بۇنى سىلىدىن باشقا ئادەم كۆرەلمەيدۇ» دەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ مەھمۇد كاشغەرىي نامى تىلغا ئېلىنغان تەۋلىيە ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق دوكلاتنىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئالىملار قاتتىق ھاياجانغا چۆمىدۇ، مىرسۇلتان ئوسمان  كىتابنى دەرھال ھېيتگاھقا ئاپىرىپ (1983-يىلى 25-يانۋار) كاماندىروپكا پۇلىدىن 20 يۈەنگە رەسىمگە تارتقۇزىدۇ ۋە كىتابنى شۇ سائەتتە قازى ئاخۇنۇمغا قايتۇرۇپ ئاپىرىپ بېرىدۇ.
بۇ كىتابتا يېزىلغان تەۋلىيە ئالىملارنى يازما پاكىت بىلەن تەمىنلىگەنىدى. شۇڭا بۇ خۇشاللىق يۈزىسىدىن مەرھۇم سالىھجان قارىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قازى ئاخۇنۇمغا 80 يۈەنگە بىر تون كەيدۈرىدۇ ۋە سالىھجان قارىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن «مەسنەۋى شېرىپ»نى سېتىۋېلىشقا ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنى كۆندۈرىدۇ. رەسمىيەت ئوپالدا، مازارنىڭ يېنىدىكى جاي ― «ھاي- ھاي تېرەك» مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مامۇتوف قۇربان ۋە ئەيسا شاكىرلار بۇ رەسمىيەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. نەتىجىدە قازى ئاخۇنۇم «مەسنەۋى شېرىپ»نى ئىككى ئالىمغا ـــ ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانغا تەقدىم قىلىدۇ (بۇ كىتاب ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا مەنسۇپ). مىرسۇلتان ئوسمان  قولىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى 400 يۈەن كاماندىروپكا پۇلىنى پەتنۇسقا سېلىپ قازى ئاخۇنۇمغا تۇتىدۇ.
بۇ ئىككى ئالىم قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن كاماندىروپكا پۇلىدىن ئۆزلىرى بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي، ھەممىنى ئىلىم ئۈچۈن، قىممەتلىك مىراس ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ۋىلايەت ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا مىرسۇلتان ئوسمان  ئۆمۈرلۈك رەپىقىسى دىلەيسە ئاپپاينىڭ ئاتۇشتىكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەر كۆمۈركاندىن كۆمۈر ئالدۇرۇپ كىلىپ، يېقىلغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ھېكايە قىلىدۇ.
«دىۋان»نىڭ 3- تومىنى ئىشلەش ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى، مەقبەرىسى، تۇغۇلغان، ئۆلگەن يېرى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش جەريانىدا مىرسۇلتان ئوسمان  ئالىملارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن «دىۋان»دا ئۇچرىغان ھەر خىل سۆزلەملەرنى قەشقەردىن سۈرۈشتۈرىدۇ. ‹دىۋان›دا «شاۋ» دېگەن بىر سۆز ئۇچرايدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تېپىش تەسكە توختايدۇ، ئوپالدا ئالىم يەرلىك كىشىلەردىن «شاۋ» ناملىق ئۆسۈملۈكنىڭ بار- يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. يەرلىكلەر «بۇ يەردە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئۆسۈملۈك بار بىز ئۇنى «شاپ» دەيمىز»دەيدۇ. ھازىر دېيىلىۋاتقان «شاپ» دەل مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدىكى «شاۋ» ئىدى.
قەشقەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىبراھىم مۇتىئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان  ئىككىنچى دوكلاتنى تەييارلاپ، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىگە تاپشۇرىدۇ ھەمدە «مەسنىۋى شېرىپ»نىڭ خەت، سىياھ، قەغەزلىرىنى، شۇنداقلا ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ۋە ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەۋلىيەدىكى خەتنىڭ تۆمۈر قەلەم بىلەن ئەمەس، قومۇش قەلەم بىلەن يېزىلغانلىقىنى ۋە ئىمىر ھەۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ خەت نۇسخىسى ئەمەسلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ. لېكىن سىياھ بىلەن قەغەز توغرىسىدا مەركەزگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. نەتىجىدە مەخسۇس «مەسنەۋى شېرىپ دىلوسى» تورغۇزۇلۇپ ج خ نازارىتىدىن بىر كادىر مەركەزگە ماڭىدۇ. ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ لازىر نۇرى بىلەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى: سىياھ ھازىرقى كاربون 14 لىك سىياھ ئەمەس، قەغەز 100 يىلدىن ئاشقان قەغەز بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن 1983- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىبراھىم مۇتىئىي ۋە مىرسۇلتان ئوسمان نامىدا «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازارى توغرىسىدا» دېگەن ماقالە يېزىلىپ، بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلىدۇ.
1983- يىل ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمود كاشغەرىينىڭ مازارىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارىخ بېتىگە مەڭگۈ ئۆچمەس سىياھ بىلەن يېزىلغان يىل بولدى.
بۇ خۇش خەۋەر تۈپەيلىدىن ئەينى يىللاردا بۇ پاكىتنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان ئىبراھىم مۇتىئى  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بىزنى ئالىمىمىزغا قايتا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر قىلدى.
بۇ خۇش خەۋەر شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ يىللاردا يالغۇز ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، ھەتتا ئامېرىكىلاردىمۇ دولقۇنسىمان ئىنكاسلار قوزغىلىدۇ. بۇ توغرىدا 1983- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدە ئىستامبولدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىبراھىم مۇتىئىي  بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىغا يازغان خېتىدە: «مۇشۇ خەۋەر تۈركىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 1983- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچلىك خەۋەرلەر قاتارىدا بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئاڭلاپ ئىستامبول ۋە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرتداشلار مەغرۇرلاندۇق ۋە پەخىرلەندۇق» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى، ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇنغانلىقىنى، 1988- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە چىققان «ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەكشۇرۇشلەر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا بۇ ماقالىنىڭ قىسقارتىپ بېسىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كۇپايە.
ئۇيغۇر خەلقى مەلۇم بىر دەۋر ئۇنتۇلۇپ قالغان ئۆز پەرزەنتىنى، ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى تاپتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ قەبرىسىنى باغداد ياكى باشقا ئورۇنلاردىن ئىزدەش تەشەببۇسلىرى يوققا چىقتى، قانداقتۇر باشقا بىر ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش خاھىشلىرىغا خاتىمە بېرىلگەن بولدى. بۇ يەردە مىرسۇلتان ئوسمان  بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبىتىمنى بېرىپ قويسام ئارتۇقچە بولماس.
ـــ مىرسۇلتان ، مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»دا «بارسغان» دېگەن سۆزنى ئىزاھلىغاندا «مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرى» دەيدۇ. بەزىلەر «دىۋان»نىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ كىرىش سۆزىدىكى «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى بارسغانلىق، بارسغان شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ شەھەرلەردىن ئىدى. ئۇ يەردىن داڭلىق ئۆلىمالار، جەڭگە ماھىر قوماندانلار چىققان. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ھۈسەينمۇ ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر» دېگەن خاتا چۈشەنچىدىكى سۆزگە ئېسىلىۋېلىپ، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسلى يۇرتى (ئاتا ماكانى) بارسغان» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ئالىمنىڭ «مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرى» دېيىشى ئاتىسىنىڭ شۇ شەھەرگە ھاكىم بولغانلىقىدىن ئىكەن. چۈنكى ئالىمنىڭ ئاتىسى خانزادە، خانلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەرنى بالىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىشى شۇ ۋاقىتتىكى قائىدە بويىچە نورمال ئىش. يەنە بىر نۇقتا ئالىم «دىۋان»دا: «قۇش ياۋۇزى ساغزىغان، يىغاچ ياۋۇزى ئازغان، يېر ياۋۇزى قازغان، بودۇن ياۋۇزى بارسغان (قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزغان، ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان، يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان، خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان)» دېگەن ماقالنى بېرىدۇ. ئەگەر بارسغان ئاتىسىنىڭ يۇرتى بولغان بولسا ھەرگىز بارسغانلىقلارنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇ ماقالنى ئىشلەتمىگەن بولاتتى دەپ قارايمەن. بەزىلەر بۇ ماقالنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ «مەھمۇدنىڭ ئاتىسى بارسغانلىق» (ئەمەلىيەتتە يازما نۇسخىدىمۇ «مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرى» دېيىلگەن)، دېمەك ئۇ قىرغىزىستانلىق دېگىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن دەپ قالدىم.
ـــ شۇنداق، بىرمۇنچە ئالىملار، جۈملىدىن ئۇمىلئان پرىتساك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان»دا ئۆز نەسەبى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى ۋە «ئۇيغۇر» سۆزىگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ، شۇنداقلا، ئىبنۇلئەسىرنىڭ قاراخانىيلار جەمەتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھىجىرىيە 389- (مىلادىيە 992-) يىلى بۇخارانى ئالغان ئەبۇلھەسەن ھارۇن بىننى سۇلايمان خوتەننى ئالغان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى ھۈسەين بىننى مۇھەممەد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولۇپ، چوڭ ئوغلى سۇلايمان تەختكە ۋارىس بولغاندىن كېيىن، ھىجىرىيە 435- (مىلادىيە 1043-1044-) يىلى يۈسۈپ قادىرخان جەمەتى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا مىراس (ئۈلۈش) تەقسىم قىلىنغاندا، تالاس ۋە ئىسپىجاپ تەرەپلەر مۇھەممەد بۇغراخانغا بۆلۈپ بېرىلگەن. مۇھەممەد بۇغراخان ئوغلى ھۈسەيننى بارسغان ئەمىرى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا «بارسغان» ئاتالغۇسى «دىۋان» كىرىش سۆزىدە خاتا ئىزاھلىنىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى، جۈملىدىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزىمۇ بارسغانلىق دېگەن قاراشنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى خان جەمەتىنىڭ داۋامى، مەھمۇد كاشغەرىي مەنسۇپ بولغان قەبىلە توققۇز ئوغۇز قەبىلىسى. بۇنى «ھۇدۇدۇلئالەم»نىڭ قارلۇقلار بۆلۈكىدىن پايدىلىنىپ تارىخچى ۋېي لياڭتاۋ ئىسپاتلاپ چىققان. بايا سىز دېگەن ماقالمۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيننىڭ بارسغان شەھىرىگە ھاكىم بولغانلىقىغا گۇۋاھ. قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتىغا دائىر ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىجىرىيە 448-449 (مىلادىيە 1056- 1057-) يىللىرى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت پەيدا بولغان. سۇلايمان ئارسلانخان ئۇرۇشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، نەزەربەند قىلىنغان. مۇھەممەد بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسى تەختىگە چىققان بولسىمۇ، 15 ئايدىن كېيىن ئورنىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەين بىننى مۇھەممەدكە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان، تەختنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا بېرىلگەن زىياپەتتە مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ كىچىك خوتۇنى ئۆز ئوغلى ئىبراھىم بىننى مۇھەممەدنى خان قىلىش مەقسىتىدە مۇھەممەد بۇغراخان ۋە ھۈسەين بىننى مۇھەممەدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن، نەزەربەنت قىلىنغان سۇلايمان ئارسلانخانمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم بىن مۇھەممەد قاراخانىيلار تەختىگە چىققان. بۇ پاجىئەلىك ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى ۋە قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان مەھمۇد كاشغەرىي ئوپالدىن «مۇق يولى» ئارقىلىق چەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ئالدى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ، ئاندىن نىشاپۇر ئارقىلىق ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا بېرىپ پاناھلانغان.
ــــ بىز «دىۋان»نى بۇ قېتىم نەشرگە تەييارلىغاندىمۇ كىرىش سۆزىدىكى مۈجمەل جۈملىلەرنى تۈزىتىشكە سەل قاراپتۇق. ئەسلى بۇ جەھەتتىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ، بۇ نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش لازىم ئىكەن.
ــــ شۇنداق، بۇنى كېيىن ھېس قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ.
بۇ سۆھبەت بىلەن كۆڭلۈمدىكى بىر تۈگۈن يېشىلىپ كەتكەندەك بولدى.
3. خەنزۇچە نۇسخىسى ئاخىرى نەشردىن چىقتى
«دىۋان»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە تۇنجى نۇسخىسى بىلەن تەڭ قولغا ئېلىنغان. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن خۇا ئۈستىگە ئالغان. خەنزۇچە تەرجىمىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە پۈتۈپ چىققان ئورىگىناللار (كېيىنچە رەسمىي كىتاب) ئاساسىدا تەرجىمە قىلىنغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىغا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرچىغا پىششىق خەنزۇلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ،1- تومىنىڭ تەرجىمىسىگە: خې رۇي، دىڭ يى (چېن زۇڭجېن)، شياۋ جۇڭيى، ليۇ جىڭجيا قاتارلىقلار (شياۋ جۇڭيى ئورىگىناللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن)؛ 2- تومىنىڭ تەرجىمىسىگە: شياۋ جۇڭيى، ليۇ جىڭجيا قاتارلىقلار؛ 3- تومىنىڭ تەرجىمىسىگە: شياۋ جۇڭيى قاتناشقان. 1- تومىنى مىرسۇلتان ئوسمان بىلەن چېن خۇا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، كوررېكتورلۇقىنى مىرسۇلتان ئوسمان بىلەن نيۇ شياۋلى قىلغان. 2- تومىنى خاۋ گۈەنجۇڭ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، چى چىڭشۇن، تاھىرجان مۇھەممەدلەر كوررېكتورلۇقىنى قىلغان. 3- تومىنى لى جىڭۋېي تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، چى چىڭشۇن، تاھىرجان مۇھەممەدلەر كوررېكتورلۇقىنى قىلغان. تەرجىمە ۋە بېكىتىش داۋامىدىكى ئىختىلاپلار 90- يىللارغىچە داۋاملاشقان، ئاخىرى 2002- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن نەشر قىلىنغان.
90- يىللارنىڭ ئاخىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنستىتۇت باشلىقىمىز تاھىرجان مۇھەممەد ئىككىمىز خەنزۇچە 2-، 3- تومىنى خاۋ گۈەنجۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشكە ئېلىپ باردۇق. خاۋ گۈەنجۇڭ ئەپەندى كارتىلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈۋالدى ۋە تېز پۇرسەتتە كۆرۈپ بەرمەكچى بولدى، ئەپسۇس، يېرىم يىل ئۆتمەيلا ئۇنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمەي 2- تومىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى، بىز ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، كارتىلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، لى جىڭۋېي ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردۇق. شۇنداق قىلىپ خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ نەشرگە بېرىلگۈدەك ھالغا كەلدى.
مىرسۇلتان ئوسمان  1- تومىنى ئۆزى شەخسەن تۈزىتىپ، بېكىتىپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئىزاھلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كوررېكتورلۇقىغىچە قول سېلىپ ئىشلىگەندىن باشقا، 2-، 3- توملىرىغىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئايىمىدى. ھەتتا ئاخىرقى كوررېكتور نۇسخىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار شۇ بويىچە ئۆزگەردىمۇ- يوق، سېلىشتۇرۇپ چىقتى. بۇ مەزگىلىدە مىرسۇلتان ئوسمان  ئۇيغۇرچە ھەرقايسى توملاردا كەتكەن خاتالىقلاردىن 300 نەچچە ئورۇندىكى خاتالىقنى تېپىپ، كارتىلاشتۇرۇپ چىققانىدى. مانا بۇ كارتىلار بويىچە ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدە ئىككى خىل ترانسكىرىپسىيە قىلىنىپ كەتكەن سۆزلەر خەنزۇچە نۇسخىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە تۈزىتىلىپ، ئۈچ تومدىكى سۆزلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدە مۈجمەل بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى ھەققىدىكى قاراشمۇ خەنزۇچە نۇسخىدا «قەشقەرلىك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ كىرىش سۆزى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭكىدەك تەپسىلىي بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ يۇرتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىمۇ مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى تۈزىتىشتىكى تۆھپىسى ئىدى.
4. ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرىگە تۆكۈلگەن تەر
«دىۋان»نىڭ تۇنجى نۇسخىسى نەشردىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن «دىۋانشۇناسلىق»تا ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان نەرسە «دىۋان»نىڭ ئىندېكسى، يەنى ئۇنىڭدىن سۆز تېپىش ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»نى «ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ» چىققاچقا، ئۇنىڭدىن سۆز ئىزدەش ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر دېمىيسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار 80- يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 90- يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن «دىۋان ئىندېكسى»نى ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۈچ تومدىكى سۆزلەم- ئاتالغۇلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشنى باشلىۋېتىدۇ. 1991- يىلى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا «دىۋان ئىندېكسى»نى تۈزۈش تېما گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، بۇ تېما ئىنستىتۇت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتىلىدۇ. «ئىندېكس» 90- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پۈتۈپ قولدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشردىن چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 2005- يىلى مەن «ئىندېكس»نىڭ ئورگىنال نۇسخىسىنى ۋە «ئىندېكس» ھەققىدىكى ماقالەمنى ئېلىپ، قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىە يىغىنى»غا باردىم. يىغىن جەريانىدا مىرسۇلتان ئوسمان  قاتارلىق ئالىملارغا، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە يىغىن ئەھلىگە «ئىندېكس»نىڭ تەقدىرىدىن ھال ئېيتتىم، ماقالەمدىمۇ مۇشۇ «دەرد»ىمنى تۆكتۈم. مىللەتلەر نەشرىياتى بۇنىڭغا قىزىقتى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ سۆزلەشمەكچى بولدۇق. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس قارار چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كۈتتۇق. 2006- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەھمان ئەبەي، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتجان ۋە مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەتلەر دېمىيىگە كېلىپ، «دىۋان»نى قايتا نەشر قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا بىز تۈزگەن «ئىندېكس»نى قوشۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزدىن پىكىر ئالدى. دېمىيە پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابدۇرازاق تۆمۈر بۇنىڭغا قوشۇلدى، مەن «ئىندېكس» ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇم ھەم تۈپلەنگەن ئىككى خىل ئورىگىنالنى ئۇلارغا كۆرسەتتىم (بىر خىلى ھەرىكىلەر ـــ دىئاكرېتىك بەلگىلەر قويۇلغىنى، يەنە بىرى تۈزىتىلگەن، ئەمما دىئاگرېتىك بەلگىلەر قويۇلمىغان نۇسخا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىككى نۇسخىنى ئېلىپ كېتىپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزمەكچى بولدى. بىز: «‹دىۋان› قايتا نەشر قىلىنسا بولىدۇ، ئەمما خەنزۇچە نۇسخىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بەزى مەسىلىلەر تۈزىتىلگەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، «دىۋان»نى تۈزىتىلگەن نۇسخىدا چىقارساڭلار، ئاخىرقى نۇسخىنى بېكىتىشنى مىرسۇلتان ئوسمان  ئۈستىگە ئالسا» دېگەن پىكىرنى بەردۇق. ئۇلار پىكرىمىزگە قوشۇلدى. شۇ يىلى يازدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئېلىش يىغىنى بولدى. يىغىنغا ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمان، سابىت روزى، تاھىرجان مۇھەممەد، مەن ۋە نەشرىيات رەھبەرلىرى، نەشرىياتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتناشتى. يىغىندا تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جۈملىدىن ئاپتورنىڭ ئىسمى قانداق يېزىلىشى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى. مىرسۇلتان  مۇنداق دېدى:
ــــ تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغان ھەم قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان بىرقانچە خىل يېزىقتا ئىپادىلەنگەن يازما يادىكارلىقلاردىكى بەزى ئىملا ۋە فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بىر قىسىم تۈركىي تىللاردا بولغىنىدەك ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار بار دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم ھەم قەدىمكى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ماتېرىياللىرى ۋە ئەمەلىي تىل ئىستېمالىمىزدىكى ماتېرىياللار ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ كۆردۈم. بۇ مەسىلىنى بۇ قېتىم ھەل قىلىۋەتمىسەك بولمايدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا يازما پىكىر تەييارلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پىكىرلەرمۇ توپلاندى. لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا مىرسۇلتان ئاكىنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، قولىدىكى 500 كارتىغا يېزىلغان تۈزىتىلىدىغان سۆزلەملەرنى ۋە نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدىغان 40 نەچچە بەتلىك پىكرىنى نەشرىياتقا تاپشۇردى. مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ يازما پىكرىدە ئۇزۇن سوزۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش- تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار بارمۇ- يوق؟ ئۇلارنى مۇستەقىل فونېما دەپ ھېسابلاشقا بولامدۇ- يوق؟ دېگەن مەسىلىگە بېرىپ تاقىلاتتى. مىرسۇلتان ئوسمان  ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىلىرى تىلى، خاقانىيە تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى دىئالېكت- شېۋىلىرىدىن نۇرغۇن مىساللارنى تەھلىل قىلىپ، ئاخىرىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە دىئالېكتلىرىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش فونېمىسى يوق، بەزى سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇنراق ياكى قىسقىراق تەلەپپۇز قىلىنىشى مەنىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدە «دىۋان» تىلىدا ئۇزۇن سوزۇقلار بولغان، دېگەن قاراشنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان «ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇز بەلگىسى»نى يېڭى نەشرىدە چىقىرىپ تاشلاشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. بۇ قارىماققا بىر بەلگىنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىدەك تۇيۇلغان بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن بۇندىن بۇرۇن ئۆتكەن دۇنياغا داڭلىق تۈركولوگلار ۋە تىلشۇناسلارنىڭ (بۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى ئا. م. شېرباك، تالات تېكىن) ئەينى ۋاقىتتىكى كۆزقاراشلىرىغا يۈرەكلىك جەڭ ئېلان قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش، فونېما سىستېمىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىدى.
نەشرىيات ئاخىرقى ئۆزگەرتىشكە ئىمىن تۇرسۇن ئاكىنى تەكلىپ قىلدى، كېيىن يەنە سابىت روزى ئاكىنى تەكلىپ قىلدى. كومپيۇتېردىن چىققان «دىۋان» تېكستىنىڭ ئەرەبچىسىنى سابىت روزى ، ترانسىكىرپسىيىسىنى مەن ئەسلى نۇسخىغا سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق. ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا «ئىندېكس»مۇ چىقتى، بۇنىمۇ قايتا- قايتا سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېردا يېڭى «دىۋان»نىڭ بەت، قۇر نومۇرلىرىنى قويماقچى بولدۇق. ھالبۇكى، «دىۋان» تېكستىدىكى تۈزىتىلىدىغان نۇقتىلار تۈگىمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىمنىڭ پىكرى بويىچە تۈزىتىلىۋاتقانلىقىمۇ ئارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. مەن دېمىيە رەھبەرلىكىگە بۇ ئىشنى دوكلات قىلدىم ھەم مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنى ئاخىرقى بېكىتىشكە تەكلىپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۆزۈم بېرىپ مىرسۇلتان ئاكىغا ئەھۋالنى ئېيتتىم، دېمىيە رەھبەرلىكىمۇ مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىغا خىزمەت ئىشلىدى، ئاندىن پىكرىمىزنى رەسمىي يوسۇندا نەشرىياتقا يەتكۈزدۇق. نەشرىيات تەرەپ پىكرىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنى ئاخىرقى بېكىتىشكە قايتا تەكلىپ قىلدى. 2008- يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئوتتۇرىسىدا ئاخىرقى بېكىتىش ئىشىغا چۈشۈش ئۈچۈن مىرسۇلتان ئوسمان ، مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت ۋە مەن ئۈچىمىز مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ ئىشخانىسىغا جەم بولدۇق. ئاۋۋال ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ، تېكستتىكى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك دېگەن يەرلەر ۋە «دىۋان»نىڭ فاكسىمىل، تۈركچە، ئۆزبېكچە، ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى، «قەدىمكى تۈركىي تىللار لۇغىتى» (ДТС)، كلاۋسۇننىڭ «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» بىلەن سېلىشتۇردۇق، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسا ئۆزگەرتتۇق، پاكىت پۇت تىرەپ تۇرالمىسا ئېلىۋەتتۇق. بۇ جەرياندا ئۆزگىرىشكە مۇناسىپ ھالدا «ئىندېكس»تىكى نۇقتىلارمۇ تۈزىتىپ مېڭىلدى. ئىشلار ئەمدى تۈگەپ تۇرۇشىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئاسپىرانت يىگىتنىڭ ماقالىسى كېلىپ قالدى، بۇ يىگىت دېسسىرىتاتسىيىسىدە «دىۋان» ھەققىدە خېلى ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدە خاتا دەپ قارىغان يەرلىرىنى فاكسىمىل ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، خېلى ئەتراپلىق پىىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىز ماقالىدە كۆرسىتىلگەن نۇقتىلار بويىچە يەنە قايتا سېلىشتۇرۇشقا باشلىدۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئاي ۋاقىت (مىرسۇلتان ئاكىنىڭ خىزمەت مەشغۇلات ۋاقتى شەنبە، يەكشەنبە دېمەيتتى، چۈشتىن بۇرۇن 2:30 سائەت، چۈشتىن كېيىن 2 سائەت بولاتتى، بىز بۇ ئۇستازنىڭ سالامەتلىكى ۋە خىزمەت ئۇسلۇبىغا بويسۇنغان ئاساستا ھەمراھ بولدۇق) ئاخىرقى بېكىتىشكە كەتتى. «دىۋان»نىڭ يېڭى مۇكەممەل نۇسخىسىدا تۇنجى نەشرىدە سادىر بولغان بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ تۈزىتىلىشى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە ئىپادىلەندى:
بىرىنچى، كىرىش سۆز قىسمى قىسمەن ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭدا كىرىش سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتا نائېنىق، مۈجىمەل بولغان ياكى خاتا كەتكەن بەزى بۆلەكلەر تۈزىتىلدى ۋە تولۇقلاندى؛
ئىككىنچى، سۆزلەرنىڭ ترانسىكرىپسىيىسىدە كۆرۈلگەن خاتالىقلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بەزى ئىككى خىل ترانسىكرىپسىيە قىلىنىپ قالغان ياكى خاتا ترانسىكرىپسىيە قىلىنىپ قالغان سۆزلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ توغرىلاندى؛
ئۈچىنچى، سۆزلەملەرنىڭ مەنىسىدە سادىر بولغان بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا كەتكەن خاتالىقلار ۋە ئىككى خىللىقلار بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۈزىتىلدى؛
تۆتىنچى، ئىزاھلار تۈزىتىلدى. بۇنىڭدا تۇنجى نەشرىدىكى پرىنسىپ جەھەتتىكى بەزى تۈزىتىشلەر كىرىش سۆز قىسمىدا چۈشەندۈرۈلۈپ، سۆزلەمدە كەلگەن بەزى ئىزاھلار ئېلىۋېتىلدى، بەزى ئىزاھلار ئىخچاملاندى ياكى تولۇقلاندى، يەنە بەزىلىرى قوشۇلدى.
بەشىنچى، ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بۇنىڭدا تۇنجى نەشرىدە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش دەپ بىر تەرەپ قىلىنغان تاۋۇشلار چىقىرىپ، تاشلىنىپ ئادەتتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئىپادىلەندى.
يۇقىرىقى تۈزىتىشلەر ئارقىلىق «دىۋان»نىڭ يېڭى مۇكەممەل نۇسخىسى ئاخىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ جەرياندا بىزنىڭ مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ ئاغزىغا قارىماي ئامالىمىز يوق، ئۇ «دىۋانشۇناسلىق»تىكى يېشى بىلەن ئېسى بار بىردىنبىر ئالىمىمىز، تىلشۇناسىمىز، مۇتەخەسسىسىمىز، ئۇستازىمىز ئىدى. مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىشى، ئەستايىدىللىقى، گۇمانلىق بىر سۆزنىمۇ قويۇۋەتمەسلىكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي كەمتەرلىكى، چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشلىرى بىزنى قايىل قىلاتتى. «بۇنى قانداق قىلىمىز؟ قېنى پىكرىڭلارنى دەڭلار؟ ئۈچ مۇسۇلماننىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقسا ھېساب» دەپ تۇراتتى ئۇستاز. ئۇستازنىڭ بىر سۆزنى ئىزدەش ئۈچۈن يۇقىرى گرادۇسلۇق ئەينىكىنىڭ ئۈستىدىن لوپا ئەينەك بىلەن ھەر خىل تىللاردىكى لۇغەتلەرنى تىنماي ئاختۇرۇشى بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇردى. مىرسۇلتان ئوسمان  «دىۋان»نىڭ تۇنجى نۇسخىسى نەشردىن چىققان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان ھېلىقى كارتىلار مانا ئەمدى 500 پارچىدىن ئاشقانىدى، مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى يېزىپ تاپشۇرغان 40 نەچچە بەتلىك پىكرى «دىۋان»نىڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى ئىشلەشتە ھەقىقەتەن ئەسقاتتى. مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلىشى ۋە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن بۇ ئەمگەك تاماملاندى. بۇ نۇسخىنىڭ بۇرۇنقى نۇقسانلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا نەشردىن چىقىشىدا مىرسۇلتان ئاكىنىڭ 30 يىللىق قان- تەرى ۋە ئەجرىگە ھېچقانداق ئادەم كۆز يۇمالمايدۇ.

خاتىمە
ئانا تىل مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يىلتىزى. ئانا تىلنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى. بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى، بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر». 60 يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان، مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىننەتسىز تەتقىق قىلىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش– چارچاشنى بىلمەيدىغان ئالىم ب مىرسۇلتان ئوسمان  يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى، سالامەتلىكىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقىنىغا قارىماي، خۇددى 50 نەچچە يىل بۇرۇنقىدەكلا خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ گېرمانىيىدە ئوقۇپ قەدىمكى تۈرك تىلى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر گېرمانىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىزى ئايسىمادىن ئىشلىرىمنىڭ ۋارىسى دەپ پەخىرلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.
2005- يىلى قەشقەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىغا (باشقا توققۇز نەپەر ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى قاتارىدا) «دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىكار» شەرەپنامىسى بېرىلدى.
2008- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك تىلى جەمئىيىتى بىرلىكتە بېيجىڭدا ئۇيۇشتۇرغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىۋانشۇناسلار مىرسۇلتان ئاكىنىڭ كۆپ تەرىپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ يىغىنغا كېلەلمىگەنلىكىدىن (ئالىم سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ يىغىنغا بارالمىغانىدى) ئۆكۈنۈشتى ۋە دىدارلىشىشقا مۇشتاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
2008- يىلى 15- دېكابىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىغا (ئالىم ئىمىن تۇرسۇن  بىلەن بىللە) دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈلدى.
2008- يىلى 18- دېكابىر قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا قازاقىستانلىق ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.
2009- يىلى مارتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەنئەت ئۇنىۋېرسال قانىلى «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسى مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ 80 يىللىق قۇتلۇق مەرىكىسىنى مۇبارەكلەپ، مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە تارقاتتى.
مىرسۇلتان ئوسمان  ھازىرمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماي، ش ئۇ ئا ر تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تەتقىقات تېمىسى بولغان «ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىلىرى تىلى لۇغىتى»نى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا كەسپىي يېتەكچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ «شوتا ئات»لىق رولىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
ماقالەمنىڭ ئاخىرىدا بارلىق ياش تىل تەتقىقاتچىلىرىغا ۋاكالىتەن مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم:
ھۆرمەتلىك مىرسۇلتان ئوسمان :
سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ۋەسىقىلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى، «دىۋانشۇناسلىق» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر لۇغەتشۇناسلىقى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ ۋە بىزگە ئەبەدىيلىك ئۈلگە بولىدۇ. سىزنىڭ ئىلىمگە تۇتقان سەمىمىي- سوغۇققان پوزىتسىيىڭىز، تۇرمۇشتىكى ئاددا- ساددا، تەرتىپلىكلىكىڭىز، ئەل- جامائەتكە تۇتقان دوستانە- خۇشچاقچاقلىقىڭىز ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە گىگانت ئابىدىڭىزنى تىكلىدى.
80 ياشقا تولغان بۇ قۇتلۇق يىلىڭىزدا ھەممىمىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ھەم نامىڭىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىمىز!
80 يېشىڭىزغا قۇت بولسۇن! خۇددى تەڭرىتاغلىرىدا ئۆسكەن گىگانت قارىغايدەك مەڭگۈ ياشىرىپ، كۆكلىگەيسىز!
تېنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ ساغلاملىق، ئائىلىڭىزگە ئەبەدىيلىك خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق، زېھنىڭىزگە چەكسىز قۇۋۋەت مەڭگۈ يار بولسۇن!

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى»)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1981-، 1983-، 1984- يىلى، ئۈرۈمچى، ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى؛ مىللەتلەر نەشرىياتى 2002- يىلى، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008- يىلى 11- ئاي، ئۈرۈمچى، ئۇيغۇرچە نەشرى (يېڭى نۇسخىسى).
2. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2006- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- قىسىم.
3. مىرسۇلتان ئوسمان: «ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمود كاشغەرىي مازارىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكنىڭ ئېنىقلىنىش جەريانى» (قوليازما)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغان. مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2009- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
4. غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار: «مەھمۇد كاشغەرىي، ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ئۇنىڭ ئىندېكسى ھەققىدە» «تىل ۋە تەرجىمە» 2009- يىللىق 2- سان.
5. غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: «جۇڭگودا ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›نىڭ تۆت قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش- ئاخىرى» «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2008- يىللىق 6- سان.
6. غالىپ بارات ئەرك: «مەھمۇد كاشغەرىي ئىزىدىن» (ئەدەبىي خاتىرە) www.orkhun.com
7. مىرسۇلتان ئوسمان: «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش مەسىلىسى» (قوليازما).
8. ماقالە ئاپتورى مىرسۇلتان ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاغزاكى سۆھبەتلەر. 2007-، 2008-، 2009- يىللار.

بۇ ماقالە ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ 80 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان.
غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
(ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش