• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ

ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ‹‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ›› ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ، ﻳﺎﻏﻤﺎ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ، ﭼﯩﯖﮕﯩﻞ، ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻮﻗﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ تەئەﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ، ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ‹‹ﻗﯘﺩﺍﺩﻗﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ›› ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ!

ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ

ﻗﺎرﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯜﺭكلەﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮪﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭺ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئېگىز ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﯘﻟﯘ (伏罗部) ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 742-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﺍﺩﻯ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﻼﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺭىتىش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﺘﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 756-ﻳﯩﻠﻰ -758-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻرﻧﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ ﺳﯚﻳﮕﯜﻥ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﭗ، ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺳﻮﻳﺎﭖ ﺷﻪﮪﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ.
9-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﯨﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻟﯘﺳﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭۈﻟﯜﭖ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﻜﯩﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ئۇيغۇر دىيارى ﺟﯜﻣﯩﻠﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﻧﻰ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ، ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭكچە، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟىتىنىڭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮىياﻝ ﻳﯩﻐﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﺑﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﺸﻰ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﻳﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﺎﺭﺧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮىياﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯘﻳﯘﻕ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﻮﺧﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻣﯘﮪﯩﻢ. ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ئىتتىپاقىنىڭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺧﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ ﮪﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﯜﻟﻪﻙ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺩﯗﻧﺨﯘاﯕﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮىگە ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ‹‹ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ئۆﺗﯜﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ‹ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻰ› ﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﺪﯨﻐﺎﻥ›› ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﮪﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ‹‹ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺗﯜرﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﻮﺭﻭﮪﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﮪﯧﺴﺎپلىنىدۇ››، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﯘﻟﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ‹‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﻪ›› ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ يازما 193 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076

ئىنكاسلار (1)

  • تارىم سەرگارى

    ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئۆزبېك ۋە قازاق مىللەتلىرىنىڭ، نام جەھەتدىن ئالغاندا، قاراخانلار قاغانلىقى بىلەن مۇناسىۋېتى يوق، چۈنكى ئۇ، ناملار 15- ئەسىردە پەيدا بولغان. ئامما ماھىيەتدە ئۇلارنى، قەدېمى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بولغان، قارلۇقلارنىڭ ئەۋلادلىرى دىيىشكە بولىدۇ.

ئۈستىگە قايتىش