ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا

گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداقتۇر تەشكىلسىز ھالدا ھەر تەرەپكە كۆچمەستىن، بەلكى تەشكىللىك ھالدا ئىككى يۆنىلىش بۇيىچە غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچكەنلىكى، ئاخىرىدا خانلىقنى قايتا قۇرۇش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت ــــ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

تەخمىنەن مىلادىيە 745 – يىلى موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ، كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ﺋﻮرﺧﯘنﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 832 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ خانلىق تاﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮى ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ئوردىدىكى ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق، ﻣﻪزﮬﻪﭘﯟازﻟﯩﻖ، ﮔﯘرۇﮬﯟازﻟﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮاپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن 840 -ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﺪﯨلا ﺋﺎرﻗﺎ – ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻗﺎﻏﺎن ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻪك ﺋﻪﮬﯟال كۆرۈلدى. ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ئارىسىدىمۇ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ۋە ﺷﺎداﭘﯩﺘلار (ﭼﯚل ﺗﯜرﻛﻠﯩﺮى) ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎنلىقىغا خىرىسقىلىپ، ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎرﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺘﻰ، بولۇپمۇ ﻳﯧﻨﺴﻪي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪت ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻐﺎ چۈشتى. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﺮى ۋە ﺋﻮردا ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮى ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎي، ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻮﻗﯘق، ﻣﺎل- ﻣﯜﻟﯜك، ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎز ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰاغا پاتتى.

ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 839 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘﻳﺮۇقﭼﯘرۇق ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇق ﺋﯩﻨﻪﻳﯜن ﻛﯚل ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﻐﺎ ﺗﯧﻜﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈش ﻏﻪرﯨﺰﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﺎداﭘﯩﺘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﻗﻮي ﻳﻪشىنگە 300 ﺗﯘﻳﺎق ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﺎداﭘﯩﺖ ئەسكەرلىرىنى ﺋﺎرﯨﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎﻧﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﺪى، ﻗﯘت ﻗﺎﻏﺎن ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋاﻟﺪى. ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇق ﻗﯘﺷﯘۋ (قازار) ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﯚﻟﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯚزى ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﻳﯜرﮔﯜزدى. دەل ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ۋاﺑﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ، يەنە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎر ﻳﯧﻐﯩﭗ، ﻗﻮي، ﺋﺎﺗلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪرﻧﻰ ﺋﺎﭼﺎرﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘلاپ، ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪر ﻳﻮﻟلاردا دۆۋﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ» («ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»). ئەلنىڭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪر ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻤﯘ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮانلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺑﻪﻟﻜﻰ چېكىگە ﻳﻪﺗﺘﻰ. 840 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎن ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻘﺎ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﺎﻧﻐﯘن ﻛﯜﻟﯜگ ﺑﺎﻏﺎ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق ﺗﯜزۈپ، 100 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘنىنى ﺑﺎﺷلاپ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ قارابالغاسۇن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻗﯘﺷﯘۋ ﻗﺎﻏﺎننى ۋە ﺑﯘﻳﺮۇق ﭼﯘرۇﻗﻨﻰ ﻗﻪﺗﻞ ﻗﯩﻠﺪى، ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﺋﻮت ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﻮردﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎل -ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯘلاڭ – ﺗﺎلاڭ ﻗﯩﻠﺪى، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺗﻨﯩﯔ، ۋاﺑﺎﻧﯩﯔ ۋە ﻛﯜﻟﯜگ ﺑﺎﻏﺎ بىلەن ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷلاپ زەرﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘرﻟﯩﺮى ئېغىر كۈلپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ، قېرىنداشلىرىنىڭ يەرلىرىگە كۆچۈشكە باشلىدى.

ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ھەققىدە «كونا تاڭنامە – ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «كۈلۈگ باغا چۇرۇقتىن نارازى بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلدى. قۇشۇۋ قاغان بىلەن چۇرۇقنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇيغۇرلار ھەرقايسى تەرەپلەرگە تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيرۇقى ساجى (سابچى)، قاغاننىڭ جىيەنى پان تېكىن (ياكى مەڭلىك تېكىن) ۋە ئىنىسىنارۇ (ياكى نېفىن) قاتارلىق بەش ئاكا – ئۇكا ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ غەربكە قارلۇقلار تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسمى تىبەتلەر يېرىگە ،يەنە بىر قىسمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى) كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كۆچۈپ كېلىپ خەنزۇلارغا بېقىندى »(1) دەپ خاتىرىلەنگەن بولسا، «يېڭى تاڭنامە ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى »دە: «كۈلۈگ باغاقىرغىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قاغان ۋە چۇرۇق ئۆلتۈرۈلدى، قوۋملىرى تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ۋەزىر ساجى ۋە مەڭلىك تېكىن (پان تېكىن) ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ قارلۇقلار تەرەپكە كەتتى. بىر تارمىقى تىبەتلەر يېرىگە ، يەنە بىر تارمىقى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى) كەتتى. قاغان ئوردىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئون ئۈچ قەبىلە ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبقا كېلىپ ئورۇنلاشتى » (2) دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» نىڭ 264 ـ جىلىدىدا بولسا: «… ئۇلارنىڭ ۋەزىرى، پان تېكىن قاتارلىقلار 15 قەبىلە بىلەن قارلۇقلار تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە، بىر قىسىمى ئەنشىگە (ھازىرقى كۇچا،قاراشەھەر ئەتراپى) كىردى» (3) دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچكەن. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ﺋﻮرﺧﯘن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن قارابالغاسۇننىڭ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﯜﺷﻰ ﺋﻮرﺧﯘن دەرياسى ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳلارﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، «ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺗﻪﺷﻜﯩلاﺗﻠﯩﺮى ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺮەك دۈﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﭼﻮڭ ﭼﯩﻘﯩﻤلارﻏﺎ ئۇچرايدۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلاردا ﺗﻮﻟﯘق ﻣﯘﻧﻘﻪرز ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎر: ﺑﯩﺮى، دۈﺷﻤﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﺮاق راﻳﻮﻧلارﻏﺎ (ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا) ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘلاﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮاك ﻗﯩﻠﯩﺶ»(4). ﮔﻪرﭼﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴىمۇ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮان سىنىپىنى ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇراﻟﻤﯩﻐﺎن، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺎ -ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮى، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى، ئەمەلدارلىرى، ﺋﯧﺴﯩﻠﺰادە ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﻧﯩلا ﺋﯚز ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﭗ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى قانداقتۇر بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي رايونى بولۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل يايلىقىدىن يەنە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرى بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان خېشى كارىدورى ۋە جۇڭغار، تارىم رايونلىرىغا يۆتكىلىشى ئىدى(5). شۇنداقتىمۇ ،بۇ يەردە ئۇلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ بىر يۆنىلىش بۇيىچە كۆچمەي، ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئىككى يۆنىلىش بويىچە كۆچۈشى تولىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. تۆۋەندە بۇھەقتە توختىلىمىز.

جەنۇپقا كۆچكەنلەر:
840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاساغۇننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى 13 قەبىلە قۇشۇۋ(قازار) قاغاننىڭ ئىنىسى ئۇكا تېكىننىڭ باشچىلىقىدا جەنۇبقا مېڭىپ، مىلادىيە 841-يىلى ئۇكا تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىگەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى ئىدى(6). بۇيەردە، نېمە ئۈچۈن ئۇكا قاغان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چىقىش يولى بولمىغان ۋەزىيەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ باشقا بىر رايونغا، مەسلەن، شەرققە ياكى غەرب تەرەپتىكى خېشى رايونىغا ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقراق جايلارغا تەشكىللىك ھالدا كۆچۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرمىگەندۇ؟ دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. ئۇمۇمەن، ۋەزىيەت مۇنداق كۆچۈشكە قولايلىق بولمىغان بولسا كېرەك. بىرىنچىدىن، شەرققە يۈرىدىغان يول قىتانلار تەرپىدىن بوغۇپ قويۇلغان بولۇپ، قىتانلارنىڭئىگىلىگەن يەرلىرى شۇ چاغلاردا سەددىچىنگە تاقىلايلا دەپ قالغانىدى. ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا ، قىتانلارنىڭ بىر قىسىمى ئۇيغۇرلارغا ئىتائەت قىلىپ تۇرغاندا شەكىللىنىپ قالغان ئۆز ئارا دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتنى نەزەردە تۇتقاندا، شەرق تەرەپكە يۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىدىن، غەرب تەرەپتىكى گەنسۇ (خېشى رايونى) شۇ چاغلاردا يەنىلا تىبەتلەرنىڭ قولىدا ئىدى، بۇ رايونلارغا بۇرۇنلا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى تىبەتلەرگە ئىتائەت قىلغان، بىرقىسىمى مۇستەقىل تۇرىۋېرىپ، تىبەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈمسىز چۆل ۋە يېرىم چۆل يەرلىرىدە كۆچۈپ يۈرگەنىدى. شۇڭا، ئۇكا قاغانغا ئەگەشكەن ئۇيغۇرلار سەددىچىن بويىدا قېلىپ، ئانچە –مۇنچە كۈچلىنىۋالغاندىن كېيىن، يەنە شىمالغا قايتىپ كېتىمىزغۇ ، دېگەن ئۈمىدتە بولغان بولسا كېرەك(7).

ئۇكا قاغانغا ئەگەشكەن ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان بۇرۇنقى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئات-يىپەك سودىسىدا قەرز قالغان ماللارنى ئېلىش ئارقىلىق ھاللىنىۋېلىشنى ھەم ئەسكەر ئارىيەت ئېلىپ سەلتەنەتىنى قايتا تىكلەشنى كۆزلەپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنۋۇ، تيەندې چېگرا رايونىغا بارغان بولسىمۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي تاڭ سۇلالىسى ۋە قىرغىزلارنىڭ زەربىسى ئاستىدا پىتىراپ كەتكەن. «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇكا قاغان مىلادىيە 846 – يىلى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالتۇن تاغدا قول ئاستىدىكى بۇيرۇقى يىنچۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر (ئىنان) تېكىن قاغان بولغان. بۇ چاغدا ئوكنېر قاغاننىڭ ئەتراپىدىكى ئادىمى 5000 غىمۇ يەتمەيتتى. ئۇلار نائىلاج قۇمۇقلارنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بارغان (قۇمۇقلار ئەسلىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام قەبىلە ئىدى). 847- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ لولۇڭ رايونىنىڭ ھىراۋولى جاڭ جۇنۋۇ ئوكنىر قاغان ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش مەقسىتىدە قۇمۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، ئوكنىر قاغان ۋە ئۇنىڭ ئابرۇيلۇق بەگلىرىدىن بولۇپ 500 كىشى شىرۋىلارنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بارغان (شىرۋىلارمۇ ئەسلىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام قەبىلە ئىدى). كېيىن ئۇلار تاڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىدا ئۇيەرلەردىمۇ تۇرالماي، ئوكنىر قاغان ۋە ئايالى قارلۇي، ئوغلى دوس تېكىن قاتارلىق توققۇز كىشى غەربكە قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان(8). كېيىن قىرغىزلار يەنە يەتتە تۈمەن لەشكەر چىقىرىپ شىرۋىلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، «ئۇلارنىڭ يېرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چۆللۈكنىڭ شىمالىغا ئېلىپ كەتكەن. باشقا جايدىكىلىرى بولسا پىتراپ كەتكەن»(9). قىرغىزلار تەرىپىدىن « چۆللۈكنىڭ شىمالىغا ئېلىپ كېتىلگەن» ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندە كۈچمەي قېلىپقالغان ئۇيغۇرلار كېيىن قىتانلارغا (لياۋ سۇلالىسىگە) بېقىنىپ، يەنىلا «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن تارىخ نامىلەردە كۆرۈلگەن، كېيىنچە مۇڭغۇللار، ياقۇتلار، تۇۋالارغاسىڭىپ كەتكەن(10). پىتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا ئېرغۇنا دەرياسىنى بۇيلاپ جەنۇبقا كۆچۈپ، تىىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى خېشى رايۇنىغا كىلىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچۈپ تەڭرىتېغى ئەتراپىغا بارماي، جەنۇبقا كۆچۈپ خېشىغا كېلىشىدە ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر بولسا كېرەك. يەنى، بىرىنچىدىن، خېشى رايۇنىدا ئەسلىدىنلا ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ماكانلىشىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ جاي يەنە ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ كۈچلەنگەن جايى بولغان؛ ئىككىنچىدىن، ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ تىبەتلەر بىلەن ناھايتى يېقىن ئالاقىسى بولغان. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مەزھەپ كۈرىشى تۈپەيلىدىن ئۇلار پان تېكىننىڭ ئىتائىتىگە ئۆتۈشنى خالىمىغان. تۆتىنچىدىن، 842 – يىلى يازدا قىرغىزلار غەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق زىيانغائۇچراتقان ھەم تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىنى ئىگلىۋالغان(11). بۇ «تىبەتلەرگە بېقىنغانلار» مۇ غەربكە كۆچكەنلەر ئىچىدىكى «تىبەتلەر يېرىگەكەتكەنلەر»گە ئوخشاش ئاساسلىقى گەنجۇ قاتارلىق جايلارغا كەلگەن. بۇھەقتە «بەش دەۋرگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر» 28-جىلدىدا ئېنىق ھالدا تيەندې، جېنۋۇئەتراپلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن «قالدۇقلىرى غەربكە كېتىپ،تىبەتلەرگە بېقىنىپ، گەنجۇغا ماكانلاشتى»(12) دېيىلگەن.

غەربكە كۆچكەنلەر:
«كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى خاتىرىلەر بويىچە ئۇزۇندىن بۇيان بەزى تەتقىقاتچىلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر قوۋملىرى ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، بىر قىسىمى قارلۇقلار تەرەپكە ماڭغان، بىرقىسىمى ئەنشىگە، بەشبالىققا ۋە قۇچۇ (تۇرپان)غا ماكانلاشقان، بىر قىسىمى تىبەتلەريېرىگە كىرىپ گەنجۇغا ماكانلاشقان، دەپ قارايدۇ.بۇ يەردە غەربنى نىشانلاپ ماڭغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇچە چېچىلىپ كېتىشى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە،غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلارنىڭ يېرىگەكەلگەن بولۇشى، كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن (يەنى قىرغىز ئاقسۆڭەكلىرى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى ئىشغال قىلغانلىقىغىلا قانائەت قىلماي، پېتىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەرگەن بولۇپ، 842 – يىلى يازدا ئۇلار غەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقان)، ئامالسىز بىر قىسىمى تىبەتلەر يېرىگە ـــ گەنجۇغا ، بىرقىسمى ئەنشىگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىن(13). كونكىرىت ئېيتقاندا، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دىكى «غەربكە قارلۇقلارتەرەپكە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۆتۈپ جۇڭغارىيەدىكى قارلۇقلارنىڭ قېشىغا كەلگەن. تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، قارلۇقلار ئەسلىدە بۇلاگ، چىگىل، تاشلىك قاتارلىق ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەسلىپىدە قۇمۇلنىڭ غەربى، قاراشەھەرنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا تەڭرى تېغىنى بويلاپ جايلاشقان. 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بويىدىكى جايلارغىچە يېتىپ بارغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ئەمما 746-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل تىبەتلەر، شاداپىت تۈركلىرى ۋەقىرغىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشقا ئورۇنغان. كېيىن قۇتلۇق قاغان (795-805- يىللار) ۋە كۈلۈگ بىلگە قاغان (805-808-يىللار) دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بېشبالىق (جىمىسار ئەتراپى)، ئەنشى (كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپى ) ۋە بالاساغۇن قاتارلىق جايلارنى قوشۇن تۇرغۇزۇپ، ئەمەلدارئەۋەتىپ ئىدارە قىلغان، نەتىجىدە قارلۇقلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىتائىتىگە ئۆتكەن. دېمەك، «غەربكە قارلۇقلار تەرەپكە كەتكەن» ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كېلىۋاتقان جۇڭغارىيەدىكى قارلۇقلارنىڭ يېنىغاكەلگەن(14). ۋاھالەنكى، بۇلار تېخى مۇستەھكەملىنىپ بولالمىغاچقا، قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي، بىرقىسىمى يەنىلا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا قېلىپ قىرغىزلار بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرغاندىن باشقا، بىر قىسىمى تىبەتلەر ئىگىلەپ تۇرغان خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغاــــ گەنجۇ ، لياڭجۇ، چىنجۇ، سۇجۇ ئەتراپلىرىغا كەتكەن. مانا بۇلار تارىخنامىلەردە «تىبەتلەر يېرىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسىمى پان تېكىن باشچىلىقىدا تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەن. مانا بۇلار «ئەنشىگە كەتتى» دېيىلگەن ئۇيغۇرلاردۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا يەتتىسۇ، سۇياب دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان(15). بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ ئەمەس، بەلكى بىر تارماق بويىچە كۆچكەن بولۇپ ، كېيىن قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن(16).

پان تېكىن باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا كەلگەندىن كېيىن ، 842-يىلى پان تېكىن ئۆزىنى ياب غۇدەپ جاكارلىغان. چۈنكى بۇچاغدا جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تىكلىگەن ئۇكا قاغان تېخى ھايات ئىدى ھەم ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى ئىدى. كېيىن پانتېكىن ئۇكا قاغاننىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر(ئىنان) قاغان ۋەئادەملىرىنىڭ پىتىراپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن 848 – يىلى 1 – ئايدا ئۆزىنىقاغان دەپ ئاتاپ(17)، ھاكىمىيەت تىكلىگەن (تەتقىقاتچىلار بۇ ھاكىمىيەتنى «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتايدۇ). ۋاھالەنكى، كېيىنچە «ھاكىمىيەتتە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن»، يەنى 870-يىلى ئەتراپىدا پان تېكىن بەشبالىقتىكى سەردارى بۆگۈچىن (بۆگۈ تېكىن) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، قاغان ئۇرۇقىدىكىلەر سىرتقاكېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلاردىن بىر قىسمى گۇاجۇ، شاجۇغا كەتكەن(18).

يوقۇرقىلاردىن قارىغاندا، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خېشى رايونىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە تۈركۈم بولۇپ، بۇلارنى ئاساسەن ئۈچ تۈركۈمگە باشچىلىقىدىكى غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلىدىن « تىبەتلەر يېرىگە كەتكەنلەر »، ئىككىنچى تۈركۈمى « جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن » « قاغان ئوردىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى 13 قەبىلە » نىڭ بىر قىسىمى، ئۈچىنچى تۈركۈمى بولسا پان تېكىن باشچىلىقىدىكى ئەنشىگە كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىن يەنە شەرققە كۈچۈپخېشىغا كەلگەن بىر قىسىمىدۇر. ئۇلار گەنجۇ ( ھازىرقى گەنسۇدىكىجاڭيې ئەتراپى) غىلا ئەمەس، بەلكى چىنجۇ( تيەنشۈي ئەتراپى)، لياڭجۇ (ۋۇۋېي ئەتراپى) ، لەنجۇ، گۇاجۇ، شاجۇ ( دۇنخۇاڭ ئەتراپى)، سۇجۇ ( ھازىرقىگەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەن رايونى) قاتارلىق جايلارغىمۇ كەلگەن(19). ئۇلار 7-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا خېشى رايونىغا كىرگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى زورايتقان.

پان تېكىن 848-يىلى ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ يېڭى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى (غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى)نى تىكلىگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە ھەممە جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ھەم خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سەردارى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەلگەن(20). تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ: « پان تېكىن ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇ خېشىۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئورتاق غوجىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلار چېچىلاڭغۇ غەربىي ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى» دەيدۇ(21).

پان تېكىننىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ يېڭى ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىققان جايى توغرىسىدا «كونا تاڭنامە – ئۇيغۇرلارتەزكىرىسى »دە « ئەنشىدە ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى» دېيىلگەن، «ئەلنى ئىدارەقىلىش قاپايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دە بولسا «ئالدى بىلەن ئەنشىگە كېلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، ئاندىن گەنجۇغا ئورۇنلاشتى» دېيىلگەن، «سوڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە بولسا « …. ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ (تۇرپان) نى ئىلكىگە ئالدى. ئەمما ئىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى» دېيىلگەن بولۇپ، خاتىرىلەر ھەر خىل. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزىلەر پان تېكىننى گەنجۇدا تۇرغان دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش تەس. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دىكى «ئالدى بىلەن ئەنشىگە كېلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، ئاندىن گەنجۇغا ئورۇنلاشتى» دېگەن باياندىن قارىغاندا، ئېھتىمال پان تېكىن قاغان دەپ ئاتىلىپ خېشى ۋادىسى، پامىرنىڭ غەربى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى بولۇپ، بۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر ھاكىمىيەتنى شەكىللەندۈرگەن چاغدا، تاڭ سۇلالسىدىكىلەر بۇ ئۈچ بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ پەقەت گەنجۇنى مەركەز قىلىپ خېشى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىقى يېقىن ھەم بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغاچقا، ئۇلار خاتا ھالدا پان تېكىننى گەنجۇدا دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا «سوڭ سۇلالىسى تارىخى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە » دىكى « …. ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ (تۇرپان)نى ئىلكىگە ئالدى. ئەمما ئىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى» دېيىلگەن باياننىمۇ « …. ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، ( ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ) گەنجۇ، شاجۇ، شىجۇ (تۇرپان)نى ئىلكىگە ئالدى. ئەمما ئىلگىرىكى گۈللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى» دەپ چۈشنىش كېرەك(22). شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەيلى ئەرەبچە ياكى پارسچە تارىخىي ماتېرىياللار بولسۇن ۋە ياكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار بولسۇن ھەممىسى بىردەك پان تېكىننىڭ ئەنشى، يەنى كۇچا، قاراشەھەر ئەتراپىدا قاغان ئاتالغانلىقىنى ھەر تەرەپتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ (23).

خېشى رايونىغا ماكانلىشىپ تىبەتلەرگە بېقىنغان ئۇيغۇرلار يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەسلەپتە پان تېكىننى ئورتاق سەرداردەپ تونۇغان ھەم بىرلىككە كېلىشنى، تەرەققىي قىلىشنى ئىستىگەن. ئەمما ھە دېگەندىلا بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. بۇنىڭدا ئۇلار چۈقۈم مۇۋاپىق ئىچكى ھەم تاشقى شارائىتقا ئىگە بولۇشى زۇرۇر ئىدى. كېيىنچە ۋەزىيەت ئۇلارغا پايدىلىق بولغان. ئۇلارمۇ ۋەزىيەتتىن ئۇبدان پايدىلانغان. ئالدى بىلەن، ئۇلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭ يىچاۋنىڭ تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى قوللىغان. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار خېشى رايونىغا ماكانلىشىپ تىبەتلەرگە بېقىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراپ كەلگەن. چۈنكى تىبەت ھۆكۈمرانلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرگە قارىتا ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىغىنى ۋە قارشلىقىنى قۇزغىغان. نەتىجىدە مىلادىيە 850– يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇرۇنقى شاجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭيىچاۋ بۇ جايدا ياشايدىغان خەنزۇلارغا ۋە ئۇيغۇرقاتارلىق باشقا خەلقلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ، تىبەت ئاقسۇڭەكلىرىگەقارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە تىبەت ئاقسۇڭەكلىرىنى گەنجۇ، لياڭجۇ، شاجۇ، يىجۇ (قۇمۇل) رايونلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ جاڭ يىچاۋنىڭ تىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى قوللىشى تارىخنامىلەردە ئانچە كوپ خاتىرلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھايتى ئېنىقكى،پان تېكىننى ئورتاق سەردار دەپ تۇنىغان ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا جاڭ يىچاۋنىڭ قۇشۇنى بىلەن خېلى ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۆزئاراماسلاشقان، قوللاشقان. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆز ئارا قوللىشىشى، ماسلىشىشى تىبەتلەرنىڭ خېشى، شەرقىي ئۇيغۇر دىيارى رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ناھايىتى تېزلا بىتچىت قىلغان. بۇھال خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق شارائىت ياراتقان .جۈملىدىن ئۇلار تىبەتلەرنىڭھۆكۈمرانلىغىدىن قۇتۇلۇپ، تەرەققى تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان(24)
ۋەھالەنكى مۇشۇ مەزگىلدە، پان تېكىن تىكلىگەن يېڭى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى (غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى) نىڭ ئىچكى قىسمىدا زور بىر سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەرگەن ، يەنى مىلادىيە 870- يىلى پانتېكىننىڭ بەشبالىقتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى، بۆگۈ (بارغۇت) ئۇرۇقىدىن بولغان بۆگۈ چىن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق پان تېكىننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، قوچۇ (تۇرپان) دا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلىگەن. نەتىجىدە پان تېكىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۆگۈچىننىڭ قۇچۇ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇۋېلىشى بىلەن پان تېكىننىڭ ئۇرۇق – جەمەتى، بۇيرۇق – تارقانلىرى ۋە بىر قىسىم ئادەملىرى بۆگۈ چىننىڭ رەھبەرلىككە ئىتائەت قىلىشىنى خالىماي ئۆزئالدىغا يول تۇتۇشقان(25)، يەنى ئۇلاردىن بىرقىسمى خېشى رايونىدىكى گۇاجۇ، شاجۇغا كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تاكى مۇشۇ مەزگىلگىچە غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ تۇرۇۋاتقان خېشى ئۇيغۇرلىرى 875 – يىلىدىن كېيىن ئۆزئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان(26) . شۇنىڭدىن كېيىن، خېشى ئۇيغۇرلىرى ئىچكى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ پان تېكىننىڭ ئۇرۇق – جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىن تەدىرىجى ھالدا بۇ يەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۇرغۇچى كۈچكە ئايلىنىپ، خېشى ئۇيغۇرلىرى تەدىرىجى بىرلىككە كىلىشكە باشلىغان. جۈملىدىن ئۇلار گەنجۇ رايونىنى مەركەز قىلىپ، كۈچىنى زورايتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل بىر سىياسىي، ھەربىي گوروھ سۈپتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان(27).

خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارىنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ دۆلەت قۇرغان ۋاقتى ھەققىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس. يىغىنچاقلىغاندا، 847 –859–يىللىرى ، 857 – يىلى، تەخمىنەن 867 –870 – يىللىرى، 872 – يىلى، 880 – يىلنىڭ ئالدى – كەينى، 884 – يىلىدىن ئىلگىرى،884 – 887 – يىللىرى، 890 – يىلى، 891 – يىلىدىن كېيىن،895 – 899 – يىللىرى، 895 –يىلىدىن ئىلگىرى، 10 – ئەسىرنىڭ بېشى، تەخمىنەن 924 – يىلى دۆلەت قۇرغان دېگەن بىرقانچە خىل قاراش مەۋجۇت. بۇنىڭدا مۇھىمى خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى قاغانىنىڭ كىمئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر. «ئىلگىرى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار پانتېكىننى تۇنجى قاغان دەپ قارىغان ئىدى. ھازىر بۇنداق قاراشنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكى دەلىللەنمەكتە»(28). دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 875 –885 – يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن بىلگە قاغان تۈنجى قاغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوردىسى گەنجۇ شەھىرى ئەتراپىدا، يەنىئېرغۇنا دەرياسى بويىدا بولغان. بۇ خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 875 – يىلى رەسمى مۇستەقىلھاكىمىيەت ــــ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ(29).
ئۇنداقتا خېشى ئۇيغۇرلىرى ھاكىميەت قۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قاغانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى تارمىقىدىن كىلىپ چىققان؟ باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، 870 – يىلى ئەتراپىدا پان تېكىننىڭ ئۇرۇق – جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىنتەدىرىجى ھالدا ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۈرغۈچى كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋارىسى قاغانلىق تەختىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ھىسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى بىلەن كېيىنكى قۇچۇئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئېھتىمالھەممىسىلا پان تېكىننىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن(30).
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنئۇيغۇرلارنىڭ ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىسىدىن خېشى كارىدۇرنىڭ مەركىزى رايۇنلىرىغا كېڭىيىشى تەخمىنەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن ئەمەلگە ئاشقان. 884 – يىلىنىڭئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئەسلى تىبەت، تۇيغۇنقاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەپ ياتقان گەنجۇ شەھرىنى ئۆز قۇلىغا ئالغان. بۇ گەنجۇئۇيغۇرخانلىقىنىڭ كۈچيىشىگە مۇستەھكەم ئاساس سالغان(31). 900 – يىلى ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىن ئۇيغۇرلار ئوردىسىنى ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىسىدىن گەنجۇ شەھرىگە كۈچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى» دېگەن نام بىلەن تارىخسەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان(32) .

مىلادىيە 901-يىلى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى جاۋزوڭ ھەرەم ئاغىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىفېڭشياڭغا ئېلىپ كېتىلگەندە، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ لىڭجۇ ئايمىقىنىڭ ھىراۋۇلى خەن سۇن ئارقىلىق پادىشاھ جاۋزوڭغا مەكتۇپ يوللاپ، لەشكەر چىقىرىپ خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنغان(33). بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاللىقاچانتاڭ سۇلالىسى بىلەن خوشنا بولغانلىقىنى، كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەخمىنەن 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى خېشىرايونىنى تامامەن دېگۈدەك تىزگىنلىگەن(34).
ئومۇمەن يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىشكەبولىدۇكى، بىرىنچىدىن، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى سەرسان بولغاندىن كېيىن قانداقتۇر پىتراپ نىشانسىز ھالدا يات – يىراق جايلارغا كەتكەن بولماستىن، بەلكى بۇرۇندىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن خېشى رايونى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شىمال – جەنۇبىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىغا ئۇلارنى پاناھ تارتىپ تەشكىللىك كۆچكەن بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ خانلىقنى قايتا قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغان؛ ئىككىنچىدىن، جەنۇپ ۋە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىلىرى كۆچۈپ بارغان جايلىرىدا ئۆز ئالدىغا تۇغ تىكلەپ قاغان بولۇۋالغان بولماستىن، بەلكى ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش مەخسىتىدە ئەنئەنىۋى تەخىت ۋارىسلىقى قائىدىسى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ، بىر – بىرىگە يول قۇيۇپ كەلگەن. مەسىلەن، پان تېكىننىڭ قۇشۇۋ (قازار) قاغاننىڭ ئىنىسى ئۇكا تېكىن قاغان بولۇپ تىكلەنگەندىن كېيىن ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ ئۆزىنى يابغۇ دەپ ئاتىشى ۋە ئۇنىڭئورنىغا چىققان ئوكنېر (ئىنان) قاغاننىڭ دېرىكى بولمىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، خېشى رايونىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنى قايتا قورۇش ئۇمىدى يوققا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن يېڭى ھاكىمىيەت ـــ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھاكىميەت ئورخۇن ئويغۇرخانلىقىنىڭ داۋامى سۈپتىدە قەد كۆتىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدىرىتىنى قايتا نامايەن قىلغان.

ئىزاھ:

(1) (5) (6) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشىرىياتى 2006 – يىل 5-ئاي
ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
(2) (10) ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(3) ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 142-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(4) سىماگۇاڭ: «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 264 ـ جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(7) ياڭشېڭمىن: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار »،330 ـــ 335-بەتلەر، ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(8) ئا. گ. مالىيېۋكىن يازغان، ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: «9ـــ 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى »، 16-17-بەتلەر ، ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشىرىياتى 1993 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(9) ليۇ زىشياۋ: « ئۇيغۇر تارىخى »بىرىنچى قىسىم 1-كىتاپ 136- بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1987 – يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(11)(12) لى شۇخۇي: «گەنجۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخىئۈستىدە ئىزدىنىش(1) ـــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات-10 »، «قەشقەرپىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 1-ئاي 28-قىسىم 1-سان.
(13)ۋاڭ پۇ : «بەش دەۋرگە ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»28-جىلد«ئۇيغۇرلار»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 1978-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(14) (17) سۇ بېيخەي، لى شيۇمېي :«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىنى ۋە موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990 ـ يىللىق 2 ـ سان (ئومۇمىي 18 ـ سان).
(15) (16) (21)(23) (25) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار »، ئۇيغۇر دىيارى خەلق نەشىرىياتى 2010 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
(18)ليۇ شيۇ: «ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 195-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى ؛ سىماگۇاڭ: « ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىيئۆرنەكلەر » 428 – جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(19) لۇچىڭفۇ : «بەيئەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلىشىشى ۋە شاجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى »، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1998 ـ يىللىق 1 ـ سان (ئومۇمىي 33 ـسان).
(20) چيەن بوچۇەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى تارىخى»،« دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى » 1989 -يىللىق 1-سان (ئومۇمىي 15-سان ).
(22) (24) (30) (31) چېن بىڭيىڭ: «يەنە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990-يىللىق 2-سان (ئومۇمىي 18-سان).
(26) (27) (29) (32) لى شۇخۇي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش (2) ـــــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات-10 »، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2007 – يىلى 7-ئاي 28-قىسىم 4-سان.
(28) روڭشىنجياڭ :« گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە »،« تارىخ تەتقىقاتى »ژورنىلى 1993 – يىللىق 5 – سان.
(33) سىماگۇاڭ: «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 263-جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى؛ ئوۋياڭ شيۇ، سۇڭ چى : «يېڭى ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ» 142-جىلد «ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(34) جۇيۆخەي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات »، ماگىستىرلىق ماقالىسى، غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى 2005 –يىلى 5 – ئاي.

ئىلاۋە: بۇ ماقالە ئەسلى «مۇنبەر» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش