• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە

ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

كىتاب ئوقۇشتا بەزىلەر ئىش پۇشقىنى چىقىرىشنى، بەزىلەر بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋېلىشى، يەنە بەزىلەر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ ئىش پۇشقىنى چىقىرىش تەرىپى ئاساسەن يالغۇز قالغان ۋە ئىشتىن چېكىنگەن چاققا باب كېلىدۇ، بىلىملىك قىياپەتكە كىرىۋېلىش تەرىپى ئاساسەن گەپدانلىق قىلىشقا باب كېلىدۇ، ئىقتىدار ئۆستۈرۈش تەرىپى ئاساسەن ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا باب كېلىدۇ. ئەمىلى تەجرىبىسى بار كىشى بەلگىلىك خىزمەتنى ئورۇندىيالىغىنى، شۇنداقلا ئايرىم ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرالىغىنى بىلەن، چوڭ-چوڭ تەكلىپلەرنى بېرىش ھەم قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىلىملىكلەر بەجا كەلتۈرىدۇ.

بىرنەرسە ئۆگىنىشكە ۋاقتىنى بەك كۆپ سەرپ قىلىۋېتىش ھۇرۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ساختىپەزلىك بولىدۇ، بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا تامامەن بىلىم قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىش كىتاببازلىق بولىدۇ. بىلىم ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرىدۇ. تەجرىبە بىلىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تەبىئىي تالانت ياۋا گىياھقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى بىلىم بىلەن چاتاپ-قىرىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىلىم تەجرىبىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى بەك يۈزە بولۇپ قالىدۇ. ھېلىگەرلەر بىلىمنى كۆزگە ئىلماس كېلىدۇ، دۆتلەر بىلىم گە ھەۋەس قىلىدۇ، چېچەنلەر بىلىمدىن پايدىلىنىدۇ. بىلىم كىشىلەرگە ئۆزىنى قانداق تەتبىقلاشنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. تەتبىقلاش ئۇسۇلى كىتابنىڭ سىرتىدا بولىدۇ، ئۇ بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرخىل پاراسەتكە ياتىدۇ، ئۇنىڭغا كۆزىتىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كىتابنى قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەس، دەڭسەش ۋە پىكىر قىلىش ئۈچۈن ئۇقۇش كېرەك. ياخشى گەپتىن پۇتاق چىقىرىش ياكى كىشىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا كىتابقا بەك ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. بىلىم ئىگىلەشتىن مەقسەت مەنمەنچىلىك قىلىش ياكى كۆز-كۆزقىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى تېپىش، ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.

يۈزە تەتقىق قىلىپ قويۇشقا لايىق بىلىملەرمۇ، ئاز-تولا بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىلىملەرمۇ بار. پەقەت ئازساندىكى كەسپى بىلىملەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ۋە يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى، بەزى كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئۇقۇشلا كۇپايە، ئازساندىكى ياخشى كىتابلارنى قېتىرقىنىپ تەكرار ئوقۇش كېرەك.

بەزى كىتابلارنى باشقىلار ئوقۇپ چىقسا، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئۇقۇپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش مۇلاھىزىسى ئانچە مۇھىم بولمىغان كىتابلار بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەك.

كىتاب ئوقۇش كىشىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ؛ سۆھبەت كىشىنى چىچەنلەشتۇرىدۇ؛ خاتىرە يېزىش كىشىنى زىللاشتۇرىدۇ، بىلىمنى مۇستەھكەملەيدۇ. خاتىرە قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك، باشقىلار بىلەن كۆپ ئەسرا بولمايدىغان كىشى ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك، كىتاب ئوقۇمايلا بىلىملىك دېگەن نامنى ئېلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغانلار چوقۇم ناھايىتى ھېلىگەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى يوشۇرالايدۇ، تارىخ ئۆگىنىش كىشىنى زېرەكلەشتۇرىدۇ: شېئىر ئوقۇش كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ؛ ماتېماتىكا ئۆگىنىش كىشىنى پۇختا قىلىدۇ. پەلسەپە ئۆگىنىش كىشىنى يۈزە قاراشتىن خالى قىلىدۇ. ئېتىكا كىشىنى سالماقلاشتۇرىدۇ؛ لوگىكا بىلەن ئىستىلىستىكا ئۆگىنىش كىشىنى مۇنازىرىگە ماھىر قىلىدۇ. ئومۇمەن، بىلىم كىشىدە خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەندىكى ئاجىزلىقلارنى ھەرىكەت ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولغاندەك، روھىي جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بىلىم ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، دومىلىما توپ ئويناش بۆرەكنى، ئوقيا ئېتىش ئۆپكىنى، سەيلە قىلىش ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، بەيگە ئويناش مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، ۋەھاكازا…..شۇڭا، پىكىرنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغانلارنى ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە سېلىش كېرەك. چۈنكى، ماتېماتىكىدا سەل-پەل دىققەت قىلىنمىسىلا، خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. ئانالىز قىلىش، پەرق ئېتىش قابىلىيىتى ئاجىز كىشىلەرنى پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا سېلىش كېرەك، چۈنكى پەيلاسوپلار ماددا، تارماقلارغا بۆلۈپ ئىنچىكە ئالانىز قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمايدىغان، بىر ئىش ئارقىلىق باشقا بىر ئىشنى دەلىللىيەلمەيدىغان ۋە يېشىپ بېرەلمەيدىغان ئادەمنى ئادۋوكات بېجىرگەن دېلولارنى تەتقىق قىلىشقا سېلىش كېرەك. دېمەك، ئەقلى جەھەتتىكى كەمتۈكلەرنى تۈگىتىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق يولى بولىدۇ.

 

مەنبە: بېكوننىڭ «كىشىلىك ھايات ھەققىدە»  ناملىق كىتابى

بۇ يازما 105 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 8
ئۈستىگە قايتىش