You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئارسلان چەكتۇرۇش – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (9)

ئارسلان چەكتۇرۇش – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (9)

(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

ئارسلان چەكتۇرۇش

شۇ كۆڭۇل بىلگىنكى سىزنىڭ خانەدۇر،
جاننى سورىساڭ، ساچىنىڭ ئويناشىدۇر.
سۇ ئىچسەم ئەگەر، بىلىمەن ئەينەك نەدۇر،
يۇزۇدۇر سۆيۇملۇكنىڭ، ياي قاشىدۇر.

ئىراننىڭ قازۋىن دىگەن يەردىكى كىشىلەرنىڭ دۆمبىلىرىگە، قوللىرىغا ۋە بەدەنلىرىگە يىڭنە بىلەن رەسىم چەكتۇرۋالىدىغان ئادەتلىرى بار ئىكەن. بىر قازۋىنلىق تەللاق(مۇنچا ۋە سەرراپلاردا كىشىلەرنى يۇيۇپ قويغۇچى ئەر)نىڭ قىشىغا بېرىپ:
«كەل، تاتلىق جانىمنى ئاغرىتماي تۇرۇپ، ماڭا بىر رەسىم چېكىپ قوي» دەپتۇ.

تەللاق:» ئەي يىگىت، قانداق بىر رەسىم چېكىپ قوياي؟» دەپ سوراپتۇ.

قازۋىنلىق:»ئېتىلىپ تۇرغان بىر ئارسلاننى چەك. ئارسلان ماڭا تەلەي ئەكېلىدۇ. شۇنداق بىر ئارسلاننى چەككى، ئەقىللىق بىر ئارسلان بولسۇن» » دەپتۇ.

تەللاق:»قەيەرىڭگە چېكىمەن؟»

قازۋىن:»مۈرەمگە چەك»

تەللاق شۇنداقلا يىڭنىنى سانجىشى بىلەن، يىڭنىنىڭ ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قازۋىنلىق مۈكچىيىپ كېتىپتۇ.

قازۋىنلىق يىگىت:»ھەي ئۇستا، ئولتۇرۇپ قويما مېنى. قانداق بىر رەسىمنى چېكىۋاتىسەن؟»

تەللاق:»ئارسلاننى چەك، دېدىڭغۇ» دەپتۇ.

قازۋىنلىق:»قايسى ئورگىنىدىن باشلىدىڭ؟»

تەللاق:»قۇيرۇقىدىن باشلىدىم»

قازۋىنلىق:»ھەي، سادىغاڭغا كېتەي، ، بولدى قىل ئۇ قۇيرۇقىنى. ئارسلان قۇيرۇقىنىڭ ئازابى، ساغرامنى ئاغرىتتى. قۇيرۇقى گېلىمنى سىقتى. نەپسىم كېسىلدى. ھەي ئارسلان چەككۈچى، قۇيرۇقسىز بىر ئارسلان چەك. يىڭنىنىڭ ئۇچى يۈرىكىمگە كېلىپ سانجىلدى. ھوشۇمدىن كېتەي دەۋاتىمەن» دەپتۇ، زارلىنىپ.

ئۇستا، كازۋىنلىق يىگىتكە ھېچ ئىچ ئاغرىتماستىن، قايغۇرماستىن ئارسلاننىڭ باشقا بىر يېرىنى چېكىش ئۈچۈن يىڭنىنى يەنە سانجىپتۇ.

كازۋىنلىق:» بۇ قايسى يېرى؟» دەپ قاتتىق ۋارقىراپ كېتىپتۇ.

ئۇستا:»ھەي، يىگىت. بۇ قۇلىقى»

يىگىت:» بولدى. قۇلىقى بولمىسۇن. قۇلاقنى چەكمە. ئىشىڭنى قىسقارت» دەپتۇ.

ئۇستا، بۇ قېتىم يەنە باشقا بىر ئورگاننى چېكىشكە باشلاپتۇ.

قازۋىنلىق يىگىت يەنە دات-پەريات قىلىپ، ۋارقىراپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق سوراپتۇ:
» بۇ ئۈچىنچى قېتىم چەككەن، قايسى يېرى؟»

ئۇستا:»ھەي يىگىت. بۇ قورسىقى» دەپتۇ.

قازۋىنلىق:»قورساقسىز بىر ئارسلان بولسۇن. يىڭنىنى ئازراق سانجى» دەپتۇ.

چەككۈچى ئۇستا ھاڭ-تاڭ بولۇپ قاپتۇ ۋە بىر ۋاققىچە قاقاقلاپ كۈلۇپ كېتىپتۇ ۋە ئاندىن ئاچچىقىدىن يىڭنىنى يەرگە ئېتىپتۇ – دە.
» دۇنيادا كىمنىڭ بېشىغا مۇنداق ئىش كەلگەن؟ قۇيرۇقسىز، باشسىز، گەۋدىسىز ئارسلاننى كىم كۆرۈپتۇ؟ تەڭرىمۇ مۇنداق بىر ئارسلاننى ياراتقان ئەمەس» دەپتۇ.

ھېكمەتلەر:

ئەي قېرىنداش! يىڭنىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىغىنكى، ئۆز نەپسى-خاھىشىڭنىڭ يىڭنىسى سۇنسۇن.

بارلىقنى تەرك ئەتكەنلەر، كۆكتە، قۇياشتا، ئايدا سەجدە قىلىدۇ.
بارلىقنى ھەقنىڭ بارلىقى ئىچىدە يوق قىل.

پەقەت كۆڭۈل چىرىغى يېنىپ تۇرغان كىشىنى، قۇياشمۇ كۆيدۈرەلمەيدۇ.
كۆرگەنسەن تەڭرى، ئاس ھابى كەفنى قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتىدىن قانداق قوغدىغانلىقىنى.

گۈلنىڭ گۈزەللىكى سەۋەبىدىن تىكەننى كەچۈرۈۋېتىمىز.

كۈندۈزدەك يورۇق بولۇشنى ئويلىساڭ، كېچىگە ئوخشايدىغان بارلىقنى پۈتۈنلەي ياق!

كېچە كۈندۈز نەپسىڭگە دىققەت قىل، نەپسىڭنىڭ ھىيلىسىدىن ھەزەر ئەيلە.
بىز ۋە مەن داۋاسى بىزگە ئەسقاتمايدۇ. مۈلك. مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە لايىقتۇر.
ئاپئاق سۈتتىكى قارا قىلدەك كۆڭۈلدىكى ئويلىغان سىرلىرىڭ ئاشكارا بولىدۇ.
سۈرەتتىكى كىبىر ۋە ئاداۋەتتىن كەچكەن كۆڭۈل، غايىب ئالەمنىڭ گۈزەللىرى ئۈچۈن ئەينەكتۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top