ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn4Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئاقارتىش ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان تارىخى شەخىسلەر ۋە ئەدىبلەرنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2016 – يىلى 15 – مايدا «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتېلى تەۋپىق قاتارلىق زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ تارىخىمىز ۋە تارىخى شەخسىيەتلەرگە بولغان تونۇشىمىزدا بەلگىلىك ئىجابى تەسىرى بولغان ئىدى.

2017- يىلى موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ۋاپاتىنىڭ 100- يىلى، ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848) ۋاپاتىنىڭ 90- يىلى، قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋاپاتىنىڭ 80- يىلى ۋە ئابدۇقادىر داموللا (1924-1862) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تارىخى شەخىسلىرىمىزنى يېقىندىن تونۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن ئىلھام ئېلىش مەقسىتىدە، بۇ يىل 6- ماي شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2 – قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2010- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5- ماي ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتىدە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ ئايرىم بىر ئىلمىي دوكىلات ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ تەشەببۇسچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2009- يىلى 5- ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئويۇشتۇرىشىدا، «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ، «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ بايرامنىڭ قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، 2010- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5- ماي كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ئۇيغۇر ئىلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش تەشەببۇسى بىلەن يىلدىن ‏- يىلغا ئومۇملىشىۋاتقان بىر رەسمىي بايرام بولۇپ قالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشنى خالىغان پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇيغۇر دوپپىسى كېيىپ كېلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرىشىدا ئاساسلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسەد قىلىنغان.

يىغىندا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تۆت ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىنىڭ «موللا مۇسا سايرامى، ھۇسەيىنخان تەجەللى، قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئابدۇقادىر داموللا» ھەققىدە ئىلمىي دوكىلات بېرىشى پىلانلانغاننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر مەخسۇس ئىلمىي دوكىلاتمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


2- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

14:30 – 14:00: ئېچىلىش مۇراسىمى

15:00 – 14:30: ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمى مەدەنىيىتىدە دوپپا – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان («ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن)

15:40 – 15:10: قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى – ياردەمچى دوتسىنت دوكتۇر مەغپىرەت كامال  (قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋاپاتىنىڭ 80-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن)

16:20 – 15:50: ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھايات ھىكايىسى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى – ياردەمچى دوتسىنت دوكتۇر راھىلە قەشقىرى (ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848)  ۋاپاتىنىڭ 90-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن)

17:00 – 16:30: بۈگۈنكى ئوقۇرمەن ۋە تارىخى ھەمىدى – ئابدۇۋەلى ئايۇپ (موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ۋاپاتىنىڭ 100-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن)

17:40 – 17:10: ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھاتچىلىرى – ئۆمەرجان جامال (ئابدۇقادىر داموللام (1924-1862) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن)

18:00 – 17:50: يېپىلىش مۇراسىمى

18:30 – 18:00: كەچلىك تاماق زىياپىتى


ئۆيغۇر تارىخى ۋە تارىخى شەخسلەرگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ۋە بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دوپپا كىيىپ كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز.
– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى

پائالىيەت ئورنى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسى يىغىن زالى (جەۋىزلىباغ مەۋلەۋىخانا كوچىسى. جەۋىزلى باغ ترامۋاي بىكىتىدىن بارسىڭىز ئاسان تاپالايسىز.)

توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

بۇ يازما 465 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn4Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش