ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشىدا شائىر، نەشىرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
قۇتلۇق شەۋقى 1876-يىلى قەشقەردە ئابدۇرەھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتۋەر كىشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى بىلىمىنى ئۆز يۇرتىدا ئالغاندىن كېيىن، دادىسى بىلەن ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولغان ۋە قاھىرەدىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىلئۇلۇم» دا، تۈركىيىگە كېلىپ ئىستانبۇلدا ئوقۇغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يەنە بۇخارادا  ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ توشقان ئىلىم ئىگىسى بولۇپ تونۇلغان.
ئەينى چاغ دۇنيا ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەرەب ئەللىرى، كىچىك ئاسىيا، روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيەگە قاراشلىق جايلىرىدا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى ۋە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى. بۇ ھال چەتئەلدە خېلى ئۇزاق تۇرغان قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئېڭىغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرمەي قالمىدى. فېئودالىزىمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بۇ بۇرژۇئا دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىمۇ بىر خىل ئىسلاھات، يېڭىلاش ئېقىمى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىم ئىلغارلىرى فېئوداللىق ئاسارەت ئىچىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تونۇلدى. قۇتلۇق ھاجى ئەنە شۇ مەزگىلدە «شەۋقى»تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىر قاتار سىياسىي  لىرىكا، ماقالىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئىسلاھات، يېڭىلاش، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىر شېئىرىدا:
«بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل –ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.
دەپ يېزىپ ئۆز ئىرادىسىنى شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئېچىپ كۆرسەتكەنىدى.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئەدەبىيات ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ۋە دەۋر ئۆز ئالدىغا قويغان تەلەپلەرنى توغرا تونۇپ سىنىپىي، مىللىي زۇلۇم ئاسارىتىدە قالغان، جاھالەت، قاششاقلىقتا ئۇخلاپ ياتقان خەلقنى ئويغىتىپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قۇتلۇق شەۋقى شېئىرلىرىدا بۇ خىل ئىدىيە ئۆزىنىڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ «ئويغاندى» ناملىق شېئىرىدا ئۆز خەلقىگە مۇنداق خىتاب قىلغانىدى:
«كۈرەش قىلساق ئەرك ئۈچۈن، ئەركىنلىكتە ياشايمىز،
ئەزىز خەلقىم كۆزۈڭ ئاچ،يەر ۋە ئاسمان ئويغاندى.
ئويغانغانلار ياشنىدى، ئۇخلىغانلار قاقشىدى،
قايغۇرمىساڭ ھالىڭغا، شۇم زېمىستان ئويغاندى.
ئويغىنايلى ئۇيقۇدىن، ئەمدى ئۇخلاش بىزگە يات،
ئىلىم-ئىرپانلار ئۈچۈن بارچە جاھام ئويغاندى.»
ۋەتەنپەرۋەرلىك-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئەنئەنىۋى تېما، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا بارلىققا كەلگەن زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەر نەتىجىسىدە بۇ تېما يەنىمۇ يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى. ۋەتەن ساتقۇچ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان فېئوداللىق جاھالەت، دىنىي ئاسارەت ھامىيلىرىنىڭ قاراقچىنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا يول قويۇپ بېرىشىدەك ئىجتىمائىي رېئاللىق قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ئويغانغان زىيالىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنىڭ ئۇرغۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.ئۇلار شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان «ئويغىنىش» نى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلدى. شائىر قۇتلۇق شەۋقى ئۆزىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى غەزىلىدە مۇنۇلارنى يازدى:
«كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرەتى سۇلتان سۇتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش،
ئول شەھىدۇ، قەھرىمان ئالىپ ئارسلانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ ‹قۇتادغۇبلىك› خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى ‹دىۋان لۇغەت›،
مەھمۇدل كاشىغەر كەبى ئەھلى شەرەپ-شانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن ‹شەۋقى› نى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.»
20-يىلارنىڭ بېشىدا ۋە 1924-يىلى قەشقەردە مىخ مەتبەئەدە بېسىلغان «ئويغان ۋە ئىنقىلاپ ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» ناملىق شېئىر توپلاملىرىغا  شەۋقىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىكى شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، « بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك خەلقنىڭ چەت ئەل ئىمپېريالىستلىرى بىلەن فېئوداللارنىڭ زۇلمى ھەم ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى قۇدرەتلىك ئىسيان ساداسى گۈكرەيدۇ.»
قۇتلۇق شەۋقى پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك تەرىپى ئۇنىڭ قەشقەردە نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ 1918-يىلى تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئۇيغۇر تىلىدا  «ئاڭ» گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلدى. گەرچە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ پىچەتلىشىى بىلەن بۇ گېزىت مەلۇم مەزگىل چىقىپلا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى تارىخىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى زور بولدى.ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىستەك-غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي  كۆرەش قىلغان شائىر قۇتلۇق شەۋقى 1933-يىلى باشقىدىن «ئەركىن ھايات»گېزىتىنى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ گېزىت مەلۇم مەزگىل چىقىپ توختىتىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردە قۇرۇلغان«ئۇيغۇر مەدەنىيەت-ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»ۋە قەشقەر مائارىپ ئىدارىسنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا «يېڭى ھايات» گېزىتى نامى بىلەن قايتا يورۇق كۆردى. 1936-يىلى قەشقەر«شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلدى ۋە ئازادلىققا قەدەر نەشىر قىلىندى.
قۇتلۇق شەۋقى تارىخىي بىلىملەرنى ئەتراپلىق ئۆگەنگەن ۋە تەتققىق قىلغان، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. ئۇ ئۆزى نەشىر قىلغان ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن گېزىتلەردە كۆپلىگەن جەڭگىۋار شېئىر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش بىلەنلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان تارىخىي بىلىملەرنىمۇ تونۇشتۇرغان ھەمدە شۇ مەزگىللەردە قەشقەردە ئېچىلغان پەننى مەكتەپلەردە تارىخ دەرس ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەنىدى.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1937-يىلى قولغا ئاپرىلدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرى ياۋاغ تېرەلىك تۈرمىسىگە تاشلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى جاللاتلىرى ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويۇۋەتتى. تۈرمىدە كۆيدۈرۈلۈپ، پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىمۇ بار ئىدى.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆزىنىڭ 61يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت-ئارقارتىش، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىجادىي مىراسى ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە تارىخ، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.ئۇنىڭ «تارىخىي ئەسەر ۋاقىئى كاشىغەر» ناملىق ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

بۇ يازما 66 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش