You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » سىن ئارخىپى: 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى

سىن ئارخىپى: 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى

7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىرلىكتە 2017 – يىلى 19- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل توپكاپىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتتە سۆزلەنگەن نوتۇق ۋە سۇنۇلغان دوكىلاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى Youtube سىن ھۆججەتلىرىدىن كۆرەلەيسىز.

ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.

***


مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىدا ئانا تىلنىڭ رولى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشى ھەققىدە نوتۇق سۆزلىدى.

***


كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئىز باسارلىرىمىزمۇ ئانا تىلىمىزدا ۋەتەن، مىللەت ۋە دىنىمىز ھەققىدە شېئىر، نەسىر ۋە ناخشىلارنى ئوقۇدى.
ئانا تىلىمىزدا ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرلىرى ئورۇنلاپ، نۇمۇر كۆرسەتكەن ئۆسمۈرلىرىمىزگە ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى ھەدىيە قىلىپ، ئۇلارنى شادلىققا چۈمدۈردۇق.

***


ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنىدى.

تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان جامال تارىختا چىن خانىدانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نىمىلەرنى ئېلىپ قايىتتى؟ دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. 

***


ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئاكادېمىيەنىڭ تۈپ مەقسىدى، نىشانى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپچىلىككە دوكىلات سۇندى. 

***


بۇ قېتىمقى پائالىيەت تولىمۇ مەنىلىك ئۆتتى. 130 كىشىلىك يىغىن زالى لىق تولدى. يىغىننى ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلغان كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان سەبى ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىزغا، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملەرنى بەرگەن يىراق يېقىندىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپتىن كۆپ – رەھمەت ئېيتىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top