ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى نورۇز تەنتەنىسىگە دائىر بايانلار

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى نورۇز تەنتەنىسىگە دائىر بايانلار

ئابلىز مۇھەممەد سايرامى

ناھايىتى تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق، ھەشەمەتلىك، كەڭ دائىرىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇز تەنتەنىسى قەدىمدىن كەڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كاتتا مىللىي بايراملىرىدىن بىرى. بۇ بايرام ھەر كىشى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان كەڭ سەھنە بولۇپ، ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا، سېرىك – سېھىرگەرلىك، ئەلنەغمە، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، كالا – قوچقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، ئوردىكام، ۋاللەي، سارغايدى (چەرخىپەلەك)….. قاتارلىق ئەل ئىچى خەلق ئويۇنلىرى ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كەڭ – كۇشادە ئوينىلىپ كەلگەن.
تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنلا نورۇز بايرىمى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مىللىي تۈس ئالغان بىر خىل بايرام بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ھەر خىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نورۇز بايرىمى ئاساسلىق بايرام قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ بايرىمىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. نورۇز يېتىپ كېلىشى بىلەنلا «نورۇز ئېشى»، «نورۇز چېيى»، «نورۇزلۇق»، «ھەپتە سالام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇشائىرە كېچىلىكى، مەشرەپ، قوشاق قېتىش، بېيىت ئېيتىش باشلىنىپ كېتىدۇ. مەكتەپ بالىلىرى نورۇز قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىدۇ ھەم تارقىتىدۇ. «نورۇزلۇق»، «ھەپتە سالام» ئارقىلىق نورۇزنى تەبرىكلەيدۇ. «نورۇزلۇق» ئاياقلاشقاندا مېۋە – چىۋە، سامساق، جىگدە، سېرىق ماي، گۆش ۋە قوينىڭ كاللىسى قوشۇپ ياسالغان غىزانى كۆپچىلىك دەرقەمتە ئولتۇرۇپ يېيىشىدۇ. بەزىدە بۇغداي كۆجىسى، ئۇماچ قاتارلىقلارنىمۇ تەييارلاپ نورۇز ئېشى قىلىپ يەيدۇ. بەزى جايلاردا يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «قەھرىمانلار»، «ئۇلۇغلار» نىڭ مازارلىرىنى تاۋپا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، نورۇز بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ. ھەرقايسى يۇرتلاردىن كەلگەن پالۋانلار، ئوغلاقچىلار، پومزەكچىلەر، ساغاردى (چاقپەلەك)، گۈلەڭگۈچ ماھىرلىرى، بالىلار ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان ھەۋەسكارلار بۇ سورۇننىڭ ئاساسىي قاتناشچىلىرى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل نورۇز مۇراسىمىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان قائىدە – يوسۇنلىرى تارىم – تەكلىماكان ۋادىلىرىدىكى بوستانلىقلاردا، تاغلىق جايلاردىكى دېھقان، چارۋىچىلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ئەينەن ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جەمشىت زامانىسىدىلا نورۇز قىلىش مەۋجۇت ئىكەن. پارسچە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىتابى «شەمسىل لۇغەت» نىڭ 312 – بېتىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرۇلغان: «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن خەلق ياخشى كۆرىدىغان رەسمىي ئۆرپ – ئادەتلەر يولغا قويۇلغان، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەسىلەن، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە قاتارلىقلار. بۇ كۈنلەردە ھەپسە – زىنداندىكى مەھبۇسلارمۇ كۆڭۈل ئېچىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. قىزلار يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشىدۇ، ئوغلاق تارتىشىدۇ، قالۇن چېلىشىدۇ.»
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نورۇز توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: «نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئاي دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ….» (1 – توم 452 – بەت)
مەھمۇد كاشىغەرى يەنە نورۇز بايرىمى كۈنلىرىدە كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ سورۇن تۈزۈپ، ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇللار بىلەن مەي – شاراپ ئىچىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان ئادەتلەرنى ئەسلىتىدىغان مۇنداق قوشاقلارنى يازغان:

كۈيلەر تولۇق تۈزۈلدى،

ئىۋرىق – ئىدىش تىزىلدى.

سەنسىز ئۈزىكىم ئۈزۈلدى،

كەل، خاتىرجەم ئوينايلى (3 – توم 181 – بەت).

ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئوندىن) ئىچىپ قىرقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى،
قايغۇ قاچتى، سۆيۈنەيلى (1 – توم 193 – بەت).

«قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ (نورۇز بايراملىرىدىكى) كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، توي – مەشرەپ ئويۇشتۇرىدىغان ئويۇنخۇمارلىق ئادىتى بار ئىدى. ئۇلار (نورۇزلاردا) بىر يەرگە جەم بولغاندا ئادەم سانى ھەتتا نەچچە مىڭغا، نەچچە ئون مىڭغا يېتەتتى، ئۇلار ئوۋلىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى ئوتتا پىشۇرۇپ، كاۋاپ قىلىپ، گۈلخان ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى» («ئوغۇزنامە»).
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى يۇقىرىقى تارىخىي بايانلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نورۇز بايراملىرىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ دائىرىلىك، تەنتەنىلىك، ئەۋجىلىك بولىدىغانلىقىنى، كۈندۈزلىرى نەچچە ئون مىڭ ئادەم بىر جايغا توپلىشىپ بايرام قىلىپ ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، كەچلىكىمۇ نورۇزنى تەبرىكلەپ توي – مەشرەپلەر ئويۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغانلىقىنى، نورۇز بايرىمىنىڭ خەلقىمىز تۇرمۇشىدىكى كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرىنى ھەم ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
مەلۇمكى، تارىم – تەكلىماكان ۋادىلىرىنى ئانا ماكانى قىلىپ، بۇ سېھىرلىك بىپايان گۈزەل ۋادىلاردا ئاۋۇپ- كۆپىيىپ، جامائەلىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ھەم شەھەر – قەلئە ھاياتىغا كۆچكەندىن كېيىن يىل – پەسىللەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك مۇراسىم ۋە بايراملار ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان. بۇ بايرام ۋە مۇراسىملار ئەينى دەۋردە جامائەت ئىشلىرىنى تەشكىللەش بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغانىدى.
باھاردا تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملاردىن بىرى «نورۇز» بايرىمى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراندا كەڭ تارقالغان. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باھارنىڭ 1 – كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
«نورۇز بايرىمى» ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.
«نورۇز» سۆزى ئەسلىدە ھىندى – ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ پارسچە سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) سۆزىگە «زور» (كۈن) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ «يېڭى كۈن»، «يىل بېشى»، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار يامغۇرى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز «قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. «نورۇز» قەدىمكى تۈركىيچە ئاينىڭ ئېتى بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ مۆچەل ھېسابىدىمۇ يىلنىڭ بېشى ھەمەل (نورۇز) ئېيى بىلەن باشلانغان. تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئارىسىدا يىل بېشىنىڭ «يېڭى كۈنى ئۈچۈن» «نورۇز» نامى قوبۇل قىلىنغان. قەدىمكى تۈركىي كالېندار ھېسابى بويىچە «نورۇز» يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى، يەنى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈن كونا رۇم كالېندارى ھېسابى بويىچە 9 – مارتقا، يېڭى كالېندار ھېسابى بويىچە 21 -، 22 – مارت كۈنىگە تەڭ»).
«نورۇز» بايرىمى يېڭى مېھنەت مەسۇمى باشلىنىشتىن دېرەك بەرگۈچى كالېندارلىق بايرام بولۇپ، قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان. ئوبۇلقاسىم فىردەۋس «نورۇز – بايراملارنىڭ شاھى» دېسە، ئەلشىر نەۋائى شېئىرىي تىل بىلەن «ھەر تۈنۈڭ قەدىرلىك بولسۇن، ھەر كۈنۈڭ نورۇز بولسۇن» دەپ نورۇزنى ئەركىنلىك، خاتىرجەملىك، خۇشاللىقنىڭ بەلگىسى قىلغان. «نورۇز» تەبىئەتنىڭ «قىش ئۇيقۇسى» دىن ئويغىنىپ قايتىدىن جانلانغان دەۋرى، باھار يامغۇرىنىڭ بىرىنچى تامچىسى چۈشۈشى بىلەن يەر – زېمىننىڭ ئويغانغان دەۋرى، دەل – دەرەخلەرنىڭ كۆكلەشكە ۋە پۈتكۈل ئانا تەبىئەتنىڭ يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىغان دەۋرى، ھايۋاناتلار تۆللەش (كۈيلەش پەيتى) تىن نەسىل ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىغان دەۋرى بولغاچقا، «نورۇز» ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە تەبىئەت يېڭىلىنىشنىڭ دەلىلى قىلىنغان. دەرۋەقە «نورۇز» دا ئانا تەبىئەتنىڭ جانلىنىپلا قالماستىن بەلكى تەبىئەت بىلەن بىرگە ئىنسان تەبىئىتىمۇ جۇشقۇن روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولىدۇ. «نورۇز» نىڭ رەسمىي كالېندارلىق بايرام تۈسىگە كىرىشى ھەققىدە قەدىمكى مەنبەلەردىمۇ خىلمۇخىل ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر مەۋجۇت. كائىنات ۋە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىدە، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرىشى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن باراۋەر بولۇشى، كۈندۈزنىڭ ئۇزىرىشىغا باشلىشى، تەبىئەتتە يېڭىچە جانلىنىشنىڭ باشلىنىشى باھارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن باغلىق بولغان. «نورۇز» بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكىنىدىن كېيىن ئېتىز – ئېرىق، دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار بايرام مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ بايرام ئىنسانلارنىڭ دۇنيا بويلاپ تارقىلىشى نەتىجىسىدە ھەممە يەرلەرگە يېيىلىپ، ھەرقايسى خەلقلەردە تۈرلۈك ناملار ۋە ھەر خىل شەكىللەر بىلەن، جۈملىدىن تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا «ئەرگىنەقۇن بايرىمى»، «يىل باشى»، «ناۋرۇز»، «ناۋرىز»، «مەرۋس»، «چاغان»، «مارت توققۇزى»، «سۇتانى نەۋرۇز»، «كۆركلو مارتا»، «بابۇرماتا»، «يېڭى كۈن»، «بەيرام»، «مەرىكە»، «نەۋرۇز»، «نورۇز» قاتارلىق ناملار بىلەن مۇقىملاشقان ھەمدە ئۆزىگە خاس يەرلىك ۋە مىللىي ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.
«نورۇز» نىڭ زادى قاچاندىن باشلاپ بايرام تۈسىگە كىرگەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى ئۆزىنىڭ «شاھنامە» داستانىدا، نورۇزنىڭ جەمشىت دەۋرىدە بايرام دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بايرامنى شائىر تۆۋەندىكىچە تەرىپلەيدۇ:

جاھانغا زىيا نۇر چاچار پادىشاھ،
بۇ نورۇز كۈنى بولدى تەخت ئۆزرەجا.
يىغلىدى ئۇلۇغلار بارى شادۇ – خۇش،
مەيۇ، ئۇسسۇل، چالغۇ تېپىپ كۆپ خورۇش.

بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «چاھار دىۋان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، يۈرۈشلەشكەن ئەنئەنىۋى مۇقام ئىسىملىكلىرى قاتارىدا «نورۇز مۇقامى» نى تىلغا ئالغان، شۇنىڭدەك «نورۇز مۇقامى» نىڭ «نورۇز بۇزرۇك»، «نورۇز ھۈسەيىن»، «نورۇز كۆجەك»، «نورۇز بوسىبلىك»، «نورۇز راست»، «نورۇز سۇلتانى» قاتارلىق نەغمە ۋارىيانتلىرى بولغانلىقى مەلۇم.
دېمەك، «نورۇز بايرىمى» خىلمۇخىل ئويۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تىياتىرلاشقان ئۇسلۇبتا ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدا قوشاق ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز – مۇزىكىلار چېلىشتەك ئاممىۋى سەنئەت پائالىيەتلىرى كەڭ جارى قىلىنىدۇ، قەدىمىي پىسخولوگىك ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. ئەڭ قەدىمكى نورۇز مۇراسىملىرىنىڭ 11 – ئەسىرگىچە يېتىپ كەلگەن شەكىللىرى توغرىسىدا ئەرەب ئالىمى ئەل خىسراۋنىڭ مەلۇماتلىرى يۇقىرىدىكى پىكىرنى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭ ھېكايە قىلىشىچە: «….نورۇزدا يىگىرمە بەش كۈن ئالدىن ساراي ئىچىدە خىشتىن ئون ئىككى سۇپا ياسىلىدۇ، ئۇلاردىن بىرىگە بۇغداي تېرىلىدۇ. باشقىلىرىغا ئايرىم – ئايرىم ئارپا، شال، ماش، قوناق، لويلا، نوقۇت، كۈنجۈت…. تېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىشتا ئەشۇلە (ناخشا – قوشاق) ئېيتىلىدۇ، ساز چېلىنىدۇ ۋە ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ…. بۇ نورۇزنىڭ 6 – كۈنى ئىدى. دان يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى مەيدانغا چېچىپ تاشلىدى. بۇ دانلارنى پەقەت پال ئېچىش ئۈچۈن چاچتى، ئەگەر ياخشى ئۈنسە بۇ يىلقى ئېكىنلەرنىڭ ئۆسۈشى ھەم ياخشى بولىدۇ….. پادىشاھ قېشىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ باھار قوشىقى ۋە ئۇنىڭ زەبەردەست قەھرىمان ئوغۇللىرى ھەققىدە، يامغۇر ۋە يۇلتۇزلار ھەققىدە….. قوشاقلار ئېيتىلىدۇ….». باھار خۇشاللىقىغا تولغان نورۇز بايرىمى كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن. ئالىم كىرىتېر 21 – ئەسىردە ئۆزى كۆرگەن بىر نورۇز بايرىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «كىشىلەر يېڭى كىيىملەر كىيىپ، ياسىنىپ قالپاقلىرىنى قەغەز گۈللەر بىلەن بېزىگەنىدى، ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى ئەڭ ئېگىز جايغا باردى. ئۇ يەردە ناغرا – سۇناي ۋە باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرى چېلىنىپ، ھەممە جاي ھەرخىل ئويۇنلارنىڭ شاۋقۇنى بىلەن تولغانىدى.
مۇمكىنكى، بۇ بايرام ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي ئاساسلانغان كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى، يەنى قۇياشنىڭ ھەمەل (قوزا) بۇرجىغا كىرىشى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تەڭلىشىش، كۈندۈزنىڭ ئۇزىراشقا باشلىشى، تەبىئەتتە يېڭىچە جانلىنىشنىڭ باشلىنىشى، باھارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن باغلىق بولغان. بىز نورۇز بايرىمىنىڭ چوڭقۇر يىلتىزىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئېتىز – ئېرىق، دالىلاردا يېڭى ئىش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار بايرام – مۇراسىملىرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن باشقا پارس تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاش بىر مەۋسۇم، ئوخشاش بىر كۈندە قۇتلۇقلايدىغان بايرىمى بولۇپ، تاجىكلار بىلەن پارسلارنىڭ ئورتاق بايرىمىدۇر. شۇڭا بۇ بايرام مەيلى ئېتمولوگىيە ياكى فولكلور نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، بەلگىلىك مەنبەداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە.
بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى مەنبەلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا، ئىران ۋە ئافغانىستاندا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئاخمانىيلار دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىر) دە كەڭ تارقالغان.
مىلادىيەدىن بۇرۇن قوللىنىلىشقا باشلىغان زورورئاستىر كالېندارى (قەدىمكى ئىران كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بويىچە، فەرۋەردىن ئېيى (ھازىرقى مارت ئېيى) نىڭ بىرىنچى كۈنى «كىچىك نورۇز» (ياكى «ئاممىۋى نورۇز») باشلانغان. ئالتىنچى كۈنى بولسا «كاتتا نورۇز» (ياكى مەخسۇس نورۇز) ئويۇشتۇرۇلغان. ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا بۇ ئىككى نورۇز بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق كۈنلەر بايرام دەپ ئېلان قىلىنغان. كېيىنچە نورۇز بايرىمى بىر ئايغىچە سوزۇلغان. بۇ ھەقتە بىرۇنى مۇنداق يازىدۇ: «كېيىنكى پادىشاھلار بۇ يېڭى ئاي، يەنى پەرۋەردىن ماھىنىڭ بارچە كۈنلىرىنى ھېيتقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئالتىگە تەقسىم ئەتتىلەر: بىرىنچى بەش كۈن پادىشاھلار ئۈچۈن، ئىككىنچىسى ئۇلۇغ كىشىلەر ئۈچۈن، ئۈچىنچىسى پادىشاھلارنىڭ غۇلاملىرى ئۈچۈن، تۆتىنچىسى خىزمەتكارلار ئۈچۈن، بەشىنچىسى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن، ئالتىنچىسى چوپانلار ئۈچۈن، پادىشاھلار ئەنە شۇ تەرتىپ بويىچە ئوبيېكتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بايرامنى تەنتەنە قىلىدۇ».
كىلاسسىكلىرىمىزدىن مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر نەۋائى قاتارلىقلارمۇ ئالەمشۇمۇل ئەمگەكلىرىدە مەزكۇر بايرام ۋە باھار پەسلىنى يارقىن تىللار بىلەن تەسۋىرلىگەنلىكى ھەممىگە ئايان.
قەدىمكى نورۇز پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نورۇز بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان مەنىۋى خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات يەنىلا بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ تۆۋەندىكى نورۇز قوشاقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە تولۇق ئىپادىلىنىدۇ.

نورۇز كەلدى جاھانغا، باھار بولۇر كۈندۈز بۈگۈن،

دەرەخلەرگە سۇ يۈگۈرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۈز بۈگۈن.

دېھقانلار قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۈز بۈگۈن،

ئىش بېشى سائەت بېشى، ئامبار تولار كۈندۈز بۈگۈن.

كەلدى نورۇز يىل بېشى، كەتتى كۆڭۈل چىركىنى،

نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.

گۈللەر قىسىپ قىز – ئوغۇل، ئەگرى قويار بۇ كۈنى،

مېلس قىلىپ ئويناشتۇر، قاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى.

شاتىۋادا تون كىيىنىپ، جۇۋا – تۇماقنى تاشلىدۇق،

كوكۇلچىلىكتە ئولتۇرۇپ، نەغمە – ناۋا باشلىدۇق.

ئوغلاق ئالىپ مەشرەپ قىلۇر كۈندۈز بۈگۈن،

قايغۇ – ھەسرەتلەر كېتىپ يايرا شۇر كۈندۈز بۈگۈن.

كەلدى نورۇز يىلى بېشى ئەلدە تاماشا ئارىلاش،
كوچىدا قىلدى گاداي، شاھلار تاماشا ئارىلاش.
ئوينىدى پوڭزەك ئوغۇل، لەگلەكنى قىزلار ئارىلاش،
بارچە خوشلۇق يېتىپ كەلدى تاماشالار كۆپ بۈگۈن.

بۇ قوشاقتا، باھاردىن ئىبارەت يىل، پەسىل، كۈندە يېڭىلىنىش باشلىنىپ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرگە ھايات بەخش بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، تەبىئەتتىكى ئويغىنىش، كىشىلەردە پەيدا بولغان زور مەنىۋى خۇشاللىق ۋە دەبدەبىلىك، جۇشقۇن ئىجتىمائىي كەيپىيات ئىپادىلەنگەن.

نورۇز كەلدى يىل باشى، يوقتۇر ئانىنىڭ تەڭدىشى،
نورۇز كۈنىدىن ئىپتىدا قىلسا ئىشى.
ھېچ زايا كەتمەس، ئۇشبۇ كۈن قىلغان ئىشى،
مۇرادى ھاسىل بولۇپ مەقسىتىگە يېتەر كىشى.
ھەممە ئىشنىڭ ئەۋزىلى، غايەت مۇبارەكتۇر بۈگۈن،
كەلدى نورۇز يىت سېلىڭ، سويغان قوينىڭ يېغىدا.
مېھمانلارنى چاقىرىڭ، ئولتۇرغۇزۇڭ ئايۋاندا،
نازۇ – نېمەت تولدۇرۇڭ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا.
ئاشلىرىنىڭ ئوبدان بولۇر، ئىش ئىپتىدا كۈندۈز بۈگۈن،
كەلدى نورۇز يىل بېشى، كۆپ سائادەتتۇر بۈگۈن.
نورۇز قىلماق كۆپكە ئادەتتۇر بۈگۈن،
تەجرىبە قىلساڭ ئەگەر، كۆپ ئالامەتتۇر بۈگۈن.
ئۆيدىن – ئۆيگە ھېيتلىشىپ مېھمان بولۇر كۈندۈز بۈگۈن،

بۇ قوشاقتا، نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈن، ياخشى سائەتتە باشلانغان ئىش راۋاج تاپىدۇ»، «يىل قانداق باشلانسا، شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن ئەقىدىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈننى نەقەدەر ئۇلۇغلاپ خۇشال – خۇرام قارشى ئالىدىغانلىقى ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مېھماندوستلۇق ئادىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
مەلۇمكى نورۇز سەيلىسى نورۇز بايرىمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. نورۇز سەيلىسى ھەرقايسى جايلاردا شاد – خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆپىنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىرەر مەھەللە ئاساس قىلىنغان ھالدا شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ – دەريالار بويىدىكى ھاۋالىق جايلاردا سورۇن تۈزۈلىدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىرنەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.
نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ – ئۆي ھېيتلىشىدۇ ھەم نورۇز سۈيى ئىچىشىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت خەلقى خۇددى كۆچكەن قۇشلار توپىغا ئوخشاش يارىيا، كۆتەك ھارۋا، مەپە ياكى ئات – تۆگە، كالا، قوتاز، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار بىلەن قازان – قومۇچ، كىگىز – بېساتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، چېدىر – سايىۋەن، كەپە – ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر، يايمىچى قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ، دۇكان، يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالىغا ئاۋاتچىلىق بەخش ئېتىدۇ. نورۇز خادىملىرى بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ نورۇز ئېشى ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئاھاللىلەرمۇ ئۆز كەپە – ساتمىلىرىدا قازان – قومۇچلىرىنى ئېسىپ، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىرخىل تاماق ئېتىش بىلەن بەند بولىدۇ.
نورۇز ئېشى تەييار بولۇشىغا، بىر جاكار بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ. سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ «ئىشىك» ئارقىلىق، چىنە، چۆچەك، ھېجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئائىلىلەر بويىچە نورۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا – تائاملار ئارقا – ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر قاچىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ. بۇ غىزا – تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددىي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ ئالدىغا قانداق تاماق توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تاماق تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىقى شەرت. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ، يامغۇرغا مولچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ – ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت پاراڭلارنى قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ نورۇز چېيى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ.
كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم – ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەلنەغمىچىلەر ھەرخىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي – غەزەللىرى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى دالانى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. مۇقام مەرغۇللىرى، سەنەم كۈيلىرى ئورۇنلانغاندا، چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز بەس – بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشبىنلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ، تاماشبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە «چۆرۈمە» دەپ ئاتىلىدۇ.
داستانچىلار ئۆزىگە خاس قىزىقارلىق قىياپەت، ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ بىلەن «مىڭ بىر كېچە»، «كەمەك ھەييار»، «چاھار دەرۋىش» قاتارلىق داستان، ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاگىرتلىرى ئارىلاپ دوست تارتىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەر بىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشى بويىچە داستانچىلارغا پۇل ئىنئام قىلىدۇ.
چېلىشچىلار سورۇندا يۇرت – يۇرتلاردىن كەلگەن چېلىشچى ئەزىمەتلەر بىر – بىرىگە قارشى نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇتۇپ چىققانلارغا «كۈچتۈڭگۈر» دېگەن ئاتاق بېرىلىدۇ.
دارۋازلار تەخمىنەن 40 – 50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20 – 30 مېتىر ئېگىزلىكتە تارتىلغان ئارغامچا ئۈستىدە، پەستە چېلىنىۋاتقان ناغرا، سوناينىڭ رېتىملىق ئاۋازىغا كەلتۈرۈپ، گاھ يالاڭئاياق، گاھ پۇتىغا تۈنىكە تەخسە تېڭىپ، گاھ قولىغا تەڭكەش ئېلىپ ئالدى – ئارقىسىغا مېڭىش، ئولتۇرۇپ قوپۇش، موللاق ئېتىش، تاختا پەرىگە چىقىش، چىغرىق ئۇچۇشتەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ، تاماشبىنلارنى مەپتۇن قىلىدۇ.
ئوۋچى، پالۋان – مەرگەنلەر:

«نورۇز كەلدى جاھانغا، ئوۋ قىلغىلى چىقارمىز،
قايغۇ باسقان كۆڭۈلنى تاغدا يۈرۈپ ئاچارمىز.
جىرغىلاردا ئاڭ ئاتىپ بۇغا – كېيىك ئاتارمىز.
تېرىسىنى تاسما قىلىپ، مۈڭگۈزىنى ساتارىمىز.
قول – پۇتىنىڭ پاچىقى قامچىغا دەستە بۈگۈن».

دېگەن ئوۋچىلارنىڭ نورۇز قوشىقىنى ئېيتقىنىچە، قونداقلىق مىلتىقلىرىنى ئېسىپ، تايغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ، جىلغا، ئورمانلارغا قاراپ ئات سالىدۇ. ئوغلاقچى، بەيگىچىلەر بولسا ئايرىم كەڭتاشا مەيداندا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك بالىلار ھەتتا ياشىنىپ قالغانلارمۇ ھەرخىل ئويۇنلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇلار بىر چەتتە «سارغايدى – پىشتى» ساداسى ئىچىدە چاقپەلەك ئۇچۇشسا، بىر يەردە لەگلەك ئۇچۇرىدۇ. بەزىلىرى قاچ – قاچ توپ ئويۇنلىرىنى ئوينىسا، بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىغا ئىلەڭگۈچ سېلىپ ئېگىز، ئۇزاق ئۇچۇش بىلەن بەسلىشىدۇ.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش