ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى

مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئېنىستىتوتى 2017 – يىلى ئۈچۈن مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە 10 ماگېستىر ۋە 5 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسىغا ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى.

ئىگەللىنىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپ يۇقىرى مائاش بىلەن تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئەڭ خىل ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىۋاتقان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولىشى بىلەن تۈركىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ بەرگەن ئوقۇش پۇلى ئايلىق 1000 لىرادىن – 2000 لىراغىچە (تەخمىنەن 300 دوللاردىن 650 دوللارغىچە) بولۇپ، تۈركىيە شارائىتىدا خېلى يوقىرى ئوقۇش مۇكاپاتى ھېساپلىنىدۇ.

مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ئوقۇشقا ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پەن كەسپىلىرىدە باكلاۋۇرلۇق ياكى ماگېستىرلىقنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ۋە ئىنگىلىزچە توئىفۇل ئىمتىھانىدىن 84 تىن يۇقىرى ياكى تۈركىيە چەتئەل تىلى ئىمتىھانى ئىنگلىزچە (YDS) دىن 70 تىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئېنىستىتوتى ئەسلىدە فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولۇپ، 2017- يىلى باھار ئوقۇش مەۋسۇمىدىن ئىتىبارەن ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىگە باغلانغان ۋە كۈز ئوقۇش مەۋسىمىدىن باشلاپ، يېڭى ئوقۇتۇش بىناسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ يىلقى ئوقۇش ئىلتىماس ئىشلىرى يەنىلا بۇرۇنقى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا بىجىرىلىدىكەن.

بۇ ئوقۇش پۇرسىتى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇمات تۆۋەندىكىچە:

ماگېستىرلىققا تىزىملىتىش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىگە 10 ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
تىزىملىتىش شەرتلىرى:
باكلاۋۇرلۇقتىن ئوتتۇرىچە نومۇرى ئەڭ ئاز دېگەندە 75 (100 نومۇردىن) بولۇشى؛
تۈركىيە چەتئەل تىلى ئىمتىھانى (YDS) دىن 70 نۇمۇر؛ توئىفۇل (TOEFL) دىن ئەڭ ئاز 84 ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىنگىلىزچە ئىمتىھانلاردىن يىتەرلىك نومۇر ئالغان بولۇشى؛ (ئەسكەرتىش: 2013 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە IELTS ئىمتىھان نەتىجىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.)
تىزىملىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:
* ئىلتىماس جەدۋىلى
* ئىلتىماس خېتى
* باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە نەتىجە قەغىزى
* چەتئەل تىلىدىن (ئىنگىلىزچە) لاياقەتلىك ئىسپاتى
* ئىككى پارچە تەۋسىيەنامە (ئالدىن تاللاشتىن ئۆتكەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدۇ)؛
* كىملىك (پاسپورت) كوپىيەسى؛
تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئورنى: 2017 – يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 5– ئاينىڭ  15 – كۈنىگىچە توردىن http://eski.fsm.edu.tr/form/medit.php ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ؛ ياكى ئېلخەت ئادرىسىگە ئىۋەرتىلىسە بولىدۇ: meditbasvuru@fsm.edu.tr
ئورنى: Yenikapı Mevlevihanesi Yerleşkesi: Merkez Efendi Mah. Mevlevihane Cad. No:25 Zeytinburnu-İstanbul
ئوقۇش پۇلى: 15000 لىرا (قوشۇمچە قىممەت بېجى مۇشۇنىڭ ئىچىدە)؛
ئوقۇش مۇكاپات ئەھۋالى: مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ئېھتىياج ۋە لاياقەت ئەھۋالىغا قارىتا «ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى قارار قىلغان مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات بېرىلىدۇ.
2017 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان «ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى» ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدەل پۇلى ئېلىنمىغاندىن سىرت، ئايلىق 1000 – 2000 لىرا (تەخمىنەن 300 دوللاردىن 650 دوللارغىچە) ئارىسىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش:
تېلېفون: 00902125829070 ئارقىلىق 2033 كە ئۇلاڭ
ئېلخەت: meditbasvuru@fsm.edu.tr

دوكتورلۇققا تىزىملىتىش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىگە 5 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
تىزىملىتىش شەرتلىرى:
ماگېستىرلىقتىن ئوتتۇرىچە نومۇرى ئەڭ ئاز دېگەندە 75 (100 نومۇردىن) بولۇشى؛
تۈركىيە چەتئەل تىلى ئىمتىھانى (YDS) دىن 70 نۇمۇر؛ توئىفۇل (TOEFL) دىن ئەڭ ئاز 84 ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىنگىلىزچە ئىمتىھانلاردىن يىتەرلىك نومۇر ئالغان بولۇشى؛ (ئەسكەرتىش: 2013 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە IELTS ئىمتىھان نەتىجىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.)

تىزىملىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:
* ئىلتىماس جەدۋىلى
* ئىلتىماس خېتى
* باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە نەتىجە قەغىزى
* چەتئەل تىلىدىن (ئىنگىلىزچە) لاياقەتلىك ئىسپاتى
* ئىككى پارچە تەۋسىيەنامە (ئالدىن تاللاشتىن ئۆتكەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدۇ)؛
* كىملىك (پاسپورت) كوپىيەسى؛
تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئورنى: 2017 – يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 5– ئاينىڭ  15 – كۈنىگىچە توردىن http://eski.fsm.edu.tr/form/medit.php ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ؛ ياكى ئېلخەت ئادرىسىگە ئىۋەرتىلىسە بولىدۇ: meditbasvuru@fsm.edu.tr
ئورنى: Yenikapı Mevlevihanesi Yerleşkesi: Merkez Efendi Mah. Mevlevihane Cad. No:25 Zeytinburnu-İstanbul
ئوقۇش پۇلى: 18000 لىرا (قوشۇمچە قىممەت بېجى مۇشۇنىڭ ئىچىدە)؛
ئوقۇش مۇكاپات ئەھۋالى: مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ئېھتىياج ۋە لاياقەت ئەھۋالىغا قارىتا «ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى قارار قىلغان مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات بېرىلىدۇ.
2017 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان «ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى» ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدەل پۇلى ئېلىنمىغاندىن سىرت، ئايلىق 1000 – 2000 لىرا (تەخمىنەن 300 دوللاردىن 650 دوللارغىچە) ئارىسىدا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش:
تېلېفون: 00902125829070 ئارقىلىق 2033 كە ئۇلاڭ
ئېلخەت: meditbasvuru@fsm.edu.tr

ئەسكەرتىش: بۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىدىن تەۋسىيە خېتى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مەسلىھەت ۋە تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىش ئىشلىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمدە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ۋە باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چەتئەل تىلى نەتىجىسى، باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق دەرس نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ بەرگەن ئوقۇش پۇلى تۈركىيدە خېلى ياخشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ھەر يىلى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈمىدسىزلەنمەي، كېلەر يىلى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.
بۇ ئوقۇش ھەققىدە ياردەم ۋە مەسلىھەتتە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى
تېلىفۇن: 00905306677851
ئېلخەت: uyghuracademy@gmail.com

بۇ يازما 287 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش