• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تەۋپىق ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپاتى

تەۋپىق ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپاتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىلمىي ماقالە يېزىش باسقۇچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئىشخانىدا مۇقىم ئولتۇرۇپ يېرىم كۈن ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىش ۋە يېرىم كۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات لايىھەسىدە ئىشلەش بەدىلىگە قارشىلىق «تەۋپىق ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلدى. تەلەپكە لايىق بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

«تەۋپىق ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپاتى» شەرتلىرى ۋە تەپسىلاتى: 

1) مۇكاپات سوممىسى: ئايلىق 2000 لىرا

2) مۇكاپات مۇددىتى: بىر يىل (مۇكاپات مۇددىتى ئوقۇغۇچىنىڭ لايىھەدىكى ئىش ئۈنۈمىگە قارىتا قىسقارتىلىدۇ ياكى ئۇزارتىلىدۇ.)

3) مۇكاپات بەدىلى: ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات لايىھەسىدە ئىشلەش

4) ئىش ۋاقتى: 17:30 – 9:30 (ھەپتە ئىچى ۋە شەنبە كۈنى پۈتۈن كۈن، يەكشەنبە كۈنى ئارام. ئەسكەرتىش: بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئىشخانىدا مۇقىم ئولتۇرۇپ يېرىم كۈن ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، يېرىم كۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات لايىھەسىدە ئىشلەيدۇ.)

5) ئوقۇش تارىخى: ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىلمىي ماقالە يېزىش باسقۇچىدا بولغان ئوقۇغۇچى بولۇشى

6) تىل سەۋىيەسى: ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىنى ياخشى بىلىدىغان بولۇشى

7) دۆلەت تەۋەلىكى: تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ياكى باشقا بىر غەرب دۆلىتى پۇقراسى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالدىن تاللىنىدۇ (ئەسكەرتىش: قولدا چىن پاسپورتى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىتىن ئۆتكۈزىلىدۇ.)

يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان بارلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاپ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە كۈنىگىچە بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك.

كېرەكلىك ماتېرىياللار: 
1. «تەۋپىق ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى: Tevfik Bursu Başvuru Formu
2. ئىلمىي ماقالە يېزىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Tez Başlama Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە)
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش – تەتقىقات نىشانى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۇيغۇرچە تەۋسىيە خېتى بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر قابىلىيىتى كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ياكى باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)

ئىلتىماس ۋاقتى: 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبەگىچە

يۇقارىقى كېرەكلىك ماتىرىياللىرىنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرغان ۋە مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە خەۋەر بېرىلىدۇ.

يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ۋاقتى: 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شەنبە

نەتىجە ئىلان ۋاقتى:  2017-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى يەكشەنبە

لايىھەدە ئىشقا باشلاش ۋاقتى: 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى دۈشەنبە سائەت 09:30

ئەسكەرتىش: بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىغا قارىتا لايىھە بەلگىلىمىسى بويىچە قەرەللىك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: uyghuracademy@gmail.com
ئالاقە يانفۇنى: 05306677851

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى

بۇ يازما 243 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076
ئۈستىگە قايتىش