ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بۆرىنىڭ توققۇز خىسلىتى

بۆرىنىڭ توققۇز خىسلىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

بۆرە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى تۇتىم قىلغان بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇ ئەقللىق، جەسۇر، كوللىكتىپلىق روھى كۈچلۈك، تەدبىرلىك ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ سېمىۋۇلى.   بۆرىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا-ئەركىنلىك ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۆرىلەر ئۆز تۇپىغا ئىنتايىن سادىق بولۇپ، ئۆز توپىدىكىلەردىن ھەرقانداق زۇلۇم كۆرسىمۇ، توپتىن ئايرىلمايدۇ ۋە توپقا خائىنلىق قىلمايدۇ ۋە توپتا ئۆلىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ۋەھشىي ھايۋاننى ئۆزلىرىنىڭ نەسلى، ئەجدادى، قوغدىغۇچى ئىلاھى، ھەتتا جەڭ ئىلاھى دەپ قاراپ ئىلاھلاشتۇرغان.

تۆۋەندە بۆرىنىڭ 9 خىسلىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

1. پۇرسەت كۈتۇش: بۆرە ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ.

2. ئۆملۈك: بۆرە ئۆزىدىن كۈچلۇك دۇشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا، چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

3. ئۆزىنى بىلىش: بۆرىنىڭ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار، ئالۋەتتە. لېكىن بۆرە ئۆزىنىڭ بەرىبىر شىر ئەمەس، بۆرە ئىكەنلىكىنى ئېسىدە ساقلايدۇ.

4. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۇش: بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ.

5. تەڭ ئىلگىرلەپ، تەڭ چىكىنىش: بۆرە گەرچە تەنھا يۇرىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق، بۆرە يارىلانغان سەپدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ.

6. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش: بۆرە ھەر قانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەر قىتىملىق ھۇجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشۈنىشكە تىرىشىدۇ، رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ. شۇڭا، بۆرە ئۆز ھەرىكىتىدە ئاساسەن غەلبە قىلىدۇ.

7. كۆيۇمچانلىق: ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۆرە كۈچىكى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغۇچە ئانا – بالىنى قوغدايدۇ.

8. مۇستەقىل ياشاش: بۆرە بالىسى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش يىشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ. چۈنكى، بۆرىنىڭ پەلسەپەسى «بۆرە بول، بولمىسا قوي بول» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

9. ئەركىنلىكنى سۆيۇش: بۆرە ئەركىن، تەنھا يۈرۈپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى، بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭلاتمايدۇ.

بۇ يازما 113 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش