ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » چىڭگىزخان داموللام

چىڭگىزخان داموللام

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 يىللىرىدا ئۇيغۇر ئىلىدە ئىلمىي ئاقارتىش ئىشلىرىدا، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە داڭق چىقارغان كىشى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامدۇر.

ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللام، 1906 ـ يىلى (1912- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ) بۈگۈر ناھىيىسىڭ يېڭىسار كەنتىدە ئاشۇر داموللا ھاجىم دېگەن دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئاتىسى ئاشۇر داموللام يېتىشكەن دىنى ئالىم بولۇپ، ئەينى زاماندا بۈگۈرنىڭ قازىسى ئىدى. چىڭگىزخان داموللام باشلانغۇچ دىنى ساۋادىنى ئالدى بىلەن بۈگۈردە ئاتىسىدىن ئالغاندىن كېيىن، كۇچاردا بىرمەزگىل ئوقۇغان.چىڭگىزخان داموللام كوچاردىكى ئىلىمگە قانائەت قىلماي مول ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستاندا، بولۇپمۇ مىسىرغا بېرىپ ئەزھەردە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئاتىسى ئاشۇر داموللامنىڭ ماقللۇقىنى ئېلىپ، ئىلىم يولىدا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ كاشغەرگە كېلىپ، كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە بىر مەزگىل ئوقۇيدۇ ۋە كاشغەرنىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرى بىلەن تونۇشىدۇ. 1925 ـ يىلى ھىندىستانغا كېلىپ ئاسىيا بويىچە ئەڭ داڭلىق مەدرىسە -دىيۇبەند مەدرىسىسىدە بىر يېرىم يىل ئوقۇيدۇ.

 

چىڭگىزخان داموللام ھىندىستاندا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ھىندىستاندا پەيدا بولغان قادىيانى پىرقىسىگە رەددىيە بېرىپ فارس تىلىدا «تىغ تۇركانى» ناملىق قەسىدە يازىدۇ. بۇ كىتاب 1935 ـ يىلى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ كىتابتىن ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئۆلىمالىرى كۆپ پايدىلىنىدۇ.

چىڭگىزخان داموللامنى كاشغەردىن ھىندىستانغا ئەمەس، نەنجىنگە بېرىپ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە بىر مەزگىل سىياسىي ئىلىملەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، نەنجىڭدىن ھىندىستاغا بارغان دېگەن رىۋايەتمۇ بار.

چىڭگىزخان داموللام 1926 ـ يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، پاراخۇت بىلەن قاھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپ 21 كۈندە مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ.

سەپەر شەرقتىن غەربكە كېتىپ باراتتى. پاراخۇتتىكى ھىندىستانلىق، بىنگاللىق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىق ساۋاقداشلار ۋە سەپەرداشلار ئىچىدە چىڭگىزخان داموللام ئەڭ ئالىم كىشى ھېسابلىناتتى، شۇڭا نامازغا چىڭگىزخان داموللام ئىماملىق قىلاتتى. چىڭگىزخان داموللام جۇغراپىيەنى پىششىق بىلگەچ، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلكۈچە نامازنى غەرەب تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ، پاراخۇت ئەرەب دېڭىزىغا يېقىنلاشقانسېرى داموللام نامازنى شىمال تەرەپكە ئاغدۇرۇپ، ئاستا ـ ئاستا پۈتۈنلەي شىمالغا قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. بۇنىڭغا جامائەت نارازى بولۇپ، داموللامغا مالامەت قىلىشىدۇ. داموللام جامائەتكە قىبلىنىڭ غەربتە ئەمەس، مەككىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا غەربتىكى مۇسۇلمانلار شەرققە، جەنۇبتىكىلەر شىمالغا، شىمالدىكىلە جەنۇبقا قاراپ ناماز ئوقۇشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرسىمۇ، ئۇلار چۈشەنمەيدۇ ھەم چىڭگىزخان داموللامنى مەسخىرە قىلىپ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئۇقۇمايدۇ. داموللام نامازنى يالغۇز ئوقۇيدۇ. پاراخۇت جىددىگە كەلگەندە چىڭگىزخان داموللام نامازنى پۈتۈنلەي شەرق تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ. داموللامنىڭ بۇ قېلىقىنى كۆرگەن جامائەت ئۇنى ساراڭ بوپقەپتۇ دەپ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرىشىدۇ. پاراخۇت جىددىدىن ئۆتكەندىن كېيىن داموللام نامازنى شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئادا قىلىدۇ. بۇ نى كۆرگەن جامائەت تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاراخۇت سوۋەيش پورتىغا پىشىن ۋاقتىدا يېتىپ كېلىدۇ. پاراخۇتتىكىلەر ناماز ئوقۇشقا سۇۋەيش پورتىنىڭ مەسجىدىگە يېتىپ كېلىدۇ. جامائەت مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن قىبلىنىڭ شەرقىي جەنۇپقا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشىدىن قاتتىق خىجىل بولىشىدۇ. چۈنكى ھىندىستاندىن كەلگەن جامائەت ئۇنىڭغا ئىنكار قىلالمايتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن داموللامغا يولدا قىلغان يولسىزلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىشىپ، داموللامغا بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ بەك ھۆرمەت قىلىشىدۇ. سۇۋەيشتىن قاھىرىگە كەلگۈچە داموللام نېمە دېسە شۇنى قىلىپ كېلىدۇ.

بۇ ۋەقەنى چىڭگىزخان داموللام 1946 ـ يىلى 3 ـ-ئاينىڭ- 7 ـ كۈنى كاشغەر خانلىق مەدرىسىدىكى تالىپلارغا ئۆز ئاغزى بىلەن ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام قاھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927 ـ يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىڭ ئىلىم يۇرتى -ئەل ئەزھەر ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئىسلام تارىخى ساھەسى بويىچە 1934 ـ يىلى ئەل ئەزھەر ئالى ئىلىم يۇرتىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. چىڭگىزخان داموللام ئەل ئەزھە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرىنچى فۇئاد ئونىۋېرسىتېتىدە (بۈگۈنكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى) ئۇقۇپ پۈتتۈرۈپ، ئارقىدىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇقۇتقۇچى بولىدۇ. 1939 ـ يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام بۇ مەزگىللەردە «شىنجاڭ ئاسىيانىڭ قەلبى»، «سەۋتۇل ۋىجدان» قاتارلىق نەزمى ۋە نەسرى ئەسەرلەرنى يازىدۇ ھەمدە ئەينى زاماندىكى مىسىرنىڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن ساۋى شەئلان دېگەن كىشى بىلەن يېقىن دوس بولۇپ ئۆتىدۇ. ساۋى شەئلان چىڭگىزخان داموللامنىڭ «شىنجاڭ ئەل خالىدە» دېگەن كىتابىنىڭ قول يازمىسىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇكىتابنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە بەك قىممەتلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام ھەققىدە ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا يالقۇن روزى ۋە شېرىپ خۇشتارلار تەرىپىدىن يېزىلغان تەرجىمىھاللاردا بىردەك چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسى بويىچە ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېت –ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن، دىنىي ئالىملارنىڭ خەلقئارالىق مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ، مۇنازىرىدە ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقى ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھى فارۇق ئۇنى «سەن ئىلىم دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان چىڭگىزخان ئىكەنسەن» دەپ ئالاھىدە ماختىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ «چىڭگىزخان» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان، دېيىلگەن بولسىمۇ بۇ ھەقتە دەلىل بولغۇدەك يازما مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز ھەمدە ئەينى زاماندا چىڭگىزخان داموللام بىلەن مىسىردا بىللە ئوقۇپ، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مەرھۇم ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ 1988 ـ يىلى يازدا ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا ئېيتىپ بېرىشىچە، چىڭگىزخان داموللام «چىڭگىزخان» دېگەن ئىسىمنى ئۆزى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان ئىكەن. مەرھۇم ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، چىڭگىزخان داموللام مىسىردا ئوقۇۋاتقان يىللاردا بىللە ئوقۇغان تونگانلار بىلەنمۇ گېزىت يۈزىدە ئىلمىي مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ تۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا يازغان ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرى بىلەن داڭق چىققان ئىكەن.

چىڭگىزخان داموللام مىسىردىكى كۈنلىرىدىن بىر كۈنىدە «تەپسىرى تەنتاۋى» ناملىق 27 جىلدىلىق تەپسىر يازغان تەپسىرشۇناس ۋە پەيلاسۇپ تەنتاۋى جەۋھەرى بىلەن قاھىرىنىڭ بىر كوچىسىدا ئوچرىشىپ قالىدۇ. تەنتاۋى جەۋھەرى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىگە بولغان ھەيرانلىقىنى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە يازىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام دىنى مەدرىسىدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئالىم بولسىمۇ، دىندارلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئوخشاش كۆرەتتى ۋە بۇھەقتە ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىڭ ئەرەبچە كىتابىنىڭ مۇقەدىىمىسىدە ئېنىق قىلىپ «ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەبەدى بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشتۇرىدىغان نۇرغۇن مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلەر بار، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىككى مەجبۇرىيەت بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دىنىي مەجبۇرىيەت بولسا، يەنە بىرى ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر» دەيدۇ. بۇ ئىككى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش يولىدا، دىنى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقسا، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئىلى ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭنىڭ تارىخىنى يازماقچى بولغان مۇئەللىپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇراجىئەت مەنبىئى بولۇپ كەلمەكتە.

چىڭگىزخان داموللام «ئۇيغۇر ئىلى ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابىنى يېزىش سەۋىبى ھەققىدە توختىلىپ:

«مەن ئەقلىمگە كەلگەن كۈندىن بۇيان كۈچلۈك ئىمانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بو يولدا ۋەتەنگە خىزمەت قىلىشنى ئەينى زاماندا دىنغىمۇ خىزمەت قىلغانلىق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايتتىم. بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنياغا پەيدا بولغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئەرەب تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان چوڭ ئىككى توملۇق تارىخ يېزىپ ئىسمىنى «ئۇيغۇر ئەل خالىدە» دەپ ئاتىدىم. بۇنىڭ بىلەن دىنغا ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلىپ، ئاللاھنى ۋە ئۇممەتنى رازى قىلدىم، دەپ قارىدىم. بۇ كىتابىمنى تۇلۇق نەشىر قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمىدى. بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدە مىسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تارىخىنى قىسقىچە، ئەمما توغرا بايان قىلىدىغان بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم، تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئەل خالىدە» ناملىق كىتابىمغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن» دەپ يازىدۇ. مەزكۇر «ئۇيغۇر ئىلى ئاسىينىڭ قەلبى» ناملىق بۇ كىتاب 1 ـ قېتىم 1945 ـ يىلى قاھىرىدە، 2 ـ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇسساتتار مەۋلىۋىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1986 ـ يىلى پاكىستاندا چىڭگىزخان داموللامنىڭ «سەۋتۇل ۋىجدان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن قوشۇپ قايتا نەشىر قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ۋەتەننى كۆيلەپ يازغان ئەرەبچە شېئىرلىرى «سەۋتۇل ۋىجدان» دېگەن نامدا 1 ـ قېتىم 1944 ـ يىلى قاھىرىدە، 1984 ـ يىلى 2 ـ قېتىم پاكىستاندا قاھىرە نۇسخىسى فاكسېمىل قىلىنپ 500 نۇسخا نەشىر قىلىنىدۇ.

چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئۇيغۇرچە يازغان «ئۇيغۇر سەرپى» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى) ناملىق ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا بىغىشلاپ يازغان كىتابى 1939 ـ يىلى قاھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام بىر تۇغقانلىرى مۇتىئۇللاھ مەخسۇم ۋە ئاي مەخسۇملارنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئارقا ـ ئارقىدىن يازغان تەكلىپ خېتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن 1945 ـ يلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.

چىڭگىزخان داموللامنى مىسىردىن ئۈرۈمچگە ئۇدۇل كەلمەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كەلگەن ۋە ئەرەبىستاندا مەھمۇد سىجاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، مەھمۇد سىجاڭ بىلەن بىرگە ياپونىيەگە بېرىپ، ياپونىيەدىن بېيجىڭگە كەلگەن ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇغان، مەھمۇد سىجاڭ ۋاپات بولغاندا مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چىڭگىزخان داموللام ئۆزى چۈشۈرگەن ۋە ئۆز قولى بىلەن يەرلىكىدە قويۇپ، ئۆزى دەپنە قىلغان، بىر مەزگىل مىسىرنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەپ 1947 ـ يىلى 1 ـ ئايدا ئۈرۇمچىگە قايتىپ كەلگەن دېگەن رىۋايەت بولسىمۇ، بۇ 1946 ـ يىلى 3 ـ ئايدا كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە تالىپلارغا لېكسىيە سۆزلەپ بەرگەن دېگەن ۋەقەگە توغرا كەلمەيدۇ.

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا ئەپەندىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئەينى زاماندىكى مىللەتچىلەرنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئەرك» گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە ماقالە يازغان ھەمدە ئۇرۇمچى دارىل مۇئەللىمىندە ئىسلام تارىخى ۋە دىنى دەرس بەرگەن.

1946 ـ يىلى باھاردا پۈتۈن ۋىلايەتلەردىكى مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت بولۇپ، خوتەن، ياركەن، كاشغەر، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىنى 63 كۈندە ئايلىنىپ چىقىدۇ.

1949-يىلى 9- ئايدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا ئەپەندىلەر بىلەن چەتئەلگە يولغا چىقىپ، بۇلاردىن بىر قىسمى چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، چڭگىزخان داموللام قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئۆتەلمەي كوكارتتىن قايتىپ كەلگەن.چىڭگىزخان داموللام ۋەتەندە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ قايتىپ كەتكەن دېگەن قاراشمۇ بار.

چىڭگىزخان داموللام 1950 – يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1952-يىلى 2 ـ-ئاينىڭ -25 ـ كۈنى مەسلەكداشلىرىدىن قۇربان قوداي قاتارلىق بىر بۆلۈك زىيالىلار بىلەن بىر قاتاردا ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

چىڭگىزخان داموللام ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ دىنى ۋە پەننى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ يولدا ئۈرۈمچى دارىل مۇئەللىمىندە دىن دەرسى ۋە ئىسلام تارىخىدىن دەرس ئۆتكەننىڭ سىرتىدا نامازدا ئىمام بولاتتى، جامائەتكە دىنى ۋە ئەخلاقىي دەرس سۆزلەيتتى.

چىڭگىزخان داموللام ئۇيغۇر ئىلىدە يېتىشكەن ئالىملاردىن باتىل ئېقىم ۋە يات مەزھەبلەرگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. بۇ ھەقتە فارسچە «تىغ تۇركانى» ناملىق قەسىدىسىنى يېزىپ قادىيانى پىرقىسىگە رەددىيە بەردى.

چىڭگىزخان داموللام بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەب تىلىنى مىسىرلىق ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر سەييىد قۇتۇبتەك بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئانا تىلى – ئۇيغۇر تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھەقتە ئۈچ پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، بۇنىڭدىن «ئۇيغۇر سەرپى» ناملىق كىتابىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، باشقا كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. چىڭگىزخان داموللام «ئۇيغۇر سەرپى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ:

«ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مىللى مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلى مەۋجۇت بولۇشى لازىم. بىز ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەبەدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز، دەيدىكەنمىز، ئۆزتىلىمىزنى پىششىق بىلىشىمىز ۋە يات تىللارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىشىمىز لازىم.» چىڭگىزخان داموللام پەقەت تىلغىلا ئەمەس، ئۆز ئەجدادىنىڭ تارىخىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ۋە ئۇنى پىششىق ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى ئەرەب خەلقىگە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر كىتاب ئەرەب خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ بىرىنچى قول پايدىلىنىش مەنبىئى بولۇپ كەلمەكتە. چىڭگىزخان داموللام دىنغا، تارىخقا ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بەرگەننىڭ سىرتىدا ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەدەبىيات ئارقىلىق كىشىلەردە مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋىجدان تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايتتى.

چىڭگىزخان داموللام ئەرەب تىلىدا تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنى (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى) يېزىپ چىققاننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىلىدا ۋەتەننى كۆيلەپ نۇرغۇنلىغان شېئىر، قەسىدە ۋە رۇبائىيلەرنى يازىدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت «سەۋتۇل ۋىجدان» ناملىق قەسىدە ۋە رۇبائىيلىرىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغانلىرى ئىز ـ دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا، ئۇيغۇر تىلىدا شىنجفڭ تارىخى ھەققىدە «ئەركىن شىنجاڭ»، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جۇغراپىيىسى ھەققىدە، «ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىلى» قاتارلىق نەسرى ئەسەرلەرنى، «گۈزەل ئۇيغۇر ئىلى» ناملىق ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنى، «تۈركچە تەجۋىد»، «ئۇيغۇر سەرپى» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى)، «ئۇيغۇر نەھۋى» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسى)، «ئەل ئىسلام فىي ئۇيغۇر ئىلى» (ئۇيغۇر ئىلى ئىسلامىيەت)، «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى»، «ئۇيغۇر ئىلى ئەل خالىدە»، «ئۇيغۇر ئىلى قەلبى ئاسىيا»، «سەۋتۇل ۋىجدان» قاتارلىق ئەدەبىيات تارىخى، تارىخ، جۇغراپىيە، شېئىر، گىرامماتىكىغا ئائىت 12 پارچە كىتاب يېزىپ ۋەتەنگە بولغان ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت مىللىي بورچىنى ئادا قىلغان بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىي سادىق ۋە ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. «تىغ تۈركانى» ناملىق فارسچە قەسىدىسىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان باتىل ئېقىمدىكىلەرگە بولغان غەزەب ـ نەپرىتىنى بىلدۈرگەن.

چىڭگىزخان داموللامنىڭ قان ـ تەر سەرىپ قىلىپ يازغان 13 پارچە كىتابىدىن «ئۇيغۇر ئىلى ئاسىيانىڭ قەلبى»، «سەۋتۇل ۋىجدان»، «ئۇيغۇر سەرپى» ۋە «تىغ تۈركانى» قاتارلىق تۆت پارچە كىتابىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغان كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەستىن يوقاپ كەتكەن.
مەنبەلەر:

رەھمىتۇللاھ رەھمىتى: «ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان» (ئەرەبچە).

مۇھەممەد قاسىم ئەمىن: «ئەل ئەئلام» «چىڭگىزخان» ماددىسى، ئەرەبچە نەشىر قىلىنمىغان نۇسخا.

مىرەھمەت سىت، يالقۇن روزى: «مەمتىلى ئەپەندى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئۈرۈمچى.

شېرىپ نىياز خۇشتار: «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 ـ يىل ئۈرۈمچى.

ھاجى ياقۇپ ئانات: «ھاياتىم ۋە مۇجادىلەم» 2003 _ يىل ئەنقەرە.

مەنبە -يۇلغۇن ئسلام مۇنبرى

بۇ يازما 169 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش