ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » چاغاتاي دەۋرىدىكى داڭلىق ئۇيغۇرلار

چاغاتاي دەۋرىدىكى داڭلىق ئۇيغۇرلار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

چىڭگىزھان ئىستىلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزھاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 – 1242 – يىللار) ئوزىگە تەقسىم قىلىنغان زەمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھوكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن ”چاغاتاي دەۋرى“ دەپ ئاتىدى.

چاغاتاينىڭ پايتەھتى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پەداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 – 1128 – يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوھتۇرى، تالانتلىق ما’ئارىپچى ۋە يەزا ئىگىلىك ئىنزجەنەرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.

ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كورسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇھارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم – پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – ما’ئارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.

مەسئۇتبەگ نايامان – كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋەتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى ”مەدرىسە’ئى ساجى’ئە“ نىڭ ھارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 – يىلى ”مەسئۇدىيە“ ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يەنىدا ”سا’ئادەت“ ناملىق داڭلىق كۇتۇپھانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ما’ئارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ”سانى بۇھارا“ (ئىككىنچى بۇھارا) دەگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.

مەسئۇتبەگ 1254 – يىلىدىن 1289 – يىللارغىچە ئوزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەھسەن ئوزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يەقىن دوستى – مەشھۇر ئالىم جامال قەرشى (1230 – يىلى تۇغۇلغان، ”سۇرراھ“ ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) ”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفەسسورى) ئىدى. ئۇ، ”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ:

”… بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كەلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتەل، سوقرات، ھارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى… تتقىق قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ“ (”ساياھەت ھاتىرىسى“ – جامال قەرشى، 1273 – 1274 – يىللار).

”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادەمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفەسسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى ھەلپەت ئۇنۋانى بەرىلەتتى.

”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا ھانبالىقتا ھوكۇمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزھاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 – 1294 – يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى ھادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئوتۇش زورۇركى، بۇيۇك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پەداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزھاننىڭ ھەممە ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئوزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئەلىنىڭ تايانھان (كۇنھان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كەيىن چىڭگىزھان ئىمپەرىيىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزھان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئوز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئەلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قا’ئىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يەزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يەزىق كەيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يەزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يەزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرھۇن ئەلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن.

تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى ھەلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كەيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپەرىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھوكۇمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى.

مەشھۇر ئەرەب تارىھچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 – 1450 – يىللار) مۇنداق يازىدۇ: “ … بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق – پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ھورمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن“ (كىرىپورت، ”ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى“ 56 – بەت).

كەيىنكى تارىھچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ ”چاغاتاي تىلى“ دەپ ئاتىدى.

”قۇتادغۇبىلىك“ – قاراھانىلار ”ھاقانىيە تىلى“ ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، ھوجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 – يىلى يەزىلغان ”دىۋان ھەكىمەت“ ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 – يىلى يەزىلغان ”ئەۋلىيالار قىسسەسى“ ناملىق رومان ”چاغاتاي تىلى“ ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئويمۇ ئوي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن – كۇنگە مۇستەھكەملەندى.

چاغاتاي ما’ئارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كەيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئوز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىھتىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق ھەلق بولۇپ كەلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كورسەتتى.

پروفەسسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى.“

بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زەمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايھان تەسىس قىلغان يۇئەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايھاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كوپ تىل، جۇملىدىن گرەك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە ھىرىستى’ئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئومەر، باش ئادوۋكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تومۇر بىلەن كوك تومۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوھتۇر يەھيا، يەزا ئىگىلىك ئالىمى تومۇر تۇۋرۇك، ”جۇرجىن تارىھى“ ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىھچى سارابان، ”سۇڭ سۇلالىسى تارىھى“ نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كوپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كورسىتىپ ئوتۇش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تومۇر تۇۋرۇك يازغان ”زىرا’ئەت ئوسۇملۇكلىرىنى يەتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى“ ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يەقىنقى چاغلارغىچە ئەلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى.

چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوھتۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوھتۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە ھانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كەسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ئە مال دوھتۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يەتىشتۇرگەن. بۇ دوھتۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ھۇئاڭھە ۋادىسىغىچە ئات ئۇستىدە يۇرۇپ بىمالال ۋاراچلىق ۋە تەڭقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئەلىمىزنىڭ مەدىتسىنا كىتابى – مەشھۇر ”نەيجىڭ“ ناملىق كلاسسىك قامۇستا يەزىلغان توۋەندىكى پاكىتلارنى كورسىتىپ ئوتۇشكە بولىدۇ:

”غەربىي رايون – ئالتۇن ۋە قاشتەشى ماكانى، ئۇ يەردىكى ھەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياھشى، گوش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تا’ئاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كەسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ.“

”ئۇيغۇرلار ئۇزۇم، بەدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چەچىكى قاتارلىق ئوسۇملۇك ۋە گىياھلاردىن ياھشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش ھۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبى’ئىتى موتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۇزۇم پەي بىلەن سوڭەككە قۇۋۋەت بەرىدىكەن.“

يەنە ”جۇگىڭلۇ“ ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايھاننىڭ باش دوھتۇرى يەھيانىڭ ئەچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇئەن ئولكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كەسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 – تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يەزىلغان:

رىن زىجاۋ دەگەن كىشى ئەيتىدۇ: ”ئويگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بەشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە – پەرياد ئىچىدە يەتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تەۋىپ كەلىپ، يەنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يەرىپ، بىر كىچىك قۇرت ئەلىۋەتتى. ھەلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئوتمەي ئولۇپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى.“

يەنە شياشۇسۇ دەگەن كىشى ئەيتىدۇ: ”پىڭچياڭ ئەگمىسى يەنىدا بىر كىشىنىڭ ئەتى قورسىقى كوپۇپ يەتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوھتۇر كەلدى – دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نەمىنى كەسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى…“

يۇئەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىھىي پاكىتلار نەقىل كەلتۇرۇلگەن:

… ئىچكىرىگە كەلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تەۋىپلىرىمۇ كوپ ئىدى. ئۇلار بەيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىھانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىھانىلاردا سەرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش ھۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۇنلىرى دورىھانىلاردا قىمىزمۇ سەتىلاتتى. قىمىز بولسا قەرىلىقنى كەتكۇزۇپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئوپكە بىلەن يۇرەكنى ياشارتىش ھۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.

يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ما’ئارىپىنىڭ ئەينى زامان شارا’ئىتىدا ئىھتىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يەتىشتۇرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي ما’ئارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى ”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىنىڭ كەيىنكى ئەۋلادلار ئۇچۇن يەتكۇزگەن مىراس مەۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوگىنىپ كورىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كوز ئالدىمىزدا تەھىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ.

بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئوتكىنىمىزدەك تۇرلۇك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار ”مەسئۇدىيە“ بىلىم يۇرتىغا كەلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى ھۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۇرلۇك شەھەر – يەزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كەلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شا’ئىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۇرلۇك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۇتۇن ئومرىنى ما’ئارىپ ئۇچۇن بەغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سە’ئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سە’ئىد قەشقەرى ھۇراساندا ئومرىنىڭ ئاھىرىغىچە ئىشلەپ، كوپ ئالىملارنى يەتىشتۇرگەن. مەشھۇر پارس شا’ئىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 – 1492) مۇ سە’ئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.

چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاھىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ما’ئارىپى ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كورسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 – 1465 – يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 – 1501 – يىللار) ما’ئارىپ تارىھىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق ما’ئارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ”پاساھەتلىك ئەدىپ“ ھەم ”ئەزىز، تەۋەرۇك زات“ دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھورمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى ”مەلىكۇل كالام“ (سوز پادىشاھى) ۋە ”تەۋەرۇك ئۇستاز“ دەپ مەدھىيلىگەن.

لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بەرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لەكسىيە سوزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئوتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كەلىدىغان ”گۇل ۋە نورۇز“ ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شە’ئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستەمىسىدىكى ھەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شوھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ھەققىدە يەزىلغان ”زەپەرنامە“ ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

ئاتاقلىق شا’ئىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر ما’ئارىپى ۋە شە’ئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى – 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كوپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شە’ئىر تەكستلىرىگە سەلىنغان.

ناۋايىنىڭ تاللانغان شە’ئىرلار توپلىمى – ”ناۋايى“ ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ ”ھەمىسە ناۋايى“ ھەم ”چاھار دىۋان“ قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شە’ئىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم – مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۇيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى ھەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى.

ئەلىشىر ناۋايى ئوزىنىڭ ”مەھبۇبۇل قۇلۇپ“ ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر – مەھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ:

”ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئوزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۇرۇشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئەرىگەن قوغۇشۇنغا ئوھشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۇزەشتە، ئەدەب ئوگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چەكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كوپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كەيىن پادىشاھ، شەيھۇلئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى ھوپ. چۇنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ…“

ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،

ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە.

(ساڭا بىر ھەرپ ئوگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۇز تىللا بەرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى ”مەھبۇبۇل قۇلۇپ“ 113 – بەت)

ناۋايى ئىلىم – مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دەگەنىدى:

ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى،

ئورگۇنۇرگە جىد – جەھىد ئوتكەن جاھان ئەللامىسى.

ناۋايى ھەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

يۇز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم،

ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دەداكتىك مەزمۇنىدىكى ھەكىمەتلىك شە’ئىرلىرى ئىنتايىن كوپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن:

# توقلۇق ھىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل،

ئوزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.

# لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر.

كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر.

# چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كويدى،

ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كويدى.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 ھىل لىرىك زجانىردىن تەركىب تاپقان ”ھازانى’ئۇل مە’ئانى“ (مەنىلەر ھەزىنىسى) ناملىق شە’ئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شە’ئىرنى ئوز ئىچىگە ئالغان توت چوڭ دىۋان (”چاھار دىۋان“) دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقانى ”ھەمىسە ناۋايى“ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمئائىي ئەھلاق ۋە تەلىم – تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.

چىڭگىزھان ئىستەلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزھاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 – 1242 – يىللار) ئوزىگە تەقسىم قىلىنغان زەمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي ئولۇسى ھوكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىھچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن ”چاغاتاي دەۋرى“ دەپ ئاتىدى.

چاغاتاينىڭ پايتەھتى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پەداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 – 1128 – يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوھتۇرى، تالانتلىق ما’ئارىپچى ۋە يەزا ئىگىلىك ئىنزجەنەرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.

ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كورسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ما’ئارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۇللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى. بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇھارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم – پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – ما’ئارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.

توقلۇق ھىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل،

ئوزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.

لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر.

كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر.

چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كويدى،

ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كويدى.

ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 ھىل لىرىك زجانىردىن تەركىب تاپقان ”ھازانى’ئۇل مە’ئانى“ (مەنىلەر ھەزىنىسى) ناملىق شە’ئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شە’ئىرنى ئوز ئىچىگە ئالغان توت چوڭ دىۋان (”چاھار دىۋان“) دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقانى ”ھەمىسە ناۋايى“ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمئائىي ئەھلاق ۋە تەلىم – تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى.
مەنبە: ئاچقۇچ تورى

بۇ يازما 317 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش