ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئىتالىيە ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا – فىلىپپو دې فىلىپپى (1)

ئىتالىيە ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا – فىلىپپو دې فىلىپپى (1)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئىلاۋە: بۇ ساياھەت خاتېرىلىرى 1914-1913 يىللىرى لاداخ يولى ئارقىلىق تىبەت رىمۇ مۇزلۇقلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلغان ئىتالىيەلىك دوختۇر، زوئولوگ، ۋە ئېكىسپېدىتسىيىچى فىلىپپو دې فىلىپپى ئەپەندىنىڭ 1924-يىلى ئىتالىيىنىڭ فىرېنزې (فىلورېنسىيە) شەھىرىدە نەشىر قىلدۇرغان « ئىتالىيە ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيىسى ھىمالايا، قاراقۇرۇم ۋە چىنى تۈركىستاندا» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىنغان.

كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

قاراقۇرۇم، سۆگەت ۋە كۆكئارت كېچىكلىرى

يۇقىرىقى ياركەند (يەكەن) جىلغىسى ياكى رەسكەم دەريا

ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى دېپساڭدىكى ئاساسىي لاگېردا قايتا ئۇچراشتى- ياۋروپادىكى ئۇرۇشنىڭ تۇنجى خەۋىرى كەلدى-ئالېسسىئو،ئانتىللى ۋە ئالېسساندرى ئىتالىيەگە قايتتى-ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى دېپساڭدىن يولغا چىقتى-قاراقۇرۇم ئۆتىڭى-ئەترەت يېڭىدىن بۆلۈندى-سۆگەت داۋان-سۆگەت قاۋاۋۇلدا توختاش-دائىنېللى ۋە مارىنېللىنىڭ يولغا چىقىشى-قىرغىزلار ئارىسىدا-كۆكئارت داۋان-قىرغىز جاڭگال ۋە كانجۇنتى باندىتلىرى-راسكەم دەريا جىلغىسى – بازار دارا-سۈركوۋات ۋە ئاغىل تىزمىلىرى-ئۆتكىلى بولمايدىغان راسكەم ،ئوپراڭ سەپىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى.

ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، 13-ئاۋغۇست كۈنى رىمۇ مۇزلۇقىنى تەكشۈرۈشكە كەتكەن ئەترەت دېپساڭ ئېگىزلىكىدىكى ئاساسىي لاگېرىمىزغا، يەنى بىر قانچە كۈن بۇرۇن دائىنېللى-مارىنېللى ۋە ۋۇد-سپرانگېر كارۋانلىرى چۈشكەن جايغا ئورۇنلاشتى.شۇنداق قىلىپ، ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىمىزمۇ بىرقانچە ھەپتىلىك مۇستەقىل مەشغۇلاتتىن كېيىن قايتا ئۇچراشتى.

                       سۈرەتتە: قىرغىز مالچى

بىز دەرھال دېپساڭدىن ئايرىلىش ۋە بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىپ تۇرغان شۇ تاغ تىزمىلىرىدىن ئېشىپ ئۆتۈش سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىقىنى باشلىۋەتتۇق.بىرقانچە ھەپتە بۇرۇن راسۇل گالۋان ئۇ جايدىكى ۋە قاراقۇرۇمدىكى قىرغىزلاردىن بىر سەپەر كارۋىنى راسلاش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ 20-چىسلا قايتىپ كېلىشىنى كۈتەتتۇق. ئاڭغىچە بىزمۇ بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت خەۋىرى كەلمەيۋاتقان پوچتىكەشىمىزدىن غەم يېمەستىن، قىلىدىغان مەشغۇلاتلىرىمىزنى پىلانلاش ۋە ئوتتۇرىمىزدىكى ئىش تەقسىماتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بەند بولدۇق.

تاغ ئارىسىدىكى بىپايان زىمىندا شۇ ياز بويى قۇترىغان ناچار ھاۋا ،كارۋاننىڭ قاراقۇرۇم يوللىرىدىن ئۆتىشىنى ناھايىتى تەسلەشتۈرۈپ قويغانىدى. يامغۇر تۈپەيلى تېشىپ كەتكەن ھىندۇ دەرياسى لې ئەتراپىدىكى كۆۋرۈكلەرنى ئېلىپ كەتكەن، شەيخ جىلغىسى ۋە مۇرگو ئارىسىدىكى كېچىك تاشقىن تۈپەيلى ئۇزاققىچە يېقىن كەلگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان،شەيخ جىلغىسى ئەتراپىدىكى جۇرغۇلۇققا يېقىن يوللارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى تاغ غۇلاش تۈپەيلى توسۇلۇپ،ھەتتا پىيادە ئۆتكىلىمۇ بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. پوچتا ئاتلىرىمىز شۇ جايدىن تاكى ساسسىرغىچە قايتىشقا، ئاندىن قەدىمقى نۇبرا يولى ۋە كاردوڭ ئۆتەڭلىرى ئارقىلىق لېغا كېلشكە مەجبۇر بولدى.

ئاخىرى 16-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن،مەشغۇلاتلىرىمىزنى توختىتىپ بىر پىيالىدىن چاي ئىچەيلى دەپ تۇرغىنىمىزدا، 4 ئاتلىق ۋە 5 ياۋروپاچە پوچتا ھارۋىسى يېتىپ كەلدى. خەت-چەك ۋە ژورناللارنى تارقىتىۋاتقىنىمىزدا،چېدىرىمىز بەئەينى بىر كىچىك پوچتىخانىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ۋۇد ئەپەندى ئىككىمىز خەتلىرىمىزنى بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئېچىپتىمىز. ئۇنىڭغا ھىندىستان ترىگونومېتىرىيە ئىدارىسىدىن لېغا ئەۋەتىلگەن بىر تېلىگرامما، ماڭا بولسا لېدا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە پۇقراسى كاپىتان گابرىئېلدىن ئىككىلىك خەت كەلگەن ئىدى. ئىككى خەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى: « ئاۋسترىيە سېربىيەگە، روسىيە ئاۋسترىيەگە،گېرمانىيە فىرانسىيە ۋە روسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.ئەنگىلىيە ۋە ئىتالىيە تېخى تەرەپ تۇتمىدى».

ھەر ئىككى پارچە خەت 4-ئاۋغۇستتا، ئەنگىلىيە ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلىشتىن بىرقانچە سائەت ئاۋۋال ئەۋەتىلگەن ئىدى.ھەر ئىككىمىز بىر ۋاققىچە بۇ شۇم خەۋەردىن داڭ قېتىپ قالغان ئىدۇق. بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى چىققان كونا گېزىتلەردە بولسا، بۇ بىر مەيدان ئاپەتتىن مۈجمەل شەپىلەر بېرىلگەن ئىدى. بىردەملىك قايمۇقۇش ئىچىدە كاللامدىن نۇرغۇن ئەنسىز خىياللار كەچتى. ئەسلى ياۋروپانىڭ، ئىتالىيەنىڭ ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئۆز قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى خىيال قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. توقۇنۇشنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە كېلىپ چىققانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان بىزدەك ئىتالىيەلىكلەر ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىمىزغا قايتالماسلىقتەك ئېھتىماللىقنىمۇ نەزەرگە ئېلىش بىزنى تېخىمۇ قىينايتتى.

لالېسسىئو،لانتىللى ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ دەرھال ۋەتەنگە قايتىشى كېرەكلىكىدىن خەۋەر تاپتى.ئۇلارغا دېپساڭدىكى پونكىتتا ۋەزىپىسىنى تاماملىغان ياردەمچى ئەمەلدار لالېسساندىرىمۇ كېلىپ قوشۇلدى.ۋۇد ئەپەندى بولسا،ترىگونومېتىرىيە ئىدارىسىنىڭ تېلىگراممىسىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ھەربىيچە كىيىنىپ،لالېسسىئونىڭ ئورنىغا ئەترىتىمىزگە ئىككىنچى قول كوماندىر بولۇشنى قۇبۇل قىلدى. مېنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيىتى بولمىغان باشقا سەپداشلىرىم بولسا،بۇ كېلىشمەسلىك ئىچىدە ۋەزىپىنى ئامان-ئېسەن تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىپ،ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىشقا تىرىشاتتى.شۇ كۈنكى قالغان بىر قانچە سائەتتە، بىز بىلەن خوشلىشىدىغان سەپداشلىرىمىز بىر كارۋان ھازىرلىدى:  بۇ كۈنلەردە پوچتىكەچلىك قىلغان تۆت نەپەر ئاتلىق، لېدىن كەلگەن لامباردار ۋە 35 توشىغۇچىدىن ئىبارەت ئىدى.

لابېتتى لانتېللىدىن سۆرەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.شۇنداق قىلىپ،ئۇنىڭغا باشقا خىزمەتلىرىدىن سىرت، يەنە بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى خاتېرىلەش ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەنگەن بولدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، يەنى 17-ئاۋغۇست كۈنى، لالېسسىئو، لانتىللى ۋە لالېسساندرىلارنى يولغا سېلىپ قويدۇق. گەرچە سىرتىمىزغا چىقارمىساقمۇ، بىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان ئىدۇق. ئايرىلىشىمىزغا سەۋەب بولغان بۇ ئېغىر داۋالغۇش، زىممىمىزگە ئىختىيارسىز ھالدا ئېغىر يۈك بولۇپ چۈشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ جەنۇبقا ئۇزاپ كەتكەن شۇ كىچىك كارۋاندىن تاكى ئۇلار بىر كىچىك دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈن غايىپ بولغىچە كۆز ئۈزمەي قاراپ قالدۇق.
شۇ سائەتتىن باشلاپ، بىز ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەن ئىدى. بىرقانچە ئايغىچە ھېچقانداق خەت-خەۋەرسىز ھالدا، ۋەتىنىمىزگە نېمىلەر بولاركىن دېگەن قايغۇلۇق خىياللار بىلەن ياشايتتۇق. بۇ بەئەينى، ئىنتايىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىۋاتقان يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىق، يېنىدا بولالماسلىقتەك ئازابلىق ئىدى.

ئەتىسى دائىنېللى-مارىنېللى ئەترىتى ئاساسىي لاگېرىمىزدىن يولغا چىقىپ، تاشقاتما، تاش جىنس ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش ھەۋىسى بىلەن، شۇنداقلا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش مەقتىسىدە بىزدىن ئاۋۋال قاراقۇرۇمنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلارنى يول بويى ئاندا مۇندا كۆرۈپ قالاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۆز تەكشۈرۈشىگە قولاي ۋاقت ۋە يول بىلەن تاكى سۆگەت قاراۋۇلغىچە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلدى. يولغا چىقىشقا تەييار بولدۇق دەپ تۇرغان ۋاقىتتا، كارۋان ياللىغان 25 توشىغۇچى يولغا چىقىشقا ئۇنىمىدى. ئۆز سەپەرداشلىرىنىڭ  بىر كۈن بۇرۇن لېغا كېتىشى، ئۇلارغا ئۆيلىرىنى سېغىندۇرۇپ قويغان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن ئالتە ئايدىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان قارغىللىق 18 كىشى كېتىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. باشقىلىرى بولسا، بىزدىن يۇقىرىراق ھەق تەلەپ قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدى. ئازراق ۋاقىت تاقەت بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك شەرتلەر بىلەن داۋاملىق ئىشلەشكە كۆندۈرگەن بولدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن چېدىر ۋە ئەسۋابلارنى چۇۋۇپ، رەتلەپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش تەييارلىقىنى قايتىدىن قولغا ئالدۇق.

نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇشنى 19-ئاۋغۇست پۈتۈن كۈن داۋام قىلدۇق، بۇ ئارلىقتا قىرغىزلار ئەۋەتكەن كارۋىنىمىزنىڭ تۆگە، ئات ۋە ئېشەكلىرى بىر ئىككىلەپ كېلىشكە باشلىدى، ئېقىننىڭ قارشى تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا لاگىرىمىز تەرەپكە كېلىپ توپلاندى. بۇلارنى شەھىدۇللادىكى قىرغىز بەگنىڭ ئوغلى ۋە راسۇل گالۋان ھەيدەپ كەلگەن ئىدى.

سەپىرىمىزنىڭ قالغان قىسىمىغا كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى قايتىدىن ھېسابلاپ كۆرۈپ، سانىمىزنىڭ ئازلىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بىر قىسىم ماللارنى 16 ساندۇق تاشقاتما ۋە تاغ جىنسلىرىنىڭ ئەۋرىشلىكىرى بىلەن بىرگە لېغا يوللىۋەتتۇق، قالغانلىرىنى بولسا راسۇل گالۋان بىر چىرايلىق بوغچىغا جايلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىسى تۈگىگەندە ئۆزى بىلەن بىرگە چىنى تۈركىستاندىن ئېلىپ كەتتى.

دەسلەپتە بۇ بوغچىلارنى كارۋان توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول ياقىسىغا تاشلاپ قويۇش غەلىتە تۇيۇلدى. لېكىن، بۇنىڭدا ھېچ خەتەر يوق ئىدى. چۈنكى يولدا قويۇلغان يۈكلەرگە چېقىلماسلىق بىر ئەنئەنە، قائىدە ئىدى. سودىگەرلەر بولسا، ئاتلىرىدىن ئەنسىرەپ، يۆتكەش مۇمكىن بولمىغان زىيادە ماللىرىنى ھېچ ئەنسىرىمەستىن يول ياقىسىدا قويۇپ، ھەتتا ئايلاردىن كېيىن، قاتناش يار بەرگەن ئەھۋالدا كېلىپ ساق-سالامەت ئېلىپ كېتەتتى. شۇ كۈننى ئۆيدىكىلەرگە ۋە دوستلىمىزغا خەت يېزىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق. بۇلار لې يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئەۋەتەلەيدىغان ئاخىرقى خەتلەر ئىدى.ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى سەپەرنى باشلاشقا ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەن بولدى.

سۈرەتتە: بىر گۇرۇپپا قىرغىزلار

ئەتىسى، يەنى 20-ئاۋغۇست كۈنى، دېپساڭنىڭ گىياھسىز تاقىر تاغلىرىنى بويلاپ قايتىدىن يولغا چىقتۇق. بۇ يەردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرغۇنلىقىمىز ۋە ئەمگىكىمىزنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى بولۇپ، بىز تارتىش كۈچىنى ئۆلچەشتە ئىشلەتكەن بىر تاش پىرامىدا قالغان ئىدى. ھازىر بىز بۇرۇنقىغا ھېچ ئوخشىمايدىغان تىپىك ئاسىياچە بىر كارۋان بولغان ئىدۇق. كارۋانچىلارنىڭ ھەممىسى قىرغىزلار بۇلۇپ، ئېگىز قامەتلىك، كۈچتۈڭگۈر، لاداخلىقلارغا قارىغاندا مەزمۇت ۋە قاملاشقان كىشىلەر ئىدى. ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك يۈرۈش تۇرۇشى ۋە چىراي موڭغۇللارنى تارتقان ئىدى. لېكىن  ئۇلار باشقا نەسىلدىن بولۇپ، يۇز شەكلى ھىندى-كاۋكازلاردەك، ساقال-بۇرۇتلىرى قۇيۇق، چاچلىرى سارغۇچ ياكى قوڭۇررەڭ، تەن رەڭگى بولسا قىزغۇچ كەلگەن ئىدى. پۇتىغا ياركەند (يەكەن) نىڭ يۇمشاق كۆن ئۆتۈكىنى، ئۇچىسىغا قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان رەڭلىق يوللۇق، يەڭلىرى ئالقاندىن ئېشىپ تۇرىدىغان پاختىلىق ئۇزۇن يەكتەك كىيەتتى. يەكتەك ئۈستىدىن ناھايىتى چىڭ باغلانغان كەمەرگە كىچىك زەنجىر بىلەن چېتىلغان غىلاپلىق پىچاق، چاقماق تېشى، مىلتىق دورىسى قاچىلانغان مۈڭگۈز ۋە مىشەك ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىلەي قاتارلىقلارنى ئېسىلغان ئىدى. مۈرىسىگە پاينىكى ئەرەب ئۇسلۇبىدا ئىشلەنگەن پىلتىلىك ئۇزۇن مىلتىق ئېسىلغان بولۇپ،ئۈستىگە يېتىپ قارىغا ئالغاندا مىلتىقنى تىرەيدىغان تىرىگۈچ ھەم ئورنىتىلغان ئىدى. بېشىغا ھەرخىل شەكىلدىكى قالپاقلارنى كىيەتتى. كۆپىنچە قالپاقلار ئۇچلۇق بولۇپ، قىزىل ياكى تېرە جىيەكلىك گىرۋەكلىرى يۇقىرىغا قايرىلغان، ئۈستى بولسا قىزىل يىپلىق نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە ئادەتتىكىچە كىگىز قالپاقلىرىمۇ، بۈركۈتنى ئەسلىتىدىغان، كەشتىلىك، ئېگىز، گىرۋەكلىرى ئالدى تەرەپتىن ئىككىگە ئايرىلغان قالپاقلىرىمۇ، شۇنداقلا سېلىندىر بىلەن كونۇس ئارىسىدىكى شەكىلدە ياسالغان، تېرە گىرۋەكلىك، يىپەك ياكى پاختىدىن تىكىلگەن باش كىيىملىرىمۇ بار ئىدى.

قىرغىزلار ئەسلىدىن ۋە تۇرقىدىن ناھايىتى ئۇستا كارۋانچىلار بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ خۇي-پەيلىنى ۋە يۈك ئارتىش-چۈشۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەل بىلەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئۇزۇن يول يۈرۈش، كارۋاننى بىرگە ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ مېڭىش قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى. بالتلىق ياكى لاداخلىقلاردەك تالاش-تارتىش، تۈگىمەس پاراڭ ۋە ئەزمىلىك ئارىسىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايتتى. ھازىرغىچە ئۇلار بىزگە ئوچۇق-يورۇق ۋە مۇستەقىل، ئىنتىزامچان ۋە ياردەم سۆيەر ئادەملەر بولۇپ كۆرۈندى. ئۇلار بىزگە ھەر بىرىگە ئېغىر قوش كىگىز خورجۇن ئارتىلغان، ئىگەر-توقۇملۇق قىرىق تۇياق بەستلىك ۋە كۈچلۈك ياركەند (يەكەن) ئېتى، شۇنداقلا سەكسەن تۇياق كېلىشكەن تۆگىلەرنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كارۋىنىمىزغا تىپىك شەرقچە تۈس كىرىپ قالدى.

سۈرەتتە: بەلخ (باكتېرىيە) تۆگىسى

ئۇلار ئاسىيانىڭ ئىككى لوكىلىق، پاكارراق بەلخ تۆگىلىرىدىن بولۇپ،  بىر لوكىلىق ھىندىستان ياكى ئافرىقا تۆگىلىرىگە قارىغاندا رايىشراق ئىدى. بويۇنلىرى، پېشانىسى ۋە دۈمبىسىگە قوڭۇر، سارغۇچ، قەھۋەرەڭ ۋە سۈترەڭدىكى ھەم قېلىن ھەم يۇمشاق يىپەكلەر يېپىلاتتى. تۆگىلەر ساغلام ۋە جارائەتسىز بولۇپ، پەقەت ئادەتتىكى بىرلا بويۇنتۇرۇق بىلەنلا يېتەكلىنەتتى، رۇس تۈركىستانى ۋە كاسپىي بويلىرىدىكىدەك بۇرۇنلىرىغا ۋەھشىيلەرچە ياغاچ مىخ ئۆتكۈزۈلمەيتتى. ھەربىرى ئالدىدىكىلىرىنىڭ يۈكلىرىگە ئارغامچا بىلەن چېتىلغان تۆگىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپ ياساپ، ئېغىر، تەمكىن ۋە تەرتىپلىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈشلىرىگە كولدۇرمىلارنىڭ رېتىملىق جىرىڭلاشلىرى ئۆزگىچە تۈس بېرىپ تۇراتتى. كارۋاننىڭ بېشىدا ۋە ھەربىر كىچىك توپنىڭ ئالدىدا بىردىن تەخەي مىنگەن قىرغىز يېتەكچىلىك قىلاتتى. دەم ئېلىپ توختىغىنىمىزدا، تۆگىلەرنى يۈكۈندۈرۈپ يۈكلەرنى چۈشۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ جەرياندا بۇ جانىۋارلارنىڭ خۇيىغا مىڭلارچە يىللىق كۆندۈرۈشتىن كېيىنمۇ «ماسلىشىپ بېرىش» دېگەن ئۇقۇم سڭمىگەن ئىكەن. ھەرىكىتى تولىمۇ ئاستا ۋە كالامپاي تۆگىلەرنىڭ تۇياقلىرىنى خۇددى مېخانىك ئەسۋابلارنى ئىشلەتكەندەك ئەگكۈزۈش، بوي بەرمەي بوغۇق ئۈنلىرى بىلەن چىدىغۇسىز ھۆركىرەش-قارشىلىشىش، قىيا-چىيالار ئىچىدە بىزگە بەكمۇ قىيىنغا چۈشتى. يۈكلىرى چۈشۈرۈلۈپ ، نۇقتىلىرى مېتال ھالقىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرگە قېقىلغان ئىككى تۆمۈر قوزۇق بىلەن چېتىپ قويۇلغان تۆگىلەر يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بۇرۇن يېگەن بۇتسې ۋە سامانلارنى ئاۋاز چىقارماي كۆشەيتتى. بۇرۇنقى سەپىرىمىزدىن ئاشقان، لېدىن تارتىپ بىزگە قېتىلغان بىر قانچە قوي ۋە ئۆچكىلەر تىبەتلىك ئىككى قويچى بىلەن قوشۇلۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق كارتىنىمىزنى تولۇقلىغان بولدى.

دېپساڭدىكى لاگىردىن يولغا چىقىپ، بىرەر سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن، ئېگىزلىكنىڭ شىمالىي ئۇچىغا، يەنى بىر ئېقىن سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، غوللىرى بەكمۇ تىك ئەمەس، تارغىنە كەلگەن ئوچۇق تاقىر جىلغىغا ئۇلاشتۇق. شۇ يولنى بويلاپ قار-مۇزسىز قاراقۇرۇمغا قاراپ ئۇدۇل كېتىۋاتىمىز. قاراقۇرۇم غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان، پارالېل چوققىلىرى بىر-بىرىگە تەرتىپسىز چېتىلغان، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە چوڭ چوڭ قىزىل داغلىرى بار، سارغۇچ ياكى قوڭۇر رەڭلىك تاغ جىنسلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، چوققىلىرى بەكمۇ تىك بولمىغانلىقتىن كىشىگە تاغ تىزمىلىرىدەك كۆرۈنمەيتتى.

سۈرەتتە: قاراقۇرۇم يولى چاجوس جىلغىسىدىكى بازىمىز

يەنە بىر سائەتتىن كېيىن بولسا چىپچاق جىلغىسىنىڭ كەڭرى تۈزلەڭلىكىگە چۈشتۇق. ئازراق تۆۋەنلىسەكلا جىلغا تېخمۇ تارلىشىپ كېتەتتى. ئالاھىدە بەلگىلىرى بولمىغان بۇ ئۆتەڭ « دەۋلەت بەگ ئۆلدى» (دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارى قازا قىلغان جاي) دەپ ئاتىلاتتى. يەنى 1531-يىلى لاداخ ۋە بالتىستانغا بەشمىڭ كىشىلىك قوشۇن تارتقان سۇلتان سەئىد، يۈرۈشتىن ئىككى يىل كېيىنكى قايتىش يولىدا (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا) كېسەل سەۋەبىدىن مۇشۇ جايدا قازا قىلغان ئىدى. قۇمدان مۇزلۇقلىرى توسىۋالمىغان بولسا، ساسسىردىن چىقىپ،  شايوق بوغۇزىنى بويلاپ ئۆتىدىغان قەدىمقى يول بىلەن دېپساڭ تۈزلەڭلىكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يېڭى يول مۇشۇ جايدا قوشۇلاتتى.

سۈرەتتە: پۇلو

چىپچاق بۇ جىلغىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا يېيىلغان بىر ئېگىزلىكنىڭ تۆۋەنكى بويىغا قاراپ ئاقىدىغان بىر چوڭ ئېقىندۇر. شۇ جايدىن يۇقىرىغا ئۆرلەپ، بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن، بەكمۇ تىك ئەمەس، ئوچۇق تاقىر دۆڭلۈكلەر ئارىسىدىكى جىلغىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىر-بىرى بىلەن ياندىشىپ ئاققان ئىككى تارماق ئېقىننىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن ۋە ئۈچ تاش خارابە جايلاشقان، «پۇلو» دەپ ئاتىلىدىغان چېدىر ئورنىدىن ئېشىپ ئۆتۈپ، بىر سائەتچە ۋاقىتتىن كېيىن، ئاخىرى «چاجوس جىلغا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىككە يېتىپ كەلدۇق. بۇ تۆپىلىك جىلغىنىڭ باشقا جايلىرىدىن پەقەت سوغۇق ۋە قۇرغاق ھاۋادىن قۇرۇپ قاق بولۇپ كەتكەن گۆشلىرى ھېلىھەم ئۈستىدە بولغان ھايۋانات ئۇستىخان دۆۋىلىرى بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئوچۇقچىلىقنىڭ بىر چېتىدىكى ئۇستىخان دۆۋىلىرى شالاڭراق بىر جايدا چېدىرىمىزنى تىكتۇق. بىز جەمئىي 22 كىلومېتىر يول يۈرۈپتىمىز.

جىلغا غەربكە قاراپ بارا-بارا ئېگىزلەپ باراتتى. يولىمىز بولسا بىر ئېگىز قىيانىڭ تۆۋىنىدىكى كەڭرەك بىر تۈزلەڭلىكتىن ئۆتەتتى. جىلغىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، يەنى شەرق تەرىپى بولسا پاكار-پاكار، تىك ئەمەس توقايلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. «چاجوس جىلغا» دىن يولغا چىقىپ كۆپ ئۆتمەي، يەنى 6 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، سول تەرەپتىكى (شىمالدىكى) توقاينى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ تار جىلغا بىزنى ئەگرى-بۈگرى چىغىر يول ئارقىلىق يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ، ئاخىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەتكەن تاغ يوللىرىغا باشلاپ باراتتى. بىز ئابايلا بېسىپ ئۆتكەن چوڭ جىلغا ئازراق ماڭغاندىن كېيىنلا ئېنىق كۆرۈنەتتى. ئالدىمىزدا بولسا پەقەتلا تارايماستىن كېڭىيىپ، ياركەندنىڭ بۇ تەرىپىدىكى مۇزلۇق تاغ تىزمىلىرىغا ئېلىپ بارىدىغان تاغ يوللىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.دەسلەپتە دەل مۇشۇ تاغ يوللىرىنى بويلاپ ۋۇد ۋە شپىرانگىر ياركەند جىلغىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمىغا كىرىپ كەلگەن ئىدى.

لاگىردىن يولغا چىقىپ ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن، كۆپرەك ئېگىز-پەس، چوققىغا بىر قانچە يۈز مېتىر قالغۇچە تۈز بولغان، ئوتتۇراھال ئېگىزلىكتىكى چوققىلار يانداشقان قاراقۇرۇم يولىغا يېتىپ كەلدۇق. تاغ يولىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ياقلىرىنىڭ ئېگىزلىكى، قار-مۇزسىز تاغ غوللىرىنىڭ ئانچە تىك ئەمەسلىكى بىزگە ھەيۋەت تاغلار ئۈستىدە تۇرغانلىقىمىز ياكى دېڭىز يۈزىدىن 5575 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرغانلىقىمىزنى پەقەتلا ھېس قىلدۇرالمايتتى.

تاغ يولىنىڭ ئەڭ ئېگىز تەرىپىدە تاشلاردىن قوپۇرۇلغان ۋە چىرىپ كېتىۋاتقان بىر تاش دۆۋىسى بار بولۇپ، ئالدىدا ياركەند بىلەن لې ئارىسىدا سودا قىلىدىغان ۋە 1888-يىلى مۇشۇ جايدا بىر ئافغان تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دالگلېيىش دېگەن كىشىنىڭ خاتىرىسىگە تىكلەنگەن بىر خاتېرە تاش تۇراتتى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، يولنىڭ شىمال تەرىپىدە لاداخلىقلار تاغ جىلغىلىرىغا باش ئەگكەنلكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان دۆۋە-دۆۋە تاۋاپ تاشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.

قاراقۇرۇم «قارا تاش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى لاداختىن ئۆتىدىغان ئاساسلىق قاتناش يولى جايلاشقان بۇ تاغ جىلغىلىرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. ئاكا-ئۇكا شىلانگۋايتلار بۇ ئىسىمنى پۈتۈن تاغ تىزمىسىغا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تاغ تىزمىسى غەربتە ھىندىقۇش تاغلىرىغىچە (خۇنزا-ناگارنىڭ شىمالىدا) ئۇلاشقان، يەنە بىر تەرىپى بولسا شەرقىي جەنۇبنىڭ قايانلىرىغىدۇر سوزۇلۇپ قاراقاش ۋە چىپچاق ۋادىلىرىنى بىر-بىرىدىن، ئاندىن شايوقنى ۋە پانكوڭ كۆللەر سېستىمىسىنى تىبەت ئېگىزلىكىدىن ئايرىپ، سۋېن ھېدىن تىلغا ئالغان تاشقى ھىمالايا تاغلىرىغىچە داۋام قىلاتتى.

سۈرەتتە: قاراقۇرۇمغا چىقىدىغان يول، چوڭ جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تاغنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا

(داۋامى بار)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 7

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش