ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا – 8

ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا – 8

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

مۇساپىرلىقنىڭ ئۇپۇقلىرى: سېغىنىش، ئېزىقىش ۋە يارىشىش – 1

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا

سۈرگۈنلۈك ھەققىدە ئويلاش غەلىتە ھالدا تارتىملىق ئەمما ئۇنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش قورقۇنچلۇقتۇر. ئۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئانا ماكانى، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆيى ئۇتتورىسىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەزدۇر: ئۇنىڭ ماھىيەتلىك قايغۇ-ھەسرىتىگە ھەرگىز بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەرچە ئەدەبىيات بىلەن تارىخ سۈرگۈندىكى ھاياتنىڭ قەھرىمانە، رومانتىك، شانلىق ۋە ھەتتا غەلىبىلىك ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، بۇلار پەقەت بېگانىلىقنىڭ پالەچ قىلغۇچ ھەسرىتىنى تۈگىتىشكە ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

–ئېدۋارد سەئىد

ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆيى بولىدۇ. ھەتتا ماكانسىز بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى قوينىغا ئالالايدىغان بىر ماكاننى ئىزدەيدۇ. ھېچ بولمىسا، ئۇ خىيالىدىكى، تۇيغۇسىدىكى ۋە تەسەۋۋۇرىدىكى بىر ماكاننى ئىزدەش بىلەن ياشايدۇ. ھەتتا، رادىكال مەنىدىكى ئۈزۈل-كېسىل ماكانسىزلىقتىمۇ يەنىلا بىر ماكان ھېسسى بولىدۇ—ماكانسىزلىق ماكاننىڭ يوقلۇقىنى ئەمەس، بەلكى بولۇشى كېرەك بولغان بوشلۇقنىڭ ئاشكارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، ماكانسىزلىق بىر خىل مەھرۇمىيەت شەكلى، ئېزىقىش ھالىتى ۋە كۆڭۈلسىز قۇپقۇرۇقلۇقتۇر. ئۇنىڭ ھەسرىتى، تالاپىتى ۋە خەتىرى ئېغىر بولىدۇ—ئۇ ئادەمنى تاشقى دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قەلبىدىمۇ سەرسان-سەرگەردان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئادەمنى يېڭى دۇنياغا ئاچىدۇ. ئۇنىڭغا يېڭى كۆز بىلەن قاراشنى ئۆگىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاخىرى ئادەمنى ئۆزىگە يېڭى شەكىلدە ئاچىدۇ—ئۆزىگە يېڭىچە قاراشقا ئۆگىتىدۇ.
ئىنسان مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ئۆيى تەرىپىدىن تەبىرلىنىدۇ. ئۆي ئۇنى تېشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئىچىدىنمۇ قاپلاپ تۇرىدىغان بوشلۇقتۇر—ئۇنى دۇنيانىڭ خەتەرلىرىدىن ساقلايدىغان، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىگە پىنھانە قايتۇرىدىغان بوشلۇقتۇر. ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرىدىغان شارائىتلارنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلى ۋە ئەڭ تەخىرسىزى يېمەكلىك ۋە سۇ بولسا، ئۇندىن كېيىنكىسى بىر ماكان—ئۆيدۇر. ئالدى بىلەن، ئۆي ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە ئاسراش ئېھتىياجىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەمما، بۇ خىل قاراش يەنىلا تولۇق ئەمەس. چۈنكى، ئۆي، يەنە بىر نۇقتىدىن، ئادەمنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك مەۋجۇتلۇق ھالىتىدىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىيىتىنى قۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۆي ئادەمنىڭ تەبىئەتتىن ئىجتىمائىيلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم قەدەمدۇر. سىمۋوللۇق مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تەبىئەت بىلەن كۇلتۇر ئوتتۇرىسىدىكى ھەم ئايرىلىش ھەم باغلىنىشنىڭ چېگرىسىدىكى ئۆزگىچە جايدۇر. گەرچە ھايۋانلاردىمۇ «ئۆي» شەكلىدىكى ئۇۋىلار بولسىمۇ، ئىنساننىڭ ئۆيى كۇلتۇرال نۇقتىدىن ئىنتايىن مۇرەككەپ مەنىلەرگە ئىگە—ئۇ بىر بىخەتەر، خاس ۋە ھەممە تەرىپى قورشالغان بوشلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىڭ ئەسلەتمىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىدىغان، ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى بولغان ئۆزىنى ئىپادىلەش، تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش، مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۆزى بىلەن ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ ئىچكىرى نۇقتىدىن بىللە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان فىزىكىلىق، ئىجتىمائىي ۋە پىسخىك بوشلۇقتۇر.
پىسخىك نۇقتىدىن، ئۆي ئادەمنىڭ روھىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىگە ئوخشايدۇ—ئۆي ئۇنىڭ تىنچسىز روھىنى ماكانلاشتۇرۇشى ھەققىدىكى خام-خىيالىدۇر. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئۇ ئادەمنىڭ يېپىقلىق ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان ئىپتىدائىي تىنچلىققا بولغان ئاڭسىز تەلپۈنۈشىنىڭ گېئومېترىك شەكىلدە نامايەندە بولۇشىدۇر. بۇ مەنىدىن، ئادەم دۇنياغا كېلىدىغان بالىياتقۇ ۋە ئۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا ياتىدىغان قەبرە بىلەن ئۆي ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك ئوخشاشلىق—تېخىمۇ توغرىسى، داۋاملىشىش—مۇناسىۋىتى بار. ھەممىسىدە ئىنساننىڭ يوشۇرۇنلۇق، يېپىقلىق ۋە قاراڭغۇلۇق ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان تىنچلىقىغا كاپالەت بار. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئادەمنىڭ يالىڭاچلىقىغا سىڭگەن مەخپىيەتلىكلىرىنى ئۆزگىلەرنىڭ نەزەرىدىن نېرى قىلىدۇ—ئۇنى ئۆزىگە تەنھا قالدۇرىدۇ، ئۆزى بىلەن ھەقىقىي بىرگە قىلىدۇ.
ئادەم ئۆيىدە ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزىدۇ—بالىلىق. بالىلىق ئادەمنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ تۈپكى ھالىتى—خاراكتېرى—ئەڭ تېز، تىرەن ۋە ماھىيەتلىك يېتىلىدىغان مەزگىلدۇر. بالىلىقتا ئادەمنىڭ دۇنيانى تۇيۇشى، تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئالدى بىلەن ئائىلىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇيۇشى، تونۇشى ۋە چۈشىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئۈچۈن بالىلىق ئۇنىڭ دۇنياسىنىڭ ئۇ قەدەر ناتىۋان، رەڭگا رەڭ ۋە ئەسلىمىلىك قىسمىدۇر. بوۋاق ۋە بىر ئۆسمۈر ئۈچۈن ئۆي ئۇنىڭ دۇنياسىدۇر—ئۆي ئۇنتۇلماس ئەسلىملەرنىڭ تەگ رامكىسىدۇر؛ قەلبنىڭ قاراڭغۇ، بىلىنمەس ۋە چۈشىنىكسىز قوزغىلىشلارنى رېئاللىقنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ تۈگىمەس تەكرارلىقىدۇر؛ ئۆزىنى كېيىن قايتا-قايتا كۆرىدىغان ئەينەكتۇر؛ ئۆزى بىلەن تىرەنلىكتە بىللە بولىدىغان بوشلۇقتۇر. ئادەم بۇ دۇنيانى ھاياتى بويى قايتا-قايتا ئەسلەيدۇ، سېغىنىدۇ، چۈشلىرىدە كۆرىدۇ، خىلمۇ خىل تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قايتىشقا ئىنتىلىدۇ. بۇ دۇنيا شۇ قەدەر يېگانە ۋە ئۆزگىچىكى، ئۇ پەقەت ئاشۇ شەخسنىڭلا دۇنياسىدۇر. ياكى، تېخىمۇ رادىكال ئېيتقاندا، ئۇنىڭلا دۇنياسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنى پەقەت ئۆزىلا قىلىدىغان دۇنيادۇر. ئۇنىڭ كىملىكىنىڭ ۋە خاراكتېرىنىڭ دۇنياسىدۇر: ئۇ تۇغۇلغان، ياشايدىغان ۋە ئۆلىدىغان دۇنيادۇر—تەسەۋۋۇرىدا بولسىمۇ. ئۇ مانا مۇشۇ دۇنيادىلا ھەقىقىي ئۆزىدۇر—ئۇ ھەقىقىي ئۆزى بولىدىغان ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي نامايان قىلىدىغان ۋاقتىدۇر. ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نىقابلىق ھالەتلىرىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىمىزدە كېيىنچە كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىزدەك، ئۆيدىن ئايرىلىش، ئۇنىڭغا ھامان بىر كۈنى قايتىشقا تەرەددۇت قىلىپ ياشاش ئەمما قايتالماسلىق ئادەمنىڭ بالىلىقىدىكى قەلبتىن يىتمەس ئاشۇ دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە ئۇنىڭغا قايتالماسلىق بىر ئىنساننىڭ بالىلىقىدىكى دۇنياسىدىن—تېخىمۇ رادىكال ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىردىنبىر دۇنياسىدىن—ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ قېلىشىدۇر، گەرچە ئۇ ئۆيىگە قايتىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلمىسۇن. ئۇ ھاياتنىڭ ساقايماس جاراھىتىدۇر.
ئۆي بىر بالىغا ئۆزى تەۋە كىچىك بىر دۇنيانى بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇ كېيىنچە ئۆزى يالغۇز يۈزلىنىدىغان كۆز يەتكۈسىز بىپايان دۇنيانىمۇ ئىشارىلەيدۇ. مۇھىمى، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دۇنياسىنىڭ پاسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ—ئەنە ئاشۇ پاسىلنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ چۈشلىرى، خىياللىرى، غايىسى، تىت-تىتلىقى، زېرىكىشى ۋە قورقۇنچى قانچىلىك يېتىلسە، ئۇنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانىڭ قارشى تۇرغۇسىز قىزىقتۇرۇشلارغا تولغان چاقىرىشلىرىمۇ شۇنچىلىك كۈچىيىدۇ. ئادەم ئۆينىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ تەۋەككۈلچىلىكلىرى ۋە پۇرسەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ئېزىققۇچىدۇر. ئۆيدىن ئىبارەت ئاشۇ پاسىلنىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى يۈزلىنىدىغان تاشقى دۇنياغا تەييارلايدۇ. ئاشۇ پاسىلنىڭ ئىچىدە ئادەم نېمىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەنسە، ئۇنىڭدىن ھالقىغان بوشلۇقتىكى توقۇنۇشلار، ئاسىيلىقلار ۋە رەزىللىكلەر بىلەنمۇ ئاستا-ئاستا تونۇشۇشقا باشلايدۇ. دېمەك، ئۆي ئۇنىڭ شەخسىي بوشلۇقىنى قانچىلىك قۇرۇپ چىقسا، ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئىجتىمائىي بوشلۇقىنىمۇ شۇنچىلىك قۇرىدۇ. گەرچە ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي بوشلۇقىنى ئۆزۈم بەرپا قىلىۋاتىمەن دەپ قارىسىمۇ، ئۇ ماھىيەتتە تاشقى دۇنيا—تېخىمۇ كەڭرى ۋە مۇرەككەپ تاشقى دۇنيا—تەرىپىدىن مۇئەييەن شەكىلدە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، تاشقى دۇنيامۇ ساناقسىز شەخسىي دۇنيالارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشى ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ ۋە قايتا قۇرۇپ ماڭىدۇ. دېمەك، شەخسىي بوشلۇق بىلەن ئىجتىمائىي بوشلۇق دېئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە—ئۇلار ھەم بىر-بىرىنى يەكلەيدۇ ھەم بىر-بىرىنى ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن شەرت قىلىدۇ.
ئادەم ئۆزىنى ئۆيىدىن دۇنياغا ئاچىدۇ؛ شۇنداقلا، دۇنيادىن ئۆزىگە ئۆيىدە قايتىدۇ. ماكانسىزغا دۇنيا ئۇنىڭ ئۆيىدۇر؛ ماكانلىققا بولسا ئۆي ئۇنى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بوشلۇقتۇر. مانا مۇشۇ بوشلۇقتا، ئادەم ئاتىدىن كېلىدىغان نوپۇزنىڭ، تەرتىپنىڭ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تەسىرىدە جەمئىيەتنىڭ تەلەپلىرىگە بوي سۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئانىدىن كېلىدىغان مۇھەببەت، ئىزگۈلۈك ۋە گارمونىيىنىڭ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلۇق تەسىرىگە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچرايدۇ. ئاددىيلاشتۇرغاندا، ئاتا رېئاللىقتا نوپۇز ۋە ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلسا، ئانا سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمدەرتلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، ئاتا پەرزەنتىگە ئۇ كېيىنچە بوي سۇنۇشى كېرەك بولىدىغان ئىجتىمائىي ئەمىر-مەرۇپلارنى بىر خىل ئەقلىي دوگما سۈپىتىدە تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پەرزەنت ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىكى ئىسيانكار، باشباشتاق، قارىغۇ ۋە شەخسىيەتچى قوزغىلىشلارغا قويۇلىدىغان چەكلەرنى، باشقۇرۇشلارنى ۋە تەقىبلەر بىلەن تونۇشىدۇ، ئۇلارنى ئىچكىيلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەمىسى قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ. ئاتىنىڭ نوپۇزى ۋە كېيىنچە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى بىلەن، جەمئىيەت ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى، ياساقلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى پەرزەنتلەرگە بىلدۈرىدۇ—ئۇلارنىڭ ئاڭ ۋە ئاڭسىز كاللىسىغا قوبۇل قىلغۇزىدۇ. رەت قىلغۇسىز ئەقلىيلىك نامىدا ھەمدە قاتتىق ئىنتىزام ۋە جازالىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ياردىمىدە، ئادەم دۇنيا بىلەن ياكى مادارا قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا قوبۇل قىلدۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ تەرىپىدىن رەت قىلىنىشنىڭ بەدىلىنى ئالدىنئالا ئۆگىنىدۇ. ئانىدىن بولسا، ئادەم قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ھېسسىي دۇنياسىغا تەرتىپ ئېلىپ كېلىشنىڭ، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ۋە ئۇنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلەشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئانىنىڭ چەكسىز مۇھەببىتى ئادەمگە ھاياتنىڭ سەل قارىغۇسىز گۈزەللىكىنى، قەدىر قىممىتىنى ۋە ئىزگۈلۈكىنى نامايان قىلىدۇ. مانا مۇشۇ مۇھەببەت ئۇنىڭغا مۇنداق ئەڭ ئەقەللى ئەمما ئەڭ ماھىيەتلىك ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ—مۇھەببەت ھامان ئۆزىدىن باشقا بىر ئىنسانغا ئۆزىنى شەرتسىز بېغىشلىيالاشتۇر. ئاتىدىن كېلىدىغان نوپۇز ئاستىدىكى ئەقلىي تەرتىپ ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەلەپلىرى بىلەن ئانىدىن كېلىدىغان چەكسىز مۇھەببەت ئاستىدىكى ھېسسىي تەرتىپ ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قاتلاملىرى ئادەمنىڭ پۈتكۈل پىسخىك دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ.
ئۆي ئادەم بىلەن ئۇنىڭ دۇنياسىنى تۇتاشتۇرغۇچى باغلا بولماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنى كېلىشتۈرگۈچى ئامىلدۇر. ئادەمنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىشى مەلۇم جەھەتتىن زۆرۈرىيەتتۇر. ئادەم ھامان ئۆيىدىن ئايرىلىپ، تاشقى دۇنياغا چىقىشى كېرەك. ئۆيىدىن قىسقا ئايرىلىش ۋە ئاندىن قايتىش ھاياتنىڭ ئادەتتىكى رېتىملىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما، ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كېتەلمەسلىك، قاچان قايتىپ كېتىشىنى بىلمەسلىك ۋە ھەتتا قايتىپ كېتەلمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ قايتىشقا ھەرۋاقىت تەرەددۇت قىلىش—بۇ ئادەمنىڭ قارىمۇ قارشىلىققا تولغان پەۋقۇلئاددە ئىنتىلىشىدۇر. بۇ بىر ئازابلىق ئىنتىلىشتۇر. ئادەمنىڭ مانا مۇشۇ مەۋجۇتلۇق ھالىتى بىزنىڭ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىدۇر. بۇنىڭدا بىز شەخسنىڭ ۋە بىر كوللېكتىپنىڭ مۇساپىرلىقىنىڭ قانداقلىقى ۋە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق سۆزلەيمىز.

1. مۇساپىرلىق ۋە ئۇنىڭ قانائەتسىزلىكلىرى

مەشھۇر چېخ يازغۇچىسى مېلان كۇندېرا ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇساپىرلىق ھاياتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «مۇساپىرلىق خۇددى يەردىن ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ۋە ھېچقانداق قوغدىنىش ئەسۋابى بولمىغان ئارغامچىدا مېڭىشقا ئوخشايدۇ». ئۇنىڭدا مۇساپىر ئارغامچىنىڭ ئۈستىدە سىلكىنىپ تۇرىۋاتقاندەك، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن تەگسىز چوڭقۇرلۇققا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە ئۇ تونۇشى كېرەك بولغان يېڭى ۋە يات تېررىتورىيە، يەنە بىر تەرىپىدە ئۇنىڭغا تونۇش ئاشۇ كونا تېررىتورىيە—ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىي تېررىتورىيىسى— تاشلىنىپ ياتىدۇ. ئۇ ھەر ۋاقىت مانا مۇشۇ ئىككى تېررىتورىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىشقا مەجبۇرلىنىدۇ.
بۇ يەردىكى مۇساپىرلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى كۆچۈشىگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن قانۇنىي يولدا كۆچۈشنى قارار قىلسا، بۇ «كۆچمەنلىك»، كۆچكۈچى «كۆچمەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، بىر ئادەم ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىدىن ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ياكى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي شەكىلدە باشقا دۆلەتكە ياكى رايونغا قېچىپ پاناھلىق ئىزدىسە، بۇنى «مۇساپىرلىق»، قاچقۇچىنى «مۇساپىر» دەيمىز. سۈرگۈنلۈك بولسا ئادەتتە ئۆزى خالاپ ياكى مەجبۇرىي كۆچۈشنى كۆرسىتىدۇ. سۈرگۈنلۈك بىلەن مۇساپىرلىق ئادەتتە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ—ئۇلارنىڭ تۈپكى پەرقى شۇكى، مۇساپىرلىق بىراۋنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە باشقا قاراشلىرى، ئۇرۇش، سىياسىي بېسىم ۋە جازالاش سەۋەبىدىن ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىن قېچىپ چىقىپ باشقا بىر دۆلەتتە پاناھلىنىشىنى كۆزدە تۇتسا، سۈرگۈنلۈك سۈرگۈندىنىڭ ئۆزى خالاپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ باشقا بىر رايونىغا پاناھلىنىشىنى ياكى شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇشنى قارار قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. پىسخىك نۇقتىدىن، مۇساپىرلىقتا قورقۇنچ مۇھىم رول ئوينىسا، سۈرگۈنلۈكتە مەلۇم مەنىدىكى ئەركىن قارار قىلالاش مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۆۋەندە سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز «مۇساپىرلىق» تېمىسى بولۇپ، كەڭ مەنىدىن سۈرگۈنلۈكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئارقىلىق بىز ئىنسانلارنىڭ مۇساپىرلىقتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ھايات تەجرىبىسىنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆيدىن ئايرىلىش، مەيلى ئۇ قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك مۇھىتتىن قېچىشنى تاللاشنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن قېچىشقا مەجبۇرلىنىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسۇن، مۇساپىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ. بۇ شۇنداق بىر سىرلىق دەرۋازىكى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلىدىغىنى، شۇنداقلا بۇ بىلىش سەۋەبلىك ئۆزىنى داۋاملىق خاتىرجەم ھېس قىلىشقا تىرىشىدىغىنى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى—ئۇنى مۇساپىرلىققا سالغان ئاشۇ ئۆتمۈش تەجرىبىلىرىدۇر. شۇنداقتىمۇ، مۇساپىرلىق پۈتۈنلەي ئۆزگىچە تەجرىبىدۇر—ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىكى مۇساپىرغا يېڭى ۋە يات دۇنيانىڭ ئۆزگىچە بىلىنىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا مۇساپىرنىڭ ھەممە تونۇش تەجرىبىلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قاتنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بارلىق تەجرىبىلەر ئاخىرلاشقاندەك بىلىنىدىغان يېڭى ۋە يات مۇھىتتا ھايات قېلىش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن يېڭى تەجرىبىگە قايتا ئېرىشىشكە تۇتۇنۇشتۇر.
مۇساپىرلىق ئۆيىدىن—جۈملىدىن ۋەتىنىدىن—ئايرىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنى دېيىش كېرەككى، ئەگەر بىر قەدىرلىك كىشىڭنى يوقاتساڭ، يەنىلا ئۆزۈڭنى بەزلەپ ياشىيالايسەن ۋە ھاياتتىكى باشقا قەدىردانلىرىڭغا يۈزلىنەلەيسەن؛ ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى ۋە مەھەللە-كويلىرىڭنى يوقاتساڭ، يەنىلا چىشىڭنى چىشلەپ ياشايسەن ۋە ئۆپچۆرىلىرىڭدىكىلەردىن ياردەم سورىيالايسەن؛ ئەگەر مەھەللەڭنى ۋە شەھىرىڭنى يوقاتساڭ، يەنىلا باشقا بىر شەھەرگە قېچىپ كېتەلەيسەن ۋە ئۇ يەردە پاناھلىنالايسەن؛ ئەمما، ۋەتىنىڭنى يوقاتساڭ، ئۆزۈڭنى يوقىتىسەن ۋە يەر يۈزىدە ئەمدى ياشىمايۋاتقاندەك ياشايسەن. ھاياتتا نۇرغۇن يوقىتىشلار بولىدۇ: مەسىلەن، كەسپ، ئوقۇش پۇرسىتى، پۇل-پۈچەك، دوستلار، ئابروي، ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە ھايات. ئەمما، ھېچقانداق بىر يوقىتىش ۋەتىنىنى يوقىتىپ قويۇشتەك، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭغا قايتالماسلىقتەك ئېغىر ۋە ئازابلىق بولمايدۇ. چۈنكى، يۇقىرىقى يوقىتىشلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەتەننىڭ توپرىقىغا دەسسەپ تۇرۇپ، تەسەللى تاپقىلى بولىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا نەرسىلەر يەنىلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ۋەتەن يوقالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ—قىسقىسى، ۋەتەننى يوقىتىشنىڭ تەسەللىسى بولمايدۇ. شۇنداقلا، نۇرغۇن قەلب يارىلىرى ۋە ھەتتا ئاسارەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ساقىيىدۇ، ئەمما ۋەتىنىنى يوقىتىشنىڭ يارىسى ۋە ئاسارىتى ئاسان يوقىمايدۇ؛ ئەكسىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
ۋەتىنىدىن ھەيدەلگەن ياكى ئۇنىڭدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر ئادەم ئۈچۈن، دۇنيا بىر مەھرۇملۇقتۇر—ئورنىنى تولدۇرغۇسىز بىر مەھرۇملۇقتۇر. ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقىنى پەقەت ئۆزىنىڭ جېنىلا ئەمەس، بەلكى تىنچلىقىنى، خاتىرجەملىكىنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقاتقان ئۆزىدۇر. ئادەم مۇساپىرلىقنىڭ كېچىكىگە كىرگەن ئاشۇ مىنۇتتىن تارتىپ، شۇ نەرسە ئۇنىڭغا قايتا-قايتا ئايان بولىدۇكى، ھايات قېلىش ئۈچۈن، جېنىنىڭ بارىچە قېچىش، قېچىش ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇش كېرەك. ئەمما، ئۇ ئەسلىمىسىدىن قېچىشقا قانچە تىرىشقانسېرى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئۇنى شۇنچە قوغلايدۇ. ئۇنى توختىماي بىسەرەمجان قىلىدۇ. مۇساپىرلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلەرنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىش—قايتا كۆرۈنۈش—ئېكرانىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. ياكى، تېخىمۇ كەسكىن ئېيتقاندا، مۇساپىر ئۈچۈن، ھايات سىرتىدا ئەمەس، بەلكى پەقەت ئىچىدىلا ياشىلىدىغان ساپ ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ.
مۇساپىرلىق مانا مۇشۇ خىل مەۋجۇتلۇق ھالىتىنىڭ ئېنىق تەبىرىدۇر. بىز تۆۋەندە سۆزلىمەكچى بولغان مۇساپىرلىق تەجرىبىسىدە ئادەم ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ خاھىشىنىڭ ئەكسىچە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ مەڭگۈ ئاخىرلاشماس چۈش قوينىغا ئازاب ھەم ئۈمىد بىلەن شۇڭغۇيدۇ. مۇساپىرلىق ئۆي بىلەن يات يەرنىڭ، بۇ يەر بىلەن ئۇ يەرنىڭ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئېنىقسىزلىقتۇر. مانا مۇشۇ ئېنىقسىزلىقتا، ماكانسىزلىق، ۋاقىتسىزلىق ۋە ھېچكىملىك بار. مۇساپىرلىقتا مۇساپىرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئېقىش يۆنۈلۈشىگە بولغان غالجىرانە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بار—ئۇ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەنسېرى ئۆتمۈشكە قايتىشقا بولغان تىركىشىشتۇر.
مۇساپىرلىق كۆڭۈلسىز ناتونۇشلۇققا ئېچىلىشتۇر. ئۇ بەزىدە ناتونۇشلۇققا تەييارلىقسىزلا تاشلىنىش بولغاچقا، ئۇ مۇساپىرنى يېڭى ماكان ھەققىدە ھېچقانداق بىلىش بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. مۇساپىر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرى ئۇلىشىپ كېلىدىغان ناتونۇشلۇقلار، ئېنىقسىزلىقلار ۋە پەرەزسىزلىكلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىش ئىستىكى تەبىئەتنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بىردىنبىر قوزغىلىشچان (ئىستىنكتلىق) ئىنكاسچانلىقىدا مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇ بىر قۇرۇتتىن تارتىپ بىر ئادەمگىچە ئورتاق بولغان ياشاش ئىرادىسىنى ئىشقا سېلىشقا جىددىي موھتاج بولىدۇ—مۇساپىرلىق ئامان قېلىش ئۈچۈندۇر. ئۇ ھايات قېلىش ئىرادىسىنىڭ نامايان بولۇشىدۇر. جاننى ئېلىپ قېچىشنىڭ ئاشۇ جىددىيچىلىكلىرىدە، نىشانسىزلىقتا، ناتونۇشلۇقتا ئادەم بەزىدە ھاياتنىڭ شۇقەدەر نازۇك، ئايانچلىق ۋە ئاجىز يۈزىدىكى سۇس جىلمىيىشنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالىدۇ. ئۇ بىر تۇرۇپ چوڭقۇر ھېسداشلىققا، يەنە بىر تۇرۇپ چۈشىنىكسىز باغرىتاشلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇساپىرلىق ئاخىرلىشىپ نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مۇساپىر ئاشۇ جىلمىيىشنى ئۆزىگە سۇنۇلغان بىرپىيالە ئىسسىق چاينى ئالغاندا، يەنە تۇيۇقسىز ئەسكە ئېلىپ قالىدۇ. ھاياتنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەس ئېزىقتۇرۇشلىرىغا مەپتۇن بولىدۇ. ئۇنىڭغا مۇساپىرلىق يەنىلا بىر خىل تەبىئىي، ئاز-تولا رومانتىك ۋە قىزىقتۇرۇشچان ھايات شەكلىدەك بىلىنىدۇ—ھەتتا بۇ ھايات شەكلى ئۇ قەدەر ئازابلىق، كۈتۈلمىگەن ۋە باش-ئاخىرى چىقماس بولسىمۇ.
مۇساپىرنى كۈتۈۋالىدىغىنى يېڭى تىل، يېڭى كۇلتۇر، يېڭى ئادەملەر، يېڭى مەنزىرە، يېڭى ئاۋازلار ۋە يېڭى ھىدلاردۇر. بۇلارنىڭ ھەممسى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەلىتە، چۈشىنىكسىز ۋە يېقىنلاشقۇسىزدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياتلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ—ئۇنىڭ ئۇلارغا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ياتۋاشلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. مۇساپىرلىقتا مۇساپىر ئۆزىنى ئەڭ ئېنىقى بىلەن تۇيىدۇ. تەنھالىققا پاتىدۇ. ئۆزىنىڭ پەرقىگە ئەڭ بارىدۇ. ئۆزىنىڭ پەقەت ئۆزىلا ئىكەنلىكىنى، باشقا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بولالمايدىغانلىقىنى قەلبىنىڭ تىرەن-تىرەنلىرىدىن چۈشىنىدۇ. مۇساپىرلىقنىڭ ئەۋجىدە مۇساپىر ئۆزى بىلەن تىرەن نۇقتىدا ئۇچرىشىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى بىلەن روبىرو ھالەتتە كۆرىدۇ—نومۇس، قايمۇقۇش، ھەسرەت ۋە نىشانسىزلىق ئىلكىدە، ئۆتمۈشىگە قايتىشى كېرەك بولغان ئەمما قايتالمايدىغان ئەھۋالدا. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، بالىلىق ئۆزىنى قايتا ئايان قىلىدۇ—ئادەمنىڭ قايتماقچى بولغىنى ئۆيى ئارقىلىق ئەسلىنىدىغان ئاشۇ يىراق بالىلىقتۇر. ئۇنىڭ قايتماقچى بولغىنى بالىلىقىغا سىڭىپ كەتكەن ناتىۋانلىقى، كۈلكىلىرى، ھەۋەسلىرى، قىزىقىشلىرى ۋە خىياللىرىدۇر. تېخىمۇ توغرىسى، ئاشۇ يىراق بالىلىقىدا قالغان ئۆزلۈكىدۇر. شۇ سەۋەب، مۇساپىرلىق بىر خىل توختاپ قېلىش شەكلىدىكى كۈتۈشتۇر—ئۇ قايتىش مۇمكىن بولمايدىغان بالىلىققا قايتىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئاشۇ ئىپتىدا خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ساددىلارچە ئىشىنىشتۇر. ئەمما، شۇنىسى ئېنىقكى، قايتىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى قايتالماسلىقنىڭ ئەمەلىيىتى ئادەمنىڭ خام خىيالىنىڭ بىھۇدىلىكىنى بارغانسېرى ئاشكارىلايدۇ. ئۇنى ئازابلاشقا باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىقىدىن ياتلاشقانلىقىنى ھېس قىلىشقا، ئۆزىنىڭ دۇنياسىنىڭ كۆز ئالدىغا غۇلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشكە ۋە كەلگۈسىنىڭ قۇپقۇرۇقلىقىغا چىن پۈتۈشكە باشلايدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا، ئادەم ئۆزىدىن ياتلىشىشقا باشلايدۇ—ماكانىدىن، ۋاقتىدىن، ھەممە نېمىسىدىن ياتلىشىشقا باشلايدۇ. قەلبىنى بىر پىغان—تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر پىغان—ئۆرتەيدۇ. قەلبى ئىسەدەيدۇ. مۇساپىرلىق مۇڭغا تولغان ئىسەدەشتۇر—يۈرەكنىڭ ئىچ-ئىچلىرىدىن كېلىدىغان، ئادەم ئۆزىگە، ئۆزىگىلا ئېسىلىپ، بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلاشتۇر.
مەلۇم نۇقتىدىن، مۇساپىرلىقنىڭ يەنىلا تەسەللىسى بار. ئۇ ئىنساننىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى تىنچسىز ھالىتىنىڭ رادىكال شەكلىدۇر—ھېچكىم بېشىدىن ئاشكارا ۋە ئاڭلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان، ئەمما يوشۇرۇن ۋە ئاڭسىز شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان. شۇ سەۋەب، مۇساپىرلىق ئۇنىۋېرسالدۇر. ئۇنىڭ تەسۋىرلەيدىغىنى ئادەمنىڭ ھېچقانداق بىر ئورۇندا ئۇزۇن تۇرالماي، يېڭى بوشلۇققا—ناتونۇشلۇققا—ئىتتىرىلىشىدۇر. مۇساپىرلىقتىكى سەرسانلىق پەقەت دىنىي ھېكايىلەردىكى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى سەپىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئادەمنىڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇق ھالىتىنىمۇ ئىشارىلەيدۇ—ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىقىدىن مۇقەررەر ئايرىلىشىنىڭ، خام خىياللىرىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ، قورقۇنچىنىڭ يوقىلىشىنىڭ، ئىلگىرىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن قېلىشىنىڭ، قارا بېسىشتىن ھامان ئويغىنىشىنىڭ، ئۆزىگە قەدىرلىك بىلىنگەن نەرسىلىرىدىن ۋە ئادەملىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولمىغان مۇھىتقا كىرىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىدۇر. ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئۆزىگە تەۋە بارلىق نەرسىلەردىن ھامان بىر كۈنى ئايرىلىدىغانلىقىنىڭ ئالدىنئالا بېرىلگەن بېشارىتى بار. بۇ نۇقتىدىن ئۇ ئۆلۈمگە ئوخشاپمۇ كېتىدۇ. مۇساپىرلىق ئۆلۈم ئەمەس، ئۆلۈۋېلىش تېخىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭدا چوڭقۇر بىر يوقىتىش بار—ئۇ بىر قاراڭغۇ تەگسىزلىككە بىئىختىيار كىرىشتۇر، خۇددى ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم كىرىپ باقمىغاندەك، ھەم كېيىنمۇ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدىغاندەك…
كەڭ مەنىدىن، يېڭى ۋە يات دۇنيادا مۇساپىر يەرلىشىش، توقۇنۇش ۋە يارىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق ھەرىكەت جەريانىغا قاتنىشىدۇ. يەرلىشىش مۇساپىر بىلەن ئۇنىڭ يېڭى، يات، خىرىسلىق ۋە ھەتتا دۈشمەنلىك مۇھىتىدا قانداق قىلىپ ئامان قېلىشقا تىرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى كۇلتۇر، ئىجتىمائىي سىستېما، قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما مۇساپىرنى قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىتىدۇ. يېڭى مۇھىتتا مۇساپىر ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش ئىستىكىگە تېخىمۇ قاتتىق يېپىشىدۇ. ھايات قېلىش مۇساپىرغا مۇنداق قىيىن تاللاشنى سۇنىدۇ—ياكى مۇھىتقا ماسلىشىپ ئامان قېلىش ياكى ئۇنىڭغا ماسلىشالماي شاللىنىش. دارۋىن بايقىغان مۇھىتقا ماسلىشالىغان تۈرلەرنىڭ ئامان قېلىشى ۋە ماسلىشالمىغانلىرىنىڭ شاللىنىشى ھەققىدىكى قاراشنى ئىجتىمائىي جەمئىيەتكىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ—ئەگەر كىمىكى ئىجتىمائىي قائىدە-يوسۇنغا ماسلاشمايدىكەن، ئۇ شەكسىزكى شاللىنىدۇ؛ كىمىكى ماسلىشىدىكەن، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بالىلىقىدا ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ماسلىشىشنى ۋە ئۇنىڭغا بوي سۇنۇشنى ئۆگەنگەن مۇساپىردىن يېڭى مۇھىت ئوخشاشلا ئۆزىگە ماسلىشىشنى ۋە بوي سۇنۇشنى كۈتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدە ئۆزى تەۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمگە «ماسلىشالماي» «شاللىنىپ» ياقا-يۇرتلارغا بېشىنى ئېلىپ سەرسان-سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىر يات تۇپراققا يەرلىشىشتە شەكىلدە يېڭى ئەمما ماھىيەتتە ئوخشاش ئىجتىمائىي بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ—ياكى ماسلىشىش (بوي سۇنۇش) ياكى ماسلاشماسلىق (بوي سۇنماسلىق). ماسلىشىش مۇساپىرنىڭ ئاشۇ جەمئىيەت، ئۇنىڭ سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، ماسلاشماسلىق ئۇنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن يەكلىنىشى، سىقىپ چىقىرىلىشى ۋە ھەتتا جازالىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مانا مۇشۇ ھالەت بىزنى مۇساپىرنىڭ يات ئەلدىكى سەپىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئېلىپ كېلىدۇ—توقۇنۇش. توقۇنۇش باسقۇچى كۆپ ھاللاردا مۇساپىرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كۇلتۇر ۋە ئىجتىمائىي نورمىلارغا ماسلىشىشى بىلەن ماسلاشماسلىقى ئېلىپ كېلىدىغان توقۇنۇشنى ئىچكىيلەشتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. كىچىكىدىن ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ماسلىشىشنى ئاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپلەرنىڭ ئائىلىدە ئەمەلىيلىشىشىدىن ئۆگەنگەن مۇساپىر ماسلىشىشنى تاللاش ئارقىلىق بالىلىقىدىكى خاتىرجەملىك، قوبۇل قىلىنىش ۋە سۆيۈلۈشكە قايتا نائىل بولغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، پىسخىك توقۇنۇش—ئۆزىنى بالىلىقىدا ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇپ چىققان ئاشۇ نوپۇزنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. توقۇنۇش ئېغىرلاشقاندا، يېڭى مۇھىتنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئارقىسىدىكى نوپۇز ئامىلى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ نوپۇزى بىلەن ئالمىشىپمۇ قالىدۇ. نەتىجىدە، مەۋجۇت رېئاللىققا ماسلاشماسلىق خۇددى ئاتىسىنىڭ نوپۇزىغا ئۆكتە چىقىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
دارۋىننىڭ، فرويدنىڭ ۋە سكىننېرنىڭ نەزەرىيىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق بىر ئوخشاش نۇقتىنى ئوخشاش بولمىغان ئىلمىي قاراشلار ئارقىلىق دەلىللەيدۇكى، ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالمىغان جانلىقلار—ئادەممۇ شۇنىڭ ئىچىدە—شاللىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. تەبىئىي شاللاش ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ جانلىقلارغا قويىدىغان ئۆزىگە شەرتسىز ماسلىشىش تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ ھايات قالالاش ياكى قالالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان بىئولوگىيىلىك پرىنسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىي تاللاش جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادەم ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا—بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇھىتىغا—ماسلاشمىسا، ماسلىشالمىسا ياكى ماسلىشىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ مۇھىت تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا، ئادەم بۇ ھادىسىلەر قەلبىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بېسىم تۈپەيلى روھىي كېسەللىككە مۇپتىلا بولىدۇ. شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، روھىي كېسەل بولۇشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىرەن، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەڭ ماھىيەتلىك سەۋەب دەل ئادەمنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالماسلىقىدۇر. روھىي كېسەللىك، مۇشۇ نۇقتىدىن، ئادەم بىلەن جەمئىيەت (ئىجتىمائىي مۇھىت) ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان توقۇنۇشنىڭ پىسخىك قالايمىقانچىلىق شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر.[i] تاشقى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي تەلەپلىرىگە ماسلىشىش ئېلىپ كېلىدىغان بېسىم ئاڭدا ۋە يوشۇرۇن ئاڭدا ناھايىتى تىرەن ئەكس سادا قوزغايدۇ—ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي قائىدە-تۈزۈملەرنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ۋىجداننىڭ ئاۋازى دەپ قارىلىدىغان، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئىچكىيلەشتۈرۈلگەن سۇپېرمەنلىكى ئادەمنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسىغا مەسئۇل مەنلىكىگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئاڭسىزلىقنى تاشقى دۇنيانىڭ تەلەپلىرىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلايدۇ. مەنلىك ئادەمنى بىر تەرەپتىن سۇپېرمەنلىك ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن مادارا قىلىشقا كۈچىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ، ئىدتىن دەۋرەپ كېلىدىغان قارشىلىق سۈپىتىدىكى ھېس-تۇيغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، مەنلىك ئۆزىنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدۇ—خەتەرلىك ئىستەكلەرنى بېسىۋېلىش، بۇرمىلىۋېتىش، سۇبلىماتسىيە قىلىش، ئورنىنى يۆتكىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئەگەر مەنلىكنىڭ ياراشتۇرۇش خىزمىتى مەغلۇب بولسا، ئادەم ئىچىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرايدۇ ۋە ھەتتا بېسىم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ. يەنى ئادەم ئۆزى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئىچكىلەشتۈرگەندە ۋە ئۇلارنى كېلىشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا، تۈرلۈك شەكىلدىكى پىسخىك بېسىم تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان روھىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ—چۈشكۈنلۈك (depression، دىپرېسيون)، كېيىنكى-ئاسارەتلىك سترېس قلايمىقانچىلىقى(post-traumatic stress disorder)، ئەندىشە قالايمىقانچىلىقى (anxiety disorder) ۋە چېگرا خاراكتېر قالايمىقانچىلىقى (borderline personality disorder) ، قاتارلىقلار. مۇشۇ نۇقتىدىن، بىز مۇساپىرنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق مۇنداق ئىككى پاكىتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللىيەلەيمىز—روھىي كېسەللىكنىڭ ئىجتىمائىي مەنبەلىكلىكى ۋە ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك توقۇنۇش.[ii]
مۇساپىرلارنىڭ يەرلىشىش ۋە توقۇنۇش ھاياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ماسلىشىشقا مەجبۇرلىنىدىغىنى ئۇلار ئىلگىرى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان يېڭى مۇھىتتۇر. بۇ مۇھىت ئۇلارغا تېخىمۇ زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھايات قېلىشنى كۆزلەپ مۇساپىر بولۇشنى تاللاش ۋە ۋەتىنىگە قايتالماسلىق مۇساپىرنى مەلۇم جەھەتتىن يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھايات قېلىش قوزغىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇساپىر يەنىلا ئۆزى يەرلىشىۋاتقان يېڭى مۇھىتقا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىدۇ. ئەمما، بۇ جەرياندا ھەممە مۇساپىرلار غەلىبە قىلالمايدۇ. چۈنكى، ماسلىشىش جەريانى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇساپىرنىڭ قەلبىدە ۋاقىت يوقىتىۋېتەلمەيدىغان نۇرغۇن پىسخىك ئاسارەتلەرنى قايتا نامايان قىلىدۇ—مەسىلەن، ئۇرۇش، تۇتقۇنلۇق، قىيناققا چۈشۈش ۋە تۈرمە ئازابى خاتىرىسى. ئۆتمۈشنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ئاسارەتچان خاتىرىسى مۇساپىرنىڭ ھايات قېلىش ئىستىكىدە يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشىغا تۈرلۈك شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ماسلىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانسېرى، مۇساپىر تىتتىتلىققا چۆمىدۇ، جىددىيلىشىدۇ ۋە ئۆزىگە تېخىمۇ بېسىم قىلىدۇ؛ ئۆزىگە بېسىم قىلغانسېرى، ئۆتمۈشنىڭ ئەسلىمىسى ئۇنىڭ ماسلىشىشىنى ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخىمۇ توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ—بۇ بىر ئازابلىق رەزىل ئايلىنىشتۇر. ئەگەر مۇساپىر بۇ رەزىل ئايلىنىشنى توختىتىش ھەققىدە ھېچقانداق پىسخىك ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، يېڭى مۇھىتقا يەرلىشىشتە پۈتۈنلەي مەغلۇب بولىدۇ. ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئۆتمۈشىدىن قېچىش ھەققىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئاخىرىدا مەغلۇب بولىدۇ—ئۇ ئاشۇ قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق ۋە ئاسارەتلىك ئۆتمۈشىگە يەنە قايتىدىن بەنت بولىدۇ—ئۆزىنى ئۇنىڭدا يوقىتىدۇ.
شۇ نۇقتا تەتقىقاتلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا دەلىللىنىۋاتىدۇكى، مۇساپىرلارنىڭ روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يەرلىكلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ قىسمى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ماسلىشىش ئېلىپ كەلگەن بېسىمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گەرچە ماسلىشىشتا غەلىبە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ تەگ-تەگلىرىدىكى قانائەتسىزلىكلەر، قايمۇقۇشلار ۋە ئازابلار ئۆمۈر بويى تۈگىمەيدۇ.
ئەمدى ئۈچىنچى باسقۇچقا كېلەيلى—يارىشىش. بۇ باسقۇچ جەمئىيەتنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن مادارا قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مادارا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەمنى ئۆزى بىلەن مادارا قىلغۇزىدۇ—ئۇنى قەلبىدە ئاز-تولا تىنچلىققا ۋە نىسبىي خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، خۇددى باشقا بارلىق ماسلىشىشلارغا ئوخشاش، بۇ ماسلىشىشقىمۇ بەلگىلىك خىرىسلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يەنى ماسلىشىش ماسلاشقۇچىدىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىممەت قاراشلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنىڭ تەلىپىگە بوي سۇندۇرۇشنى ھەتتا نامۇناسىپ تەركىبلىرىنى تاشلىۋېتىشكە زورلايدۇ. بۇ باسقۇچ يەنە مۇنداق ئىككى خىل ماسلىشىش خاھىشقا ئىگە—بىرى، تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىش ئەمما قەلبىدە ھەقىقىي ماسلاشماسلىق؛ يەنە بىرى، ھەم تاشقى ھەم ئىچكى جەھەتتىن پۈتۈنلەي ماسلىشىش. ئىككىنچى مۇمكىنچىلىك، مۇساپىرنىڭ يېڭى كۇلتۇرغا سىڭىشى، ئۆزلىشىشى، ئۇ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ۋە ئاخىرى ئۇنىڭغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئاسسىمىلاتسىيە جەمئىيەتنىڭ مۇساپىر ئۈستىدىن ئۈزۈل كېسىل غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، ماسلاشقۇچى ئاسسىمىلاتسىيە ۋەدە قىلىدىغان قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تىنچسىز روھىنى پەپىلەيدۇ—ئۇنىڭ فىزىكىلىق ۋە پىسخولوگىيىلىك سەرسانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ۋەھالەنكى، بىرىنچى مۇمكىنچىلىك بولسا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئىچكى توقۇنۇشنى ئىشارىلەيدۇ. ئۇنىڭدا، ئادەم تاشقىي جەھەتتىكى نۇرغۇن تەلەپلەرگە—مەسىلەن يېڭى تىلدا سۆزلەشكە، يېڭى ئىجتىمائىي تەلەپ بويىچە پىكىر قىلىشقا، ئالاقىلىشىشقا، يېڭى شەكىلدە ئويلاشقا مايىللىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن ئۆزىنى ئۆزى قىلىپ تۇرىدىغان يادرولۇق قىممەتلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، كېچەلمەيدۇ—كۇلتۇرال كىملىك. كىملىك ئادەمنىڭ يېڭى جەمئىيەتتە قانۇنىي جەھەتتە شەخسىيىتىنى تەستىقلايدىغان ھۆججەتلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇساپىرلىق نومۇرىنى تېخىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ مۇساپىرنىڭ ھېچكىمگە تولۇق ئايان بولمىغان ھەم بولمايدىغان، شۇنداقلا ھېچكىممۇ ھەقىقىي قىزىقىپ كەتمەيدىغان ھېكايىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە بولغان سېغىنچى، ئارمىنى، چۈشى، ئەسلىمىسى—ئۇنىڭ كىم بولغانلىقى ھەققىدىكى بارلىق ھېس-تۇيغۇلارنىڭ جۇغلانمىسى بار. ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن كىم بولۇشى كېرەكلىكى—ئۇنىڭ كىم بولۇپ كەلگەنلىكى بىلەن كىم بولۇشنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بار. گەرچە مۇساپىر لەۋلىرىدە يات تىلنى زىكىر قىلسىمۇ، قەلبىدە ئۆزىنىڭ تىلىدا ئۈنسىز پىچىرلايدۇ؛قوللىرىنى كۆتۈرۈپ يېڭى دۆلەتنىڭ بايرىقىغا سالام بەرسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەن بايرىقىنى سېغىنىدۇ؛ يېڭى دۆلەتنىڭ كىيىمىنى كىيسىمۇ، كۆڭلىدە كىچىك چېغىدا بايرامدا كىيگەن كىيىمىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدۇ؛ يېڭىچە يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ، كۆڭلى ھامان ئۆزىنىڭ ئاشۇ تېتىملىق تاماقلىرىنى تارتىپ تۇرىدۇ. شۇنداق، مۇساپىرنىڭ ھاياتى ھەر ۋاقىت قوش قاتلاملىقتۇر. ئۇ ئىككى تېررىتورىيىنىڭ ئادىمىدۇر—كونا ۋە يېڭى تېررىتورىيىلەرنىڭ. ئۇ ھەم يېڭى يەرگە تەۋە ھەم تەۋە ئەمەستۇر؛ ئۇ ھەم يېڭى يەردە ھەم ئەمەستۇر؛ ئۇ يېڭى يەردىن ھەم ئۆتمۈشىنى ھەم كەلگۈسىنى ئىزدەيدۇ.
ئەنە ئاشۇ ئېنىقسىز ۋاقىت ۋە ماكاندا، مۇساپىر بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىچە مەنىگە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. كېيىنكى ئەۋلاد مۇساپىرنى كەلگۈسىدە قانچىلىك داۋاملاشتۇرسا، ئۆتمۈشكىمۇ شۇنچىلىك ئېلىپ بارىدۇ. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، كېيىنكى ئەۋلاد مۇساپىر ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىمكى، ئۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋج ئۇرۇپ ئاقىدىغان تارىخنىڭ، كۇلتۇرنىڭ ۋە ھېس-تۇيغۇلارنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ—ئۇنى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىدىكىدەك خام خىيالغا ئىگە قىلىدۇ. كېيىنكى ئەۋلاد، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يېڭى كۇلتۇرغا ماسلىشىشى، ئۆزلىشىشى ۋە سىڭىشىشىنى يېڭى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ—ئۇ ئۆزى ماسلىشالمىغان رېئاللىققا ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ۋاسىتىلىق قاتنىشىدۇ؛ ياكى ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مادارا قىلىدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى ئەۋلات كۆچمەنلەر كۆپ ھاللاردا يېڭىياچى بولۇش، يەرلىك تىلنى پىششىق بىلمەسلىك، يەرلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولالماسلىق، يەكلىنىش، كۇلتۇر شوكى ۋە باشقا پىسخىك توسالغۇلار سەۋەبلىك ھاياتىنى ياخشىلاش پۇرسىتىگە كۆپ ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلار پەقەت قاتتىق ئىشلەش ئارقىلىق ئائىلىسىنى ھاللىقراق سەۋىيىدە بېقىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى—ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر—ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەكسىچە، يەرلىك كۇلتۇرغا مائارىپ يولى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش ۋە قوش-كۇلتۇرلىشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپرەك پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. ئۆزى تەۋە جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئارىلىشىدۇ. ئۇنىڭغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇشقا، ئۇنىڭدا تونۇلۇشقا ۋە ئېتىراپ قىلىنىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ ئۆزى تەۋە كۇلتۇرغا—ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەن كۇلتۇرغا—بولغان مۇناسىۋىتى ئاتا-ئانىسىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا سۇسلىشىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئەسلى كۇلتۇرىغا بولغان باغلىنىشىنى مەلۇم سەۋىيىدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى كۇلتۇرغا بولغان كۈچلۈك مايىللىقىنى—ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىش خاھىشىنى—ئىپادىلەيدۇ. ئۈچىنچى ئەۋلاد يېڭى كۇلتۇرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تەۋە كۇلتۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆپ ھاللاردا بىر خىل سىمۋوللۇق سەۋىيىدىلا ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئالاقىسىنى ئۈزۈشى مۇمكىن. بۇ ئەلۋەتتە شەخسكە، دىياسپورا جامائەتچىلىكىگە ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ خىلمۇ خىل بولىدۇ.
كۆچمەن جامائەتچىلىكنىڭ يەرلىشىش تەجرىبىسىنى مۇساپىرلار جامائىتىگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. مۇساپىر بىلەن ئۇنىڭ كۇلتۇرى ئوتتۇرىسىدىكى ماكان ۋە زامان كەلتۈرۈپ چىقارغان يىراقلىشىشنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە چەۋرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى كېڭىيىشكە، كۇلتۇرال قىممەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆتۈشى قىيىنلىشىشقا ۋە ھەتتا توختاپ قېلىشقا، كۇلتۇرال ئەسلىمە بارغانسېرى سۇسلاشقا ۋە ھەتتا يوقاشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ، مۇساپىر بىلەن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدا رېئاللىققا، ئۆتمۈشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ھاياتلىق پوزىتسىيىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭىيىشى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئەھۋال ئېغىرلاشقاندا، ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ئاساسەن ئاخىرلىشىدۇ—بۇ ھادىسە پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرىدە «ئەۋلادئارا بوشلۇق، پەرق ۋە توقۇنۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىدىغان ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاخىرىدا ئاشۇ مۇساپىر ۋە ئۇنىڭ دىياسپورا جامائىتىنى ئىجتىمائىي ئاسسىمىلاتسىيىگە يېتەكلەيدۇ.
مۇساپىرلىق كوللېكتىپقا يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭ قاتلاملىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. بىر كوللېكتىپ ئۈچۈن، ئۆزى ياشاپ كەلگەن يۇرتى، تۇپرىقى ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئۇنىڭغا كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇ ئۆتمۈشىگە سېغىنىش، ھازىرىدا ھايات قېلىشتا جىددىيلىشىش ۋە كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىقتىن قايمۇقۇش قاتارلىق ھېسلارنىڭ قوينىغا غەرق بولىدۇ. يوقىتىش ھېسسى كوللېكتىپنىڭ زېھنىيىتىنىڭ مەركىزىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەر، يىللار، نەچچە ئون يىللار ۋە ئەسىرلەر داۋامىدا، ئەگەر ئۇلار يۇرتىغا قايتالمىسىلا، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلىرىنى يوقىتىدۇ؛ شۇنداقلا، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگىمۇ ئېرىشىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، ئۇلار يات ئەلدە نېمىگە ئېرىشكەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نېمىنى يوقاتقانلىقى بىلەنمۇ ئۆزىنى تەبىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇلارنى قانچىلىك بىرلەشتۈرسە، ئۇلارنىڭ نېمىنى يوقاتقانلىقىمۇ ئۇلارنى شۇنچلىك بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ئارقىدا—تولىمۇ يىراقتا—قالغان ئوخشاش بىر ۋەتەنگە باغلانغان ئوخشاش چۈش، ئوخشاش ئۆتمۈش، ئوخشاش تارىخ ۋە ئوخشاش تىلنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ—ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنىڭ مۇھىم قىسمى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يېڭى بىر ۋەتەننىڭ يېڭى چۈشىگە، ئۆتمۈشىگە، تارىخىغا ۋە تىلىغىمۇ كىرىدۇ.
يات زېمىنغا قەدەم قويغان دىياسپورا جامائىتى ئۈچۈن، ئېنىقسىزلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ. ئېنىقسىزلىق ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سوئاللايدۇ. ئۇلار ياكى ئۆتمۈشىگە قايتالمايدۇ؛ ياكى كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچالمايدۇ، بەلكى ھەر سېكۇنت دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى، ئىدراكى ۋە ئەقلىنى غىدىقلايدىغان ناتونۇشلۇقلار ئىلكىدە قالىدۇ. ئۆتمۈش يىراقتا قالغان، كەلگۈسىنى قىياس قىلغىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئەھۋالدا ھازىردا توختاپ قالىدۇ. ئاشۇ توختاپ قېلىش ئۇلارنىڭ كىملىكىگە جىددىي خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئېنىقسىزلىقتا، دىياسپورا ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا باشقا نۇرغۇن پىسخىك مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېردىكىلىرى تۆۋەندىكىچە: ناتونۇشلۇق، سېغىنىش، تەنھالىق، ياردەمچىسىزلىك، گۇناھ ۋە نومۇس تۇيغۇسى، ئايرىلىش ۋە يوقىتىش، ھەسرەت، ئانا تىلدىن كېتىش، قىممەت قاراشلىرى مۈجمەللىشىش، ئۆزىنى كەمسۇندۇرۇش، كىملىكسىزلىك، يىلتىزسىزلىق، ئىچى ئاچچىق بولۇش، گۇمانخورلۇق، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئۆزىنى قۇربانلىق بۇيۇمى ھېس قىلىش قاتارلىقلاردۇر. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، بۇ پىسخىك تەسىرلەرنىڭ بەزىلىرى سۇسلىسا ۋە ھەتتا يوقاشقا باشلىسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا قېتىلىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىملىكسىزلىك ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىلدىن كېتىش، تەنھالىق ۋە يىلتىزسىزلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاجىزلاشمايدۇ—ئەكسىچە، خىلمۇ شەكىللەر بىلەن دىياسپورا ئەزالىرىنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دىياسپورا جامائىتىنىڭ يېڭى جەمئىيەتتە ئۇچرايدىغان بېسىمى يەككە ئىندىۋىدۇئال ئۇچرايدىغان بېسىمدىن ئۇنچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ—ئۆزى يەرلەشكەن جەمئىيەتكە ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىرى، ئىشىنىشلىرى ۋە سىستېمىلىرىغا ماسلىشىش. ئەمما، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق بىر ماھىيەتلىك پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ—كوللېكتىپنىڭ ماسلىشىشقا زورلىنىدىغىنى بىر شەخس نۇقتىسىدىكى زورلىنىش ئەمەس، بەلكى بىر كوللېكتىپنىڭ ئورتاق—مەيلى ئۇلار خالىسۇن-خالىمىسۇن—زورلىنىشىدۇر. ئەگەر زورلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، پۈتكۈل كوللېكتىپ ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ كۇلتۇرال، پىسخىك ۋە سوتسيال قىممەت سىستېمىسىنى يېڭى قىممەت سىستېمىسى بىلەن مادارا قىلىدۇ—ئۇنىڭ كېلىشلەيدىغان قىسمىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ كېلىشەلمەيدىغان قىسمىدىن ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ماسلىشىش كوللېكتىپنىڭ ھەممە ئەزالىرىدا دېگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشسە، كوللېكتىپ ئەسلىمە—بۇ كوللېكتىپنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كوللېكتىپ ئەسلىمە—ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ يېڭى تۇپراقتا، يېڭى دۇنيادا كىم بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى خىيالغا ۋە پىلانغا ئورۇن بوشىتىدۇ. نەتىجىدە، كوللېكتىپ ئەسلىمە يېڭى كوللېكتىپنى ئۆزىنىڭ ئەسلى كۇلتۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشتىن قالىدۇ. كىشىلەر ئاستا-ئاستا كوللېكتىپ ئۇنتۇشقا مۇپتىلا بولىدۇ—ئۆتمۈش ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلايدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پولەك شائىرى چېسۋاف مىۋوش ئۆزىنىڭ «سۈرگۈنلۈك ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە يېڭى كۇلتۇرغا مۇساپىر سۈپىتىدە كىرگەن بىر پولەك يازغۇچىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋە خەلقنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ ئەمما ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سۆزلىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ھازىر ئۇ ياشاۋاتقان يەردە ئۇ ئەركىن سۆزلىيەلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىنى سۆزلىگۈسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتى.»
ئۆزىنى سۈرگۈندە ياكى مۇساپىرلىقتا ساقلاپ قالالايدىغان جامائەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىنىڭ كۈچلۈك، يېڭى كۇلتۇرال خىرىسلارنى بىر تەرەپ قىلالاش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ۋە ئەۋلادلار ئارىسىدىكى بوشلۇقنىڭ يوق ياكى تار بولۇشىدۇر. ئۇلاردا ئۆزىنىڭ كۇلتۇرىنى ساقلاشقا قارىتا بىر خىل كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىدۇ. شۇنداقلا، بۇ تۇيغۇ ئۇلاردا بىر خىل باش تارتىپ بولماس ئىجتىمائىي ۋە ھەتتا دىنىي بۇرچقا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۇلتۇرى بىلەن يېڭى كۇلتۇرنى ماسلاشتۇرۇشقا ماھىرلىقىدۇر—ئۇنىڭدا كوللېكتىپنىڭ ئەزالىرى يېڭى كۇلتۇرغا بىر تەرەپلىمە ۋە بىر يۆنۈلۈشلۈك پاسسىي ماسلىشىشقا مەجبۇرلانماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كۇلتۇرى بىلەن يېڭى كۇلتۇرنى كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ يۆنۈلۈشلۈك ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇش بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېخىمۇ ئىجادىيلىقتا كۇلتۇر جەھەتتىن كوللېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى ئېلاستىك كىملىك رامكىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ توختىلىمىز.

2. مەنزىللەردىن مەنزىللەرگە

ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ.
مۇساپىرلار يىغلايدۇ،
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.

غېرىب ئاۋارىدۇر كۆڭلۈم،
غېرىبتا ماكان بولماس.
غېرىب بوپ ئۆلۈپ كەتسەم،
كۆمگىلى كېپەن بولماس.

                                                               — ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى

نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ئوقۇلۇپ كېلىنىۋاتقان يۇقىرىقى قوشاقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر. ئۇلاردا مۇساپىرلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب، تەنھالىق ۋە قورقۇنچقا قارىتا تىرەن سېزىمچانلىق بار. يۇقىرىقى قوشاقلارنى ۋە بۇ ھەقتىكى ناخشىلارنى كىچىكىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە مۇساپىرلىققا تەۋەككۈل قىلالىشىغا ئادەمنىڭ ئشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار مۇساپىرلىقنىڭ تەسەۋۋۇردىكى جەبر-ئازابلىرىغا قارىماي، تالاي قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىپ، سەرسان-سەرگەردانلىققا قەدەم قويغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدراكىدا مۇساپىرلىق «غېرىبلىق» قا باغلانغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار بۇ تەجرىبىنى ئادەتتە «غېرىب-مۇساپىرلىق» دەپ ئاتايدۇ. «مۇساپىرلىق» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشتكەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىغا دەرھال كېلىدىغىنى بىر غېرىب مۇساپىرنىڭ چۆل-جەزىرىلەردە يەككە-يېگانە ھالدا ئۆشنىسىگە بىر خۇرجۇننى ئارتىپ، بىر ئات ياكى بىر ئېشەك بىلەن قىينىلىپ تۇرۇپ، ئاللىقانداق مەنزىلنى كۆزلەپ يول يۈرۈشىدۇر. مۇساپىرلىققا باغلانغان بۇنداق تەسەۋۋۇرىي كۆرۈنۈش ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا تۇرغۇنلاشقان بىر ئۇقۇم ياكى بىر ئەسلى ھالەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يەنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، مۇساپىرلىق مۇساپىرنىڭ ئۆيى، ئائىلىسى ۋە يۇرت-مەھەللىسىدىن ئايرىلىپ، قايتىپ كېلىش-كەلمەسلىكى نامەلۇم بولغان جايغا تەۋەككۈل قىلىشىدۇر. شۇنىڭغا كۆرە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىققا تۇتىدىغان ئومۇمىي پوزىتسىيىسى مۇرەككەپلىككە ئىگە—بىر تەرەپتىن، ئۇ ھاياتنىڭ زۆرۈرىيىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئايرىلىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دەل مۇشۇ زۆرۈرىيەت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئېڭىنىڭ يادروسى بولغان بىللە ياشاش زۆرۈرىيىتىنى ئىنكار قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. يەنى، كوللېكتىپ ئېڭىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى، مېھماندارچىلىقنى، جەمەتچىلىكنى ۋە يۇرتۋازلىقنى ھېلىھەم مۇھىم ئىجتىمائىي قىممەت سۈپىتىدە كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇساپىرلىق ئېلىپ كېلىدىغان بەدەل بەكلا چوڭدۇر، ھەتتا ئۇ ناھايىتى ئىجابىي بىر كەلگۈسىنى ۋەدە قىلسىمۇ. رادىكال نۇقتىدا، ئۇ كونسېرۋاتىپ شەكىلدە جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى تەكىتلەش خاھىشىنى يوشۇرۇن ئىنكار قىلغۇچى ھەرىكەت قاتارىغا كىرىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدراكىدا مۇساپىر كۆپ ھاللاردا ئىجتىمائىي توپلۇقنى تەرك ئەتكۈچى، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكۈچى ۋە، تېخىمۇ رادىكال مەنىدىن، ئۇنى رەت قىلغۇچى سۈپتىدىمۇ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلاردا «كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول» دېگەن ماقال كۆپ قوللىنىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بىر ئادەمنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلماي، بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى باشقىلار بىلەن تەڭ كۆرۈشى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قوبۇل قىلىنىشىدىكى مۇھىم ئۆلچەمدۇر. بۇ ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ئەزالىرىدىن كۈتىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدۇر. ئۇيغۇرلاردىكى «ئەل-يۇرت» قا ئالاقىدار ماقال-تەمسىللەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مانا مۇشۇ ئۆلچەم ۋە مەسئۇلىيەت تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭدا بىراۋنىڭ باشقا يۇرتتا سۇلتان بولۇپ كېتىشىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ئۆز يۇرتىدا بار-يوقتا، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە يەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى يۇرتپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ چۈشىنىشكە بولسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئۇ يەنىلا كوللېكتىپنىڭ ئۆزىنىڭ (ئۇيۇشقاقلىق بىلەن) مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى يوشۇرۇن قوغداش خاھىشىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار يۇرتى بىلەن ئۆزىنى باغلىغاندا، بولۇپمۇ يۇرتىغا سېغىنىشىنى ئىزھار قىلغاندا كۆپ ھاللاردا «كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇم» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. تۇنجى قاننىڭ يەرگە تۆكۈلۈشىنى ئۇلۇغلاش ئادەمگە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مۇراسىملىرىدىكى قان ئېقىتىش ئارقىلىق ئاسايىشلىقنى، گۇناھسىزلىقنى، پاكلىنىشنى ۋە يارىشىشنى تىلىشىنى ئەسلىتىدۇ. تەگ نۇقتىدىن، قەدىمقى ئۇيغۇر ئىشىنىشلىرىگە كۆرە، ئۇ ئادەمنىڭ تۇپراق بىلەن بىرلىشىپ—يۇغۇرۇلۇپ—ئۇنىڭغا قايتىپ كېتىشكە بولغان ئاڭسىز ئىنتىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەنە شۇ ئاڭسىزلىقتا، قاننىڭ تۇپراققا تۆكۈلۈشى ئادەمنىڭ تۇغۇلغان جايى بىلەن ئەھدىلىشىشىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىدا، ئادەم بىلەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ بىر بۇزۇلماس باغ بولىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار يوشۇرۇن ئېڭىدا ئۆزى تۇغۇلغان جايغا—كىندىكى قېنى تۆكۈلگەن جايغا—قايتىپ ئۆلۈشنى ئىزادەيدۇ. ھەتتا، ياقا يۇرتلاردا ئۆلۈپ-تارتىپ قالسا، ئۆزى تۇغۇلغان جايغا قايتىپ، دەپن قىلىنىشنى ئىزدەيدۇ ۋە تەلەپ قىلىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، تۇپراق ئادەم تۇغۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان ماكاندۇر—خۇددى تۇپراقتىن ئۆسۈملۈك قانداق بىخ سۈرۈپ، ياشناپ ۋە ئاخىرى سۇلىدىغاندەك، ئادەممۇ تۇپراقتىن شۇنداق ئاپىرىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ياشايدۇ ۋە ئۆلگەندە ئۇنىڭغا كىرىدۇ—ئۇنىڭغا دەپن قىلىنىدۇ. تۇپراق تۇغۇلۇش، ياشاش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت چەمبەرسىمان ھەرىكەتنى ئۆزىدە بارلىققا كەلتۈرىدىغان، ساقلايدىغان ۋە قايتىلايدىغان ماكاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستى ھاياتلىققا سىمۋول قىلىنسا، ئاستى ئۆلۈمگە سىمۋول قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ چەمبەرسىمان ئايلىنىش يوشۇرۇن ئاڭدىكى مۇنداق بىر سىمۋولنىڭ مەنىسىدۇر—ھاياتنىڭ ئۆلۈمدە ئۆزىگە قايتىش ئارقىلىق، تولۇق ئاخىرلىشىشى—پۈتۈشىدۇر.
شۇنىڭغا كۆرە، خۇددى يۇقىرىقى قوشاقتا ئېيتىلغىنىدەك، مۇساپىرلىق ئىجتىمائىي ئىدراكتا بەلگىلەنگەن تۇغۇلغان جايدا ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاڭسىز خاھىشقا يوشۇرۇن قارشى چىقىدۇ. ئۆلۈمنىڭ ئادەم توغۇلغان جايغا قايتىپ كېتەلمەسلىكى ئادەمنىڭ سەرسان-سەرگەردانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ مۇھىمى، بەدەندىن ئايرىلىدىغان روھنىڭمۇ سەرسان-سەرگەندانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەمنى چەكسىز ئىزتىراپقا سالىدۇ—چۈنكى، ئۇ ئادەمنىڭ روھىنىڭ ھېچكىمى يوق ياقا-يۇرتتا چەكسىز تەنھا ۋە غېرىب قېلىشىنى ئىشارىلەيدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ روھى پەقەت ئۆزىنىڭ ئۆيى—ئۆزى تۇغۇلغان جايدىلا ئاسايىشلىق تاپىدۇ: روھ ئەسلىگە قايتىشى كېرەك. بۇ نۇقتىنى شاھ مەشرەپنىڭ مۇساپىرلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:

نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىبلىق شەھىرىدە يۈرسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قېنى قەۋمۇ قارىنداشىم، بۇ يولدا بولسا يولداشىم،
كۆزۈمدىن ئاققۇزۇپ ياشىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
مۇھەببەت شەربەتىن ئىچتىم، قازاندەك قاينابان تاشتىم،
بۇ فانى دۇنيادىن كەچتىم. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رۇمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
ئۆزىگە ئەيلەدى شەيدا، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
تۇرارغە تاقەتىم يوقتۇر، يۈرەرگە ھالەتىم يوقتۇر،
يۈرەكتە ئىشق ئوتى كۆپتۇر. مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
قارارىم يوق تۇراي دىسەم، نەمەنگاندە يۈرەي دىسەم،
جاھاننى سەير ئېتىپ كەزسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەبنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ.
بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟

مۇساپىرلىق قەدىمدىن ئۇيغۇر جامائىتىدە ئازابلىقلىقى قايتا-قايتا ئىدراك قىلىنغان بىر مۇرەككەپ مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يەنىلا بەزىلەر تەرىپىدىن بىر خىل رومانتىك تەۋەككۈلچىلىك سۈپىتىدە ياقتۇرۇلغان، يوشۇرۇن قوغلىشىلغان ھايات شەكلىدۇر. چۈنكى ئۇ مۇساپىرنى ھازىرنىڭ تونۇشلۇقى، بىرخىللىقى ۋە تەكرارلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇرۇقتۇرمىلىقتىن ئازاد قىلىپ، ئۇنىڭغا كەلگۈسىنىڭ ناتونۇشلۇقى، كۆپخىللىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىغا يوشۇرۇنغان شادلىقلارنى ۋەدە قىلالايدۇ. ئۇنىڭ كاللىسىنى تەۋەككۈلچىلىكنىڭ غەلىبىلىرى ھەققىدىكى خام-خىياللار بىلەن غىدىقلايدۇ. ئۇنىڭ ئاداققى مەنزىلىدە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ پوتېنسال قابىلىيەتلىرىنى ئاكتىۋاللاشتۇرۇشقا (رېئاللاشتۇرۇشقا) بولغان توسۇۋالغۇسىز قىزىقىشى بار—ئۇ ئادەمنىڭ ياقا-يۇرتلارغا سەپەر قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئادەمنىڭ ئۆزىگە—ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ، مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە روھىنىڭ تىرەنلىرىگە سەپەر قىلىشىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئۆزىگە يۈزلىنىشىدۇر—ئۆزىنى قەلبىدە ئىزدىشىدۇر.[iii]
گەرچە مۇساپىرلىق ئاساسىي ئېقىم ئۇيغۇر جامائىتىدە ئۇنچە كۆپ رىغبەتلەندۈرۈلمەيدىغان ھەرىكەت شەكلى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىر مىللەت توپى سۈپىتىدە تارىختا نۇرغۇن كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراقلىرى ۋە تەسىرى كۈچلۈكلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن: 9-ئەسىردە موڭغۇل يايلاقلىرى ۋە ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىدىن ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىغا ئۈچ لىنىيە بويىچە كۆچكەن ئۇيغۇرلار، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ ھالا باشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مياۋ زۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۈچۈن خۇنەن چاڭدېنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار، بېيجىڭغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشىغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن بېيجىڭغا ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ۋاڭ-گۇڭلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە بەزى خوجىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى، چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەنۇبتىن ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ كۆچۈشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن شۇنداق بىر ئورتاق خاھىشنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار ئۆزى كۆچۈپ بارغان جايلارغا ئامالنىڭ بېرىچە يەرلىشىشكە، ئۇ يەردە كۆكلەشكە ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇشقا تىرىشقان—مۇھىمى، ئۆزى كۆچۈپ بارغان يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيى، يۇرتى ۋە ۋەتىنى قىلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇرلار كۆچۈپ بارغان تارىم ئويمانلىقى، ئىلى دىيارى ۋە يەتتەسۇ قاتارلىقلارغا دىققەت قىلساق، ئۇلار ئۇ يەرلەردە ھېچ زامان كۈچلۈك كۇلتۇر شوكىغا دۇچ كەلمىگەن. ئۇلار كۆچكەن يەرلىرىدە ئۆزى بىلەن قېرىنداش ئۇيغۇرلار ياكى قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىللە ياشىغان. ياكى ئۆزىگە ئىرقىي، مىللىي ۋە كۇلتۇر جەھەتتە يېقىن كېلىدىغان خەلقلەر بىلەن بىللە ئارىلىشىپ ياشىغان. ئەمما، خۇنەنگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرى يەرلىك خىتايلارغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتكەن، چۈنكى ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا باشقا مىللەتلەر بىلەن—مەسىلەن، تۇڭگانلار بىلەن—تويلاشقان ۋە تەدرىجىي ھالدا ئائىلىسىدە ۋە جامائىتىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆرۈلگەن ئەۋلادئارا بوشلۇقنىڭ زورىيىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلۇققا مەنسۇپ كۇلتۇرال ئامىللارنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى، قائىدە-يوسۇنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۇنتۇشقا باشلىغان.
ئۇيغۇرلار تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆز خاھىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا قىزىقىپ كەتمىگەن. ئۇلار چەتئەلگە چىقسىمۇ، ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە دىن ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇخاراغا، يېڭى دېھلىغا، ئىستانبۇلغا ۋە قاھىرەگە، سودىغا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى سودا مەركەزلىرىگە ۋە موسكۋا ۋە ساينت پېتېرسبورگلارغا بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن. دېمەك، ئۇيغۇرلار سىرتقا كۆچۈشتە ئۆزلىرىگە دىنىي ۋە كۇلتۇر جەھەتتە يېقىن كېلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى تاللىغان. بۇ خىل كۆچۈش خاھىشى 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ، 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە مەجبۇرىي ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى كۆپىيىشكە باشلىغان. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلار ھايات قېلىش، دىنىي-ئېتىقادىنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش (ھىجرەت قىلىش)، ئەۋلادلىرىغا ئەركىن مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ۋە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن مۇساپىرلىقنى تاللاش خاھىشىمۇ شۇنچە كۈچەيگەن. چىقىپ كېتىدىغان دۆلەتنى تاللاشتا ئۇلار، خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش، ئۆزىگە كۇلتۇر ۋە دىنىي جەھەتتە يېقىن ياكى يېقىنراق كېلىدىغان ئەللەرنى تاللىغان: تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستان، قاتارلىقلار.
يۇقىرىقى نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن بېرىلگەن «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق رادىئو پروگراممسىدىكى تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئامېرىكىدىكى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ 1949-يىلىدىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىدىن كېيىن كەشمىرگە قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدۇر. غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا،
ئەينى چاغدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى زىمىستان قىشتا كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن بۇ زور ساندىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى باشقا ئەللەرگە كېتىشكە قىستايدۇ. مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن رەھبەرلىكىدە كەشمىردە قايتا تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار كومىتېتى» ئەينى ۋاقىتتا دوكلات يېزىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىدىن جاۋاب كېلىدۇ. بۇ چاغدا كەشمىردە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى يا تۈركىيەگە كېتىش ياكى غەرب ئەللىرىگە كېتىش توغرىلىق قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7 نەپەر ياش ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش يولىنى تاللايدۇ. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە بېرىپ يەرلىشىش يولىنى تاللايدۇ. ئامېرىكىغا كەتكەن ياشلار كېيىنچە تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋۇت ئوسمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئامېرىكىغا يەرلىشىپ، بۇ يەردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بولۇپ قالىدۇ.[iv]
يەنە بىرى قەيسەرىدىكى پېشقەدەملەردىن مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1960-يىللىرى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە تۈركىيەگە كۆچۈشىنىڭ توغرا بىر تاللاش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
بىز ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلىرىمىزنىڭ قۇلاقلىرىمىزغا پىچىرلاپ ناھايىتى زور ئۈمىدلەر بىلەن مۇنداق دېگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمىزدە: ‹سىلەر ئەركىن دۇنياغا كېتىۋاتىسىلەر، بىزنىڭ ھازىرقى قىيىن ھالىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىڭلار. دۇنيا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سىلەر ئارقىلىق بىلسۇن، چوقۇم شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر بۇنى ئورۇنلىمىساڭلار، تاڭلا قىيامەتتە تىرناقلىرىمىز ياقاڭلاردا بولىدۇ!…› بىز ئافغانىستاندا چىقىش يولى ئىزدەپ ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشتۇق، ئەمما ئاخىرىدا تۈركىيەگە بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇ قارارىمىز ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولغان ئىكەن.[v]
يۇقىرىقى مىسالدىن ۋە تارىختىن شۇنى كۆردۇقكى، ئۇيغۇر دىياسپوراسى تۈركىيىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانى قىلىپ تاللىغان ۋە ئۆزىنىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىت نۇقتىسىدىن چىقىپ ئويلىغاندا، ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە يەرلىشىشنى غەرب دۆلەتلىرىدە يەرلىشىشتىن ئۈستۈن كۆرگەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنىڭ مۇنداق بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار.
بىرىنچى، شۇنىسى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكى، ياقۇپبەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنى بىر ئىسلام خەلىپىلىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانىدى. شۇنىڭدەك، ئۇنى بىر ئىرقداش، دىنداش ۋە كۇلتۇرداش دەپ قاراش سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن سىياسىي جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا 19-ئەسىردىن تارتىپ ئوينىلىشقا باشلىغان «كاتتا ئويۇن» دا نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە جاۋاب قايتۇرغان. ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدىن قورال-ياراق ۋە ھەربىي مەسلىھەتچىلەر بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى بۇنىڭ روشەن دەلىلى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، يۇقىرىقىدەك ياردەملەر، گەرچە سىستېمىلىق شەكىلدە بولمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىپ تۇرغان.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىنى تاللىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مۇھىم ئورۇندا تۇرغانىدى. يەنى ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە چىقىشنى تاللىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە كۇلتۇر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولغان بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە ھىجرەت قىلىشى ئىدى.[vi] دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئىدراكىدا تۈركىيىگە كېتىپ يەرلىشىش ئىرقىي ۋە كۇلتۇرال نۇقتىدىنلا بەلكى يەنە دىنىي نۇقتىدىنمۇ زۆرۈر تاللاش ئىدى—چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۇففارلارنىڭ قولىغا چۈشكەن دارۇلكۇفردىن دارۇلئىسلامغا ھىجرەت قىلىشى ئىدى. ھىجرەت خەتەر ئاستىدا قالغان دىنىنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئىدى.
ئۈچىنچىسى، ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىنى يوقاتقان ئۇيغۇرلار كۆچەلەيدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت تۈركىيىلا ئۇيغۇرلارغا بىر ۋەتەننىڭ ھېسسىنى، تەسەللىيسىنى ۋە ئىپتىخارىنى بېرەلەيتتى. مۇھىم نۇقتا شۇكى، تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم ۋەتەن، ھەم ئەمەس ئىدى—بۇ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىقىنىڭ تىرەن قايمۇقۇشقا تولغان نۇقتىسىدۇر. تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم يېڭى ۋەتەن ھەم ئۇلارنىڭ يوقالغان ۋەتىنىنىڭ ئەسلەتمىسى ئىدى. ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە مەغلۇب روھىغا تەسكىن تاپالايتتى ھەم ۋەتەنسىزلىكىدىن ئۆرتىنەتتى. ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە ۋەتەننىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز مېھرىگە چۆمگەنسېرى، ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىدىن شۇنچىلىك ئازابلىناتتى. بۇ تۈركىيە مۇساپىرلىقىنىڭ مۇرەككەپ يۈزىدۇر.
شۇنىڭدەك. تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا يەنە تۈركچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىنى بىلدۈرەلەيتتى. ئۇيغۇرلار چوڭ تۈركچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ۋە تۈرك مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ھىمايىسىدە ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغان سىياسىي كىملىكىگە ئورناشقان مۈجمەللىك ۋە مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىنى يىراق تۇتالايتتى. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكىگە يېڭى يېڭى تەبىر بېرەلەيتتى—شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرى. ماھىيەتتە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىدىكى مۇساپىرلىقىنىڭ مەنىسى قوش قاتلاملىق ئىدى: مۇساپىرلىق ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشىدىن چىقىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكچى بولغان بولسا، تۈركىيە تۈركلىرى ھازىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە قايتالايتتى. ھالقىلىق ئامىل شۇكى، ھەر ئىككى قوۋم بۇ مۇساپىرلىق ئارقىلىق ۋۇجۇدىنىڭ تېگى-تېگىلىرىدىكى قان-قېرىنداشلىقنى ئايرىۋەتمەستىن بەلكى قايتىدىن باغلىيالايتتى.
بۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى سىرتقا كۆچۈشى ۋە ھىجرەت قىلىشىدا مۇئەييەن ئىدېئولوگىيىلىك ئامىللار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن غەربىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى، تاكى 1980-يىللارغىچە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۆچمەن ياكى مۇساپىر بولۇشنى تاللاشنىڭ نىشانى بولمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدېئولوگىيىلىك تاللىشىنىڭ ئوبيېكتى ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك، تاكى شۇ چاغقىچە ئۇيغۇرلار غەرب ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنجىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. گەرچە 19-ئەسىردىن باشلاپ نۇرغۇن غەرب سەيياھلىرى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن غەربكە بېرىپ ئوقۇپ، ئۇنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بىرەر زىيالىي چىقىپ باقمىغانىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە غەرب ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشىنىشىدە تولىمۇ يىراقتىكى ناتونۇش دۇنيا ئىدى. بۇ خاھىشنى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلىم دەرگاھلىرىنى تاللىشىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 20-ئەسىردىن ئىلگىرى بىز چەتئەلگە چىققان، ئوقۇغان ۋە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولىمۇ ئاز مەلۇماتلارغا ئىگىمىز. ئۇلار ياكى بۇخاراغا، ياكى مىسىرغا ياكى ھىندىستانغا بېرىپ ئىلىم-تەھسىل قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ھېچ زامان سانائەت ئىنقىلاۋى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم پېنى سىستېمىلىق تەزىردە تەتقىق قىلىنىۋاتقان ۋە دۇنياۋى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بىرەر غەربىي ياۋروپا ياكى شىمالىي ئامېرىكا دۆلىتىگە چىقىپ ئوقۇشنى ۋە ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسەن ئويلاپ باقمىغانىدى. 1920-يىللىرىدىن تارتىپ، خىتاي زىيالىيلىرى غەربتىن كەڭ كۆلەملىك ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولغان گرېك مەدەنىيىتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن تەرجىمە ۋە چەتكە چىقىپ ئوقۇش يولى بىلەن سىستېمىلىق تونۇشۇشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئېغىزغا ئالغۇسىز ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب كاپىتالىزمىغا قارشى ئىدېئولوگىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە شۇ بويىچە ھاكىميەتنى قولىغا ئالغان سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ غەربكە قارشى ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ماركسنىڭ نەزەرىدە ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولاش سەۋەبلىك ۋەيران بولۇشى قاش-بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغان بىر رەزىل ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى سىستېما ئىدى. 1949-يىلى خىتاي مۇستەملىكىسىگە چۈشكەن ئۇيغۇرلار ماۋ زېدوڭنىڭ سىياسىي پارانويا شەكلىدە ئېلىپ بارغان ئانتى-غەربچىلىك قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە تېخمۇ چوڭقۇر ئۇچرىغانىدى. غەربكە قارشى تۇرۇش نامىدا خەلقنىڭ دىققىتىنى سىرتتىكى دۈشمەنگە بۇراش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى غايەت زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى—ئاچارچىلىق ۋە سىنىپىي كۈرەش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقلارنى—يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ھەققىدىكى چۈشىنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىۋەتكەنىدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربنى چۈشىنىشى 1980-يىللاردىكى كۇلتۇر ئويغىنىشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئانتى-غەربچىلىكنىڭ تەسىرى تا ھازىرغىچە ھېلىھەم ئۇيغۇر زېھنىيىتىدە تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇتتۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربنى چۈشىنىشىنىڭ ئاساسەن بولماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىش ياكى مۇساپىر بولۇشنى تاللىغان دۆلەتلىرىدىكى ئاساسىي ئېقىم كۇلتۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەرب توغرىسىدىكى قارىشىنىڭ ياكى ئانتى ياكى مۈجمەللىكىدىن ئىزدەش كېرەك—ئىسلام دۇنياسى، تۈركىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى. ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن، غەربكە بېرىش دائۇكۇفرغا بېرىش بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بەھىسلىك تاللاشقا كىرەتتى. شۇنىڭدەك، ئەسىرلەردىن كېيىن ئۆزىنىڭ غەرب دۇنياسىدىن ئىلىم-پەندە قانچىلىك ئارقىدا قالغانلىقىنى ئازاب بىلەن تونۇغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىر قىسمى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ جەدىدچىلىك نامى بىلەن غەربتىن ئۆگىنىشكە، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغانىدى. شۇنداقتىمۇ، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرى باشتىن-ئاخىر بەزى مۈجمەللىك ۋە قارىمۇ قارشىلىقلاردىن تامامەن خالىي ئەمەس ئىدى—ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىنىڭ مۇكەممەل بىر ئېتىقاد سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيانىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشىنى تامامەن يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، يەنىلا غەربتىن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن ئىلىملەرنىڭ بارلىقىغا كۆڭلىدە بولسىمۇ تەن ئالاتتى. ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدىن كېيىنكى تۈركىيىنىڭ ئەھۋالىمۇ مۈجمەللىككە شۇڭا قارىمۇ قارشىلىققا تولغانىدى—مۇستاپا كامالچىلىق ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنى سىياسىي گۆرۈگە ئېلىۋالغان غەربكە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتا ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنە غەربنىڭ سىياسىي تەجرىبىسىنى ۋە تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللانغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبىسىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى—ئۇلار ئۇلۇغ پېتېر زامانىسىدىن باشلانغان ۋە خانىش يېكاتېرىنا (كاتېرىن) دا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن غەربتىن ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى شۇنچىلىك كۆرگەن بولسىمۇ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن تا ھازىرغىچە ئاياقلاشمىغان توقۇنۇشنى توختىتىپ قويمىغانىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىگە مۇساپىرلىقنى راۋا كۆرگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممسىنىڭ غەربكە قارىتا مۇرەككەپ، بىر تەرەپلىمە ۋە زىددىيەتلىك قاراشلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا چىقماقچى بولغان ۋە چىققان ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.
1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە مۇساپىر بولۇپ چىقىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بوپ قالغانىدى. تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇرلار—قاغىلىقتىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمدا تەربىيىلەنگەن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تالىبلار، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ياشلار ۋە سودىگەرلەر ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، ئاندىن تۈركىيىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپاغا—جۈملىدىن گېرمانىيەگە—بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، مۇھاجىر بولۇش يولىنى تاللىغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە كۆچۈشىدە شۇ نۇقتا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇكى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئېھتىياجى ئۇلارنىڭ باشقا ھەرقانداق ئېھتىياجىدىن—مەسىلەن سىياسىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىدىن—ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەنىدى. تارىختىكى ئىدېئولوگىيلىك باغلىنشىلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بولمىش ھايات قېلىش ئېھتىياجىغا يول ئاچقانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن غەربكە ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن غەربكە چىقىپ، كېيىن ياكى كۆچمەنلىككە ياكى سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلىش يولى بىلەن قالغانلارنىڭ سانى يىلسېرى ئاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر دېئاسپورا جامائەتلىرى ھەممە غەرب دۆلەتلىرىدە دېگۈدەك شەكىللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ يېڭى دىياسپورا جامائىتى بولۇپ شەكىللەنمەكتە.[vii]
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە ئولتۇراقلىشىۋاتقان جامائەت ئەزالىرى ئاساسەن بىرىنچى ئەۋلاد مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەردۇر. بۇ نۇقتىدىن، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى خىرىسلار ئىنتايىن نۇرغۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلۈك بولماسلىقى، مائارىپتا ئىلگىرىلەپ ئوقۇيالماسلىق، ئىشسىزلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، غەربتىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى يۈزلىنۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس ئانتى-ئىسلامچىلىق كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان غەربتە قانداق قىلىپ بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ساقلىنىپ قېلىشتۇر.

3. مۇساپىرلىقنىڭ چېكى

2016-يىلى دۇنيا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇساپىرلىق كرىزىسىگە ئۇچرىدى—65 مىليون ئادەم ئىچكى ئۇرۇش، سىياسىي توقۇنۇش، ئاچارچىلىق، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە دىنىي توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ، سەرسان-سەرگەردان بولدى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئاھالىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ياۋروپاغا سەلدەك ئاققان بولسا، يەنە بىر قىسمى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانسا، يەنە بىر قىسمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىدا ياردەمگە ئېرىشكەن بولسا، يەنە زور بىر قىسمى ھېلىھەم دۆلەتمۇ دۆلەت، رايونمۇ رايون ئاتلاپ ماكانسىز، سالاھىيەتسىز يۈرمەكتە. پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىچىلاپ يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ مۇساپىرلىق كرىزىسى ئىنسانىيەتنىڭ 21-ئەسىردىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئۆتكۈر مەسخىرە بىلەن تىكىلمەكتە. بۇ كرىزىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك قالايمىقانچىلىقلىرىنى ھال قىلىشتا قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ ياۋروپا ئىتتىپانىڭ سىياسىي غايە ۋە رېئاللىق مەسىلىسىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىتتىپاقسىزلىقىنى ۋە ئۇلترا مىللەتچلىكنىڭ بۇ تراگېدىيىدىن قانداق ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى؛ ئەرەب دۇنياسىدىكى دېموكراتىيە مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك يىراقلىقى ۋە قىيىنلىقىنى بىلدۈردى؛ بىر قىسىم ئاڧرىقا دۆلەتلىرىدىكى ھوقۇق كۆرىشى ۋە پارىخورلۇقنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى ستراتېگىيىلىك نۇقسانلارنى ئېچىپ بەردى. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا جىددىي خىرىس قىلىۋاتقان؛ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى جامائەت پىكرىنىڭ قۇتۇپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان؛ ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىگە پىسخىك تۇترۇتقۇ بولىۋاتقان؛ گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە ئاستا ئەمما سېزىلەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقان ئانتى-ئىسلامىي خاراكتېرگە ئىگە ئاشقۇن مىللەتچىلىك ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان؛ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتكى تەسىر دائىرىسىنى قايتىدىن كېڭەيتىشىگە پۇرسەت تۇغدۇرىۋاتقان؛ خىتاي، تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيىنى سۇرىيىنىڭ نۆۋەتتىكى كزىرىسىنى ھەل قىلىش نامى بىلەن چوڭقۇر ئىتتىپاقلىققا يېتەكلەۋاتقان بۇ مۇساپىرلار كرىزىسى ھەركىمنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر ۋاسىتە بولىۋاتىدۇ. مۇساپىرلارنىڭ ئاھۇ-پەريادى سىياسىيونلارنىڭ سايلام بېلىتىنى ئاشۇرۇشىدىكى بىر ئامىلغا ئايلىنىۋاتىدۇ. دېمەك، نۆۋەتتىكى مۇساپىرلىق كرىزىسى يەرشارىۋى ئادالەت، قانۇن ۋە سىياسىي سىستېمىنىڭ بەرپا بولۇشىغا قارا سايە تاشلاپ تۇرماقتا.
ئۇنىڭدىن سىرت، كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق مەسىلىسى بىلەن كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان غەرب سىياسىي ۋەزىيىتى ئاللىبۇرۇن ئولتۇراقلاشقان، يەرلەشكەن ۋە پۇقرالىققا ئۆتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ، ئىسلام دىنىنى ئوچۇق –ئاشكارا ھالدا (پىكىر ئەركىنلىكى نامى بىلەن) ھاقارەتلەش، بۇرمىلاش ۋە غەربنىڭ تۈپكى قىممەت قاراشلىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ دەپ قاراش غەربتىكى مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا بولغان قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ، 2010-يىلىدىن كېيىن تالىبان ۋە ئەل-قائىدەنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن سىرلىق شەكىلدە پەردە ئارقىسىدىكى دۆلەت ۋە گۇرۇھلارنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردىمى بىلەن خەلقئارا سىياسىي سەھنىگە ياساپ چىقىرىلغان «ئىسلامىي دۆلەت» نىڭ تېرررولۇق پائالىيەتلىرى غەربتىكى بىر تۈركۈم ئوڭچىللارنىڭ ۋە ئانتى-ئىسلامچىلارنىڭ ئىسلامنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ۋە تېخىمۇ رادىكال شەكىلدە رەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، غەربتىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىر تەرەپتىن ئىسلامىي دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ۋە قىلمىشىنىڭ ئىسلامىي پرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر دىن ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئەپۇ سوراش تەلەپپۇزىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ئۈنۈمى كۈتكەن يېرىدىن چىقمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇلار كۈنسېرى غالجىرلىشىۋاتقان «ئىسلامىي دۆلەت» نىلا ئەمەس، بەلكى مۇنداق بىر رەزىل ئايلىنىشنىمۇ توسۇپ قالالمايۋاتىدۇ: غەربتىكى مۇسۇلمانلار ھېس قىلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان قارا چاپلاشلار تەدرىجىي ھالدا ئۇلارنى بولۇپمۇ ياشلارنى رېئاللىقىدىن نارازى بولىدىغان، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار رېئاللىقىدىن نارازى بولغانسېرى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ۋە ھاياتىغا مەنە بېرىش باھانىسىدە ئاشقۇن ۋە خەتەرلىك ئىدىيىلەرنىڭ توزىقىغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مېدىئا تېزلىكتە تارقىتىدىغان ۋە خاراكتېرىنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا ئارتقىلى بولىدىغان زوراۋانلىققا ۋە جىنايەتكە ئۆزىنى ئاتايدۇ. ئەگەر بۇ رەزىل ئايلىنىش توختىماي داۋاملىشىۋەرسە ۋە كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتسە، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئانتى-ئىسلامىزمغا قارىتا مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى ئومۇمەن مۇنداق ئۈچ خىل بولىۋاتىدۇ—بىرى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىدە مۇرەسسە قىلماسلىق ۋە غەرب كۇلتۇرىغا ئارىلاشماسلىق؛ ئىككىنچىسى، ئىسلام دىنى بىلەن غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ياراشتۇرغىلى بولۇشقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئۈچىنچىسى، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيەتلىك پرىنسىپلىرى ۋە ئىشىنىش سىستېمىسىنىڭ غەرب قىممەت قاراشلىرى بىلەن كېلىشەلىشىدىن گۇمانلىنىش ۋە ئىسلامدىن يىراقلىشىش.
بىز يۇقىرىدا ئېيتقان ئىككىنچى تۈركۈم بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇ غەرب جەمئىيتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا چۈشۈرىۋاتقان ئۆزىگە ماسلىشىش ھەققىدىكى بېسىملىرىغا ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئازابلىق ۋە بەھىسلىك ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەكىللىك زىيالىيسى تارىق رامازاندۇر، گەرچە ئۇ بۇنداق كاتېگورىيىلەشنى قوللاپ كەتمىسىمۇ. تارىق غەربتە تۇغۇلغان، تەربىيە ئالغان ۋە 2004-يىلى دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئىسلام زىيالىيسىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى ئەيىبلەشلەر، ئىشەنمەسلىكلەر ۋە دىشۋارچىلىقلارغا تولغان ھاياتتۇر: ئۇنى غەربتىكى بەزىلەر تاتلىق سۆزى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس دېسە، يەنە بەزىلەر ئۇنى بوۋىسى ھەسەن ئەل-بەننا 1928-يىلى مىسىردا قۇرغان «ئەل ئىخۋان ئەلمۇسلىمون» («مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى») نىڭ يوشۇرۇن ئەزاسى دەپ قارىسا، ئامېرىكا ئۇنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى رەت قىلسا، ئىسلامىي دۆلەت ئۇنى ئەيىبلىسە، ئورتودوكسال مۇسۇلمانلار ئۇنى غەربپەرەس دەيدۇ.
ئۇنىڭ تۈپكى قارىشى شۇكى، غەرب بىلەن ئىسلام بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئەمەس ھەم ئۇنداق چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىسلامىي ئىسلاھاتچى دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئۇ يېقىنقى بىر سۆھبىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەرگىزمۇ بۇ ئاتالغۇنى [ئىسلامىي ئىسلاھاتچىلىقنى] ئېكسپورت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئىسلام ئىسلاھاتقا موھتاج ئەمەس، لېكىن مۇسۇلمانلار كاللىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى شەرھلىشىنى ئۆزگەرتىشكە موھتاجتۇر.» تۆۋەندە بىز تارىقنىڭ قارىشىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىنى قىسقىچە ئانالىز قىلىپ باقايلى. ئۇنىڭ قارىشىدىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىسلام دىنىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ياكى ئۆزگەرتىش كېرەك دېيىش ماھىيەتتە ئۇنىڭ مۇكەممەل دىنلىقىنى ئىنكار قىلىشتۇر. چۈنكى، ئۆزگەرتكىلى بولىغانلىكى نەرسە مۇكەممەل ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزگەرتىلىپ تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام دىنى مۇقەددەس بىر دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ھەقىقەتلىرىنىڭ ئىنسانلارغا ئايان قىلىنىشىدۇر. شۇڭا، دىننى ئىسلاھ قىلىش ئاللاھنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ؛ بۇنداق دېيىش ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ مۇتلەقلىقلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئىسلام دىنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ قارىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەممە قىسمى شەكسىزكى ئاشۇ ھەقىقەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھېچ نەرسىنى—ھەتتا بىر تال پەش ياكى چېكىتنىمۇ—ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. خۇلاسە كالام، ئىسلام دىنى ئىسلاھاتقا موھتاج ئەمەس.
تارىقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ يەردە ھەقىقەتەن ئىسلاھاتقا موھتاج ئامىللار بار دېيىلسە، ئۇ مۇنداق ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ بىرى بولىدۇ: ياكى مۇسۇلمانلار كاللىسىنى (قەلبىنى) ئۆگەرتىشى ياكى ئىسلام مودېرنلىشىشى كېرەك. كاللىنى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسى قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇنىڭدىكى مۇنداق بىر ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق قىلىنىشى كېرەك—كاللىنى نېمە ۋەجىدىن قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ بۇ نۇقتا، نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى كاللىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى كېرەكلىكى يەنىلا ئاداققى نۇقتىدا ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھىي پرىنسىپلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئىسلامنى مودېرنلاشتۇرۇشقا كەلسەك، ئىسلام دىنى ئۆزگەرتىلىشكىلا ئەمەس، بەلكى مودېرنلاشتۇرۇشقىمۇ موھتاج ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى، تېئولوگىيىلىك ئاساسلىرى ۋە قائىدىلىرى مەڭگۈلۈك، شۇڭا ۋاقىتقا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىقى لوگىكىلىق ئانالىزدىن شۇنداق يەكۈن چىقىدۇكى، مەيلى قايسىلا مۇمكىنچىلىك تاللانمىسۇن، ئىلاھىي پرىنسىپلا ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇ زامان بۇ يەردە ئىسلاھاتچىلىققا ئۇنچە كۆپ ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى، كاللىنى (قەلبنى) ئۆزگەرتىش بىلەن ئىسلامنى مودېرنلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ئاداققى نۇقتىدا ئىسلامنىڭ ماھىيەتلىك پرىنسىپلىرى تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ—بۇ پرىنسىپلار ئۆزگىرىدىغان پىرىنسىپلار ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشى كېرەك بولغان ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپىدۇر. مانا بۇ ئىسلام ئورتودوكساللىكى بىلەن ئىسلاھاتچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن توقۇنۇشنىڭ تېز سىزمىسىدۇر. بۇ نۇقتىلار كەلگۈسىدە ئىسلامىي ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنىڭ قانچىلىك توسقۇنلۇققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تارىق رامازان «غەربلىك مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ كەلگۈسى» دېگەن ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
غەربلىك مۇسۇلمانلار يېڭى جەمئىيەتلەردە يەرلىشىش ھەققىدىكى تەجرىبىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاچقا، ئۇلارنىڭ دىنىدا نېمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى (تابىت) ۋە نېمىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى (مۇتاغاييىر) تەسۋىرلەش ۋە پەرقلەندۈرۈش ھەمدە ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ غەربتە ياشاش سەۋەبلىك نېمىلەردە ئۇتۇق قازىنىپ ۋە نېمىلەرنى يوقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن باشلىنىشقا قايتماسلىقتىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى ئۆگەنمەكتىن باشقا ئىلاجى يوق. […] غەربتىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان نۇرغۇن مەسئۇلىيەت بار. بۇ مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش شەكلىدە چۈشىدۇ. غەربتە داۋاملىق مۇسۇلمان بولۇش ئېتىقادقا، ۋىجدانغا ۋە ئەقىلگە قويۇلغان سىناقتۇر. ئەمما ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى بىردىنبىر يول ئورنىدىن دەس تۇرۇش ۋە ئارىلىشىشتۇر—خۇدانىڭ ياردىمى، كەمتەرلىك ۋە ئىرادە بىلەن قوراللىنىپ تۇرۇپ ئارىلىشىشتۇر.[viii]
تارىقنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، ئىسلام دىنىدا نېمىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى بىلەن نېمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئامىلنى كېلىشتۈرۈش ئىسلام ئىسلاھاتچىلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدۇر. ئەمما، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشى كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، تارىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان كېلىشتۈرۈش قارىشىنى، مەلۇم مەنىدىن، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتە غەربتە ئەدەۋاتقان ئانتى-ئىسلامىزم دولقۇنىغا ۋە مودېرنىزمنىڭ خىرىسلىرىغا قايتۇرىۋاتقان جاۋابى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ يەنە ئىجتىمائىي بېسىمغا ماسلىشىشتا كۆرۈلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا، قىينىلىشقا ۋە قايمۇقۇشقا قايتۇرۇلىۋاتقان تەبىئىي ئىنكاستۇر. ئۇ غەرب جەمئىيىتىنىڭ غەربتىكى مۇسۇلمانلارغا قويىۋاتقان ئۈزۈل- كېسىل ماسلىشىش تەلىپى ئېلىپ كېلىۋاتقان پىسخىك بېسىمنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەتتا يوقىتىش ھەققىدە ئويلىنىشتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك قوللاشقا ئېرىشىشىنى قىياس قىلىش ھازىرچە قىيىندۇر.
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، خۇددى ھەرقانداق بىر جەمئىيەتكە ئوخشاش، غەرب جەمئىيىتىمۇ ئۆز جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ئۆزىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ماسلىشىش ئۇنىڭ قىممەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى، تەرغىب قىلىشنى، ئۇنى تونۇشتۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ—خۇددى ھەرقانداق بىر ئىسلامىي جەمئىيەتتىمۇ جەمئىيەت ئەزالىرىغا قارىتا شۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپ قويۇلغىنىدەك. ئۇنىڭغا ماسلىشىشنى رەت قىلغۇچى، ئوخشاش ئۇسۇلدا، شۇ جەمئىيەتنىڭمۇ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. غەرب جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ ھەم بۇ قانۇنيەتتىن مۇستەسنا ئەمەستۇر. ۋەھالەنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بولغان ئىسلام دىنى بىلەن غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ياراشتۇرالاش-ياراشتۇرالماسلىقتۇر—ئۇ ئاددىي ھالدا ئىسلام دىنىنىڭ غەرب جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىسىملىرىنى ئېپ قېلىپ، قالغانلىرىدىن ۋاز كېچىشنى بىلدۈرمەيدۇ. ئېتىقاد بىر پۈتۈن ئىشىنىش سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممە يەردە، ھەممە ۋاقىت بىردەك ئىپادىلىنىشنى ۋە رول ئويناشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياكى ئۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ نۇقتىدىن يەرلىك تىلنى ئۆگىنىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشلا ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغا ھەتتا ئاڭسىزلىقىغا ئورنىشىپ كەتكەن ئەڭ تىرەن ئىشىنىشلەرنىڭ ئۆزىنى قانداق قانداق قىلىپ بىردەك ئىپادىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھاياتىنى يېتەكلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن، ئۇ ئىسلام دىنى بىلەن يەرلىك دىنىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كۇلتۇرنىڭ ئىسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۈستمۇئۈست چۈشىدىغان ئادەمنىڭ قىممىتى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە خالىسلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئورتاق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تىرىشىشى ھەققىدە ئورتاق قاراشقا كېلىشتۇر. ئۇ يېڭى ۋە ئاساسىي ئېقىمى ئىسلام بولمىغان جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشتۇر. بۇ كىملىك بىر مۇسۇلماننىڭ نوقۇل ھالدىكى ئىجتىمائىي ياكى قانۇنىي كىملىكىلا ئەمەس، بەلكى بىر تىرەن نۇقتىدىكى ئىنسانىي كىملىكى بولۇپ، ئۇ ھەركىمنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى داۋامىدا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى توسالغۇسىز ئىپادىلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تايىنىشى، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ھۆرمەتلەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىدۇ. ئاخىرى ئۇ يەرلىك كۇلتۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇش، سۆزلىشىش ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىش بولۇشى كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ جامائىتىدىلا ياشىشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلار بەلكى يەنە بىر قەدەر كەڭرى بولغان ئىجتىمائىي سەھنىدە باشقىلار بىلەنمۇ—مۇسۇلمانلار ۋە غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەنمۇ—ئاكتىپ دېئالوگ قۇرۇش ئارقىلىق بىر-بىرىنى ئاڭلاش، بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە بىر-بىرىگە ئىشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئاغرىنىش، (ئۆزىگە) قېيداش، ئۆزىگە ئىچى ئاغرىش، قارشىلىشىش ۋە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بىلەن بۇ خىل دىئالوگدىن ۋە ئارىلىشىشتىن ئۆزنى قاچۇرسا، ئۇلارنىڭ غەربتە كەلگۈسىدە پۇت تىرەپ تۇرالىشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.

4. ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە كەلگۈسى بارمۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە كەلگۈسى بارمۇ؟ بولسا، ئۇ قانداق كەلگۈسى؟ بولمىسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟–بۇ غەربتىكى ئۇيغۇرلار جىددىي ئويلىنىشقا باشلىغان سوئاللاردۇر. ۋەتەندە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلغان جىھاد ھەققىدىكى تەبلىغلەرنىڭ تەسىرىدە شەرقىي جەنۇنىي ئاسىياغا ھەتتا «ئۆزىنى پارچىلىماقچى بولغان چىۋىننىمۇ چېگرىسىدىن سىرتقا چىقارمايدىغان» خىتايدىن «ئۇستىلىق» بىلەن يەنە شۇ خىتاي ئادەم بىدىكلىرىنىڭ «ياردىمى» بىلەن ئاۋۋال شەرقىي جەنۇنىي ئاسىياغا، ئاندىن نەچچە مىڭلىغان سىرلىق تۈركىيە پاسپورتى بىلەن تۈركىيىگە ، ئاندىن ئاخىرى سۇرىيىگە يېتىپ بېرىپ، سىرلىق يېڭى دۇنيا تەرتىپچىلىرىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن يالغاندىن قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىققا تولغان تېررورلۇقىغا قېتىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ غەرب ۋە خىتاي مېدىئاسىدا ئورۇن ئېلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنىڭ خەلقئارادا چۈشۈنۈلۈشىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. بىر قىسىم غەرب مېدىئالىرى نەزەرىنى سۇرىيىدە تۈرلۈك دىنىي ۋە ئەسكىرىي لاگېرلارغا تەۋە ئۇيغۇرلارغا تىكىۋاتىدۇ—ئۇلارنىڭ زادى كىمگە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ: غەرب ياكى خىتاي؟ بۇ كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۇرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان كەلگۈسى تەسىرى بۇ: ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ۋاقىت يەرشارىۋى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ پائالىيىتى، ئىدېئولوگىيىسى ۋە كۈنتەرتىپى نۇقتىسىدىن قارىلىدۇ. تېخىمۇ يامىنى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خەلقئارالىق تېررورىزمغا—مەيلى كۈچلۈك مەيلى ئاجىز بولسۇن—باغلىنىشتىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ. بۇ باغلىنىش تۈپەيلى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىدىغان قىرغىنچلىق سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
مانا مۇشۇنداق دۇنياۋى سىياسىي مۇھىتتا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار غەربتە قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، مۇساپىرلىققا قەدەم قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى ۋەتەندە سىياسىي بېسىمدىن قاتتىق چىڭقالغان بولسا، چەتئەلدە بولۇپمۇ غەربتە يېڭىدىن يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملاردىن قايتىدىن چىڭقىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىقى خۇددى ئۇلارغا ئۇلار ئۆيىنى، يۇرت-مەھەللىرىنى ۋە ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىش بەدىلىگە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ئاراملىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى بەرمەيۋاتقاندەك—خۇددى ئۇلار بالايى ئاپەتتىن تېخىچە قېچىپ قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقاندەك—تۇيغۇ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، خۇددى باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ نورمىللىرىغا ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىرىنى ئىچىكىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، تىل بىلمەسلىك ياكى بىلسىمۇ تولۇق بىلمەسلىك، ئىش ئورۇنلىرىغا تۈرلۈك توسقۇنلۇقلار بىلەن كىرەلمەسلىك، مائارىپتىن بەھرىمەن بولالماسلىق، يەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشالماسلىق ۋە ئۇلار تەرىپىدىن يەكلىنىش، قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
غەربتە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك كەمسىتىشكە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ دىياسپورا جامائىتىدىمۇ نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىكلىرى تۆۋەندىكىچە: ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى—ئىككىنچى—ئەۋلاد تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشىنىڭ سېزىلەرلىك تۆۋەنلىشى، جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىسلام دىنىغا بولغان پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتتە ئىككى قۇتۇپلىشىش، چەتئەلدىكى تۈرلۈك ئىسلامىي ئېقىملار ۋە گۇرۇھلارنىڭ دىنىي يېتەكچلىرىگە ۋە رەھبەرلىرىگە بەيئەت قىلىش ئارقىلىق گۇرۇھلىشىش، بىر-بىرىگە ئارىلاشماسلىق ۋە ھەتتا دۈشمەنلىشىش، ئۇيغۇر كۇلتۇرال بەلگىلىرىنىڭ ۋە ئادەتلىرىنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ئەبجەشلىشىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش، ئەۋلادئارا بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايغا ياللانغان ئۇيغۇر جاسۇسلارنىڭ چەتئەللەردىكى پاراكەندىچىلىك پائالىيەتلىرى ۋە سىڭىپ كىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ چەتئەلدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن خىتايدا تۇرۇپ كۆزىتىلىشى، ئارىلىشىشى ۋە بېسىم چۈشۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار غەرب جەمئىيىتىگە ماسلىشىش، ئۆز كۇلتۇرىنى كېيىنكى ئەۋلادلاردا يوقىتىپ قويۇش، يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمىدا ياشاش ۋە دىنىي كەمسىتىشكە ئۇچراش جەھەتتە ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى كوللېكتىپ ھەم شەخس نۇقتىسىدىن ئۇزاققا سوزۇلغان پەرۋىشكە موھتاجلىقىنى جىددىي ئاشكارىلاۋاتىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، يات بىر ئەلگە يەرلىشىش نوقۇل ھالدا فىزىكىلىق جەھەتتە يەرلىشىشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، ئۇ ئادەمنىڭ روھىي جەھەتتىن ھەقىقىي مەنىدە يەرلىشەلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدا ھازىر كۆرۈلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك پىسخىك جىددىيلىك، بېسىم ۋە چۈشكۈنلۈك ئۇلارنىڭ تېخى كاللىسىدا يەرلىشىپ بولالمىغانلىقىنى—ئۇلارنىڭ كاللسىدا ھېلىھەم مۇساپىرلىق سەپىرىنى تاماملىيالمىغانلىقىنى ئاچچىق تەرىزدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئالغاندا، غەربتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۇچراۋاتقان بۇ بېسىملار كەلگۈسىدىمۇ ئالدىراپ تۈگىمەيدۇ—ھېچ بولمىسا ئۇلار يېقىن ئارىدا يوقىمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، غەربتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك بىر پىلان تۈزۈشى مۇھىمدۇر. ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شوئارلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ بىر ئەۋلاد قەلبىدىن ۋە قەلبىدە قۇتقۇزۇلماي تۇرۇپ، باشقا كاتتا پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەسى مۈشكۈلدۇر. مۇساپىر ئۇيغۇرلار قەلبىدە ھەقىقىي بىر قۇتقۇزۇلماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا—ئائىلىسىگە، جامائىتىگە ۋە جەمئىيىتىگە ھەقىقىي قاتنىشالمايدۇ.
بولۇپمۇ، غەربتىكى ئۇيغۇر دىياسپورا جامائىتىدىكىلەر بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۆيىگە بولغان سېغىنچى ھەر ۋاقىت مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئاسارەتلىك ئەسلىمىلىرى ھېلىھەم يېپيېڭىدۇر. ئۇلارنى ئۆتمۈشىگە باغلاپ تۇرىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىك ئەسلىمىسىدۇر. بۇ ئەسلىمىدە چوڭقۇر قورقۇنچ ۋە خورلىنىش بولغىنىدەك، بەلكى يەنە بالىلىقنىڭ ئىزگۈ، غەمسىز ۋە ناتىۋان خىياللىرى ۋە ياشلىقنىڭ توسىۋالغۇسىز ئىستەكلىرى، قىزىقىشلىرى ۋە تەۋەككۈلچىلىكلىرى بار. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ رېئاللىقىمۇ ئۇنى ھەر ۋاقىت ئۇنى ئۆتمۈشىگە باغلاپ تۇرىدۇ—ۋەتەندىن ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىۋاتقان كۆڭۈلسىز خەۋەرلەر ئۇنىڭ غەربتە ئەمدىلا تېپىشقا باشلاۋاتقان كىچىككىنە شادلىقىنىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرىۋېتىدۇ. بۇ كۆڭۈلسىز خەۋەرلەر گاھىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تەگسىز مۇڭغا پاتۇرسا، گاھىدا ئۇلارنى ئىچ-ئىچىدىن كېلىدىغان غەزەبكە تولدۇرسا، يەنە گاھىدا ئۇلارنى ئامان قالغۇچىنىڭ گۇناھ تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.[ix] ئۇلارنىڭ چۈشلىرىدە جازالىغۇچىلار ئۇلارنى دائىم قوغلاۋاتقاندەك زايا بولىدۇ—ئۇلار جان-جەھلى بىلەن قاچىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئالۋاستى، بەدبەشىرە ياكى خىتاي سىياق جازالىغۇچىلار ئارقىسىدىن تاپ باستۇرماي قوغلاپ ئارام بەرمەيدۇ. ئۇلار يېرىم كېچىدىكى قاپقاراڭغۇلۇققا چۆچۈپ، چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۆمۈپ ئويغانغاندا، ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىنىڭ ئوڭىدىلا ئەمەس، بەلكى چۈشىدىمۇ تۈگىمىگەنلىكىنى ئاچچىق ھېس قىلىدۇ. ھەتتا بەزىدە چۈشى بىلەن رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوقىتىپ قويىدۇ—خۇددى ئوڭىدا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، چۈشىدە رېئاللىقىنى قايتا ياشاۋاتقاندەك. مانا مۇشۇ پەرقسىزلىكتە، ئۆتمۈش—ئاشۇ يىراق ئۆتمۈش—ئۆزىنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغان تەسىراتلىرىنى مۇساپىرنىڭ ھازىرىدا قايتا-قايتا ئايان قىلىدۇ. ئۇنى توختىماي قىينايدۇ. ئۇنى ئۆتمۈشىنىڭلا بىردىنبىر رېئاللىق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ.
مۇساپىرلار ئۆزى ئايرىلغان ئۆيى بىلەن بولغان باغلىنىشى يەنە باشقا يوللار بىلەنمۇ ئورنىتىلىدۇ. بۇ سىمۋوللۇق باغلىنىشتۇر—ئۇنىڭدا سىمۋوللۇق بەلگىلەر يوقلۇقنى بارلىق سۈپىتىدە قايتا ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىدا يوقاتقانلىرىغا قارىتا پىسخىك جەھەتتىن تولۇقلاشتۇر: ئۇيغۇر سەنئىتى. سەنئەت مۇساپىرلىق ھاياتىنى ئىجادىي شەكىلدە قايتا قۇراشتۇرۇشقا، ھېس قىلىشقا ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇساپىر دېگۈدەك ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سىمۋوللۇق ئامىللىرىنى ھاياتىدا قايتا-قايتا رول ئويناتقۇزىدۇ. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ قايتا-قايتا قوزغىتىشلا ئەمەس، بەلكى يوقاتقانلىرىنى سىمۋوللارنىڭ يولى بىلەن قايتا بار قىلىشقا ئاڭسىز ئۇرۇنۇشتۇر. مەسىلەن، غازى ئەمەتنىڭ غەربتىكى ساناقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تاپقىلى بولىدىغان «مۇقام» ناملىق رەسىمى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئاڭسىز بوشلۇقلىرىدىكى ئاشۇ ئىپتىدائىي ھېسلار بىلەن قايتا-قايتا ئۇچراشتۇرىدۇ. ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىپتىدائىي ۋاقتى ۋە ماكانى بىلەن قايتا-قايتا بىرلەشتۈرىدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ رەسىم بارلىققا كەلتۈرىدىغان دەقىقىلىق تۇيغۇلارغا ئۆزى بىلىپ-بىلمەي چۆمۈشى ئۇلارنى ھاياتنىڭ ئازابلىق ھازىرىدىن ئازاد قىلىپ، ئاشۇ ئىپتىدائىي ۋاقىت ۋە ماكاندا ناتىۋان شادلىققا چۆمدۈرىدۇ. ئۇنى ئۆزى بىلەن يوقىتىشلارنىڭ قوينىدا بىللە قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىلا ئەمەس، بەلكى يەنە نېمىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمۇ ئۇلارنىڭ رېئاللىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆيىدىن ئارىلىپ سەرسان سەرگەردان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېڭى سىياسىي كىملىككە، پۇقرالىققا، ئىجتىمائىي ئورۇنغا ۋە ئالاقە تورىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا بۈگۈنى ھايات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بىلەن ئەتىسىدىمۇ ھايات قېلىشىغا بىر نېمە دېيەلمەيدىغاندەك قورقۇنچلۇق پىسخىك ھالەت يوق. ئۇلاردا ۋەتىنىدىكى باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي بوشلۇقىنىڭ شەخسىيىتىنى (مەخپىيىتىنى) يوقىتىپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆيىنىڭ ۋە ھەتتا كاللىسىنىڭ شەخسىيىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ھالەت يوق. ئۇلاردا خۇددى ۋەتەندىكى ۋەتەنداشلىرىدەك روھى ئارقا-ئارقىدىن دەپسەندە بولۇش سەۋەبلىك، ھاياتىنىڭ ۋە ئىنسانلىقىنىڭ مەنىسىنى يىتتۈرۈپ قۇيۇۋاتقانلىقىدەك خەۋپ يوق. ئەگەر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار «ئوتنىڭ ئىچى» دە كۆيۈپ، ئۆرتەنسە، غەربتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ «ئوتنىڭ سىرتى» دا ئۆرتىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق ھالدا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ھېچ بولمىسا ئۇلارنى قوغدايدىغان بىر قۇدرەتلىك غەرب دۆلىتى بار. ئەمما، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خۇدادىن ۋە بىر ئۆزىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق. ئۇلار ئۆزىنى يار-يۆلەكسىز ھالدا ختايلارنىڭ چەكسىز زۇلمىغا تاشلىۋېتىلگەن، ئۇنتۇلغان ۋە ھەتتا قارغالغان دەپ ھېس قىلىدۇ. زۇلۇم ئۇلارنىڭ بىردىنبىر رېئاللىقىدۇر. ئەمما، مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقى نۇرغۇن مۇمكىنچىلىكلەرگە تولغان—ئۇلار ھېچ بولمىسا، دەخلىسىز يول يۈرەلەيدۇ، دەخلىسىز خىيال سۈرەلەيدۇ، دەخلىسىز خۇشاللىنالايدۇ، دەخلىسىز قايغۇرالايدۇ. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى دەخلىسىز ئىپادىيەلەيدۇ.
غەربتىكى بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ كۇلتۇرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە كەلگۈسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا جىددىي خىرىسلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇنىسى ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەككى، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ھېسسىيات جەھەتتىكى باغلىنىشى ۋاسىتىلىق شۇڭا تېيىزدۇر. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەتىنىگە بولغان ئەقلىي ۋە ھېسسىي باغلىنىشى بىۋاسىتە شۇڭا چوڭقۇردۇر. مەلۇم مەنىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا تولۇق مەلۇم بولمىغان ئەسلىدىكى جەمئىيىتىنىڭ نورمىسىغا ماسلىشىش مەجبۇرىيىتىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئالدىنقىسىدا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئېچىلسا، كېيىنكىسىدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە دىياسپورا جەمئىيىتىنىڭ ھازىرى قايتا نامايان بولىدۇ. مەسىلە شۇكى، بۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر ئەۋلاد ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كۇلتۇرىنى بىۋاسىتە، تىرەن نۇقتىدا تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزەلمەسلىك ئۇيغۇرلۇقنى بارغانسېرى بىر ئابستراكت ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇق بىر ئىدىيدىن بىر كونكرېت ھەرىكەتكە، ئۆزىنى بېغىلاشقا ۋە چوڭقۇر پىسخىك ھېسقا ئايلانمايدىكەن، بۇ ئەۋلاد بۇ كۇلتۇر، بۇ كىملىك ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق ھالىتىدىن يىراقلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە پۇت تىرەپ تۇرالاش-تۇرالماسلىقى ھەققىدىكى ئۇشبۇ مۇھاكىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك—زادى ئۇيغۇر كۇلتۇرىنى ساقلاپ قېلىش ئەرزىمدۇ؟ بۇ سوئالىم ئوقۇرمەنلەرگە ئۇشتۇمتۇت بىلىنىشى مۇمكىن. مەن نۇرغۇن قېتىم نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە باشقىلاردىن شۇ نەرسىنى سورىدىم: ئۇيغۇرلار ھازىر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇملارغا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلار ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. تىنغۇدەك ھالى قالمايۋاتىدۇ. غەربتىكى بىزلەر بولساق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە يېتىش تۈگۈل، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، رەزىللەرچە جانباقتىلىق ۋە شەرمەندىلەرچە قورقۇنچاقلىق بىلەن بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىۋاتىمىز. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، سىلەرچە، مۇشۇ زۇلۇملاردىن بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خەلقىمىز خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلسا ۋە ئۇنىڭغا قېتىلىپ كېتىشنى تاللىسا بولامدۇ؟ چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتنى ئاخىرلاشتۇرغىلى تاپقىلى بولىدۇ. دۇنيادا تېزلىكتە قەد كۆتۈرىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى بولغىلى ۋە شۇ ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر دېگەن نام سەۋەبىدىن تۈگىمەس دەردۇ ھەسرەتكە مۇپتىلا بولغاندىن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ، روھىي ئازادىلىككە ئېرىشكەن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟
دەرھەقكى، ئۇلار سوئاللىرىمدىن چۆچۈپ كەتتى. دېدىكى، مەندەك بىر زىيالىي مۇنداق ئويلىماسلىقى كېرەك. مەن دەل مېنىڭ زىيالىيلىقىمنىڭ مېنى ئۇلاردىن مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراتقۇزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ جاۋابى كۆپ ھاللاردا بۇنداق ئويلاشقىلا ئەمەس، ئاشۇنداق قىلىشقىمۇ قەتئىي بولمايدىغانلىقى بولدى. مەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇلارنى قىستاپ سورىدىم: «ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇلارغا قېتىلىپ كەتسەك بولمايدۇ؟» ئۇلارنىڭ سوئالىمغا بەرگەن جاۋابى خىلمۇ خىل بولدى—بەزىلىرى خىتايلار بىزنى ئەزدى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قېتىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، دېدى. ئۇلارغا جاۋابەن، ئۇنداقتا ئەگەر خىتايلار زۇلمىنى بۈگۈن توختاتسا، ئۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىشكە بولامدۇ دەپ سورىسام، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى. يەنە بەزىلىرى بىزنىڭ كۇلتۇرىمىز خىتايلارنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، دېدى. دېدىمكى، ئوخشىماسلىقى راست، لېكىن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ پەستە قالغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا ھېچ بولمىسا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش سۈپىتى، ھىندى، پارىس، گرېك، سۇمېر ۋە مىسىر مەدەنىيەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، بۇ جەھەتتە كۆپ مەسىلە بولماسلىقى كېرەك دېگىنىمدە، ئۇلار ئۈندىمىدى. يەنە بەزىلىرى مۇنداق دېدى: خىتايلار دەل خەلقىمنى قىرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەرگىز قېتىلىشقا بولمايدۇ. ئەجدادلىرىمز بىزگە شۇنداق ئۆگەتتىكى، «قانغا قان، جانغا جان» ئېلىنىشى كېرەك. ئۇلارغا جاۋابەن: «دەل قىرىلىشنى توختىشىش ئۈچۈن، ئۇلارغا قوشۇلىشىمىز كېرەك» دېگىنىمدە، ئۇلار قايىل بوپ كەتمىدى ۋە قىساس ئېلىشنىڭ زۆۈرلۈكى ھەققىدە چىڭ تۇرىۋالدى. ئاخىرى دېدىمكى، «بىز قىساسنى ئويلاشساق، بىر مىلياردتىن ئارتۇق خىتايلارمۇ ئوخشاشلا قىساسنى ئويلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلارنىڭ قىساسخورلۇق تارىخى بىزنىڭكىدىنمۇ ئۇزاق ۋە پارلاق. ئاخىرى قىساسخورلۇق ۋە ياندۇرما قىساسخورلۇقنىڭ رەزىل چەمبىرىكىدە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭ يوقىتىشقا ئېلىپ بارىمىز.» يەنە بەزىلىرى: «بىز مۇسۇلمان، ئۇلار بولسا كاپىر. دىنىمىزدا ئۇلارغا قېتىلىپ كېتىش قاتتىق چەكلەنگەن. شۇڭا، ئۇلارغا قېتىلىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە بىز ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان زۇلۇملىرى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇرىشىمىز ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد ئېچىشىمىز كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلارغا جاۋابەن: «ئىسلام دىنى ھازىرقى ئەھۋالدا قارىلىنىۋاتقان، جىھاد قىلىش زوراۋانلىققا باغلىنىۋاتقان ۋە مۇسۇلمانلار كەمسىتىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارغا قېتىلىپ كېتىش بىزنى مەيلى خىتايدا، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن <يوشۇرۇن تېررورچى> دېگەن ئاتاققا قېلىشتىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي نۇرغۇن مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان زىيالىيلار ۋە دىنىي يېتەكچىلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇن تەرىزدە غەربنىڭ ئىرقچىلىققا، بىر تەرەپلىمىلىككە ۋە ھەقسىزلىققا تولغان ئوبرازىغا قارشى تۇرالايدىغان بىردىنبىر يەرشارىۋى سىياسىي، ھەربىي ۋە كۇلتۇرال كۈچ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارغا خىتايلارنىڭ قولىدا قىرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېچنېمە ئەمەس. ئۇلارغا مۇھىمى خىتاي بىلەن يوشۇرۇن يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتۇر. شۇڭا، يەرشارىۋى سىياسىينىڭ كەلگۈسىنى كۆزلىگەندە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىش ئاقىلانىلىكتۇر ۋە دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ئەگەشكەنلىكتۇر» دېدىم. ئۇلار جاۋابەن: «تېررورچى ئاتالسام ئاتىلايكى، خىتايغا مەڭگۈ قېتىلمايمەن» دېدى. سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشتى.
يېڭىلىشىلمىسۇنكى، يۇقىرىقى سۆھبەت بىر ئىجتىمائىي تەجرىبىدۇر. مەقسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى (ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى) قىياسىي ئەمەس، بەلكى ئەقلىي شەكىلدە تەكشۈرۈشتۇر. شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆزىدىن شۇنداق بىر سوئالنى ھەر ۋاقىت سوراپ تۇرۇشى كېرەك: مەن ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىم نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر بولۇپ ساقلىنىشى كېرەك؟
ئەمدى يۇقىرىقى سۆھبەتكە قايتساق، ئۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قېتىلىپ كەتمەسلىكىدىكى جاۋابلار—نۇقتىئىينەزەرلەر—ئىچىدە ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ بېرىلگەن جاۋابلا كەسكىن، مۇرەسسەسىز ۋە ئېنىقتۇر. ئەمما، قوشۇلۇپ كەتمەسلىكنى كۇلتۇرال ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ياقىلىماقچى بولغانلارنىڭ نۇقتىئينەزەرى ئاجىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۈجمەلدۇر—ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى زىت ئامىللارنى دېمەيلا قويايلى. شۇنىسى ھەر ۋاقىت تەكىتلىنىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى پەقەت خىتايلار ئۇنى ۋەيران قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ساقلىنىشى كېرەك دەپ قارالماسلىقى كېرەك. ياكى ئۇ بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، قەدىرلىك بولۇپ، بىزنىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىمەسلىكى كېرەك. ياكى ئۇ باشقىلار قەدىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بىزنىڭمۇ قەدىرلىشىمىزگە ئېرىشىشى ۋە بىز تەرىپىدىن ساقلانماسلىقى كېرەك. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ساقلىنىشى كېرەككى، ئۇ بىزنىڭ نېمىشقا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بولۇش سۈپىتى بىلەن—خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەن شۇڭا بىزنىڭ تاللىشىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن ئەمما بىزنى تاللىغان مۇقەددەسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن—قوغدىلىشى، ئۇنىڭغا جان تەسەددۇق قىلىنىشى ۋە ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بىر مۇقەددەسلىك ھەر بىر تىنىقىمىز، ئويىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزدە ھېس قىلىنمايدىكەن، تونۇلمايدىكەن ۋە تونۇتۇلمايدىكەن، ئاداققى نۇقتىدا ئۇيغۇرلۇق بىلەن خىتايلىقنىڭ ھېچ پەرقى قالمايدۇ. ئۇ زامان، ئۇيغۇرلۇق ئىپتىخارلىقنىڭ ئەمەس، بەلكى نومۇسنىڭ؛ كەلگۈسىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشنىڭ؛ ئۈمىدنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۈمىدسىزلىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتە ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنداق بىر پىسخىك ھالەتنى ئالدىنقى شەرت قىلالىشى كېرەككى، مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بوپ كېتەيلى، مەيلى بىز ئۇ دۆلەتتە قانچلىك كاتتا دەۋر سۈرۈپ كېتەيلى، بىز يەنىلا مۇساپىرلاردۇرمىز—ۋەتىنىنى يوقاتقۇچىلاردۇرمىز. سەپىرى تېخى ئاخىرلاشمىغان مۇساپىرلاردۇرمىز. بىز ھامان بىر كۈنى ۋەتىنىمىزگە كېتىشنى كۈتكۈچىلەردۇرمىز. ئۇنى چۈشلىرىمىزدە ھەرۋاقىت كۆرگۈچىلەر، ئۇ ھەقتە قايتا-قايتا ئويلىغۇچىلەر ۋە ئۇ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلاردۇرمىز. بىزنىڭ مۇساپىرلىقىمىز بىزنىڭ پەقەت ھازىر ۋەتىنىمىزگە قايتالمايۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۇ دۆلەتتە مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قېلىشىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇ دۆلەتتە ھامان بىر كۈنى ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كېتىپ، ئۇ يەردە قايتا ياشاش ئۈچۈن مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇساپىرلىقىمىز ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن جاي شەرقىي تۈركىستاندۇر—ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ ھەم. بۇ ھەم رېئال ھەم تەسەۋۋرۇىي مۇقەددەسلىكتۇر. بىزنىڭ پىسخىك ئۇدۇمىمىزغا كۆرە، بىز ۋە ئۇلار ھامان ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپرىقىغا كېتىشى ،شۇ يەردە ياشىشى ۋە شۇ يەردە ئۆلۈشى كېرەك. مۇساپىرلىق كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جايدا ئۆلۈشنى كۈتۈشتۇر.
ئاخىرىدا ئېيتىدىغىنىمز غەربتىكى ئۇيغۇلارنى شۇ چاغقىچە ساقلاپ تۇرىدىغان مۇنداق ئۈچ ئەڭگۈشتەر بار: يادرولۇق كىملىك، يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى ۋە يادرولۇق سىمۋوللار. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى غەربتە ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئامىللارغا تايىنىشى كېرەك:
يادرولۇق كىملىك—بۇ ئۇيغۇلاردا بىرلىككە كەلگەن، ماھىيەتلىك، ئۆزگەرمەس، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈلىدىغان كىملىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىملىك مەڭگۈ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدۇر. بۇ كىملىكنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكى، كۇلتۇرال كىملىكى سۈپىتىدىكى تۈركلۈكى ۋە باشقىلار بار. ئەمما، ساقلىنىشى كېرەك بولىدىغىنى ئالدى بىلەن ھەم ئاداققى نۇقتىدا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدۇر. چۈنكى، بۇ كىملىك يوقىلىدىكەن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا ھەممە كىملىكلەر يوقىلىدۇ. بۇ يەردە يوقىلىۋاتقىنى ئىسلامىي كىملىك ياكى تۈركلۈك كىملىكى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ۋە ئاداققى نۇقتىدا ئسىلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە تۈرك قوۋمىغا تەۋە ئۇيغۇلارنىڭ كىملىكىدۇر.
يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى—بۇ ئىسلامىي ئېتىقادنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنىش سىستېمىسىدا ئىسلام دىنى يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدە مۇنداق بىر ئىشىنىشنىڭ رولىغىمۇ سەل قارالماسلىقى كېرەك—ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۇيغۇرلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىكەن، ئۆزىنىڭ ھازىرىغىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگىمۇ ئىشىنەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان مىللەتكە دۇنيامۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە فىزىكىلىك تىرىكلىكىلا ئەمەس، روھىي تىرىكلىكىمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۆزى تىرىك، ئەمما روھى ئشەنچسىز، ئۈمىدسىز ۋە چۈشكۈن مىللەت تىرىك مۇردىغا ئوخشايدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئېيتقانكى، «روھى چۈشكەن ئادەمنىڭ ئېتىمۇ مۆدۈرىدۇ». ئەگەر ئۇيغۇرلار تارىخىدىن، كۇلتۇرىدىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن پەخرلەنمەيدىكەن، ئۇلارنى ھېچنېمە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلالمايدۇ. بەرھەقكى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان يوقىتىلىش خەۋپىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ غايەت زور پاجىئەنى يوقتىشتىكى ئەڭ مۇھىم يول چىدامچانلىق روھى، توختىماستىن تىرىشىش ۋە ھەر ۋاقىت بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرۇش ئىرادىسىنى يوقاتماسلىقتۇر. بۇ ئىشىنىش بىزنى يوقىتىشنىڭ تىرەنلىرىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. بىزنى ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ. بىزنى كەلگۈسىدە ھامان غەلىبە قازىنىدىغنلىقىمىزغا بولغان ئۈمىدنى يوقاتماسلىققا يېتەكلەيدۇ—قىسقىسى، بىزنى بىز بولۇشىمىز كېرەك بولغان بىز قىلىپ تۇرىدۇ.
تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ساقلىنىپ قېلىشىدا يەنە مۇنداق ئۈچ ئامىل مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ—ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە بىر ئەپسانىۋى لىدېرى، بىر مۇقەددەس كىتابى ۋە بىر ئورتودوكسال تارىخ (ئەنئەنە) قارىشى بولۇشى كېرەك. مانا مۇشۇ ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ زىھنىيىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قاراشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە جامائەتلىشىشىنى چىڭىتىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ يوقالماسلىقىنى مۇھىم ئەمەلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىرقىي يەكلىنىش ۋە قىرغىنچىلىقلاردىن ئامان قالغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا مانا مۇشۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ ئامان قېلىش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. بۇ نۇقتا ھەققىدە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭرى توختىلىمىز.
يادرولۇق سىمۋوللار—بۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاڭسىز كوللېكتىپ تۇيغۇلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى مۇھىم يولدۇر. بۇ يولدىن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ ئەسلىمىسىنى قوزغىتالايدۇ؛ ھازىرىنى قايتا قۇراشۇرۇپ ۋە كەلگۈسىگە ئۇل سالالايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلۇقنى ئىپادىلەيدىغان بارلىق سىمۋوللار ۋە بەلگىلەر ھەر ۋاقىت، ھەر زامان ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇلاردىن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ قاتلاملىرى ھېس قىلىنىشى كېرەك: ئۇيغۇر مۇزىكىسى، رەسىملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، قاتارلىقلار.
ئەمدىكى مۇھاكىمىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ پىسخىك تەركىبلىرىنى ئانالىز قىلىشقا بېغىشلىنىدۇ. دىققىتىڭىز بىزدە بولغاي.

(داۋامى بار)

نەقىللەر

[i] روھئانالىز ئىلمىنىڭ يادرولۇق قاراشلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئادەمنىڭ پىسخىك دۇنياسى ئاڭ، ئالدىنقى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ (ئاڭسىزلىق) قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئاڭ بىز ھېس ۋە ئىدراك قىلىپ تۇرىۋاتقان پىسخىك جەريانلارنى كۆرسەتسە، ئالدىنقى ئاڭ بىز ئۇنتۇپ كەتكەن ئەمما ئاڭ بوشلۇقىمىزغا دەرھال ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھېسلارنى، تەجرىبىلەرنى ۋە ئەسلىمىلەرنى كۆرسەتسە، ئاڭسىزلىق بىزنىڭ ئاڭ ۋە ئالدىنقى ئاڭ بوشلۇقىمىزنىڭ ئاستىدا تۇرىدىغان، ئاڭ بىلەن ئادەتتە بىۋاسىتە باغلىنىپ كەتمەيدىغان ئەمما بىزنىڭ قارارلىرىمىز، ھېسسىيات ھالىتىمىز ۋە قىلمىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. فرويدنىڭ قارىشىچە، ئاڭسىزلىق ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ (قىلمىشىنىڭ) بىرلەمچى مەنبەسىدۇر. بىزنىڭ ھېسلىرىمىز، قوزغىلىشلىرىمىز ۋە قارارلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلىيەتتە ئاڭسىزلىقىمىزدا ساقلىنىپ تۇرىدىغان بۇرۇنقى تەجرىبىلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. فرويد تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى (شەخسىيىتىنى) مۇنداق ئۈچ قاتلامغا بۆلىدۇ: ئىد، مەنلىك ۋە سۇپېرمەنلىك (ھالقىما مەنلىك). ئىد بىئولوگىيىلىك قوزغىلىشلارنى ساقلاش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم، كونترول قىلىش بەسى مۈشكۈل ۋە ئادەمنى ھەر ۋاقىت بىسەرەمجان قىلىدىغان نۇرغۇن تەركىبلەرگە—ئىستەكلەرگە ئىگە. يەنى، ئىدتىكى بۇ قۇتراتقۇ، قانائەتسىز ۋە قارىغۇ ئىستەكلەر (قوزغىلىشلار) ھەر ۋاقىت ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ—بۇ نۇقتىدىن، ئۇلار ئادەمنىڭ ئېڭىغا ھەر ۋاقىت تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بېسىۋېلىنىدۇ. فرويدنىڭ قارىشىچە، بەزى ھادىسىلەر ۋە ئىستەكلەر كۆپ ھاللاردا ياكى قورقۇنچلۇق ياكى ئازابلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەمنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشى تولىمۇ تەسكە توختايدۇ ۋە ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. يەنى ئىپتىدائىي قوزغىلىشلار بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئەقلىي قىسىمغا بارمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئېڭىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئىستەكلەر ئاڭسىزلىقتا بەنت قىلىنىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەنلىك تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ، بېسىۋېلىنىدۇ. بۇ مەنلىكنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقىلارنى يىغقاندا، شۇنى دېيىش مۇمكىنكى، ئىنسان تەبىئىتىدىن خەتەرلىك قوزغىلىشلارغا تولغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەر ۋاقىت يوشۇرۇن تەھدىد بولۇپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئاشۇ ئاڭسىز قوزغىلىشلىرى چوقۇم قاتتىق قوللۇق بىلەن بېسىۋېلىنىشى، باشقۇرۇلۇشى ۋە بوي سۇندۇرۇلۇشى كېرەك. يەنى، ئادەم چوقۇم جەمئىيەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە قەتئىي ماسلىشىشى ۋە ئۇلارغا بوي سۇنۇشى كېرەك. ماسلىشالمىغانلار ياكى جازالىنىشى، چەتلەشتۈرۈلۈشى ياكى سىقىپ چىقىرىلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن مۇنداق ئىككى ئامىلنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىنسان تەبىئىتى رەزىلدۇر، چۈنكى ئادەم جەمئىيەتنى، باشقىلارنى ۋە ھەتتا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان ھۇجۇمچان (ئاگرېسسىف)، شەخسىيەتچى ۋە قانماس ئىستەكلەرنى ئۆزىدە ھەر ۋاقىت ئېلىپ يۈرگۈچىدۇر. مانا مۇشۇ بىئولوگىيىلىك كۈچلەر رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ئارقىلىق كونترول قىلىنىشى كېرەك—بولمىسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى غايەت زور قالايمىقانچىلىققا ۋە ھەتتا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ ئاڭسىز ئىستىكىنى كونترول قىلىش ئىجتىمائىي ياخشىلىق جۈملىسىگە كىرىدۇ. يۇقىرىقى قاراشنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەتسەك شۇنىڭغا ئېرىشىمىزكى، ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئەڭ تەگ نۇقتىدىن بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىستەكلىرىنى قاتتىق قانۇنىي تۈزۈملەر، ئىجتىمائىي ئەمرى-مەرۈپلار ۋە قانۇن بىلەن دەستەكلەنگەن جازالاش ۋاسىتىلىرىگە تايىنىش ئارقىلىق كونترول قىلىش ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ۋە باشقىلارغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىگىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم يولدۇر. بۇ شەخسنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق مېخانىزمدۇر. ئەمما، ئىنساننىڭ يوشۇرۇن، تەبىئىي ۋە قۇتراتقۇ ئىستەكلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش، بېسىش ۋە بۇرمىلىۋېتىش ئادەمدە نېگاتېف تەسىرلەرنى ۋە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. روھىي كېسەللىك بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالىدۇر. نەتىجىدە، ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشى كۆزلىنىدىغان بۇ ۋاسىتىلەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،بەختسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىدۇ. بۇنى فرويد «مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ قانائەتسىزلىكلىرى» دېگەن كىتاۋىدا مۇنۇ زىتلىق بىلەن يىغىنچاقلايدۇ: مەدەنىيەت ئادەمنىڭ ئىپتىدائىي ۋە خەتەرلىك ئىستەكلىرىدىن قوغدىنىش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۇنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسىدۇر.
[ii] دېمەك، تاشقى دۇنياغا ماسلاشماسلىقنىڭ بەدىلىنى ئادەم ئۆزى تەرىپىدىن قەلبىدە ئازابلىنىش بىلەن تارتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، جەمئىيەتنىڭ مادارا قىلغىلى بولمايدىغان كۈچىگە سەل قاراشقا بولمىغىنىدەك، ماسلاشماسلىق ئېلىپ كېلىدىغان پىسخىك بەدەلگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى ئەقلىيلىكتىن يىراق بولسا، ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى زوراۋانلىققا تولسا، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنۇشنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇلارغا ئېغىر بېسىملارنى سالىدۇ. بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساقلىقىغا سالىدىغان تەھدىتى ئادەمنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىدىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، شەخسلەر ئەخلاقىي جەھەتتە جازالاشچان، قانۇنىيلىقى نامۇۋاپىق جەمئىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن، ئادەم تەبىىتىدىن رەزىل دېگەن قاراش كۈچلۈك تەكشۈرۈشكە ئۇچرايدۇ—ۋاقتى كەلسە جەمئىيەت ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتا، ئۇنى بېسىش ۋە بوي سۇندۇرۇشتا ئادەمنىڭ ئاڭسىزلىقىدىنمۇ ئۆتە خەتەرلىك بولىدۇ. ئۇ زامان، ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت رەزىللىكنىڭ مەنبەسى بولىدۇ.
[iii] بۇنىڭدا سۇفىزمنىڭ مۇساپىرلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە تەجرىبىسى ئۆزگىچىدۇر. سوپىزىمنىڭ دەرۋىشچىلىك ئەنئەنىسىدە مۇساپىرلىق پانىي دۇنيادىن مەقسەتلىك ئايرىلىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ھىجرەت قىلىشتىكى مۇھىم بىر يول سۈپىتىدە قارالغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇكەممەللىك ۋە كالامەتكە يېتىشتىكى بىر زۆرۈرىي باسقۇچ سۈپىتىدە، ئۇ ئادەمنىڭ نەپسى، مەنلىكى ۋە شەخسىي ئىستەكلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىنى—ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى—كۆرسىتىدۇ.
[iv] http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/muhajirettiki-uyghur-
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/gherib-dunyasidiki-uyghurlar- [v]
[vi] ئىسلام دىنىدا «ھىجرەت» سۆزى ئەرەبچە ئايرىلىش ۋە ۋاز كېچىش دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن، ئۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگىدۇر. ئۇنىڭ ئادەتتە چۈشىنىلىشى مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ يېرىدىن (دارۇلكۇفىردىن) مۇسۇلمانلارنىڭ يېرىگە (دارۇلئىسلامغا) كۆچۈشىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە نىسادىمۇ (97-98) بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: <(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟> دەپ سورايدۇ. ئۇلار : <زېمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق> دەيدۇ. پەرىشتىلەر: <ھىجرەت قىلساڭلار اللە نىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟> دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ) جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي. پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»
[vii] تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى يۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلار رايونلار 20-ئەسىردا ستالىن تەرىپىدىن مىللىي رېسپۇبلىكىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەزكۇر رايونلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان مىللىي رېسپۇبلىكىلارنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ياشىشى يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى. ئۇلار يېڭى رېسپۇبلىكىلاردا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە تارىخىي ئىزلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئەمما، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنچە رۇسىيە ئوتتۇرىسىغا جايلىشىشتەك گېو-پولىتىكال ئورۇن بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرلۈك توسالغۇلارنى يارىتىپ كەلدى. 1990-يىللىرى سابىق سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئۇيغۇرلارغا تۇنجى قېتىم ئۇلار ئۇزاقتىن بېرى تۈرلۈك شەكىلدە قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ، بىر ئىدېئاللاشتۇرۇلغان سىستېمىنىڭ—بىر خىيالىي ئوتوپىيىلىك ئىدىيىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. سوۋېت سوتسىيالىزمنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇيغۇرلاردا خىتاي سوتسىيالىزىمنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئۇقتۇردى. ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن كېيىن، تارىختا تۇنجى بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت دەپ قارالغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نەزەرىنى ئۇنى يەڭگۈچىگە تىكدى—ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى.
[viii] تارىق رامازان «غەربلىك مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ كەلگۈسى» (ئىنگلىزچە)، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2004-يىل، 9-ۋە 224-بەتلەر.
[ix] ئامان قالغۇچىنىڭ گۇناھ تۇيغۇسى (پىسخولوگىيىدە ئامان قالغۇچى سىندرومىمۇ دەپ ئاتىلىدۇ) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىي قەتلىئامىدا ئامان قالغۇچىلاردا كۆرۈلگەن ۋە كېيىنچە نەزەرىيىۋىلەشتۈرۈلگەن پىسخىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىراۋنىڭ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بالايى-ئاپەت ۋە تالاپەتتە خاتا ھالدا ئامان قېلىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى پىسخىك ئىدراكتۇر.

مەنبە: مەمتىمىن ئەلا بىلوگى https://oylar.blogspot.com.tr/2017/04/8.html

بۇ يازما 332 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش