• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قۇتادقۇبىلىك – ئۇيغۇرچە قەدىمقى ئەسەر (1909)

قۇتادقۇبىلىك – ئۇيغۇرچە قەدىمقى ئەسەر (1909)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

قۇتادقۇبىلىك

(ئۇيغۇرچە قەدىمقى ئەسەر)

مىرسىياف كېرىمبايېف

بىز تۈرك خەلقى كۆپ ئەسىرلەر بىرلىكتە ياشىغانلىقتىن ئۆز تارىخىمىزنى ياخشى بىلىشكە ۋە چۈشۈنۈشكە تېگىشلىك بولساقمۇ، نادانلىقىمىز ۋە ئىلتىپاتسىزلىقىمىزدىن ھازىر ئۆز تارىخىمىزنى تونۇش ئۈچۈن ئۇنى باشقا مىللەتلەردىن سوراشقا مەجبۇر بولىمىز. مەسىلەن چىڭغىزخان (چىڭگىزخان) غا قەدەر بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەقەلەر، شۇ جايدا ياشىغان خەلقىمىزنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇلاردا بولغان ئىلىم، ھايات ۋە مەرىپەت، ئۇلارنىڭ تىللىرى ۋە يېزىقلىرى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتكە قانداق كۆز بىلەن قارىغانلىقلىرى ھېچبىرىمىزگە مەلۇم ئەمەس دېسەك خاتا بولماس. مەلۇم بولغان تەقدىردىمۇ تۇمان ئىچىدىكى تۈتۈن كەبى كۆرۈنۈپ تۇرغاندۇر. ئۇلار قانداق خەلق ئىدى؟ ئۇلار بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز تۈركلەر ئەمەسمىدى؟ لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمىزمۇ؟ ياق! ئەگەر ياۋروپالىقلار تىرىشىپ، تارىخىمىزنىڭ تەتقىق قىلمىغان بولسا ئىدى، بىز يەنىلا بىخەۋەر قالۇر ئىدۇق. ئۆتكەن ئىشلارنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ھازىر، ھېچ بولمىسا يۇرتىمىزدىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەردىن بولسىمۇ تارىخمىزنى ئاڭلاپ بىلىشنىڭ ۋاقتى!

ۋ.ۋ. رادلوفنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن نېمىسچىگە (گىرمانچىغا) تەرجىمە قىلغان Das Kutatku Bilik، «قۇتاتقۇبىلىك» ناملىق بىر ئەسىرى كېيىنكى كۈنلەردىلا قولۇمغا كىرگەن ئىدى. ئۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. كېيىن ئۇنىڭدىن ئالغان مەلۇماتىمنى بۇ يەردە يېزىپ چىقماقچى بولدۇم.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ بىر شىۋىسى ئىكەنلىكى كۆپىنچىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك. مەزكۇر ئەسەرگە ئۇيغۇرچە «قۇتاتقۇبىلىك» دەپ ئات قويۇلغان بولۇپ، تاتارچىغا تەرجىمە قىلغاندا :« بەختلەندۈرۈۋچى (بەختلەندۈرگۈچى) بىلىم» مەنىسىدىدۇر. تىلى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ، يېزىقى سەبىيە ((Сабейскій) ھەرىپى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، شېئىر شەكلىدە يېزىلمىشدۇر. مۇھەررىرى (مۇئەللىپى) يۈسۈف ئىسىملىك كىشى بولۇپ، بۇ ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن بۇغراخان تەرىپىدىن ۋەزىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەللىپنىڭ پۈتۈن (تولۇق) ئىسمى «يۈسۈف خاس ھاجىب» دەپ تونۇلغان ئىكەن.

ئۈشبۇ ئەسەر ھىجرەتنىڭ 463-462 نچى يىللىرىدا، بۇغراخان زامانىدا، «كاشىغەر» شەھىرىدە تاماملانغانلىقى مەزكۇر ئەسەردە يېزىلغان ئىكەن. نۇسخىسى بۈگۈنكى كۈندە «ۋىيانە» (ۋېنا) كىتابخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. «قۇتاتقۇبىلىك» نىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسىمۇ بولغان. بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى، دوكتۇر مارىس قاھىرەدە ۋىيىس قارول كىتابخانىسى (يەنى خەدىيۇيە كىتابخانىسى) دىن ئايرىم سەھىپىلىرى (بەتلىرى) نى تاپقان. «قۇتاتقۇبىلىك» تۈركىي تىلىدا يېزىلغان ئەڭ قەدىمقى ئەسەرلەردىن بىرسىدۇر. ھىجرەتتىن كېيىنكى 5-4 نچى ئەسىرلەردە «كاشىغەر» بىلەن ھامى (قۇمۇل؟) ئارىسىدا ھايات كەچۈرگەن تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پۈتۈن تۇرمۇشلىرى كۆز ئالدىدىكى رەسىمدەك ئالىي سۈرەتتە بايان قىلىنغىنىدەك، «قۇتاتقۇبىلىك»دە ئىلىم-ئەخلاققىمۇ بىرىنچى ئورۇن بېرىلگەن ئىكەن. كىشىنىڭ دۇنياغا، ئۆمۈرگە، مەمۇرلارغا ۋە ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قانداق كۆز بىلەن قارىشى كېرەكلىكى يېزىلىپ، ئىلىم ۋە مەرىپەت ئىستەش (قوغلىشىش) ۋەئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئازاب چېكىشكىمۇ رازى بولۇش كېرەكلىكى ئېيتىلغان. (ناھايىتى ھەيران قېلىش يېتەرلىك)

«قۇتاتقۇبىلىك» يېزىلغان ۋاقت «كاشىغەر»دە بۇغراخان ھۆكۈم سۈرگەن ۋە مەملىكەتمۇ ناھايىتى قۇدرەتلىك بولغان. خەلق ئارىسىدا سودىگەرلەر، قازىلار، تېۋىپلەر، روھانىيلار (دىنىي زاتلار) ۋە ھۈنەرۋەنلەر بولغانلىقىمۇ يېزىلغان. ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرتىلىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، ئەسەردىن قىسقىغىنە بىر پارچىنى بۇ يەردە يازماقچىمەن:

پايات ئادى پىرلە «سوزۇق» پاشلادىم،

تۆرەتكەن، ئىگىتكەن، كىچىرگەن ئىدىم.

تۆرەتتى تىلەك تەك توزۇ ئالامىق،

ياراتدى ئىچىندە كۆنۈك ھەم ئايىق.

ياراتدى كۆر ئايرەن توچى ئابىلۇر،

ئانىڭ پىرلە تىسىنكىچ ھەممە تىسكىنۇر.

ياشىل كۆك ياراتدى ھەممە يۇلدۇزى،

قاران تۈن ياراتدى، يارىق كۈندۈزى.

بۇ كۆكدەگى يۇلدۇزۇ پىر ئانچە پەزىك،

پىر ئانچە كۆدەسچى پوياككە يەزىك.

پىر ئانچە قالاغىس پالۇر يەتسە يول،

پىر ئانچە يارۇتمىش خالايىقغە ئۇل.

قايۇسى ئىرىرەك، قايۇسى قادى،

قايۇسى يارۇقراق، قايى ئۆكسۈدى.

«قۇتاتقۇبىلىك» 15 نچى سەھىپە (بەت)

تەرجىمىسى:

ئاللا ئىسمى بىرلە سۆز باشلىدىم. ئۇ ئاللا بارچىنى ياراتتى، ئۆستۈردى ۋە ئۆمۈر بەردى.

ئۇ ئۆزى خالىغانچە بۇ دۇنيانى ياراتتى. دۇنيانى يورۇتۇش ئۈچۈن ئاي ۋە قوياشنى پەيدا قىلدى.

ئۇ ھەر زامان ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان كۆكنى ياراتتى. ھەم ئۇنىڭدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان مەخلۇقاتلارنى، كۆك ئاسماندىكى بارچە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. قاراڭغۇ تۈننى، يورۇق كۈننى نۇرلاندۇردى. قايسىبىر يۇلتۇزنى گۈزەللىكى ئۈچۈن ياراتتى. بەزىلىرىنى قوغدىغۇچى قىلدى، رەھمەت ئەلچىلىرى قىلدى. بەزىسىنى يولدىن ئازغۇچىلارغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتتى. بەزىسىنى ئىنسانغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ياراتتى. قايسى بىرى يۇقىرىراق، قايسى بىرى تۆۋەنرەك، قايسى بىرلىرى يورۇق، قايسى بىرلىرىنىڭ نۇرى سۇس بولدى.

ئۈشبۇ ئەسەر بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشنى خالىغانلار ۋ.ۋ. رادلوفنىڭ نېمىسچە «قۇتاتقۇبىلىك» Bilik Das Kudatku  ناملىق ئەسىرىگە، روسچە (Гельмольть. Исторія Человъчества ئىككىنچى جىلد) گە مۇراجەت قىلسۇن.

 

( «شۇرا» مەجمۇئەسى 1909-يىللىق 23-سانىدىن ئېلىنىپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى)

بۇ يازما 117 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 5
ئۈستىگە قايتىش