ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئېچىلدى.

2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئېچىلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ۋاپاتىنىڭ 100- يىلى، ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848) ۋاپاتىنىڭ 90- يىلى، قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋاپاتىنىڭ 80- يىلى ۋە ئابدۇقادىر داموللا (1924-1862) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئاينىڭ 6-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپى ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلىۋىخانىسىنىڭ زالىدا 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ۋە ئاكادېمىيە ئامىرىكا ۋەكىلى دوختۇر مەمەت ئېمىننىڭ تەبرىكلىرىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى. ئارقىدىن، بۇ قېتىمقى يىغىندا خاتىرلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە مىللىتىنىڭ روھى ھۆرلۈكى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلغانلىقى، بىزنىڭمۇ ئۆز دەۋرىمىزدە ئۈستىمىزگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

شىۋىتسىيەدىن ئۇيغۇر زىيالسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ «ئۇيغۇر باش كىيىم مەدەنىيىتىدە دوپپا» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە تەييارلىغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەردىن بۇ يىغىنغا كېلەلمىدى ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخانغا بۇ ماقالىگە ئاساسەن ئايرىم بىر دوكىلات تەييارلاشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، دوپپانىڭ تارىخى، دوپپا تۈرلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تەييارلىغان دوكىلاتىنى سۇندى.

ئۇ دوكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ سىمۋۇلىنىڭ دوپپا بولۇپ قالغانلىقى، 2009-يىلى 5-مايدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئويۇشۇپ ئاچقان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى سۆھبەت يىغىنى»دىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاۋانگارت ئۇيغۇر زىيالىلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى رەسمى ئەنگە ئالغۇزۇپ، 2010-يىلى 5-مايدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئىلى مىقياسىدا رەسمى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەنگەن. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ قايتىدىن ئۇرغۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن دەۋىر بۆلگۈچ بىر ھەرىكەت بولۇپ قالغان.

دوپپىنىڭ تارىخىنىڭ قاراخانىلار دۆلىتى دەۋرىگە تايىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردا دوپپا خىللىرىنىڭ 100 دىن ئاشىدىغانلىقى، تىكىلىشى ۋە لاھىيەلىنىشىنىڭ ناھايىتى نەپىس، كۆرۈنۈشىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ باش كېيىمى ئىچىدە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۆت قىرلىق ۋە ئەستىرىنىڭ قىزىل بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.

ئىنتايىن ئەتراپلىق تەييارلانغان دوكىلاتتا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، دوكىلاتتىن كېيىن كۆپچىلىك ھەرخىل سۇئاللارنى سوراپ، قىزغىن بەس-مۇنازىرە قىلىشتى.
دوپپا دوكىلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇتەپەككۇرلار ھەققىدىكى رەسمى ئىلمىي دوكىلات بېرىش باشلاندى.
تۇنجى بولۇپ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم «قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى» تېمىسىدا تەييارلىغان دوكىلاتىنى سۇنىدى.
مەغپىرەت خانىم مۇنۇلارنى دېدى: بىر كىشىنىڭ مۇتەپپەككۇر بولۇشى ئۈچۈن ئائىلە، دەۋر تەقەززاسى ۋە بۇ ھەقتە كىشنىڭ ئىجتىمائىي مەسىللەر ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كىملەر مۇتەپەككۇر بولالايدۇ دىگەندە، كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، دۇنيانى، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى توغرا تونۇيدىغان، تەرەققىياتلاردىن خەۋەردار، مەسئۇلىيەتچان، ھەقنى سۆزلەشتىن قورقمايدىغان ۋە ھەقنى قوغداش روھىغا ئىگە، ئالدىن كۆرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، سۆزىنى ئاڭلىتالايدىغان ۋە شۇنداقلا مەيدانى ئېنىق بولغان كىشىلەر مۇتەپەككۇرلاردۇر.

قۇتلۇق شەۋقى ھەققىدە مەنسۇر ئەپەندى يازغان كىتاپتا مۇھىم مەلۇماتلار بار. قۇتلۇق شەۋقى پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم ئىددىيىسىگە ئىگە بولۇپ، كوممۇنىزىمغا شىددەت بىلەن قارشى تۇرىدۇ. قۇتلۇق شەۋقى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى كىرزىس ۋە بۇ كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باش كۆتۈرگەن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ 1920 – يىلىدا يازغان «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى» ۋە 1924–يىلى يازغان «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» ناملىق يازغان شېئىرلار توپلىمى مەۋجۇت.
تارىخى ئەسەرلىرىدىن «ۋاقائى كاشغەر» ناملىق ئەسىرى بار.
ئۇ مەدەنىيەت – ئاقارتىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، تارىخ ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ مىللىي تىل بەرپا قىلىش ۋە مىللىي تىلنى ساپلاشتۇرۇش ھەققىدە يازغان ئانا تىل نەزمىسى بار.

ئىككىنجى بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر راھىلە قەشقىرى «ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھايات ھىكايىسى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى» تېمىسدا دوكىلات بەردى. ئۇ ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تىۋىپ ۋە خېمىيەگەر بولۇپلا قالماي، بەلكى پىشقان مائارىپچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۈسەيىنخان تەجەللى خەلقنى داۋالاپ ساقايتقان، چاڭقىغان دىللارنى يۇرۇتقان كىشى بولغان بولسىمۇ، ھەر دەۋىردىكىگە ئوخشاشلا، نامەرت ۋە ئىپلاس خائىنلارنىڭ سەۋەبىدىن كۆپ كۈلپەتلىك كۈنلەرنى كەچۈرگەن.
دوكتۇر راھىلە قەشقىرى، تارىختىن بۇيان خەلققە پايدىلىق ئىش قىلغانلارنى توسىدىغان ۋە پۇتلايدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ۋە كۈنىمىزدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ تولىمۇ ئېچىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تۈر ئادەملەرگە قارىشى ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامال قىلىپ، ئۇلارنى توسۇپ قېلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتۇر راھىلە خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئىنسان ھەقىقىي ئىلىم ئېلىش مەقسىتىدە ئوقۇغانسېرى ئىلىمسىزلىكىنى ھېس قىلىدىكەن ۋە ئۈگىنىشكە تىرىشىدىكەن. نادان ۋە بىلىمىسىز كىشىلەر ھەر دائىم باشىقىلارنىڭ ئىشىغا ھەسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىنى توسۇشقا ھەپىلىشىشىدىكەن. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلمىگۈچە ياخشىغا دائىم كۈن يوق.

ئۈچىنجى بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ «بۈگۈنكى ئوقۇرمەن ۋە تارىخى ھەمىدى» تېمىسىدا دوكىلات سۇندى.
ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تارىخى ھەمىدى تۈر جەھەتتىن ئۈچرىك ژانىرىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەسەردە بېرىلگەن ئەجداتلار ھەققىدىكى مەلۇماتقا بۈگۈننىڭ نەزىرى بىلەن قارىساق، تارىخى مەنبەلىرى ئېنىق ئەمەس. ئەسەرلەردە مەنبە ئاساسەن يەھۇدىي رىۋايەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. دىمەككى، 1911–يىلىدا ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش نوقتىسى رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. دۇنيا ھەقىقىي ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس رىۋايەت ئاساسىدا چۈشۈنۈلگەن. 1911 – يىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە روسلار ھەققىدە پەقەت مەلۇماتلار بېرىلمىگەن. خوشنىسى ھەققىدە بىر مەلۇماتنىڭ بېرىلمەسلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
كىتاپتا راشىدىنخان خوجا، خوتەندە ھەبىبۇللاھ ھاجىم، قەشقەردە بۇزرىكخان تۆرەم ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن. موللا مۇسا سايرامى بۇ مەلۇماتلار ھەققىدە ئەمەلىي ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپتىن تارىخچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئەسەردە ئۆز دەۋرىدىكى دىنى چۈشەنچە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىلغان.
ئەسەردە ئوسمانلى خەلىپىلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئەسەردە ئوسمانلىلارغا بولغان مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ياقۇپ بەگ ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلاردا ياقۇپ بەگنىڭ قىرغىنچىلىقىنى بىرئاز ھەقلىق كۆرگەن، يەرلىك بەگلەرنىڭ ئوسمانلىلارغا بەيئەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن قىلغان ئىشلىرىنى ھەقسىز دەپ بىلگەن.
بۇ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياقۇپ بەگ مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ياقۇپ بەگ خوتەندە 50 مىڭ كىشىنى قىرىۋەتكەن. كۇچا، خوتەن ۋە قەشقەر خەلقى چىنلىقلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن مەلۇم كىشىلەرنى ئۆزىگە باش بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئەمما ياقۇپ بەگ ئۇيغۇر بەگلىرىنى ئۆلتۈرگەن. چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا باستۇرۇپ كەلگەندە، ياقۇپ بەگ ئەسكەرلىرى چىڭ چىرىكلىرىگە قارشى بىر پاي ئوق ئاتماي قاچقان. دىمەك، ھەر باغنى ئىگىسى قوغدايدۇ.
ياقۇپ بەگ ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا، ياقۇپ بەگ چىن قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلماستىن چىكىنگەن. ياقۇپ بەگ كورلىرىدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ ھوقوق تالىشىش كۆرىشى سەۋەبىدىن خىتايلار ئاسانلا قەشقەرىيە دۆلىتىنى يوقاتقان.
ئەمما قىزىقارلىقى، ئوسمانلى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە، شەرقىي تۈركىستان ۋە قەشقەر ئەمرى ھەققىدە تۈزۈك مەلۇمات يوق.
تارىختا، 1908–يىللىرىدا ئوسمانلىلاردىن بىر ئۆمەك بېيجىڭغا كېلىپ غەرپكە قارشى ھەمكارلىق ئارزۇسىدا بولۇپتىكەن. تارىختىن ئىبرەت ئېلىنمىسا تەكرارلىنىدۇ. مەسىلىلەرگە ئىددىئولوگىيلىك پىرىنسىپلار ئاساسىدا كۈزىتىلسە خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا رىئاللىققا رىئاللىق ۋە ئىلىم بويىچە مۇئامىلە قىلىش كىرەك.

ئەڭ ئاخىرقى دوكىلاتتا، ئەدىرنە تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان جامال «ئابدۇقاردىر داموللام ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھاتلىرى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.
ئۇ، دوكىلاتدا يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پىسخىك روھى ھالىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، مۇنداق دېدى: «پالاچ گەۋدە ئاغرىقنى سەزمەيدۇ، ئۇيغۇرلار دائىم كۆزى كۆر، قولىقى گاس بولۇشقا ۋە ھەقنى سۆزلىمەسلىككە چاقىرىلدى. زۇلۇمنى ھېس قىلمىغان ۋىجدان زۇلۇمنى نۇرمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ».
ئۇ، يېتىشكەن دىنى ئۆلىما ۋە جەدىتچى ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇتتى.
ئابدۇقادىر داموللا جەدىدىچىلىك روھى ۋە مائارىپنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، يېڭىلىقتىن قورقىدىغان مۇتەسسىپ موللىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى جامالىددىن ئابغانى ۋە مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىسمائىل غاسپىرالى قوزغىغان ئوتتۇرا ئ‍اسيا جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن.
ئۇ، ئۆزى باش بولۇپ 1912 – يىلى قەشقەردە جەدىتچىلىك مەكتىپى ئاچقان. ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسياغا ۋە ئىستانبۇلغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ تۇرغان.
1916 – يىلىدىكى قازاندا چىقىدىغان شۇرا ژورنىلىدا ئابدۇقادىر داموللام كىمدۇر؟ دېگەن تېمىدا ماقالىلار ئېلان قىلىنغان. ئابدۇقادىر داموللام 1918 – 1920 – يىللىرىدا بۇخارا ۋە قازانغا بارغان ۋە ئۇ يەرلەردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرگەن.
ئابدۇقادىر داموللا، دىنى ئەقىدە ۋە كۆز قاراش جەھەتتىن تامامەن يېڭىچە كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىنى ئوقۇتۇشتا ئۆلۈك يادىلاشتىن ئىبارەت ئۆمۈر ئىسراپچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ مۇتەئەسسىپ مۇناپىق موللىلارنىڭ ۋە تاشقى دۈشمەننىڭ ئەندىشىسىنى كۆچەيتىۋەتكەن.
1920 – يىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا تالىپلار شىۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ دىن تارقىتىش ھەرىكىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ، شىۋىت مىسسىيونېرلارنىڭ مەتبەلىرىنى چىقىپ كىتاپلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ئەجنەبىلەر خائىن بايلار ۋە مۇناپىق موللىلار قولى بىلەن ئۇنى يوقۇتۇشقا تىرىشقان بولۇپ، ئۆمۈر باينىڭ ياللىشى بىلەن قاتىل ئەمەت تەرىپىدىن 1924 – يىلى قەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان.

شۇنداق قىلىپ، يۇقارىقى بۇ توت ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تارىختا ئۆتكەن تۆت ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ناھايىتى ئىلمىي ۋە ئوبرازلىق قىلىپ كۆپچىلىككە دوكىلات سۈپىتىدە سۇندى.

دوكىلات بەرگۈچىلەر نوتۇقلىرىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ زىيالىلارغا ئاكادېمىيە نامىدىن كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىپ، تەشەككۈر پىلاكىتى تەقدىم قىلدى. يىغىن تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.
پائالىيەت ئاخىرىدا، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشىغان ئۇيغۇر پولوسى، سوغۇق سەي ۋە ئايران ئىكرام قىلىنىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتتە بىر-بىرى بىلەن قانغۇچە ھال مۇڭ ئېيتىشتى.
ئەسكەرتىش: بۇ پائالىيەتنىڭ سىن كۆرۈنىشى پات ئارىدا تەييار بولىدۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش