ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » سىن ئارخىپى: 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

سىن ئارخىپى: 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ۋاپاتىنىڭ 100- يىلى، ھۈسەيىنخان تەجەللى (1927-1848) ۋاپاتىنىڭ 90- يىلى، قۇتلۇق شەۋقى (1937-1876) ۋاپاتىنىڭ 80- يىلى ۋە ئابدۇقادىر داموللا (1924-1862) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-ئاينىڭ 6-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپى ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلىۋىخانىسدا 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەتتە سۆزلەنگەن نوتۇق ۋە سۇنۇلغان دوكىلاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى Youtube سىن ھۆججەتلىرىدىن كۆرەلەيسىز.


***

شىۋىتسىيەدىن ئۇيغۇر زىيالسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ «ئۇيغۇر باش كىيىم مەدەنىيىتىدە دوپپا» تېمىسىدا تەييارلىغان ماقالىگە ئاساسەن، ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، دوپپانىڭ تارىخى، دوپپا تۈرلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە بىر دوكىلات تەييارلاپ سۇندى.

***


***

بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم «قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى» تېمىسىدا تەييارلىغان دوكىلاتىنى سۇنىدى.

***


***

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر راھىلە قەشقىرى «ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھايات ھىكايىسى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى» تېمىسدا دوكىلات بەردى.

***


***

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ «بۈگۈنكى ئوقۇرمەن ۋە تارىخى ھەمىدى» تېمىسىدا دوكىلات سۇندى.

***


***

ئەدىرنە تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان جامال «ئابدۇقاردىر داموللام ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھاتلىرى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

***


يۇقارىقى دوكىلات بەرگۈچىلەر نوتۇقلىرىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ زىيالىلارغا ئاكادېمىيە نامىدىن كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىپ، تەشەككۈر پىلاكىتى تەقدىم قىلدى. يىغىن تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.

بۇ يازما 251 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش