• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى پىشۋاسى

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى پىشۋاسى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

(ئا.قايداروۋ ،  غ.سەدۋاقاسوۋ)

XX ئەسىردىلا ئاجايىپ چوڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىلگىرى تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆزىگە لايىق ئورۇن ئىگىلىيەلمىگەن ۋە ئۇنتۇلۇش خەۋپىگە مەھكۇم بولغان خەلقلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى يېڭىۋاشتىن تىكلەش، يېڭى تۈزۈم شارائىتىدا مىسلىسىز ئۈستۈن تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى جەمئىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي خەلقلەرمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى، شۇ جۈملىدىن تارىخىنى، تىلىنى، قەدىمىي يېزىق يادىكارلىقلىرىنى، ئەدەبىيات سەنئەت ئەنئەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى ئىلمىي ئاساستا چوڭقۇر ئۆگىنىش ئىشى ئالاھىدە ئىشتىك سۈرئەت بىلەن ئەۋج ئالدى. مەدەنىي يۈكسىلىشنىڭ كۆرسەتكۈچى بولغان بۇ ساھەلەرنىڭ جىددىي يولغا قويۇلۇشىغا قېرىنداش رۇس خەلقىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرى ئالاھىدە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ تۈركىي خەلقلەر تىلىنى ئاساسلىق ئۆگىنىش بويىچە دەسلەپكى جىددىي ئىلمىي تەتقىقاتلارغا قىزغىن تۇتۇش قىلىپ، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋەزىپىسىنى س. ئې. مالوۋ باشلىق ئا. ك. بوروۋكوۋ، ك. ك. يۇداخىن، ۋ. م. ناسىلوۋ ۋە ن. ئا. باسقاقوۋقا ئوخشاش رۇس ئالىملىرى ئۆز زىممىسىگە ئالدى.

بۇ ھەقتە سۆز بولغىنىدا بىز بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ۋە پراكتىكىلىق پروبلېمىلىرىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئۆگىنىشكە پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى، پەم-پاراسىتىنى، كۈچىنى سەرپ قىلغان ئاتاقلىق ئالىم سسسر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋنىڭ ئىسمىنى چوڭقۇر ئېھتىرام، چەكسىز ھۆرمەت ۋە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلەن تىلغا ئالىمىز.

س. ئې. مالوۋ 1880-يىلى 16-يانۋاردا قازان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپ دىنىي مەكتەپ، ئاندىن سېمىنارىيەنى ۋە قازاندىكى دىنىي ئاكادېمىيىنى تاماملىدى. ئۇنىڭ تۈركىيشۇناسلىققا دېگەن دەسلەپكى ھەۋەسنىڭ ئويغىنىشىغا ئاتىسى ئېفىمىي ئالېكساندروۋىچ مالوۋنىڭ چوڭ تەسىرى بولغان ئىدى. تۈركىي تىللارغا بولغان قىزىقىش س. ئې. مالوۋنى كۆپ ئۆتمەي بىۋاسىتە تۈركىيشۇناسلىق مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئېلىپ كەلدى. ئالىمنىڭ يورۇق كۆرگەن دەسلەپكى ئىلمىي ئەمگىكى مەزكۇر تىلغا بېغىشلاندى. 1904-يىلى قازان شەھىرىدىكى دىنىي ئاكادېمىيىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ سانكت-پېتېربۇرگ فاكۇلتېتىنىڭ ئەرەپ-پارس-تۈرك بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1909-يىلى تاماملىدى. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا س. ئې. مالوۋ تاتار، ئەرەب ۋە پارس تىللىرى بويىچە ئىلگىرىكى بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى بىلەن بىللە باشقا تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە تىرىشتى، بۇ يىللار داۋامىدا ئالىم بولۇپمۇ ئاكادېمىك ۋ. ۋ. رادلوۋنىڭ باشچىلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىلىم-پەن دۇنياسىغا تېخىچە تولۇق مەلۇم ئەمەس، لېكىن تۈركشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە مەركىزىي خىتايدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار تىلىنى ئۆگىنىشكە جىددىي بەل باغلىدى. بۇ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىشى ياش ئالىم س. ئې. مالوۋنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى، ئەلۋەتتە، تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ئالىم پەقەت ۋولگا بويىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەر تىللىرىدىن تاشقىرى سىبىر’دىكى شور ۋە چۇلۇم ئاھالىلىرى ياشايدىغان جايلاردا ساياھەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە ئۆگىنىشتەك جىددىي ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن ئىدى.

س. ئې. مالوۋ 1909-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملاپ شۇ يىلى ۋ. ۋ. رادلوۋنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى شۇ ۋاقىتلارغىچە ئىلىم-پەن دۇنياسىغا تېخىچە مەلۇم ئەمەس سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن سالارلار تىلىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە ساياھەتكە چىقتى. شۇ مەقسەت بىلەن ئۇ 1913–1915-يىللار داۋامىدا شەرقىي تۈركستانغا ئىككىنچى قېتىم ساياھەت قىلدى. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان ۋە ئالدى-كەينى تۆت يىلغا سوزۇلغان بۇ ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىلەر جەريانىدا ئالىم يىغىپ كەلگەن باي ماتېرىياللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى، ئېغىز ئىجادىيىتىنى، ئېتنوگرافىيىسىنى ۋە دىنىي-ئېتىقاد مەسىلىلىرىنى ئۆگىنىشتە ئومۇمىي تۈكىيشۇناسلىق خەزىنىسىگە قوشۇلغان سالماقلىق ئۈلۈشتىن بىرى بولۇپ قالدى. ھەقىقىتىدە ئىلىم-پەن دۇنىياسى سېرىق ئۇيغۇر، لوپنۇرلۇقلار ۋە قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلار تىلى بويىچە دەسلەپكى ئىلمىي مەلۇماتلارنى پەقەت س. ئې. مالوۋ ئەمگەكلىرى ئارقىلىقلا ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى.

ئۆز ھاياتىدا س. ئې. مالوۋ ئىجات قىلغان 150تىن ئوشۇق چوڭ-كىچىك ئەمگەكلەر تۈركشۇناسلىقنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىگە دائىر بولسىمۇ، مەزكۇر ئەمگەكلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان. ئالىمنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا ئائىت ئەمگەكلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە ئەرەبچە يېزىق شەكلىدە پۈتۈلگەن ھەر خىل مەزمۇندىكى نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش نەتىجىسىدە س. ئې. مالوۋ «قەدىمىي تۈركىي يېزىقىنىڭ نەمۇنىلىرى»، «ئىبن-مۇخانكا تۈرك تىلى ھەققىدە»، «قەدىمىي تۈرك يېزىقىنىڭ يادىكارلىقلىرى»، «قۇمانلىقلار كودېكسىنىڭ تارىخى ۋە تەنقىدىگە دائىر»، «ئىككى ئۇيغۇر ھۆججىتى»، «س. ف. ئولدېنبۇرگ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىق ھۆججەتلىرى»، شۇنداقلا قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-سېتىق، ئېلىش-بېرىش، دەۋا-دەستۇر ۋە يەنىمۇ باشقا مەزمۇندىكى ئىش قەغەزلىرىنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئورىگىنال ئەمگەكلەرنى يازدى. بۇلاردىن تاشقىرى ئالىم ئېنىسېي ۋە ئورخۇن دەريالىرى بويىدا ياشىغان قەدىمىي ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر يېزىپ قالدۇرغان غار تاش ۋە قەبىر تاشلاردىكى يېزىقلارنى ئۆگىنىش بويىچىمۇ نۇرغۇن ئەمگەك قىلدى.

س. ئې. مالوۋ قەدىمىي تۈركىي تىللار، بولۇپمۇ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئىجات قىلغان ئەمگەكلىرىدە تىلنىڭ لېكسىكا مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، تىل تارىخىدا ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتەلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئايرىم تۈركىي تىللار تارىخى، ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرى مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىسلەر قولىغا بىباھا قىممەت ماتېرىياللارنى بەردى. ئالىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر خىل شېۋىلىرى لېكسىكىسىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلغان ئاجايىپ چوڭ ۋە يېمىشلىك ئەمگىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر شېۋىلىرى بويىچە ماتېرىياللار»، «سېرىق ئۇيغۇرلار تىلى»، «لوپنۇرلۇقلار تىلى» قاتارلىق چوڭ ئەمگەكلىرىدە ۋە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىدە مەزكۇر شېۋىلەردە كەڭ قوللىنىلىدىغان سۆز بايلىقلىرىنى سەرەمجانلىق بىلەن رەتلەپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ قەدىمىي ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەت دائىرىسىنى ئېنىقلاپ بېرىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. بۇ خىل مۇھىم تەكشۈرۈش كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئىلمىي ئاساستا توغرا ئېنىقلاشتا مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى.

پېشقەدەم ئالىم تۈركشۇناسلىقنىڭ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىلمىي تېمىلىرىدىن تاشقىرى، كۈندىلىك ھايات تەلىپىدىن تۇغۇلغان مۇھىم ئەمەلىي مەسىلىلەر بىلەنمۇ قىزغىن شۇغۇللاندى. بۇ ھەقتە سۆز بولغىنىدا بولۇپمۇ ئالىمنىڭ ئۆزى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى ۋە جۇشقۇن ئىلمىي پائالىيىتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېغىشلىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىقىنى، ئۇنىڭ ئىملا، ئۇقۇم مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلىشقا، ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بويىچە ئېلىپ بارغان زور ئەمگىكىنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئالىم بولۇپمۇ 20–30-يىللار داۋامىدا سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ يېزىق نورمىلىرىنى بىر ئىزغا سېلىشقا ئاجايىپ چوڭ كۈچ سالدى. س. ئې. مالوۋنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكى ۋە رەھبەرلىكى بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئىككىنچى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلمىي-تەتقىقات كونفېرانسىدا (ئالمۇتا، 1930)، ئاندىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئىلمى يىغىندا (ئالمۇتا، 1937) ئالىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ رېئال مەسىلىلىرى بويىچە دوكلاتلار بىلەن سۆزگە چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئائىت مەسىلىلەرگە كۆپچىلىك دىققىتىنى جەلپ قىلدى. مۇھىمكى، س. ئې. مالوۋ 20-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى توغرا ئېنىقلىۋېلىش ئىلمىي-پراكتىكىلىق جەھەتتىنلا ئەمەس، شۇنداقلا سىياسىي نۇقتىدىن مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان پەيتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ كەمگىچە بېشى ئېچىلمىغان ئايرىم غۇۋا ۋە چىگىش مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلىشنىڭ ئۇدۇل يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

س. ئې. مالوۋنىڭ تۈركشۇناسلىقنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان يىرىك ئەمگەكلىرىدە بولسۇن ياكى ئايرىم تۈركىي تىللارغا ئائىت ئېيتقان پىكىر ۋە ئاز كۆلەملىك ماقالىلىرىدە بولسۇن ئۇيغۇر تىلى تارىخىنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرى توغرا ۋە خالىس باھالاندى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ زور قىزىقىش ۋە ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن يېزىۋالغان دىئالىكتىك  ماتېرىياللىرى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى تەلەپپۇزىنىڭ جانلىق تەسۋىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسىرلەر داۋامى باشتىن كەچۈرگەن ئۇزاق ۋە مۇرەككەپ تەرەققىيات يولىنى كەلگۈسىدە چوڭقۇر ۋە ئاساسلىق ئۆگىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.

س. ئې. مالوۋنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈم شارائىتىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي ئىنقىلاب تەلىپىدىن تۇغۇلغان مىللىي كادىرلارنى يېتىلدۈرۈشكە قوشقان شەرەپلىك خىزمىتىنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. دەۋرىمىزدە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرۈنەرلىك مەدەنىيەت ۋە پەن ئەربابلىرىنىڭ تولىسى ئۆز ۋاقتىدا كەمتەر ئالىمنىڭ ئاتىدارچىلىق غەمخورلۇقى بىلەن ھاياتقا يوللانما ئالغان ئىدى. ئۇرۇش يىللىرى ئالمۇتىدا ئىجات قىلغان ئالىم يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كەلگۈسى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ خادىملىرىنىڭ دەسلەپ يېتىلىپ چىقىشى ئۈچۈن زەمىن تەييارلاپ بەردى. بۇ يىللار داۋامىدا ئالىمنىڭ ئۇستازلىقى ۋە توغرىدىن-توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ دەسلەپكى قارلىغاچلىرى مەيدانغا كەلدى.

ئالىمنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرغان ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت ئاجايىپ قىممەت ئەمگەكلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مىللىي تىلشۇناسلار سېپىنىڭ كۆپىيىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئۈستۈن روناق تېپىشىنىڭ رېئال كاپالىتىدۇر. شۇڭلاشقا زامانىمىزنىڭ بۈيۈك ۋە كەمتەر ئالىمى، سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى دېگەن ھۆرمەتلىك ئاتاققا سازاۋەر بولغان سېرگېي ئېفىموۋىچ مالوۋنىڭ ئىسمى ئالىمغا چەكسىز مىننەتدار خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

مەنبە: ئىزلىرىمىز تورى

 

 

بۇ يازما 130 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 124
ئۈستىگە قايتىش