You Are Here: Home » ئومۇمى » تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (3)

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (3)

ئاپتور Peter Fleming *

ئېنگلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى

News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان

6-باب: چۆل يولى

1- بۆلۈم: مەينەت خىزمەت

سىياسەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئاسىيانىڭ سىياسىتى كىشلەرگە تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلاردا ئۆز كېلىچىكىگە ئۆزنى باغلاش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھالى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكتىن كۆپ يىراق. گەرچە بىز ئىنسانلار ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا بىر – بىرلىرىمىزگە توردەك باغلىنىپ ھېسداشلىق قىلساقمۇ، ئۆز – ئارا چۈشىنىشكە تىرىشساقمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىراي شەكلى پەرقلىنىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تېگى تەكتىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئامالسىزمىز.
بىراق بۇ كىتابنىڭ ئىسمى “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بىزنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغىنىمىز بولسا سىياسىي خەۋەرلەردۇر. ھازىرغا قەدەر بۇ سەپىرىمىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سىنكاڭدا* ھازىر نېمە ئىشلارنىڭ يۈزبېرىۋاتقانلىغىنى بىلىشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بىز بۇ سەپرىمىزنى ئېنىق ھالدا ھەقلىق قىلپ كۆرسۇتەلمىسەكمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ يەرگە بىز مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا قايتا سەپەر قىلىپ كەلدۇق، بولۇپمۇ 1933- يىلىدىن بۇيان خۇپىيانە تۇتۇلۇۋاتقان بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتۇق. مانا شۇ سەۋەبلەردىن مەن مەزكۇر كىتابنىڭ بېشىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك مېنىڭ مەقسىتىم شۇكى – بۇ كىتابنى سىز ياقتۇرۇڭ ياكى ياقتۇرماڭ، ئۇ سىزگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي بىر سىياسىي كىلىماتىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەمدە بولىدۇ.

ھازىرقى ۋاقىتتا مودىدىن قالغان رۇرىتانىئا* ھەققىدە ئاڭلاپ تۇغىنىمىزغا ئوخشاش، سىنكاڭ رايونى بولسا بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رومانتىك قورغىنىدۇر. بۇ يەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر، زوراۋانلىق، تارىختىن قالغان ھاياجانلىق كەچۈرمىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تۇپراققا غەيرى ئەمەستۇر. گەرچە بۇ زېمىننىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى كېچىككەن ھالدا تاشقى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولماي كەلگەن ئىدى. ئەگەر بىز دۇنيادىكى تۆت چوڭ كۈچنىڭ سىنكاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ناھايىتى يېقىندىن كۈزتىۋاتىدۇ دەپ قارىساق خاتا ئېيتمىغان بولىمىز. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلساق توغرا بولىدىكى بىز بۈگۈنكى كۈندە سىنكاڭنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. (245- بەت)

بۇ رايونغا سەپەر قىلىشتىكى تەبئىي جۇغراپىيىلىك مۈشكۈللۈكلەر ماركو پولونى غەربتىن، بۇددا راھىب تاڭسىڭنى شەرقتىن نۇرغۇن پالاكەتلەرگە يولۇقتۇرغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى، يول قۇرۇلۇش ئىنژىنېرلىرىنىڭ ياسىغان يول ۋە تومۇر يوللىرى بولغاچقا سەپەردىكى قىيىنچىلىقلار كۆپ ئازايغان ئىدى.

سىنكاڭ رايونىنىڭ زېمىنى فرانسىيەدىن چوڭ، ئۇنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى قۇم بارخانلىرى ئىگىلەيدىغان بولۇپ كۆلىمى 354،000 km2 كېلىدىغان تارىم ئويمانلىغىنى، تۇپرىقى مۇنبەت ئىلى ۋە جۇڭغار ۋادىللىرىنى، شىمال ۋە شەرقىي قىسىملىرىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىندىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى پەرقلىق تەخمىن قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ ئەمما يېقىن ئەتراپتىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 2 مىليون دەپ ئېيتىشقا بولدۇ. بۇ ئاھالىلەر تۈركى (بەلكىم پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ %70 نى ئىگىلىشى مۇمكىن)، موڭغۇل، ۋە ئاز ساندىكى قىرغىز، تاجىك، تۇڭگان ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى خەن مىللىتىدىن بولغان كۆچمەن تىجارەتچىلەرنى، باشقۇرغۇچى خادىملارنى، ئەسكەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە “بولشىۋېك ئىنقىلابى” دىن كېيىن قېچىپ كەلگەن تارقاق بىر “ئاق ئورۇسلار” قوشۇنىنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ ئېتىبارغا ئېرىشىۋاتقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

سىنكاڭ دېگەن ئىسىم ئەسلى “يېڭى زېمىن” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ رايونغا قارىتا ھېكايىلىرى قىزىقارلىق بولۇپ، ئۇلار بۇ زېمىننى مىلادى بىرنچى ئەسىردە بويسۇندۇرغان دەپ داۋا قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا بۇ رايونغا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ھىچ قانداق بىر مۇقىم ھاكىمىيەت تىكلىيەلمىگەن ئىدى. (246-بەت)

بۇ زېمىننى ئاۋال ھونلار، ئاندىن تىبەتلەر، ئاندىن چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرلەر باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار بويسۇندۇرۇپ، شەرىق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مۇھىم قۇرۇقلۇق يوللىرى يەنى يىپەك يولىنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىدى. (246- 247-بەت)

بۇ زېمىندا 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىلەر قىرغىن قىلىنىپ، غەيرى – رەسمىي ھالدا جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ. ھازىرقىدەك بولۇۋاتقان بۇ قوزغۇلاڭلار پۈتكۈل 19- ئەسىردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئاخىرى ياقۇپ بەگنىڭ باشقۇرىشىدىكى قەشقەرىيەنىڭ قۇرۇلۇپ بىر مەزگىل ھاكىمىيەت باشقۇرۇشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دېمەك سىنكاڭ ئۆتكەنكى 150 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەلۋەتتە بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ سىنكاڭغا قىزىقىشىنىڭ سەۋەبىنى بىز خەرىتىگە قارىساقلا ئېنىق بىلىۋالالايمىز. سىنكاڭ زېمىنى غەربتە روسىيە بىلەن، شىمالدا تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن (بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان)، جۇڭگونىڭ غەربىي – شىمالىغا جايلاشقان ئىچكى موڭغۇلىيە بىلەن، جەنۇبتا بولسا تىبەت ۋە برىتانىيە ھىندىستانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستانلىق سودىگەرلەر ھىمالايا تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ قەشقەر بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، باشقا كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ سىنكاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنىدىغان ئىغۋاگەرچىلىكلىرى تەبىئىيكى ئىقتىسادىي ۋە ستراتېگىيە نۇقتىسىدىن لوندون بىلەن دېھلىنى يېقىندىن بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتلەرنى كۆزىتىشكە مەجبۇر قىلىپ كەلگەن ئىدى.

كېيىنكى 50 يىلدىن بۇيان بۇ رايوندا تەكرار ۋە دەۋرىيلىك ھالدا يۈزبېرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەقەلەر ئىگلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىش بولۇپ، مۇندىن كېيىن بۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىردە رۇسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىنى قايتىدىن لاھىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ تۈردە پىلانلانغانلىقىغا ۋە مۇشۇنداق بىر ئېقىمنىڭ قانات يايدۇرۇلغانلىغىغا قارىتا گۇمانلىنىش كەيپىياتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە Lord Curzonning نىڭ قىلغان سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ يەنە Rudyard Kipling نىڭ بۇرۇن يازغان بىر شېئىرىسىدە ئىپادە قىلىنغان. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا 1895- يىلى تۈزۈلگەن پامىر چېگرا كومىسسىيەسىدە ئافغانىستاننىڭ بىرىتانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ چېگرىسىدىكى بىتەرەپ تېررېتورىيە دەپ تونۇلۇشى ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. بىراق كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئېكىسپەدىتسىيەچىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىدا ئېتىلىپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن جۇڭگو تۈركىستانىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى. بولۇپمۇ كىشنى ئەنسىرتىدىغىنى مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر چار رۇسىيىنىڭ جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ يىراقتىكى بۇ پارچىسىنى ئۆز باشقۇرۇشىغا قوشۇۋالدىمۇ ياكى قوشۇۋېلىشنى كېچىكتۇردىمۇ دېگەندەك كۇمانلار بىلەن بۇ رايون ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلاتتى ئەمما ھىچ بىر كىشى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق بىر تەرەققىياتىنى بىلمەيتتى. (247- بەت)

ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق گۇمانلارنى قىلشىدىمۇ بەلگىلىك ئاساسلىرى بار ئىدى. يەنى ترانس – كاسپىئان پويىز يولى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى چۆل -جەزىرىلەردىن باشلىنىپ، ئۇدۇل سىنكاڭ چېگرىسىغا توغۇرلۇنۇپ ياسىلىپ كېتىۋاتاتتى. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ چېگرالىرى ھەربىي تەكشۈرگۈچى كۈچلەر تەرىپىدىن دائىم دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرى ئۆزلىرىنى ئاۋارىچىلىقلاردىن نىقابلاش ئۈچۈنلا ئىلمىي تەكشۈرگۈچى خادىملار دەپ ئاتىۋېلىشاتتى. رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى باش ئەلچىخانىسى كوساكلارنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا ياسالغان بولۇپ، شۇ يەردىكى بىرتانىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ نەزىرىدە رۇسلار ئەلچىخانىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ ئىدى. بولۇپمۇ كىشىنى ئەنسىرتىدىغىنى روس ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەردىكى رەسمى رولى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچىلەر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇقراچە كيىنگەن خادىملىرى بەزى چاغلاردا جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىرىغا كويزا سېلىپ ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كېتىشەتتى. بۇ ئۆلكىدىكى جۇڭگو ھەربىي قىسىملىرى بولسا ھەممىسى بىرخىل زېرىكىشلىك كىيىم كىيىدىغان بولۇپ، خۇددى Gilbertian – گىلبەرتىئان* قوشۇنىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ھالىتى ئەپيۇن چەككەنلىكى ئۇچۇن قەغەزدەك كۈچسىز كۆرۈنەتتى. سىنكاڭغا بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە رۇسلار بۇ رايوندا كەڭ دائىرىلىك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي ۋە سودا- تىجارەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۆلكىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ پەقەتلا مۇۋاپىق بىر پەيتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئازراقمۇ گۇمان يوق. رۇسلارنىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پەقەت 1904- يىلى يۈزبەرگەن روسىيە – ياپونىيە ئۇرىشى سەۋەبلىك ئارقىغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى خالاس. دېمەك سىنكاڭنى قوشۇۋېلىش پىلانى كېچىكتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى ۋە ياكى ۋاقتىنچە شۇنداق بولۇپ تۇيلۇۋاتاتتى. كېيىنكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان روسيەنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق بۇ خىل ئېشىشنى يۈزبەرگەن زور ۋەقەلەر سەۋەپلىك يەنە بىر قېتىم توختىتىپ تۇرۇشىغا مەجبۇر قىلىنغان ئىدى. گېرمانىيە رۇسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە شۇ سەۋەپتىن روسىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن روسىيەدە بولشىۋېك ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار يۈزبەردى. چار رۇسىيىنىڭ ئۇزۇن كۈلرەڭ پەلتولۇق ئەسكەرلىرى ئاخىرى سىنكاڭغا ھەربىي كۈچ بىلەن كىرىپ كەلدى ئەمما ئۇلار پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سالاھىيىتىدە كەلگەن ئىدى. ئۇلار بويسۇندۇرغۇچىلار ئەمەس بەلكى يېرىم ئاچ- يالىڭاچ قالغان ھالەتتە، ئاق رۇسلار ئارمىيىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئاسارە ئەتىقىللىرىدەك يولباشچىسى Annenkov ۋە Dutov غا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم ۋاقىتلىق كەلمىگەنلىكىنى ئاستا – ئاستا چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھەتتا كەنسۇ* غىچە يىتىپ بارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قالغانلىرى بولسا بۇ ئۆلكىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىلى رايونىدا بىريەرگە جەم ئولتۇراقلاشقان ئىدى. چار روسىيە ئەلچىخانا خادىملىرى تاكى دىپلوماتىك سالاھىيىتىنى يوقاتقىچە ئۆز ۋەزىپىللىرىدە تۇرۇۋەردى. ئۇلار ئاساسەن كۆزگە چېلىقمايتتى. روسىيە بۇ ئۆلكىدىكى سودا – تىجارەتلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى بىلەن تەڭ ھىندىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سىنكاڭدىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىمۇ قىيىن بىر ئەھۋالدا چۈشۈپ قالغان ئىدى. (248- بەت)

بىراق 1924- يىلى جۇڭگو رېسپۇبلىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ ئەلچىخانىسى قايتا ئېچىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭلا رۇسىيىنىڭ بۇ ئۆلكە ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولى قايتىدىن باشلاندى. شۇنىڭدىن بۇيان تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار بۇ تىجارىي مۇناسىۋەتلىرى داۋام قىلىنىپ كەلمەكتە.

1928- يىلى سىنكاڭنىڭ تەقدىردە كۆرۈنەرلىك بىر بۇرۇلۇش يىلى بولغان ئىدى. بۇ ئۆلكىنىڭ ئەمەلدارى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە زىياپەت داۋامىدا كىملىكى نامەلۇم بىر جاسۇس تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. (بۇ ئۆلكىنىڭ زىياپەت ئەنئەنىسى ئۆزگىچە بولۇپ، زىياپەت ئۈستىدە ئادەم ئولتۇرۇش نىسبىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ). ياڭ 1912- يىلى جۇڭگو ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن كېيىن ئەمەلدار بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ ئۆلكىنى باشقۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىزچىل ۋە قاتتىق بولغان ئەنئەنىۋىيچىلىك ئۇسلۇبى بىلەن ئىدارە قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ بۇ ئۆلكىنى گۇللەندۇرەلمىسىمۇ ئەمما ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان تىنچلىقنى ئاساسەن ساقلاپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان بېكىنمىچىلىك سىياسىتى بۇ ئۆلكىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنيا ئىرقنىڭ بەشتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان كۇڭزى ئىرقىدىن ئىلغارلىق، دېموكراتىك ئىدىيىگە كۆچۈش شامىلى بىلەن باشلانغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشنىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ قالىدۇ. ياڭنىڭ ئەمەلدار بولۇپ سىنكاڭنى 16 يىل ئۆز ئالدىغا باشقۇرغانلىقى تارىخچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ئومۇمىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 20 نەچچە يىللىق ئىچكى سىياسىي ئەنسىزلىك بۇ ئۆلكىدىمۇ ئوخشاش داۋام ئېتىدۇ.

ياڭنىڭ ئورۇن باسارى بولغان جىن شۇرېن قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يېتەرلىك ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ 1931 – يىلى مەخپىي ھالدا سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن قانۇنسىز قەرز ئېلىش ھەققىدە توختامنامە توزۇيدۇ. مەن بۇ كىتابنى يېزىۋاتقان ۋاقىتلاردا نەنجىڭ ئۇنىڭغا بۇ ئىش ۋە باشقا گۇناھلىرى ئۇچۇن ئۇچ يېرىم يىللىق تۇرمە جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۇق. (249- بەت)

2- بولۇم: قىزىل ئارمىيىنىڭ ياردەم بېرىشى

تۇرپان دېگەن يەردە گېنېرال شىڭ شىسەي جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. شىڭ ئەسلى شىمالىي مانجۇرىيە ئەسكەرلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ياش بىر مارشال بولۇپ، ئۇ 1932- يىلى ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەپلىك سېبىرىيە چېگرىسىغا قېچىشقا مەجبۇر قىلىنغان ئىدى. كېيىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مېھمان دوستلۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ “تۇتۇپ تۇرۇلغان” ئىدى بىراق ئۇلار 1933- يىلىغا كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئۈرۈمچى تۇپرىقىدا قايتىدىن پەيدا بولدۇ ۋە جىننىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى بىلەن تەڭ شىڭ سىنكاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئالىدۇ.

ئۇ چاغدا شىڭ 40 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ياپونىيىدە ئوقۇغان. كىشلەر ئۇنى ئانچە قابىلىيەتلىك دەپ قاراپ كەتمەيدۇ ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئابرۇيغا ئىگە بولۇۋالغان ئىدى. مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇنى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىكلەنگەن بىر قورچاق ئەمەلدار دەپ قاراش خاتا بولمايدۇ. ئۇ ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىن چاغدا يىتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەمەلدارنىڭ قومۇل خانلىقىغا زۇلۇم سېلىپ، قالايمىقان باشقۇرغانلىقى سەۋەپلىك، تۈركى قۇراللىق كۈچلىرى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇلار بىلەن دىنداش بولغان تۇڭگانلارنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىن باستۇرۇپ كېلىشى سىنكاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ماجۇڭيىڭ – كېيىنكى تەقدىرى ناھايىتى سىرلىق بولغان ئەمما ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ياش ھەققىدە كېيىن ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.

شىڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى رۇسلارنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. شېڭ ئەمەلدار بولۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي نەنجىڭ ھۆكۈمىتى خۇاڭ مۇسۇڭنى – Huang Mu-sun بۇ ئۆلكىگە “تىنچلىق ۋەكىلى” نامىدىكى يوغان بىر ئەمەل بىلەن ئەۋەتىدۇ (ئۇ ئىككىنچى يىلى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تىبەتكە بارىدۇ). ئەمما خۇاڭ مۇسۇڭ ئۇ يەردە قىزغىن قارشى ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچ نەپەر خىزمەتچىسى ئالدىدىن تۇزاق قويۇلغان جىنايەت بىلەن جازاغا تارتىلىپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. خۇاڭ مۇسۇڭ نەنجىڭگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئەلچىلەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە شىڭ شىسەينى رەسمىي سىنكاڭنىڭ باشلىقى دەپ ئېلان قىلىدۇ. (250- بەت)

شىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئانچە ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلغان بولۇپ، ئۇ يۈزبېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خىجىل بولاتتى. قۇمۇلدىكى تۈركى-تۇڭگان قوزغۇلاڭچىللىرى ئۇنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا قىستاۋاتاتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن ئىككى-ئۇچ مىڭ ئەتراپىدىكى ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بولغانلىقىغا ئۇ مىڭلارچە مىننەتدارلىق بلدۇرىۋاتاتتى. 1933- يىلى بۇ ئۆلكىنىڭ پۈتكۈل سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، قورقۇنۇچلۇق ۋە قاراڭغۇ بولۇپ، كەلگۈسى تەقدىرى ئېنىقسىز ھالەتتە تۇراتتى. ئۆلكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تۆت چوڭ كۈچ ئۆز رولىنى ئېلىۋاتاتتى. يۈزبېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ قېلىپلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرسىدا بولۇۋاتقان ھەمكارلىقلار بولۇپمۇ ئۆلكىنىڭ غەربىي-جەنۇبى ناھايىتى مۇجىمەل بىر ھالەتتە ئىدى. ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەت بولسا ئاساسەن ئېنىق ئىدى. 1933- يىلى تۇڭگان ۋە تۈركلەر بىرلىكتە ماجۇڭيىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شىڭ شىسەينىڭ گارىزونى ئاساسلىقى ئاق ئورۇس ۋە مانجۇرىيە ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلەر قەبىھ ئۇرۇشىدىغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىننىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن دىنىي ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈركلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەگەردە باشقا بىر ئامال قىلمىسا پايتەختىنىڭ قولدىن كېتىدىغىنى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ قالىدۇ .

بىراق ۋەزىيەتنىڭ بۇ شەكلىدە داۋام قىلىشىغا سۈكۈت قىلىنمىدى. شىڭ شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئېلىش توغرىسىدا مەخپىي توختام تۇزىدى. بۇ توختام ھەققىدە مېنىڭ خەۋەر تېپىشىمچە، توختام بويىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 500،000 ئالتۇن رۇبلى، كۆپ مىقداردا قۇرال-ياراق، ئوق ۋە زەمبىرەكلەر، بىر قانچە سوۋېت ئۇچقۇچىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆلكە بۇنىڭغا جاۋابەن سىنكاڭنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى تەبئىي بايلىقلىرىنىڭ روسىيە تەرىپىدىن قېزىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە كاپالەت قىلىنىدۇ. (ئەمما ئۇلارنىڭ قىممەت باھالىق تۇغۇلمىغان پاقلانلارنىڭ تېرە سودىسىنى ئۆز ئالدىغا مونوپول قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ). بۇ ئۆلكىنىڭ تەبىئي بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توختامدا يەنە يۇڭ، تېرە، قوي ۋە ئالتۇن قاتارلىق سودا -تىجارەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇم رەقەملىك كېلىشىمىلەر ھاسىل قىلىنغان. بۇ تۇردىكى سودىلارغا ئانچە كۆپ چەكلىمىلەر قويۇلمىغان. مەزكۇر توختامنىڭ تۇزۇلىشى بىلەن تەڭ ئۆلكىدە يۈزبەرگەن ۋەقەلەردىن شۇنى پەرەز قىلالايمىزكى، بۇ توختامغا يەنە چۆچەك، غۇلجا، قەشقەرگە يېقىن بولغان ئىركىشتام يوللىرىنى ياساش؛ سوۋېتىنىڭ “ئالاھىدە مەسلىھەتچى” خادىملىرىنى بۇ ئۆلكىنىڭ بارلىق ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى “مۇھىم” خىزمەتلەرگە قويۇش؛ تۈرك-سېبىرىيە تومۇر يولىنى ئۈرۈمچىگە ئۇلاش تومۇر يول قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئەلۋەتتە مەزكۇر قەرز ئېلىش توختامىنىڭ تۈزىلىشى بىلەن تەڭ شىڭ شىسەينىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن بۇ توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلتىماس قىلىشى نورمال بىر ئىش ئىدى. (251- بەت)

1934- يىلى يانۋارنىڭ باشلىرىدا تۇڭگان قىسىملىرى ئۈرۈمچى ئەتراپىنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ ۋاقىتتا نەچچە مىڭلىغان سوۋېت ئەسكەرلىرى ئايروپىلان، بروۋنىك ۋە يىنىك تىپتىكى تانكىلار بىلەن غەربتىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى 30 دېڭىز مېلى يىراقلىققا جايلاشقان مۇز قېتىپ كەتكەن تۇتۇڭ دەرياسىغا يىتىپ كەلگەندە، ئۇرۇش بىر قانچە كۈن داۋام قىلدى. بىراق تۇڭگانلارنىڭ تەربىيە كۆرمىگەن تەلۋە ئەسكەرلىرى تەبىئىيكى زامانىۋى دۇشمەنلىرى بىلەن ئېلىشىشتا تەڭ كېلىپ بولالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدىن تېرىۋېلىنغان، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۈچۈرشىپمۇ باقمىغان دېھقانلار بولۇپ، سوۋېت ئۇچقۇچىللىرىنىڭ ھاۋادىن تاشلىغان گاز بومبىلىرى ئۇلارنى تىزلا پالەچ قىلىپ قويغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا چېكىندۈرۈپ، غەربتىكى قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى. (252- بەت)

دۆلەتلەردە سىياسەت ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغانچە يۈرگۈزۈلىدىغان بۇ كۈنلەردە بىر دۆلەت ھەربىي كۈچىنىڭ يەنە بىر دۆلەت ھەربىي كۈچىگە تەۋە تېررىتورىيەدە دۈشمەنلىك بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇشى، بىرەر زور ۋەقەلەر يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىشى بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. بىراق شۇنى ئېسىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەككى ئۈرۈمچى بىزدىن ناھايىتى ئۇزاقتىكى بىر يەردۇر. يەنە كېلىپ بىز ئۈچۈن بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھىچ بىر شاھىدلىرى يوق، گەرچە مەن بۇرۇن بايان قىلغىنىمدەك ئىككى نەپەر گېرمان ۋە شۋېتسارىيە پۇقرالىرى بۇ يەردە ئالىممۇ بۇرۇن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ. ئەكسىچە بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە بىر خىل قىزىقارلىق ئويۇندەكلا تۇيلىدىكى ھەرگىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ چۆچىگەنلىكلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەردە “مۇستەقىل مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ تۇپ ئىدىيىسى پان ئىسلامىسىزىم بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ سىياسىتى نەنجىڭ ۋە سوۋېت ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ياكى تەلۋىلەردەكلا كۆرۈنەتتى، شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ ئۇلار ئاران ئىككى ئاي ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر بېرىلگەن بولسا كاشكى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاز- تولا تەپسىلاتلىرى بىلەن توختىلىپ ئۆتسەك ئەرزىگەن بولار ئىدى. بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۈن تەرتىۋى ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۋەتكەن ئىدى. خوتەندىن كەلگەن خىيالپەرەس قۇراللىق كۈچلەر ئۇچ موللىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ پان ئىسلامىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بىھۇدە قانلارنى تۆكۈشكەن ئىدى.

بۇ 1933- يىلىنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ يېڭى ۋە كونا شەھەرلىرىدە (بۇ شەھەرلەر بىر – بىرلىرىدىن 6 دېڭىز مېلى ئايرىلىپ تۇرىدۇ) ھاكىمىيەت بىرسىدىن يەنە بىرسىنىڭ قولىغا توختىماي ئالمىشىپ تۇردى. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغىنى باشقۇرىدى ئەمما ۋەزىيەتكە قاراپ قايسى تەرەپ پايدىلىق بولسا شۇ تەرەپكە ئاغىدى.

1934- يىلى يازدا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى ئۈز قولىدا مەھكەم ساقلاپ قالىدۇ ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز كونتروللىقىغا ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈچى غەربتىكى قەشقەرگە ھەم ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ياركەنتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان ماجۇڭيىڭ ئىشغالىيىتىدىكى تۇڭگان ئارمىيىسىگە مەركەزلىشىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئاساسلىق چوڭ يولنى بويلاپ ئاقسۇ ۋە مارالباشىغا يىتىپ كەلگەن ئىدى. ماجۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەشقەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن بۇ كۈچنىڭ يوق قىلىنىش ئۇچۇن يەنە سوۋېت ھەربىي قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. بىراق يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان تۇڭگانلارنىڭ قوماندانى نورمال دىپلوماتىك ئالاقىدىن ھالقىغا ھالدا (قەشقەردىكى) سوۋېت ئەلچىخانىسىنى پات-پاتلا زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. بازاردا ئەسكەرلەر كۈچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىشاتتى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى 5- ئىيۇن كۈنى شەھەرنىڭ ياركەنتكە بارىدىغان يولىدىكى ھەربىي توساقلار پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاندى ۋە بۇ ئىش يۈزبېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن بىر قانچە خۇسۇسىي قوغدىغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۇنى رۇسىيە تېررىتورىيىسىگە بارىدىغان يولغا قاراپ يورۇپ كېتىشتى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىگە قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ كاتىپى ھەمراھ بولغان ئىدى.

ماجۇڭيىڭ كېتىشى بۇ ئۆلكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى. تۇڭگان ئارمىيىسى شەرقتە چاقىلىقتىن تارتىپ غەربتە قاغىلىققىچە بولغان تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنى داۋاملىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قاغىلىق بىلەن يەكەن ئارلىقىدا بىر خىل سۇننىي شەكىلدىكى دۈشمەنلەر بىر- بىرلىرىدىن ئۆز – ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەربىيسىز رايون شەكىللەنگەن ئىدى.

ئۆلكىنىڭ باشقا يەرلىرى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. شىڭ شىسەينىڭ ھوقۇق دائىرىسى تىز كېڭىيىپ مانجۇرىيەدىن كەلگەن ئەسكەرلەر، تۈركلەر ۋە ئاق ئورۇسلاردىن تەركىپ تاپقان ئۆلكىنىڭ 20-30 مىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچىگە قوماندانلىق قىلاتتى. ئاق ئورۇس قىسىمىنىڭ سانى 2000 ئەتىراپىدا بولۇپ، ھەربىي كۈچىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تايانچىسى ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ “ئاق” دەپ ئاتالغان لەقەم ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئانچە راھەت بىلەن قوبۇل قىلىنىپمۇ كەتمەيتتى. (253- بەت)

ئۈرۈمچىدە سوۋېتنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئوچۇق ئاشكارە ئىدى. شىڭ شىسەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى سۈپتىدە بۇ يەرنى باشقۇرۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان “خەلق ۋەكىللىرى” كېڭەش ھەيئىتى تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، قانداقتۇر بىر خىل كۆرۈنۈشتىكى دېموكراتىك تەسىرنى بېرەتتى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەرنى ئۆز باشقۇرۇشىغا ئالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالاتتى. بىراق بىز بۇ ئەمەلىيەتنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلالمايمىزكى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقلىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىنىڭ ئاتالمىش ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي “مەسلىھەتچىلىرى” نىڭ قولىدا ئىدى.

بۇ ئۆلكىنىڭ ھەر بىر ئىدارە، ھەر بىر ئارمىيە – پولىك قىسىملىرىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن جاسۇسلار ئۈنۈملۈك ھالدا ئىگىلەپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئۆلكە موسكۋا تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. بۇ ئۆلكىدە كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرىمۇ تەرغىپ قىلىنىپ تۇراتتى (بۇنى ئاساسەن يېڭىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان موللىلار ئېلىپ باراتتى) ئەمما بۇ تەرغىباتلار كۈچلەنمەيتتى ۋەياكى ئالاھىدە بىر مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلمەيتتى. بۇرۇنقى تۈركى مەكتەپلىرى بولسا پۈتۈنلەي دېگىدەك دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەسلەپكى قەدەمدىكى سىياسەت بىلەن تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇردى. يەنە ئەمەلدارلارنىڭ يۈزلىگەن بالىلىرى ھەر يىلى ھەقسىز ھالدا تاشكەنتتە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىپ تۇردى. مۇشۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق بولۇپ، سىنكاڭدا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆز ئىدىيىسىگە سادىق بولغان ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى نىشان قىلغان ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلدار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرىدىغان بىر كۈچ بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىش ئېھتىمالى ھەم بار ئىدى (گەرچە بۇ خىلدىكى ئوقۇشنىڭ ھىچ بىر ئەمەلىي پايدىسى بولمىسىمۇ).

رۇسلار ئۈرۈمچىدە خۇسۇسلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرى تارتىۋېلىپ ھەربىي ۋە ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرى قۇردى. ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپلەرنى مازارلىقلارنى بۇزۇپ، شۇنىڭ ئورنىغا قۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. (253- بەت)

يەنە بۇ ئۆلكىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈزبەرگەن ۋاقىتتا ئۆلكىدىن چەت مەملىكەتلەرگە كېتەلمىگەن خېلى كۆپ ساندىكى تۈركى بايلىرىنىڭ مەجبۇرى يوقۇتىۋىتىلگەنلىكى ياكى سوتسىز تۈرمىگە سولانغانلىقىنى، يەنە بىرقىسىم بايلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى، ئەركىنلىكى ۋە بايلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇق.

قەشقەرنىڭ چېگرالىرى بىر توپ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق قىرغىزلار تەرىپىدىن كونترول قىلىناتتى. ئۇلارنى “تورتىنجىس” يەنى 4- پولك دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىشىگە ھەيۋە قىلىپ تەھدىت سالىدىغان، ئاچچىقى ئەڭ يامىنى سوۋېت قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ پۇقرالىرى ئىدى. ئۇلار بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىلىرىغا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناۋادا بىر ئىش چىقىپ ۋەزىيەت ئۆزگەرسە ئۇلار قانۇنسىز ھالدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باراتتى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان كۈچلەرمۇ ئەلۋەتتە بۇ ئۆلكىدىكى سوۋېت “ئالاھىدە مەسلىھەتچى” خادىملرى ئىدى. مەن بۇ ئىشلار ھەققىدە دەسلەپتە ئۆزۈم خەۋەردار بولغان ئىدىم. گېنېرال رۇبالكوۋ قەشقەرنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق خوجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىقى بۇرتى ۋە كەم سۆزلۈكى بىلەن كىشىلەرگە مەلۇمدۇر. ئۇمۇ گېنېرال بەكىتوۋقا ئوخشاش يەنى 1935- يىلى 1200 ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان رۇس قىسىمىغا مارالباشىدا قوماندانلىق قىلغان ئەسلى- ۋەسلى “ئاق” ئورۇسلاردىندۇر. (255- بەت)

________________________________________

*Peter Fleming – “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق بۇ ساياھەت كىتابىنىڭ ئاپتورى پېتېر فلەمىڭ بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ 1930- يىللىرىدىكى ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ “بىرازىلىيەگە تەۋەككۈلچىلىك” (Brazilian Adventure) ناملىق ساياھەت كىتابى 1933- يىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلغان. “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’ ناملىق بۇ كىتاب 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئالدەن نەشرىياتىدا (Oxford Alden Press) نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى پېتېر فلەمىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە يېقىن Wallingford يېزىسىدا 1907 – يىلى 31- ماي شوتلاندىيىلىك باي بانكىر Valentine Fleming (ۋىنستىن چېرچېلنىڭ يېقىن دوستى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېر فلەمىڭ نىڭ ئىنىسى ئىئان فلەمىڭ بىرتانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن “James Bond” ھېكايىسىنى 1953- يىلى يېزىپ نام قازانغان. پېتېر فلەمىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935- يىلى ئاتاقلىق ئارتىس Celia Johnson بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان. پېتېر فلەمىڭ 1971 – يىلى 18- ئاۋغۇست يۈرەك كېسىلى بىلەن شوتلاندىيىنىڭ Argyll شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

*Sinkiang – ئۇيغۇر رايونىدا 1955 – يىلى رەسمى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن غەرب سىياسى سەھنىللىرىدە، مەتبۇئاتلىرىدا بۇ كەڭ زېمىنلار 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ “جۇڭگو تۈركىستانى” ياكى “سىنكاڭ” دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. – تەرجىماندىن.

*Ruritania – رۇرىتانىئا – 18- ئەسىردە ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر، ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرا ياۋروپانى مەركەز قىلغان گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان رومان كاتولىك خەلقىلىنى بىر پادىشالىق ئاستىدا باشقۇرۇش تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر خىيالىي دۆلەت ئۇقۇمىدۇر. -تەرجىماندىن.

*Gilbertian – گىلبېرتىئان – Sir William Schwenck Gilbert ئەنگلىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى ئاتاقلىق شائىرى، دراماتورگ، لىبېرالىست، كومېدىيە يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ئۇ يازغان كومېدىيىلىك ئوپېرالار بىلەن دۇنياغا مەشۇردۇر. “Gilber” نىڭ نامى كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ كومېدىيىلىك ئوپېرالىرى سەۋەپلىك قىزىقارلىق، كومېدىيىلىك بولغان ئىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ ئاتالغۇ شەكلىدە قوللۇنۇغان. دىمەك بۇ يەردىكى “Gilbertian” ئاتالغۇسى كومېدىيە ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدۇ. – تەرجىماندىن.

*Kansu – يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كەڭ سۇ دېگەن يەر نامىنى بىلدۇرىدۇ. تارىختىكى بۇ «كەڭ سۇ» نامى بۈگۈنكى كۈندىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى قىسمى پات يېقىندا سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

مەنبە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top