• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » كۈرشاد ھەققىدە ھېكايە

كۈرشاد ھەققىدە ھېكايە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تارىخى ھېكايىلارنى ئوقۇش ئىبادەتكە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىنسان روھىنى پاكلايدۇ.

1

سىرلىرى قىزىل-يېشىل چاقناپ  تۇرغان ئىشىكلەر، يالتىراق تاملاردىن قوپۇرۇلغان قاتمۇ-قات ئالتۇن قەسىر، مەر-مەر سارايلارنىڭ بىرىدە ھېلىگەر، مەككار ۋەزىر جاڭ سۇڭ ، پادىشاھ سۇي ۋەندىگە  تۈركلەرنى قانداق يوقۇتۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى مۇنداق بايان ئەيلىدى:“ھازىرقى بۇنداق ئەھۋالدا، تۈركلەرنىڭ يىراقتىكىسى بىلەن دوستلىشىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلساق، كۈچلۇكلىرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى بۆلۇپ تاشلاپ، ئاجىزلىرى بىلەن بىرلەشسەك دەيمەن. بولۇپمۇ تۈرك دېگەن بۇ قەۋم خوتۇن دېگەن ھەققە بەكمۇ ھېرىسمەن كىلىدۇ. ئۇلارغا چىرايلىق ساھىپ جاماللىرىمىزنى سوغا قىلساق، بۇ ئارقىلىق بىرىنچىدىن ئۇلارنىڭ نەسىلىنى بۇلغايمىز، ئىككىنچىدىن ئۇ ساھىپ جاماللار بىز ئۇچۇن ۋاقتى كەلگەندە جاسۇسلىق قىلىدۇ، ھەتتا ئۆز جانلىرىنى دوغا تىكىپ، ئۇ قاپاقباش قارا تۈركلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ھە راست بۇ خەقنىڭ موللالىرى بەكمۇ مال-دۇنياغا ھىرىسمەن كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكمۇ ھەسەتخور. ئۇلار ئارقىلىق ئېغۋا، پىتنە-پاساتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقىلى بولىدۇ. بىز بۇلاردىن ئۈنۈملىك پايدىلانساق بەكمۇ دانە ئىش قىلغان بولىمىز ئالىلىرى. بىز مانا مۇشۇنداق دانە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئون نەچچە يىلدىن كىيىن پۇرسەت تېپىپ، تۈركلەرگە يۈرۈش قىلىمىز. بىراقلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى يوق قىلىۋىتىمىز.“

بۇ تەدبىرلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ بىر ئاز ئۆزىنى بىسىۋالغاندەك بولۇپ، ئىچىدىكى قورقۇلار بىردەمدىلا بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتمەيلا چىنغا قوشۇن تارتىپ چاڭئەننى مۇھاسىرغا ئالغان كۆك تۈرك ئىمپىراتورلىقىنىڭ قاغانى ساۋارلوغا قول ئاستىدىكى تاردو قاغان بوي سۇنمىدى. بۇنى ئاز دەپ ئاپا خانمۇ بوي سۇنماي خوشامەتخۇيلۇق قىلىپ چاڭئەنگە زىيارەتكە باردى ۋە  ”شەرقىي ئۇيغۇرلار ساۋارلو قاغانغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئۇلار ساۋارلو قاغاننىڭ ئوردىسىنى بېسىۋالدى“ دەپ يالغاندىن ئىغۋا تارقاتتى. زامخان ئارقىلىق يەتكۇزىلگەن ئىغۋاغا ئىشەنگەن ساۋارلو قاغانى تۈرك قوشونلىرىنى چىكىندۈرۈپ قايتىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سۈي سۇلالىسى ئۆلۇم گىرداۋىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن تۈرك خانلىرى ئارىسىدا ئۇزۇلمەي ئۇرۇش باشلاندى. بۇ ئۇرۇشلا يىگىرمە يىل داۋام قىلدى. ئەڭ ئاخىرى بۈيۈك كۆكتۈرك ئىمپېراتورلىقى شەرق ۋە غەرب تۈرك قاغانلىغىغا بۆلۇنۇپ كەتتى.

غەربىي تۈرك قاغانلىغىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئىلى ۋادىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئافغانىستان تەۋە بولۇپ، پايتەختى ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى مىڭبۇلاق ئىدى. شەرقىي تۈرك قاغانلىغىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ھازىرىقى موڭغۇلىيىنىڭ غەربىدىكى قوبدو رايونىدىن غەربتە ئۇلۇغ ئوكيانغىچە  بولغان جايلار تەۋە بولۇپ، پايتەختى ئۆتۈكەن ئىدى. مانا ماشۇ 600-يىلدىكى بۆلۇنىشتىن كىيىن چىنلار تۈركلەر ئۇستىدىن غەلبە قىلىشقا باشلىدى. بۆلۈنۈش تۈركلەرنىڭ ئانا تۇپراقلىرىدىن ئايرىشلىشقا سەۋەپچى بولغان ئاساسى ئامىل ئىدى.

شەرقىي تۈرك قاغانلىقى تىزلا روناق تىپىپ، بىر مىليون ئاتلىق ئەسكەر بىلەن چاڭئەنگە يۇرۇش قىلغاندىمۇ، بۇ مەخپى يۇرۇشنى شۇ چاغدا سىۋارخاننىڭ خەنزۇ مەلىكىسى يېچىڭ ئوغۇرلۇقچە ئادەم ئەۋەتىپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر قىلىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن سۇي سۇلالىسى دەرھال دانا تەدبىر ئىشلىتىپ، ئۆزىنى تۈركلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالدى.

618-يىلى چىندا ئۆز ئىچىدە چىققان دەھشەتلىك قوزغىلاڭلاردىن كىيىن سۇي سۇلالىسى قاتتىق يەر تەۋرەشتە  قالغان تۇپراقتەك ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كۆمتۈرلۈپ كەتتى. ئورنىغا تاڭ سۇلالىسى (618-907) تىكلىنىدۇ. بۇ چاغدا تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئۆزىنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى بىلەن ياردەم بەرگەن. ھەتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسىنى  ئۆزىگە قاراشلىق قارام دۆلەتتەك دەپ بىلىپ ئاخمىقانىلىق قاراشتا بولغان. ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي بىخۇتلاشقان. ئۇلارنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشەنگەن. قۇرۇق ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ كۆز ئالدىدىكى راھەت-پاراھەتلىك بىلەن ئۆز ئەقلى ھوشىنى يوقاتقان. ئەممە، چىنلار ئۆزىنىڭ زەھەرلىك خەنجىرىنى قوينىدا ساقلاپ، پۇرسەت كۇتتى.

619-يىلى سىۋار قاغان ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا چۈلۈكخان قاغان بولدى. تۈرك قاغانلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە چىن مەلىكىسىگە ئۆيلەندى. بۇ مەلىكە 621-يىلى چۈلۈكخاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا قاراخان قاغان بولدى.  622-يىلى قاراخان تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا چىنلار بەك ئاجىز ئىدى. شۇڭا ئۇلار دەرھال مەككار ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، تىنىچلىق بىتىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرى نۇرغۇن سىلىق تۆلەش ھېساۋىغا كېلىشىم تۈزۈلدى. گەرچە تىنىچلىق كىلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تۈركلەردىن قورقۇپ پايتەختىنى چاڭئەندىن يۆتكەپ كىتىشنى ئويلاشتى. ئۇ، چاڭئەنگە ئوت قويۇپ، كۈل قىلىۋىتىپ كىتىشنى قارار قىلدى. ئەممە، پادىشاھ لى يەننىڭ ئوغلى شاھزادە لى شىمىن ئۇنماي بۇ قارارغا قارشى چىقتى. 626-يىلى تۈركلەر يەنە چاڭئەنگە يىقىنلاپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان لى شىمىن قاراخانغا نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۈش، تاۋار-دۇردۇن بېرىش ئارقىلىق چاڭئەننى ساقلاپ قالدى. شۇ يىلى لى شىمىن دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى بۆلگۇنچى كۈچلەرنى تەل تۇكۇس يوقۇتۇپ، دۆلەتنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ لى شىمىن بىر چەتتىن تۈركلەرگە سوغا -سالام بېرىپ ئالدىغان بولسا، يەنە بىر چەتتىن تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشقا جىددى تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. 628-يىلى شەرقىي تۈركلەرنى تەشكىل قىلغان ئون بەش قەبىلە ئىچىدىكى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىسى، ئۇيغۇر قەبىلىسى ۋە  سۇرتاردۇشلار ئىسيان كۆتەردى. مانا بۇنى پۇرسەت بىلگەن لى شىمىن ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۇش ھەدىيە قىلىپ ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى. مانا ماشۇ يىللاردا  كەينى-كەينىدىن ئۇزۇلمەي  ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر يۇز بىرىپ، نۇرغۇن چارۋا ماللار قىرىلىپ كەتتى. خەلق ئاچارچىلىقتا قىلىپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۇردى. مانا ماشۇ ۋەجىدىن تۈركلەر غەرىپكە كۆچۇشكە مەجبۇر بولدى. بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن لى شىمىن سەددىچىندىن چىقىپ، تۈركلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلدى. كۆچ كۆچتە كېتىۋاتقان 100 مىڭدىن ئوشۇق تۈركنى ئەسىر ئالدى. بۇ ئەسىرلەر سەددىچىننىڭ ئىچىگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلدى. مەقسىدى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تېررىتورىسىدە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئۇرۇقىنى بىراقلا قۇرۇتۇش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەگزادىلەرنى پاختەخت چاڭئەنگە ئەكىلىپ، نەزەربەنت قىلدى. مانا ماشۇ چاغدا ئەسىرگە چۇشمەي قالغان بىر قىسىم تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا كېتىپ، شەرقىي ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. قاراخان 634-يىلى چاڭئەندە ۋاپات بولىدۇ. 639-يىلى لى شىمىن ئەسىرگە چۇشكەن تۈركلەردىن تەشكىل قىلغان بىر قورچاق تۈرك قاغانلىقى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما، ئەسىرلەردىن بۇيان مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن تۈرك خەلقى، بۇ قورچاق قاغانلىقنى ئىتىراپ قىلماي، مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مەخپى ھەركەتكە ئۆتتى.

2

مانا ماشۇ ئۇلۇغۋار غايىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، بۇ ھەركەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچى سىۋارخاننىڭ كىچىك ئوغلى شاھزادە كۈرشاد ئىدى. ئۇ چاڭئەنگە مەجبۇرى كەلتۈرۈلگەن تۈرك بەگچىلىرىدىن 40 يىگىتنى ئەتراپىغا توپلاپ بىر مەخپى تەشكىلات قۇردى. ئۇلار، بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشسا، كۈرشاد قاغان بولىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما، كۈرشاد بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى. قاغان نامزاتلىرىغا ئۆز جىيەنلىرىدىن بىرىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەكلىپى قاراردىن ئۆتتى. بۇ تەشكىلات ئۆزىنىڭ ھەركەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇلار ياتلاردەك 30 قىتىم قۇرۇلتاي ئىچىپ، 30 قىتىم پىلان تۇزۇپ، 30 قىتىم مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرمىدى. كۆپ مۇنازىرلەر، سۇكۇناتلار ئىچىدە جەڭ-جېدەل ۋە سۇلھىلەرنى قىلىپ ئولتۇرمىدى. ھەتتا  شاھاپ يۇلتۇزىنى كۆرەلمەي، قوللىرىغا يالغاندىن ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىنى چاڭگىلتىپ قويغانلارنىڭ يولىدا ئىزىپ ماڭمىدى.

ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى خالىس بولغاچقا بىر قىتىم يىغىن ئىچىپ، ئىككىلا قارار ئالدى. بۇ قارارلارنى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. بىرىنچى باسقۇچتا، پادىشاھ لى شىمىننى تىرىك تۇتۇپ، ئۇنى تۈركلەر يۇرتىغا قاچۇرۇش. ئاندىن پايتەختتە نەزەربەند بولۇپ تۇرغان تۈرك بەگلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش. ئىككىنچى باسقۇچتا بارلىق تۈركلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش.

بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ھۆرلۇكى، ئەركىنلىكى  ۋە ئۇنىڭ تەرققىياتى ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق كۈرشادتەك سەردار پىداكار يىگىتلەرگە ئىھتىياجى بار. ئۆز مەنپەئەتىنى مىللى مەنپەئەت بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، مەنسەپ ۋە شەرەپ ھەتتا مال-دۇنيا ئۈچۈن مىللەتكە باش بولىمەن دەيدىغانلارنىڭ قولىغا قالغان بىر قەۋمنىڭ تەقدىرى، ھەر زامان قاراڭغۇ بولىدۇ.

لى شىمىن ئەينى چاغدا پۇخراچە كىيىنىپ كەچتە  چاڭئەننىڭ ئاۋات كەچلىك بازارلىرىنى ئايلىنىپ پۇخرالاردىن ئەھۋال ئىگەللەيدىغان  ئادىتى بار ئىدى. مانا ماشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لى شىمىننى قولغا چۇشۇرۇشنى پىلانلىغانتى. ئەمما، پىلانلىغان ئاشۇ كۈنى يەر جاھاننى ئىزغىرىن جۇت، بۇس-تۇمان قاپلاپ، قاتتىق گۇلدۇرمامە چاقماق چىقىپ، قارا بۇلۇتلاردىن دەھشەتلىك يامغۇر ياغدى. ھاۋانىڭ پەيلىنىڭ يامانلىغىنى كۆرگەن لى شىمىن تالاغا چىقىشتىن ۋاج كىچىپ، ئوردا ئىچىدە كۆڭۇل ئىچىشنى قارار قىلدى. ئاق يۇزلۇك ئۆزى كىلىشكەن، قارا كۆزلىرى شەھلا، بۇرىتى شالاڭ، ئىگىز غۇللۇق كەلگەن  تەققى-تۇرقىدىن پەم-پاراسەتلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ شاھ ئۇستىگە سىرىق دۇردۇندىن ئەجدىھا تون كىيگەن، بەلىگە رەڭدار قۇش چۇچىلىق شايى پوتا باغلاپ، توننىڭ ئالدى پەشىنى پوتىسىغا قىستۇرغان، زەردىن زىغزىق قويۇلغان سۇمرۇق شەكىلدىكى كۆسەي ئۆتۇك كىيگەن پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ھەشەمەتلىك شېرە يىنىدا پوزۇر ئولتۇراتتى.

ئەجدىھا سۇرەتلىرى نەقىشلەنگەن ئالتۇن پۇتلۇق شىرەنىڭ ئۇستى، خىلمۇ-خىل تائاملار، كۆك-گېزەك ۋە يەل-يېمىش بىلەن بىزەلگەنتى. قىنىق دەملەنگەن چايلار ئاجايىپ خۇش پۇراق چاچاتتى. شاراپچى قىزلارنىڭ تەبەسسۇم بىلەن زىبا قىلىپ، كىم كەھرىۋا جاملاردا سۈپ-سۈزۈك ئېسىل شاراپلارنى سۇنۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ خۇمارىنى يەيتتى. يەلپۈگۈچتىن چىققان ساپ ھاۋانىڭ پەيزىدە، يېشىل تونغا پۈركەنگەن زىلۋا بويلۇق ناخشىچى قىزلارنىڭ  نەپىس نەي، بالىمانغا جۇر بولۇپ ئىيتقان ناخشىسىنىڭ شىرىن ئاۋازلىرى ئوردا ئىچىنى زىل-زىلگە سالاتتى. نېلۇپەردەك خۇش پۇراق چىچىپ تۇرىدىغان رەققاس قىزلارنىڭ نازلىنىپ ئوينىغان ئۇسۇل ھەم لەپەرلىرىدىن  لى شىمىننىڭ كۆزلىرى خۇمالىشىپ، شەخۋانى ھەۋەسلىرى قوزغۇلۇپ، گۈل-قەقەلىرى ئىچىلىپ، گەر شىۋىرغانلىق كېچىدە مەيگە، كەيپى-ساپاغا ئىشتىياق باغلىغانتى.

مانا دەل ماشۇ پەيتتە، كۈرشادنىڭ ئىچى تىت-تىت بولۇپ، قوشما قاشلىرى تۈرۈلگەنتى. ئۇنىڭ نۇرلۇق چىرايىدىن قانداقتۇر بىر ئەنسىزلىچىلىكنىڭ ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ  نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئىچىدە مۇنداق ئويلاردا بولغانتى: ”ئەگەر بۈگۈن ئۇ چىقمايدىغان بولسا چوقۇم ئاشكارلىنىپ قالدۇق. شۇڭا يا ئۆلۇم يا كۆرۇم دەپ، خان ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇنى شۇ يەردىن تۇتۇشىمىز لازىم.“

بۇ ئويلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوست، سەپداشلىرىغا ئىيتتى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ 40 چەۋەنداز ئەزىمەت بارلىق ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللاندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن نەۋقىران يىگىتلەر، باھادىر جەسۇر پەلىۋانلار ئىدى. بولۇپمۇ بېشىغا يۇلغۇن تىرىسىدىن تۇماق كىيگەن، مەيدىسى ھەم دۇمبىسىگە قارا قىلىن چەمدىن ياسالغان يۈرەك دالدىغاچ تاقىغان. ئىچىگە كۆك رەختىن پەشمەت، پۇتىغا ئۆتۇك كىيگەن، بىلىغا تاسما باغلىغان. تاسمىسىغا دەستىسىگە بۆرە سۇرىتى تەقىشلەنگەن خەنجەر تاقىغان. مۈرىسىنىڭ سول تەرىپىگە ئوقيا، ئوڭ تەرىپىگە تىرە چىشلىتىلگەن ساداقتاندا لىق ئوقنى ئېسىپ، قولىدا پاقىراپ تۇرغان قىلىچىنى تۇتۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا قىپ-قىزىل چوغدەك تورۇق ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ قىران يىگىتلىگىنى نامايەن قىلاتتى. قالغان 40 باھادىر يىگىتلەر قوللىرىغا نەيزە، قىلىچ، شەمشەر، ئاي پالتىلارنى تۇتقانتى. بارلىق قورال-ياراقلار بىلەن جابدۇنغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھەممىسى تەق بولۇپ، چەۋەنداز باتۇر سۈپىتىگە كىرگەنتى. ئۇلار ئەركىنلىك، ھۆرلىك ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا بىر قىتىم بىر-بىرلىرىنىڭ كۆزلىرىگە سەمىمى بىقىشتى. ئاندىن ئۇدۇل پادىشاھ ئوردىسىغا قاراپ دەھشەتلىك بوراندەك ئات سېلىپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار  پادىشاھ تۇرغان ئۆيگە ئاستا-ئاستا يىقىنلاشقانتى. بۇ چاغ دەل تۇن نىسپى بولۇپ، يامغۇر توختىغانتى. ئاسماندا قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ تولۇن ئاي ئەتراپنى يورۇتۇپ، قۇتۇپتىكى يەتتە تىكەن يۇلتۇزى باھادىر 41 يىگىتنىڭ ئۇستىدە چاقناپ تۇراتتى. ئەمما، ئوردا قاراۋۇللىرى ئەتراپتىكى ھەرقانداق بىر شەپىگە قۇلاقلىرى دىڭ تۇتۇپ چارلاۋاتتى. يىگىتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ، يالىرىغا ئوقلىرىنى بېسىپ، كىرىچىنى بولۇشىغا تارتىپ، ئون بەش كۈنلۇك تولۇن ئاينىڭ يورۇقىدا، ھەر بىرى بىر قاراۋۇلنىڭ يۇرىگىنى نىشانغا ئالغانتى. كۈرشادنىڭ ئىشارىتى بىلەن تەڭلا 40 يايدىن 40 ئوق ۋىڭغىلداپ چىقىپ، 40 دۈشمەننىڭ جىنىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى. ئۇلار دەرھال يايلىرىغا ئوق بېسىپ قالغانلىرىنى نىشانغا ئىلىپ ئاتتى – دە، ئاندىن قىلىچرىنى غىلاپلىرىدىن سۇغۇرۇپ ئىلىپ، ئالغا ئىلگىرلەپ، قۇيۇندەك ئوردا قوراسىغا باستۇرۇپ كىردى. ئەمما، ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ بۇنچىلىك كۆپلىگىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك باتۇرلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. لى شىمىن ئۆزىنى شۇنچىلىك قوغدىغان ئىدىكى، ئوردا باقاۋۇلنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىلا ئىككى مىڭغا يىتەتتى. قاتتىق جەڭ باشلىنىپ كەتتى.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

يىگىتلەرنىڭ بىرلىرىنىڭ ئاتقان ئوقلىرىدىن دۈشمەن مەشقاۋۇللىرى تىك چۈشۈپ، تۇلكە-توشقاندەك جان بەرسە، بىرلىرىنىڭ كارامەت قىلىچۋازلىق سەن ئىتىدىن كۆكتە جەۋلان قىلغان قىلىچلىرىدىن، ئەتراپىغا كىلىشكە جۇرئەت قىلالمىغان مۇھاپىزەتچىلەر غال-غال تىترەپ تۇرۇپ ئارقىسىغا داجىيتى. ئالدىغا يۇگەرگىنىڭ بوينىغا شەمشەر ئۇرۇلاتتى. ئۆز گۇمپىسىنى ئىشقا سىلىپ قولىدىكى ئاي پالتىلىرىنى ئويناتقان جەۋەندازلارنىڭ ئالدىنى ھىچكىم توسالمايتى. جەڭ داۋاملاشماقتا ئىدى. ئەمما، ئۇلارمۇ جان تىكىپ ئىلىشقانلىقى ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى مۇمكىن بولمىدى. چۇنكى، ئالدىغا ئىتىلىپ كىلىۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى. قايسى غالىپ، قايسى مات ئايرىغىنى بولمىسىمۇ ھەم شۇ مىنۇتتا كىم ھايات كىم مامات ئىكەنلىگى ئىنىقلا بىلىنىپ تۇراتتى.  ھەممە يېرى رەقىبلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان كۈرشاد ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ، قارا قىياندەك گۆركىرەپ يوپۇرلۇپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ، لى شىمىننى ئوردىدىن تۇتۇپ، ئىلىپ چىقىشقا كۆزى يەتمەي، ئالىپلىرغا ئوردىدىن چىكىنىشكە بۇيرۇق بەردى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىلىشىپ بىر تەرەپتىن چىكىندى. ئۇلارنىڭ ئات ئۇلاقلىرى ئوردىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە قالغان ئىدى. ئۇياققا چىكىنىش ھازىر مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار شۇ پەيىتتە ئوردا ئىغىلى تەرەپكە چىكىنىۋاتقانلىغىنى پەملىدىدە، دەرھال ئوردا ئاتخانىسىدىكى ئاتلارنى قولغا چۇشۇرۇپ، قىچىشنى ئويلىدى ۋە ئاتخانىدىكى جىددى جەڭگە تەييارلاپ قويغان، ئېگەر-جابدۇقلىرى راسلاغلىق  ئاتلارنى مېنىپ قاچتى. 41 ئالىپنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر يوقتى. ئەمما، ئېغىر تىچ زەربىسىدە يارىلانغانلار بار ئىدى. ئەسلىدىلا ئات ئۇستىدە چوڭ بولغان بۇ ئەزىمەتلەر ئات ئۈستىدە خۇددى ئارام ئىلىۋاتقاندەك بەھوزۇر ئولتۇرۇپ، قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ كىتىۋاتاتتى. 41 ئالىپنىڭ 41 ئېتىنىڭ 164 نالىسىدىن چىققان توپا-چاڭلار چاڭئەن كوچىلىرىنى قويۇنتاز ئىچىدە قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى. قۇيۇندەك چىپىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇۋىقىدىن چىققان جاڭ سادالېرى ئەسىرگە چۇشكەن يۇز مىڭ خەلقىنىڭ يۇرەكلىرىنى زىل-زىلغا سىلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرماقتا ئىدى. 41 ئالىپ ئۇدۇل ۋېخىي دەرياسى تەرەپكە قاراپ ئات سالدى.

3

چاپقۇر ئاتلار بىلەن ئۇچقاندەك كىتىۋاتقان 41 يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن ئوردا قاراۋۇللىرى، مەشقاۋۇل، تۇتقاۋۇل، باققاۋۇل، ئاتارمەن-چاپارمەن بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن چىن لەشكەرلىرى قوغلاپ كىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ مىنگەن ئاتلىرىنىڭ چېپىشلىرىمۇ 41 يىگىتنىڭكىدىن قېلىشمايتتى.

قۇياش ئەتراپىغا قىپ-قىزىل چوغ تارتىپ كۆتۇرلىۋاتاتتى. كۈرشاد خۇددى يالقۇن يالىسى، شەپەق رەڭلىك قۇيرۇقى، ئەت-يانلىرى گۈياكى پەرداز بىلەن بويالغاندەك، قۇلاقلىرى قىپ-قىزىل يۇپۇرماقتەك  كۆرىنىدىغان ئاتنىڭ ئۇستىدە قانداقتۇ بىر قۇتۇلۇش يولىنى كۆزلەپ، تۇياقلىرى ئاستىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ غۇيۇلداپ چىپىپ كىتىۋاتاتتى.  ئۇ، ئەركىنلىك ئۇچۇن چاپقان تۇلپارنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈمىد ۋە ئۇمىدسىزلىك، مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە تولغان بۇ ھاياتتا ھەر خىل ئىدىيىۋى تۇزاقلار ۋە ھىلە-مىكىرلەر ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، مەھكۇم مىللەتنى زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئات سالغان ئىدى.

ئۇلار شۇ چاپقان پېتى ياردىن يارغا ئۇرۇلۇپ ھەيۋەت بىلەن دولقۇنلاپ ئىقىۋاتقان ۋېيخىي دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى.  دەريا بويىدا ھېچ بىر قولۋاق كۆرۇلمەيتى. سۇنىڭ دەھشەتلىك بۇ ئىقىنىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن چىننىڭ قاراۋۇل، لەشكەرلەر يىقىنلاپ قالغانتى. كۈرشاد دەرھال بىر قارار بىرىش كېرەكتى.

يا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، بىر ئۆمۇر قۇل بولۇپ، ئىزا-ئاھانەت بىلەن ياشاش. ياكى ماشۇ جەڭگاھتا باتۇرلۇق بىلەن ئاخىرقى نەپسىگىچە ئېلىشىپ، مەڭگۇلۇك ئىززەت-ھۆرمىتىنى، نۇمۇسىنى ساقلاپ قىلىش.

كۈرشاد لاۋۋۇلداپ يالقۇنجىغان ساما تۇلپىرىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇپ، 40 زەپەردىشىغا بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى. بۇ 40 ئالىپنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى ئوۋغا ئىتىلىپ تۇرغان ئارسلاندەك ئوت چاقناپ تۇراتتى. گەرچە ئۇلار بۇ ماكان، بۇ زاماندىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ تەققىي-تۇرقىدىن، يۇزلىرىدىكى باتۇرلۇقى چىقىپ تۇرغان روھى ھالىتىدىن بۇ گۈزەل ھاياتقا بولغان ئۈمىدلىرى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.

كۈرشاد سول قولىدا ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىدىكى قىلىچىنى ھاۋادا ئىگىز كۆتۇرۇپ: ”باھادىر ئالىپلىرىم! سەپداش دوستلىرىم! بىز مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بۇ يولغا ئاتلانغان. ئەمدى ھازىر يولنىڭ ئاخىرىغا كەلدۇق. گەرچە مەقسىدىمىزگە يىتەلمىگەن بولساقمۇ، بىزنىڭ بۇ كۆرسەتكەن جەڭگىۋار پىداكارلىقىمىزنى ئەۋلاتلار مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ. ئۇلار بىزنى تىللاردا داستان قىلىپ ياد ئېتىدۇ. بىزنىڭ يولىمىز ھەق، ئادالەت يولىدۇر. ئەركىنلىك، ھۆرلۇك يولىدۇر. بۇ يولدا تا ئاخىرقى تىنىقىمىز قالغۇچە جەڭ قىلىشقا ھازىرمۇ سىلەر؟“ 40 باھادىر ئالپنىڭ ئاغزىدىن تەڭلا چىققان ”ھازىر! ھازىر!“ دېگەن ئاۋاز، ۋېيخىي دەرياسىنىڭ ساھىلىنى زىل-زىلگە سالدى. بۇ ئاۋازدىن دەريا سۇلىرى چايقىلىپ، ئۆركەشلەپ قىرغاقلاردىكى قۇرام تاشلارغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلدى. دەريا سۇيى دەھشەتلىك ئۆركەشلەپ، بۇژغۇنلىرى ساماغا كۆتۈرۈلدى. بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھى پاكلاندى.

دۈشمەن دۈرۈلدەپ كەلگەن ئىدى. تۈركلەر ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سوقۇشۇشقا ماھىر بولغاچقا، ئالىپلەر ئامال بار ئات ئۇستىدە تۇرۇپ جەڭ قىلىشنى تاللىدى.  ئىرغىپ، كىشنەپ تۇرغان بۇ ئارغىماقلارنى پۇتلىرى بىلەن دېۋىتىپ قويۇۋىدى، ئاتلار دەريانىڭ تۆۋەن ئىقىمىغا قاراپ چىپىپ كەتتى. چىن لەشكەرلىرى ئارقىدىن ئات سالدى.

كۈرشادنىڭ ئوقتەك غۇيۇلداپ كىتىۋاتقان ئېتى، تاڭ شەپىقى ئىچىدە تىخىمۇ قىزىرىپ، بەئەينى ئوت چەمبىرىكى ئىچىدە كۆيۈپ تۇرۇپ چىپىۋاتقان چوغ تۇلپاردەك ئەركىنلىك ئۈچۈن چىپىۋاتاتتى. كۈرشات بىردىنلا ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئېگەرنىڭ قۇش بېشىغا ئېلىپ قويۇپ، سول قولىغا كۆك بۆرىنىڭ سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن يانى ئېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئوقنى بېسىپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپ تۇرۇپ، كىرىچىنى كۈچەپ تارتىپ، لەشكەرنىڭ بېشىدا چىپىپ كىلىۋاتقان دوقا ماڭلاي، ئورا كۆز، قاشلىرى تىك نەيزىدەك، قىزىل يۇزلۇك تۇتقاۋۇلنىڭ يۇرىگىنى قەللەپ ئاتتى. ئوق بىرىپ تۇتقاۋۇلنىڭ سول مەيدىسىگە گاچچىدە تاقالدى. ئۇ، ئاتتىن تىك موللاق چۇشتى. 41 جەۋەندازنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئاتقان ئوقلىرىنىڭ زەربىسىدىن، چىن لەشكەرلىرى ئاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ گۈپۈرلەپ يىقىلىشقا باشلىدى.

ئاتلار دەريا بويلاپ چىپىۋاتاتتى. دۈشمەننى قانچە ئاتقان  بولسىمۇ، سانى يەنىلا كۆپ ئىدى. ئارقا-ئارقىدىن قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي نەرە تارتىپ كىلىۋاتقان لەشكەرلەر سان ساناقسىز ئىدى. ئالىپلار بىر قىيانىڭ ئالدىغا كىلىپ، قاپسىلىپ قالدى. لەشكەرلەر ئۇلارغا قارىتىپ يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ئالىپلار قۇيۇندەك كىلىۋاتقان ئوقلارنى ئۆز يايىلىرى بىلەن ئىتتىرىشكە، قالقانلىرى بىلەن تۇراشقا ئۆلگۈرەلمىدى. گاچىلداپ سانجىلغان ئوقنىڭ زەربىسىدە، بىراقلا ئوندەك يىگىت يەرگە يىقىلدى. كۈرشاد ۋە باشقا ئالىپلار دۈشمەنگە قاراپ ئات سالدى. يۈزلىگەن چىرىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ باشلىنىپ كەتتى.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

ئات ئاتقا گىرەلىشىپ چىقىۋاتقان سادالار، تىغ تىغقا تىگىپ چىقىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنلىرى، چاچرىغان قانلار، قىيا-چىيالار ۋېيخى دەرياسى قىرغىنى بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. لەشكەرلەرنى چىپىپ تۈگۈتۈش مۇمكىن ئەمەستى. ئۇلارمۇ ئۆلۇمدىن قورقماي شۇنچىلىك ئەسەبىلىك بىلەن ئىلىشتى. ئالىپلەر ئاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەرگە يىقىلغانلىرى يىقىلدى. ئۆلگىنى ئۆلۇپ، يارىلانغىنى يارىلىپ بارغانسىرى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. ھاياتتا قالغىن ھەممىسى بولۇپ كۈرشاد بىلەن تۆت يىگىت ئىدى. دۈشمەننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا يىرتقۇچ ئەجدىھاغا ئورۇلۇپ قالغان تۆت كۆك بۆرىدەك تىپىرلاپ تۇراتتى. تۆت بىرلىكتە دۆگىلەك بولۇپ، تۆت تەرەپكە قاراپ قىلىچلىرىنى سىپىدىن چىڭ قىسىپ تۇتۇپ، ئالدىغا ئىتىلىپ كەلگىننىڭ جىنىنى ئالدى.

قاتتىق تىرىككەن لەشكەرنىڭ باققاۋۇلى ۋاقىراپ تۇرۇپ: ”قىلىچلىرىڭنى تاشلاپ تەسلىم بولۇش. بولمىسا ھەممىڭنى چىپىپ، قىيما-چىيما قىلىپ، دەرياغا تاشلاپ، بېلىقلارغا يەم قىلىمەن“ دېدى.

قاتتىق ھالسىزلىغان كۈرشاد بار كۈچىنى يىغىپ: ”بىز سەنلەرگە ئەسلا تەسلىم بولمايمىز. بىرىڭ كەلسەڭ بىرىڭنىڭ كاللىسىنى ئالىمىز. سەنلەر جان قىيىپ، ئوت قويۇپ، بۇلاپ-تالاپ، ھەددى-ھېساپسىز بىگۇناھ قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۇرۇشتىڭ. يۇرتلىرىدىن ئايرىشتىڭ. سەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم! بىز ئاخىرغىچە ئىلىشىمىز. قىنى جىنىڭدىن تويغۇنىڭ كىلىش! ئەگەر ھەققى مەرت بولساڭ بىرگە بىر چىق!“ دەپ، غەزەپ بىلەن قىلىچىنى كۆتەردى. مانا بۇ سادادىن شۇ چاغدا تاغۇ دەريالاردىكى يىرتقۇچ يولۋاس بولسىمۇ، قورققىنىدىن يۇرەكلىرى جىغىلداپ كەتكەن بولاتتى.

قاتتىق غەزەپكە كەلگەن چىن باققاۋۇل تىترەپ كەتتى. بەلكى  كۈرشادنىڭ قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئۆزىگە قىلىغان ھاقارەت دەپ بىلدىمۇ قانداق. ئەتراپىدىكى چىلبۆرىلەردەك تۇرغان لەشكەرلىرىگە قاراپ ”چېكىنىڭلار!“ دەپ ۋاقىردى. لەشكەرلەر دەرھال ئارقىغا چىكىندى. چەمبىرەك كىڭېيىپ، چوڭ بىر مەيدان ئېچىلدى. ئىگىز بويلۇق، بەستىلىك كەلگەن چىن باققاۋۇل، بېشىغا شىرنىڭ سۈرىتى نەقىشلەنگەن پولات دۇبۇلغا، دۇبۇلغىنىڭ ئارقىسىدا يوغان قىزىل پۆپۇك، ئۇچىسىدا قەلەي تەڭگىچىلەردىن قۇرۇلغان ساۋۇت، بېلىدە يىرتقۇچ ھايۋان بېشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ، ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن كەمەر، مەيدىسى ۋە دۇمبىسىدە مىستىن ياسالغان يۈرەك دالدىغاچ، پۇتىغا كۆسەي ئۆتۈك كىيىۋالغان، قولىغا ئالتۇن يالىتىلغان شەمشىرىنى تۇتقان ھالدا مەيدانغا چۇشتى – دە، ”قېنى، مەرتنى مەيداندا سىنا دەپتىكەن. قېنى كەلمەمسەن، ئېلىشىپ باقمايمىزمۇ“ دەپ قاتتىق ۋاقىردى. چىن باققاۋۇلنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇنى باتۇر قىياپەتتە كۆرسەتكەنتى. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىدىن نوچىلارغا قول قويىدىغان، باتۇرلۇققا زوقمەن بىر قوماندان ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى.

بۇ ئويلىمىغان يەردىن چىققان ”مەرتلىك“نى كۆرگەن كۈرشادمۇ دەرھال پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، قىلىچىنى دەستىسىدىن چىڭ سىقىپ تۇتۇپ، باققاۋۇلنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. باققاۋۇلمۇ شەمشىرىنى كۆتۇرۇپ كۈرشادقا ئېتىلدى.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

بۇ ئىككىسى قاتتىق ئېلىشتى. گاھ بىرىگە بىرى  خۇددى سۇمرۇغدەك چەرخ ئۇرسا،  گاھ بىررىنى بىرى  بۈركۈتتەك قۇيۇلداپ سوقاتتى. بىرى ھەملە قىلىپ تىغىنى خىرىس ئەيلەپ، چەنلەپ ئۇرسا، بېرى تىغىنى قالقان قىلىپ، پەم بىلەن بېشىنى قاچۇراتتى. بىرى قۇلاچ كېرىپ شىددەت بىلەن قىلىچىنى ئۇرۇپ ئالدىغا ئىتىلسا،  يەنە بىرىمۇ ھېچ قورقماي شۇڭغۇپ ھۇجۇم قىلاتتى. بۇ ئىككى پەلۋان مەيدان ئوتتۇرىسىدا شۇ تەرىقىدە 30 نەچچە مەرتەم ئېلىشىپ، ھېچقايسىسى بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى. ئەمما، كۈرشاد ئېلىشقانسىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشقانتى. باققاۋۇل مۇداپىيە ھالىتىگە چۇشۇپ قالغانتى. مانا ماشۇ چاغدا ئەتراپتىكى لەشكەرلەر باققاۋۇلنىڭ يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن ھەممسى دۇررىدە كېلىپ باققاۋۇلغا بولۇشماقچى بولدى. دەل ماشۇ چاغدا كۈرشاد ئۈچ يىگىتىمۇ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى. ئەمما، باققاۋۇل ئەسەبىلىك بىلەن لەشكەرلىرىگە قول ئىشارىتى قىلدى. ئۇلار ئارقىغا داجىدى. يەنە بىر مەيداندان بىرگە بىر ئېلىشىش باشلاندى. بىر ھازا  ئېلىشقاندىن كىيىن، پاراسەت-پەملىك بابىدا ھەممىدىن ئەلا كۈرشاد چاندۇرغاندەك قىلىپ، بىر ھېلە ئىشلىتىۋىدى، باققاۋۇل ئەمدى ئېپى كەلدى دېگەندەك شەمشىرىنى بار كۈچى بىلەن كۈرشادنىڭ كۆكسىگە سانجىماقچى بولدى. دەل ماشۇ پەيتتە كۈرشاد شارتلا قىلىپ تولغۇنىۋىدى، باققاۋۇل شەمشىرى بىلەن بىللە كۈرشادنىڭ قوينىغا كىرىپ قالدى. كۈرشاد ئەپچىللىك بىلەن قىلىچىنى ”شارت“ قىلىپ ئۇنىڭ بوينىغا سۈردى. باققاۋۇل بىر خىقىراپ يەرگە دۈم يىقىلدى. بۇ كۆتۈلمىگەن مەغلۇبىيەتنى كۆرگەن لەشكەرلەر نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭ قىتىپ قالدى. مانا ماشۇ چاغدا ئارىدىن بىرسى ”چىپىڭلار“ دەپ جېنىنىڭ بېرىچە ۋاقىردى. يۈزلىگەن لەشكەرلەر ئاچ قالغان يىرتقۇچ ھايۋاندەك يارىلانغان تۆت باھادىر يىگىتلەرنىڭ ئۈستىگە ئېتىلدى. ئۇلار بۇ يىرتقۇچلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە ئۇرۇش قىلدى. كۈرشاد ئۆزى يالغۇز لەشكەرلەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا قىلىچ تۇتقان ئوڭ قولىدىن ئايرىلغان ھالدا، سول قولىدا بىر قىلىچنى تۇتۇپ لەشكەرنى يىقىن يولاتمايۋاتاتتى.  ئاخىرى قاتتىق قانسىرغانلىقتىن ئۆرە تۇرۇشقا ھىچ ماجالى قالمىدى. ئۇ قىلىچىنىڭ ئۇچىنى قارا تۇپراققا سانجىپ تۇرۇپ، دەستىسىگە يۆلۇنۈپ تۇردى.  ئەتراپىدا ئۈچ سەپدىشىنىڭ قان ئىچىدىكى جەسىتى تۇراتتى. بۇ ئۇچ باھادىرنىڭ قان يۇقى يۈزى، تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرىدا يەرگە ۋاقىتىسىز تۆكۈلگەن قىپ-قىزىل يوپۇرماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۈرشادنىڭ قىلىچ دەستىسىگە يەملىشىپ كەتكەن، قىپ-قىزىل قانغا بويالغان تېنىمۇ  قاراڭغۇلۇقتا، زۇلمەتتە قالغان خەلققە يىقىلغان ئوت يالقۇنىدەك لاۋۇلداپ يېنىۋاتاتتى. سەۋر تاقىتى قالمىغان لەشكەرلەر بۇ لاۋۇلداپ تۇرغا چوغنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپتىن دۈرۈلدەپ كىلىپ ئۆز تىغلىرىنىڭ زەھەرلىك ئۇچىنى كۈرشادقا سانجىدى.

بىردىنلا تەڭرى لەشكىرى قەھرىدىن، ئاسماننى قاپقارا بۇلۇت قاپلىدى. ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تاڭ چولپىنى دەريانىڭ چېتىگە تاسقىلىپ مۈكىندى. ئۇنچە-تەڭگىلەردەك تۆكۈلگەن يامغۇرلار 41 ئالىپنىڭ مۇبارەك تەنلىرىدىن ئاققان قىپ-قىزىل قانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، دەريانىڭ ئۆركەشلەپ ئىقىۋاتقان سۇلىرىغا ساقىپ، جۇشقۇنلىرى ئۇپۇققىچە ئۇلاشتى. دەريا ۋادىسىدىكى چوغلۇق گۈللەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىكى قان داغلىرى يۇيۇلۇپ، تۆۋىگە ساقىپ سىڭىپ كەتتى. بىردىنلا پۈتۈن تەبىئەت، پۈتۈن ئالەمنى ئاق گۈل، ئاق چېچەك قاپلىدى. پۈتۈن جىلغىلار ئاق لىباستا ياساندى. ئۇلارنىڭ يەردىكى تىغ ۋە نەيزىلىرى كۆمۈشتەك پارقىراپ، شەمشەر، ئاي پالتىلىرى يالتىراپ چاقنىدى. ئوقيا ۋە ساداقلارىدىكى كۆك بۆرىلەرنىڭ نەقىشلىرى جانلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھوۋلاشلىرى ئەتراپتىكى جىلغىلارنى زىل-زىلگە سالدى. 41 ئالىپنىڭ مۇبارەك بەدىندىن ئايرىلغان روھلار 41 ئاققۇ بولۇپ، كۆكلەردە ئوقيا شەكىلدە سەپ تۈزەپ، ئانا ۋەتەنگە قاراپ لەرزان قانات قاقتى.

خاتىمە

ئەلقىسسە؛ كۈرشاد قاتارلىق 41 باھادىر ئالىپنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىدىغان بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

مىللىتىمىز، جۈملىدىن بىز تۈرك قەۋىملىرىنىڭ شانلىق ۋە تېراگىدىيەلىك تارىخىدا نۇرغۇن قەھرىمانلار، شاھلار، خانلار  ۋە داھىلار ئۆتكەن بولۇپ، بۇلار توغرىسىدا دەستە-دەستە تارىخى كىتابلار، رومانلار، داستانلار يېزىلغان. ئەمما، كۈرشاد توغرىسىدا، مەيلى ئۇيغۇر تارىخى كىتابلىرىدا بولسۇن، ياكى تۈرك تارىخى كىتابلىرىدا بولسۇن خۇددى كىتاب بەتلىرى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بىر تال يوپۇرماقتەك بىر قانچە ساتىرلاردىن باشقا بىر مەلۇمات يوق ئىدى. مەن ئەنە ئاشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ئالتۇن يوپۇرپاقلارغا كەشتىلەنگەن ئۆلمەس تارىخى قىممەتكە ئىگە بىباھا مەلۇماتلارغا ئاساسەن ”كۈرشاد ھەققىدە ھېكايە“ ناملىق تارىخىي ھېكايىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ ئارقىلىق كۈرشاد قاتارلىق 41 باھادىر ئالپنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىشتەك ئاجايىپ جاسارىتىنى قەلىمىمنىڭ كۈچى يېتىشىچە تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتتىم. كۈرشادنىڭ تارىختىكى بۈيۈك رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۇرۇشكە قۇدرىتىمنىڭ يىتىشچە تىرىشتىم.

تۈرك قەۋىملىرىنىڭ تارىخىدا 41 يىگىتنىڭ چىن پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىشتەك بۇنداق باتۇرلىقى ھىچ كۆرۇلۇپ باقمىغان بىر قەھرىمانلىقتۇر. قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولغان خەلققە ئەركىنلىك مەشئىلىنى ياققان بۇ باھادىرلار گەرچە مەقسەتلىرىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما، چىن پادىشاھى لى شىمىن ۋە ئەتراپىدىكى ئوردا ئەمەلدارلىرى شۇنچىلىك قورقۇپ كەتكەنكى، ئەسىرگە ئالغان 100 مىڭدىن ئوشۇق تۈركلەرنى چىننىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە تارقىتىپ، ئىرىتىپ تۈگۈتىۋىتىش نىيىتىدىن دەرھال ۋاز كىچىپ، ھەممىسىنى ئۆز يولىغا سېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى. تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا بالا بولۇشىدىن قاتتىق قورقۇپ، دەرھال ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر مىللەت ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۇككە ئېرىشتى. كىيىن بۇ مىللەت تەرەققى قىلىپ، تىرىلىپ تارىختا شانلىق ئىمپىراتورلۇقلارنى قۇردى. ئەگەر شۇ چاغدا ئاشۇ 41 باھادىرنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى بولمىغان بولسا، بەلكى بۈگۈنكى تۈرك مىللىتى بولمىغان بولاتتى.

كۈرشادنىڭ بۇيۇك قەھرىمانلىق روھى پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھىدۇر. كۈرشاد بىر پۈتۈن تۈرك تارىخىدىكى لاۋۇلداپ يانغان يالقۇنلارنىڭ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ، يانار تاغلارنىڭ يېنىدا پارلىغان مەڭگۇ ئۆچمەس كۆك قۇببىدىكى يالتىراق شاھاپ يۇلتۇزىدۇر. ئەنە ئاشۇ چاقنىغان يۇلتۇز تارىخنىڭ يولىنى تىگىشتۈردى. مىللەتنى يوپ-يورۇق ئايدىڭ يولغا باشلاپ، ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەت ئەركىنلىكنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر ئەيلىدى. بۇ ئەركىنلىك ئەزەلى ۋە ئەبەدى  قەھرىمانلىق ئارقىلىق كىلىدىغانلىتىن ئىبارەت يەنە بىر ھەقىقەتنىڭ يولىنى بىزگە يورۇتۇپ بەردى.

تارىخ يول، يول تارىختۇر. تارىخىي يوللارغا مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى ساپ قەھرىمانلىق روھى كۆمۇلگەن. بىز ھەر بىر تارىخىي ھېكايىلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە بەدئىلىكىدىن ئىستېتىك زوق ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە مىللىتىمىزگە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشنى خاتىرلەپ، غەلبىلىرىدىن پەخىرلەنسەك، مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئۆكۈنىمىز. تېراگىدىيەلىك ئازاپ ئىچىدە سىلكىنىپ ئويغۇنۇپ، مىللىتىمىزنىڭ زامان ۋە ماكاندىكى  ماڭغان يوللىرىدىن يېڭى يوللارنى ئاچىمىز.

21.05.2017، گېرمانىيە

(بۇ ھېكايە يازغۇچى تۈرغۇن ئالماسنىڭ  ”ئۇيغۇرلار“ ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.)

بۇ يازما 415 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076
ئۈستىگە قايتىش