ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » توقلار ۋە ئاچلار

توقلار ۋە ئاچلار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

پىرى تۈركىستان ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ھەققىدە ھېكايە

كۆرەش ئاتاخان
ئادەتتىكىدەكلا قايناق بىر بازار كۈنى ئىدى. كۈتۈلمىگەندە ھەممە نەرسىنىڭ كۆرۈنىشى، رەڭگى ۋە ھارارىتى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى. كۈن ئولتۇرۇشۇپ، جاھان قىزىللىققا پاتتى. قۇشلار چۇرۇقلىشىپ ئەتراپتا ئەنسىز ئۇچىشاتتى.
بۇ مىڭ يىلدىنمۇ ئۇزۇن بىر كېچە ئىدى ئىشتە. خورازلار چىللاۋاتاتتى، يىراقتىن، تولىمۇ يىراقتىن، كۆز ۋە ئاۋاز يەتكۈسىز يەردىن تاڭ ئالدىرىماي سۈزۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.
شەھەر سىرتىغا جايلاشقان نامرات بىر خىلۋەت كۈلبەنىڭ پەنجىرىسى جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا غۇۋا پىلدىرلاپ تۇراتتى.
بىر ئايال كېچىدىن بېرى ئاچچىق تولغاق يەۋاتاتتى. ئۆي ئىچىنى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ قاپلىۋالغان ئىدى. تۇنجى ئەزەن ئاۋازىنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئانىنىڭ كۆزى يورىدى.
چوڭلار بالىغا ئانىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى قويدى.
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىدەكلا ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى.
قۇشلار بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
ئاقسۇ دىيارىغا تەۋە سايرام دېگەن شەھەردە مەمۇرچىلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. باي تۆرىلەر ئەيىش-ئىشرەت ۋە كەيپى-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەنىدى.
ئانا گۈدەك ئەھمەتنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە كىردى.
-ئانا قايتىپ كېتەيلى،- دېدى، گۈدەك بالا ئىلتىجا تەلەپپۇزىدا.
بازاردىكىلەر ئەھمەتنىڭ كۆزىگە ھەرگىز سىغمىغان ئىدى. بەگلەر ۋە تۆرىلەر يەپ-ئىچىش، كەيپى-ساپا قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كوچىلاردا مېيىپلار ۋە دىۋانىلار سۈرىدەك توپ-توپ يۈرۈشەتتى. مۇھتاجلارنىڭ كۆزىگە قاراش ۋە سوزۇلغان قوللىرىنى ھاۋادا لەيلىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىش جاسارەت تەلەپ قىلاتتى.
-ئوغلۇم ئالدىرما، قاراپ باققىن، سەن ياقتۇرىدىغان بىر نەرسە ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،-دېدى ئانا.
-بەلكى-دېدى ئوغۇل.
ئانا ئوغلىغا يارىغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدى.
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىدەكلا ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى.
قۇشلار بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
ئەھمەت ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تالىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مۇرەككەپ سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئەھمەت روھ بىلەن ماددىنى، ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى بىر پۈتۈن، دەپ قارايتى. ئۇنىڭچە كىچىك نەرسىلەر چوڭ نەرسىلەرنىڭ، چوڭ نەرسىلەر كىچىك نەرسىلەرنىڭ تەركىۋىمىش.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھمەتنىڭ دېگەنلىرى، ئىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىسلامغا قارشى بىدئەتچىلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان يېرىدىن سۆرەپ چىقىلىپ، ئىشەككە تەتۈر مىندۈرۈلۈپ، سايرام شەھىرىدە ئەل-يۇرتنىڭ ئالدىدا سازايى قىلىندى. سازايى قىلىنغاندىن كېيىن دەررى بىلەن ئۇرۇلۇپ يېرىم جان قىلىنىپ مەدرىسىدىن قوغلاندى.
قازىكالاننىڭ دېيىشىچە ئەھمەت ”مەن مەندۇرمەن، مەن ئۇنىڭ، ئۇ مېنىڭ ئىچىمدەدۇر!“-، دەپ كاززاپلىق قىلىپ تالىپلارنى دىنغا ۋە سۇلتانغا قارشى قۇترۇتۇپتىمىش.
خەتەر سايرام ئاسمىنىدا تىرناقلىرىدىن قان تامدۇرۇپ ئۇچىۋاتقان قارا قۇشتەك ئەگىپ يۈرەتتى.
ئەھمەتنىڭ ئانىسى كۈنكەل خاتۇن ئەشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە:
-ئوغلۇم ئەھۋال بەك ياماندەك قىلىدۇ، ئاستا ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالايلى!-دېدى جىددىي تەلەپپۇزدا.
-ئانا قورقماڭ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ. پىشانىمىزگە يېزىلغاننى كۆرىمىز،-دېدى ئەھمەت.
– ئوغلۇم ھەممىلا يەر ئاللانىڭ تەسسەرۇپىدادۇر. كىندىكىمىزنىڭ قېنى تۆكۈلگەن يۇرتتىن چاچراپ چىقىپ كەتسەكمۇ يەنىلا ۋەتەننىڭ قۇچىقىغا چۈشىمىز كېتەيلى،-دېدى.
-بۇ ھالەتتە نەگە كېتىمىز ئانا، بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋە دادامنىڭ قەبرىسىنى تاشلاپ،-دېدى مەيۈس ھالدا ئەھمەت.
-ئوغلۇم، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆردۈڭ، بېشىمىزغا تېخىمۇ يامان بىر پېشكەللىك كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ساڭا گۇناھنىڭ چوڭىنى ئارتتى، ئاستا جېنىمىزنى ئېلىپ بۇ يۇرتتىن چىقىپ كېتەيلى، مەن بىر ئەۋلاد ئاچچىقىنى تېتالمايمەن، ئۇلار بىزنى ئامانىمىزدا قويمايدىغاندەك قىلىدۇ، تاغ ئارقىسىدىكى تاغاڭ ئارىسلان بەگنىڭ يېنىغا كېتەيلى بالام!،-دېدى ئانا.
چاچلىرى ئۆسكىلەڭ، چىرايى سۇلغۇن، كۆزلىرى خىيالچان بىر يىگىت ياشانغان ئاجىز ئانىسىنى يۆلەشتۈرۈپ ئات-ئۇلاقسىز ھالدا يۇرتنى تاشلاپ تاغ يولىدا پىيادە كېتىۋاتاتتى
ئۇلار يولدا چېرىكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئات-ئۇلاق يۈرەلمەيدىغان مەخپىي تاغ يولىنى تاللىغانىدى. بىرقانچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۇرىۋاتقان تىنچىق ھاۋا بارا-بارا ئارقىدا قېلىپ، مۇزارت چوققىسىدىن ئۇرىۋاتقان سوغاق شامال كىشىنىڭ دولىسىنى قورۇشقا باشلىدى.
ئانا-بالا ئىككەيلەن ھەپتىلەرچە يول يۈرۈپ قارلىق تاغلاردىن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ، ئەھمەتنىڭ تاغىسى ئارىسلان بەگ ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تۈركىستان شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
-خۇش كەپسىلەر يەڭگەم،-دەپ ھال ئەھۋال سوراشتى ئۇلار.
ئانا بىلەن بالا ئىككىسى بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاتتى.
ئۇلار ھەر ئېھتىمالغا قارشى پىچىرلاپراق سۆزلىشەتتى. شۇ يىللاردا ھەممىلا يەرنى سۇلتاننىڭ پايلاقچىللىرى قاپلاپ كەتكەنىدى. كوچىلار قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قۇمۇل ۋە تۇرپان تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان خان لەشكەرلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. دىققەت قىلمىسا ئۇلارنىڭ بېشىغا تېخىمۇ چوڭ بىر پالاكەتنى كەلمەيدۇ، دېگىلى بولمايتتى.
– ئەھمەتنى مەن ھىمايەمگە ئېلىپ تەربىيەلەيمەن. ئەمما باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن، كىملىكىڭلارنى مەخپىي تۇتۇڭلار،-دېدى، ئارىسلان بەگ.
بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئارىسلان بەگ ئانا-بالا ئىككەيلەننى بارلىق غەلۋە-غوزا ھەم غەليانلاردىن يىراق يەسىب دېگەن كىچىك يۇرتنىڭ ئەتراپىدىكى خىلۋەت بىر مەھەللىگە ئەكىلىپ يەرلەشتۈردى. كەنت شەھەردىن خېلىلا ئۇزاق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالدىراپ دىققىتىنى تارتمايتتى.
بەگلەر ۋە تۆرىلەر بۇ يەردىمۇ ئاقسۇ ۋە كۇچاردىكىگە ئوخشاشلا يەپ-ئىچىش، كەيپى-ساپا قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كوچىلاردا مېيىپلار ۋە دىۋانىلار خۇددى مال سۈرىسىدەك توپ-توپ يۈرۈشەتتى. مۇھتاجلارنىڭ كۆزىگە قاراش ۋە سوزۇلغان قوللىرىنى ھاۋادا لەيلىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىش جاسارەت تەلەپ قىلاتتى.
بىر بازار كۈنلىكى ئۇلار شەھەرگە كىردى. ئەھمەت ئانىسىنى شەھەرگە كەمدىن كەم ئەككىرەتتى. بۇنىڭغا ئانىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېھتىياتچانلىقى سەۋەبچى ئىدى. ئەگەر بىراۋغا ئەھمەتكە ئارتىلغاندەك گۇناھ يۈكلىنىپ قالسا ئائىلە بويۇنچە تاش يامغۇرىغا تۇتۇلۇپ، قەتلىئام قىلىنمايدۇ، دېگىلى بولمايتتى.
-بالام قايتىپ كېتەيلى،-دېدى، ياشانغان ئانا ئىلتىجا تەلەپپۇزىدا.
-ئانا ئالدىرىما، بەلكىم سەن ياقتۇرىدىغان بىر نەرسە ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس-دېدى ئوغۇل.
-بەلكى، يۈرۈكۈم بىر شۇملۇقنى تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ياقا يۇرتتا دىققەت قىلغان تۈزۈك،-دېدى ئانا مەيۈس. بۇ يەرنىڭ نەم ھاۋاسى ئەھمەتنىڭ ئانىسىنى ساقسىز قىلىپ قويغانىدى. بەل-پۇت ئاغرىقى ئۇنىڭ يۇرت سېغىنىشىغا قوشۇلۇپ ئائىلىگە ئارامچىلىق بەرمەيتتى.
ئەھمەت شۇنچە ئىزدەپمۇ ئانىسىغا يارىغۇدەك ياخشىراق بىر نەرسە تاپالمىدى.
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى. قۇشلار ئۇنىڭغا بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
ئەھمەت ئانىسىنى پانا تارتىپ ئۇنىڭ كۈلىبىسىنى ئايلىنىپ، خۇددى قارا يەر بىلەن كۆك ئاسمانغا مىخلىۋېتىلگەندەكلا تۈركىستان شەھرىدىن ئۇزاقلىشالماي ياشىدى. ئەھمەتنىڭ كۈنلىرى باشتا ئارىسلان بەگ قاتارلىق زامانىسىنىڭ يېتىشكەن زاتلىرىدىن ئىلىم ئۆگىنىش، كېيىن داڭلىق ئەھمەت يەسەۋىي دېگەن نام بىلەن خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى.
ئەھمەت يەسەۋىي بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ئاقسۇ دىيارىنىڭ سايرام دېگەن شەھىرىدە بىر يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى سىر تۇتتى! ئەھمەت يەسەۋىي دېگەن ئىسىم بىلەن كىچىك ۋاقتىدىن باشلانغان دىن ۋە تەرىقەتكە ئايىت روھ بىلەن ماددىنى، ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلاردىن بىر پۈتۈن تەرىقەتچىلىك نىزامىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئۇنىڭچە كىچىك نەرسىلەر چوڭ نەرسىلەرنىڭ، چوڭ نەرسىلەر كىچىك نەرسىلەرنىڭ جەريانىمىش. ئالەملەرنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوقمىش. بىز ئالەمنىڭ، ئالەم بىزنىڭ ئېچمىزدە دەۋەر قىلىپ تۇرىدىكەن.
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى. قۇشلار ئۇنىڭغا بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
كۈنلەر ۋە زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھمەتنىڭ دېگەنلىرى، زامانىسىنىڭ ئىلىم ۋە پەن دۇنياسىدا خۇددى قاراڭغۇلۇقتا چاققان چاقماقتەك بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەت يەسەۋىيچىلىك، ئىسلام ئاسمىنىدىكى بىر نۇر سۈپىتىدە رەسمىي سۈلۈك دەرىجىسىدە ئېتىراپ قىلىندى. كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئۇنىڭدىن ئىلىم ئىزلەپ كېلەتتى ۋە يەسەۋىيچىلىكنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ كېتەتتى.
ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ئانىسى كۈنكەل خاتۇن ۋە ئارسلان بەگدىن كېيىن قالغاندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىچكىي ئالىمىگە سەپەر قىلدى. تەبىئەتنىڭ بۇ پەرىشان پارچىسى زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۈرلۈك بىر بوۋايغا ئايلىنىپ قالدى. ئادەملەردىن بەزىدە ئۇزاق، ئادەملەرگە بەزىدە يېقىن ياشايتتى. ئەھمەت يەسەۋىي كۆيۈمچان تاغىسى ئارىسلان بەگ ئويلىغاندەك راستىنلا تۈركىستان قۇياشىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئەھمەت يەسەۋىي غولغۇندىن ئۇزاقلاشسا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسقاندەك بولاتتى. ئەھمەت يەسەۋىي غولغۇنغا قايتسا ئەتراپ خۇددى كۈندۈزدەك يورۇپ، ھايات ھۇزۇر ۋە مۇھەببەتكە چۆمۈلگەندەك بولاتتى.
ئەھمەت يەسەۋىي خۇددى ئىپتىدانى ئورماندىكى بىر ئىلاھىي قېرى دەرەخقىلا ئوخشايتتى. ئەھمەت يەسەۋىي بەزىدە تەبىئەتتىكىلەرگە، بەزىدە تەبىئەت ئەھمەت يەسەۋىيدىكىلەرگە ئوخشاپ قالدى. ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرىنى ئالەملەرنىڭ ساھىبقىرانى ئۆز رەھمىتى ۋە ھىدايىتى بىلەن يۇيۇپ پارلاتتى ۋە ئۇنىڭ قايىتىش سەپىرىدە پىرى تۈركىستان، دېگەن ساماۋىي تاجنى ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن نائىل ئەتتىلەر. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ كۈندۈز ئاسمىنىدىكى قۇياشتىن، كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلاردىن باشقا ھەمراھى يوقتەكلا ئىدى. كىشىلەر بەزىدە ئۇنى پۈتۈنلەي ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇپ دېگۈدەك ياشايتتى. ئەھمەت يەسەۋىي بۇنداق چاغلاردا تاغىسى ئارىسلان بەگ، ئانىسى كۈنكەل خاتۇن ۋە ئۆزىنىڭ گۆدەكلىكى بىلەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سىردىشاتتى.
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى. قۇشلار ئۇنىڭغا بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
خىسلەتلىك يىلانلاردەك يۆگۈشۈپ تۇرغان ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئاق ئارىلىغان قوڭۇر رەڭلىك چاچ-ساقاللىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان، ھارغىن ۋە ياداڭغۇ بىر بوۋاي ھاسىسىنى تايىنىپ، تۈركىستان شەھەرىنىڭ ئاۋات رەستىسىدە يەنە يەككە-يىگانە ھالدا پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ياشانغان كىشى پىرى تۈركىستان ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ئىدى. ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى خۇددى ئادەمزاتسىز چۆلدە كېتىۋاتقاندەكلا تۈركىستان شەھەرىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا جاھاندىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان توپ-توپ ئالامانلارنىڭ، ئات-ئىشەك ۋە قوي كالىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
بەگلەر ۋە تۆرىلەر بۇ يەردىمۇ يەپ-ئىچىش، كەيپى-ساپا قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كوچىلاردا مېيىپلار، پاھىشە خوتۇنلار، نەشىكەش قىمارۋازلار، كىرالىق قاتىللار، ئوغرىلار، سوپىلار، يانچۇقچىلار ۋە تىلەمچىلەر خۇددى مال سۈرىسىدەك توپ-توپ بولۇپ يۈرۈشەتتى. مۇھتاجلارنىڭ كۆزىگە قاراش ۋە سوزۇلغان قوللىرىنى ھاۋادا لەيلىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىش جاسارەت تەلەپ قىلاتتى. ئاۋات كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ ئاقساقال كىشىنىمۇ ئاۋام-رەئىيەت بىر تىلەمچى ياكى بىر تەركى دۇنيا ئەۋلىيا بولسا كېرەك،-دەپ ئويلاپ قېلىشقانىدى. ئاۋام رەئىيەت ئىچىدە ئۇنىڭ يىراقلاردا پىرى تۈركىستان، دەپ نامى چىققان ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەرمۇ، بىلمىگەنلەرمۇ بارىدى. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەرمۇ بۇ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان كىشىگە خۇددى ”تۆگىنىڭ مازار بىلەن نىمە ئىشى“ دېگەندەك ئۇنچىۋالا قىلىشىپ كەتمەيتتى. ھاياتلىق خۇددى ناركوز قىلىۋېتىلگەندەكلا ئېغىر ئۇيقۇ قاينىمىدا ئۆلۈكتەك ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ياتاتتى.
ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ئىبادەت، شەرىئەت، مەرىپەت، ھىدايەت ۋە ھەقىقەت مەردىۋەنلىرىنى ئېشىپ، ئارىپلىق دەرىجىسىگە يەتتى ھەم بىردىنلا يوق بولۇپ كەتتى. ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى غولغۇندىن ھەقىقى مەنىسى بىلەن غايىپ بولدى، ئۇنى ئەمدى يېنىدا تۇرسىمۇ ھىچ كىشى كۆرەلمەيتتى. ئەھمەت يەسەۋىي قارىغۇ بولۇپ قالغاندەك ئۇنىڭ كۆزىگە ھەم بۇ شەھەردە ھىچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئەھمەت يەسەۋىي خۇددى گاس بولۇپ قالغاندەك، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بۇ شەھەرگە ئائىت ھەم ھىچ نەرسە ئاڭلانمايتتى. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ تىلى خۇددى گاچا بولۇپ قالغاندەكلا بۇ پەرۋاسىز شەھەرگە ھىچ بىر زۇۋان سۈرگىسى كەلمەيتتى. ئەھمەت يەسەۋىي تۇغۇلغان يۇرتىنى سېغىنغان ئىدى. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ قاچقۇنلۇقتىكى كىملىكسىز، يۇرتسىز ۋە ماكانسىز ھاياتى، پەدەرنىڭ يۈرەك باغرىنى خۇن قىلىۋەتكەنىدى. ئەھمەت يەسەۋىي ئاخىرقى قارارىنى بەردى.
-قايتىپ كېتەيلى،-دېدى بوۋاي كىملەرگىدۇر قاراپ. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ ئانىسى بىر ياش بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇراتتى. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ كۆز ئالدىدا تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ تونۇردەك تەپتى ئۇرۇپ تۇرغان ئاقسۇ ۋادىسى، تەڭرىتاغ باغرىدا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدەك سوزۇلۇپ ياتقان باي ۋە سايرام بوستانلىقلىرى بىردىنلا جانلىنىشقا باشلىدى.
تۈركىستان شەھىرىمۇ قەشقەر، خوتەن، تاشكەنت، سەمەرقەنت، بۇخارا، قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، ھىمات، تەبرىز، كۇچار، ئىلى، ئۈرۈمچى، ئالمالىق، دۈشەنبە، ئاشخاباد، باكۇ ۋە تارباغايتايلارغا ئوخشاپ قالغانىدى. بەگلەر ۋە تۆرىلەر بۇ يەردىمۇ يەپ-ئىچىش، كەيپى-ساپا قىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىپ كەتكەنىدى. كوچىلاردا مېيىپلار، پاھىشىئەلەر ۋە دىۋانىلار خۇددى مال سۈرىسىدەك توپ-توپ يۈرۈشەتتى. مۇھتاجلارنىڭ كۆزىگە قاراش ۋە سوزۇلغان قوللىرىنى ھاۋادا لەيلىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىش جاسارەت تەلەپ قىلاتتى
-قايتىپ كەتسەك كېتەيلى!-دېيىشتى ئۇلار تۇشمۇ-تۇشتىن.
ئانا تەلەيسىز بوۋاقنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ساقاللىق ئوغلىغا ئەگىشىپ توپىلىق يول بىلەن شەھەردىن چىقىپ، ئۇدۇل ئاقسۇ تەرەپكە قاراپ ئۇزاپ كەتتى
دەرەخلەرنىڭ سايىسى خۇددى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش ئوقتەك ئايلىنىۋاتاتتى. قۇشلار ئۇنىڭغا بەزىدە قونۇپ، بەزىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى. دەريالار بەزىدە توڭلاپ بەزىدە ئويناپ ئېقىۋاتاتتى.
ئەھمەت يەسەۋىي يەر يۈزىدىن قانچە مېتىر چوڭقۇر كولاپ ياسالغان قاراڭغۇ ۋە زەي پۇراپ تۇرىدىغان كۈلبىسىدە، ئۆز يۇرتى ھەققىدىكى شىرىن خىياللار قاينىمىغا چۆمۈلۈپ، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەنىدى.
ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرى ئانىسى رەھمەتلىك ئۆز قۇلى بىلەن خوتەننىڭ يىپەك رەختىدىن تىكىپ بەرگەن قىزىل رەڭلىك، يوللۇق بىر نىمكەش ئۇزۇن چەكمەن چاپان كىيىۋالغانىدى. بوۋاينىڭ يۈزىدىن مۇرادىغا يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان خاسىيەتلىك بىر نۇر يېغىپ تۇراتتى. پەدەر ھەزرەتنىڭ يەرگە چېچىلىپ ياتقان مۈرىسىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان ئۆسكىلەڭ چاچ-ساقاللىرى تۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئانا تۇپراقنى سۆيۈپ ئۇچىۋاتقان سەلكىن شامالدا يەلپۈنىۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى.
چۆلدىكى يىلاندەك خاتىرجەم سوزۇلۇپ ياتقان ئەھمەت يەسەۋىي ھەزرەتلىرىنىڭ جانسىز تېنىنىڭ بۇ يەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەكلا كۆرۈنەتتى. ئەھمەت يەسەۋىينىڭ چەكچىيىپ تۇرغان كۆزلىرى كۈپ-كۆك زۇمرەتتەك قېتىپ قالغان، قوللىرى ئورۇقلۇقتىن تارشىدەك قۇرۇپ، جانسىز پۇتلىرى ساپالدەك يېرىلىپ كەتكەن ئىدى.
ھەي ھاياتى بويى ئاۋامدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان ئەزىزلەر! سىلەر ئاشىقىڭلار بىلەن كېلىپ، ئىزتىراپ چۆلىدىن مەشۇقۇڭلار بىلەن خۇشال-خۇرام قايتىسىلەر. ھەي ھاياتى بويى خۇددى مال سۈرىسىدەك توپلۇشۇپ ياشاشنى تەرجىھ ئەتكەنلەر! سىلەر شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى، غولغۇندىكىلەر قۇرۇق قول كېلىدۇ، يەپ-ئىچىپ، كەيپى-ساپا قىلىپ ۋە كۆڭۈل ئاچقاندىن كېيىن يەنە قۇرۇق قول قايتىپ كېتىشىدۇ!

29.04.20177، گېرمانىيە

بۇ يازما 150 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش