ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » دىۋانى-كەبىر

دىۋانى-كەبىر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

جالالىدىن رۇمى
تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

جالالىدىن رۇمىنىڭ (1207-1273) مەشھۇر ئەسىرى ”مەسنەۋى“ ناملىق ئەسىرىدىن قالسا، يەنە بىر ئىككىنچى چوڭ ئەسىرى ”دىۋانى-كەبىر“ دۇر. ”دىۋانى -كەبىر“ دېگەنلىك شىئېرلار توپلانغان ”بۈيۈك دەپتەر“ دىگەنلىك بولۇپ يەنە ”بۈيۈك دىۋان“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەۋلانەنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردە ۋە ھەرقايسى مەزمۇنلاردا يېزىلغان شىئېرلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ تىلى پارسچە ۋە ئەرەپچە بولۇپ، ئاز ساندىكى بەزى شىئېرلىرى تۈركچە ۋە گىرېكچە يېزىلغان.

”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق بۇ ئەسىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئەس ھوشىنى يوقاتقان ھالدا ئىچىدىن جۇش ئۇرۇپ چىققان روھى ھالىتىنىڭ كۆڭۈلگە ئۇرۇلغان دولقۇنلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن سادالارنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ ئەسەرمۇ خۇددى ”مەسنەۋى“ دەك مەۋلانانىڭ كۆڭۇلدىن تۇغۇلغان ھەقىقى بىر ئىلھامدۇر. ھەتتا بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمىنى پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ساما ئويناۋىتىپ، ئىچىدىن دولقۇنلاپ چىققان ئىچكى ھېسياتلىرىنىڭ گۈل-چىچەكلىرىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا مەۋلانا ئۆزنىنىڭ ئىچكى ھېسياتىنى بۇ مىسرادا مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
”قان جۇش ئۇرغاندا، مەن ئۇنىڭغا شىئېر رەڭگىنى بېرىمەن“
يەنە بىر مىسرادا:
”ئەي ئاشىق! مېنى قويۇپ، ساڭا ھەيران قالىدىغان نەرسىلەرنى دەي. خەلققە غايىپ ئالەمدىكى سۆزلەردىن بىر ئىشىك ئاچاي.“

جالالىدىن رۇمى بۇ شىئېرلارنى دائىم قەلبىدىكى ئىلاھى شارابنىڭ جۇشقۇنلىغى ئىچىدە تۇرۇپ سۆزلىگەن. بىر مىسرادا مۇنداق ئىپادىلىگەن:
”كۆڭۇل – كۆكسۇم، ئالەمنىڭ شاراب ئۆيى بولدى. سېخى كۆڭلۈم رەھمەت بولدى“
يەنە بىر مىسرادا:
”لەۋلىرىڭنى لەۋلىرىمگە ياقسام مەست بولىسەن. مەن، ئۆزۈم شارابىدىن قىلىشمايمەن.“
يەنە بىر مىسراسىدا:
”مەن مەست بولمىسام، سۆزلىگەن سۆزلىرىم شېرىن تۇيۇلمايدۇ. بولمىسا ئۇ تۈجۈپىلەش، ئەدەبلىك ۋە ئىجتىھاتتۇر.“

”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق بۇ شىئېرلار توپلىمىدا جالالىدىن رۇمىنىڭ مەشھۇر مۇرتلىرىدىن خۇسامەددىن چەلەبىگە ئاتاپ يازغان ئوتتۇزغا قەدەر غەزەل بار. يەتمىشقا قەدەر غەزەلنى يەنە بىر شاگىرتى سالاھىددىنى زەركۇبقا ئاتاپ سۆزلىگەن. غەزەللەرنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۆزىنىڭ جان دوستى شەمسى تەبرىزىگە ئاتاپ سۆزلىگەن. جالالىدىن رۇمى شەمسى تەبرىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن پىشىپ يىتىلگەن بىر شائىرغا ئايلانغان ۋە ئىلاھى ئاشىق بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقى مەنىدە تونۇپ يەتكەن. شۇڭا شىئېرلىرىدا مەۋلانا بەزىدە شەمس بولۇپ كۆرۇنىدۇ. شىئېرلىرىدىكى شەمس ئىسمى ئۆزىنى ئىشارەتلەيدۇ. شۇڭا بۇ ”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق ئەسەر ئۆز ۋاختىدا ھىندىستاندا ”كۈللىياتى شەمس“ ئىسمى بىلەن نەشىر قىلىنغان. ھەتتا بەزى كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە سۆزلىگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن دېيىلگەن بولۇپ، بۇ دانە سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى جەملەپ ”ماقالەتى شەمس“ ئىسمى بىلەن توپلىغان ئىكەن. مانا بۇ ئالىجاناپلىق جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىلىم ۋە ئىرپاننى قانچىلىك دەرىجىدە قەدىرلەيدىغانلىغىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جالالىدىن رۇمى مۇنداق دېگەن: ”ئالىم ئالىملەرگە رەھمەتتۇر“

دىۋانى-كەبىردىكى شىئېر ۋە رۇبايىلارنىڭ جەمى سانى 40،000 دىن ئىبارەت. دىۋانى-كەبىردىكى ھېكمەتلەر، پاساھاتلىك سۆزلەر، تېرەن-تېرەن مەنالار، ئاشىقلىق ۋە يىگانىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئۈنچىلەر ۋە شىئېر بېيىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىلھامى بىلەن مەۋلانەنىڭ كۆڭلىدىن ناھايىتى گۈزەل ئۇرغۇپ چىققان.

بۇ شىئېرلار رىتىملىقى، رەڭمۇ-رەڭلىككى بىلەن ۋە شىئېردىكى تىلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن شىئېر گۈزەللىكىدىن ھالقىپ، گۈزەللىكىنى جانلاندۇرىدىغان بىر ئىلھام قۇياشقا ئايلانغان.
ئاشىق بولسا مەۋلانەنىڭ كۆڭلى ئارقىلىق مەشۇقىغا ئېرىشكەن. مەۋلانە سۆز ئۇستاسى بولۇپ، ئۇ گۈزەل سۆزلەش قابىلىيىتى، ئىلھام تۇيغۇسى بىلەن يارىتىلغان زات ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتتا يالغۇز سۆزلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى جىم تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەنانى ئىپادىلەيىتتى. ئۇنىڭ ئوينىغان ساماسىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمۇ بىر ھىكمەتلىك سۆز ئىدى. ئۇنىڭ جىم تۇرۇپ ئىپادىلىگەن سۆزلىرى، سۆزلەپ تۇرۇپ، سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيىتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قۇلاقلىرىدىن، يۈرەكلەرگە نۈر چۇشەتتى. يۈرەكنىڭ قەدەھلىرىگە شاراپ، رۇھنىڭ ئاغزىغا ئابىھايات ئاقاتتى.

كەڭ خەلق ئاممىسى مەۋلانە شىئېرلىرى ئارقىلىق دىننىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە يارىلىشنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ قانچىلىك خەلق ئىچىگە چۆككەنسىرى، شۇنچىلىك كۆكلەرگە قەدەر كۆتۇرۇلگەن.

بىز ئۆزىمىزنىڭ چەكلىك ئەقلى قابىلىيىتىمىز بىلەن مەۋلانەنىڭ بەزى ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ مەناسىنى تازا تولۇق چۇشۇنەلمەيمىز، چۈنكى مەۋلانە بىر ئۇلۇغ زات بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ناھايىتىمۇ ھېكمەتكە تولغان مەنالار بار ئىدى. سۆزلىرى چەكسىز بىر گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ھۇندى ئۆزى “ كۆزۇڭنى يۇمۇپ، قەلبىڭنىڭ كۆزى بىلەن كۆر“ دېگىنىدەك.  قەلبنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا، ئەقىل ۋە ئىدراكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، كۈزۈتۇش ئۈچۈن زەرىچىلەردەك كىچىك پارچىلارغا پارچىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بىر نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يارىلىتىلىشىدىكى ھېكمىتىنى بىلىش يۈكسەك بىلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەرەنلەرگە خاستۇر.

مەۋلانەنىڭ ئۇ گۈزەل شىئېرلىرى ھەممىسى ئوخشاش بىر روھتىن، ئوخشاش بىر كۆڭۇلدىن چىققان ھەممىسى نۇر، ھەممىسى بىر ھېكمەتتۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى كۇراننىڭ ئۇزۇندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلەر سۆزلىرىنىڭ روھتىكى مەدىھەسىدۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئۆز زامانىسىدا قانداق بىر رەھبەرلىك ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولسا، ھازىرقى زاماندىمۇ ئوخشاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بەلكى تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ شىئېرىنىڭ ھاياتلىق سۈيىنى مەڭگۇ تۈگمەيدىغان بۇلاقتىن ئالغاندۇر. مەنبە مەڭگۈلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن شىئېرلىرىمۇ مەڭگۈلۈك پاك، ساپ روھقا ئىگىدۇر.

مەۋلانەنىڭ بۇ ئەسەرلىرى يالغۇز تۈرك ئىسلام ئالەمى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ بىباھا غەزىنىسىدۇر.

مەن جالالىدىن رۇمىنىڭ ”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق ئەسىرىنىڭ تۈركچە مەنا تەرجىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن تاللاپ تۇرۇپ، ئۆزەمگە بەكرەك تەسىر قىلغان بېيىتلىرىنىڭ مەنا تەرجىمىسىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىشنى ئۇلۇغ رامزاننىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ باشلىدىم. ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ غەلبىگە ئېرىشتۇرىشى بولمىسا بۇ ئاجىز بەدەن چارىسىز قالىدۇ. ئۇلۇغ قەييۇم ۋە ھايى بولغان جانابى ھەقنىڭ ياردىمى ۋە ئۇلۇغ رامزاننىڭ ھۆرمىتى بىلەن بۇ كىتابنى ئاخىرغىچە تەرجىمە قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا پىقىرنىڭ بىر كىشلىك ھەسسسىنى قوشۇشقا مۇيەسسەر ئەيلىگەي.

جالالىدىن رۇمىنىڭ ”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق بۇ ئەسىرىنى قۇدىرىتىمنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشىمەن. ئەگەر تەرجىمىدە خاتالىق ئۆتكەن بولسا ئەپۇ قىلغۇچى ئۇلۇغ رەببىم پەردىلەپ ياپسۇن. بەددە خاتاسىز بولماس. ئۇ ئەپۇچان رەببىم، ئۆزىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خاتالىقلىرىمنى كەچۈرگەي.

ھۆرمەت بىلەن ھەبىبۇللا ئابلىمىت

04.06.2017

سەنسىز، چاڭ بىلەن نەي مۇڭزار بولدى

مەن ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتىمەن؛ روھلار ئەرشى ئالەمىدە:“ھەئە، سەن رەببىمىز“ دىگەندە، سەن ھاياجاندىن ئىشىكنى ئىچىپ ماڭا: ”تۇر، كەل“ دېيىشىڭنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن.

مېنىڭ جېنىم، ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئىپار، ئەنبەر پۇراقلىرىنىڭ ئىچىدە بىھۇش بولغانتى. يۈز مىڭلىغان مېنىڭدەكلەر سېنىڭ گۈزەل يۈزۈڭگە دائىم ھەيراندۇر. بىز باشقىلار قىلغان ئىشلاردىن ۋاز كەچكەن ئېغىر بېسىق مەستلەردىن. پۈتۈن ئالەم ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ كەتسە، نېمە بولاتتى؟ ئاشىقىڭ باقى بولسۇن… ئاشىقىڭ قولىنى بىر شىلتىسا بۇ كۆكلەرنىڭ تىشىغا كۆكلەردىن كۆكلەرنى يارىتىدۇ ۋە ئاللاھ يۇزلەرچە يېڭى يېڭى زامان يارىتىدۇ.

بۈگۈن بىز سېنىڭ مېھمىنىڭ، تەبەسسۇمىڭنىڭ مەستانەسى بىز. ئىسمىڭنى، يۈزۈڭنى ئېسىمىزگە ئالغاندا، بۇ كۆڭۇل شاد-خۇراملىققا چۆمۈلىدۇ. سېنىڭ ئىسمىڭدىنمۇ باشقا بىر گۈزەل ئىسىم بارمۇ؟ سېنىڭ ماكانىڭدىنمۇ يۈكسەك باشقا بىر ماكان بارمۇ؟ سېنىڭ قەددىڭدىن باشقا، كۆڭۈلنى سۆيۈندۇرىدىغان باشقا بىر قەدەھ بارمۇ؟

ئەي شېرىن سۆزلۇك، گۈزەل يۈزلۇك ساقى! قەيەردە سەن؟….
ئەي مۇھتەشەم!
سېنىڭ ئىشىك ئالدىڭدا يۈكسەك بىر دەبدەبە ۋە كۆركەملىك بار. ئازراق تىشىغا چىقىپ قارا…
سېنىڭ ئۇ كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلىدىغان خۇش خۇي كۆزلىرىڭگە مەستانە بىز. مۇشۇنداق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىز بىر تەرپتىن پەرياد قىلىپ، قانلىق كۆز ياشلىرىمىزنى تۆكۈپ، كۆينەكلىرىمىزنى يىرتىپ، جىگەرىمىزنىڭ قانلىرىنى قويۇقلاشتۇرىمىز. كىيىم-كېچەكلىرىمىزدىن، ياقىمىزدىن، بۇ دىگەنلىرىمنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۆرەلەيسەن.

يۈزۈڭنى كۆرگەن مەجنۇن بولىدۇ. ئۇ مەجنۇن سېنىڭ دىيارىڭدا تاش بولۇپ، كېسەك بولۇپ قالسىمۇ، مەن: ”ئۇنىڭ بېشىغا بالا كەلدى“ دېمەيمەن. چۈنكى سەندىن جاننىڭ خەۋىرى بولماسلىقتىنمۇ بەتەر بىر بالا بۇ ئالەمدە يوقتۇر.

ئەي ئادەم بالىسى سۇلتانى شاھ! نەپسىمنى قارغۇلارچە ئەيىبلىمە.
سەندەكلەرگە ئوخشايدىغان شۇنداق جانلار بار بولۇپ، ئۇلار جان دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرىدا ئېقىپ، دېڭىزنى بىلىمىز دەپ بىلەرمەنلىك قىلىدۇ. توغرا، شۇنداق بىر سەللەر باركى، جىم تۇرماستىن ئاقىدىغان… يەنە شۇنداقمۇ سەللەر باركى، ئۆز يوللىرىدىن ئېزىپ، قاياققا ئېقىشىنى بىلمەيدىغان.
بۇ يولنى بىلىپ ئاققانلار، ئاللاھقا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار ئەيلەيدۇ. ئۇ يوللىرىدىن ئازغانلار، كۈچىمىز، تاقىتىمىز قالمىدى دەپ ئاھ ئۇرىدۇ.

ئەي قۇياش! سەن چىقىپ، توغرا يولدىكىلەرگە ساقى بولدۇڭ. قۇللىرىڭغا بەزىدە سېخىيلىك بىلەن، بەزىدە ئۆز خىسلەتلىرىڭ بىلەن ئۆزەڭنى نامايەن قىلدىڭ.

گۈل، بىردىنلا سېنى كۆرۇپ، جانېنى، ياپراقلىرىنى يىرتتى.
چاڭ، سېنىڭ سازىڭدىن خىجىل بولۇپ ئالدىڭدا ئىگىلدى.
چولپان يۇلتۇزىدىنمۇ ئەڭ تەلەيلىك ۋە ئىقبالى بولغان نېمە؟
نەيدۇر. پەقەت نەي، لەۋلىرىنى لەۋلىرىڭگە تەككۇزۈپ، سەندىن نەغمە ئۆگەنسۇن.
چاڭ بىلەن نەي سەنسىز ھەسرەت چېكىدۇ. سەن چاڭغا قۇچاق ئېچىپ، نەيگە لەۋلىرىڭنى سۇندۇڭ.
داپ، دەرھال شۇنداق دېدى: ”قولۇڭنى يۈزۈمگە ئۇر، ئاھاڭىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق بولسۇن.
بۇ پارچە – پارچە بولغان جاننىڭ ھەربىر پارچسىنى ئايرىم – ئايرىم بىھۇش قىلىپ، خوشاللىققا چۆمۈلدۈرگۈنكى، تۈنۈگۈن كېچە قولدىن كەتكەن ئۇ پۇرسەتلەر، ھازىر باشقىدىن كەلسۇن…

ئەي ئۇلۇغ شاھ! بۇنچىۋالا سەزگۈر بولۇشىڭغا نە ھاجەت. ۋاللاھى بۇنىڭدىن كىيىن مەن رەببىمدىن بىھۇش بولۇپ يۈرۈمەن. مەن ئۆز ئۆزەمگە شۇنداق خىتاب قىلىمەن: ”ئىسپات شارابى بولماي، يۇقىرىغا ئۆرلە.“ چۈنكى گۈزەلىم! سېنىڭ لۇتفۇڭ بىلەن قۇللىرىڭ ئارىسىدا ئاشىق مۇتاساۋۋىفلارنىڭ ماجرالىرى بار…

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش