• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » سەن بايقۇش ئەمەس، بىر بۇلبۇل

سەن بايقۇش ئەمەس، بىر بۇلبۇل

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

جالالىدىن رۇمى
تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىزدىن نېمىگە قاچىسەن؟ ئۇيەر بۇيەرنى نېمىگە ئايلىنىپ يۈرۈيسەن؟
سېنىڭ جېنىڭ، ھاسىنىڭ سېپىدەك بىزنىڭ قولىمىزدا ئىكەنلىگىنى بىلمىدىڭما؟

خېلىدىن بۇيان جاھاننىڭ ئەتراپىدا بىكاردىن بىكارغا تاۋاپ قىلىپ تۇرىسەن. ھالبۇكى بۇ قۇرۇق گەپلەرنىڭ دەستىدىن ھېچ بىر ۋاپا كۆرمىدىڭ.

ئەي بىچارە! بىر قانچە كۈن ئۇنىڭ بۇنىڭ سايىسىدا ياشاشتىن ۋاز كىچىپ، نەسىپسىز ئاچ قالغان ئىتلاردەك ياشاپ باق، قانداق بولىدىكىن…
ئەي ئۆلۈكنى ئىزدىگەن كۆڭلى ئۆلۇك! سېنىڭ چاڭگېلىڭدىكى ناسىبىڭ، بىر ئۆلۇكنىڭ كېپەنىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

سەن تىرىكنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۆلۈكنى قانداق ئايرالايسەن؟ بىر ھاممامنىڭ تاملىرىدىكى نەقىشلەنگەن رەسىملەرنى قاچانغىچە قۇچاقلاپ يۈرۈسەن؟ سەن ئالدىڭدا تۇرغان ئۇ ئۈنچە-مەرۋايىتلار، ئۇ مال-دۇنيالار، قىممەت باھالىق ساپال قاچىلار بىلەن ئېتىكىڭنى تولدۇرۋاپسەن. ئەجەلىڭ، سېنى يوق قىلىدىغان زامان ماڭا ئىشىنەمسەن؟

سەن بايقۇش ئەمەس، بىر بۇلبۇل ئىكەنلىگىڭنى ئويلىمامسەن، نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقىرلىق ئىچىدە يۈرۈيسەن؟
ئۇ باغلارغا بىلەن چىمەنلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇ ياپيېشىللىقلار، سەرۋىلەر ۋە تاڭ سەھەرنىڭ زىلال شاماللىرى نەلەردە؟ پۈتۈن بۇ گۈزەللىكلەر سېنىڭ تۇرۇپ، سەن نېمىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىسەن؟
ئەي بېغىمىزنىڭ گۈلى! سەن قەيەرلەرنى كېزىپ يۇرىسەن؟ قەيەرلەرنى ئايلىنىۋاتىسەن؟

زىغىر چېچەكلىرى شۇنچىلىك كۆپ تۇرسا ماڭا سېنىڭ ماھىيىتىڭدىن بىر بەلگە بەرمىدى. ئۇنىڭغا سېنى تەرىپلەپ بەر دىگەن چاغلىرىمدا:
”ماڭ نېرى، بۇنى مەندىن ئىستەمە، ئۇنىڭغا دۇئادىن، ھەمدۇسانا ئوقۇشتىن باشقا نېمە دېيەلەيمەن؟“ دېدى.
ئەي گۈزەل كۆكتىكى تەڭرى! باغلار سېنىڭ قوللىرىڭ بىلەن شېرىلەشكىنىدىن، ياپراق ۋە مېۋىلەر بىلەن تولغانلىغىدىن، بۇ بارلىق بايلىقلار سېنىڭ قولۇڭ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغىنى خەۋەرى يوق.
سەرۋى قانچىلىك ئىگىز بولسىمۇ يەنە ساڭا يېتەلمەيدۇ. ھەركىمنىڭ كۆزى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن سېنى كۆرمەيدۇ؟ قۇشلار، سېنىڭ خاسىيىتىڭدىن خۇتبىلەر ئوقۇسا، زىرائەتلەر سېنىڭ شەرىپىڭ ئۈچۈن گۈللەر چاچسا، ئالتۇن قەدەھلەر رەڭمۇ-رەڭ چېچەكلەر چاچسا، يەنە ھېچبىرى سېنىڭ گۈزەللىگىڭگە يەتمەيدۇ ۋە يەنە ھېچبىرى سېنى مەدىھىلەپ بولالمايدۇ.

گۈل بۇلۇت ئارقىلىق سۇغۇرىلىدۇ، كۆڭۇل سەۋر بىلەن.
بۇلۇت گۈلنىڭ دوستى، سەۋر زىيانىڭ دوستىدۇر.

ھەممە يەرنى شەيتاندەك ۋە ھايۋاندەك ئىنسانلار قاپلاپ كەتتى. ئەمما، ھېچبىرى بۇ ئاشىقنىڭ ئۆيىگە ئاياق باسالمىدى.
مېنى ھەر تەرەپتە ئىزدە، مېنى نېمە دېسەڭ دە. ساڭا ئۇ يول كۆرسەتمىگىچە سەن يەنە ئۇ يولنى تاپالمايسەن.
قۇياشنىڭ ئىسسىق تەپتىدىن سۇ يۈزى ئىسسىيدۇ، ئاندىن قۇياش يەنە ئۇنى پارغا ئايلاندۇرۇپ يۇقۇرغا ئۆرلىتىدۇ. مانا ماشۇنداق ئاز-ئازدىن دائىم يۇقۇرىغا تارتىدۇ. شۇنداق بىر تارتىدۇكى، ئۇنىڭ قانچىلىك تارتقانلىغىنى سەن تۇيماي قالىسەن. مانا كىبىرلىكمۇ ساپلىقنى ئەنە ئاشۇنداق تۆۋەندىن تارتىپ چىقىرىپ ئوغۇرلايدۇ.

بۇ ھەيران قالارلىق گەپلەرنى قىلماي، ئاغزىمنى يۇمدۇم. يۇمدۇم ئەمما، پۈتۈن بىر كېچە ماڭا كۆكتىن راۋاپنىڭ ساداسى كەلدى، راۋاپ، قەلبىمنىڭ ئوزۇقىدۇر.
راۋاپ، ئاشىقنىڭ مەيخانىسى ۋە ئاشىقنىڭ دوستىدۇر. شۇڭا ئەرەبلەر بۇلۇتنى راۋاپ دەپ ئاتايدۇ. قانداق بولۇپ بۇلۇت گۈلنىڭ ۋە گۈلىستاننىڭ ساقىسى بولغان بولسا، راۋاپمۇ قەلبنىڭ ئوزۇقى ۋە ئەقىللەرنىڭ ساقىسىدۇر.
ئوتنى پۇۋلىسەڭ، يالتىراپ ئۇلغۇيدۇ. تۇپراقنىڭ پۇۋلىسەڭ، توپا-چاڭدىن باشقا نېمە چىقىدۇ؟…
رەۋاپ: ئۇدۇل قايتىپ كەل، دەپ تەبىئەتنى تەكلىپ قىلىدۇ. ھالبۇكى دۇمباق چالساڭ، قارغىمۇ بويۇنتۇرۇقلۇق قىلىپ قايتىپ كەلمەيدۇ. ئاشىق مۇشكۇلاتلىرىنىڭ تۈگۈنىنىڭ ئىچىلىشى ئەنە ئاشۇنداقتۇر. مۈشكۈلاتى بولمىغانغا جاۋاپ بېرىشقا نە ھاجەت.
ھايۋاننىڭ مۈشكۇللەرگە جاۋابى ساماندۇر. ساماننى بەرگەن چېغىڭدا ھايۋاننىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولىدۇ. پەقەت ئۇنىڭدىكى ھېشىق ئىشقى، ئۇيقۇنىڭ خېمىر تۇرۇچىدۇر.

ئاشىقنىڭ ھەم يۇقۇرى ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى ئارقىلىق بارلىق كۆڭۇللەر، مۇھىم بولغان بىر يەرگە توپلىنىدۇ.
رەببىمنىڭ نىداسى ۋە كۆڭۇللىرى، چېچىلاڭغۇلۇقتىن قۇتقۇزىدۇ. ماتېرىيالىسلتارغا ئاشىقتىن سۆز ئاچما. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىگە قورقۇ، ئىلتىماس، ساۋاپ قاتارلىقلارنىلا ۋەزىپە قىلىۋالغان.

ئەي تەبرىزنىڭ ئىپتىخارى شەمس! سېنىڭ خۇمالىق كۆزلىرىڭدىن كەلگەن ئىشقى ئوتى، دىلىمنى دائىما خادىمان ئەيلىدى…

بۇ يازما 91 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076
ئۈستىگە قايتىش