ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ تارىخى

مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ تارىخى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ تارىخى
پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى پەلەستىن مەملىكىتىدۇر. ئۇنىڭ مەركىزى قۇددۇس شىرىپ، بۇ شەھەر «تەۋرات» كىتابىدا ئىبرانىي تىلى بىلەن «ئىروسالىم» دەپ ئاتىلىدۇ. مەسجىدى ئەقسا ۋە سەھرا تېشى شۇ شەھەردە بولۇپ، ئىبراھىم خەلىلۇللاھتىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئون ئالتە ئاي قۇددۇس شەرىپگە قاراپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن قىبلە بەيتۇللاھقا يۈتكەلدى. ھىجاز ئۈلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ۋەتىنى قۇددۇس شىرىپ بىلەن شام ئەتراپىدا بولسىمۇ، بابىل پادىشاھى بۇختۇننەسر قۇددۇس شەرىپ ئۈستىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ھەم بۇندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن روما ئىپىراتۇرلىرى، نەسرانىي دىنى تەرەپدارلىرىنىڭ زۇلۇم – تەھدىتلىرىدىن كۆچۈپ چىققان يەھودىيلار ئەرەبىستاندا، ھىجاز تۇپرىقىدا پانالاشقان ئىدى. مانا پەيغەمبىرىمىز دەۋرلىرىدىكى مەدىنە يەھۇدىيلىرى قۇرئان كەرىمدە قىسسەلىرى بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىللار، مىلادىدىن ئىلگىرى ـ كېين شام تەرەپتىن ھىجرەت قېلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار نەسىللىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئالىملىرى، ئامىيلىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈپەتلىرىنى «تەۋرات» ۋە «ئىنجل» كىتابلىرىدا ئوقۇپ ئالدىن بىلگەن ئىدى.. ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئەرەبىستان زېمىنىدىن چىقىدىغانلىقىغا ئىسپاتلىرى بار ئىدى. ھەر قاچان ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇشسا پەيغەمبىرىمىزنى شەفى كەلتۈرۈپ، ئاللاھدىن نۇسرەت سورايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا:
«يەھۇدىيلار كىتابىي كاپىرلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قانداق تونىسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقلىقىنى شۇنداق تونويدۇ» ــ دېگەن مەزمۇندا ئايەت چۈشتى.
چۈنكى تونىمىغان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرى – كېيىن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھتىن چۈشكەن كىتابلاردا ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ئوروندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈپەتلىرى ئېيتىلىپ، ئۇلارغا بېشارەت بېرىلگەن ئىدى. مەدىنەدىكى ئەۋس، خەزرەج ئەرەبلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىز چىقماستىن بۇرۇن يەھۇدىيلار بىلەن سوقۇشۇپ قالسا ئۇلارغا بۇنداق دەيتتى: «سىلەر ئالدىراپ كەتمەڭلار، بۇ يېقىنقى زاماندا ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى چىقىدۇ، ھەممىدىن بۇرۇن بىز ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىمىز، ئۇنىڭ تۇغى ئاستىدا ئۇلاردىن بىر كىشىنى قالدۇرماي قىرىمىز» دېيىشىپ، ئۇلارنى قورقوتاتتى. شۇنداق قېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ چىقىشىغا مۇشتاق بولۇپ تۇرۇشقان يەھۇدىي تائىپىلىرى ئۆز ئارا كۆرۈشكەندە قىلغان ئەھدە – پەيمانلىرىنى ئۇنتۇپ، ھەقىقەتتىن يۈز ئۈرىدى. تەۋرات، ئىنجىلدا ۋە باشقا ئىلاھىي كىتابلاردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈپەتلىرىنى يوشۇروپ، بۇ ھەقتە ئېيتىلغان ئايەتلەرنى ئۆزگەرتتى. مانا قۇرئاندىكى بۇ ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان:
«يەھۇدىيلار ئۆزلىرى تەۋرات، ئىنجىلدا سۈپىتىنى كۆرگەن ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى كەلگەندە ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمەي كاپىر بولدى، ئاللاھنىڭ لەنىتى كاپىرلارغىدۇر.»
يەھۇدىي ئالىملىرىدىن يالغۇز ئابدۇللاھ ئىبنى سالا م ئىمان كەلتۈردى. رەسۇلۇللاھ مەككىدىن ھىجرەت قېلىپ مەدىنىگە كەلگەندە بىر نەچچە كۈن قۇبا قەريەسىدە (يىزىسىدا) تۇردى. ئادەملەر رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكىلى ھەر تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى. شۇلار ئىچىدە ئابدۇللا ئىبنى سالاممۇ كەلدى. بۇ كىشى يەھۇدىي قەبىلىسى بەنى قەينۇقا رەئىسلىرىدىن ئىدى. رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ تەۋرات، ئىنجىلدا يېزىلغان سۈپەتلىرىنى توغرا تاپتى. يۈزلىرىگە كۆزى چۈشكەندە «يالغانچى ئادەمنىڭ يۈزى بۇنداق بولمايدۇ، شۇ مۇبارەك يۈزلۈك كىشى قانداقمۇ يالغان ئېيتسۇن» دەپ دەرھال كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ ئىمان كەلتۈردى. ئاندىن ئېيتتىكى: «يا رەسۇلۇللاھ راستلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرىسىز، بۇ ھەقتە كۆڭلۈمدە قىلچىلىك گۇمان يوقتۇر»، ― دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ خوتۇن بالا – چاقىلىرىنىمۇ دىنغا دالالەت قېلىپ ئۇلارنى ئىمانغا كەلتۈردى. ئەمما بۇ ئىشنى بىر نەچچە كۈن يەھۇدىيلاردىن يوشۇرۇن تۇتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
― يا رەسۇلۇللاھ پۈتۈن يەھۇدىي قەۋملىرى بىلىدۇ ھەم ئۆزلىرىمۇ ئىقرار قىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ سەييىدى ــــ سەييىدزادىسى، ئالىمى، ـــــ ئالىم زادىسى مەن. بىزنىڭ ئىمان كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن ھىلىغىچە ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق. ئەمدى مەسلىھەتىم شۇكى، ھەممە يەھۇدىيلارنى چارلاپ چىققايسىز، ئۇلار كەلگەن چاغدا يوشۇرنۇپ ياتاي، ئۇلار بىلمىسۇن، سىز ئۇلاردىن مېنىڭ قانداق ھەسەب – نەسەپلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك قەدرى – قىممىتىم بارلىقىنى ئۇلاردىن سوراپ كۆرۈڭ، ئۇلار ھەممىگە ئىقرار قىلىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ كېيىن سىز ئۇلاردىن ئەھدە ئىلىڭ، شۇنداق ئەھدە ئىلىڭكى، ئابدۇللا ئىبنى سالام ئەگەر ئىمان كەلتۈرسە بىز يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىمىز ئىمان كەلتۈرىمىز دەپ سۆز بەرسۇن، ــــــــ دېدى. بۇ سۆزگە پەيغەمبىرىمىز ماقۇل بولدى. كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىپ:
― ئەي يەھۇدىي قەۋمى، ۋاي سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا، ئاللاھدىن قورقوڭلار، پۈتۈن ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەن، سىلەرگە مېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىم ئايدىن ئوچۇق، كۈندىن يوروق تۇرسا ھەمدە سىزلەردىن چىققۇچى ھەممە پەيغەمبەرلەر ماڭا ئىمان كەلتۈرۈشكە سىلەردىن ئەھدە ئالدى، تەۋرات، ئىنجىل كىتابلىرىدىكى مېنىڭ ھەققىمدە كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەر ئۆزەڭلارغا مەلۇم، ھەقىقەتكە ئىنكار قىلماي، ماڭا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ـــ دېدى. ئانددىن يەھۇدىيلار:
― ئەي مۇھەممەد تەۋراتتا ئۇنداق ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز ھەم كۈرگىنىمىز يوق ــــ دەپ ھەقكە ئىنكار قىلدى.
رەسۇلۇللاھ يۇقىرىدىكى ئېيتقان سۆزىنى قەسەم بىلەن يەنە ئۈچ قېتىم قايتىلاپ ئېيتتى. يەھۇدىيلار بىرىنچى نۆۋەتتە بەرگەن جاۋابلىرىنى يەنە تەكرار ئېيتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قاراپ، ـــ «ئابدۇللا ئىبنى سالام سىلەرنىڭ ئىچىڭلەردە قانداقراق ئادەم؟» ــ دەپ سورىدى. ئاندىن ھەممىسى بىر ئېغىزدىن جاۋاب بېرىشىپ، «ئۇ ئادەم بىزنىڭ سەييىدىمىز. ئالىمىمىز بولىدۇ» ـ دېدى. «ئۇنداق بولسا ئۇ كىشى ئىمان كەلتۈرۈپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلسا سىلەرمۇ قوبۇل قىلامسىلەر؟» ــــ دېدى. ئاندىن ئۇلار، «ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز» ــ دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «ئەي ئىبنى سالام ئۆيدىن چىق» ـ دېدى. يەھۇدىيلار بۇ نېمە ئىشتۇر؟ دېيىشىپ ھەيران قېلىشپ تۇرغان چاغدا سالام ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى ئەي ئىبنى سالام ساڭا ئۈچ سوئالىم بار، بىرىنچىسى ـــــ ئاللاھ ھەققىدە ئېيتقىن، مېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ ئىككىنچىسى، ــ تەۋرات، ئىنجىل كىتابلىرىدا يېزىلغان سۈپەتلىرىمنى كۈرمىدىڭمۇ؟ ئۈچىنچىسى ــ مېنىڭ زامانىمنى تاپقۇچى ئەھلى كىتابلاردىن ماڭا ئىمان كەلتۈرۈپ تەۋبە قېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەھد – پەيمان ئىلىنمىغانمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋابەن ئابدۇللا ئىبنى سالام ئېيتتى:
يەر – كۈكنى ياشارتقۇچى ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى: سىز ــ ئاخىرقى زامان ھەق پەيغەمبىرىسىز. تەۋرات، ئىنجىلدا يېزىلغان سۈپەتلىرىڭىزنى ھەممىمىز تىلاۋەت قىلىمىز، سىزگە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا پۈتۈن ئەھلى كىتابلاردىن ئاللاھنىڭ ئەھد ئالغىنى ھەقتۇر، ئەي يەھۇدىي قەۋمى ئاللاھدىن قورقوڭلار، مۇسا ۋە ھارۇنغا تەۋرات كىتابىنى چۈشۈرگەن ئاللاھ ھەققىدە قەسەم قېلىپ گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ـــــ ئاللاھنىڭ قۇلى، ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرىدۇر. بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمدى كېلىڭلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قېلىپ ئىمان كەلتۈرەيلى، ـ دېدى. ئاندىن يەھۇدىيلار ئابىيام بەرگەن ئەھدىلىرىگىمۇ ۋاپا قىلماي، ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئابدۇللا ئىبنى سالامدىنمۇ يۈز ئۈرىدى. پەيغەمبىرىمىز ئالدىدا ئۇ كىشىگە كېلىشمىگەن، يامان سۆزلەرنى ئېيتقىلى تۇرۇشتى. ئۇنى كۆرۈپ ئۇلاردىن رەسۇلۇللاھ ئۇمىدىنى ئۆزدى. بۇ يىغىلغان يەھۇدىيلارمۇ شۇنداق ئۇلۇغ نېمەتلەردىن بىنەسىپ بولۇپ تارقېلىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدە تۇرغان چاغلىرىدا قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن كېيىن بۇ يەرلىك مۇناپىقلاردىن ھەم تولا ئەزىيەت چەككەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبىستان يەھۇدىيلىرىدىن ئارتۇق مەدىنىلىك يەھۇدىيلار ئۇلارغا قوشۇمچە بولدى. بۇلارنىڭ دۈشمەنلىكلىرى باشقىلاردىنمۇ قاتتىقراق بولدى. ئوچۇقتىن – ئوچۇق زىيان سېلىش يولىنى تاپالماستىن يوشۇرۇن رەۋىشتە قەست قېلىشقا باشلىدى.
شۇنداقلا لۇبەيد ئىبنى ئەھسەم دېگەن يەھۇدىي رەسۇلۇللاھقا سىھىر قىلدى. ئۇلاردىن بىر ياش ئوغۇل بالا كېلىپ رەسۇلۇللاھقا خىزمەت قېلىپ تۇراتتى. شۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ساقال تارايدىغان تاغىقىنى ۋە مۇبارەك ساقاللرىدىن بىر نەچچە تال ئېلىپ كەلدى. ئۇنى مەلۇم بىر نەرسىنىڭ يىپى بىلەن ئوراپ ئون بىر تۈگۈن قېلىپ باغلاپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭنە سانجىپ ئۆزى بىلىدىغان ئەمەللەر بىلەن سىھىر باغلىدى. بۇ جادۇگەرنىڭ سىھىرلىك قېلىپ باغلىغان يىپلىرىنى، زەرۋان ئىسىملىك قۇدۇققا تاشلاپ قۇدۇقنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ چوڭ بىر تاش بىلەن سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە باسۇرۇپ قويدى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا بۇ سىھىر رەسۇلۇللاھقا تەسىر قېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مىجەز شەرىپلىرى بىر ئاز ئۆزگەردى. بۇنىڭ مۇددىتى بىر يىل، ياكى ئالتە ئاي ياكى قىرىق كۈنگىچە ـــ دېگەن ئۈچ خىل رىۋايەت بار. ئاخىرى جىبرىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، بولغان ۋەقەدىن خەۋەر بەردى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ھەزرىتى ئەلى بېرىپ ئۇ جادۇگەرنىڭ ئەمەللىرىنى قۇدۇق ئاستىدىن تېپىپ چىقتى. ئون بىر تۈگۈنلۈك سىھىرنىڭ تەسىرىگە قارشى ئون بىر ئايەتلىك ئىككى «قۇلئەئۇزۇ» سۈرىسى نازىل بولدى. جىبرىل ھەر ئايەتنى ئوقىغاندا، بىر تۈگۈن يىشىلەر ئىدى، ئون بىرىنىجى ئايەت ئوقولوشى بىلەن سىھىرنىڭ ھېچ بىر ئەسىرى قالمىدى. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساغلام ھالىغا كەلدى. لېكىن شۇنىمۇ بىلىش لازىم ئىكەنكى، بۇ سىھىرنىڭ تەسىرى مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئاز دۇر كۆپتۇر تەسىر قىلغان ئىدى. ئەمما ئەقىدىلىرىدە زەررىچە ئۆزگىرىش بولغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلىكىگە بۇ ئىشنىڭ قىلچە نۇقسانى بولغان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر جىسمانىي تەرەپتىن ئېيتىلىش توغرا كەلسە تۈرلۈك ھادىسىلەر ئىنساندا بولىدىغان جىسمانىي ھادىسىلەر پەيغەمبىرىمىزدە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئوتنىڭ كۈيىشى، سۇنىڭ نەرسىلەرنى ھۈل قېلىشى تەبىئەت دۇنياسىدىلا بولماي، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولغاندەك سىھىرنىڭ تەسىرىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بولمايدۇ، قۇرئاندىكى: «سىھىرگەرلەر ئاللاھتىن ئىزنىسىز ھېچ كىمگە زەرەر يەتگۈزەلمەس» ــــ دېگەن ئايەت بۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.
ئوت ئۈچۈرۈشكە سۇ قانداق كېرەك بولغاندەك، سىھىر ئەمەللىرىنى بۇزۇشقىمۇ شۇنداق سەۋەبلەرنى تېپىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بۇنى رەت قېلىشنىڭ يولىنى ئۇممەتلىرىگە ئۆگەتتى. سىھىر ئەمەللىلرى بىلەن زەھەرلىنىپ، كۆز تېگىپ ئۇنىڭدىن زىيانلىنىش بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيادا بولۇپ تۇرغان ئىش. بۇنىڭ بارلىقى قۇرئاندا ۋە ھەدىس كىتابلاردا بايان قىلىنغان ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دىيانەت ئەھلىلىرىدىن بۇ ئىشقا ئىنكار قىلغۇچىلار يوقتۇر. رەسۇلۇللاھ سىھىرگەر لۇبەيد ئىبنى ئەھسەمنى چاقىرىپ سورىدى، بۇ ئىشنى ئۇ نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئىقرار قېلىپ بۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلار بىر قانچە تىللا بېرىپ، مېنى قىزىقتۇرغان ئىدى، پۇلغا ئالدىنىپ بۇ ئىشنى قىغانىدىم» ــ دەپ رەسۇلۇللاھتىن كەچۈرۈم سورىدى. ئالىي ئەخلاققا ئىگە بولغان رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتى. بۇ يەھۇدىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا ھەر ۋاقىت زىيانكەشلىك قېلىشىدا ئەڭ زۈر ياردەمچىلىرى ـــــ يەنىلا مەدىنە مۇناپىقلىرى ئىدى. بۇ لارنىڭ سانى بىر رىۋايەتتە ئۈچيۈزگە يېقىن ئىدى. بۇ مۇناپىقلارنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي ئۆلگەنگە قەدەر بۇ مۇناپىقلار رەسۇلۇللاھ بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئىدى. مۇناپىق دەپ قۇرئاندا تىلى مۇسۇلمان، دىلى كاپىر كىشىلەرگە ئېيتىلىدۇ. تىلىدا ئىقرار قېلىپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، كۆڭلىدە شەك كەلتۈرۈپ، كۇفر ساقلىسا، مانا شۇنداق ئادەم چىن مۇناپىقتۇر. شەرىئەت ئالدىدا ئاشكارا كاپىردىن يوشۇرۇن كاپىرنىڭ گۇناھى قاتتىقراقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: «مۇناپىقلار دۇزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە چۈشكەي» ــــ دېدى. بۇ ئايەت مۇناپىقلارغا قاتتىق جازا بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئاندىكى «مۇناپىقون» سۈرىسى مانا شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان سۈرىدۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇلارنىڭ ئاغزاكى ئىمان ئېيتقانلىرىغا قانائەت قېلىپ ئىسلام ھەققىدە قانچە كۆپ قىلىنغان خىيانەتلىرىگە قارشى سەبىر قىلدى. چۈنكى، ئۇ كۈنلەردە ئاللاھ تەرىپىتىن بېرىلگەن بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. ھەم رەسۇلۇللاھ ھەر ۋاقىتنىڭ سىياسىتىگە قاراپ ئىش كۈرەتتى. ئالەمدە ھېچ بىر ئىشنىڭ سەۋەبسىز ۋۇجۇتقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇناپىقلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا بۇنچىۋالا قارشى قاتتىق ئاداۋەت تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلمەستىن ئىلگىرى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەينى مەدىنەگە پادىشاھ قېلىش ئۈچۈن بىر ئارىغا كەلگەن ئىدى. بۇنىڭغا ئاتاپ تاجۇ تەخت ھازىرلىغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىيسام ۋەقەسى قوزغىلىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قېلىپ مەككىدىن مەدىنىگە كەلدى. چىنلىق ئوتتىرىغا چىقىپ يالغانچىلىق يوقالدى. ھەقىقەت كەلدى باتىل بۇزۇلدى. ئادەملەر مۇناپىقنىڭ دېگىنىنى قىلمىدى، مۇسۇلمانلار ئۆز ھەق دىنىنى تېپىپ مۇناپىقلارنىڭ ئىستىگىنىنى قىلمىدى. مانا بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا خۇددى قىيامەت كەلگەندەك ھېس قېلىشتى. پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھەسەد ئوتى قاپلىدى، بارلىق ئالەمگە يەتكەن «رەھمەتەن لىلئالەمىن»نىڭ فەيزىدىن بۇ مۇناپىقلارنىڭ بىرتال تۈكىمۇ راھەت سەزمىدى. دۇنيا ۋە ئاخىرىتى بۇ ئوت ئىچىدە تامام كۆيۈپ كۈل بولدى شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتتىكى:
ھەر دۈشمەنلىكنىڭ سەۋەبى، ئەگەر ھەسەدتىن باشقا نەرسە بولسا، ئۇنداق دۈشمەنلىك دۇستلوققا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ھەسەدتىن چىققان دۈشمەنلىكنىڭ دۇستلوققا ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىس ئەلەيھىللەئنەنىڭ دۈشمەنلىكىگەئوخشايدۇ. بۇ دۈشمەنلىك ھەسەد سەۋەبىدىن باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ دۈشمەنلىك كىمەيمەي داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيادىكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتورىسىدا ئۈزلۈكسىز دۈشمەنلىكنىڭ داۋام قېلىشى، شۇ ھەسەد كېسىلىنىڭ ئايرىلماس نەتىجىسىدۇر. بۇ ھەسەد ئوتىنى ئىمان سۈيىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسە بىلەن ئۆچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ئىسلاھىغا ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن ئۆزگە ھېچ چارە يوقتۇر. بۇ ھەقىقەت قاچان ئەمىلىلىشەركىن ئۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. يەنە مەقسەتكە كەلسەك:
ئەمدى شۇ يۇقىرىدىكى سۆزدىن مەلۇم بولدىكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى تائىپىدىن قاتتىق قارشىلىق كۆردى. بىرىنچىسى. ـــ مەدىنە مۇناپىقلىرى، ئىككىنچىسى، ـــ شۇ يەرلىك يەھۇدىيلار ئىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىگە قاراپ مۇناپىقلاردىن تىل ئىقرارىنى ئالدى. شۇنىڭغا ئوخشاش يەھۇدىيلار بىلەن ئەھدەنامە تۈزدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى بىر – بىرىگە زەرەر يەتكۈزمەسلىك، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھاقارەتتە بولماسلىق، مەدىنەگە باشقا تەرەپتىن دۈشمەنلەر ھۇجۇم باشلىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىدە بولۇش بۇ سۆزلەر ئەھدىنامىدە شەرت قېلىپ قويولغان ئىدى. مەدىنىگە كەلگىنىگە ئون ئۈچ ئاي بولدى. شۇ مۇددەت ئىچىدە ھېچ يەردە دىنىي جىھاد قىلمىدى. دىنغا كىر گۈزۈش مەقسىتىدە ھېچ بىر قەبىلە بىلەن ئۇرۇش بولمىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تەرەپتىن جىھادقا ئىزنى بېرىلمىگەن ئىدى. بەلكى دىنغا دەۋەت قېلىشتا سەۋرى بىلەن كۈتۈپ تەدرىجىي ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. «ئەھقاف» سۈرىسىدە:
«ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك، ئەي مۇھەممەد، سەنمۇ سەۋر قىل، مۇشرىكلارغا تېزدىن ئازاب كېلىشىنى تىلىمە» ـــــ دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت شۇ ھەقتە نازىل بولغان. ئاللاھ تەرەپتىن غازات قېلىشقا رۇخسەت بولغۇچىلىك ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش، بىلمىگەننى بىلدۈرۈش يولى بىلەن خەلقنى دىنغا دەۋەت قىلدى. ئۇرۇش – تالاشقا ھېچ كىمنى قىزىقتۇرمىدى. بۇنىڭغا ئالدىرىغان كىشىلەرنى كەسكىن قايتۇردى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدى ــــ ئاللاھنىڭ ئىمارىتىدۇر. بۇنى بۇزۇشقا ئاللاھنىڭ رازىلىقى يوقتۇر. ھەقىقەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەممە يوللار يېپىلسا ئىنسان ئالىمىنىڭ تىنىگە ھارام قان تولوپ تاشقانلىقتىن ئومۇمىي ھالاكەت يۈز كەلتۈرۈش قورقونچىسى بولسا، بۇنى قايتۇرۇشقا قان ئېلىشتىن باشقا چارە تېپىلمىسا، ئەنەشۇ چاغدىلا قۇرئان ھۆكمىدە، ئەقىل ئالدىدا جىھادقا، ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىسلاھى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان چارىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى ــــــــ قىلىچتۇر. مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھقا قىلمىغان يامانلىقلىرى، كۈرسەتمىگەن جەۋرى – جاپالىرى قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زاتنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلغان ئىدى. ئاخىرى ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمدى ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ دەھشەتلىك دەرتلىرىگە قان چېچىشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. مانا شۇ چاغدا تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولۇپ ئۇرۇشقا ئىزنى بەرگەن ئىدى:
«ئەي مۆمىنلەر، سىلەر بىلەن ئۇرۇشقانلار بىلەن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار، ئەمما ئۇرۇش ئىشلىرىدا چەكتىن تاشقىرى چىقماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر ئىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۋەتگۈچىلەرنى ياخشى كۈرمەيدۇ.»
كىشى قولىدىن كېلىدىغان ھەر بىر ئىشلاردا ئىسلام قانۇنىنى ئاساس قېلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە بولغان ــــ سوقۇش ۋاقىتلىرىدىمۇ، شۇنىڭغا رىئايە قېلىشقا ئەمر ئەتكەن ئىدى. ھەدىس شەرىپتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتىكى: «ئاللاھ تائالا ھەر ئىشتا بەندىلەردىن ئېھسان قېلىشنى ئىستەيدۇ.» بۇ ھەدىستىكى ئېھساننىڭ مەنىسى __ بىر كىشى ئىككىنچى بىر كىشىگە ئىنئام قېلىش، خەيرى ـ ئېھسان بېرىش مەنىسىدە ئەمەستۇر. بەلكى بۇنىڭ مەنىسى ھەر بىر كىشى ئۆزى قىلغان ئىشنى، بىرىنچىدىن، شەرىئەتكە توغرا كەلگۈدەك، ئىككىنچىدىن خەلققە ياققۇدەك قېلىپ ئىشلىشى لازىمدۇر. بۇ ھەدىسنىڭ كۈرسىتىشىچە، ھەر كەسىپ ئۆز كەسپىنى، ھەر ھۈنەرۋەن ئۆز ھۈنىرىنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى ئىشلىشى لازىمدۇر. ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى دۇنيا تىرىكچىلىكىگە تېگىشلىك ياكى ئۇنىڭ ئاخىرىتىگە پايدا بېرەلىشىدىدۇر. بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ھەم ئىنسان باردۇر. ئىبادەتتىكى ئېھسان شۇكى، ئاللاھ ئالدىدا تۇرغاندەك ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن بېرىپ كۆرگەندەك ئاگاھلىق بىلەن ئىبادەت قېلىش لازىمدۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئېيتىدۇكى:
«ناماز ئوقۇپ ئىبادەت قىلغان چىغىڭدا سەن ئاللاھنى كۈرەلمىسەڭمۇ، ئۇ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ، ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك، ھۇشيارلىق بىلەن ئوقۇشىڭ لازىم.»
يەنە بىر رىۋايەتتە شۇنداق دېيىلىدۇ: ساھابىلەردىن بىر كىشى ۋاپات بولدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا كېلىدۇ. مېيىت قەبرىگە قويولغاندىن كېيىن، لەھەد ئېغىزىغا گۆركار كىسەك قويدى، بۇلار ئارىسىدا بىر ئاز جاي ئوچۇق قالغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ كۆردى، دەرھال شۇ جايغا توغرا كەلگۈدەك بىر پارچە كىسەك ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا بەردى، شۇ كىسەك بىلەن تۆشۈكنى بېكىتتى. ئاندىن گۆركار تۇرۇپ:
«يا رەسۇلۇللاھ بىر ئاز كۈندىن كېيىن بۇ بېكىتىلگەن تۈشۈكلەرمۇ تۈكۈلۈپ كېتىدۇ، بۇنچىلىك كىچىك تۈشۈكلەرنى توسوپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققو» ــ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
― ھەر ھۈنەرۋەن ئۆز ھۈنىرىنى، ھەر ئىشچى ئۆز ئىشىنى پۇختا قىلسۇن، ــ دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتقان بۇ ھېكمەتلىك سۆزلىرى، ھەممە ئۇممەتلەرگە ئىككى دۇنيادا پايدىلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك نەسىھەتلەردۇر. يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك:
يۇقىرىدىكى ئايەت ھۆكمىگە قاراپ، ئەڭ ئاۋۋال قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا قارشى جىھاد قېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قېلىشقا كىرىشتى. چۈنكى ئۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا، «ئۇرۇش قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇشۇڭلار» ـ دەپ بۇيرۇق بېرىلگەن ئىدى. بۇ توغرىدا ئۇرۇش باشلىغۇچىلارنىڭ بىرنچىسى شۇلار ئىدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئەمدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مەككە ئەھلىدىن باشقا ئەرەبلەر بىلەن يارىشىش يولىنى تۇتتى. قاچانكى ئۇلارمۇ دۈشمەنلەرنى ياقلاپ، مۇسۇلمانلارغا خائىنلىق قىلغاندىلا بۇ ئايەت كەلدى:
«سىلەرگە قارشى دۈشمەنلىك قىلغۇچى بارلىق مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار.» ـــ دېگەن مەزمۇندا پۈتكۈل ئەرەب بۇتپەرەسلىرى بىلەن غازات ئېچىشقا بۇيرۇق بولدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ جىھاد دەۋرى باشلاندى.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرە ئىچىدە قىلغان سەپەرلىرى تۆت تۈرلۈك ئىدى. بىرىنچىسى، ھىجرەت سەپەرلىرى ئىدى. مەككىدىن چىقىپ مەدىنىگە كەلدى. ئىككىنچىسى، ــ ھىجرەتتىن كېيىن ئالتىنچى يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا «ئۆمرە» ئىبادىتىنى قېلىش نىيىتىدە بىرمىڭ بەشيۈز كىشى بىلەن بىرلىكتە مەدىنىدىن مەككىگە سەپەر قىلدى. بۇ سەپىرىدە قۇرەيش مۇشرىكلىرى توسقۇنلۇق قېلىپ، «ئۆمرە» لىرى قازا بولدى. مەككىگە كىرەلمەستىن مەككە بىلەن جىددە ئارىلىقىدا ھۇدەيبىيە دېگەن يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەنە مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئون يىللىق مۇددەت بىلەن مەشھۇر ھۇدەيبىيە سۈلھى شۇ يەردە تۈزۈلگەن ئىدى. سۇلھى شەرتنامىسىنىڭ يېزىلغىنىغا بىر يىل توشقاندىن كېيىن ئۆتكەن يىلى يول باشلاپ ماڭغان يول باشچىنى ئېلىپ مەدىنەدىن چىقىپ مەككىگە كېلىپ، قىلالماي قالغان «ئۆمرە» قازاسىنى قېلىپ قايتتى. ئۈچىنچىسى، ـــــ ھەج سەپىرى ئىدى. قۇدرىتى يەتكەن ھەر بىر مۆمىنگە ھەج قېلىش پەرز بولدى. ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا پەيغەمبىرىمىز توقسان مىڭ كىشى بىلەن بىرلىكتە ھەج سەپىرىگە چىقتى. ھەج پەرز بولغاندىن كېيىن، قايتىلاپ ھەج قىلمىدى. بۇ ھەج سەپىرىدە پۈتۈن ئۇممەتلىرى بىلەن ۋىدالاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى «ئەلۋىدا» ھەججى دەپ ئېيتىدۇ. تۆتىنچىسى ـــــ غازات سەپىرى ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرلىرىدە قىلغان سەپەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپرەكى شۇدۇر. ئۆزى باش بولۇپ 27 غازاتقا چىقتى. قىرىق يەتتە قېتىم ئادەتتىكى ساھابىلەردىن بىر بۆلۈك ئەسكەرلەرنى باشلاپ غازاتقا چىقتى. قىلغان سەپىرىنىڭ ھەممىسى 74 قېتىم بولدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئىنكاسلار (1)

  • ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى

    تەكلىۋى پىكىرلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز!. تەكلىۋى پىكىرلىڭىز بولسا، ئايمىغايسىز!تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى ئىخلاس بىلەن تورىڭىزدا ئىلان قىلغىنىڭىزدىن كۆپ سۆيۈندىم. سىزدن ئاللاھ رازى بولسۇن. بۇ ئەسەر تەرجىمە قىلنىپ بولغان بولسىمۇ، مۇھەررىرلەر تەرىپىدىن تەكشۈرلىۋاتىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن كىتاب ھالىتىدە نەشىر قىلماقچى مەن،

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش